ئىگىسى: erturk36

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
297
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8308
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 12:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر زادە تەنقىدنى ئارتۇقراق بېرىۋېتىپتۇ.... كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى سەل باشقىچىرەك يېزىلىپ قالغان بىلەن، ئەر تۈرككامنىڭ باشقا ئەسەرلىرى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان. جۈملىدىن بۇ ھېكايىسىمۇ شۇنداق... " زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز" رومانىنىڭ ماۋزۇسىدىكى " زىنا" دېگەن سۆزنى ئېلىپلا، بۇ سېرىق ئەسەر دېسەك قەتئىي بولمايدۇ، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇتۇقلۇق چىققانلىقىنى، ئادەتتى خېلى خېلى كىتابلارنىمۇ ئوقۇمايدىغان  تالىپلارمۇ ئىنتايىن چىن يېزىلىپتۇ دەپ ماختاپ كەتكەندە ھېس قىلغانىدىم ، زىنا دېسىلا ھېلىقىدەك ئىش زىنا بولمايدۇ، ئادەتتىكى كىچىك زىنالارمۇ زىناغا كىرىدۇ، ئەر تۈرككام شۇ نۇقتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، ئىككىلەنمەي زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز دەپ ماۋزۇ قويالىغان.  دۇنيادىكى ئەڭ قېلىن رومانغىمۇ، بۇنداق ئىسىم قويۇلمىغان، پاھىشەلەرنىڭ تۇرمۇشى تەسۋېرلىنىدىغان رومانلارنىڭ ماۋزۇسىمۇ بۇنداق ئەمەس دېسەك، مەنچە خاتالاشقان بولىمىز....

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 18:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشتنىڭ سەركىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىپ قالدىمۇ نېمە؟

UID
1944
يازما
112
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3803
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 01:23:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى مەلۇم مەقسەت - مۇددىئانى ئىپادىلەپ ئوقۇرمەندە مۇھەببەت - نەپرەت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈش ئەمەس. شۇڭا، مېنىڭ ئەسەرلىرىممۇ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ ھاجىم ئىپادە بىلدۈرسە مەن گەپ قىلمىغان بولاي.

بۇ جايغا يۈز birخەت سىغمىدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
1944
يازما
112
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3803
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 01:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز. ئىزدىنىشنىڭ مەنمەنچى ئەبلەخلىرى كىرمەي ياخشىلىرى كىرىۋاتىدۇ.

بۇ جايغا يۈز birخەت سىغمىدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
1944
يازما
112
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3803
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 01:27:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفىيفىي توغرا دەيدۇ. زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز بەك ئېسىل چىققان ئەسەر. بىراق، ئۇنى تەڭرىتاب ژۇرنىلىغا قانات - قۇيرۇقىنى ژۇلۇۋېتىپ بېرىشكە ھاجىمنىڭ كوڭلى ئۇنىغىنىغا مەن ھەيران.

بۇ جايغا يۈز birخەت سىغمىدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 04:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانات قۇيرۇغىنى يۇلىۋەتسە بىز ئەسەرنىڭ پەرۋازىنى ئەمەس شورپا قىلىنىپ پىشۇرۇلغان ھالىتىنى كۆرىدىكەنمىز دە ؟  لىكىن بۇ رۇمان ئايرىم كىتاپ بۇلۇپ نەشىر قىلىنىدىغان خەۋرىنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم  .  ئەڭ بازارلىق كتاپلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولدى دە . نىسىپ قىلسۇن

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 07:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 18قەۋەتتىكىozhal يوللىغان 2010-12-13 01:22 غا قارتىلغان  :
ئەقلى بار ئادەم بولغاندىن كىين قانداق ئايرىشىنى ھەممە ئادەم ئۆزى بىلىدۇ . بىزدە ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى زىيادە ئەقىللىق چاغلاپ باشقىلارنى بىچارە . بىلىمسىز . ئەخمەق چاغلايدىغان ھىسيات بار . شۇڭلاشقا كۆپىنچە ھالدا بىزنىڭ جەميەت ۋە كىشىلەر ھەققىدە چىقارغان خۇلاسىلىرىمىز ، ھۈكۈملىرىمىز ۋاختى كەلگەندە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ .   ئەدەبىياتنى پەقەت پەندى نەسىھەت قىلدىغان نەرسە دىگەن رامكىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلىساق بۇ ھىكايىدە سىلەر ئويلىۋالغاندەك " زەھەر" نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ھىس قىلسىلەر . چۇشەنمىگەن بولساڭلار قايتا قايتا ئوقۇڭلار . باش پىرسۇناجنىڭ ئوي پىكىرلىرى . ئۇىنڭ ياشىغان شارائىتى . ئۆزى سەسكىنىپ تۇرۇپ يەنە ھايات كەچۇرۇشكە مەجبۇر بولغان ھىسياتىنى ئويلاڭلار . ئۇنىڭ ئورندا ئۆزۇڭلارنى قويۇپ ئويلاپ بىقىڭلار . بۇ چاغدا ھىسيات باشقىچە بۇلىشى مۈمكىن .  
     ئۆزھال،مۇشۇ يىللاردىمۇ  نېمشىقا "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېسە "ھارمىغايسىز " دېگەندەك شەكلىدە مۇنازىرە قىلىدىغاندىمىز؟ مەن نەدە،  كىمىنى ئەخمەق چاغلاپتىمەن؟ ئىنكاسىمدا نەدە شۇنداق گەپ باركەن؟ قاچان ئەدەبياتنى پەندە-نەسىھەت قىلدىغان نەرسە دەپتىمەن؟ مەن تېخى يەنە بىر تېمىدا مۇشۇ ئەخمىقانە قاراشقا رەددىيە بەردىمغۇ؟

ئەفىفىىگە،تەنقدىم  ئارتۇق كەتمىدى.
       مېنىڭ ئەدەبىياتنى ۋە چەت ئەل ئەدەبياتىنى چۈشىنش دەرىجەم سىزنىڭكىدىن ھەرگىز كەم ئەمەس. سىز "زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان ئەسەر" نى قالتىس دېسىڭىز، ئۇ ئۆزىڭىزگە ھەم بۇ ھوقۇقىڭىز. ئەمما، ئاخىرىدىكى ئىنكاسىڭىز ئىنتايىن كۈلكىلىك ھەم سىزنىڭ دىني كىملىكىڭىزگە سوئال تاشلايدۇ. مەن سىزنى   زىدديەتلىك كىملىككە ئىگە تالىپ بالا دەپ چۈشىنىمەن. قىممەت قارشىڭىزدا مۈجىمەللىك بار.
        بىرلا گەپ، بۇنداق يازمىلار مەدەنيەت جاھانگىرلىكى ۋە ئىدولوگىيە تاجاۋۇزىدىن تىن ئالالماي تۇرغان ۋاقتىمىزدا دۈشمەننىڭ تۈگمىنىگە سۇ قويغاندەكلا بىر ئىش. يەنە كېلىپ، بۇ گەپنى قىلۋاتقان سىز ۋە ئاپتور ھاجىم شەھۋەت ۋە غىىقلىنىش پەيدا قىلىدىغان گەپ-سۆزىنىڭ مۇقەددەس كتابلاردا قانداق ئېغر ئېلىندىغانلىقى ۋە قانداق  شەرھىلىدنىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىسلەر. نېمانداق زىدىيەتلىك ياشايدىغانسىلەر؟
   يەنە كېلىپ ، بۇ گەپنى قىلۋاتقانلار يا كاتولىك يا فرانسوز يا باشقا ئەمەسقۇ! ھەرىكىتىمىزنىڭ، گېپىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىشايلى دېيىشىم شۇ سەۋەبتىن.
بىزدە ئەفىفيدەك ئويلايدىغان دىندار بالىلار ئاۋۇسا بەكمۇ ئەپسۇسلنارلىق ئىش بولىدۇ. بولسا بۇھەقتە مەھزۇن ۋە ئادىل تۇنياز بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۇڭ.
      بۇنداق زىددىيەتلىك ياشسىمىساق.يەنە كېلىپ، "مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ" دېگەندەك نى قالتىس ئەسەرلەرنى كۆرمەي تۇرۇپ ماختاپ كەتسەك، ئەدەبياتنىڭ كۇرسى چۈشىدۇ. ئەرتۈرك تالانتلىق يازغۇچى، ئەمما ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايدىغان يازغۇچى. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئالاھىدە بىر دەۋردە.
       ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن يازىمەن دېگەن گەپنى ئەرتۈرك راست قىلغان بولسا، ئەمىسە ئۇ بەك چېكىنپتۇ،ئۆزىدىن ياتىلىشپتۇ. لېكىن، بۇ گەپ نەدە قىلىنغان بولغىيىدىكىن؟
راست شۇنداق يېرى بولسا بىزگە ئىچ پۇشۇقى ئەدەبياتى كېرەك ئەمەس. بۇنداق ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان يازغۇچى.
    قولۇمدا ئىش بار بولۇپ قالدى. تۈگىتىپ رەسمىي كرىشىمەن.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

نان يىسەڭ قۇساق

UID
1500
يازما
171
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
5943
تىزىملاتقان
2009-3-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 12:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسەن ئۆز پىكىرىمنى بايان قىلىش ھوقۇقىمدىن پايدىلىنىپ مېنىڭمۇ ئىككى ئىلىك سۆزلىگۈم كىلىۋاتىدۇ، ھەرىكىتىمىزنىڭ، گېپىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىشايلى  بۇ گەپ ماڭا ئەجەپ ياققان ئىدى،كۆڭلۈمگە چىڭ پۈكۈپ ئولتۇرسام بۇ تېمىدىكى ئەسەر توغرىسىدىكى ئىنكاسلارغا قاراپ سۆزلىگۈم كەلدى.ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز ئەسىرىنى ئاۋازلىق ئازراق ئاڭلىغان،ھەر قېتىم ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلىسام بىردەم ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالىمەن(بۇ مەندىكى كەمچىلىكمۇ ياكى ئۇيقىغا ئامراقلىقمۇ ئۇقمىدىم)ئاندىن ئەلكۈيى تورىدا كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى ناملىق رومانى ئاۋازلىق قىلىپ ئاڭلىتىلدى،ئۇنىمۇ ئانچە مۇنچە ئاڭلىغان بولدۇم،راستنى دىسەم ئاۋازلىق ئەسەر ئىچىدە سېرىق گەپلەر ھەقىقەتەن خېلى باركەن،چوقۇم ناشايان ئىشلارنى ئەمەلىي يېزىپ تۇرمۇشقا سۆرەپ كىرىش كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە ئەنۋەر ھاجى ئەپەندىم چوقۇم يېزىش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ چىقىشى كېرەك،تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئۇنىڭ بىر ھېكايىسىنى ئوقىغان ئىدىم،چېنىقىشمۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق مەزمۇندا بۇ ھېكايىسى ياخشى چىقىپتىكەن،شۇنداقراق ئۇسلۇپتا يازغان بولسا بەلكىم ئەنۋەر ھاجىدىن تېخىمۇ خوش بولغان بۇلاتتۇق،ھېلىمۇ ئەمەلىي تۇرمۇشتا بەك ئۇچۇق  بوپ كەتتۇق،سېرىقلىشىپ كەتتۇق،يىتەر ئەمدى ئەدەبىياتىمىزمۇ شۇ يولغا ماڭسا ئىدىيە تولۇق ئۆزگىرەپ كەتمىسۇن،ئۇنداق ئىشلارنى دىيىشتىنمۇ ، تىلغا ئېلىشتىنمۇ قورقساق بۇلاتتى.شەخسەن مەن ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتسۇن دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

راست گەپ بىلەن ي

UID
5085
يازما
191
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6012
تىزىملاتقان
2010-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 15:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاجىم قۇرۇق گەپلەرنى ئاڭلاۋىرىپ، كاللىسى يۇيۇلۇپ كېتىپ، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى بۇلۇپ قالمىسا بۇلاتتى.

كۆيۈمچان ئەزا

ئىشىكنى قايتا-قا

UID
3809
يازما
195
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6586
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 17:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 28قەۋەتتىكىhakanxp يوللىغان 2010-12-14 15:59 غا قارتىلغان  :
ھاجىم قۇرۇق گەپلەرنى ئاڭلاۋىرىپ، كاللىسى يۇيۇلۇپ كېتىپ، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى بۇلۇپ قالمىسا بۇلاتتى.
       ئۇنداق بولۇپ كىتىشى ناتايىن،لىكىن يازغۇچى ئوقۇرمەننىڭ ساداسىغىمۇ قۇلاق سىلىشى كىرەك.ئۇيغۇرزادىنىڭ ئىنكاسلىرىدا بۇ سۆيۈملۈك يازغۇچىمىزغا نىسبەتەن تەنقىددىن كۆرە سەمىمىيلىك ۋە كۆيۈنۈشنى بەكراق ھىس قىلدىم.
     ئەسەر ئېلان قىلىنماستا يازغۇچىنىڭلا مۈلىكى،ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇرمەننىڭ،شۇنداق ئىكەن ئوقۇرمەننىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق باھا بىرىش ھوقوقى بار،ئۇنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق يازغۇچىنىڭ ئىختىيارى،شۇنداقتىمۇ سەمىمى تەكلىپ،تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلسا زىيىنى يوق.
      يەنە شۇنىمۇ دىگىم كىلىۋاتىدۇ،بىر پۈتۈن ئەسەرنى بىر ئىغىز گەپ بىلەن ئىنكار قىلىشمۇ ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس!
      ئىلمىي،ئەستايىدىل،سەمىمىي تەنقىدنى يازغۇچىنىڭ قوبۇل قىلماسلىقى مۈمكىن ئەمەس.يازغۇچىلار تەنقىددىن ئەمەس ماختاشتىن بەكراق ھەزەر ئەيلىگىنى ياخشى.بۇ تەرىپىنى تالانىتلىق يازغۇچىمىز ئەرتۈرك مەندىنمۇ بەكراق چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن!
      ئەلكۈيىدىكى مۇنازىرەخانلار ئەجەپ سالماق دىسە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش