روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1689|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەۋىسىم بار،ھەۋىسىم يوق!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:27  

ھەۋىسىم بار،ھەۋىسىم يوق
ھەۋىسىم يوق گۈلگۈن چىراي،ئىسىل ئۆيلەرگە،
ھەۋىسىم يوق ھوقۇق تۇتۇپ دەۋران سۈرگەنگە.
ھەۋىسىم يوق ئىسىل پىكاپ شەھەر كەزگەنگە،
ھەۋىسىم يوق ھەممە خوش دەپ يالغان كۈلگەنگە.

ھەۋىسىم بار كېچەلىرى قىيام تۇرغانگە،
بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنيانى ئەلا كۆرگەنگە.
ئاددى ئۆيلەر،يىرتىق كىيىم بولسىمۇ ھەمراھ،
دىن ئىسلامنى چىن بەخىت دەپ شۈكۈر ئېيتقانگە.

ھەۋىسىم بار دۇنيا تۇرۇپ پېقىر تۇرغانگە،
مال دۇنيانى سىناق تونۇپ،كىشگە بەرگەنگە.
مىننەت قىلماي مەخپى قىلىپ ساۋاپلىق ئىشنى،
ئىنسان ئەمەس ئاللاھىدىن جاۋاپ كۈتكەنگە.

ھەۋىسىم بار ئىلىم ئېلىپ،ئىلىم بەرگەنگە،
بىرنى بىلسە بىرگە ئەمەل قىلىپ يەتكەنگە.
مېۋە بەرگەن دەرەخ كەبى تاشلار ئېتىلسا،
تاش ئورنىغا مېۋىلەردىن تۆكۈپ بەرگەنگە.

ھەۋىسىم بار ئەرزىيەتكە سەبىر قىلغانگە،
يىغلاۋىتىپ ئەجىر تىلەپ توختاپ قالغانگە.
ئاللاھىمنىڭ سۆيگۈسى دەپ مۇسىبەتلەرنى،
سەبىر بىلەن دۇئاسىنى قورال قىلغانگە.

ھەۋىسىم بار ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەنگە،
ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈپ قوشۇما تۈرگەنگە.
نەفسى خالاپ ئالدىرسىمۇ ئۆزنى چىڭ تۇتۇپ،
ئاللاھىمنىڭ رىزاسىنى مەقسەت قىلغانگە.

ھەۋىسىم بار تەقۋادارلىق لىباس كىيگەنگە،
ئىمانىدا مۇستەھكەم بوپ غېرىپ يۈرگەنگە.
قوشقان بولسا ئۇلۇغ رەببىم مېنىمۇ تېزراق،
ئاللاھ ئۈچۈن بەرپا بولغان ئاشۇ سەپلەرگە!  

باھا سۆز

ئاللاھ ئاشۇ قىلغان ھەۋەسلىرىڭىزنى يەردە قويمىغاي، سىزگە رەھمەت  ۋاقتى: 2014-5-16 23:28
ئاللاھ ئاشۇ قىلغان ھەۋەسلىرىڭىزنى يەردە قويمىغاي، سىزگە رەھمەت  ۋاقتى: 2014-5-16 23:27
ياقتۇردۇم  ۋاقتى: 2014-5-9 21:19

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2ئىناۋەت +20 تەڭگە +14 يىغىش سەۋەبى
پەشتاق + 15 + 9 ياخشى تېما
خۇندا + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاللاھ ئاشۇ قىلغان ھەۋەسلىرىڭىزنى يەردە قويمىغاي ، ھەممە ئىنساننى ئاشۇنداق ھەۋەسكار قىلغاي ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەممىمىزگە ياخشىلىق بولسۇن .ياخشى يېزىپسىز .
يارايسىز بۇرادەر يەنىمۇ تىرىشىڭ

باھا سۆز

مەن ئەر كىشى بولمىسام بۇرادەر دەيدىغانغا؟دىققەت قىلماپسىزدە ھە؟رەھمەت،ئىنشائاللاھ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-4 10:09
ئاللاھ ئۆزنى سۆيگەن ئنساننڭ تلەكلرنى يەردە قويمايدۇ،
رەخمەت ياخشى تما يزپ كەپسز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-4 10:09:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nokia يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 03:04
يارايسىز بۇرادەر يەنىمۇ تىرىشىڭ

مەن ئەر كىشى بولمىسام بۇرادەر دەيدىغانغا؟دىققەت قىلماپسىزدە ھە؟رەھمەت،ئىنشائاللاھ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-4 10:10:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا رەھمەت،ھەممىمىزگە ئامىن!
ۋاقتى: 2014-5-4 10:49:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھنى مەدىلەپ يازسىڭىز بۇ تىخىمۇ ئىسىل چىققان بولاتتى رەخمەت سىزگە

باھا سۆز

ئاللاھنى مەدھىيلەپ يازغان بىرنى،بىراق شۇ سەۋىيەم چەكلىك بولغاچ بەك ئاددى.كەچكىچە يا ئەتىگىچە يوللاپ قويارمە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-4 14:49
ۋاقتى: 2014-5-4 10:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرلىرىڭىز بىر بىردىن ياخشى چىقىپتۇ ،ئاللاھ قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ،تىخىمۇ تىرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-5-4 11:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەس ئادەمنى ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدۇ،
شۇنداقلا، ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرىدۇ،

شىئىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ، تىخىمۇ تىرىشىڭ
来自安卓客户端

باھا سۆز

ھې ھې...ئەلھەمدۇلىللاھ ئۇنداق كىشىنى ئازدۇرغۇدەك ھەۋەسلەر يوق.ياخشى ئادەم،ياخشى ئىشلارغىلا ھەۋەس قىلىپ،شۇلا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-4 14:52
ۋاقتى: 2014-5-4 11:47:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىڭىزنى سۈيۈنۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم. ياخشى يېزىپسىز . تېخىمۇ تېرىشىڭ

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا،ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت! ئىنشائاللاھ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-4 14:53

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 02:53

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش