ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

نادانغا نەسھەت ق

UID
3368
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
870
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 17:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ظاتەش سىز نەدىن كەلگەن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟بىز ظذششاق شذملارمىكەنمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ظەمىسە سىزچذ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟سىز جالالىدىن بەەراممذ؟سىز زوردذن سابىرمذ؟ سىز قايسى مەكتەپتە ظوقذغان؟؟؟؟؟؟؟؟بولدى ظوشذق گەپ ظىشەككە يذك...ظارتذق پاراڭ سىلىپ إاقىت ظىسراپ قىلغذم يوق.... قىسقىسى ظىشڭىزنى قىلىڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
8612
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
910
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 19:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئاتېش،" راستلا ئاتەشكەن، قەلبىدە يېنىۋاتقان ھەسەت ئوتلىرىمۇ
باش سۈرىتىدىن چاچراپ تۇرىدۇ،،،!.ھازىرقى  بىز ئۇيغۇيلاردىكى
مەنىۋى كىرزىس شۇكى، باشقا ئەللەر ئالىملىرى قانچە توملۇق كىتاپلار
يازامدۇ، ھەشەمەت داچا-قەسىرلەر سالامدۇ، ۋەياكى ئايغا چىقامدۇ،،،
زىنھار كارى يوقكى؛ئەمما مىللىتىمىزدىن بىر ئالىمنىڭ، بىريازغۇچىنىڭ،
ئوتتۇرىغا چىقىشىغا،،،،،،،،،چىداپ تۇرالماي قىزغىنىدىكەن،،،

UID
8612
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
910
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 15:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەتخورلۇق_ نامەرد، كۆڭلى قارا، خىيانەتكار روھ، رۇشەنكى، ھەسەت بىلەن ۋىژدان بىر قەلىپتە
ياشىيالمايدۇ.
شۆھرەتپەرەسلىك، ئالدامچىلىق ۋە كىشىلەرنى پارچىلاش بىلەن ھەممىگە ئېرىشىمەن دەپ يۈرگەن
ھەسەتخور ئۆزى كولىغان ئازگالدا قالىدۇ...ھاللېر توغرا ئېيتىدۇ؛ «ھەسەتخور ئۆلىدۇ، ھەسەت
ئۆلمەيدۇ»، ئۇنىڭ ئەرۋاھى جاھىل.

UID
9695
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
260
تىزىملاتقان
2011-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 19:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر مىنى ئۆزىگە بەكلا جەلىپ قىلىۋالدى.ئومرۇم دائىم كۇتۇش بىلەنلا ئۆتەمدىغاندۇ؟بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى قاچانغىچە كۇتەرمەن؟     

UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 19:36:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى باپ



شۇنداق قىلىپ مەن بۇ قىزىل ئالما شىركىتىگە بېرىش ئىشىغا گويا جەڭگە ھازىرلىق قىلغاندەك  تەق بولدۇم . قىزىل ئالما گۇرۇھى گۈزەلنۇر ئىشلەۋاتقان «سۆيگۈ» دېگەن يىتىم- يىسىرلار  مەكتىپىنىڭ قانۇنى ئىگىسى بولغاچقا بەلكىم  بۇ يەردە ئۇ قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. شۇڭا كاللامدا  قارارسىزلىقتىن كېلىۋاتقان  بىر جىداىلىك بار ئىدى ،ئەگەر راستىنلا دوقۇرۇشۇپ قالسام قانداق قىلارمەن؟…بۇنىڭغا زادىلا جاۋاب تاپالمايتتىم. پەقەت بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان «ھەممە ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالماس »دېگەن ماقال- تەمسىل ماڭا مۇشۇنداق دېلىغۇل ھالەتتىمۇ يەنە  ئالدىمغا قاراپ ماڭىدىغان سەۋەب  تېپىپ  بېرىۋاتاتتى . لېكىن بۇ روھى ھالەت يەنىلا ئازاپلىق بولغاچقا ئىككى كۈن دېگەن بولسىمۇ شۇنىمۇ ئۇزۇن كۆرۈپ جىق ساقلىيالماي بىز كۆرۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە ئەلىگە ئۆزۈم تېلېفون قىلىپ قىزىل ئالمىغا بۈگۈن بارايلى دەپ تۇرىۋالدىم. تەلىيىمگە ئەلى قىزىل ئالما شىركىتىدىنمۇ ۋاقىتنى سۈرۈپ بىر كۈن بالدۇر كۆرۈشۈش خۇسۇسىدا تېلېفون قوبۇل قىپتۇ. ئەلۋەتتە ئەلى قىزغىنلىقىمنى   بۇرۇنقىدەك ئۆزىگە،  شىركىتىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ مەن دوختۇرخانىدىن رۇخسەت بىلەن چىقىپ سەھىيە نازارىتىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتىم  .  بىز تاكسى توسۇپ ماڭغان بولساقمۇ قېرىشقاندەك يول راۋان بولماي قېلىپ چىڭ چۈشكە يېقىن ئۇ قىزىل ئالما گۇرۇھى تۇرۇشلىق بىناغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ گۇرۇھ ئىككى قەۋەتلىك بىنانى ئىشخانا قىلىپ بېزىگەنىكەن ،شىركەت ئىچىدىكى ئىشخانىلار مەن كاتتا قىلىۋەتتىم دەپ ئىشەنگەن زەم زەم شىركىتىنىڭ ئەڭ ئېسىل بۆلۈمچىسىدىنمۇ  جىق ھەيۋەت، چوڭ ئىكەن . ھەممىدىن بەك دىققەتنى تارتىدىغىنى شىركەتنىڭ كارىدورىدىكى ئالاھەزەل10كۇۋادارات مېتىر كېلىدىغان سۈرەت  بولۇپ، بۇ تالا يىپتا بىر يىڭنە- بىر يىڭنىدىن تىكىلگەن ئىكەن. سۈرەتنىڭ يۈزىگە موڭغۇلچە يەنە باشقا چۈشەنگىلى بولمايدىغان تىللار ئارىسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئەرگىنەقوندىن چىقىش»دېگەن خەتنى ئوقىيالىدىم،  شىئەندىكى ۋاقتىمدا سەددىچىن سېپىلىنىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا توقۇلغان كەشتە نۇسخىسىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 15مىڭ يۈەن ئىكەندۇق، بۆرە ۋە بىر مۇنچە ئەسكەر ۋە ئۇلارنىڭ قوماندانى بولمىش بىر سەركەردىنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنگەن   بۇ نۇسخىسىدىكى رەڭلەر ۋە ئۇنىڭ چوڭلۇقىدىن قارىغاندا بۇ توقۇلما سەنئەت بۇيۇمىنىڭ قىممىتى 40 مىڭ يۈەندىن كەم ئەمەس. ئەلۋەتتە بەھەيۋەت سۈرەتلەرگە قاراپ ھۇزۇرلىنىشقا ۋاقىت يەتمەي كېچىككەنلىكىمىز ئۈچۈن ئالدىراپلا  دىرېكتور ئىشخانىسغا يۈرۈپ كەتتۇق ۋە ئۇ يەردە ئىككى كىشى بىلەن كۆرۈشتۇق. بۇ كىشىلەرنىڭ  بىرى سېرىق، تۆت چاسا كەلگەن پاكار،خام سېمىز  بولۇپ يەنە بىرى ئورۇق كۆزەينەك تاقايدىغان بالا ئىكەن. كىمنىڭ ئىسمنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلىشتىن بۇرۇن ، بۇ ناتونۇش چىرايلار ئارىسىدىن بىر تونۇش ئادەمنىڭ يۈزىگە تىكىلپ قالدىم يەنى تامغا ئېسىقلىق بىر بوۋاينىڭ سۈرىتى. بۇ بوۋاي باشقا بىرى ئەمەس دەل گۈزەلنۇرنىڭ مەن غالىبىيەت يولى  مەڭگۈ تاش قىرائەتخانىسىدا كۆرگەن سۆيۈملۈك بوۋىسىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.سۈرەتتە ئۇنىڭ مەن  گۈزەلنۇردىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە تاش بىلەن ئۇرۇپ چېقىۋەتكەن سائىتىمۇ ئېنىق كۆرۈنگەن بولۇپ بوۋاينىڭ كۆبجۈپ چىققان تومۇرلىرى بىلەن خۇددى بۇ كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ بىر پارچىسىدەك بېغىشىدا تۇراتتى، رەسىمدە ئۇ بۇ سائىتىگە يەنە بىر قولىنىمۇ ئېلىپ خۇددى بىر ئەزىزنى تۇتقاندەك تۇتىۋاپتۇ  …سۈرەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ خۇددى بۇ بوۋاي رەسىم جازىسىدىن چىقىپ «سائىتىمنى تېپىپ بەر !!!»دەپ ياقامغا ئېسىلىدىغاندەك تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى ،نەزىرىمنى باشقا ياققا يۆتكىدىم. ئەمما كۆزۈم ئۇ سۈرەتنى يۇيۇۋېتەلمەي بىئاراملىق بېرىۋېرىپ  ماڭا ئەينى چاغدىكى سائەتنىڭ چېقىلىش جەريانىنى قايتا-قايتا ئەسلىتىپ كەتتى . خىيالىمنىڭ باشقىلىقىدىن ئىشخانىدا بولىۋاتقان گەپلەر پەقەت قۇلىقمغا كىرمىدى. بىر چاغدا ئەلىنىڭ « تاماققا چىقىدىغان بولدۇق، يۈر » دەپ مۈرەمنى قېقىشىدىن ئەسلىمگە كېلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.  ئەلى ۋە بۇ ئىككسىنىڭ كارىدوردىكى پاراڭلىردىن  خام سېمىز كىشىنىڭ دىرېكتور ئابدۇراخمان ، ئورۇق كەلگىنىنىڭ  ياردەمچىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىم. لېكىن  ئەتراپقا قاراپ گۈزەلنۇرنىڭ سىماسىنى ئىزدەپ بېقىشقا ماجالىم يەتمىدى ،قارىغاندا بۇ بوۋاينىڭ رەسىمىنىڭ قىزىل ئالما گۇرۇھىنىڭ ئىچىدە بايقىلىشىنىڭ ئۆزىلا ماڭا يېتەرلىك ئېغىر كەلگەن ئوخشايدۇ . بۇ ئۇچۇرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ئۈچۈن دىرىكتور ئابدۇراخماندىن رەسىمدىكى بوۋاي ھەققىدە سورىدىم .
       -ئىشخانىڭىزدىكى بوۋاي كىم بولىدۇ؟
       -ھە ئۇمۇ ؟-دېدى ئۇ پەرۋاسىزلا –بۇرۇن يوق ئىدى ئۇ رەسىم. ئىشخانىلارنى بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا  قايتا بېزىگەندە بىزنىڭ لىدىر مۇتەللىپ ئاكام يىغىن زالىغا ۋە بىر قانچە مۇھىم ئىشخانىغا ئېسىپ قويدى ،كىملكىنى بىلمەيمەن ،بەلكىم مۇتەللىپ ئاكامنىڭ ئۇستازىدۇ .
گۈزەلنۇر،قىزىل ئالما ،قىزىل ئالما گۇرۇھىغا تىمىغا ئىسىقلىق بوۋىسى ئەمدە يەنە مۇتەلىپ دېگەن قىزىل ئالما گۇروھىنىڭ  لىدىرى بولمىش ئىنسان…… بۇ كىشى ئىسىملىرى ۋە ناملار مىنى گۈزەلنۇرنىڭ مەندىن يۇز ئۆرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىرىكىلىق ئايالنىڭ قورقۇنۇشلىق قىياسلىرىغا يەنە بىرقەدەم يىقىنلاشتۇردى ،چۈنكى گۇزەلنۇر بوۋىسى توغۇرسىدا ماڭا جىق گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن ئەمما بوۋسىنىڭ مۇشۇنداق چوڭ شىركەت بىلەن باغلانغان ئادەم ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاغزىغا چىقىرىپ باقمىغان ،رەسىمنىڭ يىڭى ئىسىلغىنىغا قارغاندا ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى بوۋىسىنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىنلا قىزىل ئالمىغا باغلىنىپ ئۇنى ئاشۇ خۇمپەر بىلەن مۇشۇ شىركەت مۇھىيتىدا ئۇچۇراشتۇرغان بولسا كېرەك . ئۇ كىم ؟يۇقىرى ئىھتىمالدا ئۇ ئۆمۈچۈك چىكىلگەن قول مۇشۇ شىركەتتە يەنى مۇشۇ بىنادا بەلكىم يىنىمدىن ئۆتىپ كىتىۋاتقانلارنىڭ بىرى ،ئەھۋانى شۇنداق دەپ تۇرساق،بۇ ئىشلار قانداق يۇز بەردى ؟ قانداق قىلىش كېرەك ؟ بىردىن بىر ئامال ئىككىنچى قېتىم گۇزۇلنۇر ئۈچۈن بىسىلغان بۇ  سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش
ئەلى ، مەن ۋە بۇ ئىككىسى     تۆتەيلەن ئايرىمخانىلىق بىر ئاشخانىغا كىردۇق. تاماقلار بۇيرۇتىلىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا پايدىلىق ئۇچۇر مەلۇماتلار چىقىپ قالارمدىكىن تاماسىدا ئابدۇراخمان دېگەن ئادەمدىن تىجارەت گوروھىنىڭ ئۆتمىشى ،ھازىرقى ئەھۋالغا ئائىد سوئاللارنى سورىدىم ئۇنىڭ دەپ بىرىشىچە قىزىل ئالما  يىمەكلىك پششىقلاپ ئىشلەش ۋە تارقىتىشنى  ئاساس قىلغان كارخانىلار بىرلەشمىسى بولۇپ يەنە بىر قانچە پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ساھىبى ئىكەن ئۇ يەنە سودا گۇرۇھىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى تۇرى تۇغۇرلىق تىخىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇش بىرىشكە تەمشەلگەنىدە گەپنى مۇتەلىپ دېگەن ئادەمگە بۇراپ بىقىش ئۈچۈن «تامدىكى مەنزىرە سۆرەت چىرايلىقكەن ،مۇتەلىپ لىدىرىڭلار مەنزىرە رەسىملەرگمۇ قىزىقىپ قويامدۇ ؟ »دەپ سورىدىم
ئەپسوس ئۇ لىدىرنى جىق بىلمەيدىكەن ،قىزىل ئالمىنىڭ لىدىرى  گوروھنىڭ ئومومى لاھىيىسىنى تۇتۇپ كۆپ ئىشلارغا ئارلاشمايدىكەن ،ھەتتا گوروھىنىڭ ئىجىرا ھالقىسىنىڭ ئەڭ بىشىدا تۇرۋاتقان ئابدۇراخمان بىلەنمۇ  پەقەت ئارسىدىكى ئەمگەك توختامنىڭ رامكىسى ئىچىدە مۇئامىيلە قىلىشىدىكەن ، كارىدورغا ئىسىقلىق رەسىمنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن باياتىن جىم ئولتۇرۇپ گەپ تىڭشاۋاتقان ئەلى پاراڭغا كىردى  
- ئۇ رەسىم مەنزىرە ئەمەس مۇھىد  ،داستان.رەسىم  ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ شەجەرى تۈرك ناملىق ئەسىردە تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن داستان تەسۋىرى ،ھېكايە بەكمۇ تەسىرلىك ئۇنىڭدا ئ‍ۇزىل كىسل ۋەيران بولغان توپىنىڭ تاغدا پانالىنىپ تۆت ئەسردىن كېيىن بۆرىتچە چېنە ئىسىملىك ئەركەك بۆرىنىڭ يول كۆرسىتىپ مىڭىشى بىلەن جىلغا خەتەرلىك داۋانلاردىن ئىشىپ،  قايتىدىن باش كۆتۇرىگەنلىكى سۆزلىنىدۇ  ،ئامما ئۇنى ئەڭ دەسلەپ قەلەمگە ئالغان 14-ئەسىردا ئۆتكەن راشىدىن دېگەن ئىرانلىق  داستاننى  مۇڭغۇللارغا ئائىد دەپ قەيىدە قىلغاچقا داستان موڭغۇل تۈركلار ئارسىدىكى ئەپسانە دەپ تونىلىۋاتىدۇ.ئەمما داستان سالجۇق تۇرىكلەر ۋە كىيىنكى دەۋىردىكى  تۇركى ئەسەرلەردە كەڭ يىيىلىپ ھازىرقىدەك ئاتاقلىق بولۇپ باقمىغان ،بۇ ئوسمانىلار دەۋرىدە ئۆتكەن تۈرۈك زىيالىلىرىنىڭ شۇ ۋەزىيەتتە قارماققا ئۈزىل كىسىل ۋەيران بولۇپ  ئوت ئارسىدا قالغان خەلىقىنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجى ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەن روھى ئوزىقى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ . بۇ روھى ئۇزۇقنىڭ باش ئاشپىزى قارا ئوسمان ئوغلىنىڭ  ئاشۇ ئاپەتلىك ۋەيرانچىلىقلارغا بىرىنچى سەپتە شاھىد بولغان مۇستاپا كامالنىڭ دوستى سەبدىشى بولالىغانلىقى بۇىڭغا دەلىل ئەمەسمۇ ؟  
مەڭا ئەلىنىڭ بۇ گەپلىرى ئۆزىچە تېما چىقىرىپ بىلىملىرىنى تۆكىۋاتقاندەك تەسىرات  بەردى لېكىن ھەممىلا ئادەم ماڭا ئوخشىمايدىكەن ھىلىقى ئىككىسى ئەلىنىڭ ئازغىغا قاراپلا قىلىشتى، بۇلار چوڭ چوڭ جەمئىيەت مەسىلىرىگە ئۆتىشىتىن ئاۋۋال ئالدىراپلا  ئەلىنىڭ  گەپلىرىنى قىزىل ئالمىغا  باغلاشقا تىرىشتىم
-ۋاي بۇ گەپچە ئابدۇراخمان ،بۇ لىدىرىڭلار كارامات چوڭ ئاپاتتىن قۇتۇلۇپ چىققان ئوخشىمامدۇ ؟
  گىپىمدىن ھەممىسى كۈلىپ كىتىشتى .بۇ ۋاقىتا بۇيرۇتىلغان تاماقلارمۇ كېلىپ قالدى ،داستىخاندىكى قايدە يوسۇن تەككەللۇپ سۆزلىرى ئىچىدە تاماقلىرىمىزنىمۇ يەپ بولدۇق ،ئەمدى تىجارەتكە مۇناسىۋەتلىك  رەسمى گەپلەرنى ئىشخانىدا دىيىشىمىزغۇ دەپ ئويلىسام  ئابدۇراخمان ھەممىنى مۇشۇ يەردىلا دىيىشەيلى ،داستىخاننىڭ بەركىتى ئىشىمىزغىمۇ  ئۆتمىسۇنمۇ دەپ تورۋالدى،ئۇنىڭ دىيشىچە  ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىستىمال ئالاھدىلىكىگە ماس ، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە خوپ كېلىدىغان ماللار تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئشنىڭ ئاقىدىغانلىقىغا ئېنىقكەن
-ئەلىنىڭ ماقالىرىنى مەن ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىكەنمەك –ددى ئۇ گپىنىڭ ئاخىردىراق –ئەمما 7 يىشىمدىن باشلاپ بازاردا يۇردۇم ،مەن دەيمەن سودا تىجارەتمۇ ھۇنەر ، ئۇنى ئوقۇپ ئەمەس پۇل ساناپ يۇرۇپ بىلىدىكەنمىز  . لىكىنزە ئەلى ئۇكام بىزنىڭ مۇتەللىپ لىدىرنىڭ  كۆزى ئوچۇق ئىكەن خۇدايىم بۇيرىسا سىز  بىلەن ئوبدان ھەمكارلىشىپ كىتىمىز ،ھازىر دېگەن ھۆكۆمەت يولۋاسىنى تاققا قويىۋەتتى قاراڭ بۇ  زەم زەم ئىچىملىكلىرى دېگەن سۇغۇ ؟! سۇ قانچىلىك نەرسە ئىدى ئەمما قاراپ تۇرۇڭلار بىز جۇڭگودا  ئاشۇ سۇنى ئەپپسون ئوقىغاندەك ئالتۇنغا ئايلاندۇرۋىتىمىز .  
-شۇنداق،-دىدى كۆز ئەينەك تاقىۋالغان زىيالى سۈپەت يەنە بىرى تەستىقلاپ، -دۆلەتنىڭ سىياسىتى ھازىر ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ، خەلىق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلىشىۋاتىدۇ. زاۋۇت قۇرىدىغان بولساق ئۇنىڭ يولى كەڭرى ئوچۇق. زاۋۇت ئورنى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر سىرتى بولسىمۇ بولىدۇ. تۇرپان، سانجى دىگەندەك جايلارغا قۇرساقمۇ مەسىلە يوق. مەسىلە-دىدى ئۇ كۆز ئەينىكىنى تۈزەپ،-ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتا . نىيەتلىرىمىز ياخشى، پاكىز بولسا، بىر –بىرىمىزنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلمىساق ئاللا ئۆزى ئىشلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    -ھازىرقى مەسىلە تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى سىزگە تاپشۇردۇم. –ئەلى بىردەم تۇرىۋېلىپ قولىدىكى سومكىسىدىن بىرمۇنچە ھۆججەتلەرنى چىقاردى- ۋەكالەتچىلىك كېلىشىمىنى تەييارلاپ قويدۇم. كۆرۈپ بېقىڭلار.
ھۆججەتلەرنى ئاۋۋال ئابدۇراخمان دىگىنى قولىغا ئېلىپ ئىككى ۋارىقىنى ئۆرۈپ –چۈرۈپ باققاندىن  كېيىن كۆز ئەينەكلىككە سۇندى. ئۇ بۇنىڭ ھەربىر بېتىدىكى ئىملانى توغرىلىماقچى بولغاندەك تەپسىلى كۆرۈپ چىقتى. ۋاراق ئۆرۈۋاتقان بۇ قولنىڭ بېغىشىدىكى ئۆمۈچۈك بەلگىسىگە قاراپ چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم،تېخى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدا قىزىل ئالما شىركىتىدە ئىكەنلگىنى قىياس قىلىنغان بۇ خۇمپەرنىڭ شۇنچىلىك تىز ۋاقىت ئىچىدىلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىشىنى زادى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن .
ئورۇق،  كۆزلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بۇ كۆزئەينەكلىك مەن دىمەتلىك بولسىمۇ ماڭا مۇش ئاتالايدىغان ئادەمدەك قىلمايتتى. ئەجىبا بۇ بەلگە ئادەملەر ئۆزلىرىچىلا قوللىرىغا چېكىۋالىدىغان نەرسىمىدۇ؟ ئۇنىڭ قولىغا يەنىمۇ سىنچىلاپ قارىدىم. خاتا ئەمەس، دەل مۇشۇ ئۆمۈچۈك ، ئۇنىڭ پۇتلىرىنى، توپ يۇتىۋالغاندەك يۇمىلاق قورسىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئەمىسە بۇ بەلگە بۇ ئاداشنىڭ قولىدا نېمە ئىش قىلدۇ؟ ئۇ راسلا مەن ئىزدەيدىغان ھېلىقى خۇمپەر…مۇ؟
يۇرىكىمدىن كۆتۇرلىپ چىققان ئاچچىق ھەم  ئاتەش ئوتىدەك قىزىق بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدىميۇ ئۇنىڭ كەينىدىن  پۇت قولۇمغا ھاكىم بولالماي قالدىم ، تۇيۇقسىز ئېتىلىپ بېرىپ كۆزئەينەكنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ ئورنىدىن يۇلۇپ تۇرغۇزدۇم-دە كۆتۈرۈپ تامغا تىرىدىم. ئۈستەلدىكى يېيىلىپ بولغان تاماق تەخسىلىرى،ئسىتاكانلار  جاراڭلاپ يەرگە چۈشتى. بۇ ئەلپازىمدىن ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى.
    -سەن،سەن مېنى تونۇدۇڭمۇ؟ -ئۇنىغا ۋارقىرىدىم. ئۇ گەپ قىلماي ھەمراھىغا قارىدى.
    -ھاي،ھاي –دىدى ئۆزىنى ئابدۇراخمان دەپ تونۇشتۇرغان سېرىق چاچ- نېمە بولۇپ كەتتى ،نېمە ئىش بۇ ؟
    -گەپ قىل، -ئۇنى سىلكىدىم. بىر چەتتە ئاغزىنى ئېچىپ قالغان ئەلى ئاستا يېنىمغا كېلىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن چۈشمەيۋاتقان قولۇمنى تۇتتى.
    -بولدى مۇھىد، ساڭا نېمە بولدى؟
    ئۇنىڭ ياقىسىدىن قولۇمنى بوشىتىپ گېلىنى ئامبۇردەك سىقتىم.
    -مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن. مېنى تونۇدىڭمۇ؟
ئۇ سىلكىنىپ قولۇمدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنىۋېدى، ئۇنىڭ بېشىنى تامغا قاتتىق بىر ئۈستۈرۈپ مەڭزىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇردۇم.كۆز ئەينىكى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى،  ئارقىدىن بۇرنىغا كاللا قويىدىم –دە غەزەپتىن تاشتەك بولۇپ كەتتكەن مۇشلىرىم بىلەن يۇز قىسمىغا يەنە بىر نەچچىنى ئوردۇم بىچارىنىڭ كۆزدىن ئوت چاچاراپ كەتتى بولغان ئىككى قولى بىلەن يۇزىنى توساپ ئالدىغا سەل ئىڭىشىتى مەن يەتمىگەندەك ئىگىلگەن بىشنى تىپىمەن دەپ تۇرۋاتقىنىمدا باياتىن مىنى تىزگىلىيەلمەي ئۇ يەر بۇ يىرىمدىن تارتىپ تۇرۋاتقان ئابدۇراخمان بىلەن ئەلى ئىككىسى ئاخىر  مىنى ئىككى تەرەپتىن بار كۈچى بىلەن تارتىپ  بىرچەتتە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. بۇ چاغدا رېستوران خىزمەتچىلىرى خوجايىننى چاقىرىپ يۈگۈرۈشۈپ كىرىپتۇ.
    -ئۇرۇشىدىغان يەر تېپىلمىغانمۇ؟ چىقىڭلار، چىقىڭلار. رېستوران تار بولغىنى بىلەن سىرت كەڭ. تاماقنىڭ پۇلىنى چېقىلغان نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ تۆلەيسىلەر.
ئابدۇراخمان دىگىنى خوجايىنغا بىر نەرسىلەرنى دەۋېتىپ ئەلىگە مېنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى ئېيتتى. ئەلى مېنى ئېلىپ رېستوراندىن چىقتى. بىر ماشىنىغا چىقىشىمىزغا ئۇنىڭ تېلىفونى سايرىدى.
-ھەئە... قالغان گەپنى ئەتە دىيىشەيلى. مەن ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقاي. ماڭا ئەتە سەھەر تېلىفون قىلامسىز... ماقۇل، ماقۇل.
    -نەگە بارىسىلەر؟ -سورىدى تاكسى شوپۇرى.
    -ئۈچتاش سۇ ئۈستى باغچىسىغا- ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا شۇنداق دەپ ئەلىگە بۇرۇلدۇم.-سەن نەدە چۈشۈپ قالىسەن؟
ماشىنا قوزغىلىپ 10 مىنۇتقىچە يا ئۇ يا مەن ھېچقانداق گەپ قىلمىدۇق. تاكسى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئۇنڭدىن سورىدىم :
    -سەن بۇ خۇمپەرنى نەدىن تېپىپ كەلدىڭ؟ ئۇ زادى كىم؟ نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ جاھان شۇنچە كەڭرى تۇرسا نېمىشقا قېرىشقاندەك كىچىك بىر رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا مەن بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ؟
    ئۇ قايسى گېپىمگە جاۋاپ بېرىشىنى ئۇقماي گاڭگىراپ قالدى. لېكىن ئەلپازىمدىن ، تەلەپپۇزۇمنىڭ قاتتىقلىقىدىن مەندىن ياندۇرۇپ سوئال سورىماي گېپىمگە جاۋاپ بەردى.
    -ئۇزەڭ كۆردۇڭ،ئىككىسىلا قىزىل ئالما شىركىتىنىڭ ئادىمى  . زەم زەم ئىچىملىكلىرىنىڭ  ۋەكالەتچىلىكىنى ئالماقچىكەن. ئۇلار مېنىڭ تۇنجى خېرىدارلىرىم ئىدى. سېنى بۇنداق ئىش چىقىرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
    -مەندىن تاياق يېگەن ھېلىقى ئەبلەخنىڭ ئىسمى نېمە؟
    -ئۇ كۆزئەينەك ئابدۇراخماننىڭ ياردەمچىسى ئىكەن.ئۇنىڭ يىنىدا مۇشاۋۇرلىق قىلىدىغان ئوخشايدۇ .ئىسمىنى لىتىپ دىگەنىدى ،جىق ئوقىغان بالا ئىكەن ، ئائىلسى خوتەندىنغۇ دەيمەن . ئۇنىڭ بىلەن جىق پاراڭلاشمىغان
ماشىنا ئۈچتاشقا يېتىپ كەلدى. ماشىنىدىن چۈشۈشىمگە سۇ بار يەردىكى بىرخىل سالقىنلقىنى سەزدىم. كاللام سەگىدەپ بايىقى ئاچچىقىم پەسەيگەندەك قىلدى. ئاستىمغا بىر نەرسە قويمايلا پەلەمپەيگە كېلىپ ئولتۇردۇم.
    -ئۇ بالا بىلەن نېمە ئاداۋىتىڭ بار ئىدى؟ -ئەلى ئاخىرى مەن سوراپ قالمىغىيدى دىگەن سوئالنى سورىدى. نىمە دىيشىم كېرەك؟ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم. ئۇ كۆز ئەينەك كېلىپ سۆيگىنىمنىڭ ئار نامۇسىنى بۇلغاش ئۇسولى بىلەن ئۇنى مەندىن تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم. تاسادىپي ئۇچراپ قېلىۋىدى ئاچچىقمىنى باسالماي مۇشت كۆتۈردۈم دەيمەنمۇ؟ ئەلى بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نېمە دەپ ئويلىشى مۇمكىن! بۇتېتىقسىز پاراڭنى قىلغۇم يوق. بولۇپمۇ ئەلىگە ئوخشاش ئادەمگە. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا ھەقىقەت ئىزدەپ ئىلىم-پەننى ، بىلىمنى دوست تۇتۇپ كەلدى. ماڭا ئوخشاش مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆگەنمىدى، تىرىشمىدى. مۇھەببەت ئۇنىڭ نەزەرىدە بەلكىم ئۇنچىۋالا مۇھىم ھېساپلانمايدۇ ، شۇڭا ئۇ بۇ ئانچىكىم  تۇيغۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى ئۈچۈن كۈرەش  قىلالايدۇ. لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلىشم كېرەككى ئەينى ۋاقتتا گۈزەلنۇر مېنىڭ ھاياتىم ئەقىدەم بولغان. ئەلىنىڭ ئاشۇ روھىغا ئىزچىل قايىل بولىمەن. ھازىر تېخىمۇ شۇنداق بولماقتا. ئەگەر ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولسا بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلار بولغىيتتى؟ ئۇنىڭغا سوئال نەزەرى بىلەن قارىدىم.
    -ئەلى سەن راستىنلا  مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانمۇ؟
    ئەلى تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سوئالىمدىن كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسى مېنى مەسخىرە قىلغاندەك بىلىندى . ئەمما ئۇ بىر دەم كۈلگەندىن كېيىن تىنچلىنىپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتتى.
    -مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان دىسەم يالغانچىلىق بولامدۇ يوق بىلمەيمەن. بىرسى بىلەن ئادەتتىكىچە ئارىلىشىپ باققان. لېكىن ئۇ مەن دۇبەيدىكى چاغدا باشقا بىرى بىلەن توي قىلىۋالدى. قانداق قىلىسەن؟ كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق ئىكەن.
    -ئۇنىڭ توي قىلىدىغانلىقىنى قانداق ئۇقتۇڭ؟
    -ئۇ ئۆزى خەت يېزىپ دىدى. ئۇ ئوقۇشقا مەن بىلەن تەڭ كىرگەن. قايسى قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن يۈرەلەيدۇ؟ قىز بالىنى ئۆيىدىكىلىرى قىستايدۇ. جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپنىڭ ئەنئەنىسە  تېخىمۇ شۇنداق . ئۇلارنىڭ تېگى قەشقەرلىك ئىدى.
    -ئۇ توي قىلىمەن دىسە ماقۇل ، يول ئوچۇق دىدىڭمۇ؟
    -ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ئېنىق ئەمەس ئىدى .لىكىن توي قىلاي دەپ قالسام شۇ قىزنى ئالغان بولاتتىم .ئۇ مېنى ساقلىيالمايدىكەن ئاغىنە. قىز بالا ئاجىزكەن. قانداق قىلىمىز.
ئەلىنىڭ ئاددى لېكىن شۇنچە چۈشىنىشلىك گەپلىرىدىن مەن يولۇققان مەسىلىگە ھەرگىز يولۇقمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئۇ ماڭا ئوخشاش بىر قىزغا چاپلىشىپ ئۇنىڭ دەرىزىسى ئالدىدا قەھىردان سوغۇقنى سوغۇق دىمەي كېچىچە ئالتە سائەت  ئۆرە تۇرۇپ چىقمىغۇدەك . ھەرگىز شۇ سەۋەبلىك باشقىلاردىن تاياق يەپ ئۆزىنى ئۇرغان كىشىنى ئاشخانىدا ئۇچرىتىپ قالمىغۇدەك. قارىغاندا بۇ مۇھىد ئىسملىك مەن يولۇقىدىغان، يالغۇز مەن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن.
-جىمىپ كەتتىڭغۇ مۇھىد، نېمىشقا مەندىن مۇھەببەت توغرىسىدا سورايسەن؟
    -باياتىنقى سوئالىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ شۇنداق دەپ سوراپ باقتىم.
    -لېكىن جاۋاپ بەرمىسەڭ قانداق بولىدۇ، ئۇلار بىلەن ئىشىمىز بەكمۇ مۇھىم ئىدى مۇھىد . ئۇلار ماڭا ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشتا ياردەم بىرىدىغان بولغان  يەنى زەم زەم تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشى.بىلمەيسەن ئەمەس بىلىسەن مۇھىد دۆلەت ھالقىغان كارخانىچىلىقتا تاۋار ماركىسى ئاچقۇچ مەن ئىچىملىك تۇرىنىڭ سىرتىدا پۇتۇن ئەرەب ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا زەم زەم تاۋار ماركىسىنى قانونەن قولغا ئالغىنىم بىلەن جۇڭگودا ئىران ھەمكارلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ تۇرۋالغان تاۋار ماركا ئىشنى بىجىرەلمىدىم،ئەگەر بۇ ماركىنى ئىرانغا ئىلىپ بەرمىسەم پۇتۇن پىلانىم يوققا چىققان بولىدۇ ، بۇ ماركا ئۈچۈن بەك جاپا چەكتىم ئاداش….  ئۇ تاۋار ماركىسىنى بېيجىڭدا بىر ئاي تۇرۇپ دۆلەت سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تاۋار ماركا ئىشخانىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئاران تەستە ئىز-دېرىكىنى قىلغان ئىدىم. ئۇنى شىنجاڭ ياچىڭ مېنىرال سۇ ئىشلىرى شىركىتى 2001-يىل11-ئايدا تىزىمغا ئالدۇرىۋاپتۇ. ئۈرۈمچىگە كېلىپ بۇ تاۋار ماركىسى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن ۋاستىچى ئورگاندىن ئۇ شىركەتنى ئىزدىسەم ئۇلار ‹بۇ شىركەت ۋەيران بولغان› دىدى. شۇنىڭ بىلەن پالاقشىپ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كىردىم. ئۇلارنىڭ ئارخىپ ئىشخانىسىدىن بۇنداق شىركەت چىقمىدى. شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىرى بۇ شىركەتنىڭ قەشقەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋىدى. ماقۇل ، ئىشىم ھەل بولىدىغانلا ئىش بولسا قەشقەرگىمۇ باراي دەپ باردىم. ئۇ يەردىكىلەر تاشقورغاننىڭ گېپىنى قىلدى. ئۇ يەرگە بارسام بۇ شىركەتنى شياڭگاڭدىن كەلگەن بىر تىجارەت گۇرۇھى سېتىۋالدى. دىدى. شۇ ئارىلىقتا چىچىپ يۇرسەم قىزىل ئالما گۇروھىنىڭ لىدىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تىپىپ زەم زەم ئىچىملىكلىرىگە ۋاكالەتچىلىك شەرتىنى قويۇپ مىنىڭ ئىشلىرىمغا ياردەمدە بولىدىغانلقىنى ئىيىقان ۋە ئابدۇراخمان دىگەننى بۇ ئىشقا ماڭغۇزغان  ئىدى ،ئۇ  قەشقەرنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئەربابلارنى ياخشى تونۇيدىكەن.ئابدۇراخمان  تاشقورغان يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسنىڭ باشلىقىنى كۆندۈرۈپ ئەسلىدىكى ياچىڭ شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى تېپىپ بىزنى كېلىشتۈرۈپ قويماقچى. ئابدۇراخمان دىگىنى بۇ ئىشنى بىر ھەپتىگە قالماي ھەل قىلىمەن دەپ ماڭا ۋەدە بەردى.
-ئەلى ساڭا زەمزەمنىڭ جىنى چاپلاشتىمۇ ؟ نېمە چۇۋۇلچاق ئىش بۇ –دىدىم ئۇنىڭ گەپلىردىن تىرىكىپ  
    - ئۇنداق دىمە ،مەن سىنى شۇنداق دىمىسۇن دەپ ئاغىزلىرىم قۇرۇپ كەتكىدەك چۈشەندۇردىم
- ئۇ لىتىپ دىگىنى بىر ياردەمچى ئىكەنغۇ ؟ خۇددى مەن قىزىل ئالمىنى پارتىلتىۋەتكەندەك سۆزلەپ كەتتىڭ ؟؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۇنى مۇشتلىغىنىم بىر ئىش ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان تىجارىتىمىز يەنە بىر ئىش..يا ئۇ ھىلىقى مۇتەلىپ دېگەن لىدىرنىڭ ئوغلىمىكەن ؟
-بۇى بىلمەيمەن ئەمما ئوغلى بولمىغان تەقدىردىمۇ ،بۇنداق چوڭ تىجارەتكە ئالدىغا چىقىرىپ قويمايدۇ..  
    ئۇنىڭ بۇ تىجارەتكە مەكتەپتىكى ۋاقتىلىرىدىن باشلاپلا ئەجىر قىلىپ ھازىرغا ئەكەلگەنلىكىنى بىلەتتىم. بىراق ئۇ خۇددى بۇنىڭدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقتەك ئۆزىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بىردىن-بىردىن تىزىپ چىقتى. ھەتتا ھەر بىر نەپىسىدە ماڭا  قاتتىق نارازى بىر كەيپىيات باردەك  بىلىنىپ كەتتى.
    - ئۇنىڭ  بىلەن كۆرۈشىمەن. قارىغاندا بۇ ئىشنى ۋاقتىدا ھەل قىلمىسام سەن مېنى يامان كۆرۈپ قالىدىغاندەك قىلىسەن
ئەلى گېپىمگە ئاچچىقلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
    -مۇھىد مېنى قانداق ئادەم چاغلاپ قالدىڭ. ساڭا گەپلىرىم ئىغىر كىلىۋاتقان بولسا سىنىڭ مەندىن گەپ يۇشۇرۇپ جىم تۇرۋىىشىڭ ماڭا نەچچە ھەسسە ئىغىر كىلىۋاتىدۇ ، گپىمنى چۈشىنىۋاتامسەن ؟ سەن  ئەڭ يېقىن دوستىڭنىڭ قاتتىق ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلالماي قولى باغلاقلىق تۇرۇشنىڭ تەمىنى تىتىپ باققانمۇ ؟ ئاشخاندىكى غەزەپ تولغان چىرايىڭنى سەن ئۆزۈڭ  كۆرەلمىدىڭ لېكىن دوستىڭ بولغان مەن كۆردۇم
    ئۇنىڭ ئوغۇل بالىدەك چىققان بۇ گېپىدىن خىجل بولۇپ قىزىرىپ كەتتىم مەن ئەرزىمدىم ؟ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن قايسى ئىشىمغا گۈزەلنۇر ئارلاشمىغان ؟مەقسەتلەر يۇشۇرۇنمىغان؟  ئەمما شۇنداقتىمۇ   بۇرۇن ئەزەلدىن ئويغىنىم باقمىغان بىر قىسىم سەزگۇ نىرۋىلىرىم بىردىنلا ئىچىلىپ  ئۇھ دەپ نەپەس ئالغاندەك تۇيغۇغا كرىپ قالدىم ،بۇ نىرۋىلار ئىنىقكى كالامدا تىخىچە ئويغىنالماي كۆمۇلۇپ تۇنجىقىپ ياشاپ كىلىۋاتقان دوسلۇق ھۆجەيرىلىرى ئىدى . ئىختىيارسىز  ئورنىمدىن تۇرۇپ ئۇنى قۇچاقلىدىم ۋە  «ئەلى ،رەھمەت ساڭا لېكىن مىنى دوستىڭ ھىساپلىساڭ شۇنىڭغا گۇمان قىلماي ئىشەنگىن ،راسىت دەيسەن ئىچىمدە زور دىل يارىسى بار ئەمما مىنىڭ بۇ دەردىمگە بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ كىم داۋا بولالمايدۇ ، ساڭا رەھمەت »دىدىم
       ئەلى گىپىمنى ئاڭلاپ  جىم بولۇپ قالدى ۋە بەك چوڭقۇر خىيالغا پىتىپ قالدى ،
    -ئەلى، گەپ بولسا چىرايلىق دىيىشىپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىۋېتەي. ئەتە ياكى ئۆگۈن سائەت 6دىن كېيىن كۆرۈشسەك بولىدۇ. . بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئىش . ئەركەك ئەركەك سۆلىشىمىز ،ئەگەر ئۇ مەن بىلەن يۈز-تۇرانە ئېلىشىمەن دىسىمۇ مەيلى.
    باياتىن خىيالغا پاتقان ئەلى سۆزىمنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ سالدى .
    -مۇھىد ، ئۇ ساڭا مۇشت ئاتقۇچە كۆزئەينىكى يەرگە چۈشۈپ بولغىدەك. سەن ئۇنىڭ گېلىدىن ئېلىپ كۆتۈرىۋىدىڭ پۇتى يەردىن بىرغېرىچ كۆتۈرۈلۈپ قالدى. –ئۇ تىخىمۇ بەك كۈلدى. –ئۇنىڭ قىياپىتى بەك قىزىق ، ئۇ سەن بىلەن تۇتىشىمەن دىسە ھەئە دەمسەن؟ بۇ ئادالەتسىزلىك بولا.
-بولدى، چاقچىقىڭنى قوي.
    -راست دەيمەن مۇھىد،-ئۇ يەنىلا كۈلۈۋاتاتتى. –بەك چىرايلىق ئۇرۇشۇپ قويىدىكەنسەن خۇددى شىياڭگاگنىڭ چامباشچىلىق كىنولىرىدىكىدەكلا ، سەن ئۇنىڭ گېلىنى سىقىپ تامغا تىرەپ تۇرغاندا رېستوراننىڭ خىزمەتچىلىرى ساڭا يېقىن كېلەلمەي ئىشك يېنىدا قېتىپ قېلىشتى.ساڭا ئوخشاش ھەم ئىلمى ھەم ۋەھشى ئادەم كەم ئۇچرايدۇ مۇھىد، راستىلا.
    -بولدى قىل ئەلى، بايا دىگىنىمدەك قىلالامسەن؟ سىلەر ئەتە كۆرىشىسىلەر ،شۇچاغدا مېنىڭ دىگىنىمنى قىلىپ بەرگىن.
    ئەلى سائىتىگە قاراپ قويۇپ:
    -ماقۇل،ھازىر قايتايلى-دىدى. يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئەلى مەندىن نېمىشقا ئۈچتاشقا كەلگەنلىكىمنى سورىدى. گەرچە بۇنىڭ سەۋەبى ئۆزەمگە تازا ئېنىق بولمىسىمۇ « بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ،سۇ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ. بىردەم ئولتۇرۇپ كاللامنى سەگىتەي دىدىم» دەپ جاۋاپ بەردىم.
    ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئادەم بولۇپ تۆرەلگەنلىكىنىڭ لەزىتىنى سۈرىۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىپ قالدىم ،گويا ئاتەش كەبى دەھشەت غەزەپىم ،ياۋايى ھايۋاندەك ۋەھشى مۇش ئىتىشلىرىم ئىچىگە گۇزۇللىك يوشۇرۇنغاندەك ئىدى ، بۇ كارامەت ھىسلارنىڭ ھەمرالىقىدا   بىردەم تېلىۋىزور كۆرۈپ باقتىم. بىراق تېلىۋىزور مېنى كۆرىۋاتقاندەك بىلىنىپ سىڭىللىرىمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم. ئۇلار بۇرۇنقىدەك ھەرخىل ئويۇنلىرىنى ئوينىماي باشلىرىنى چۆكۈرۈشۈپ دەرس تەكرار قىلىۋېتىپتۇ. ئۇلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن چىقىپ كېتىشكە ئەمدى ئۆرۈلۈشۈمگە رەشىدە مېنى چاقىرىپ قالدى.
-ئاكا؟  
ئۆرۈلۈپ ئۇلارغا قارىدىم.
      - نىمە؟
- بىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭە.
    ئۇلار ئەزەلدىن مەندىن مۇنداق سوراپ باقمىغانىدى. مەنمۇ ئۇلارغا ئەزەلدىن ھىكايە ئېيتىپ بېرىپ باقمىغانىدىم. ئاستا كېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم ۋە مەن شىئەندىن ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن ئويما قونچاقلارنىڭ كىچىك ئەينەك قۇتىغا سېلىنىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم.
بۇ مېنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن تۇنجى سوۋغىلىرىم. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلارغا سوۋغا ئېلىپ كەلمەپتىكەنمەن.
-بىزگە نىمە ھىكايە ئېيتىپ بېرىسىز؟ -قىزىقىپ سورىدى نەفىسە.
ئۇلارغا نېمىنى ئېيتىپ بەرسەم بولار؟ تۇيۇقسىز ئىدىۋىنا خەت قالدۇرۇپ قويۇپ خوشلاشقان كۈنى كىتابخانىغا بېرىپ كۆرۈپ قالغان « قۇياش بىلەن شامال»دىگەن ھېكايە يادىمغا كەلدى.
-ماقۇل، سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي.-ئۇلار خوشال بولۇشۇپ كىتابلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئاغزىمغا تىكىلدى.
    - قۇياش بىلەن شامال
     بىر كۈنى قۇياش بىلەن شامال« كىم يامان» دەپ تالىشىپ قاپتۇ. قۇياش «مەن ھەممە نەرسىگە ھاياتلىق بېرىمەن ،مەن بولمىسام دۇنيانى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ھېچقانداق ھاياتلىق ياشىيالمايدۇ»دەپتۇ. شامالمۇ بوش كەلمەي: «مەن سەندىن قۇدرەتلىك، ئۆيلەرنى ئۇچۇرۇپ، دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىيالايمەن. دېڭىزدا كېتىۋاتقان تاغدەك پاراخوتلارنى ئۆرۈۋىتەلەيمەن» دەپتۇ. قۇياش:«بىز تولا گەپ قىلماي بىر مۇسابىقىلىشىپ باقايلى،كىم ئۇتسا شۇ يامان بولسۇن» دەپتۇ. شامال: « قانداق مۇسابىقىلشىمىز؟» دەپ سوراپتۇ. قۇياش ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقان بىر دېھقاننى كۆرسىتىپ « قايسىمىز شۇ دېھقاننىڭ چاپىنىنى سالدۇرىۋېتەلسەك شۇ ئۇتقان بولسۇن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە باشلىنىپتۇ. قۇياش ئاۋۋال مەيدانغا چۈشۈپتۇ. ئۇ نۇرىنى كۈچەيتىپ دېھقانغا سېپىپتۇ. دېھقان يېڭىنى تۈرۈپ ئىشنى داۋاملاشتۇررۇپتۇ. قۇياش نۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپتۇ. دىھقان چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ يەنە ئشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. قۇياش نۇرىنى يەنە بىر نۆۋەت كۈچەيتىپتۇ. دېھقان ئىسسىققا چىدىماي چاپىنىنى سېلىپ ئېتىز قىرىغا تاشلاپ قويۇپ يەنە ئىشىنى قىلىپتۇ. بۇن كۆرگەن شامال«بۇ قانچىلىك ئىشتى» دەپ مەيدانغا چۈشۈپتۇ. قۇياش نۇرىنى كېمەيتىپتىكەن. دېھقان چاپىنىنى كىيىپ تۈگمىلىرىنى قاداپ تەييار بوپتۇ. شامال پۈۋلەپ شامال چىقىرىشقا باشلاپتۇ. دېھقان ئۇچۇپ كەتمىسۇن دەپ چاپىنىنى چىڭ سىقىمداپ تۇتىۋاپتۇ. شامال يەنە كۈچەپ بوران چىقىرىپتۇ. دېھقان چاپىنىدىن ئەنسىرەپ تۈگۈلۈپ تۇرىۋاپتۇ. بوران تېخىمۇ بەك كۈچەپتۇ.دىھقان چاپاننى ئالدىنقى قېتىمدىنمۇ بەكرەك تۇتۇپ ئولتۇرۇۋاپتۇ. ئۇ قانچە كۈچىسە دېھقانمۇ شۇنچە كۈچەپ چاپىنىنى قوغداپتۇ . شامال ئاخىرى ھېرىپ توختاپ قاپتۇ. نەتىجىدە قۇياش ئۇتۇپ، شامال ئۇتتۇرۇپتۇ.
- شامال بەك دۆتكەن ،-دىدى نەفىسە ماڭا قاراپ ، -ئۇ نېمىشقا قۇياش بىلەن دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇشتا بەسلەشمەي دىھقاننىڭ چاپىنىنى سالدۇرۇشتا بەسلىشىدۇ ؟ - ئۇنىڭ سوئالىدىن ھەيران قالدىم. نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنىمۇ بىلمىدىم.
-نىمە،بۇ ھېكايە قىزىق ئەمەسمىكەن؟
-ئانچە قىزىق ئەمەسكەن،-رەشىدە ئاچىسى بىلەن دىيشۋالغاندەكلا شۇنداق دىدى.-شامال راستىنلا دۆتكەن.
ئۇلار مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ ياكى بۇ ھېكايىنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بارمۇ؟ بىراق دىمىسىمۇ شامال ئۆزى يامان بىرەر تۈرنى تاللاپ مۇسابىقىلەشسە ئۇتىۋالىدىغانلىقى راستقۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بەكمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم. ئۇلارنىڭ تۇنجى ئېيتقان ھېكايەمدىنلا بۇنداق قۇسۇر چىقىرىدىغانلىقىنى، گېلىمنى تۇتۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن. ئاكىلىق سالاھىيىتىم ۋە ھۆرمىتىم تۆۋەنلەپ قالغاندەك بىئارام بولدۇم.
-ئاكا سىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنى بىلەمسىز؟
ھەممە ئادەم بىلىدىغان بۇ سوئالغا ئەلۋەتتە جاۋاپ بېرەلەيمەن. بىراق ئۇلارنىڭ بايا ئېيتقان ھىكايەمدىن چىقارغان چاتىقىغا قارىغاندا ئۇنداق ياكى مۇنداق پۇتاق چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.
-نەفىسە،مۇئەللىم ساڭا ئېيتىپ بەرمىگەنمۇ؟
-دەپ بەرگەن . مۇئەللىم «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ قاچان يېزىلغانلىقىنىمۇ دەپ بەرگەن.
-ئەمىسە نېمىشقا يەنە مەندىن سورايسەن؟
-لېكىن مۇئەللىم بۇ ئەسەرنىڭ نىمىشقا قانداق  يېزىلغانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى.
    راست گەپنى قىلسام بۇ ئەسەرنىڭ نىمىشقا  قانداق يېزىلغانلىقنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن. ئىككى سىڭلىمنىڭ ئاغزىمغا قاراپ تۇرىشى مېنى بىر نەرسە دىيىشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى. يادىمغا دوختۇرخانىدىكى بىمارلارنىڭ مېنى «مۇ» دوختۇر دەپ چاقىرىشى، مېنى خەنزۇ مىجەز ، مىللى ئەنئەنىنى بىلمەيدۇ دىيشكەنلىكى كەلدى. ئۆزەمنى بەكمۇ بىچارە ھېس قىلىدىم. ۋەتەن خەلقنى گۈللەندۈرۈشكە قىزىقماسلىقىمنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇمۇ؟ ئاتتىن چۈشسەممۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەسلىكنى قارار قىلدىم.
-بۇرۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپ زامانسىدا مۇشۇ كىشى ۋەزىر بولغان پادىشاھلىق دائىرىسىدە گۈل-گۈلىستان بىر باغدا بىر باغۋەن بوۋاي ياشايدىكەن. بۇ باغۋەن باغنىڭ ئىشىغا شۇنچىلىك پۇختا ئىكەنكىن قىلغان ئەجرى بىلەن باغنىڭ مېۋىلىرى بەكمۇ ئوخشايدىكەن.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھ ۋە باشقا ۋەزىر-ۋۇزۇرالار شىكارغا چىقىپ بۇ باغنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ.پادىشاھ باغنىڭ سالقىن ،ساپ ھاۋالىقلىقى ۋە ئوخشاپ كەتكەن مېۋىلىرىنى كۆرۈپ ئوردا ئەھلى بىلەن مۇشۇ باغقا كىرىپ ئارام ئېلىشنى لايىق تېپىپتۇ . باغۋەن بوۋاي ئۇلارنى قىزغىن سالام-سائەت ، ئىززەت –ئىكرام بىلەن قارشى ئېلىپ خۇش ھاۋالىق باغدا مەي باغلاپ پىشقان ھەرخىل مىۋە-چىۋىلەر بىلەن مېھمان قىلىپتۇ. پادىشاھ ۋە ۋەزىر-ۋۇزرالار باغ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئايلىنىپ سەيلە قىلىپ بىر كۈننى ئۆتكۈزۈپ قايتىشقا تەرەددۇتلىنپتۇ. پادىشاھ قايتقۇچە بوۋايغا ئىنئاملار ئىلتىپات قىلىپتۇ.
سىلەر بىلىسىلەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ جاھاننىڭ تىلسىماتلىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىپ ئۆز زامانىسىنىڭ تەڭدىشى يوق ئالىمى بولغان، ئۇ ھەتتا قۇش-ھايۋاناتلارنىڭ تىلىنىمۇ بىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھ بىلەن بىللە باغدا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا قۇشلارنىڭ نىمە دەپ سايرىشىۋاتقانلىقىغا قۇلاق ساپتۇ ۋە قۇشلارنىڭ مۇشۇ باغنىڭ ئىگىسى بولغان باغۋەن بوۋايغا ئاللادىن جەننەت تىلەۋاتقانلىقىنى بىلپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بوپتۇ. چۈنكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئىلىم دەپ چۈشۈپ شۇنچە كۆپ كېچە-كۈندۈزلەرنى ئىلىم ئىگەللەش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ ئۆزىگە ئۇچار قۇشلار تۇرماق بىرەر ئادىمىزاتنىڭ جەننەت تىلىگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەپتۇ.
    ئۇلار ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن ھېلىقى باغۋەن بوۋاينىڭ يېنىغا كەپتۇ. ئەسلىدە ئۇ مۇشۇ باغنى سېتىۋىلىپ ئۆزەمنىڭ قىلسام، باغدىكى قۇشلار ماڭىمۇ ئاللاھتىن جەننەت تىلەپ سايرىسا دىگەننى ئويلىغان ئىكەن.باغۋەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قۇبۇل قىلىپ باغنى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا تاپشۇرۇپ ئۆزى شەھەرگە كىرىپ كېتىپتۇ.
باغنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ سېتىۋاپتۇ. بىراق ئىش بۇ ئىلىم ئەھلى ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قاپتۇ. يەنى باغدىكى باغ ئىگىسگە جەننەت تىلەپ سايرايدىغان قۇشلار سايراشتىن توختاپ سانى كۈندىن-كۈنگە ئازلاپتۇ. مېۋىلىك دەرەخلەرمۇ قۇرۇتلاشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ساقىلىنى سۆرەپ باغنىڭ ئەسلى ئىگىسىنى ئىزدەپ شەھەرگە كىرىپ مىڭ-مۇشەققەتلەر بىلەن ئۇنى تېپىپ باغقا قايتۇرۇپ كەپتۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ باغنى سېتىۋېلىشتىكى سەۋەبىنى ۋە ئاقىۋىتىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. باغۋەن بوۋاي يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قەغەز،قەلەم، سىياھ تېپىپ ئەكىلىپ: «سىلىنىڭ باغلىرى مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن مېۋىگە كىرگۈسى» دەپتۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋاينىڭ دىگىنىنى چۈشىنىپ پادىشاھ-ئاۋامغا نەسىھەت بولىدىغان شۇنداق بىر بۈيۈك ئەسەرنى يېزىشنى نىيەت قىلىپ ئاخىرى بۇ شاھانە ئەسىرىنى ئاشۇ باغۋەن بوۋاينىڭ بېغىدا پۈتكۈزۈپتۇ ۋە ئۇنى پادىشاھقا ھەدىيە قىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرنىڭ بۇ خاسىيەتلىك ئەمگەك مېۋىسىدىن سۆيۈنۈپ كىتابنى تالىبلارغا كۆچۈرگۈزۈپ جاھانغا تارقىتىپتۇ. بۇ كاتتا ئەسەرنى ئوقۇغان ھەر زاماننىڭ ئادەملىرى بۇ پاراسەتلىك ۋەزىرگە جەننەت تىلەپ دۇئا قىلىپ كەپتۇ تا ھازىرغىچە ئۇنىڭغا يوللانغان دۇئا-سالاملار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىكەن .
ئىككىسى ھېكايەمنى ئاڭلاپ دەسلەپكى ھېكايىگە ئوخشاش ئالدىراپ باھا بەرمەي خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ قالدى.
    -تامىقىڭلارنى يەڭلار بالىلىرىم. كەچلىك تاماق تەييار بولغىلى نىكەم،-دىدى ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ئاپام- بۇ ھېكايەڭ بەك تەسىرلىك ئىكەن، ئوغلۇم. داداڭمۇ ياقتۇرۇپ قالدى.
    ئەسلى دادام-ئاپام ئىككىسى ئىككى سىڭلىمغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىۋاتقىنىمدا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئاڭلاپتۇ.
    بەشىمىز ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ جۇۋاۋا يىدۇق. ئىككى سىڭلىمنىڭ قاچىسىغا بىر نەچچىدىن جۇۋاۋىنى سېلىپ : «ياخشى يەڭلار، كاللاڭلارغا دەرس چۈشىدۇ» دەپ قويدۇم ، دادام ئاپام ئىللىق كۈلۈمسرەپ بىر-بىرگە قارىشىپ قويدى.
تاماقتىن كېيىن نەفىسە بىلەن رەشىدەنىڭ قېشىغا يەنە كىرىپ ئۇلاردىن دادامنىڭ ھاراق ئىچمىگەن كۈنىنى سانايدىغان تاش سېلىنغان قۇتىنى سورىدىم.
    -دادام ئۇنى بالكوندىن تاشلىۋەتتى. –دىدى نەفىسە.
    -قاچان؟
    -سىز كېلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال.
    -نېمىشقا؟
    -ئۇ ئىككىمىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «بالىلىرىم، مەن ئەمدى ھاراق ئىچمەيمەن. تاماكىنىمۇ تاشلىدىم. ئەمدى كۈن سانىماڭلار» دىدى.
    -ئاكا، نېمشقا بوۋامغا سوۋغا ئالغاچ كەلمەيسىز؟-سورىدى رەشىدە.
    توغرا، نېمىشقا بوۋامنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن؟ بۇنى چۈشەندۈرەلمىدىم. بىراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى يوقلاپ بېرىشنى نىيەت قىلدىم.
    كەچتە ئەتىدىكى ئىشنى خىيال قلىپ ئۇخلىيالمىسام بولاتتى. بىراق چارچاپ قالغانلىقىمدىن بولسا كېرەك تېزلا ئۇخلاپ قالدىم.

UID
8337
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
279
تىزىملاتقان
2011-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 01:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدىكى مۇنازىرىگە ئارلاشماي  ئەسىرىڭىزنى داۋام قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
باشقىلارنىڭمۇ يازغۇچىنىڭ تەرىپىنى ئالىدىغان مۇنازىرىگە قېتىلىپ سەھىپىلەرنى ئۇزاتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ ئەسەر بىرلىرىگە يېقىشى مۇمكىن بىرلىرىگە ياقاماسلىقى مۇمكىن ئامما  ماڭا بەك ياقتى.

     تىز-تىز يىزىڭلار .

UID
9681
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 17:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىۋاتىسىز، سىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ! داۋامىغا قارايمىز...

چىداملىق بول، خوشال ياشا!!!

UID
9695
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
260
تىزىملاتقان
2011-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 23:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق بىر كىنونى كورۇپ ئوتتۇرىغا كەلگەندە تۇگەپ كەتكەندەك  ئىش بولدى.شۇنداق قىزىقىپ كورۇۋاتاتتىم.ۋاي ئىسىت.داۋامىنى خاپا بولماي تىززاق يوللارسىز.

كۆيۈمچان ئەزا

ھېچ ئىش قىلمىغان

UID
4991
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1458
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 23:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا ئىنتىزارمىز...
كۈن ساناپ تولىمۇ تەستە ئازراقلا بىر بۆلۈك تەپسىلاتقا ئېرىشىۋاتىمىز. ئەسەرنىڭ يۆنىلىش، ئۇسلۇب ۋە پىكىر چوڭقۇرلىقى جەھەتتىكى بالاغىتىنىڭ پىشىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرساقمۇ ئالدىرىتىشقا تىلىمىز چاققان كېلىۋاتىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى ئۇتۇق تىلەيلى.

ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.

ئۈمىدلىك ئەزا

مەن بىر ئىنسان!

UID
2108
يازما
58
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
610
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 07:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرىپلا ئوقۇغان تىمام مۇشۇ  بولدى! ئورنۇمدىن قوپماي ئولتۇرۇپ باشتىن  ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كىلىپ توختىدىم، كۆزلىرىم چىڭقلىپ ئىتىلىپ كىتەيلا دەپ قالدى، قەلەم قۇۋتىڭىزگە بارىكاللا !
ئاخىرنى تۆت كۈزۈم بىلەن ...............................

مەن ھايات!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش