روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دەيدۇ بىرى "ۋېيشىن"ئويناش تەس!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:26  

‏دەيدۇ بىرى "ۋېيشىن" ئويناش تەس!
         
دەيدۇ بىرى "ۋېيشىن" ئويناش تەس!
قىزلارغىيۇ ئوغۇللارغا ھەم.
مەن دەيمەنكى،ئادەمگە باغلىق،
پايدا كۆرمەس ئەقىل بولسا كەم.

نىشان پەقەت كۆڭۈل ئېچىشتۇر،
بەزى نادان كىشلىرىم ئۈچۈن.
ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئالدار،
بىلمەس ۋاقىت ئۆتتى كىم ئۈچۈن.

"ئاخسا،گاۋداڭ"چۈشمەس ئېغىزدىن،
قۇربانىدۇر قۇرۇق سۆلەتنىڭ.
بىلمەمدۇ يا تۇرماسلىقىنى،
ياشتا سۈرگەن ئۇنداق دۆلەتنىڭ.

كۆرۈنمەيدۇ ئېتقاد،ئەخلاقلار،
قارىمامدۇ تۇرۇقلىرىغا؟
ئۆزى خىجىل بولماسمۇ دەيمەن،
نادانلارچە قىلىقلىرىغا.

ئۆزلىرىنى بازارغا سېلىپ،
"باھاسىز"نى "باھالىق"قىلىپ.
قەيەردىمۇ توختاركىن كۆڭۈل،
مۇشۇ پېتى شەيتاندەك ئېزىپ.

نىكاھ غايىپ دىسە ئاشۇرۇپ،
مەۋھۇم دۇنيا ئىچرە ئىزلەمدۇ؟
سىردىشىنى ئاللاھ دەپ بىلمەي،
سىرداش ئىزدەپ قېرىپ ئۆلەمدۇ؟

ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈنلا،
ئۇپراۋەرسە ۋاقىت ھەم بۇ جان.
تۇيۇلماسكەن ھېلىمۇ بەك تەس،
ئەقىل خار بوپ،بولالمىسا خان.

ئىچىم قايناپ كۆرگەنلىرىمگە،
تەۋرەپ قالدى مەندىكى قەلەم.
ئويلانسىكەن دىدىم شۇلارنى،
تارتمىسىكەن ئورۇنسىز ئەلەم.

ۋېيشىن ئەمەس ئۈندىدار دىگىن،
ئويناۋەرمە پايدىلان سەنمۇ.
ئىلىم ئالغىن ئىلىمنى تارات،
نەپلەر ئالسۇن سېنىڭدىن ئەلمۇ.

ئۆزـ ئۆزىنى بازارغا سېلىش،
بىزدىن ئەمەس يىغىشتۇر سۈرەت.
"ھايا - ئەخلاق" قىزلىرىم ئۈچۈن،
جاندىن ئارتۇق تېپىلماس دۆلەت.

ئاقسالىقنى قوي سەنمۇ يىگىت،
كەمتەر بولغىن غورۇر ۋىجدانلىق.
ئۇيغۇرۇمغا ياراشماس ھەرگىز،
قۇرۇق سۆلەت،ھورۇن،ئەبگالىق.

ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى،ئاڭلا!
ئۆز نامىڭغا قارا سۈركەتمە.
مۇسۇلمانسەن،ئىماننى چىڭ تۇت،
ھىچ ئەمەلسىز دۇنيادىن كەتمە!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەڭگە +20 بايلىق +15 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 20 + 15 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-3 18:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز....يارايسىز!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 18:51:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،پىكىر تەكلىپلەرنى ئايىمىغايسىلەر
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-3 20:55:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز تېمىلىرىڭىز  ئۈزۇلمىگەي . ئالدىنقى قىتىملاردا يازغان شئېرىلىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتىكەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 21:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇ132发表于2014-05-03 20:55:34
ياخشى يىزىپسىز تېمىلىرىڭىز  ئۈزۇلمىگەي . ئالدىنقى قىتىملاردا يازغان شئېرىلىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتىكەن .
رەھمەت رەھمەت ھې ھې...بۇ ئىككى كۈن ئاساسەن ئۆزەمنىڭ تېمىسى بىلەنلا بولۇپ سىلەرنىڭ يوللانماڭلارنى كۆرۈپ بولالمىدىم.ياخشى باھالارنى بېرىۋاتىسلەر بىراق سىلەرنىڭ يوللانماڭلارنىڭ مېنىڭكىدىن ياخشىلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.ئالدىرماي چوقۇم كۆرىمەن ئىنشائاللاھ.قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-3 23:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىلىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسىڭىز چوقۇم ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىكەنسىز.

باھا سۆز

مېنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئاز،شۇڭا سۆزلىكىممۇ ئاز،ئاددى.قىزىقىمەن،شۇڭا قاپىيەسىنى كەلتۈرۈپ يېزىپ قو  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-3 23:34
مېنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئاز،شۇڭا سۆزلىكىممۇ ئاز،ئاددى.قىزىقىمەن،شۇڭا قاپىيەسىنى كەلتۈرۈپ يېزىپ قو  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-3 23:34
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 23:34:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 23:19
شېئىرنىڭ تىلىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسىڭىز چوقۇم ياخشى  ...

مېنىڭ  ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئاز،شۇڭا سۆزلىكىممۇ ئاز،ئاددى.قىزىقىمەن،شۇڭا قاپىيەسىنى كەلتۈرۈپ يېزىپ قويىمەن بەزىدە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 23:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 23:19
شېئىرنىڭ تىلىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسىڭىز چوقۇم ياخشى  ...

مېنىڭ  ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئاز،شۇڭا سۆزلىكىممۇ ئاز،ئاددى.قىزىقىمەن،شۇڭا قاپىيەسىنى كەلتۈرۈپ يېزىپ قويىمەن بەزىدە
ۋاقتى: 2014-5-4 11:51:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. كومپىيوتېر ئالدىدا تۇردىغان ۋاختىم كۆپ بولمىغاچقا ياخشى يازمىللرىڭىزدىن ۋاختىدا ھۇزۇر ئالالماي ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ. تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى كۈتىمىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 07:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش