روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2012|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

فىزىكا ئوقۇتۇشىدا ئىجادىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-29 13:13:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
    فىزىكا ئوقۇتۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجادىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش+ o: Y2 J) K7 O4 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
فىزىكا تەجرىبىچانلىقى، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان پەن.  فىزىكا ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارى، ئەمەلىي ئىقتىدارى ۋە ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت  فىزىكا ئوقۇتۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتقاندىلا،  فىزىكا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇستەقىل ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئېڭى ۋە ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى، دەۋرنىڭ  فىزىكا ئوقۇتۇشىغا قويغان تەلىپىگە ماسلاشقىلى،  فىزىكا ئوقۇتۇشىدا ساپا مائارىپىنىڭ يېڭى قاتلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
* A: S4 p$ I, h: Z& q- F1 X1. ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش جەريانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم
2 G$ {- p+ X9 T0 h( C1 Z' _" Y1) ئوقۇتۇش مۇھىتىنى لايىھىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.4 b& t" `+ q$ Q9 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
فىزىكا ئوقۇتۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى  شارائىتچانلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا تەجرىبە شارائىتى ۋە مەشغۇلات شارائىتى  فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى تونۇش، ئىجادىي قىزىقىشىنى ۋە ئىجادىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا،  فىزىكا ئوقۇتۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش تەجرىبىسى، ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، مەسىلە مۇھاكىمە قىلىش، مۇستەقىل ئۆگىنىش ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش شارائىتى قاتارلىق ياخشى بولغان شارائىت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.
* b# k* T0 I% R4 N% b فىزىكا ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئاكتىپلىق بىلەن نەتىجىسىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە تەشكىللەش لازىم. مەسىلەن، نيۇتوننىڭ 1 - قانۇنىنى ئوقۇتۇشتا، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك: (1) ئەسلىدە تىنچ تۇرغان جىسىم قانداق شارائىت ئاستىدا، ئۆزىنىڭ تىنچ ھالىتىنى ساقلايدۇ؟ (2) ھەرىكەت ھالىتىدىكى جىسىم قانداق شارائىت ئاستىدا، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەت ھالىتى ۋە تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ؟ بىرىنچى سوئالنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مۇھاكىمە قىلىش، مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق خۇلاسىلەپ چىقىش، ئىككىنچى سوئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبىنى كۆزىتىشكە يېتەكلەپ ھەم تەجرىبە ئاساسىدا تەھلىل قىلىش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش، يىغىنچاقلاش ئارقىلىق خۇلاسىلەش كېرەك. پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار باشتىن - ئاخىر ئوقۇتقۇچى لايىھىلەپ بەرگەن ئوخشاشمىغان شارائىتتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى كېرەك.
, H" A  }7 E( A3 Y5 J2)  فىزىكا ئوقۇتۇش جەريانىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم.9 {0 |5 q2 a6 B) h, z' Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
فىزىكا بىلىملىرى  فىزىكىلىق ئۇقۇملار ۋە قانۇنىيەتلەردىن تەركىب تاپقان. ھەرقانداق بىر  فىزىكا ئۇقۇمى ۋە قانۇنىيىتى  فىزىكا جەريانىدا تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. پەقەت كۈچلۈك جەريان ئوقۇتۇشى ئارقىلىقلا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلۈكىدىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋاقتى ۋە شارائىتى يارىتىپ بەرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇشچانلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.8 `. X2 ^9 D, l  U' ~% {$ K: W: d; Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن «ھورلىنىش» دەرسىنى ئوقۇتۇشتا، ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلار سۇنىڭ ھورغا ئايلىنىشىغا ئائىت ئەمەلىي مىسال كەلتۈرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى بۇنداق مول، رەڭگارەڭ ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ھورلىنىش بىلەن قايناشنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەپ، ھورلىنىشنىڭ تېز - ئاستىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنى  فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش جەريانىغا ئۆزلۈكىدىن قاتناشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش خۇشاللىقىغا چۆمدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى  فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق  فىزىكىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئۆگىنىش مەشىقلىرىگە سېلىش كېرەك.
/ n, B: w8 ~- w9 W$ g. تەجرىبە ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قول سېلىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغۇزۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەكتەجرىبە ئوقۇتۇشى  فىزىكا ئوقۇتۇشىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ياخشى بولغان  فىزىكا تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. شۇڭلاشقا، چوقۇم  فىزىكا تەجرىبە ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.
: g) Q1 ^! j$ ]7 {6 `1) تەجرىبە بىلەن كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
' x% S, [5 S" \" {5 P9 N4 S) p' a+ h( R2) كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە كۈچلۈك ئىزدىنىش ئىستىلى ۋە باتۇرلارچە ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش لازىم., x3 V. g" e. Q7 N" Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3) ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە لايىھىلەشكە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.& G" v) K6 ?/ X7 c; K% |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4) كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەجرىبىلەرنى ئوقۇغۇچىلار كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە ئىشلەيدىغان تەجرىبىگە، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدىغان تەجرىبىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىپ ئىشلەيدىغان تەجرىبىگە، نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى تەجرىبە ئوقۇتۇشىغا ئۆزگەرتىش لازىم.) m; F2 x1 @' Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن، «ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى» دەرسىنى ئوقۇتۇشتا، ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنى كۆرسىتىش تەجرىبىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ ئىشلەيدىغان تەجرىبىگە ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىندۇكسىيىلىك توكنىڭ پەيدا بولۇش شەرتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تەشكىللەپ مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
% ]9 D1 |' o3 bئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن  «ئېلېكتر ئېنرگىيىسىدىن ماگېنت پەيدا بولىدۇ، ئۇنداقتا، ماگېنت ئېنرگىيىسىدىن توك پەيدا بولامدۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەتۈر تەپەككۇر ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىزدەش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. يەنە قانداق قىلغاندا ماگنىتتىن توك پەيدا قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېيىلما تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش لازىم. ئوقۇغۇچىلار يېتىدىغان مەقسىتىگە ئاساسەن، تەجرىبە سايمانلىرىنى تاللاپ، تەجرىبە قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەپ، تەجرىبە ئىشلەش ئۇسۇلىنى قىياس قىلىپ، تەجرىبە مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، تەجرىبە ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ، تەجرىبە نەتىجىسىنى خاتىرلەپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا مۇلاھىزە، يىغىنچاقلاش ئېلىپ بېرىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تەجرىبىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ. تەجرىبە ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى،  فىزىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكىلى، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ
9 t. D6 b1 [# D+ S; b3. ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە  فىزىكا ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، پائالىيەت ئارقىلىق ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك
, |$ ]/ G0 d  Cئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش روشەن ئوبرازلىققا، يەنى ئاۋاز، يورۇقلۇق، شەكىل، رەڭگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ھازىرلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. جانسىزلىقنى جانلىقلىققا، تىنچ ھالەتنى ھەرىكەتچان ھالەتكە ئۆزگەرتىپ، بىلىمنىڭ ئوبرازلىشىشىنى سۇبيېكتىپلىشىشىنى رۇشەن ئىپادىلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.  فىزىكا ئوقۇتۇشىدا ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق قوللىنىش ئارقىلىق  فىزىكىلىق بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوبرازلىق، روشەن، قۇلايلىق، كۆپ خىل شەكىلدە، كۆپ تەرەپتىن يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئازادە، خۇشال ئۆگىنىش مۇھىتىدا، تەپەككۇرنى ئېچىپ، تەسەۋۋۇر قىلىش، تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇپ سېلىشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىپ خۇلاسە چىقىرىش ئېلىپ بارغۇزۇش ئارقىلىق، ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا توپلاپ، يېڭى بىلىم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. مەسىلەن، كۆپ ۋاسىتىلىك ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئارقىلىق تەقلىدىي ھالدا، ماگنىت ئەتراپىدىكى ماگنىت مەيدانىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، توكنىڭ ئەتراپىدىكى ماگنىت مەيدانىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ماگنىت مەيدانىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ماگنىت مەيدان كۈچىنىڭ خۇسۇسىيىتى كۆرسىتىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى يېتىلدۈرۈلدى. يەنە، مەسىلەن، كۆپۈنگۈ ئەينەكنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش قورالىدىن پايدىلىنىپ، جىسىم ئارىلىقى ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا، تەسۋىرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا كۆپۈنگۈ ئەينەكنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
8 ~# I3 ?6 J; g) l$ R4. ئەمەلىيەتكە باغلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك$ @1 w0 v* y. \6 [" Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
فىزىكا ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر پەن.  فىزىكا ئىلمى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەتلىك تۇرمۇشمۇ بولمىغان بولاتتى. پەن ساپاسى  مول بولغان پەن بىلىملىرىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ بىلىملەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردە قوللىنىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا،  فىزىكا ئوقۇتۇشىدا بىلىمنىڭ قوللىنىلىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى ۋە جەمئىيەت بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى ۋە ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
0 D; ^3 o) V: M9 \1 \' U$ N1)  فىزىكا ئوقۇتۇشىنى ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى بىلەن باغلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېرەك. ئوقۇتۇشتا، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى ئۇتۇقنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە تونۇشتۇرۇش لازىم.; b4 }" y0 w, Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن، يېڭى تىپتىكى باتارىيە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچ، لازىر نۇر، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىقلار.
5 n6 {* P5 o! @% A5 o& G2) ئوقۇغۇچىلارغا  فىزىكا تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا پەن - تېخنىكىدىكى بايقاش ۋە تېخنىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور رولىنى تونۇتۇش لازىم. مەسىلەن، «تۇراقلىق توك ئېلېكتر ماتورى»نى سۆزلىگەن ۋاقىتتا، يۆنىلىش ئۆزگەرتكۈچنىڭ رولىنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئەگەر يۆنىلىش ئۆزگەرتكۈچ بولمىسا، سىم ئورام ئۈزلۈكسىز ئايلىنالمايدۇ، شۇڭلاشقا ئېلېكتر ماتورنى ياساپ چىققىلى بولمايدۇ، دېگەن تونۇشقا ئىگە قىلىش لازىم. پەن - تېخنىكىدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگىچە ھەممىسى پەن - تېخنىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.5 }& e7 d  P7 ~6 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3)  فىزىكا بىلىملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىلىش مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى  فىزىكىلىق ئامىللارنى ئىزدەشكە ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇشتا كۆرگەنلىرىنى  فىزىكا بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك كەشپىيات، كىچىك ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم." N$ \* C. [! j6 U+ N) _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5. تاپشۇرۇق مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل ئىشلەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم3 s7 V3 r; \$ u2 ?# L4 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم پائالىيەت. ئوقۇتۇش جەريانىدىكى مۇھىم ھالقا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. شۇڭلاشقا، بىلىم تىپىدىكى تاپشۇرۇقلارنى ئىقتىدار تىپىدىكى تاپشۇرۇق ۋە ئىجاد قىلىش تىپىدىكى تاپشۇرۇقلارغا ئۆزگەرتىش ئىنتايىن مۇھىم.
* {5 J7 O$ m1 \2 @6 _* S1) تەجرىبە تاپشۇرۇقى: ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدە بار بولغان  فىزىكىلىق بىلىملىرىگە ئاساسەن، دەرستىن سىرت مۇۋاپىق كىچىك ئەمەلىي تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قول سېلىپ ئىشلەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە لايىھىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. مەسىلەن، دەرستىكى كىچىك تەجرىبە، بەزى مەشىقلەردىكى ئويلىنىش تېمىلىرى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبە ئارقىلىق ئىشلەپ كېلىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.( T3 C; H( _5 E4 }$ p( ?$ H' {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2) كۆزىتىش تاپشۇرۇقى: كۆزىتىش بىلەن تەجرىبە ئىشلەش بىر - بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى  فىزىكا ئىلمىدىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، ئەستايىدىل كۆزىتىش  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلارغا بەزى كۆزىتىش تىپىدىكى تاپشۇرۇقلارنى تولۇقلاپ ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆزىتىش، ماركىسىنى ئەستە ساقلاش قاتارلىقلار.
% w/ ]+ O7 W# u: j4 n4 D% Q3) ئىزدىنىش تىپىدىكى تاپشۇرۇقلار: ئوقۇتۇشقا مۇۋاپىق بەزى ئىزدىنىش تىپىدىكى تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. مەسىلەن: لوپا ئەينەكنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارغا پېتىنقى ئەينەكنىڭ  فوكۇس نۇقتىسىنى تاپالايدىغان ئۇسۇللار قايسى؟ ئېلېكتر ئىلمىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارغا توك مەنبەسىنىڭ مۇسبەت، مەنپىي قۇتۇپىنى تاپالايدىغان قانچە خىل چارە بار؟ دېگەندەك تاپشۇرۇق%5 @3 X: r. G+ Y# h' O2 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

# R+ g% `3 U2 U( D. G0 r$ {5 Z& h
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2012-12-30 16:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسىل ماتىرىيال بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز،،كۆپلەپ تېرىشىڭ،،رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-6-6 19:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-20 06:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش