روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4380|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە4 z+ d! d, n! k; z* u' K9 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( ئاقسۇ شەھەرلىك 9- باشلانغۇچ مەكتەپتىن سەمەت خېلىل)
مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇش ھەمدە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ سۈپەتلىك يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى نۆۋەتتە كەڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ مەسىلە شۇنداقلا مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىلمىدا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.
4 b5 ?5 M( p& b/ }- \# [مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈشتە، قولايلىق مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ بۇلىشى كۇپايە قىلماستىن، ھەر قايسى تەرەپتىكى ئامىللارغا باغلىق بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئىلمى بولغان مۇكەممەل باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ بەرپا قىلىنغان ياكى بەرپا قىلىنمىغانلىقىدا، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئوخشاش بىرقانچە مەكتەپتە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلىدىن مەكتەپنىڭ قىياپىتى ، ئوقۇتۇش تەرتىۋى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتلەردە چوڭ پەرىقلەر بولىدىغانلىقىدەك ئەملىيەت نوقتىسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىشتا ئالدى بىلەن مەكتەپلەرگە قارىتا رەھبەرلىك تۈزۈلمە جەھەتتىن چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپلەرنى ئىلمى ئۇسۇل بىلەن باشقۇرۇشنى ئىگەللىۋېلىشىمىز ۋە يولغا قويۇشىمىز، شۇ ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنىمىنى تىرىشىپ يوقۇرى كۆتىرىشىمىز لازىم.
% }0 E, R; W: j. b' N3 U6 c, Hمەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا مىللىي ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان نوقسانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر شەھرىمىزدىكى مىللى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەردە كۆرىلىۋاتىدۇ:-) @3 P0 b8 M; R7 O" Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1) مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا رەھبەرلىك تۈزۈلمە دىگەندەك راۋان ئەمەس. بىر قىسىم مەكتەپلەردە پارتىيە بىلەن مەمۇرىيەت ئېنىق ئايرىلمىغان، شۇ سەۋەپتىن بەزى زور مەسلىلەردە سېكىرتار بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ پىكىر بىرلىگى بولمىغانلەقتىن خىزمەتتە ئۆز- ئارا ھەمكارلىشالماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال خىزمەت ئۈنىمىنىڭ يوقۇرى كۆتىرىلىشىگە پايدىسىز.
. O' V1 T( C( j; `2 t& X, ?8 Q' K; R2) بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىلمى باشقۇرۇش ساۋادى كەمچىل. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەن- ئەنىۋى ئۇسۇلى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش تەجىربىسىگە بۆلۈنۈپ خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. شۇڭا ئىجات قىلىش روھى كام.  w0 z& P+ @/ M6 h) U" ^4 q6 X9 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3) بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى ئاممىنىڭ ياخشى نىيەتلىك تەكلىپلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ. خىزمەت نەتىنجىلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە قارىتا ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلمىغان، ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەنلەرنىڭ، كۆپ ئىشلىگەن بىلەن ئاز ئىشلىگەنلەرنىڭ پەرقىنى ئاجىرتىدىغان ئىشلارمۇ ئاز. يەنە ئايرىم ساندىكى رەھبەرلەر ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئەمەس ‹‹ ھەي›› دىسە ‹‹خوش›› دەپ تۇرىدىغان خوشامەتچىلەرنى قوللايدۇ، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا، خىزمەتلەرنى باھالاشتا خىزمەت نەتىنجىسىنى ئەمەس بەلكى مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ياخشى- يامانلىقنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم كىشىلەر مۇناسىۋەتشۇناسلىقنى ئۆگىنىپ ئىشنىڭ ئاسىنىغا تۇرىدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار ھەقىقى ئاكتىپلارنىڭ خىزمەت كەيپىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ياخشى ئىشلىسەكمۇ- يامان ئىشلىسەكمۇ بەرىبىر ئوخشاش ئىكەن دەپ قاراپ، سۇنىڭ ئېقىشى بۇيىچە ئىش تۇتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئەھۋال شۇنداق بولغانلىقتىن بىزنىڭ ياخشى دىگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ‹‹ گەپ ئاڭلايدىغان›› ياۋاش، يوقۇرىغا چوقۇنىدىغان، باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇشتىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان ئىجاتچانلىقى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھى كاملاردىن بۇلۇپ قالماقتا.
3 J" A# G! p4 `4) بىيوگىراتلىق، شەكىلۋازلىق، كۆپتۈرمىچىلىك ئىشلىرى مەۋجۇت. بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن كارى يوق، شۇڭا ئۆزى باشقۇرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنىمۇ ئىنچىكە ھەم تەپسىلى چۈشەنمەيدۇ. ھەرقايسى بۆلۈمچىلەرنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۈستىدە قەرەرلىك تەكشۈرۈپ- خۇلاسىلاش ئېلىپ بارمايدۇ ۋە مەكتەپ خىزمىتىدىن يوقۇرىغا دوكلات قىلىشتا كۆپتۈرۈپ دوكلات قىلىدىغان، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش ئۆمەكلىرىنىڭ كېلىش خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان، ئاممىنى جىددى ، ئومۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ ساقتا كۆرىنىش پەيدا قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ كېتىشى بىلەن ئىشلار يەنە ئەسلىگە چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، بىرقىسىم مەكتەپلەردە ئويۇشتۇرۇلىدىغان ئوچۇق دەرىسلەرمۇ ئادەتتىكى نورمال دەرىس ئۆتىش بىلەن ئوخشاشمايدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۆتۈلمەكچى بولغان ئوچۇق دەرىس سىرىتتىن ئاڭلاشقا كىرگەنلەر ئۈچۈنلا ئۆتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئىچكى جەھەتتىن كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىشلىنىپ بولىدۇ، گەرچە بۇ خىل ئەھۋاللار ئايرىم ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى ئايرىم ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردا گەۋدىلىك كۆرۈلسىمۇ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق. ئايرىم رەھبەرلەر بولسا بۇ خىل ساقتىپەزلىكنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالىدۇ، ياكى ئوچۇق ئاشكارە قوللايدۇ. شۇڭا مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەن ھاياتى كۈچى ئاجىز بۇلۇپ قالدى.( ^3 z1 q: h+ ^3 F$ f  c6 S( sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5) ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەلەپ ۋە ئېھتىياج بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوتتۇرسىدا پەرىقلەر نىسبەتەن زور. ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىر- بىرىنى ئالغا سۈرىدۇ ۋە شەرىت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرەرسىنى بىرتەرەپلىمە ھالدا تەكىتلەش ياكى ئاجىزلىتىش، ئەقلاقى، ئەقلى جىسمانى تەرەپلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بۇ ئۈچ تەرەپنى باشتىن ئاخىر ئوخشاشلا چىڭ تۇتۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گۈزەللىك ۋە ئەمگەك تەربىيىسىگىمۇ ئەھمىيەت بىرىش لازىم. ئەپسۇسكى مەكتەپلەردە مائارىپ فاڭجىنىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ۋە ئەتىراپلىق ئىزچىللىشىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىدەك ئەن- ئەنىۋى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلغانلىقىدا ئىپادىلەنمەكتە. مەكتەپلەردە ھازىر بىر تەرەپلىمە ھالدا باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇش، يوقۇرى نومۇر ئېلىپ يوقۇرىلاپ ئوقۇش تەكىتلىنىپ، ئەقلاقى ۋە سالامەتلىك ئۆلچىمى ئەملىيەتتە چىڭ تۇتۇلماي قالدى. نەتىنجىدە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقى، ئەقلاقى جەھەتتىكى ئەھۋاللىرى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولمايلا قالماي بەلكى بىلىم ئىگەللەش دەرىجىسى كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولماقتا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەللەش دەرىجىسى دىيىلگەندە ئالغان بىلىمىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلىقى ۋە ئۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئالغان نومۇرىنىڭ ئاز- كۆپلىگىگە قارالسا بولمايدۇ، ھالبۇكى ھازىرقى ساقلانغان مەسلىلەر دەل مۇشۇنىڭدا كۆرىلىۋاتىدۇ، يەنى يوقۇرى نومۇر تۆۋەن ئىقتىدار مەسىلىسى، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەقلاقى پەزىلەت تەربىيە مەسلىسىگە كەلسەك بۇ خىزمەت قول ئۇچىدا ئىشلەش ھالىتىدە تۇرىدىغان بۇلۇپ قالدى. ئىسلاھات ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى، ئوقۇغۇچىلارنى بارغانسېرى ئوچۇق ئىجتىمائى مۇھىتقا يۈزلەندۈردى. بۇ خىل يېڭى ۋەزىيەتكە قانداق ماسلىشىش، تەلىم- تەربىيە ئوبىكتىنى قانداق چۈشىنىش، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى شارائىتقا قانداق ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىدىيىۋى تەربىيىنى يېڭىدىن قانداق تۇتۇش مەسىلىسى سىياسى ئىدىيىۋى خىزمەتتىكى جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىگىلىكنى جانلاندۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى مەسىلىلەر( ھالال بېيىش بىلەن ھايانكەشلىك قىلىشنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى بىلەن بۇرژۇئازىيىچە تۇرمۇش شەكلىنىڭ، شەخسى ھەۋەس، گۈزەللىككە ئىنتىلىش بىلەن، توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماسلىقنىڭ چەك- چىگرىسىنى قانداق ئايرىش مەسىلىسى ) ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. مەكتەپلەر كۆز ئالدىمىزدا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل يېڭى مەسلىلەرگە قارىتا ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەت ئىشلەشتە گاڭگىراپ قېلىپ، سىياسى خىزمەتنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى چۈشەنمىدى ۋە چىڭ تۇتالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەتنىڭ ئورنى، رولى، يېتەكچى ئىدىيىسى، تۈپ ۋەزىپىسى قاتارلىق چوڭ پىرىنسىپاللىق مەسلىلەردە تونىشى ئايدىڭ ئەمەس. بىر قىسىم مەكتەپلەردە سىياسى ئىدىيىۋى خىزمەت مۇقۇملاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچى- ئىشچى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا سىياسىدىن زىرىكىش، سىياسى ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىشنى خالىماسلىق، ئىدىيىدە قالايمىقانلىشىپ، ئىنتىزامى بوشاپ كېتىشتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى.# x" ^7 l& _% N$ p0 }+ c8 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىمەك. كونىچە مەكتەپ باشۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق نورمال تەلىم- تەربىيە فاڭجىنى ئىزچىللىشىپ كېتەلمىدى. مەكتەپ باشقۇرۇش ئىلمى نەزىريىسنى ئىلغار باشقۇرۇش ۋاستىسى ۋە ئۇسۇلى بىلەن، باشقۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىدى. قىسقىسى مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلى جەھەتلەردە ساقلانغان ئىللەتلەر مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى بىۋاستە ھالدا ئوقۇتۇشنىڭ ئىجابى ۋە ئىجادى تەرەپلىرىگە زەربە بىرىپ، كۈن ئۆتسە بۇلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.* S! V% ]$ o6 h" T( o. pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يوقۇرقى بىرقاتار مەسلىلەر كونىچە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى زامانىۋېلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلىشالماي قالغانلىقىنى ، مائارىپ ئىسلاھاتىدا ئالدى بىلەن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا چوقۇم مەكتەپ باشقۇرۇش ئىلمىنى ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. شۇڭا مەكتەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، خىزمەت ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.! K, r6 F! g: k! b/ P) H+ n0 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1) پارتىيە بىلەن مەمۇرىيەتنىڭ مۇناسىۋېتىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم. مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىلگىرى ، پارتىيە بىلەن مەمۇرىيەتنىڭ مۇناسىېۋېتىنى قانداق قىلىپ ياخشى بىرتەرەپ قىلىش، مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋېتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالدى بىلەن رەھبەرلىك قىلىش بىلەن مەسئول بۇلىشى ئېنىق ئايرىلىشى، پارتىيە بىلەن مەمۇرىيەتنىڭ ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى لازىم. مەسىلەن:- پارتىيە ياچىيكىسى رەھبەرلىگىدىكى مۇدىر مەسئول بۇلۇش دىگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ مۇدىرنىڭ خىزمەت ھوقۇقلىرى قايسىلار؟ ئۇ قايسى ئىشلارغا مەسئول بۇلىشى كېرەك؟.......قاتارلىقلار . پارتىيە بىلەن مەمۇرىيەتنىڭ خىزمەت تەقسىماتىغا قارىتا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سېكىرتارنىڭ ئىدىيىسى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرى مەسئول بۇلۇشقا جۈرئەت قىلىشى لازىم.) W- e) R3 z# Q4 `' Z1 n0 b5 b6 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2) مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسى توغرا بۇلىشى لازىم. مەكتەپ رەھبەرلىگى مەكتەپلەرگە مائارىپ ئىدىيىسى ۋە ئىلمىيلىگى جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىشى، مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە ، ئوقۇتۇش تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇلىشى لازىم. مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلگىرىكىدەك باشقۇرۇش قالايمىقان، ئەمەلىي خىزمەت نەتىنجىسى ئاز بۇلۇشتەك ئۈلۈك قاتىمال ھالەتتىكى مەكتەپ باشقۇرۇش چارىلىرىنى ئۆزگەرتىش لازىم. بىر تۇتاش قوماندانلىقنى يولغا قويۇشتا رەھبەرلىك بەنزىدىكى ھەر بىر كىشىگە ئېنىق ۋەزىپە بېكىتىش ۋە ئىجرا قىلىش، بۇنى ئىجرا قىلىشتا مەكتەپ مەسئوللىرىدىن تارتىپ مەكتەپنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرىغىچە تولۇق تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇللىرىنى بېكىتىپ چىقىش ۋە ئىجرا قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا خىزمەت ئىشلىگۈچىلەردە خىزمەتلا بولۇپ ھۆقۇق بولمايدىغان ، ھوقۇق بولسىمۇ مەسئول بولمايدىغان رەھبەرلىك قىلغۇچىلار كۆپىيىپ كېتىپ، قوماندانلىق بىرلىككە كەلمەيدىغان ئەھۋاللارنى تۈزىتىش مۇمكىن.
9 x. F; L9 F7 v( r3) مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلشتا چوقۇم ئىلمى ئۇسۇل بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم . مەكتەپنى ئىلمى ئۇسۇل بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم خىزمەتنى ماتېماتېكىلق ھېسابلاپ ئىشلەش،  ىسىتاتىسكىلق تەھلىل  قىلىش ئۇسۇلىرىنى قوللۇنۇپ ئوقۇغۇچىلارىنىڭ ئوزۇقلۇق، سالامەتلىك، ئۆگىنىش، خىزمەت ئەھۋاللىرىدىن ئۆزۋاقتىدا خەۋەردار بۇلۇش، ماتىريال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توغرا ئىگەللەپ، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
0 f  h: P) z, X0 X) w& I0 R) `4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىرىنجىدىن ئۇلارنىڭ ئالغا بېسىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،تايانچى ئوقۇتقۇچىلارنى سىياسى ئىدىيە ۋە كەسپى جەھەتلەردىن يېتەكلەش، پارتىيە تەشكىلىگە كىرىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلارنىڭ تەشكىلى مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بىرىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسىغا ئىلھام ۋە ياردەم بىرىش، ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ كونكىرىت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ چىقىش، ئارتۇقچىلىقىغا قاراپ ئىشقا قويۇش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىلمى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش شارائىتلىرىنى ئىمكانقەدەر ياخشىلاپ بىرىش، ئالاھىدە نەتىنجىسى بارلارغا ئىمكانقەدەر ياردەم بەرگەن دائىردە ياخشى خىزمەت شارائىتىنى يارىتىپ بىرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن مۇكاپاتلاش لازىم. ئىككىنجىدىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىغا ھەرتەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىش، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى، پەرزەنىتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىپ بىرىش يولىدا ئىزدىنىش. ھەرخىل پاراۋانلىق، تەمىنلەش، داۋالىنىش، توي- ئۆلۈم يىتىم، نەزىر- چىراق..... قاتارلىق ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە قىسقىسى ئۇلار تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشكە يېقىندىن ياردەم بېرىش.
9 @2 S) Z6 x+ o6 W" P# Q7 @5) ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتىنى خىل ۋە مۇۋاپىق قىلىش لازىم. مائارىپ مەمۇرى ۋە كەسپى تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ شىتات مەسىلىسىدە، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ئىشتات كۆرسەتكۈچى دائىرىسىدە ئېھتىياجلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تارتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆزلىرى بولسا ئىشتات كۆرسەتكۈچلىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش بىلەن نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش لازىم. مەكتەپ رەھبەرلىگى بولسا ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىش، تەلەپنى قاتتىق قويۇش، ئىنتىزامنى كۈچەيتىش، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلارنى بولسا ئۆز لايىغىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ بىكار قويماسلىق.
0 I, F) |& o  |5 v6) مەكتەپنىڭ خىزمەت پىلانلىرىنى زۆرۈر قائىدە- تۈزۈملەر، تەكشۈرۈش تۈزۈملىرى ۋە خىزمەت خۇلاسىلىرى ئەملىيەتنى ئاساس قىلىپ ۋاقتىدا تۈزۈلىشى ھەم ئۇنىڭغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى، تۈرلۈك مۇكاپاتلاش- جازالاش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ، داش قازاننىڭ تامىقىنى تەڭ يىيىشتەك تەڭ تەقسىماتچىلىقنى بىكار قىلىپ، ئەمگىگىگە قارتا ھەق ئېلىش، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ مەنپەتلىنىش پىرىنسىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم.
0 }! n- ]/ z. J7) يوقۇرقى ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىگى ئۆز- ئارا ئىتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئەمىلى خىزمەت ئىقتىدارىنى ۋە پەزىلىتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۆزلىگىدىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىنى جانسىز ۋە ناچار تەرەپكە يۈزلىنىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىگە بېرىلگەن ئەمىلى ھوقۇق دائىرىسىدە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، ئەملىلەشتۈرۈش ۋە مۇۋاپىق چارىلەرنى بەلگىلەپ كونتىرول قىلىش لازىم .7 k( m3 Y8 _/ h4 B; y- Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىگىنى چۈشۈنىشى، توغرا مۇئامىلە قىلىشى، ئوقۇتقۇچىلار ئەمگىگىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى كۆرىشى، چۈشىنىشى، ئېتىراپ قىلىشى ۋە توغرا باھا بېرىش، تەلىم- تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئۈنىمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەملى ئىشلەش ھوقۇقىنى مەكتەپ رەھبەرلىگىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ سەمىمى ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت ئىشلىشىگە، جۈملىدىن زامانىۋىلىشىشىغا كېرەكلىك خەلىق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئەتراپلىق بىلىملەرگە ئىگە، يېتىلگەن ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بىرىشى لازىم. ھەرگىزمۇ ئاددى ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقۇرى مەكتەپلەرگە چىقىش نىسبىتىنىڭ يوقۇرى- تۆۋەن بۇلىشىنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ياخشى- يامان بۇلىشىغا باھا بىرىش ۋە مەكتەپلەرگە بېسىم ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى يېتەكچى ئىدىيىنى توغرىلاپ مىللى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئاساس يارتىشى لازىم.
" x8 v) S6 E2 I1 g' a+ b3 G, mدىمەك، مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە تۈپتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جانلىق بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىنى تۇرغۇزىشىمىز، مەكتەپلەرنى ئىلمى ئۇسۇل بىلەن باشقۇرۇش تۈزىمىنى دادىللىق بىلەن يولغا قويۇپ تەلىم- تەربىيە سۈپىتىنى زامانىۋىلىشىش تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم.    : a% w! t4 Z  bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ w8 N5 m8 q2 [! Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ماقالىنى ھەر قانداق بىر تور بىكەت ياكى شەخىسنىڭ ئاپتۇرنىڭ ۋە روھلان تور بېكىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا بىكەتلەردە ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشغا بولمايدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +33 ئىناۋەت +26 تەڭگە +6 بايلىق +13 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
alogli + 9 + 9 + 8 ياخشى تېما
ADiL + 24 + 17 + 6 + 5 + 5 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-1-10 03:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز ھەقىقەتەن ھازىرقى ھەقىقەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم مەكتەپ باشقۇرغۇچىلاردا ھەقىقەتەن ماقالىڭىزدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغىنىغا ئوخشاش يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، يۇقىرىدىن قىل دەپ بۇيرۇق چۈشسە قىلىدىغان، بولمىسا ھېچقانداق بىر يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئۈلگىلىك رول ئوينىيالمايدۇ .
ۋاقتى: 2012-1-10 11:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى ماقالە ئىكەن.مەكتەپ مۇدىرنىڭ تەسىرى پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.خۇددى7 k% g/ U4 z3 X2 n) Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆر ئىتقا باش بۇلسا گەر ئارسىلان،4 H7 L' \2 T% Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەممە ئىتلار بۇلۇر ئارسلانسىمان.
5 u* N8 p: T8 W1 qئەگەر ئارسىلانغا بولسا ئىت باش،
" ?/ q, ]  k) c1 Z8 r! |بۇلۇر ھەممە ئارسىلانلار ئىتسىمان.- ?, W* `5 ~6 g* ^8 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىگەندەك.

باھا سۆز

تازا كەپتۇ دە بۇ!!!  ۋاقتى: 2012-1-10 22:03
ۋاقتى: 2012-1-15 11:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئىسلاھات بولۇپتۇ ، مۇشۇنداق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزىدە يەنە بىر تۈگۈن ئوقۇتقۇچى دىگەن قانداق ئۇقۇم ؟ شۇ مەكتەپ رەھبەرلىرى مائارىپ سېپىدىن بارىلىققا كەلدىمۇ ياكى باشقا كەسپىي ساھەلەردىن تەدرىجى باش كۈتۈرۈپ چىقتىمۇ ؟ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك ... بەزىي مەكتەپ رەھبەرلىرى بار ، رەھبەرلىك ئورنى بۇ ئىللىقلىق باغچىسى بولماستىن بەلكى ئاچكۆزلۈكنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى ، شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئۇۋىسى ، بئوگىراتچىلىقنىڭ مەنبەسى ، كۆزى كىچىكلىكنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقماقتا ... ھەتتاكى بەزىي مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مەمۇرىيەت ئەزالىرى باشقا ساھەلەردىن يۆتكىلىپ تەڭشەلگەن بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى باشقۇرشىمۇ ، ياكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۈلۈشىمۇ شۇنچىلىكلا بولۇپ كەلمەكتە ... ئۇلارغا پەقەتلا خۇشامەتچىلەر گۇروھى بولسىلا قانائەت ھىس قىلىدۇ ...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 03:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش