بۇ 64قەۋەتتىكىsrwaz يوللىغان 2010-12-26 03:55 غا قارتىلغان :
بىر تاغار قۇرۇق گەپ بىلەن تولدى بۇ ھىكايە . ھىكايە ئېسىل لىكىن ئوقۇپ باقماي پىكى قىلىۋاتقان قالتىس پااسەت ئىگىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئىلمى اشقىلى بولمايدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەرۋاز:
سىزگە بۇ ھېكايىنىڭ قالتىس ياراپ كەتكىنىنى يۇقارقى قۇرلىرىڭىزدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق ھەركىمنىڭ ئىلكىدىكى ئىش . ئالدىنقى بەتتە قېرىندىشىمىز كەۋسەر يازغان "مەن ھاراقنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى خەقتىن ئاڭلىسام، چوقۇم ئۇنى ئىچىپ كۆرۈپ، ئاندىن "ھەقىقەتەن ھاراق نىجىس ئىكەن" دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم كېرەكمۇ؟(نەئۇزىبىللاھ)
"توكنى تۇتساڭ ئۆلىسەن" دەپ ئاڭلىسام چوقۇم توكنى تۇتۇپ سىناپ بېقىشىم، بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ تەجرىبە قىلىپ بېقىشىم كېرەكمۇ؟
'ئىنسانىيەت ئايشارىغا قەدەم باستى"دېيىشسە مەن راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئايشارىغا چىقىپ ئۇلار قادىغان بايراقلارنى ياكى ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشىنىشىم كېرەكمۇ؟؟؟" دېگەن قۇرلارنى سىز ئوقۇماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايسىز . مەن ئويلىدىم سىز دەل كەۋسەر تىلغا ئالغاننىڭ ئەكسىچە ھاراق زىيانلىق دېسە ،زىيانلىق بولسا بولمامدۇ ،سىناپ باقمامدىم دەپ سىنايدىغاندەك تۇرسىز ئەلپازىڭىزدىن.
سىز باشقىلار دېگەن ئورۇنلۇق گەپلەرگە چىن پۈتمىگەن بولىسڭىز ، قۇرئان سۈرىلىرىگىغۇ چىن پۈتەرسىز ، ھەدىسلەرگىغۇ چىن پۈتەرسىز (ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولىسىڭىزلا چىن پۈتىسىز چۇقۇم). ئەمسە كۆرۈڭ!
بۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا گۇناھ بولامدۇ دېگەن سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاب:
1. << شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆز ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ ئۇلار قىلمىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق، دەپ سۆزلەيدۇ. پەقەت ئېمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اللەنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا؛ زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ!>> ( سۈرە شۇئەرا 224-ئايەتتىن 227-ئايەتكىچە ).(ئۆمەر)
2. سىز سورىغان"يېزىقچىلىق قىلىش-قىلماسلىقتىن"ئىبارەت بۇ مەسىلدە دىندا تالاش تارتىش يوق. يەنى، ئەگەر يېزىلغان شۇ ئەسەر(مەيلى قايسى ژانىرغا تەۋە بولسۇن) شەرىئەتتىن چەتنىمىگەنلا بولسا ئۇ ئەسەر دىندا قوبۇل قىلىنىدۇ.(دىققەت: بۇ يەردىكى شەرىئەتتىن چەتنىمەسلىك، ئاتالغۇسى ئىسلام روكۇنلىرىدىن بارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ، شۇڭا مەن دىندا قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرنى شەرئىەتتىن چەتنىمەسلىكتىن ئىبارەت بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلىدىم)
ئەكسىچە بولسا دىندا قەتئىي چەكلىنىدۇ.
ئەمدى شەرىئەت يولغا قويغان دائىرىنى كونكېرتلاشتۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ھەر ئىش باتىنىي(يوشۇرۇن) ۋە زاھىرىي(ئاشكارا) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكىي باتىنىي مۇددىئا دىلدا بولىدۇ. يەنى ئاپتور ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن يازدى. يېزىشتىكى مەقسىدى نېمە ئىكەنلىكى باتىنىيلىك دائىرىسىدە بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا جىڭغا ئولتۇرىدىغىنى مانا مۇشۇ تەرەپتۇر.
باتىنىيلىك دائىرىسىنى "ئىجابىيلىق" ۋە" سەلبىيلىك"تىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باتىنىي دائىرىدىكى ئىجابىيلىق شۇكى:
ئاپتور ئەسەرنى دىنغا خىزمەت قىلدۇرۇش، دىننىي گۈللەندۈرۈش، قاساۋەتلەشكەن يۈرەكلەرنى تازىلاش، ئېرىتىش، ئەخلاققا،ئادالەتكە، ئىلىمگە، توغرا يولغا،دۇنياغا دۈم چۈشمەسلىك، ئاخىرەت سۆيگۈسىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، مېھىر مۇھەببەتكە ...(ئومۇملاشتۇرغاندا ھەق دىنغا) چاقىرىش مۇددىئاسى بىلەن يازغان بولسا، مانا مۇنداق نىيەت بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر دىندا ماختىلىدۇ.
باتىنىي دائىرىدىكى سەلبىيلىك شۇكى:
ئاپتور ئەسەرنى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش، نوقۇل ھالدا ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، باشقىلار بىلەن بەسلىشىش، كىشىلەرگە جاھىلىيەت قىلىقلىرىنى چىرايلىق كۆرسۈتۈش، ئىسلامنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ھاقارەت قىلىش، ياكى ئىسلام تونىغا ئورىنىۋېلىپ بىدئەت تارقىتىش، دىننى تەسلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى زىددىيەتكە سېلىش، ئەخلاقسىزلىققا چاقىرىش... نىيىتىدە يازغان بولسا، بۇنداق ئەسەرلەر قەتئي چەكلىنىدۇ.
كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھتىن ئۆزگە ھېچكىم بىلمىگەچكە، كۆپۈنچە ھاللاردا ئەسەرلەردىكى باتىنىي مەقسەدلەر ئەسەر جەمئىيەتكە تارقالغاندىن كېيىنلا بىلىنىشكە باشلايدۇ(كىشىلەرنىڭ باتىنىيلىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى سېزىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئەلۋەتتە). ۋە ياكى بۇ باتىنىيلىقنى مەڭگۈ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەي قالىدۇ. شۇڭا ، كۆپۈنچە ھاللاردا ، (يازغۇچىدىن باشقا) ئىنسان بولغۇچى ئەسەرنىڭ باتىنىي تەرىپى بىلەن ھېسابلىشىپ بولالمايدۇ.
شۇنداق بوغلانلىقتىن، ئەسەرگە شەرئىەت نۇقتىسىدا باھا بېرىشتە ئەسەرنىڭ زاھىرىي تەرەپلىرىگە قارىلىدۇ.
ئەسەر زاھىرىي تەرەپتىن ھەم"ئىجابىلىق"،"سەلبىيلىك"تىن ئىبارەت ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.
ئاپتور ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئىپادىلەشتە شەرىئەت(يەنى ئاللاھنىڭ قانۇنى)نىڭ رامكىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا، سۆز-دىئالوگلارغا ھەم ئەڭ ئەدەبلىك تەرزدە مۇئامىلە قىلغان بولسا، ئەسرىدە ياخشىلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ناچار قىلمىش، يامان ئىللەتلەرنى يەرگە ئۇرغان بولسا، كىتابخانلارنى ئاشكارا ياكى بىئاشكارا يوسۇندا ھەق يولغان چاقىرغان بولسا، يامان يولنىڭ بەختسزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز قەلىمى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، ۋە يۇقىرىدا باتىنىي جەھەتىكى ئىجابىي تەرەپلەر ئەسىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، مانا مۇنداق ئەسەرلەر ئىسلامدا قارشى ئېلىنىدۇ، ماختىلىدۇ.
زاھىرىي تەرەپتىكى سەلبىيلىك شۇنى ئىپادىلەيدۇكى:
ئاپتور ئەسەردە جاھىلەيتچە ئىش ۋەقەلەرنى بىتەرەپ مەيداندا تۇرىۋېلىپ ياكى جاھىليەت قىلىقلىرىنى بازارغا سېلىپ يازغان بولسا، نىيىتىدە ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەپ ئويلىغان تەقدىردىمۇ بۇ قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ. شەرىئەتتە چەكلىنىدۇ. بۇ يەردە يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ"زىنا ئالدىدا ئولتۇرغا قىز"،"كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى"ناملىق ئەسرىنى مىسال كەلتۈرىمىز. ئەسەر دىنىي كەيپىياتتا يېزىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭدا جاھىلىيەت قىلمىشلىرى ئوچۇقتىن ئوچۇق بايان قىلىنغان، دىنىي چۈشەنچە مۈجمەل، بەزى جايلاردا مەسخىرە ئارىلاش يېزىلىپ قالغانلىقتىن بۇنداق ئەسەرلەرگە شەرىەت قەتئىي يول قويمايدۇ. دېسە تىل، سكزلىسە يۈز كۆيىدىغان ئىشلارنى ئەسىرىگە سكرەپ چىقىققان يازغۇچى شەرئىەتتە جازاغا لايىق بولىدۇ. دىندىكى بىدئەتلەرنى پاش قىلىمەن دەپ بىدئەت ئىشلارنى ۋەقەلىككە ئارىلاشتۇرۇپ يېزىپ، توككىدە ئوتتۇرىغا تاشلاپ قويۇش ھەم قەتئىي چەكلىنىدۇ. قىز-ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى تەسۋىرلەش، تەشۋىق قىلىش، ھاراق- تاماكا سورۇنلىرىنى (نەپىرىتىنى ئېنىق ئىپادىلىمەستىن تۇرۇپ) بولۇشىغىچە تەسۋىرلەش تەسۋىرلەش، دۇنايغا قىزىقتۇرۇش، ئاخىرەتتتىن بەزدۈرۈش ئېلمىنتلىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەرقانداق ئەسەر چەكلىنىدۇ.(كەۋسەر)
3. توقولما ھېكايە ۋە پوۋسىتلارنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئۇنىڭ مەزمۇنىدا دىننى مەسخىرە قىلىدىغان مەنىلەر بولسا ئۇ چاغدا ھارام بولىدۇ.
ئەمما مەزمۇنىدا ئۇنداق مەنىلەر بولمىسا ئۇ چاغدا جايىز بولىدۇ.
يۇز بەرمىگەن ۋەقەلەرنى مىسال كەلتۈرۈش يولى بىلەن تەسۋىرلەپ يېزىش گۇناھ سانالمايدۇ.
شەيخ ئبن ئوسەيميندىن بۇ ھەقتە سورالغاندا:
بەزى يازغۇچىلار خىيالىي ھېكايىلەرنى جەلب قىلارلىق ئۇسلۇب بىلەن توقۇپ يازىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ ئبن ئوسەيمين مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
بەزى دىنىي، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مۈشكۈللۈكلەر تۈزەش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن يازسا ھېچ گەپ يوق. چۈنكى يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەر بىلەن مىسال كەلتۈرۈش گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. ھەتتا بەزى ئالىملار قۇرئان كەرىمدىكى بەزى مىساللار ھەقىقىي يۇز بەرگەن ئەمەس ئەمما ئاللاھتائالا مىسال كەلتۈرگەن دەپ بۇنى جايىز دەپ قارايدۇ.
ئاللاھ يەنە مۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ: مۇنداق ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچىدۇركى، ئىگىسى بۇ گاچىنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە (كىشلەرنى) ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر،بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاشمۇ؟(يەنى بۇ گاچا بىلەن ئۆزى توغرا يولدا تۇرۇپ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان، ئۆزى قۇرئان نۇرى بىلەن نۇرلانغان ئادەم بىر- بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويمىغىنىدەك،بۇت ۋە تاشنى ھەممىنى بىلگۈچى قۇدرەتلىك ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ).
سۈرە نەھل 76 - ئايەت
چۈنكى بۇنىڭدىن مەقسەت رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت.
جاۋاب تۈگىدى. (مەرىفەت)
(بۇ مەزمۇنلار ئۇشبۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مەرىغەت مۇنبىرىدىن ئېلىپ كىلىندى . ئۇلىنىش ئادىرسى :
http://bbs.merifet.net/read.php?tid=1326)