ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

نادانغا نەسھەت ق

UID
3368
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
870
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 12:24:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىردەمدىلا تىنماي ئوقىۋىتىپتىمەن.....كىتاپ قىلىپ يېزىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ مىنىڭ كىتاۋىنى ساقلىغۇم كىلۋاتىدۇ. راس يالغۇز جىمجىت جايدا بۇ <<كتاپ>> نى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇغۇم كېلۋاتىدۇ. ساقلايمەن.....

UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 20:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئىنكاسلارغا :
تور ئەدىبىياتى بىلەن ئەنئەنىۋى مەتبۇئاتلار ھەققىدە ئىنكاسلاردىن خىيالىمغا كەچكەنلەر :  ئەلكۇي قەلەمكەشلەر سالونىدا بەرگىيە،ئاپاق ئاي قاتارلىق ئاپتورلار ۋە نادىر ئەسەرلەرنىڭ كەيىنى كەينىدىن بارلىققا كىلىشى   تور ئەدىبىياتىچىلىقىمىزنىڭ سۇپەت جەھەتتىكى يۇكسلىشىگە يول ئىچىۋاتىدۇ ،  ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە تور ئەدىبىياتى ھەققىدە نەزىريىۋى ئاساس بولمىغان شارائىتتا ئەلكۇينىڭ يول ئىچىپ ئاتقان  قەدەملىرى يۇرتىمىزنىڭ  رەسمى مەتبۇئاتلارنى مەنبە قىلغان مەدىنى ھاياتىغا رەڭدارلىق قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ . تور ئەدىبىيتىدا بارلىقا كەلگەن نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئەلكۇينىڭ ئىستىداتى بىلەن رەسمى مەتبۇئاتلار بىلەن قول تۇتىشىپ خەلقىمىز مەنىۋىيتىگە ئاز كۆرۇلدىغان دىل يۇرۇتقۇچى ھاياجان بىردىغانلىقى ئىشىنىمەن چۇنكى ئەنئەننە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ ئۇچۇرشىتۇرالىغان جەمىيەتلەر،مىللەتلەر ،توپلار   ئەزەلدىن  نۇرانە كىلەچەك ساھىبى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

ھېچ ئىش قىلمىغان

UID
4991
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1458
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-19 22:56:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نېمە دەي؟  
گەرچە گۈزەلنۇرنىڭ <<مەن ئەسكى قىز، ماڭا ئۆچ بولۇڭ...>> دېگەن گەپلىرىدىن، گۈزەلنۇرنىڭ مۇھىد ياشايدىغان دۇنياسىغا بىراۋنىڭ <<ئۆمۈچۈكلۈك>> قارا قولىنى مەجبۇرى تىققىنىنى غۇۋا جازىم قىلغان بولساممۇ، يەنىلا بايانلارغا ئىختىيارسىز كۈلۈپ، غەزەپلىنىپ، جىددىيلىشىپ، سىقىلىپ، تىتىلداپ، ھەتتا بەزى يەرلەردە قورقۇپ ئولتۇرۇپ سىڭىپ كەتتىم. قەلەم تۇتقان قوللىرىمغا تەكرار-تەكرار قارىدىم.  ھاياجان، ئەقىل ۋە تەپەككۇلارنىڭ ئۆز-ئارا چىگىلىپ، كىشىنى چەكسىزلىك ۋە يورۇقلۇقتىكى زىيالار ئارىسىغا ئەكىرىپ، ئېتقاد، ياشلىق، مۇھەببەت. ئاڭ ۋە يۇشۇرۇن ئاڭ تىراگىدىيىلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەلىك نوقتىئىنەزىرىگە كۈچلۈك رەۋىشتە باشلايدىغان نادىر ئەسەرنىڭ بورھانى سۈپىتىدە ئىنكاس قىستۇرۇشقا مەجبۇرى بولدۇم.
مەن ئەسەر ئوقۇش ھاياتىمدا، ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنى تۇنجى ئوقۇغىنىمدا، دوستۇم نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ تىمىسىز داستانىنى ئوقۇغىنىمدا، ئورخان پامۇكنىڭ <<يېڭى ھايات>>رومانىنى ئوقۇغىنىمدا، گارسىيانىڭ<<يۈز يىل غېرىبلىق>>رومانىنى ئوقۇغىنىمدا، ئەنە شۇنداق تىل نامايەن قىلالمايدىغان سىلكىنىش، يۇلقۇنۇش، چاچراپ چىقىش، يىغا ئارلاش كۈلۈمسىرەش پىسخىكىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنىدىم. مانا ئىككى كۈندىن بېرى <<ئويغانغاندىن كېيىن>> نى ئوقۇۋېتىپ، بۇنداق تۇيغۇلارغا قايتا نائىل بولدۇم. بۇنى ھەقىقى ئەدەبىي لەززەت دەپ يوغان قالپاق كېيگۈزۈشكە ئەدەبىيات بىلىمىم چولتا كەلسىمۇ، كىشىنىڭ قەلبىگە كىرەلەيدىغان ئەسەرنى توغرا مەدىھلىيەلەيدىغانلىقىمغا خېلى ئىشىنىمەن.   ئاخىرىغا تەشنامەن....

ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.

UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 03:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىڭى باب



    2002-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ، مەن ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدىم. پويىزدىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش ئارىلىقىدا روھى كەيپىياتىم بەك مۇرەككەپ بولدى. تاكسىنى قەستەن ئۈچتاش قاتناش بېكىتىنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن ماڭغۇزدۇم. بىراق ماشىنا دەرىزىسىدىن ئۇنى ئىزدەپ ئۇياق-بۇياققا قارىمىدىم.
ئۆيگە كىرىشىمگە ئاپام مېنى قۇچاقلاپ قارشى ئالدى. نەفىسە بىلەن رەشىدە مەكتەپتىن قايتىپ كەلمەپتۇ. دادام كەچتە كېلىدىكەن. ئولتۇرۇپ بىر پىيالە چاي ئىچكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئاپام تەييار قىلىپ تۇرغان تۈرمەلنى ئالدىمغا قويۇپ مېنىڭ قانداق يەيدىغانلىقىمنى كۆرۈش ئۈچۈن قارشى تەرىپىمدە ئولتۇردى. تاماققا كېلىشنىڭ ئالدىدا سومكامنى ئاختۇرۇپ ئاپامغا ئالغان كۈمۈش ئۈزۈكنى قولىغا سېلىپ قويدۇم. ئۇ بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتى.
تاماقنى يەپ بولۇپ قولۇمنى يۇيغىلى چىقسام ئاپام بوۋام كەلگەندە بىردەم يىغلىۋالىدىغان ھېلىقى ھۇجرىنىڭ بۇلۇڭىدا يىغلاپ كېتىپتۇ.
- ئاپا ،نىمە ئىش بولدى؟ - تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
- جېنىم بالام، سەن چوڭ بوپسەن . مەن خۇش بولۇپ يىغلاۋاتىمەن. بۇ ماڭا تۇنجى قېتىم بىرنەرسە ئېلىپ بېرىشىڭ.سىنى ماڭا  ئاللاھ بەردى …نېمە دەي پۇتۇن ئۆمىرىمدە كۆرگەن جاپالىمنى بۈگۈن ئۇنتۇپ كەتتىم …ساڭا قىلغان دۇئالىرىم جاۋاپسىز قالماپتۇ ئاللاھقا شۇكرى  
بۇ گەپتىىن شۇنداق خۇش بولدۇم ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن  بەكمۇ خىجىل ھېس قىلدىم. ھەر قېتىم شىئەندىن قايتىپ كەلگۈچە گۈزەلنۇرغا ئۇنداق ياكى بۇنداق نەرسە ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتىم. تۆت يىلدىن بۇيان ئالغان ئوقۇش مۇكاپات كىنىشكىلىرىمنى ئاپام كۆرۈپ تۇرغان.گەرچە بۇنىڭ شەرەپ مۇكاپاتى ئىكەنلىكىنى بىلىپ خوشال بولغان بولسىمۇ ئەزەلدىن كۆزىگە ياش ئېلىپ باقمىغانىدى. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئوقۇش پۇلىدىن تۆلىنىپ ئاشقان قىسمىنى  گۈزەلنۇر ئىككىمىز خەجلەپ كەلگەن ئىدۇق. مەلۇم مەنىدىن ئەينى چاغدا گۈزەلنۇر قەلبىمدە قۇياش مەركەز بولغاندەك ئورۇندا تۇرغانلىقى ئېنىق. چۈنكى ئۇنى مەركەز قىلىپ ئادەتتىكى نورمال تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم. دىمەكچىمەنكى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش نىيتىدە بەلكىم ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ كۈچىدە بىر قانچە يىل ئىشلەپ ئۆي سېتىۋالىمەن، ئاندىن توي قىلىمەن، ئاندىن بالىلىق بولۇپ ئۇلارنى تەربىيلەشنىڭ غېمىغا پاتىمەن.تۇرمۇش  ۋەتىنى مىللىتى ئۈچۈن تۇغۇرسىنى ئىيىتقاندا ئۆزى تونىمايدىغان بىلمەيدىغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ يۇزلىرىنىڭ كۈلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ  خاتىرجەم تۇرمىشىدىن كىچىدىغان، توغرا دۇرۇس ياشايمەن دەپ ھەر قانداق بەدەلگە رازى بولىدىغان ئەلىگە ئوخشاش قېلىن –قېلىن كىتابلارنى كۆرۈپ زور بەدەللەر بىلەن  پىلانلىمىساممۇ ھايات ئەسلىدە مۇشۇنداق داۋاملاشماقچى ئىدى. كاللام كۈچلۈك بىر چايقالغاندىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. خۇددى ئاپام دىگەندەك چوڭ بولغان ئوخشايمەن.ئەمدى گۈزەلنۇرنىڭ ئىشىدا ئۇنى داۋاملىق تۇرمۇشۇمنىڭ مەركىزى قىلىپ ئايلىنىپ يۈرمەيمەن. بەلكى ئۇ مېنىڭ ھايات مۇساپەمدىكى مەركەز ئەمەس چىگىش بىر نۇقتا دەپ تونىيمەن يەنى مەن چوڭ بولۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە-تۇرمۇش سەپىرىمنىڭ مەلۇم بۆلىكىگە كەلگەندە –گۈزەلنۇردىن ئىبارەت بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدىم. ئەگەر ئۇنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتسەم ئادىللىق بولارمۇ؟ ياق بۇ قانداقمۇ ئادىللىق بولسۇن !؟؟ ئادەمنىڭ قانداقلىقى ھاياتنىڭ ئەجەللىك پەيتىدە قانداق مەيدان تۇتۇپ قايسى خىل  ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ ، بۇ ھايات مۇسپامدىكى شۇنداق بىر ۋەزىيەتكىن مەن  كىملىكىمنى ئىسسپاتلايمەن توغۇرسىنى ئىيىتقاندا ئۆزىمنى تونۇيمەن ۋە تونىتمەن !! بۇ ئويدىن خىيالىم دولقۇنلاپ كىتىۋىرىشتىن يىنىپ ئۆز  ئوربىتىشىغا قايتىپ كەلدى
- خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ساڭا تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن.
ئاپام كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ كۈلۈمسىرىدى:
- بالام، سېنى ماڭا نەرسە-كېرەك ئېلىپ بېرىدۇ دەپ باقمىدىم. سەن ياخشى كىيىنسەڭ، ياخشى يىسەڭ جاپادا يۇرمىسەڭلا مەن ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزى يىتىدۇ . مەن چىقىپ كىر يۇياي.-ئۇ شۇنداق دەپ ياشلىرىنى سۈرتۈپ چىقىپ كەتتى.
ئۆزەم چوڭ بولغان ھۇجرىدا يالغۇز قالدىم.بۇ ئۆينىڭ بۇلىڭى يەنى  ئاپام كۆڭلى يىرىم بولسا ئولتۇرۇپ يىغلايدىغان يەر يەنە ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان جاي ئىدى . بۇ يەردە ھەر زامان ياغلىق ،جەيناماز،تەسپى قاتارلىق نەرسىلەر بولاتتى . مەن ئۆزۈمچىلا جەينامازنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك بىر تېلېفون خاتىرسىنى قولۇمغا ئالدىم ،ناھايىتى كۆرۈمسىز ئىمىر چىمىر خەتلەرگە قاراپ ئاپامنىڭ خەت يىزىشنى ئۆگۇنۋالغانلىقىنى بىلدىم.ئۇنىڭدىكى خەتلەرنى ناھايتى تەستە ئوقۇدۇم   «…مۇھىت بالامنىڭ دەرتلەردىن قۇتىلىشى ئۈچۈن لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ(تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ- ئاپتوردىن) نى 500قىتىم ئوقۇيمەن.  قىزلىرىمنىڭ مۇرادىغا يىتىشى ئۈچۈن بۇنى كەچتە 500قىتىم ئوقۇيمەن …». بۇ دەپتەرنى يىپىپ قويۇپ كۆزلىرىم نەملەندى ۋە نىمىشقىدۇ ئۆزەمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلدىم .ئۇ ماڭا قاچاندىن باشلاپ بۇنداق دۇئالارنى قىلىۋاتقاندۇ-ھە !؟ ئانىلارنىڭ دۇئاسىنى جاۋاپسىز   قالمايدىغانلىقى راس بولسا بۇ دۇئالار مىنى نىمىلەرگە ئىرىشتۇرۇپ قانداق دەرتلەردىن ساقلاپ قالغاندۇ ؟!؟بەرىبىر جاۋابى ئېنىق بولالمايدىغان سىرلىق سۇئالاردىن چىقىپ بۇ ئۆينىڭ  كېپىنەك گۈل بېسىلغان تاملىرىغا تىكىلدىم. بۇ ئۆيدىكى كېپىنەك باشقا ئۆيدىكىلەردىن قوپال بېسىلغان .بۇنداق گۈل بېسىش تېخنىكىسىنى دادام مەھەللىمىز بويىچە ئەڭ ئالدى بىلەن قوللانغان ئادەم بولسا كېرەك. ئۇ ئۆيىمىزگە گۈل باسقاندا قوشنىلار كىرىپ كۆرۈشكەن ئىدى. دادام ماڭا «ئۆزەڭنىڭ ئۆيىگە ئۆزەڭ ئىشلەپ باق» دەپ بۇ ئۆينى ئۆزەمگە قىلدۇرغان ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ مېنىڭ 13-12  ياش ۋاقىتلىرىم بولۇپ ئىككى كۈن ئىشلەپ بۇ خىزمەتنى ئاران تاماملىغان ئىدىم. دادام قىلغان ئىشىمدىن سۆيۈنۈپ«مانا ئوغلۇم چوڭ بوپتۇ»دەپ مېنى سۆيۈپ قويغان ئىدى. ئەينى ۋاقتىتا گەرچە ئۇنىڭ ساقىلى مەڭزىمگە سانجىپ ئاغرىتىۋەتكەن بولسىمۇ خوشاللىقىمدىن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم.
كېيىن دادام باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ گۈل بېسىپ بەردى. باشقىلارنىڭ كېپىنەك ئەمەس باشقا نۇسخىدىكى نەقىشلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى دادامنىڭ ماڭا قوپال ھەم سەت سىزىپ بەرگەن گۈل نۇسخىلىرىدىن بىلدىم. ئۇ ماڭا« مۇشۇ نۇسخىدىكى تولۇقلارنى تېپىپ كەل» دەپ بەش خىل مېتال دۇكىنىغا ئەۋەتكەنىدى.
ئېھتىمال شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ بولسا كېرەك، مەن گۈللەرگە قىزىقىپ قالغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى دادامغا ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان گۈل نۇسخسىدىن بىرنى كۆرسەتتىم.
- بۇ نۇسخا يېڭى چىقىپتۇمۇ؟-دىدى دادام قەغەزگە سىنچىلاپ قاراپ.
- شۇنداق، دادا- ئۇنىڭ مەن سىزغان بۇ گۈل نۇسخسى توغرىسىدا جىقراق گەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يالغان ئېيتتىم.
- بۇ نۇسخىدا ئۆينى ئەمەس ھەشەمەت يىغىن زالىنى بېزىسە بولغۇدەك.
دادام تاھازىرغىچە ئۇ گۈل نۇسخسىنىڭ مېنىڭ ئىجادىيىتىم ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن گۈل نۇسخىلىرىنى ئىجاد قىلدىم. ئۇنىڭدىن ئېشىپ چىرايلىق جايلارنى سىزىدىغان بولۇپ مەنزىرە رەسىملىرىنىمۇ ئىجاد قىلدىم. مەنزىرە رەسىملىرىنى توپلايدىغان ياخشى ئادەتنىمۇ يېتىلدۈرىۋالدىم. لېكىن رەسساملىقىمنى ئاپاممۇ، داداممۇ قوللىماي قويدى. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار ئىدى. دادام «نان تېپىپ يىگىلى بولمايدىغان ئىش»دىسە، ئاپام «ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىش گۇناھ» دەيتتى. ئۆزەممۇ رەسسام بولۇشنى خىيالىمغا ئېلىپ كېلىپ باقماپتىمەن.
خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئاستىغا نەفىسە بىلەن رەشىدەنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ نىمە كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلىقىغا قىزىقىپ بىرنەچچە كىتابنى ئېلىپ ۋاراقلاپ باقتىم. قولۇمغا قەيەردىندۇر ئۈستىگە«23-باشلانغۇچ 6-يىللىق ب سىنىپ رەشىدە تۆمۈر» دەپ يېزىلغان ئەدەبىيات تاپشۇرۇق دەپتىرى چىقىپ قالدى. ئەزەلدىن ئىككى سىڭلىمنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئېھتىمال بۇ ماڭا دادامدىن قالغان مىجەز بولسا كېرەك. لېكىن بۇ قېتىم نېمىشقىكىن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بىلگۈم كېلىپ دەپتەرنى ئېچىپ قېتىپ قالدىم.
«مېنىڭ ئاكام»
مەن ئاكامنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. ئاكام شىئەن قاتناش ئۇنۋېرستىتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ مېنىڭ قەلبىمدىكى قەھرىمان، ئۆگىنىش ئۈلگەم.
ئۇ ھەريىلى ئۆيگە قايتقاندا قىپقىزىل مۇكاپات ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. دادام ئوغلىدىن پەخىرلىنىپ بۇلارنى دوستلىرىغا كۆرسىتىدۇ. مېھمانلار ئۇ توغرىلىق ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىشىدۇ. ئاپام دائىم بىزنى ئاكامدىن ئۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ. ئائىلىمىزدە مۇشۇنداق ئاكىنىڭ بارلىقىدىن ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز. چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئاكامغا ئوخشاش چوڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇپ ۋەتەن خەلىققە بىر كىشلىك تۆھپە قوشىمەن.
ئوقۇتقۇچى ئۇ يازغان ماقالىگە ‹ئەلا›دىگەن باھانى يېزىپ 98نومۇر قويۇپتۇ. يۈزۈم چىمىلداپ قىزىپ كەتتى. دەپتەرنى يېپىپ قويۇپ قەلەم قىستۇرۇلغان يەنە بىر خاتىرىگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ نەفىسەنىڭ خاتىرىسى ئىكەن.
2002-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ھاۋا ئوچۇق
بۈگۈن دادام تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپ:«ئەينى ۋاقتىتا دادام مېنى تۇتۇپ بەرگەن موللا قۇرئان ئايەتلىرىنى ياخشى يادلىمىدىڭ دەپ تۈۋرۈككە ئېسىپ قويمىغان بولسا مەن بۇنداق قارا تۈرۈك ئادەم بولۇپ قالمايتىم. شۇ چاغدا مەن تال چىۋىقتا ئون نەچچە رەت ئۇرۇلغان. لېكىن دادام قاتتىق قول موللىدىن ئالىم چىقىدۇ دەپ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپمۇ قويمىغانىدى. مانا مەن مۇھىد بالامنى ئۆزىگە قويىۋەتتىم .ئۆگىنىش قىل دەپ كەينىدىن يۈرمىدىم. ئۇ مانا بىر ئوبدان مۇكاپات ئېلىپ ئوقۇۋاتمامدۇ»دىدى. ئاكام ئوقۇشقا ماڭغاندىن كېيىن ئۆيىمىزدە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. دادام ھاراقنى تاشلىدى . يۈرۈش-تۇرۇشىمۇ رەتلىك بولۇپ كەتتى. تېخى رەشىدە ئىككىمىزنى ئېلىپ باغچىلاردا ئوينىتىدىغان بولدى. مەن ئاكامغا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيمەن . ئۇ بولغاچقا دادام كېچىلىرى ئۆيگە دەلدەڭشىپ كىرىپ تاماق قىل دەپ ئاپامنى ئۇرمايدىغان بولدى. رەشىدە ئىككىمىز دادامنىڭ ھاراق ئىچمىگەن كۈنلىرىنى خاتىرىلەيمىز دەپ ئۇ ھاراق ئىچمىگەن ھەر بىر كۈندە بىر تاشنى قۇتىغا سېلىپ كېلىۋاتىمىز. مانا بۇگۈن 207 تال تاش بوپتۇ. دىمەك ئۇ ئىزچىل ھاراق ئىچمەيۋاتقىلى 207 كۈن بوپتۇ. دادام يەنە ھاراق ئىچىپ قالارمۇ؟ خۇدا ئۆزى ساقلىسۇن!...
خاتىرىنى قويۇپ قويۇپ ئۇلارنىڭ قۇتىسىنى ئىزدىدىم. قانچە ئىزدىسەممۇ تاپالمىدىم. چوڭ ئۆيگە چىقتىم. بالكونغىمۇ چىقتىم. ھەتتا ئىزدىمىگەن ھاجەتخانىمۇ قالمىدى.
ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىككى سىڭلىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن بولسا كېرەك دەپ بېرىپ ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا سۇلايمان تاغام  كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ. ئۇنى ئۆيگە باشلاپ ئاپامنى چاقىردىم. سالام- سائەتتىن كېيىن تاغام مەندىن ئادەتتىكى تىنچ-ئامانلىق سوئاللىرىنى سورىدى. مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇردۇم. ئۇ چامغۇر ئېلىپ كەپتۇ. «كەلپىنىڭ چامغۇرىكەن، يولدا ئۇچراپ قالغانىدى، ئالغاچ كەلدىم. چامغۇر ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. توغرىمۇ دوختۇر بالام؟ » ئاپام  رەھمەت ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن: «بۈگۈن مۇھىد قايتىپ كەلدى. ھەممىمىز بىر ئوپچە تاماق قىلىپ يەيلى» دىدى. ئىككى سىڭلىم، دادام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەممەيلەن داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قۇمۇل ياپمىسى يېدۇق. ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى بۇندىن بۇرۇن بۇنداق چوڭقۇر ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن. خۇشلۇقىمدىن قولۇمغا چىققانلىكى نەرسىنى يەۋېرىپ خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە بىئارام بولدۇم. قايناقسۇ ئىچكىلى ئاشخانىغا چىققىنىمدا ئاپام:
     - نېمە بولدى؟ ئۇسساپ قالدىڭمۇ؟- دەپ سورىدى.
    - تاماقنى جىق يەۋالغان ئوخشايمەن، ئاشقازىنىم ئېغىرلىشىپ بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەن.
    - ئۇنداق بولسا ساڭا يېزىخو دەملەپ بېرەي.
    - نېمە ئۇ؟
- ئۇنى تاغ چېيى دەپمۇ قويىمىز. تاماقنى جىق يەپ ئاشقازىنىڭ بىئارام بولغاندا ، گازىر- خاسىڭ دىگەندەكلەر بىلەن گۆشنى ئارىلاشتۇرۇپ يەپ چېقىل بولۇپ ، سېسىق كىكىرىپ قالغىنىڭدا، ئىشقىلىپ  مەيدەڭ ئېغىر بولۇپ قالغاندا بۇ چايدىن ئىككى پىيالە ئىچىۋەتسەڭ بىر دەمدىلا مەيدەڭ يورۇق، يەڭگىل بولۇپ قالىسەن. بوۋاڭ ھەر قۇربان ھېيتتا ھېيتتلاپ كىرگەن جامائەتكە « ھەر قانچە جىق گۆش يىسەڭلارمۇ مۇشۇ چاي سىڭدۈرىۋېتىدۇ» مۇشۇ چاينى دەملەپ بېرىدۇ. بوۋاڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلەر ھەتتا « گۆش قويمىساڭمۇ تاغ چېيىڭدىن دەملەپ بەرگىن» دىيىشىپ كېتىدۇ. بوۋاڭ تاغ ئارشىڭىغا چىققىنىدا يېزىخودىن بىر مۇنچە ئېلىپ كېلىپ قولۇم- قوشنا ، ئۇرۇغ- تۇغقانلارغا تارقىتىپ بېرەتتى. بوۋاڭنىڭ خاسىيەتلىك چېيى ساڭىمۇ شىپا قىلىدۇ، بالام. ھە مانا، قېنى ئىچكىن.
ئاپام گېپىنى تۈگەتكۈچە چېيىنىمۇ تەييار قىلغانىدى. تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئاپامنىڭ دوختۇرلاردەك سۆزلەپ كەتكىنىدىن كۈلگۈم كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى قىلىپ ئۇ ئۇزاتقان پىيالىدىكى چاينى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتىم. ئۇنىڭ دورا چىينى ئىچىۋىتىپ خاتىرىسىدىكى ئىمىر چىمىز سەت خەتلەر خىيالىمغا كېلىپ قالدى  
-ئاپا خەت يىزىشىنى ئۆگىنىۋلدىڭما ؟
-قىزلىرىم ئۆگىتىپ قويدى ،ئاكامنىڭ ئالدىدا خىجىل بولمامسەن دەپ يۇرۇپ ئۆگەتتى ..
  چاينى ئىچىپ بىر ئازدىن كېيىنلا  ئاشقازىنىمنىڭ بىئاراملىقى راسىت دىگەندەك يوقىلىپ يەڭگىل بولۇپ قالدىم. شۇنچە يىل تىببى بىلىم ئوقۇغان مەن خىيالىمغا ئاران قايناقسۇنىلا ئەكىلەلەپتىمەن. ماڭا ئەسقاتقان نەرسىنىڭ ئاپامنىڭ ئاددى بىر تۇرمۇش تەجرىبىسى بولىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن.  
ئاشقازىنىمنىڭ دەردى بېسىلىپ  ئۆيدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، سىڭىللىرىم ، ئاپام-داداملارنى خىيال قىلىپ ياتتىم.كونىلار «كۆڭۈلدە كۆز بولمىسا، كۆز دىگەن تام تۆشۈكى» دەپ توغرا  ئېيتىپتىكەن. تۆت يىلنىڭ ياقى ئۆيىمىزنى بۇنچە ئەستايىدىل كۆزىتىپ ئۇلارنى ئويلاپ باقمىغانلىقىم غەلىتە ئىش. دەرۋەقە كاللام گۈزەلنۇرنىڭ نىمە دىگەنلىكى ،مېنىڭ نېمىنى ئويلىغانلىقىم بىلەن توشۇپ كېتىپ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمگە مۇناسىپ ئورۇن قالماپتىكەن. قارىغاندا مۇھەببەت دىگەن راستىنلا تەلۋە نەرسىكەن.ئەمما تەلۋە نەرسىكەن دەپلا گەپلەرنى يىغىشتۇرۋەتكىلى بولامدۇ ؟!  قىز يىگىتلەرنىڭ ئارسىدىكى بۇ نەرسە زادى نىمە؟ كېپىنەك بېسىلغان تورۇسقا قاراپ يېتىپ مەن ھازىرغىچە كۆرگەن مۇھەببەت ئەسەرلىرىنى خىيال قىلشقا ئۇرۇندۇم. لېكىن ئوقۇغان نەرسىلىرىمنىڭ ئازلىقىدىن كاللامغا كەلگىنى ھىندىستاننىڭ ئارتىسلىرىنىڭ يايلاق،گۈللۈك ،باغچا،ساراي ۋە نۇرچاقناپ تۇرغان سەھنىلەردىكى ئاللىقانداق ناخشىلارنى ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بولدى ۋە بۇ  گۈزەلنۇر ئىككىمىزنىڭ تاھىر-زۆھرە قەبرىسىدىكى «مەڭگۈ ئايرىلمايمىز» دىگەن قەسىمىمىز شۇ كۆرۈنۈشلەر ئىچىگە سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. بىر چاغلاردا ئۇنىڭسىز ھاياتنى مەنىسىز ھېس قىلىشلىرىم،  ھەتتا بىكاردىن-بىكار تامغا ئۈسىۋېلىشلارنى خىيال قىلغانلىرىم، تىخى قاتتىق سوغۇقتا ئۇنىڭ ياتىقى ئالدىدا سائەتلەپ تۇرۇشلىرىم نىمە گەپ ئەمدى؟  ھىندى فىلىملىرىدىكى ساددا ۋە فانتازىيەلەشتۈرىۋېىلگەن ئاشىقلىق  بىلەن مىنىڭ مۇھەببەت سەەرگۈزەشتلىرىمنىڭ خىيالەن بىر بىرىگە كىرىشىپ كىتىشلىرى  ئىچىمدىن بىر سەسكىنىش ئۆرلىتىپ قويدى . راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارامدىم؟
ئەگەر ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان بولسا مەن يەنىلا.........بىردىنلا غۇرۇرۇم كۈچىيىپ كەتتى. ھازىرقى ھالىتىمدىن بىر خىل رازىمەنلىك ھېس قىلدىم. دىمىسىمۇ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئىشىم؟ ماڭا نىمە كەپتۇ؟ ئەگەر ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتسەمچۇ؟ مۇشۇ ھالەتتە خاتىرجەم ياشاۋەرسەم بۇمۇ بىر تاللاش يولى. قايسى بىر چاغدا سۇلايمان تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۇچراتقان قىزنى كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىم. شۇ چاغدا ئۇ ماڭا يۇپېتىرنىڭ نۇرھالقىسىنى كۆرسىتىپ خۇددى ساياھەت يېتەكچىسىدەك چۈشەندۈرۈپ كەتكەنىدى. سۇلايمان تاغام تېخى مېنى ئىككى قىزىغا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. ماڭاي دىسەم يول، ئالاي دىسەم ئېسىل قىزلارنى تاپالايدىغان تۇرسام نېمىشقا گۈزەلنۇرنى قايتىدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى خار قىلىدىكەنمەن؟! ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا ئالدىراپ ئۈرۈمچىگە كېلىمەن؟ ئەلىنىڭ ئىشىنى دەپمۇ؟ بۇ خىيال ماڭا ئاراملىق بىرەلىمىدى بىردىنلا «مۇھىد،مېنى كىرگۈزىۋېتىڭ، مەن قورقۇپ كېتىۋاتىمەن »دىگەن چۈشۇمدە ئاڭلانغا ئاۋازنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىغاندەك بولۇپ يۈرىكىم سىقىلىپ كەتتى ۋە ئارقىدىن تەقدىر مۇزىكىسىنىڭ رىتىمى ئىچىدە  بىرى ماڭا "سەن شۇنچىلىك ئادەم"مۇ دەۋاتقاندەك بىلىنىپ نەردىندۇ بىر يەردىن شۇنداق  ئاچچىق غايىۋى بىر تەستەك يىگەندەك بولدۇم .  
قوبۇل قىلىشىم كىرەككى  روھىيىتىمدە گۈزەلنۇر بەلكىم مەركەزلىك ھەتتا ئىلاھلىق ئورنىدا تۇرۇپ قېلىپ، مېنىڭ ئېغىر خاتالىشىشمغا سەۋەپ بولغان. دەل شۇنداق بولغاچقا گۈزەلنۇرنى قەلبىمدىن چىقىرىپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانمەن، ئۇنى ئاشۇ ئورندىن ئاللاھ ئاللاھ دەپ يۇرۇپ  ئىتتىرىپ چىقارغان ئىدىم. ئۇ ئىگىلەپ تۇرغان جايدىن بىر يورۇق نۇرنى يەنى خۇدادىن ئىبارەت بىر ياراتقۇچىنىڭ نۇرىنى كۆرگەنىدىم. مۇشۇ نۇر بىلەن ئۆزەمنىڭ ياشاش يولىنى ئىزىغا چۈشۈرىۋالدىم. لېكىن ۋە لىكىن ئۇ  ھىچ بىر زامان مىنى ئىلاھ قىلىۋال دىمىگەن،ھاياتىڭدا مەندىن باشقا ھىچ نەرسە بولمىسۇن دىمىگەن ئۇنىڭغا زىيادە بىرىلىپ سالغان بولسام بۇ تامامەن ئۆزەمنىڭ ئىشىكىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق روشەنكى يۇرىكىمنى ۋجداننىڭ كۈچى بىلەن تۇتقان ھالدا  گۇزىلنۇرغا   مۇناسىپ ئورۇن بېرىشىم كېرەك ئىدى . ئۇ راستىنلا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان بولسا ...... بىراق ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۆرۈشىمەن؟ نىمە دەيمەن ؟ بۇ توغرىلىق كاللامدا ئېنىق بىر سان يوق. خەت يېزىشىم كېرەكمۇ؟ تېلىفون ئۇرىمەنمۇ؟ ياكى ئۈچتاش ئەتراپىدا يەنە ئەرۋاھلارچە ئايلىنىپ يۈرىمەنمۇ؟....
ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاۋۋال دوختۇرخانىدىكى رەسمىيەتلىرىمنى بېجىرىپ تۇرمۇشىمنى نورمال تەرتىپكە چۈشۈرگەندىن كېيىن باشقا ئىشلارنى ئويلىشىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە رەسمىيەت ئالاقىلەرنى ئوڭۇشلۇق تۈگەتتىم.
بۇ يەردىكى بىمارلارنىڭ ئەھۋالى مەن بۇرۇن پىراكتىكا قىلغان شىئەندىكى دوختۇرخانىدىكى كېسەللەردىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن. دوختۇرخانىنىڭ پۇلىنى ئۆيلىرىنى سېتىپ تۆلەيدىغان چەت- نامرات جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئىشقا چۈشۈپ ئىككىنچى كۈنىلا قان تومۇر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كېرىيەدىن كەلگەن بىر ئايالنىڭ تۇغقانلىرى مەسئۇل دوختۇرلارغا مېۋە-چىۋە توشىغىلى تۇردى. بۇ نەرسىلەر گېلىمنى تېشىپ چىقىدىغاندەك بىر تالمۇ يېمىدىم. لېكىن بىمارلار مېنىڭ ئالمايۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ يانچۇقىمغا سېلىپ قويىدىغان بولىۋالدى. كېيىنكى ھەپتىسى بۇ ئىشلاردىن ئەجەبلەنمەيدىغان بولدۇم، بىراق داۋاملىق ئۇلارنىڭ بەرگەن نەرسىلىرىنى ئالمىدىم.كاللامدىكى چىگىشلەرنىڭ سەۋەبىدىنمۇ مەيلى دوختۇر سستىرا مەيىلى بىمار بولسۇن جىق گەپ قىلماي يۇردۇم شۇ سەۋەپتىمۇ قانداق  بۇ بۆلۈمدە ياتقان تۆت بىمار مېنى خەنزۇ مىجەز بالىكەن دەپ ماڭا «مۇ» دىگەن خەنزۇچە فامىلىنى قويۇۋاپتۇ. بىر قېتىم ياتاققا كىرىۋېتىپ ئۇلارنىڭ« ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىىسى شىنجاڭنى چۈشەنمەيدۇ، مىللى ئەنئەنىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئەسلىنى ئۇنۇتقانلار»دېيىشۋاتقانلىقنى ئاڭلاپ قالدىم،لېكىن گەپ قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغىمۇ كۆنۈپ  لەقەملىكمۇ بولۇپ قالدىم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسمۇ گۈزەلنۇرنىڭ ئىشىغا ماڭالمىدىم. بىراق ئەلى تاپىلىغان ئىشنى ئۇنتۇپ قالماي ئۆزەم يېزىۋالغان خىزمەتلەر تىزىملىكىنى تاپتىم.
1.جۇڭگو ئىچىملىك بازىرىنىڭ 2000-يىللىق كەسىپ ئەھۋالىدىن ئومۇمىي دوكلاتنى تېپىش.
2.جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپوسى، ئىستىمال ئالاھىدىلىكى، ئاساسلىق تىجارەت تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلاردىن يازما ماتېرىيال تەييارلاش.
3.زەم زەم ئىچىملىكلىرىنىڭ ئېلان ئۇنۈمدارلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش.
بىرىنچى خىزمەتنى ئىنتېرنىت تورىدىن ئاختۇرۇپ ئاسانلا تۈگەتتىم. شۇ خىلدىكى كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئەلىگە ئەۋەتىپ بەردىم. لېكىن قالغانلارنى تاماملاش ئاسانغا توختىمىدى، كۈتۈپخانا، بازار دىگەنلەرگە قاتراپ ئىشنى ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى بازار تەكشۈرۈش كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلىپ تۈگەتتىم.

كۆيۈمچان ئەزا

تۆكمىگىن ياش ئەس

UID
9498
يازما
50
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1613
تىزىملاتقان
2011-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 11:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ تىزراق يوللىشىڭىزنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم.بەكلا تىز تۈگەپ كەتتى.....

ۋىنىرا

كۆيۈمچان ئەزا

ھېچ ئىش قىلمىغان

UID
4991
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1458
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 13:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا توغراقتەك تەشنا بولۇۋاتىمىز.  قەلىمىڭلار  تېخىمۇ چاپقۇر رەۋىشتە ھەرىپلەر باغچىسىدا <<قۇترىسۇن>>. شۇنداق ئەركىن، شۇنداق بىمالال، شۇقەدەر چىن ۋە چىگىش...


بىر نەچچە نوقتا بار. ھازىرچە بۇنى ئوتتۇرىغا قويغۇم يوق، ئەسەر مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن تامام بولغاندىن سوڭرى، سەيدىغان جىق گەپلىرىم بار. گەرچە مەن ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا، باشقىلاردەك خاتىرەمنى نۇرغۇن <<ئىددىيە ھاسىلاتلىرى>>بىلەن تولدۇرمىغان بولساممۇ، كاللامنى نۇرغۇن <<پىكىر ھاسىلاتلىرى>> چۇلغىۋالدى.
داۋامىغا ئىنتىزارمىز...

ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1003
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42726
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
423 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 17:11:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئەمدى ئوقۇپتىمەن، توۋۋا...

ئەركىن پىكىردە راۋاجلىنىپ، پېرسوناژلار دېئالوگلىرىدا كىشىگە يېڭى ھەم ئۆزگىچە مەزمۇنلارنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بۇ ھېكايىنى ئوخشاش بولمىغان ھېسلار ئارىسىدا ئوقۇدۇم. ئاپتورنىڭ بايانلىرى چىنلىقنى ئاساس قىلىپ يېزىلىپتۇ، بىر يەرلىرىدە دوستۇم خۇددى ماڭا ئۆز كەچۈرمىشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك؛ يەنە بىر يەرلىرىدە مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە بىر كىم چۈشەنچە بېرىۋاتقاندەك؛ بىر يەرلىرىدە «ئىزدىنىش» رومانىدىكى كىشىنى ئۆگۈنۈشكە ئۈندەيدىغان قۇرلار قايتا بىر ئەكس ئېتىۋاتقاندەك؛ يەنە بىر يەرلىرىدە مۇھەببەت سۆزلەۋاتقاندەك ... تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۈم، مەندە بىرخىل «ئويلار جەملىمىسى» پەيدا بولدى.

ئاپاشنى ھەم ئىككى سىڭىلچاقنى تەسۋىرلىگەن قۇرلار، كەينىدىرەك جايناماز ئۈستىدىكى بايانلارنى ئوقۇغان چېغىمدا ئىختىيارسىز كۆزلىرىم نەملەشتى... نەقەدەر چىن ھېسىياتلار-ھە.

دىليار، ئەسىرىڭىزنىڭ كەينىنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە مەنالار بىلەن يۇغۇرىلىشغا ئىشىنىمەن، ساقلاپ قالدۇق.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

يېڭى يۇلتۇز

خاتىرجەملىك_بەخ

UID
9446
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 23:46:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىكايىدىكى مەننىڭ ئازاپتىن كىيىن دوزاققا ماڭماي ھىدايەتكە ماڭغىندىن خۇشالمەن.تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىەتلەرنى ئۈمىد ئارقىلىق ئىپادىلەش  ھىدايەتكە باشلاش .ئەسەرلىرمىز يۆلنىشى بولۇپ قالغۇسى.  يىڭى ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغۇم بار.


خاتىرجەملىك_بەخىت

UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 00:05:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلارغا :
ئەسەردىكى قەھرىمانلار ۋە ۋەقەلەر مۇشۇ كۈنلەردە مىنىمۇ گاھ ھاياجانغا سىلىپ جانلاندۇرسا گاھ   بىئارام قىلىپ ئارازمسىزلاشتۇرۋاتىدۇ ،يىزىش جەريانىدا كۆتۈرۈلگەن ئاچچىق چۈچۈك  ھىسىى تۇيغۇلارغا بەرداشلىق بىرىپ ئۇنى ئەسلى ئىپادىسى ،مەنىسى ۋە تەمى بىلەن قەلەمگە ئىلىش ھەقىيقەتەن  مۇشكۈل بولىۋاتىدۇ .بۇ مۇشكۇلاتلارغا   قەلەم قۇۋىتىم بەرگەن كۈچ بىلەن قارشى كەرمەي كىبىرنىڭ تەپتىدە قاراپ قويۇپلا  يەنە  يۇزسىزلەرچە يىزۋەرگەنلىكىم ئۇچۈن مەندە ئىزچىل شۇنداق بىر دەككە دۈكىلىك بار يەنى   ئەسەردىكى قەھرىمانلار  بىردىنلا پەيدا بولۇپ بۇ ھىكايىنى ئولتۇرۇپ ئوقىسا  قەلەم ئىگىسى ماڭا ھۆمىيىپ قارايدىغاندەك بىلىندۇ .توغرا شۇنچە تىرشىۋاتقان بولساممۇ بۇ ئادەملەرنىڭ يۇرەك قىتىدىكى ئاشۇ بىر نەرسىلەرنى   چۇشەندۇرۇپ بولالمايدىغاندەك بۇغىلىماقتىمەن ،مۇھىد ،گۈزەلنۇر ۋە ئەلى  ئەسەردىكى  بارلىق ئادەملەر قەلەم قۇۋىتىمنىڭ يىتەرسزلىگىدىن مىنى ئەپۇ قىلىسۇن ! يازغانچە يارالمىش بارچە نەرسىلەرنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىنسانىڭ قەلبدىكى ئەبىدىيلىك ئالىمىگە تۇتاش روھىنىڭ ئەمىلىيەتتە  قانچلىك پارلاق ۋە مۇقەددەسلىكىنى تۇيماقتىمەن ئەمما ۋە ئەمما بۇ مۇققەدەس نەسرىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس ئۇنىڭدىن چاچاراپ چىقىۋاتقان  نۇرىغا يۇزلىنىشمۇ شۇنچىلىك تەس ئىكەن. ئەزىز تورداشلارنىڭ <<ئىددىيە ھاسىلاتلىرى>>،<<پىكىر ھاسىلاتلىرى>> ، «ئويلار جەملىمىسى»دىگەن ئىبارىلىرىگە تەشككۇر  ،بۇ ئىبارىلەرنىڭ ھۆرمىتى ماڭا ئوخشاش ئەزەلدىن ئەدىبى ئەسەر يىزىپ باقمىغان ئادەمگە يىزىشمنىڭ ئەھمىيەلىك بولىۋاتقانلىقىغا بىر ئاز ئەمىنلىك بىرىۋاتىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

تېنىڭ ساق، روھىڭ

UID
3576
يازما
215
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
6986
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 00:12:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىليار ئەپەندىمنىڭ بۇ ئەسىرىنى تاقىلاپ-تاقىلاپ بىر كۆرۈپ چىقتىم. ئەمدى رەسمى بىر ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ ھوزۇرلىناي. ھىلىقى خۇيزۇ ئالىمنى ئۇستاز تۇتۇپ قويغۇدەك ئادەم ئىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش