بۇ 78قەۋەتتىكىatesh يوللىغان 2011-02-27 01:11 غا قارتىلغان :
oztekin مەن دىليار دىگەن ئادەمگە پىكرىمى دەپ قويسام سىزگە دەز كىتىپتىغۇ ؟ ئەلكۇيدىكى باشقۇرغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئەدىبى ئەسىرگە مۇنازىرە ئارلاشتۇرۋالماڭلار دەپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەي بىر مۇنچە گەپ يىزىپ كىتىپسىزغۇ ؟ سورۇنغا دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىڭىزدىن ھەر ئىشنىڭ يولى ئۆلچىمى قايدىسى بولىدىغانلقىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ ،ئۇكام ئاشپەزلىكىنىڭمۇ قايدىسى بار ھەۋىسىم بار كۆڭلىم بار دەپلا ئەدىبىياتنىڭ ئەقەللى قايدىلىرىنى بىلمەي قارۇغۇلارچە يىزىۋەرگىلى بولمايدۇ . دىليارنىڭ ئەسىرىدە ئىلمىيلىك پۇرىقى قويۇق ھەتتا بەزى يەرلىرى ژورناللاردىن كۆچۇرۇپ ئالغاندەك ماقالىگىلا ئوخشاپ قالغان ،ئەدىبى ئەسەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك رەڭدار ۋەقەلەر بەك ئاز بولغاچقا ئوقىغان ئادەم زىرىكىپ قالىدۇ. ئاپتور قەلىمىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقتىم بۇ ئادەم كىتاپ پەلسەپە دۇنياسىغا بىشى بىلەن كىرىپ كىتىپ رىيال دۇنيانى چىن مەنىسى بىلەن كۆزىتەلمەي قاپتۇ شۇڭا ئەسەر كىشىنىڭ قەلبىنى زىل زىلىگە سالىدىغان ھاياجانلىق كۆرنىشىلەرگە باي ئەمەس ،ئاپتور بۇ كەمچىلىكنى ھە دىسلا پەلسەپە ھىكمەت ئارلاشتۇرۇپ يوشۇرۇپ قالماقچى بولغان لىكىن بۇ ئەدىبىيات تازا تەلەپ قىلىپ كەتمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ زىيادە قىتىلىپ مىڭىشى ئارقىسىدا ئەسەر ئەدىبىلىكىنى پەيدىن پەي يوقىتىپ مىڭىپتۇ مەن بۇ ئىنكاسىنى ئەسەرنى ئوقىمايلا يازمىدىم ئەسەرنى ناھايىتى تەپسىلى ئوقۇپ ھىس قىلغىنىم بۇ بالىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرى سالمىقى ئىغىر پەلسەپەۋى پىكىرلەركەن شۇڭا بۇ يەردە پايپاق دەسسەپ(ئۇششاق سولتەكلەرقىزىقىدىغان گەپلەرنى قىلىپ،نەرسىلەرنى يىزىپ ) كىچىك بالىلارنىڭ ئارسىدا يوقىلاڭ ئويۇن ئوينىماي ئىشىنى تىپىپ دىمەكچى بولغانلىرىنى يولى بىلەن يەنى ماقالە ئارقىلىپ يازسسا ياخشى بولغىدەك دىگەن پىكىر بەردىم . مىنىڭ ئۇنداق ئۇ يەر بۇ يەرىنى چوقىلايدىغانغا ۋاقتىممۇ يوق ،دىليارغا ئوخشاش تەپەككۇرى ئۆتكۈر ياشلارنىڭ تايىنى يوق شۇملارنىڭ ئىسقارتىش ۋە چاۋاكلىرىدا بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆپ كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتىلارچە كۆيۈنۇپ پىكىر بەردىم ، ئاقىل نادانلارنىڭ باشلىرىغا ئىلىشىنى تاما قىلماس ھەقىيقى دانا ئالقاپلار تۇتقان گۇل ۋە شەرەپنامىلەردىن ئەۋلىيانىڭ تەستىكىنى ئەلا بىلىدۇ،بۇلارنى سىز چۈشىنىپ كەتمەسلىكىڭىز مۈنكۈن لىكىن دىليار ئەپەندى چۇشىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،دىليار ئەپەندى بولسا بۇ تايىنى يوق ،قالايمىقان ئەسەرگە بىكار ۋاقتىڭىزنى كۈچىڭىزنى زايا قىلماي بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇپ ياخشى ئىلمى ئەسەر ئۈچۈن تىرىشىڭ
ئەسەرنى ماختاپ كەتكەنلەر ئارسىدا باشقۇرغىچىلار بار ئىكەن ،سىلەر بىر ئاز ئەدىبىياتنىڭ قانداق بولىشى ھەققىدە جنشۇ قىلىپ قويساڭلاربولغىدەك 
مەنچە سىز ئەدىبىي ئەسەرلەر توغرىسدىكى بىلىمىڭىزنى تېىخمۇ مۇھتەھكەملەپ ئاندىن پىكىر ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولغۇدەك. سىزنىڭ ئەدىبىي ئەسەرگە قارىتا چۈشەنچىڭىزنىڭ بۇنچە تېيىزلىقىغا باقماي قىلغان پىكىرلىرىڭىزدىن كۈلۈپ كەتتىم...
دېليار ئەپەندى،سىزنىڭ سۇغۇققانلىق بىلەن ھەممە ئىنكاسلارغا ئارىلىشىۋالماستىن ئەسەر مۇۋەپپىقىيىتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئېقتىدارىنى نامايەن قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز