ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھېچ ئىش قىلمىغان

UID
4991
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1458
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 01:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 61 قەۋەتتىكى   (dellyar571) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

دوستۇم، ئەزەلدىن ئەدەبىي ئەسەر يېزىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، بۇ ئەسەرنى شۇنداق جەلىپقىلارلىق ۋە قىزغىن ھېسيات بىلەن يېزىۋاتىسىز. بۇنى تولۇق ئوقۇغان ھەربىر تورداش ئاخىرىغا تەقەززا بولىۋاتىدۇ. سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن. مۇنبەر كۆرۈۋاتقىنىمغا نەچچە يىل بولدى. بۇنداق ئەسەرلەرنى ئۇچراتماق بەسى مۈشكۈل بولۇپ كەتكەنىدى. ئەسەرگە ھەقىقەتەن كۈچەۋاتىسىز. تېخىمۇ كۈچەڭ. ئاخىرىنى تىراگىدىيە بىلەن، ياكى سائادەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇڭ، بۇ بەرىبىر. تۇرمۇشتا ھەممە نەرسە بار. ئەمما ئەشۇ پىرسۇناژلارنى <<ئادەم>>نوقتىسىدا يازغىنىڭىز تولىمۇ ئاقىلانىلىك بولدى. دەپ قارايمەن. ھازىرچە كۆپ سۆزلەشكە قۇربىم يەتمەيدۇ. ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمىز. مۇھىد، گۈزەلنۇر، ئەلىلەرنىڭ نېمە كويلارغا مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى، تەقدىرنىڭ، ئادەمنىڭ قايسى خىل رەۋىشتە مەيدانغا كېلىپ، نېمىنى ھاسىل قىلىدىغانبلىقىنى بىلىشكە شۇنداق ئالدىراۋاتىمەن. ئەمما ئالدىرىماڭ. ئەسەرنىڭ بالاغىتى كەينىگە يېنىپ كەتمىسۇن.  ئىشىنىمەنكى تور ئەدەبىياتى ساھەسىنى <<زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز>>دىن كېيىن يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالىدىغان ئەسەر بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدىمەن.
بەرىكەت تىلەيمەن.

ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.

UID
7001
يازما
62
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1803
تىزىملاتقان
2010-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-1
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 10:59:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئىختىيارسىز ئۆزى ھەققىدە ئويلاندۇرىدىغان،نىمىشقا ياشايسەن؟كىملەر ئۈچۈن ياشايسەن؟دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەتكۈزىدىغان ئەسەر بولدى بۇ،بۇ ئەسەر تور دۇنياسىدىكى بىر نامايەندە بوپ قالغۇسى،بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم بۇلارنى ئاللا خالىسا ئەسەر ئاخىرلاشقاندا بىراقلا يازىمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
474
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 18:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتىڭىزگە بارىكاللا، سۆز-جۇملىرى ئىنتايىن ياخشى باغلاشقان ، ۋەقەلىك تەرەققىياتى خىلى مۇكەممەل چىقىپتۇ . كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز !

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 02:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى بايان


ئۈرۈمچىگە كېلىپ دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ ھەرجەھەتتىن تەرتىپكە چۈشكەندىن كېيىن ئەلىنىڭ ئىشىغا قول تىققۇدەك بولغان بولساممۇ گۈزەلنۇرغا قانداق يېقىنلىشىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل بىلىندى .ئۆتكەن قېتىم ھەتتا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ بېرىشكە رازى بولغان بولساممۇ ئۇ ياتىقىدىن چىقىپ قويمىغاننىڭ ئۈستىگە مېنى باشقىلارغا ئۇرغۇزۇپ يولغا سالغان ئىدى. ئەمدى يەنە قانداق تەلۋىلىكنى مەيدانغا چىقىرىپ ئۇنى تەسىرلەندۈرىشىم مۇمكىن ؟زادى باشقا تەلۋىلىكلەر بار دىيىلسە ئۇنىڭ ئالدىدا تومۇرىمنى كېسىپ تارام تارام ئېقىتىپ بەرسەم ۋە ‹ئاخىرقى بىر تېمىم قېنىم بىلەن چىن مۇھەببەت ئەقىدەمنى بىلدۈرەي… ›دىسەم  بولىدۇ. ئەمما مەندە بۇنداق ئىشنى قىلغۇدەك، ھەتتا سوغاقتا تۇرغىدەك نە روھ، نە  ئېنىرگىيە يوق. چۈنكى مەن ۋاقىت  ئۆتكەنچە ھاياتنىڭ ھىندىستاننىڭ فانتازىيىلىك مۇھەببەت فىلىملىرىدىكىدەك قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېس- ھاياجاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم. ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك ؟
  ئاخىرى گۈزەلنۇرغا بۇرۇنقىدەك دولقۇنلۇق ھېسسىيات ۋە كۈچلۈك تراگېدىيە تۇيغۇلىرى بىلەن ئەمەس رازۋېتچىكتەك كاللىدا يېقىنلىشىشنى ئەقىلگە مۇۋاپىق كۆردۈم. مۇشۇنداق قىلساملا ئۇنىڭ شۇنداق بىر بىنورمال قارار چىقىرىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللارنى بىردىن- بىردىن ئوتتۇرغا چىقىرىپ زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن گۈزەلنۇر توغرىسىدا ساقچىلاردەك ئۇچۇر - مەلۇمات توپلاشقا باشلىدىم ۋە بىلدىمكى ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا «قىزىل ئالما » دىگەن  بىر شىركەتنىڭ  قارمىقىدىكى «سۆيگۈ» يېتىم- يېسىرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.  ئالدىراپلا ئۇنى «قىزىل ئالما»دىن ئىبارەت  چوڭ تىجارەت گۇرۇھىنىڭ بەگزادىلىرى ياكى پەسكەش خوجايىنلىرىدىن بىرەرىگە باغلىۋالدىم. چۈنكى ئۈرۈمچىدە ھەممىلا ئادەمنىڭ ماشىنا ئالغىدەك كۈچى يوق، گۈزەلنۇرنىڭ ياتىقى ئالدىدا  ئالدىمغا بەھەيۋەت ماشىنا ھەيدەپ كەلگەنلەر ۋە ئىچىدىن چىققان خۇمپەرلەر بۇ پەرەزلىرىمنى قۇۋۋەتلەيتتى.
بۇ شىركەت توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلىشنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقىنىمدا ئەلى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ئۆزىنىڭ قىزىل ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقى توغرىسىدا ماڭا خەۋەر بەردى. ئۇ ماڭا يازغان تور پوچتا يوللانمىسىدا تېخى  بۇ  گۇرۇھنى «شىنجاڭدىكى غوللۇق كارخانىلارنىڭ بىرى ،مۇنتىزىم تىجارەت ئېڭىگە ئىگە ...» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختاپ كېتىپتۇ ، جاھاننىڭ تارلىقىدىن بەكمۇ گاڭگىراپ قالدىم. تۇرمۇشۇمدىكى بىر- بىرى بىلەن تامامەن مۇناسىۋەتسىز، ماڭا ئايرىم-ئايرىم دۇنيا بەرگەن  ئىككى ئادەم مۇشۇنداق باغلىنىش ياساۋاتاتتى… كونىلار «ئادەم ھېچ بىر ئىشقا ھەيران قالمىغان كۈنى پىشقان بولىدۇ» دەيدىكەن. قارىغاندا چوڭ بولۇشنىڭ قەدەملىرىنى بېسىۋېتىپتىمەن دەپ بۇ رىئاللىقنىمۇ قوبۇل قىلىپ گۈزەلنۇرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش  ئېھتىياجىدا ئەلىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن  كۈتتۈم.
2002  - يىل4- ئاينىڭ6 - كۈنى ئەلى تېھراندىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى ۋە ماڭا بىر مۇنچە پۇل ئۇرۇپ بېرىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەم زەم شىركىتى دەيدىغان شىركەتنىڭ نامىنى سودا- سانائەت مەمورى ئورۇنلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشنى بۇيرىدى.  ماقۇل دەپ بېجىردىم.  بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ «مەن قەشقەردە ...»دەپ تېلىفون قىپتۇ. قەشقەردە تۇرۇپمۇ ماڭا بۇيرۇق يوليورۇقلىرىنى ئايىماي شىركەتنى «كونسۇل كوچىسى رايونىغا جايلاشتۇر» دەپ تاپىلىدى. خىزمىتىمنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ كونسۇل كوچىسى رايونىدىن ئۇنىڭ نامىغا  بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ ‹ ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەم زەم شىركىتى › دىگەن ۋىۋىسكىنى ئاستىم ، ئىشخانىلارنى بېزىدىم. ئۇنىڭ بۇ قەدەر بېيىپ كەتكەنلىكى مېنى قىلچە ھەۋەسلەندۈرەلمىدى، پەقەت قىزىل ئالما شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرى ۋە بۇنىڭ كەينىدە چۇۋۇلۇپ چىقىشى مۇمكىن بولغان گۈزەلنۇر ھەققىدىكى بىلگىلەرنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىپىرلىماقتا ئىدىم . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەر قېتىم ئەلى بىلەن ئالاقىلەشسەم «تېز قايتىپ كەلمەمسەن» دىيىشنى ئۈنۇتمايتتىم.  ئەلى بولسا مەن خۇددى ئۇنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىپ قالاتتى.5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ ئاخىر ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئەلى ئۆزى چۈشكەن ئايروپىلان ھەققىدە ماڭا خەۋەر بەرگەچكە خىزمەت ئالدىراشلىقىنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ رۇخسەت سوراپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ شۇنداق قىزغىن كۆرۈشتۈم. ئۇنى بىر ئۈمىدنى قۇچاقلىغاندەك ئۇزاق قۇچاقلاپ كەتتىم، ئەلۋەتتە ئەلى بەكمۇ تەسىرلەندى . ئۇ راستىنلا خىزمەت تەلۋىسى ئىكەن، ئۆيىگە بېرىشتىن بۇرۇن ئۇدۇل مەن تەييار قىلغان ئىشخانىنى  تاماشا قىلدى. پۈتۈن رەسمىيەت ۋە شىركەت ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى  كۆرۈپ مەمنۇن بولدى.
  ئۇ ھۆججەتلەرنى كۆرۈۋاتقاندا تېلېفون كېلىپ قالدى ۋە  تېلىفوننى ئېلىپ مەن بىلمەيدىغان ئەرەب تىلىدا بىر نېمىلەرنى دېدى. بۇ ئارىلىقتا ئۈستەلدە تۇرغان ئىككى سان « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنى كۆرۈپ قالدىم . ئەلى بۇنى ئىشخانىغا كىرگەندە سومكىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ قويغان ئوخشايدۇ.  بىرىنى مەقسەتسىزلا ۋاراقلاۋېتىپ ئەلى  ئىبراھىم دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەسلىدە ژۇرنالغا ئۇنىڭ « مىللى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟» دىگەن تېمىدىكى ماقالىسى بېسىلغان ئىكەن. ماقالىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتۈم، ئەلى بۇ ماقالىسىدە شىنجاڭدىكى ئىخلاس، ئارمان، ئامىنە قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپلا قالماي، مىللى كارخانىلار يولۇقىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى رەتكە تىزىپ ، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ مەسىلىلىرىگە شەرھى يېزىپتۇ. قارىسام ئەلىنىڭ تېلىفوندىكى گېپى تۈگىمەيۋاتاتتى. قولۇمدىكى ژۇرنالنى قويۇپ يەنە بىر ساننى ئالدىم. بۇنىڭغىمۇ ئەلىنىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەرلىكتىن كارخانىچىلىققا سەپىرى» دېگەن ماقالىسى بېسىلىپتۇ.بۇ ماقالىسىدە سودىگەر بىلەن كارخانىچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى شەرھىيلەپ ئەمىلى مىساللار بىلەن مىللىتىمىزنىڭ يىپەك يولىدا پەيدا قىلغان تىندۇرما ھالىتىدىكى سودا تىجارەت ئاڭلىرىنىڭ جانلاندۇرۇلۇپ سودا ئىلمىيىتى بىلەن يۇغۇرىلىش تەقەززاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ۋە ھازىرقى زامان تىجارەت ئېقىملىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئامىللاردىن ھاسىل بولغان مۇھىتتا بۇ خىل ئۆزگىچىلىكنى تۇتۇش ۋە ئەمىلى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشىپتۇ. بۇ ماقالىنى تېز- تېز كۆز يۈگۈرتۈپ  ئوقۇپ بولىشىمغىلا  ئەلى تېلىفوننى قويدى. مەنمۇ ژۇرنالنى قويۇپ قويدۇم.
- نەدە بولساڭ بۇ  ژۇرناللارنى كۆتۈرۈپ يۈرەمسەن ؟ ئەسەرلىرىڭنى ھەر قېتىم كۆرگىنىڭدە ئۆزەڭدىن پەخىرلىنىپ كېتەرسەن- ھە؟ چۈشكۈنلىشىپ قالساڭ ۋاراقلاپ قويامسەن؟
- ۋاي مۇھىد ،شۇ ئەسكى مىجەزىڭ يەنىلا بار ھە سىنىڭ، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە تەپمىسەڭ نىم بولا ! مانا ئەمدى باشقىلارنىڭ ئالقىشى ئۈچۈن يازدىممۇ ياكى ساپ پىداكارلىق بىلەن يازدىممۇ ئويلىنىپ قالىمەندە نەچچە كۈن …  -. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ پارىڭى باشلىنىپ كەتتى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئەرەب پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۆمەتلىرى بىلەن جانلىق مۇناسىۋەت باغلىيالمايۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىپتۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە ئەرەب ئەللىرىنىڭ مائارىپى ئىتائەتچان قوزا تەربىيىلەيدىغان مائارىپكەن. بۇ مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئېڭى پالەچلىنىپ كېتىپتۇ. ئومۇمى جەمئىيەتتە پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشىشى ۋە جەمئىيەتچانلىقى تۆۋەنمىش. ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدىكەنكىن، ئەگەر ۋەزىيەت يەنە مۇشۇنداق داۋاملاشسا ھامان بىر كۈنى پۈتۈن ئەرەب دۆلەتلىرى خەلق ھەرىكىتى قاينىمىدا زور مالىمانچىلىقنى باشتىن كەچۈرىدىكەن ، يەنى پۇقرالار قاتلىمىدىكى سەرخىللار ‹ئەمەلدارلار قىلالمىغان ئىشنى بىز قىلىمىز› دەپ مەيدانغا چىقىپ ئىنقىلاۋى  شامال پەيدا قىلارمىش . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن كۆز ئالدىمغا بىر قاراڭغۇ مەنزىرە كۆرۈنۈپ «ئوتتۇرا شەرقتە بازار ئېچىپ ئىش قىلىش ئىمكانىيىتى يوق» دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام ئۇ ماڭا تاش مۇقاۋىسىغا قايسىبىر دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكىگە ئوخشاش بەلگىلەر بېسىلىپ ئاستىغا  زەم زەم شىركىتىنىڭ ئىسمى ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان بىر ماتىرىيالنى سۇندى :
- مەن ئىنچىكە پىلان بىلەن كەلدىم ،-ئۇنىڭ  گىپىدە خېلى كەسكىنلىك بار ئىدى. – ھازىرقى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئالدىمىزىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى مەركەز قىلغان ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى يىمىرىلىپ يېڭى تەرتىپ باشلىنىدۇ، بۇ يېڭى تەرتىپنى نەزەرگە ئالغان ھالدا  بىز شۇنداق يىلتىز تارتىمىزكى، ئەرەب دۇنياسى مۇسۇلمان جۇغراپىيىسىدە ياۋروپا- ئامىرىكىلىقلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارايدىغان غوللۇق كارخانىغا ئايلىنىمىز.  پۈتۈن كۆزىتىش نەتىجىلىرىمنى بۇ ماتېرىيالغا يازدىم، كۆرۈپ باققىن .
  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. ئىشىنەي دىسەم ئۇ  مەكتەپتىن چىققىلى ئۇزاق بولمىغان كىچىك بالا ، ئىشەنمەي دىسەم مۇشۇ بالا ئۈرۈمچىلىكلەر ئون نەچچە يىل ئىشلەپ نەچچە يەردىن قەرز ئېلىپ ئاران ئالىدىغان ئۆينى ئېلىپ، شۇ ئۆيدە بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ قولۇمدىكى ماتېرىيالغا قارىدىم،  بۇ ماتېرىيالنىڭ ئىسمى ئېگىز بىنالارنى ئىشخانا قىلىدىغان چوڭ سودا گۇرۇھلىرىنىڭكىدەك بەكمۇ ھەيۋەت ئىدى:«زەم زەم شىركىتىنىڭ تەرەققىيات ستېراتىگىيىسى». ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ مۇنداقلا ۋاراقلاپ سورىدىم:
- بۇنى نېمىشقا ماڭا بېرىسەن؟
- كۆرۈپ باقسۇن دىدىم. ئىنكاسىڭنى ئاڭلاپ باققۇم بار.
ئەلىنىڭ ماڭا تۈرلۈك كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ كاللىسىدىكى پىكىرلەرنى رەتلىۋالىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىدىم. لېكىن ئۇنىڭ ماڭا ماتىرىيال كۆرسىتىپ پىكرىمنى ئالماقچى بولغانلىقى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. ماتىرىيال مۇندەرىجىسىگە قاراپ ئىچىدىكى بىردىنبىر مەن قىزىقىدىغان شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى دىگەن يەرنى ئېچىپ كۆردۈم.
ئىسمى: مۇھىد تۆمۈر
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1977-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
شىركەتتىكى ۋەزىپىسى:تەتقىقاتچى
خىزمەت مۇددىتى: ئۈچ يىل
  ئەلىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئىشلارنى ساڭا تاپشۇردۇم» دىگەن گېپىنىڭ تېگىنى ماڭا بېرىلگەن بۇ ئەمەلدىن سەزگەندەك قىلدىم. ئۇ دۇبەيگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا ماڭا ناھايىتى ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. مەن ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ باش لىڭشىتقان، بىراق ئۇنىڭ گېپىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن. ئۇ نېمىشقا مەندەك مۇھەببەت ھېكايىسىدىن باشقا بىر نەرسە تاپقىلى بولمايدىغان ئادەمنى بۇنچە ئەتىۋارلاپ كېتىدۇ؟ ياكى ئۇ مېنى ئەخمەق كۆرۈپ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ ۋاقتى كەلگەندە بىر تەرەپ قىلىۋەتكىلى بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن پىراكتىكام تۈگەپ ئىشقا چۈشۈشۈم مۇمكىن. دوختۇرلۇق باشقا كەسىپلەرگە ئوخشىمايدۇ. كۈن بويى ئالدىراش ئۆتىدىغان گەپ. مەن ھەتتا تەتقىقاتچىلىقنىڭ نىمە خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلمسەم ئۇنىڭ شىركىتىگە نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيتتىم؟ ئەگەر ئۇنىڭ تىجارىتى يۈرۈشمەي قېلىپ نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالىدىغان ئىش بولسا قانداق قىلىمەن؟ ئالتە يىل ئۆگىنىپ جاپالىق تىرىشىپ ئاخىرى قولغا كەلتۈرگەن خاتىرجەملىكىم بۇزۇلۇپ بىردىنلا كوچىغا چىقىپ قالسامچۇ؟ ۋەتەن خەلق ئۈچۈن بۇنداق بەدەللەرنى ئەلى تۆلىيەلىشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئاجىز كېلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سودا –تىجارەت بىلەن ئېپىم يوق. بۇ ئشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن.
   - شىركىتىڭگە ئادەم تاپالمىغاندەك مېنىمۇ قوشۇۋاپسەنغۇ؟
    ئەلى مېنىڭ مۇشۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدىغاندەك كۈلۈمسىرەپ قويۇپ سۆزىنى باشلىدى. ئۇنڭ گەپ قىلىش ئالدىدىكى تىنىقىدىن ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى پەملەپ سافاغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
   - شىركەتتە سېنىڭدەك ئادەمنىڭ بولغىنى ياخشى مۇھىد. سەن بەك ئېھتىياتچان، پىكرىڭ ئۆتكۈر، سەندە تەۋەككۈلچىلىك، باشقا كەلگەننى كۆرىمەن دەيدىغان روھ يوق    .  ساڭا ئوخشاش ئادەملەر غايە تىكلىيەلمەيدۇ. غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئادەملەرگە قايىل بولۇپ تۇرسىمۇ ئۆزى ئۇنداق قىلالمايدۇ. سېنىڭ مەڭگۈ رەھبەر بولالمايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. لېكىن بۇنداق ئادەملەردىكى ئېھتىياتچانلىق ئۇلارنى ھەربىر قەدەمنى باسقاندا ھەرخىل تاللاش يوللىرىنى بىر-بىرلەپ ئويلىشىدىغان پىسخىكىنى يېتىلدۈرگەن. خاتىرجەم بولغىن . سېنى «رەھبەر بول» دىمىدىم. «شىركەتنىڭ مەلۇم مەسئۇلىيتىنى ئۈستۈڭگە ئال»مۇ دىمىدىم. مىنڭ قولۇمدا تىببى نۇقتىدىن  دەلىللەشكە تېگىشلىك بەزى رېتسىپلار بار . – ئۇ سومكىسىدىن بىر ۋاراق قەغەز چىقىرىپ ماڭا بەردى. – بۇنىڭغا خەلق ئارىسىدىكى  ئاددى ساقلىقنى ساقلاش ئادەتلىرى يېزىلغان، يەنە غەرپ تىبابىتى نۇقتىسىدىن تەركىبىنى ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان قىسمەن رېتسىپلارنىمۇ قوشۇپ يېزىپ قويدۇم. بۇنىڭغا ساڭا ئوخشاش ئىلمىي ئادەملەر بولمىسا بولمايدۇ    .
    سافادا ئولتۇرۇپ قەغەزگە كۆز يۈگۈرتىشكە باشلىدىم . ئەلى ھەتتا ئاپامنىڭ قايسى كۈنى ماڭا بەرگەن يېزىخو چېيىنىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ ياقامنى چىشلەپلا قالدىم.
   - سېنىڭ ۋەزىپەڭ غەرپ تىبابىتى مەيدانىدا ئۇلارنىڭ تەسىرىنى دەلىللەش .بۇ ئىشنى سەل قىلمىغان تەقدىردىمۇ  باشقىلارغا قانداق قىلدۇرۇشنى بىلىسەن ،مۇھىد، مەن ساڭا ئىشىنىمەن. سەندىن باشقا ئادەمگە بۇ پىلانلىرىمنى ئاشكارىلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. قانداقلا ئويلىسام سەن بۇ خىزمەتكە بەكمۇ ماس كېلىسەن.چۈنكى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىمۇ سەندەك دورىگەرلىك ۋە داۋالاش كەسپىدە قوش دىپلوم ئالالىغان ئوقۇغۇچى ئاز ئۇچرايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە  شىركەتكە كۈندە كېلىشىڭنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ئايدا بىرەر قېتىم كېلىپ ئەھۋاللىشىپ تۇرساق كۇپايە . ئەگەر پايچىك بولىمەن دىسەڭ بۇنىڭغىمۇ بولىدۇ. ئىككىلەنمەي %20پاينى بېرىمەن. لېكىن مىجەزىڭدىن قارىغاندا شىركەتنىڭ پايدا-زىيىنىغا تەڭ تۇرىمەن دىيەلمەيسەن. شۇڭا ئىقتىسادىي جەھەتتە ساڭا خەتەر يوق. شىركەت قەرزگە بوغۇلۇپ ۋەيران بولۇپ كەتسە سەن خىزمىتىڭدىن ئىستېپا بېرىش يولى بىلەنلا پاكىز بولۇپ كېتىسەن. خاتىرجەم بول، ئىشلاردا سېنى ھەرگىز ئالدىغا چىقىرىپ قويمايمەن .
   ئۇنىڭ مېنى بۇنچىلىك چۈشىنىپ كېتىشى ۋە بايا قىلغان گەپلىرى مېنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولسىمۇ، گەپلىرىنىڭ ھېچ خاتاسى بولمىغاچقا بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇپ شۈك ئولتۇرۇپ ئۆزەمنىڭ بىريىل ئىلگىرى ئۇنىڭغا ماقۇل بولغان ھالىتىمنى ساقلىدىم ۋە 68 بەتلىك «شىركەتنىڭ تەرەققىيات ستىراتىگىيسى» دىگەن كىتابچىنى قايتۇرۇپ بەرسەم ئەلى«بىر كىملەرگە كۆرسەتمەي ئۆزۈڭ كۆر» دەپ ماڭا قالدۇردى .
مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشقا يېقىن قىزىل ئالما بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرىنى سورىۋىدىم، ئۇ بۇ تۈرنىڭ زەم زەم كولانىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكالەتچىلىكى ۋە تاۋار ماركىسىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى . مەن ئەلۋەتتە بۇ ئىشقا قاتتىق قىزىقىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇلار بىلەن بۇ ئىش خۇسۇسىدا كۆرۈشكىلى بارغاندا ئۆزەمنىڭ  جەزمەن بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئەلى ھازىرغىچە بۇ شىركەتتىكىلەر بىلەن تېلىفون، خەت  ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى،  ئالدىمىزدىكى ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ گۇرۇھنىڭ كىشىلىرى بىلەن بىۋاسىتە  ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، مىنىڭ تېلېفون كۈتۈشۈم لازىملىقىنى ئېيتتى . ھەر ھالدا ئىشلار گۈزەلنۇرغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ دېگەن تۇيغۇدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم .  ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىزىقارلىق يېرى، گۈزەلنۇر توغرىسىدا تەشۋىشلىنىشنىڭ ئورنىغا  چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ «زەم زەم شىركىتىنىڭ تەرەققىيات ستېراتىگىيىسى» دىگەن كىتابچىنى تەپسىلى كۆرۈشكە باشلدىم. ئەلى شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى شىنجاڭدا بازار ئېچىش ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادا  بازار ئېچىش، خەلقئارالىق بازار ئېچىش دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپتۇ ۋە ھەربىر باسقۇچقا مۇناسىپ تىجارەت تۈرلىرىنى بېكىتىپلا قالماي يەنە ۋاقىت چەكلىمىسى بېرىپتۇ . ئۇنىڭ پىكىر يولى بويىچە بولغاندا شىنجاڭنى بازا قىلىپ مۇسۇلمان دۇنياسىغا يەرلەشكەندىن كېيىن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش پىلانلانغانكەن. چۈنكى نۆۋەتتىكى مۇسۇلمان دۇنياسى(تۈركىيەدىن باشقا) يەنىلا مۇستەقىل ئەمەسمىش، مۇقىمسىزلىق ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە سىڭدۈرگەنمىش. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ۋە ھۆر ئىقتىسادى ۋە سىياسى سىستېما ھاسىل قىلىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت ئىچىدە زەم زەم شىركىتى شىنجاڭ ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتلىرى ئارقىلىق بۇ رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىش تەييارلىقىنى تامامەن پۈتتۈرۈپ بولىدىكەن، بۇ سىڭىپ كىرىش شۇ رايونلارنىڭ سابىق خوجايىنلىرىدىن بولغان غەرب دۇنياسىدىن كەلمىگەچكە ئەرەب ئەللىرىنىڭ يېڭى سىياسى قاتلىمى كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ تۈردىكى شىركەتلەرگە يېشىل چىراغ ياقارمىش. مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ زەم زەم دىگەن تاۋار ماركىسىغا 14 ساھەدىكى تاۋار تۈرلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ۋە خەلقئارادا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قىلىپ   300 مىڭ يۈەندەك پۇل  خەجلەپ بوپتۇ. يەنە ئىككى بەتكە زەم زەم تىجارىتىگە تەبىر بېرىپ نۇرغۇن تىجارەت تۈرلىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى سودا ئىلمى ئارقىلىق دەلىللەپ چىقىپتۇ. ئۇ يەنە شىنجاڭ مىللى بازىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىپلا قالماي يەنە 3-دۇنيا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئىستېمال ئالاھىدىلىكىنىمۇ يېتەرلىك تەتقىق قىپتۇ. مەن ئوتتۇرا شەرق، غەربى ئافرىقا رايونلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئىستېمال ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن تاۋارلارنىڭ باشقا تەرەققى تاپقان غەرپ ئەللىرى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىشى ،بايقىلىش دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان گىرافىكلارنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولساممۇ  ئەلىنىڭ بازار خۇلاسىسىنى ناھايىتى ئىنچىكە سان-سىفىر ۋە پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ مېنى باشقىچە قايىل قىلدى. تېخىمۇ تەپسىلى بولغىنى ئەلى جۇڭگونىڭ ئەرەپ ئەللىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدىكى ھازىرقى ئورنىنى مۇناسىۋەتلىك سىتاتىستىكا ماتىرىياللىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ زەم زەم شىركىتىنىڭ قايسى جەھەتلەردە دۆلەتكە ماسلىشىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ.
    ئۇنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ پىلانلارنىڭ چوڭ گەپ ، قۇرۇق خىيال تەسەۋۋۇر بولۇپ قېلىشىدىن ياكى ئۇ بۇ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغۇچە كاللسىدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. بىراق نېمىلا دىگەن بىلەن ئەلى ئەنە شۇنداق چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا مۇناسىپ ئادەم، ئۇ ھەم ئۆزىنى شۇنداق ھېسابلىسا كېرەك. ئەلىنىڭ پىلانىنى كۆرۈپ مەندە باشقىچە بىر تۇيغۇ ئويغىنىپ قالدى، يەنى مەن بۇ شىركەتكە مەلۇم دەرىجىدە قىزىقىپ قالدىم. چۈنكى ئۇ راستىنلا ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ تەسىر دائىرىسنى پىلانىدىكىدەك ئىجرا قىلالىسا بۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىدا بىر بۆسۈشتىن دېرەك بېرىدۇ-دە. نېمىشقا مەنمۇ بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارغا شېرىك بولمايمەن؟ بۇ ھېچ بولمىغاندا دوختۇرخانىدىن چىقماي كېسەل داۋالايدىغان رىتىملىق تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللەردە پەيدا قىلىدىغان بۇرۇقتۇرمىلىقىنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولار.
  ياتقىچە كىتابچىغا قاراپ ئولتۇرۇپ  ئۆزەمچە كۈلگۈم كېلىپ كەتتى. چۈنكى مەن ئۆزەمنىڭ ھىكايسىنى دەھشەت دەپ يۈرسەم ئەلىنىڭ ھېكايىسى نەچچە ھەسسە دەھشەت ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ھېكايىسى قانچىلىك ھاياجانلىق ۋە قىزىقارلىق بولسۇن ئۇنىڭ ئىشى يەنىلا ئۇنىڭ ئىشى ، مىنىڭ ئىشىم مىنىڭ ئىشىم-دە. مەن يەنىلا تەقەززالىق بىلەن بۇ ئىككى كۈننى كۈتىشىم كېرەك.

UID
9648
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 10:38:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<1994-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر يەنى مەن گۈزەلنۇرغا كونۋېرتنى بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى كوچىدىكى مەسچىتتىن چىققان ئەزان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە بۇنداق سەھەردە ئويغىنىپ كەتسەم ئەزان ئېيتقان قېرىنىڭ ئاۋازىنىڭ سەتلىكىدىن زارلىنىپ كۆزۈمنى ئۇۋىلاپمۇ قويماي يەنە بىر يانغا ئۆرىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. لېكىن شۇ  كۈنى سەھەر كۆزۈمنى قايتا يۇمىۋالماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى كىيىپ ئۆيدىكىلەرگە چاندۇرماي بىنانىڭ ھويلىسىغا چىقتىم .كېچىدە نېپىز قار ياغقاچقا جاھان يورۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالغانىدى، مەن چىقىپ بەش مىنۇت ئۆتمەيلا دەرۋازىغا قارايدىغان مۇسا ئاكا ئىككى بىنانىڭ ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ چىراغنى ياندۇرىۋەتتى. چىراغ نۇرىدا ئاق قارلار تېخىمۇ چاقناپ كۆزلىرىمنى چاقتى. قارغا دەسسىدىم . لېكىن خۇددى بۇلۇتقا دەسسەۋاتقاندەك يېنىكلەپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەيداننى سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن داسنى ئېلىپ چىقىپ سۇ چاچتىم. ۋاھ،خۇددى يامغۇر ياغقاندەك بىر داس سۇ بىلەنلا نۇرغۇن جاينى نەمدىۋەتتىم. سۇنى تەكشى چېچىشنىڭ بىر خىل ماھارەت ئىكەنلىكىنى ھەممە ئوغۇللار بېلەتتى .>>

قار ياققان مەيداننى سۈپۈرۈپ بولۇپ سۇ چاچتىڭىز ؟
قالغىنىنى داۋاملىق ئوقىغاچ قۇسۇر تاپاي ، كۆڭلىڭىزگە ئالمايدىغانسىز !

تىرىشچان ئەزا

نادانغا نەسھەت ق

UID
3368
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
870
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 16:02:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشتىن بۇرۇندىن تارتىپ بارتىڭىز، مەن تىخى ئاخىرىنى يىزىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ھازىر چوقۇم ئاخرى چىقىتى دەپ ئويلاپ كىرگەن لىكىن تىخى چىقماپتۇ. مەيلى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇڭ.

تىرىشچان ئەزا

قەيسەر يۈرەك

UID
8737
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
750
تىزىملاتقان
2011-1-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 18:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم دىليار ئەپەندى ، باجگىر ئەپەندىگە يازغان ھىكايىڭىزنىڭ  بېجىنى تاپشۇرۋىتىپ  ئاندىن داۋاملاشتۇرڭە ...  بولمىسا باج بەرمىدىڭ دەپ  ساق ھىكايىدىن قۇسۇر تاپمىسۇن ...      

  چاخچاق ھە ....

"روھنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ". <سۈرە شەمسى9-ئايەت>

ئۈمىدلىك ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
8260
يازما
29
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
290
تىزىملاتقان
2010-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 23:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغىنىڭىزنىڭ قايسى ژانىر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەي قەلەم تەۋرىتىشىڭىز ئانچە ياخشى بولمىغان.چۈنكى ھەر بىر ژانىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. سىز قايسى ژانىردا يازسىڭىز شۇ ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىلى ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى لازىم. مەن ئەسىرىڭىزنى توۇك ئوكۇمىدىم لىكىن بىر قىسىم سۆز-جۈملىلەردىن ئارتۇقچە ئەھمىيەتسىز تەپسىلاتلارنىڭ بىر قەدەر كۆپكىكىنى ھىس قىلدىم. يۈرەكنى ئىزىدىغان ۋەقەلىك بىر قەدەر ئاز .بوپتۇ يېزىڭ كەلگۈسى قەلىمىڭىز پىشىپ ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايدىغانلقىڭىزنى تۇنۇپ يەتتىم.سىز كۆپرەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ماختىغان پىكىرلىرىدىن ئورۇنلۇق تەنقىتلىرىگە دىققەت قىلىڭ.چۈنكى سىزنىڭ ئەسىرىڭىز ھەققىدە تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلەر سىزگە كۆيۈنگەنلەردۇر.ماختىغانلارنىڭ بىر قىسمى سىزگە خوشامەت قىلىپ ماختايدىغانلاردۇ. بۇ لاردىن ئىھتىيات قىلىڭ.

UID
7001
يازما
62
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1803
تىزىملاتقان
2010-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-1
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 11:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 71قەۋەتتىكىkanhor يوللىغان 2011-02-23 23:32 غا قارتىلغان  :
يازغىنىڭىزنىڭ قايسى ژانىر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەي قەلەم تەۋرىتىشىڭىز ئانچە ياخشى بولمىغان.چۈنكى ھەر بىر ژانىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. سىز قايسى ژانىردا يازسىڭىز شۇ ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىلى ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى لازىم. مەن ئەسىرىڭىزنى توۇك ئوكۇمىدىم لىكىن بىر قىسىم سۆز-جۈملىلەردىن ئارتۇقچە ئەھمىيەتسىز تەپسىلاتلارنىڭ بىر قەدەر كۆپكىكىنى ھىس قىلدىم. يۈرەكنى ئىزىدىغان ۋەقەلىك بىر قەدەر ئاز .بوپتۇ يېزىڭ كەلگۈسى قەلىمىڭىز پىشىپ ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايدىغانلقىڭىزنى تۇنۇپ يەتتىم.سىز كۆپرەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ماختىغان پىكىرلىرىدىن ئورۇنلۇق تەنقىتلىرىگە دىققەت قىلىڭ.چۈنكى سىزنىڭ ئەسىرىڭىز ھەققىدە تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلەر سىزگە كۆيۈنگەنلەردۇر.ماختىغانلارنىڭ بىر قىسمى سىزگە خوشامەت قىلىپ ماختايدىغانلاردۇ. بۇ لاردىن ئىھتىيات قىلىڭ.
   ئەسەرنى ياخشىراق ئۇقۇپ ئاندىن پىكىر-تەنقىدىڭىزنى بەرسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز،ئەسەردە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پىكىرلەر بار.

UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 00:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئىنكاسلارغا :
(1)ئەسەرگە ئەستايىدىل مۇئامىيلە قىلىپ ئۇنىڭدىن لوگىيكىلىق خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بىرىشكە تىرىشقان تورداشقا تەشەككۇر ،دىمەككى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ياققان قارنىڭ يەرگە چۈشەر چۇشمەس ئۇزاق تۇرالمايلا قىراۋغا ئوخشاپ ئىرىپ كەتكەنلىكىنى  ئەسلى ئويلىغىنىمدەك  "نىپىز قار" سۆزى بىلەن ئوختۇرۇپ بولالماپتىمەن  
(2)دەرۋەقە بۇ ئەسىرنىڭ ژانىرى ھەققىدە ئويلنىپ كەتمىدىم . "ئويغانغاندىن كىيىن ..."نىڭ دۇنياغا كىلىشىنڭ ئەسلى ئىلھام ۋە قىلىپى بىرەر مەۋجۇت  ھىكايە، رومان ۋە ياكى پوۋىسست دىگەندەك يازما  ئەدىبى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇب ۋە ئىپادىسىدىن  بەكىرەك بىدخوۋىنىڭ "تەقدىر" سىمفونىيسىدىن كەلگەن بولغاچقا ھىچ بولمىغاندا مىنىڭ نەزىرىمدە  ئەسەر مۇزىكا ۋە يازما سەنئەتنىڭ بىركىشىدىن يىزىلىپ مىڭىۋاتىدۇ ،شۇڭا بۇ  ئۆرنىكى بولمىغان بىركىشنى مۇزىكا ۋە يازما ئەسەر نەزىريىلىرىگە باغلىۋىلماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا قويىۋىتىشنى مۇۋاپىق تاپتىم .ئۈمىدىم ئەسەر مۇزىكا بىلەن ئەدبىيات چىگرىسىدا بىر يىڭى رايون ئاچالسا ۋە  ئوقۇرمەنلەر  كىرىپ باقمىغان بۇ  رايونغا كىرىپ تەپەككۇر ۋە ھىسيات جەھەتتە  بالاغەتكە باشلايدىغان لىنىيدە يۇكسىلىشكە ماڭالىسا (بۇ مەشكۈل مەغلۇپ بولىشىممۇ مۈنكۈن)...  
بىز ئۇيغۇرلار تارختىن جىق جاپاغا قالغان، كۆپ مۇشاقەتلىك سەزگۇرەشلەرنى باشتىن كەچۇرگەن ،دۇنيانىڭ بىر بولىڭىدا تاشلىنىپ قىلىپ غىرىپلىق ھىسسياتلىرىغا تولغان  مىللەت شۇڭلاشقىمىكىن ئەدىبىيات سەنئىتىمىز ھەتتا دىنى ئەنئىنىمىزدىن تارتىپ تەسەللى خارەكتىرىنى ،ئازاپلارنى ئۇنتۇلدۇرۇش رولىنى ئۆتەپ  كىلىۋاتىدۇ ،دۇنيا ئىچىۋىتىلگەن ئاشكارە رىقابەت سەھنىسىگە ئايلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە بىز بۇ يوقىرى بىسىملىق مەۋجۇلۇق كۆرىشىگە دادىل ۋە مەردانە روھ بىلەن يۇزلىنەلمىسەك ئەسىرلەردىن بىزگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن ۋە مەنىۋىيتىمىزنىڭ ئۇزىل كىسىل ۋەيران بولۇپ كىتىشىنى توساپ تۇرىۋاتقان بۇ ئەدىبىيات سەنئەت مىراسلىرىمىز  مەغلوبىيەت ئىلىپ كەلگەن كىرزىس پەيدا قىلغان زەئىپ روھىيەت ئىھتىياجىغا ماسلىشىپ   كەيىپ ساپا ۋە ياكى  ئىچ پۇشۇغى خام ماتىريالىغا  ئايلىنىپ بىزنىڭ يوقىلىشىمىنى كاتالىزلەيدۇ .
بۇ ئارقا كۆرنىشلەردە مەن ئەدبىياتىمىز ۋە ياكى سەنئىتىمىز   كۆپ ھوسوللۇق ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ تۇردىغان  بولۇپمۇ   ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ،بىكارچىلىقتا ئادەمنىڭ كۆڭلى تارتىپ قالىدىغان نەرسىلەردىن  بىر ئاز يۇلىنىپ چىقىپ رىقابەت، جاسارەت ۋە ئۆز مەۋجۇلىقىنى كەسكىن قوغدىيالايدىغان  ساغلام روھىيەتنىڭ سادالىرىغا باي ئىلىمىتلار بىلەن بىزىلىشى لازىم دەپ قارايمەن شۇڭا بەزى تورداشلار كۆرسەتكەندەك مەزمۇن ۋە ھاياجان مولىقىغا يىتىشەلمىگەن بولىشىم مۈنكۈن    
ئەلىۋەتتە  "ئويغانغاندىن كىيىن ..."نىڭ بۇ رەۋىشتە،  دەل مۇشۇ ماقامدا تور دۇنياسىدا  پارتىلغان  بىر زەمبىرەك  بولىشىنى شۇ قەدەر ئۈمۈت قىلىپ كۈچەۋاتىمەن لىكىن ئىقتىدارسىزلىقىم ۋەجىدىن مەغلۇپ بولۇپ مەسخىرىگە قىلىشممۇ مۈنكۈن ئامما  دەسلەپ يازغان رىۋايىتىمنى تەكرارلايدىغان بولدۇم:  زالىملار   ئىبراھىم ئەلەيسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا بىر چۈمۈلە ئوتنى ئۆچۇرمەك  ئۈچۈن بىر تامچە سۇنى چىشلەپ ماڭىدۇ،  قاغا ئۇنى مەسخىرە قىلىدىكەن شۇ سۇ بىلەن بۇيۇك ئوتىنى قانداق ئۆچىرەلەيتىڭ دەپ . چۈمۆلە دەپتۇكى " بۇ سۇ بىلەن مىنىڭ ئادەلەتسىزلىككە قارشى مەيدانىم ئاشكارا بولىدۇ." مىللەت تەقدىرى ئۈستىدە ئەنە شۇنداق  رىيا ۋە كىبىردىن خالى ھالدا ئىزدىنىۋاتقان  تور ئەدىبىياتى ساھاسىدىكى سەركىلىرىمىزنىڭ قەدەملىرىگە  ئوتۇقلار بولسۇن بىرى يىقالسا يەنە بىرى ئارقىدىن كىلىپ ئىزىنى باسسۇن !  
كۆپ سۆزلەپ سالدىم ئۇستازلار ئاقساقالىقىمنى كەچۇرسۇن،پات يىقىندا ئەسلى ئشىمغا قايتىپ  ئەسەرنىڭ كەينىنى چۈشۇرىمەن  
  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش