كۆرۈش: 88544|ئىنكاس: 138

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 11:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم  بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان.

ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى، تېنىدىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرىنىڭ پۇرىقى تارىدى.  ئۇلار ئۆزىگە ئەتىر چېچىپ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، ئۇلار بىلەن زىنا قىلغاندەك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دوزاخ ئوتى ھەر بىر كۈچەيگەندە زىناخور ئەر-ئاياللارنىڭ قىيا-چىيا قىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

بۇ شەھەرنىڭ داڭلىق بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. بۇ يەردىن 300 مېتىر شەرققە ماڭغاندا ھاجەتخانىلىرى پۇراپ تۇرىدىغان مەينەت ئارقا كوچا، بۇ كوچىدا  بىر قېرى خەنزۇنىڭ كونا ئۆيى بار، بۇ قېرىنىڭ باشقا ئىشى يوق، تار ھويلىسىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرىدۇ. زېرىكىپ كەتسە تالاغا چىقىپ قېرى ئۈلپەتلىرى بىلەن ماجاڭ ئوينايدۇ.  ئۇ بۇرۇن كۆمۈرخانا قىلغان ئۆيىنى بىر كاۋابچىغا ئىجارىگە بەرگەن. بۇ كاۋابچى پۇت سىغقۇدەك ماكانغا ئېرىشكىنىدىن خۇشال. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يالغۇز ئوغلى باشقا شەھەرگە پۇل تاپقىلى كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا  ئىشلەمچى ئايالدىن بىرنى قارىتىپ قويغانىدى. كاۋاپچىنىڭ كاتەكتەك ئۆيىدە چىرايلىق بىر دۇتاردىن بۆلەك كۆزگە چىلىققۇدەك بىساتى يوق ئىدى، ئەبجەق كارىۋىتى قاتتىقراق ئولتۇرسا سۇنۇپ چۈشىدىغاندەك قىيسىيىپ تۇراتتى، كىر يوتقانلىرىدا مايقۇرتلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى. بىر بۇلۇڭدىكى پاكار جوزىدا گۆش پارچىلايدىغان دۇش ۋە پىچاق، پىچاق چاقلىغۇچ، داس، كورا، زىرە، لازا قۇتىلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھەممە نەرسىسى مايلىشىپ، بىر قەۋەت توپا بېسىپ كەتكەنىدى.  

كەچقۇرۇن كاۋاپچىلىقىنى تۈگىتىپ، پۇلىنى چۆنتەككە سالغان كاۋابچى چۆپقەتلىرىنى تېپىپ، پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايتتى. ئانچە تەلىيى كەلمەيتتى، كۆپ ئۇتتۇرىۋېتىشتىن قورقۇپ جىق پۇل تىكمەيتتى، كېچە 12 گە يېقىن ھۇجرىسىنى تېپىۋالاتتى. ئەتىسى چۈشكىچە قوپماي ياتاتتى. قاچان ئويغانسا شۇ چاغدا قوپۇپ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-پۇلا يۇيۇپ، گۆش ئالغىلى باراتتى، بۇرۇن ياخشى گۆش قالمايدۇ دەپ سەھەردە بېرىپ ئالاتتى، كېيىن «بۇ خەقلەر پوقلۇق ئۈچەي بولسىمۇ يەۋېرىدىكەن» دەپ چۈشتە بارىدىغان بولدى، بېرىپ بىر ھازا باھا تالىشىپ ئەرزان يېرىدىن ئالاتتى، ئەمما ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ لاتىدەك گۆشلەرنى ئۇششاق پارچىلاپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ بولالماي قىينىلاتتى، ئاچچىقىدا ئىش خوشياقمىغاندا دۇتتىرىنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق پەدىلەرگە چېلىپ كۆڭلىنى خوش قىلاتتى:

  روزىلەم دەيمۇ سېنى

قوزىلەم دەيمۇ سېنى

باغدا باققان پاقلىنىم دەپ

ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى...

 

...

ناخشا ئۇنىڭغا بىر ئىشلارنى ئەسلىتەتتى، مۇڭلاندۇراتتى، يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ پۇچۇلايتتى، بۇنىڭدىن چىققان دەرت-ئەلەم ئىسلىرى كۆزلىرىنى ئېچىشتۇراتتى. بىر چاغلاردا ئۇ مەھەللىسىدىكى بالىلارنىڭ نوچىسى، سورۇننىڭ گۈلى ئىدى. ئەمدى مۇشۇ دۇتتىرىنى قۇچاقلاپ كۇلىچى، كاۋابچى بولۇپ قالدى.  تويلاردا تۆردە ئولتۇرۇپ، شەپكىسىنى قىڭغىر كىيىپ، شوخ پەدىلەرگە چالغاندا تاپسىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزىگە مەنىلىك باققان قىزلار باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتتى. تالاي كېچىلەر ئۇخلاتمىغان شۇ ئايگۇلنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كەتتى، تەلەپ قويدى، ئېرىشەلمىدى، ئېرىشەلمىسىمۇ مەيلىدى، ياخشى گەپ ئاڭلىيالمىدى، قىزنىڭ گېپى ئاخىرقى گېپى ئېغىر كەلدى:  ئۆيدىكىلەر مېنى سىزگە ھەرگىز بەرمەيدۇ...قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ.  

ئۇ ئۆزىنى بىلدى، ئۆزىنى دەڭسىدى، نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان، كۆپ بالىجانلىق ئۆيدىن ئايرىلدى، دۇتتىرىنى قويۇپ قويسا بالىسىدىن ئايرىلغان ئاتىسى شۇ ئاچچىقىدا بۇ «يوغان چۆمۈچ»نى پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە ئۇرۇپ چېقىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ھېچ بولمىسا بۇ سازنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چېقىپ ئېلىشىغا سېتىۋىتەرمەن دەپ ئويلىغانىدى، ساتالمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان، ئۇنىڭغا بىردىنبىر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، تاتلىق غايە، ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدىغان نەرسە مۇشۇ ساز ئىدى، ئۇنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى مەھەللىدىكى قىزلار ۋە ئايگۇل ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دەيتتى، كەتكىنى كەتتى، شوخ ياشا، قولۇڭنى بەر ماڭا، مۇڭلىرىمغا مۇڭداش بول...دەپ جاراڭلايتتى.

ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىچكىرىگە بېرىپ باققۇسى كەلدى، كىچىكىدە ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكەندىمۇ ئۇ سۇنىڭ ئەڭ قاينام، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە بېرىشقا ئامراق ئىدى، قاراملىقتىن ھۇزۇرلىناتتى.

كۇلىنىڭ ئەڭ چوش شەھىرىگە كېلىپ، يەنىلا ئاشخانىدا ئىشلىدى. ئىچەرمەنلەر، چېكەرمەنلەر، ھاماقەت بىلەرمەنلەر، ۋالاقتەگكۈرلەر، قارغىشتتەگكۈرلەر، نەپسى بالا پاھشىۋازلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، كۆرمىگەننى كۆردى، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدى، قىلمىغاننى قىلدى، ئەمما جاننى سېلىپ بېرىدىغان چاتاق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالمىدى، بۇنىڭغىمۇ شۇ قەدىناس دۇتتىرى سەۋەب بولدى، دۇتتار ئۇنى يەنىلا ھاياتلىققا، گۈزەللىككە، ئۈمىدكە باشلاپ تۇراتتى. ئۇ دۇتتىرىنى مەستلەردىن، ئۆلگۈسى كەلگەنلەردىن قانچە ئاۋايلىغانچە، ئۆزىنىمۇ شۇنچە ئاۋايلىدى. بۇنداق قالايمىقان، ئەنسىز كۈنلەردىن ئۇ پەقەت ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلالايتتى، ئاشخانىدا قۇلدەك ئىشلەۋېرىشتىنمۇ زېرىككەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىر كاۋابچىلىقنى تېپىۋالدى.

ئۇ دۇتتىرىنى تەبىئىي تالانتى، ماھارىتى بىلەن شۇندااق كەلتۈرۈپ چالاتتىكى، ئۆزىدىن ئۆزى مۇڭلىنىپ مەست بولۇپ كېتەتتى. ئەپسۇس بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىنسان يوق ئىدى. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايتتى، ئىشلەمچى ئايال ئۇ مۇزىكىنى قەتئىي چۈشەنمەيتتى.

ئۇ چېلىپ-چېلىپ ھېرىپ، دۇتتىرىنى يۆلەپ قويۇپ، يەنە كاۋاب ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما ئىشلەش قەتئىي خوشياقمىدى. سازغا يارالغان نازۇك، چىۋەر قوللىرى زىخقا گۆش ئۆتكۈزۈش بىلەن زايە كەتسە بولمايتتى، ئىمكانىيىتى بولسا سەھنىلەردە دۇتتار چېلىپ چىقسا بولاتتى، ئەمما كۆمۈلۈپ قالدى، بۇ يەردە گۆش بىلەن ياغ پۇراپ ئولتۇرماي چارىسى يوق. ئۇ ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ تاماكا چەكتى. ئىشلەمچى ئايالمۇ قىلىدىغان ئىشى يوق تالاغا قاراپ بىكار ئولتۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ كاللىسىغا خيال كەلدى: ئاخشام تەلىيى كېلىپ ئازراق ئۇتقانىدى، قىماردا ئۇتقان پۇلنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، مۇشۇ پۇلنى ئاشۇ خوتۇنغا بېرىپ ئىشلەتسە بولماسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېخنىك كەتمەيدۇ، قارا گۆش بىلەن ماينى پاتاڭغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەرسە بولىۋېرىدۇ ئىشلەمچى ئايال پۇل بېرىدىغاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل دېدى، كاۋاب ئۆتكۈزۈشنى بىر دەمدە ئۆگىنىۋالدى، قولى چاققان ئىدى، بىر زىخ ئۆتكۈزسە بەش پۇڭ ئالاتتى. بۇ پۇل ئوبدان خوش يېقىپ قالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ كاۋابچى دېمىسىمۇ ئۆزى ئىزدەپ سوراپ كىرىپ قىلىدىغان بولدى. كاۋابچى گەرچە ئازراق پۇلدىن زىيان تارتسىمۇ، راھەتكە چىقىپ قالدى، سودىسى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى، قىماردىمۇ پات-پات ئۇتۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ تەتەينىڭ ئايىغى ياراشتىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ ئايالغا دىققەت قىلدى، 30 نەچچە ياشلاردىكى تولغان جۇۋان ئىدى، نامراتلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقىلا  كۆرۈمسىز كۆرۈنەتتى، ياسىنىپ چىقىدىغان بولسا بەلكىم ئاشۇ فاڭدۇڭ قېرىنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا» دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن كۈندە كۆرۈپ تۇرسىمۇ دىققەت قىلماي يۈرگەن گەپ.  ئەمدى بۇ خوتۇن قانداق بولۇپ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى؟ پايدا-مەنپەئەتمۇ؟ ئاددىي  كىيىملەر ئىچىدىكى بەدىنىمۇ؟ كاۋابچى ئۆزىمۇ ئۇقالمىدى، ئۇنىڭغا بارغانسېرى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، كوچىغا چىقىپ كىرسە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى، ھەتتا كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنى خوش قىلىۋىتەتتى. بۇ كىيىملەرنى كىيىپ كاۋابچىنىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ چىققان ئىشلەمچى ئايال ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتاتتى.

    بىر كۈنى چۈشكە يېقىن ئۇخلاپ قوپقان كاۋابچى ھويلىغا چىقىشىغا قېرىنىڭ ئۆيىدىن غەلىتە ئاۋازلار چىقىپ كەتتى، ئاندىن چاچلىرى چۇۋۇلغان ئىشلەمچى ئايال ئىشىكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ، كاۋابچىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى فاڭدۇڭ قېرى ئېچىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئايال ئۇنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. «ئوبدان ياساندۇرۇپ قويسام، قېرىغا ئوبدان ياراپتۇ-دە!» دەپ ئويلىدى كاۋابچى ئەلەم بىلەن، ئاندىن بۇرۇلۇپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئاچچىق كۈلدى، ئاندىن تۇرۇپلا ئۆزىگە كايىدى: « نېمىگە تېرىكىمەن؟ مېنىڭ خوتۇنۇممىدى ئۇ؟ نېمىگە چىدىماي كېتىمەن؟».

  بىر دەمدىن كېيىن ئىشلەمچى ئايال خىجىللىق ئىلكىدە ئىش سوراپ كىردى، كاۋابچى چۈپەيلىك قىلماي ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ بېرىپ، تالاغا چىقىپ كەتتى. فاڭدۇڭ قېرى ماجاڭ ئوينىغىلى تالاغا ماڭغانىدى، كاۋابچىغا قاراپ غەلىتە كۈلۈپ قويدى. ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى. ھۇجرىسىغا يېنىپ كىردى. ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئايال ساغرىسىغا پاكار ئورۇندۇقنى قويۇۋېلىپ، يۇمشاق گۆش، مايلارنى مايلىشىپ كەتكەن زىخقا چاققانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. كاۋابچى ئۇنىڭ چاترىقىغا قاراپ سالدى، ئايالنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى كىچىككىنە يىرتىلىپ كەتكەنىدى. نومۇس، نومۇس...   كاۋابچى كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە بىر مىنۇتچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن نىيىتىنى بۇزدى، كەينىدىن قۇچاقلاپ كارىۋىتىغا ئەكىلىپ باستى؛ بىر ھازا تىپىرلاشتىن كېيىن كارىۋات سۇنۇپ چۈشتى، ئايال قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، جىمىپ قالدى.

  ئۇ ھوشىدىن كەتكەندەك ياتقان ئايالنى ۋە ھۇجرىسىنى تاشلاپ قويۇپ، ھويلىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈننىڭ جۈمە ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ، گۇناھىدىن ئىچى سىقىلدى. ئەمدى بېرىپ تۇڭگان مەسچىتىدە يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇمىسا مەڭگۈ گۇناھكار بولۇپ قالىدىغاندەك، ئىشلىرى بەرىكەت تاپمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئالدىراپ مەسچىتكە ماڭدى. مەسچىتتە ئۇنىڭدەك يۇيۇنىدىغان كاۋابچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن، بىر ھازا ئۆچىرەت تۇرۇپ ئاران بىرسىگە كىرەلىدى، ئەمدى يۇيۇنۇپ تۇرۇشىغا مەسچىت باشقۇرىدىغان ئاقساقال« چاققان بول» دەپ توۋلاپ، ئەرۋاھىنى ئۇچۇردى. ئۇ ئالدىراپ غۇسلى قىلىپ، مۇنچىدىن چىقتى، نامازغا ئارانلا ئۈلگۈردى. نامازدىن چىقىپ ئاي-يىللاپ كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن سالام-سائەت قىلىشتى. بىر سائەتتىن كېيىن ھۇجرىسىنى تېپىپ، ئىچىدىكى ۋەيرانە ھالەتتىن داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلگەن، ئەڭ مۇھىمى نەچچە ۋاقىتتىن كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ كەلگەن دۇتتارى ئۇرۇپ- دەسسىلىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەنىدى.

        ئۇ پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن دۇتارنىڭ سۇنۇقلىرىنى قولىغا ئېلىپ تۆت تەرىپىگە قاراپ قويدى، ئاۋۋال كارىۋات سۇندى، كەينىدىن دۇتار... مانا ئەمدى ئۆزىمۇ پۇتى سۇنغاندەك ئولتۇرۇپلا قالدى، دۇتارنىڭ پارچىلىرىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆز ئورنىغا كەلتۈرەلمەي پىقىرىتىپ چۆرۈۋەتتى،  دۇتارنىڭ ئۈزۈلگەن تارىلىرى گويا شۇ تەتەينىڭ چاچلىرىدەك چىگىشلىشىپ كەتكەن، چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن پارچىلىرى قايتا-قايتا سۇندۇرۇلۇپ مەشكە ئوت قالايدىغان تۇترۇق ياغاچقا ئايلانغانىدى. نىمېدېگەن زور ئۆچ ئېلىش بۇ ھە... ئۇ  غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. شەھۋەتتىن ۋۇجۇدى تىتىرەپ كەتكەندە ئۆزىنى تۇتالمىغان ئادەم ئەمدى غەزەپكە كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، شەھۋەتتە ھاياجان بولغان بىلەن نەپرەت ۋە ئۆچ ئېلىشتا ئېغىر ئازاب، كۈتۈلمىگەن پالاكەت بار -دە...

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 12:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئولتۇرۇپ كەتتى، ئولتۇرۇپ كەتتى، فاڭدۇڭ قېرى ۋە تەتەينىڭ يەنە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ غەمگە پاتتى، تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىنغان ھۇجرىسىدا قولغا چىققۇدەك ھېچقانداق بىسات قالمىغانىدى، ياغلىشىپ كەتكەن دۇشتا پالتا پىچاقمۇ كۆرۈنمەيتتى. ياخشى يېرى ئۇ پۇلىنى بۇ  كاتەكتە ساقلىمايتتى، خاتىرجەم بولۇپ مەيدىسىنى سىلاپ قويدى. شۇ ئەسنادا ئىشىك تۈۋىدە فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى ئايال پەيدا بولدى. ئۇلار باياتىن ئۇنى پايلاپ تۇرغاندەك، ساقچى باشلاپ كېلىپ نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقاندەك سىرلىق، تەمكىن كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە ساقچى بولمىسىمۇ ئۇ  ھازىرلا ساقچى پەيدا بولىدىغاندەك تەمتىرەپ تىپىرلاپ كەتتى.
− ھۇ ھايۋان،− دېدى فاڭدۇڭ قېرى بىگىز قولىنى ئۇنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ،− بىزگە چېقىلغۇدەك بولدۇڭما؟
  كاۋاپچى كىنولاردا كۆرگەننى دوراپ «مەن خاتا قىپتىمەن» دەپ يۈزىنى كاچاتلاپ ياكى يەرگە يۈكۈنۈپ كەچۈرۈم سوراشنى ئويلىدى، ئەمما بۇ دەرىجىدە پەسلىشىشنى خالىمىدى.   
− مەن ساڭا پاناھلىق بەرسەم ئەمدى قوپۇپ جايىمنى بۇلغامسەن؟ تۈرمىگە كىرەمسەن يا تۆلەم تۆلەمسەن؟ ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر!
ھېلىقى ئايال قېرىنىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇتتەك قېتىپ تۇراتتى.
ئۇ تۈرمىگە كىرىشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ”بۇلار ساقچى چاقىرىپ قويدىمۇ نېمە“ دەپ ئويلاپ  قورقۇپ كەتتى.
− پۇل... تۆلىسەم تۆلەي.
− 20 مىڭ تۆلەيسەن، بولمىسا باسقۇنچىلىق جىنايىتىڭ ئۈچۈن 20 يىل تۈرمىدە ياتىسەن. ساڭا دەپ قوياي، مېنىڭ بىر ئوغلۇم ساقچى.
ئۇنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، بۇنچە پۇلنى بىر يىل كاۋاپچىلىك قىلسا ئاران تاپالايدۇ، بىر يىل بىكارغا ئىشلەمدۇ؟ 20 مىڭ يۈەن دېگەنگە يۇرتتىن ئايگۇلدەك چىرايلىق قىزدىن بىرسى خوتۇنلۇققا كەلمەمدۇ؟ خوتۇن ئالالمىسا شۇ پۇل بىلەن ساتراشخانىدىكى مەينەتلەردىن كۆڭۈل ئاچسىمۇ قانغۇچە ياشايتتىغۇ...
− نېمىگە چەكچىيىپ تۇرىسەن،  سەن سولتەككە ئىچ ئاغرىتىپ مۇشۇنچىلىك دېدۇق، رازى بولمامسەن؟
− شىڭ... شىڭ... − دېدى ئۇ سالپىيىپ.
− پۇلنىڭ ھەممىنى بۈگۈن بېرىسەن.
− مەندە ئۇنچىلىك پۇل يوق...
− تاپالمىساڭ ئاغىنىلىرىڭگە تېلېفون قىلىسەن، شىنجاڭلىق دېگەن پۇل تاپقىلى چىقىدۇ بۇ يەرگە. ساڭا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، پۇل تاپقىچە مەشەدىن چىقماي ياتىسەن، بولمىسا ساقچىغا تۇتۇپ بېرىمەن.  
  قېرى ئۇنى ۋەيرانە ھۇجرىسىغا سولاپ قويۇپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئەتتى. كاۋاپچى ساقچىغا تۇتۇلماي تۇرۇپلا تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك ئۇجۇقۇپ كەتتى.  قاراڭغۇ، ۋەيرانە، پاسكىنا، گۆش، ماي  پۇراپ تۇرغان بۇ ھۇجرىدا ئۇ ئەمدى بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئۆزىنى تىللاش،  بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇش چارىلىرىنى ئويلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. ئۇ خېلى ئۇزاققىچە چاترىقىغا تەلمۈرۈپ بۇ گۇناھلىق ئەزايىنىڭ شۇملۇقى ھەققىدە ئاچچىق خىيال سۈردى. ”ھەۋەس قوزغالغاندا كاللا ئىشلىمەيدۇ دېگەن گەپ راستكەن، تەقدىر ماڭا قوپال چاقچاق قىلىۋاتىدۇ...ئەتىگەن تېخى دۇتار چېلىپ پەيزى قىلىۋاتاتتىم، ئامىتىممۇ كېلىۋاتاتتى، مانا ئەمدى كۆز تەگدى. بۇنى كىمدىن كۆرىمەن؟ كاۋىپىمنى سېتىپ، ناخشامنى توۋلاپ يۈرىۋەرسەم بولماسمىدى؟
مەن كۇلىغا چىققاندا
ئالتىنچى ئايدا ياز ئىدى،
نەگە بارسام دۇتتارىم،
ئايرىلماسقا يار ئىدى.
كاۋاپ ساتتىم كۇلىدا،
دوقمۇشتىكى كوچىدا.
نەدە بولسام كۆيىمەن،
سەن يارىمنىڭ ئوتىدا.

ئاتىمىز يوق بۇ يەردە،
نېمە قىلساق قىلىمىز.
قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك يەپ
جاننى ئوبدان باقىمىز.
فاڭدۇڭ قېرى ئوبدانتى،
بۇ تەتەيگە بۇزۇلدى.
يېتىش ئۈچۈن مەقسەتكە،
ماڭا قاپقان قۇرۇلدى.
نەس تەتەي، نىجىس تەتەي،
نەسلىكىڭنى نىم بىلەي.
قالدىم ئەمدى چاتاققا
بۇ قىسمەتكە  نېمە دەي...
كاۋاپچىنىڭ ئىچى مۇڭ زارغا تولۇپ كەتتى، دۇتتىرى بولغان بولسا ۋەھشى چېلىۋەتكەن،  ئىچىدىكى بارلىق دەرت ئەلەملىرىنى تۆكۈۋالغان بولاتتى. ئەپسۇس، شۇنىمۇ ئاياپ قويۇشمىدى. ئۇنىڭ دۇتتارغا نەقەدەر ئامراقلىقىنى بىلگەندەك، ئۇنى چېقىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى، كۆڭۈل خوشلۇقىنىمۇ يوق قىلىشماقچى بولدى... ئۇ سۇنۇق كارىۋاتنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئوڭشاپ ئوڭدا ياتتى، كاللىسى غەم-ئەندىشىدىن تاشتەك قاتتى، قىيىن قىستاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىيالەن تىركىشىپ باقتى، ئەمما يەنىلا غەم دەرياسىدا سۇنۇق قولۋاقتەك ئاقتى...
ئۇ شۇنداق ياتتى، قانچىلىك ياتقىنىنى بىلمەيلا ياتىۋەردى، تەتەينى سىقىرىتىپ، ئۆزى مەسچىت مۇنچىسىدا يۇيۇنۇپ كېلىپ، بۇ پالاكەتتىن بېشى ئايلىنىپ قاتتىق ھېرىپ كەتكەچكىمۇ، بىر دەمدە مەلەق ئۇيقۇغا كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، بىلمىدى، بىر چاغدا سىرتقا چىقىپ قالدى، بېيجىڭنىڭ ئەتىيازلىق شامىلى قاتتىق چىقاتتى، ئىشىك ئالدىدىكى كاۋاپداندىن بىر تال چوغ چۈشۈپ دۇتارنىڭ سۇنۇقلىرىغا تۇتىشىپ، ئوت كۆيگىلى تۇردى. ئوت بىلەن تەڭ كۆپكۆك ئىس پەيدا بولدى. ئوت يىلاندەك ۋىشىلداپ، ئالدىدىكى قۇرۇق، ھۆل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يالماپ يۇتاتتى. ئۇ تەتەينىڭ ئۈستىدە ئىنجىقلاۋاتقان چاغدىمۇ پۈتۈن ھۇجرىغا ئوت تۇتىشىپ كەتكەندەك تىنالماي قالغان، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە چوغ رەڭگىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مەڭزىنى قىزارتىۋەتكەنىدى. ئەمدى ئوت ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇنۇق كارىۋاتقا تۇتىشىپ چاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى، قاسماق يوتقانلىرىنىڭ  ماز پاختىلىرىدىن  ئىس چىقتى، نەشە پۇراپ كەتتى، بۇ پۇراق ئۇنىڭ بۇرنىغا كىرىپ كېتىپ قايتىپ چىقمايۋاتاتتى. ئۇ  پاڭ بولۇپ كەتكەن نەشخور بەڭگىدەك ھۇزۇرلىنىپ ياتتى، ئۇ ئىلگىرى كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن كاۋاپچىلارنى ئاڭلىغان، ئەر-خوتۇن قۇچاقلىشىپ يېتىپ تەڭلا ئۆلۈپ قالاتتىكەن. چۈنكى ئۇلار ئاخشىمى بىر قەپەز يوتقان جېڭى قىلىشقاندىن كېيىن ھېرىپ كېتىپ، مەشنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئۇخلاپ قالاتتىكەن. ئەتىسى ئۇلارنى بايقىغانلار " كۇلىدا ياشىماق تەس كېلىپ ئۆزىنى بىللە ئۆلتۈرۈۋالدىمۇ نېمە..." دەپ ئويلاپ قالاتتىكەن. شىرىن مۇناسىۋەتنىڭ ئەجەللىك كېسەلدەك ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىنى كىم بىلسۇن. ئۇ خوتۇن ئالمىدى، ئايگۇلنى باشقىلار خوتۇن قىلىپ، نەچچە بالىلىق بولۇپ كەتتى. ئۇ خوتۇن ئالمىغان بىلەن كۇلىچىلار ئارىسىدا قىمار ئويناپ ئولتۇرۇپ خوتۇنلارنىڭ يامانلىقى، بېشەملىكى، قىتىغۇرلۇقى، پۇلغا، ئالتۇنغا تويماسلىقى، ۋاپاسىزلىقى، قويمچىلىقى... ھەققىدە تولا گەپلەرنى ئاڭلاپ كەتتى. بىر قىمارۋاز ھەتتا ھازىرقى خوتۇنىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىپ ئالغان چىرايلىق قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتكەن، كاۋاپچى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالغانىدى. شۇ گۇينىڭ گېپى تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ كاللىسىنى باشقۇرالماي تەتەيگە بۇزۇلدى. قارڭغۇ زىندانغا سولاندى، ئۆلمەي تۇرۇپ تاۋۇتقا چىققاندەك ياغاچ تاختا ئۈستىدە ياتتى.  تىرىكلىكىدە دوزاخ ئازابى تارتىشنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە مانا بۇ ئوت ئۇنىڭغا تۇتاشتى... بۇ ئوتنى كىم قويۇپ بەردى؟ فاڭدۇڭ قېرى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بەرمەيدۇ،   20 مىڭ يۈەننى ئالىمەن دەپ بولسىمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئاچچىقى يامان تەتەيخان ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنداق قىلماس، لېكىن پۇلنى بۇ قېرىدىن ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ ھايۋاننى ئۆزەملا بىر تەرەپ قىلىۋېتەي دەپ ئوت قويۇپ بەرگەن بولسىچۇ؟... ئۇ چۆچۈپ ئىككى يانغا تىپىرلىدى، دومىلىدى، بىراق ئورنىدىن قوپالمىدى. ئۇنىڭ ئاستى، ئىككى تەرىپىدە تەڭلا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، ساپسېرىق ئوت نەشتەردەك تىللىرىنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ئۇ تالادا تۇرۇپ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى، ئوت ئۇنىڭ بەدىنىگە تۇتاشتى، سېمىز بەدىنى خۇددى جىن چىراغنىڭ پىلىكىدەك لاپپىدە ئوت ئالدى ۋە قاپقارا ئىس چىقىرىپ كۆيۈشكە باشلىدى. ئۇ شۈركىنىپ كەتتى، بەدىنىم ئەسلىدە ياغ قاچىلانغان تولۇم ئىكەنغۇ، مەن 25 يىلدىن بېرى بەدىنىمگە ماي يىغىپلا ياشاپتىمەنغۇ... دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان مايلار ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ئۆزىنى كۈچەپ كۆيدۈرۈۋاتقان مايلىق بەدەن بىر دەمدە قاپقارا چۈچۈلىگە ئايلاندى...  ئۇ بۇ مەنزىرىگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغاندا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك سېگنالى ئاڭلاندى، فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلار يېغىپ كەتتى. «ئىشىكنى ئاچ، بىز ئوتنى ئۆچۈرىمىز» دەيتتى قىزىل قالپاق كىيىۋالغان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر،  فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي ئۇلارنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر« بۇلارغا سىلەر ئامال قىلىڭلار" دەپ ساقچىلارغا قاراپ تۇردى. ئاچچىقى يامان بىر ساقچى " ئاناڭنى قېرى، ئۆتە ماياققا" دەپ تاپانچىسىنى چىقىرىپ، ھويلىنىڭ قۇلپىسىنى  چېقىپ ئىچىگە كىردى. ئۇ بىر چەتتە سالپىيىپ تۇرغان قېرى ۋە سەتلىشىپ كەتكەن تەتەيگە بىر ئالىيىپ قويۇپ، ساقچىلارغا ئەگىشىپ ئىچكىرىگە كىردى.  ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر  ئوت كەتكەن ھۇجرىغا شىددەت بىلەن سۇ چاچتى، بىراق ئوت ئۆچەي دېمەيتتى. ئوتنىڭ قىپقىزىل يالقۇنلىرى ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ قالپىقىنى تېخىمۇ قىزارتىۋەتكەن، ساقچىلارنىڭ كۆز قارىچۇقلىرىدىمۇ ئوت يالقۇنى چاقناپ تۇراتتى. بايا ئىشىكنى ئاچقان ساقچى ئاچچىقىدا ۋاقىرىدى:
—    ھەي قېرى، بۇ ئۆيۈڭدە بېنزىن تۇڭى بارمۇ نېمە؟ ئوت نېمىشقا ئۆچمەيدۇ؟
—    بۇ ئۆي ئىلگىرى كۆمۈرخانا ئىدى.
—    ھازىرچۇ؟
—    ھازىر  بىر شىنجاڭلىق تۇرۇۋاتىدۇ.
—    نېمە ئىش قىلىدىغان نېمە ئۇ؟
—    كاۋاپچىلىق قىلىدۇ.
—    يەنىچۇ؟
—    ئۇنى ئۇقمايمەن.
—    ئۇ بۇ ئۆيۈڭدە تۇرغىلى قانچىلىك بولدى؟
—    بىر يىلدەك بولدى.
—    زەنجۇجىڭى بارمۇ؟
—    يوق.
—    يوق تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنى تۇرغۇزدۇڭ؟
—    مەن بار دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن ئۇنىڭ باشقا يامان ئىشى يوق.
—    ھەر ئايدا ئىجارە ئېلىۋاتقانسەن، پۇلغا تويمايدىغان قېرىكەنسەن-دە، ھازىرچۇ؟ ئىچىدە ئادەم يوقتۇ؟
فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي بىر-بىرىگە چۆچۈپ قاراشتى.
ــ ھازىر ئىچىدە ئادەم بارمۇ يوقمۇ دەۋاتىمەن؟
ــ يوقمىكىن... ــ دېدى فاڭدۇڭ قېرى ئىنجىقلاپ،ــ باياتىن ھېچ ئاۋاز چىقمىغان.
ساقچى ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلكىنى كۆرۈپ گۇمانلىنىپ ھۇجرىنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلاپ كەلدى، ئىشىككە قارا قۇلپا سېلىنغان بولۇپ، يۇقىرىغا يامىشىۋاتقان يوغان قوڭغۇزدەك سەت، يىرگىنچلىك كۆرۈنەتتى. ساقچى بۇنى كۆرۈپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، تاپانچىسىنى چىقىرىپ قۇلۇپنى چەنلەپ ئاتتى، قۇلۇپ بىر پاي ئوق بىلەنلا چېقىلىشىغا، ئىشىكمۇ تەڭ ئېچىلىپ ئىچىدىن غايەت زور ئوت يالقۇنى ئىس بىلەن تەڭ ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ چىقىپ ساقچىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى. ئۇ ئۆزىنى ئەپقېچىشىغا قالغانلارمۇ سىرتقا قاچتى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۆز ئورنىدا مىدىرلىماي ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن توختىماي سۇ چېچىپ ئوتنى ئاخىر ئۆچۈردى.
ــ ئەگەر بۇ ئىشىك ئېچىلمىغان بولسا ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولماسكەن...ــ دېدى بىرسى.
ــ ئىچىدە يەنە كۆيۈۋاتقان نەرسە بولسا ئۆچۈرۈۋېتەيلى.
ــ  ۋوي قاراڭلار، ئاۋۇ بىر نەرسە يەنە كۆيگىلى تۇردىغۇ؟
ــ نېمىكەن، ئوبدان قاراڭلار.
ــ ئادەمنىڭ جەسىدىدەك قىلىدۇ جۇمۇ...
ــ نېمە؟ راست كۆردۈڭمۇ يا، ئەمىسە ساقچىنى چاقىرايلى.
ئۇلار ئاچچىقى يامان ساقچىنى چاقىرىپ كەلدى، يۈزى كۆيۈپ ئېچىشىۋاتقان ساقچى مەڭزىنى تۇتقىنىچە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ھۇجرىغا كىردى.  ئۇمۇ دەھشەتلىك تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ، ساقچىغا ئەگىشىپ ھۇجرىغا كىردى، ساقچى قاپقارا چۈچۈلىگە ئايلىنىپ كەتكەن جەسەتنى كۆرۈپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، كاۋاپ ساتىمەن دەپ ئۆزى كاۋاپ بولۇپ كەتكەن كاۋاپچىنىڭ پۇرىقىدىن سەسكىنىپ بۇرنىنى ئېتىپ تالاغا قاچتى. ئەمما ئۇ جايىدىن مىدىرلىيالمىدى، ئۆلگۈچىنىڭ ئۈكلىنىپ كەتكەن قوينىڭ كاللىسىدەك بېشىغا، ھىڭگىيىپ تۇرغان چىشىغا ئەجەبلىنىپ قارىدى،  ئۇنىڭ كۆيۈپ كۆسەيدەك قارىداپ كەتكەن  قول سۆڭىكى جان يېرىگە مەھكەم چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈش ئالدىدا نەقەدەر قىينالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ بۇنىڭدىن شۈركىنىپ تىترەپ كەتتى،  توساتتىن «چاراس-چۇرۇس» ئاۋازلار ئاڭلاندى، ساقچىلار يەنە قايتىپ كىرىپ جەسەتنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. ئۇ بۇنىڭدىن ئاران ئېسىگە كېلىپ ھويلىغا چىقتى، فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي سالپىيىپ تۇرۇشاتتى. ساقچىلار قايتىپ چىقىپ فاڭدۇڭ قېرىنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى:
  ـــ ئۆلگۈچى كىم؟ راستىڭنى ئېيت!
ـــ ئاشۇ كاۋاپچى،ــ دېدى قېرى ئەمدى دۇدۇقلىماي.
ـــ  ئۇ قانداق ئۆلدى؟ ئوتنى كىم قويدى؟  
ـــ  ئۇقمايمەن، ساراڭ ئادەم بولمىسا ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويمايدۇ، بۇ ئۆيگە ئوت كەتسە پۈتۈن ئۆيلىرىم كۆيۈپ كەتمەمدۇ؟
ـــ  ئەمىسە كىم ئوت قويدى؟ بۇ ئۆيدە ئىككىڭدىن باشقا ئادەم بارمۇ يوق؟
ـــ يوق، بۇ ياق مېنىڭ تۇغقىنىم، ئۇمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ.
ـــ ئەمىسە ئىشىكنى كىم قۇلۇپلىدى؟ باياتىن بىزنى نېمىشقا  ئۆيۈڭگە كىرگىلى قويمايسەن؟
ـــ ئادەم قېرىغاندا ئالجىپ قالىدىكەن، خاپا بولماڭلار.
ـــ قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ما ئۆينىڭ ئىشىكىنى نېمىشقا تېشىدىن ئېتىپ قويىسەن، بۇنى چۈشەندۈر
ـــ  ئۇ گۇي بىزنىڭ ما سىڭىلغا باسقۇنچىلىق قىلىپتىكەن، ساقچىغا تۇتۇپ بېرەيلى دەپ سولاپ قويغان.
ـــ راستمۇ؟ــ دەپ سورىدى ساقچى ھېلىقى تەتەيدىن.
ـــ راست، ئۇ ھايۋان بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ماڭا باسقۇنچىلىق قىلغان...
ـــ سەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ۋاقىرىمىغانمۇ؟
ـــ ۋاقىراي دېسەم قوينىڭ يېغىنى ئاغزىمغا كەپلەپ تىقىپ قويغان...
ـــ سەن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بۇ قېرىنى چاقىرىپ كەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟
ـــ شۇنداق...
ـــ ئاندىن ئىككىڭ بىرلىشىپ ئۇنى سولاپ قويۇشتۇڭ.
ـــ شۇنداق.
ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ، تەتەينىڭ يالغانچىلىقىغا ئاچچىقى كەلدى. ئۇنىڭ شۇ ئارىلىقتا جۈمەگە بېرىپ يۇيۇنۇپ پاكلىنىپ، ناماز ئوقۇپ تۆۋە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ساقچىلار بىلمەي قالدى-دە.
ـــ  ئاندىن ئىككىڭ مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ پۇللىرىنى بۇلاپ، ئاندىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ ئىزىنى يوقاتماقچى بولدۇڭ، شۇنداقمۇ؟
ـــ ياق،ــ دېدى فاڭدۇڭ قېرى سەكرەپ،ــ ئۇنداق قەلەندەردە پۇل نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ ئاران ئاران تۆلەيدۇ ئۇ، بىز ئۇنىڭ جىنايىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قانداق قىلاتتۇق؟ قېرىغاندا مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قاتىل بولامدىمەن؟ ماڭا تولا تۆھمەت چاپلىماڭلار!
ـــ ئەمىسە، ئۆزىگە ئۆزى ئوت قويۇپ بېرىپتۇ-دە؟!
ـــ چوقۇم شۇنداق، ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز دېسەك قورقۇپ ئۆلۈۋالغان گەپ. ئۇ ئادەتتە تاماكا چېكىدۇ، چاقماقنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋاپدىنىنمۇ ئۆيىگە ئەكىرىۋالىدۇ، چوغىنى ئۆچۈرمەيدۇ، ئىس چىقىۋېرىدۇ، نەچچە قېتىم گەپ قىلدىم، ئاڭلىمىدى...
ـــ شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمما ئۇنى سولاپ قويۇشۇڭ قانۇنغا خىلاپ، سەن سولاپ قويغاچقا ئۇ قورقۇپ ئۆلۈۋالغان، شۇنداقما؟  دېمەك،  بۇنىڭغا سەن سەۋەبچى. ئەگەر بىخەستەلىك قىلىپ ئوت كەتكەن بولسا، ئۇ چىقالماي ئۆلگەن بولسا، دېمەك، بۇنىڭغىمۇ سەن سەۋەبچى.
ئۇ  ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى دەۋاتقان ساقچىنىڭ زېرەكلىكىدىن، ئادىللىقىدىن سۆيۈنۈپ  كەتتى،  قېرىنىڭ ئوسال ئەلپازىغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن كۈلدى.
  ـــ مەن ھەر قايسىڭغا ياخشى بولسۇن، ئاسان بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم، يامان قىپتىمەنمۇ؟ ھەر قايسىڭ توختىماي 110 غا تېلېفون قىلىڭلار، بىز بىلەن ھەمكارلىشىڭلار... دەيسەن، ئەمدى ھەمكارلاشساق بىزنى جىنايەتچى قىلىشامسەن؟...ــ دەپ چالۋاقاپ كەتتى فاڭدۇڭ قېرى تۆمۈردەك قارىداپ.
ـــ سەن بىزگە تېلېفون قىلدىڭما تېخى!  بىزنى كېلىڭلار دېگەن بولساڭ ئىشىك ئالدىڭدا توسۇۋالامتىڭ؟  
ـــ دېدىمغۇ، قېرىغاندا ئالجىپتىمەن.
ـــ  ئالجىغان بولساڭ ئەمدى ئالجىما ، بىز مۇشۇ ياقنى چارلاۋېتىپ ئۆيۈڭدىكى ئوتنى كۆرۈپ ئاندىن كەلدۇق، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى چاقىردۇق. يەنە باشقا گېپىڭ بارمۇ؟
ـــ يوق، ئىشقىلىپ ئوتنى بىز قويمىدۇق.
ـــ  شۇنداقتىمۇ جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن،ــ دېدى ساقچى، ئاندىن تەتەيگە قاراپ قاپىقىنى تۈردى،ـــ سەنمۇ شۇ. ئىككىڭ بۇ ئىش ئايدىڭ بولغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىسەن.
  ساقچىلار ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى.
      ئۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى، ھۇجرىدا ياتقان جەسەت تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قورقۇپ كەتتى. ساقچىلار ئۇ جەسەتنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالغانىدى، بەلكىم كېيىن بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. فاڭدۇڭ قېرى «مېنىڭ بىر ئوغلۇم ساقچى» دېگەنىدى، لېكىن باياتىن ساقچىلارنىڭ ئالدىدا پو ئاتالمىدى، قارىغاندا ئۇ 20 مىڭ يۈەننى ئېلىش ئۈچۈن توخۇ يۈرەك ئۆلگۈچىنى قورقۇتۇپ قويغان گەپ... ساقچىلارنىڭ ماشىنىسىمۇ غەلىتە ئىكەن، ئۈستىدە يا ۋالىلداپ تۇرىدىغان چىرىغى يوقكەن، ياكى ماڭغاندا چىقىراپ سىگنال بەرمەيدىكەن...  
     ئۇ قوپقۇرۇق ھويلىدا يالغۇز قالدى،  ئۇ بىر تۈپ دەرەخ ئەمەس، ئادەم ئىدى، ئەمما گاھىدا ھېچ مىدىرلىيالمايتتى، لېكىن ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى، ھېس قىلاتتى، بەزى تۇيغۇلىرى يىلتىزدەك چوڭقۇر، بەزى تۇيغۇلىرى دەرەخ ئۇچىدىكى ياپراقتەك يەڭگىل ئىدى. ئۇ بۇ تار ھويلىدا شۇنچىلىك ئازادە قالدىكى، قۇشلاردەك سايراپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكۈسى كەلدى، دۇتارنىڭ مۇڭلىرى، ناخشىلارنىڭ پەيزى يىراقلاردىن يېتىپ كەلدى.

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 12:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ كاللىسىغا ھۇجرىدا ياتقان جەسەت يەنە كىرىۋالدى، كىچىك ۋاقتىدا دادىسى قۇربانلىق قىلغاندا ئۇنى دائىم قوينىڭ كاللا-پاچاقلىرىنى ئۈكلىگىلى سالاتتى. ئۇ ئۈچ تال كېسەكنى تىزىپ، ئوتتۇرىسىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ، ئوت يېقىپ كاللا-پاچاقلارنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ بىردەمدە ئۈكلەپ بولاتتى، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرغان قوينىڭ كۆزىدە غۇۋا بىر نەپرەت ۋە ئوتنىڭ يالقۇنى تەڭلا ئەكس ئېتەتتى. قاپقارا ئىس بىلەن تەڭ ئەتراپنى بىر ئالغان  قۇيقا پۇرىقى ئۇنىڭدا يەنىلا گۆش يېيىش، پاچاق غاجاش ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. گۆش يېسە، سۆڭەك غاجىسا، يىلىكىنى شۈمۈرسە  يامان يوغان ئەر بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى، دادىسىنىڭ دېيىشىچە، كىچىكىدە ئۇنىڭغا بۆرەك بېرىپ بېقىپتىكەن، كاۋاپ يېگۈزۈپتىكەن. ئۇمۇ سەي، مېۋە-چېۋە يېمىسە يېمەيدىكەنكى، گۆش يېمىسە ئۇنىمايدىغان بالا بولۇپ چوڭ بوپتىكەن. گۆشكە بۆلەكچە ئامراقلىقىدىنمۇ ياكى شەرت-شارائىت  شۇنداقمۇ ئەيتاۋۇر  كىچىكىدىنلا قوي بوغۇزلاشنى، كاللا پاچاق ئۈكلەشنى،  كاۋاپ پىشۇرۇشنى ئۆگەندى، ئادەتتە توي-تۆكۈن، مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا گۆش يېگىلى بولغاچقا بارا-بارا  سورۇنغا، داستىخانغا ئامراق بولۇپ قالدى، سازچى ياكى چاقچاقچى بولمىسا  تۆردىن دائىم ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، دۇتار چېلىشنى ئۆگەندى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا گۆشكە ئامراقلىقىلا ئەمەس، ناخشا-سازغا قىزىقىشى ھەم تەبىئىي تالانتىمۇ  سەۋەب بولدى.  دۇتار چالسا قولى تىترەيدىغان قېرى سەنئەتچىلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ خېلى كۆپ  ناخشىلارنى ئۆگەندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ناخشىلاردىن باشقا سېرىق قوشاقلارنى ئاھاڭغا قاتقان سېقىمە ناخشىلارمۇ بار ئىدى. كېيىن شۇ ناخشىلارنى ئېيتىپ سورۇندىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ يۈردى، ئېتىزدىكى مۇشەققەتتىن، شودۈيجاڭنىڭ سېسىق گېپىدىن جاق تويۇپ كەتكەن دەرتمەن ئەرلەر، بۇ ئەرلىرىدىن تاياق يەيدىغان قاپىقى ئۇششۇق ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى. شۇنچە توي، شۇنچە سورۇنلارنى  قىززىتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ تويىنى قىززىتالمىدى، قىززىتالمىدى ئەمەس،  تويىنىمۇ قىلالمىدى، ئالىمەن دېگىنىنى ئالالماي داغدا قالدى. باينىڭ بالىسىغا تەگكەن ئايگۇلنىڭ چىرايىغا ھازىر  سەت داغ چۈشتى. خەقلەر ناخشا ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىپ، كۈلۈشۈپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ”يارايسەن، ياشاپ كەت“ دېگەن بىلەن  سورۇندىن تارقىغاندا ئۇنى  ئۇنتۇپ كېتىشتى، چىرايلىق قىزلىرى بارلاردىن ھېچقايسىسى ئۇنى كۈيئوغۇللۇققا ئويلاشمىدى، بەلكى”سازچى دېگەن ھاراقكەش بىلەن ئۈلپەت، بۇنىڭغا قىز بەرسەك ئەتە-ئۆگۈن بېشىمىزغا قۇسىدۇ “ دەپ ئويلاشتى. ئايگۇلنىڭ دادىسى تېخى ئۇنى ھاراقكەش تاز دەپ ھاقارەتلىگەن بولۇشى مۇمكىن...  ئۇ ساقاللىق، ئېگىز بوي، سەپرا ئادەم ئىدى؛ ئۇنىڭ كۇلىدا، ئۆز ھۇجرىسىدا كۆيۈپ ئۆلگەنلكىنى ئاڭلىسا ساقىلىنىڭ بىر تال مويىمۇ تىترەپ قويمايدۇ، ئايگۇل ئاڭلىسىچۇ؟  يىغلىمايدۇ، ئىچىگە ئېغىر تىنىپ قويىدۇ. مەھەللىسىدىكى خەقلەر ئۇنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياغلىشىپ كەتكەن دۇتتىرىنى، ياڭراق ئاۋازىنى، قېلىن ناخشىلىرىنى ئۇنتۇپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنى قايتىدىن ئەسكە ئېلىشىدۇ...
   ئۇ شۇ يىگانە جەسەتكە، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى كۈلكىسى ۋە ئاۋازىغا ئېچىنىپ، بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ھۇجرىغا يېقىنلاشتى. ھۇجرىدىن يەنىلا سۇس ئىس-تۈتەك، كۆيۈك پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ پۇراق ئۇنىڭ بەدىندىكى تەر پۇراقلىرىدەك شۇنچىلىك تونۇش ئىدىكى، كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ھايات قالغان بولسا بىرەر قىز جۇۋان بىلەن توي قىلىپ، ئىسسىق يوتقاندا  قۇچاقلىشىپ ياتار بولغىيدى... ھەم بىرەر قىز جۇۋان  ئۇنىڭغا تېگىپ،  ئۇنىڭ  كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ئەرلىك جىسمىدىن ھۇزۇر ئالار بولغىيدى،  ئەگەر خوتۇن ئالالىغان بولسا خوتۇنى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى پۇراقلارغا ئامراق بولۇپ قالار ئىدى، ئەگەر بويىدا قالسا ئۇنىڭ تەر پۇراقلىرىغا سېزىك بولۇپ، كۆينەكلىرىنى پۇراپ  يۈرەر ئىدى ... ئۇ  ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر گۈزەل، شىرىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ھېس قىلدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا گۆھەردەك چاقناپ تۇرىدىغىنى يەنىلا خوتۇن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا تېخى نېسىپ بولمىغانىدى. خوتۇن ئالماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە  نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق! خوتۇننىڭ  بۇنچىلىك مۇھىملىقىنى بىلگەن بولسا ھايات چېغىدا ئۆيلىنىۋالماسمىدى؟ قىز ئالالمىسا جۇۋان بولسىمۇ ئالماسمىدى؟ ئۇيغۇر ئالالمىسا تەتەيدىن بولسىمۇ ئالسا بولماسمىدى؟...     ئۇ ھايات چېغىدا بىكار يۈرۈپ دۆتلۈك قىلغىنىغا،  بۇقىدەك قۇتراپ تۇرغان ۋاقتىدا خوتۇندىن بىرنى ئېلىۋالمىغىنىغا قاتتىق ئېچىندى،  خوتۇنىدىن نەپسىنى قاندۇرۇپ يۈرگەن بولسا شۇ تەتەيگە باسقۇنچىلىق قىلمايتتى، ھېچ بولمىغاندا ئۇنداق ئىمكانىيەت، ياۋايى ئىستەكمۇ بولمايتتى. ئەگەر پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايدىغان ئاغىنىلىرى”تەتەيخاننى قۇشلىسا قانداق بولىدىكەن؟“ دەپ سوراپ قالسا ئۆزىمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەي ھىجىيىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ھىجىيىشلىرى ئاشۇ جەسەتنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرۇشلىرىغا شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ، چىشلىرى قارىداپ كەتكەن، بىر مۇشت تەگسە ھەممىسى تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ.  
ئۇ ھۇجرىغا كىرىپ ھەيران قالدى، ھۇجرىنىڭ ئىچى ساپمۇ ساق، بايا كۆرگەن جەسەت كۆرۈنمەيتتى.  بايىقى كۆكۈش ئىس ۋە تونۇش پۇراقلار نەگە كەتتى؟ ھۇجرا كۆيمىگەن بىلەن كارىۋات يەنىلا سۇنۇق، دۇتارلار پارچە-پارچە چېچىلىپ ياتاتتى.  ساق بولغاندىكىن ھەممە نېمە ساق بولسىچۇ ؟ ئۇ سەل پەرىشان بولدى. تەتەي باسقۇنچىلىق قىلىنمىغان، كارىۋات سۇنمىغان، دۇتار چېقىلمىغان بولسا قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى؟ ھېلىمۇ شۈكرى،  جان تەندىلا بولسا  پۇرسەت غەنىمەت.  كارىۋات سۇنۇق بولسىمۇ يېتىپ ئۇخلىغىلى بولىدۇ، دۇتارنىمۇ بىر يەردىن پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بىراق فاڭدۇڭ قېرى ئارتىپ قويغان 20 مىڭ يۈەنچۇ؟... ھەي... ئۇنىمۇ بىر ئامال قىلىپ تۆلەپ كەتكىلى بولىدۇ، ھەتتا تۆلىمەيمۇ قۇتۇلغىلى بولىدۇ...
ئىشىك تۇيۇقسىز شاراقلاپ ئېچىلىپ، تەتەينىڭ بېشى كۆرۈندى.  ئۇ ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ قويۇپ يەنە ئىشىكنى ئەتتى، تەتەي ئۇنى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسەم قورقۇپ كېتىمەن دەپ ئويلىدىمۇ، ئۇنىڭغا قارىمىدى، قارىمىسىمۇ ئۇنى بار دەپ ئويلىدى. بۇ ھۇجرىنىڭ ھويلىغا قارايدىغان كىچىككىنە دېرىزىسىگە فاڭدۇڭ قېرى ئۆتكەن يىلى قىشتا يالتىراق مىخلىۋەتكەن بولۇپ، قىش چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنى ئېلىۋەتمىگەنىدى. ھازىر بۇ دېرىزىدىن ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى، كۈندۈزى ئاسمان ھەمىشە چاڭ-توزان بىلەن قاپلىنىپ كەتكەندەك تۇتۇق، سېرىق كۆرۈنەتتى. ئەگەر بۇ قەپەزگە  بۇنداق سولىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئۇ بىر نېمىنى ئاللىبۇرۇن ئېلىپ تاشلىۋەتمەسمىدى، شۇ چاغدا فاڭدۇڭ قېرىغا رەھمەت دەپ كەتكەنلىرى تېخى...  ئۇ مۇشۇ ۋاققىچە قىلغان دۆتلۈكلىرىنى بىرمۇ بىر ئويلاپ، ئاچچىققا تولۇپ كەتتى.  باشلانغۇچتا ياخشى ئوقۇمىدى،  خانىمنى تىللاپ تاياق يېدى، قوشنا مەھەللىدىكى تازلار بىلەن سوقۇشۇپ بۇرنى قانىدى، قىشتا چانا تېيىلغاندا بىرسىنىڭ كۆزىگە بىگىز سانچىپ بېرىپ ئۇنى قارىغۇ قىلىپ قويغىلى تاس قالدى، مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيىگە كېتىپ بارغان قىزغا چاقچاق قىلىپ ئېسىلىپ قويۇپ ماز پەينەك دەپ ھاقارەتلەندى. سورۇندا بىرسىنىڭ يېڭى ئالغان خوتۇنىغا بەك قاراپ سېلىپ ئېرىدىن مۇشت يېگىلى قىل قالدى. داستىخاندا بەزىدە نەپسىنى يىغالماي، گۆشكە چوڭدىن ئاۋۋال قول ئۇزىتىپ «دۇتارنى سىلاۋېرىپ قول ئۇزىراپ كېتىپتۇ ھە» دېگەندەك مازاق گەپلەرگە قالدى. ناخشا توۋلاپ گاھىدا قىززىپ كېتىپ، ئايگۇلنى قوشاققا قېتىپ قويۇپ قىزنىڭ ئاتىسىنى رەنجىتتى، ئاتىسىغا ئەگىشىپ قىزىمۇ ئۇنى قىلىقسىز دەپ ئويلاپ ياراتمىدى... نامراتلىقى، ساياقلىقى بىلەن قوشۇلۇپ مەھەللىدە ھېچقانداق قىز ئۇنىڭغا قىزىقمىدى. كېيىنچە خەقلەر يېڭىلىققا يۈزلەندى، پۇل تاپسا ئۈنئالغۇ، تېلېۋىزور ئالدى، توي بولسا ديەنزىچىڭ دېگەن بىر نېمىنى پۇل تۆلەپ چالدۇرىدىغان بولۇشتى، توي ئىگىلىرى جاقا - جۇمباق ئاۋازلاردىن مەغرۇرلىنىدىغان، تويغا كەلگەنلەرمۇ شۇ ئاۋازلارغا ئەگىشىپ ئەسەبىيلىشىپ، باراڭ ئاستىدىكى ئوي-دۆڭگۈل ھويلىلاردا ئۇسسۇل، تانسا دېگەنلەرنى ئالامەت ئوينىۋېتىدىغان بولۇشتى. دۇتاردىن تۈزۈك ئاۋاز چىقمىسا  خەق قانداق تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ دەبدەبە، ھەشەمەتلىرىنى قانداق جاكارلىيالايدۇ؟  شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چەتتە تاشلىنىپ قالدى، بىكارغا چېلىپ بېرەي دېسىمۇ ئادەم چىقمىدى،  پەقەت ياشقا چوڭراق ئادەملەر لا ئۇنى ئاندا-ساندا  تەكلىپ قىلىپ چالدۇراتتى. ئۇنىڭ يۇرتىدا دۇتار چېلىپ بەرسە ئۆرۈم بېرىدىغان ئىش يوق ئىدى، بېيجىڭغا كېلىپ بىر نەچچە سورۇندا غۇلجىلىقلار ئۆرۈم بېرىۋىدى، ھەيران قالدى. ئىشقىلىپ، مەھەللىسىدىكى خەقلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدى، يېشى چوڭايغانچە، ئۆيلىنەلمىگەنچە ئابرۇيى تېخىمۇ چۈشتى، ئۆزىدىن كىچىكلەرنىڭ تويىغا ئاساسەن بارالمايدىغان بولدى. چاپىنى تىزدىن ئاشمايدىغان بەڭگە ئاتىسى، كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان كېسەلجان ئانىسى بىلەن تولا قېيدىشىپ، سوقۇشۇپ، ئۆيىدىنمۇ زېرىكتى، دېھقانچىلىققا پىششىق، كەم سۆز ئىنىسىمۇ بىر چاغدا توساتتىن « دۇتتىرىڭنى ئېلىپ  بىر ياققا يوقالساڭ بولمامدۇ؟ قاچانغىچە جاپايىڭنى تارتىمىز» دەپ جاندىن ئۆتكۈدەك گەپ قىلدى.  خەقلەرگە ھەم ئۆيىدىكىلەرگە سەت كۆرۈنگەنچە ئۇنىڭ ئىچى سىقىلدى،  كاللىسى قايدى، كەسكىن پىلانلار تۈزۈپ باقتى، شىرىن خىياللارغا بېرىلدى. ئەمدى بۇرۇنقىدەك ياشاۋېرىدىغان ئىش يوق ئىدى، يېشىمۇ، ئەتراپىدىكى مۇھىتمۇ، ئادەملەرمۇ، مۇئامىلىلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتاتتى. شۇ كۈنلەردە مەھەللىسىدىكى بىر قانچە تاز يوقاپ كەتتى، ئۈرۈمچىگە كېتىپتۇ، كۇلىغا قېچىپتۇ دېگەن گەپلەر تارقالدى. ئۇلار ئالىقاپ بولغان بىلەن ھەقىقىي تەۋەككۈلچىلەر ئىدى؛ ئۇنىڭدىن بەكرەك باتۇر، قارام ئىدى. ئەمىسە ئۇ نېمىشقا بىر ياققا ماڭالمايدۇ؟ بىرىنچىدىن، پۇلى يوق ئىدى، ئىككىنچىدىن، ئايگۇل تېخى توي قىلمىغانىدى. پۇل بولغاندىلا ئايگۇل بىلەن توي قىلغىلى بولاتتى. ئايگۇل ئۇنى قىلىقسىز دېگەن بىلەن ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە قىزىقىپمۇ قوياتتى، دەسلەپتە ياشلار ئولتۇرغان بىر نەچچە سورۇندا ناخشىسىنى ئاڭلاپ زوقلانغان ۋە  بۇ سۆيۈنۈشلىرىنى كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن ئىپادىلىگەنىدى. تاپسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ھەم ئۇنىڭغا جىلمىيىپ باققان قىزلار بىر-بىرلەپ ئەرگە تېگىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ ئايگۇل قالدى، گويا ئۇنىڭغا تارتىشىۋاتقاندەك، «ساڭا ساقلاۋاتىمەن، پۇل تېپىپ مېنى ئەمرىڭگە ئال، ئاندىن ھۇجراڭدا دۇتار چېلىپ مېنى ئۇسسۇلغا سال، ساڭا تەگسەم ناخشا ئاڭلاپ زېرىكمەيمەن...» دېگەندەك خېلى ئۇزاق ساقلىدى.  ئۇ بۇنىڭدىن گۈزەل ئۈمىدلەرگە تولۇپ، ئايگۇلنىڭ ئەرگە تېگىپ كەتكەن دوستى ئارقىلىق قىزغا كۆڭلىنى بىلدۈردى، ئېنىق جاۋاب ئالالمىدى. ئىككىنچى قېتىم قىز بىلەن يەكشەنبە بازاردا ئۇچرىشىپ قالدى، ئەمما سۆزلىشىشكە پۇرسەت تاپالمىدى. ئۈچىنچى قېتىم، ئۇ يەنە ئايگۇلنىڭ دوستى ئارقىلىق كۆرۈشۈشكە پۇرسەت ئىزدىدى، ئاخىر بىر كۈنى بازاردا ئۇلار ئاشپۇزۇلدا، ئايرىمخانىدا كۆرۈشتى. ئايگۇلنىڭ دوستى «ئىككىڭلار پاراڭلىشىڭلار» دەپ چىقىپ تۇردى. ئىككىسى گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي بىر دەم تۇرۇپ قېلىشتى. بۇ پەيتنى ئۇ ھازىرمۇ كۆزىنى يۇمۇپ قويۇپ، ھەر بىر ئەسنالىرىنى ئەلەم بىلەن ئەسلەيدۇ. شۇ چاغدىمۇ يۈرىكى ھازىرقىدەك دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇراتتى. ئۇ ئايگۇلنى سورۇندا كۆرگەندە ئۇنچە تارتىنچاق ئەمەس دەپ ئويلىغان، ئەمما ھازىر  تولىمۇ يۈزى تۆۋەن بىر ئايگۇل ئۇنىڭ سۆز ئېچىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. بۆرەك يېگەن ئوغاۋالا، گەپنى ئۆزەم چىقاردىم، ئۆزەم باشلاي دەپ ئويلىدى ئۇ. ئايگۇل بەك باينىڭ قىزى بولمىسىمۇ چىرايلىق كىيىنىۋالغانىدى، يۈزىگە ھېچقانداق گىرىم قىلمىغان بولسىمۇ ئەت ئۇزايىدىن 18 ياش قىزلاردا بولىدىغان ساغلاملىقى، گۈزەللىكى، لىۋەنلىكى بالقىپ تۇراتتى. ئۇ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئۇچىسىغا سەپسېلىپ قورۇنۇپ كەتتى، يۇيۇنمىغىلى نى زامان ؟ ساقاللىرىنى ئالغان بىلەن بوينى كىر، قولتۇقى پۇرايدۇ... قىز  بۇنى سېزىپ قالغاندەك ئۇنىڭغا قارىماي ئولتۇراتتى، چىرايىدىن ھېچ خۇشاللىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى.   قىز بەلكىم ئۇنىڭغا تەگمەيدۇ، بۇ يەرگە پەقەت ھۆرمەت يۈزىسىدىن كەلدى، بەلكىم بىر يىگىتنىڭ ئېغىزاكى مۇھەببەت تەكلىپىگە قانائەتلەنمەي، ئۇنى يۈزتۇرانە ئاڭلاش ئۈچۈن كەلدى، بەلكىم ئاتا-ئانىسى تاپىدىغان ئەرگە تېگىشتىن ئاۋۋال ئۆزى خالاپ، مۇھەببەت، كۆڭۈل ئىزھارى دېگەن نەرسىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كەلدى، بەلكىم تېلېۋىزورلاردا بېرىلىۋاتقان مۇھەببەت كىنولىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلدى... كېلىپ ئۈمىدسىزلەندى، چىقىپ كېتەي دېسە سەت تۇرغان...
ـــ ئاۋۋال بىر نەرسە... يەيلى، نېمە يەيسىز.
ئايگۇل بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يېيىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغاندەك ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن لەپپىدە قاراپ قويۇپ يەنە بېشىنى تۆۋەن سالدى:
ـــ مەن بىر نەرسە يېمەيمەن.
ـــ ئەمىسە ئۆزەم بىلىپ بۇيرۇتاي.
ـــ مەن بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كىرمىگەن، گېپىڭىز بولسا چاققان دەڭ، مەن ئالدىرايمەن.
ئۇنىڭ پاچاقلىرى تىترەشكە باشلىدى. بۇ قىز خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇۋاتامدۇ ياكى گەپنى يامان يەردىن ئۈزۈپلا قۇتۇلاي دەپ ئويلاۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر بۇ يەرگە خاتا كىرىپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ تۇراتتى.
ـــ دېسەم شۇ گەپ... سىزمۇ بىلىسىز... مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىز بىلەن...
ـــ بولدى، نېمە دەيدىغانلىقىڭىزنى باھارگۇل ماڭا دەپ بولدى، بۇنىڭغا ئۆيدىكىلەر قوشۇلمايدۇ...
ـــ ئەمىسە سىزچۇ...
ـــ مەنما، ئۆيدىكىلەر نېمە دېسە شۇ، ئىشقىلىپ ئۆيدىكىلەر مېنى سىزگە ھەرگىز بەرمەيدۇ، قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ...
قىز كۆڭۈلسىز ئايرىلدى، چىقىپ كېتىۋېتىپ بىرسى چېكىپ تاشلىۋەتكەن تاماكىغا دەسسەپ سالدى.  ئۇ مىجىۋېتىلگەن تاماكا كۆتىكىگە قاراپ يۈرىكىنىمۇ شۇنداق دەسسەلگەندەك ھېس قىلدى. يۈرىكىدىكى ئوت  تاماكىدەك ئۆچتى، كۈلى كۆچتى. ئەمما مۇھەببەت، شەھۋەت دېگەن گويا بەڭگىنىڭ خۇمارىدەك نەرسە بولغاچقا يەنە قايتا پەيدا بولدى. بۇ نايناق مېنى پۇلى يوق دەپ ياراتمايۋاتىدۇ، پۇل تېپىپ ئالدىغا نوچى بارسام مۇئامىلىسى ئۆزگىرىدۇ، بۇ مەھەللىدە ئەمدى ئۇنىڭغا يارايدىغان ئادەمدىن مەندىن باشقا كىم بار؟ دەپ ئويلىدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن يېزا بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ئايلىقىغا 300 كويدىن ئىشلەپ كاۋاپ ساتتى، ئالتە ئاي ئىشلەپ ئالتۇن جابدۇققا چۇشلۇق پۇل تاپتىم دەپ يۈرگەندە ئايگۇلنىڭ توي خەۋىرىنى ئاڭلاپ، يېلى چىققان توپتەك سولىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى شۇنچىلىك تار ئىدىكى، ئايگۇلنى پەقەت ئۆز مەھەللىسىدىن ئەرگە تېگىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدى. ئەمەلىيەتتە قىز بالا دېگەن تالانىڭ، ھەر قانداق يەرنىڭ ئادىمى ئىدى، چىرايلىققا كۆزى چۈشىدىغان ئەر نەدىن بولمىسۇن بىر يەردىن ئوغرى مۈشۈكتەك پەيدا بولاتتى...
   ئۇ سۇنۇق كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى، بىر دەم ئولتۇرۇپلا بېلى تالدى، بېلىمنىڭ كۈچىنى تەتەي ئېلىپ بوپتۇ دەپ ئويلىدى. ئولتۇرۇپ ئىچى پۇشتى، چالاي دېسە دۇتتىرى يوق، ئوقۇي دېسە كىتابى يوق، ئۆزىمۇ ھەم كىتاب ئوقۇي دېمەيتتى، خەتنى كۆرسە بېشى ئاغرىيتتى، بۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ ئەسكى خانىملار سەۋەبچى بولغانىدى. ئۇ بۇ ۋەيرانە كاتەكتە قىلىدىغان ئىش تاپالماي جۇۋاز كالىسىدەك ئايلىنىپ ساراڭ بولغاندىن، جىم ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ ياتاي دەپ، پۇت قوللىرىنى سۇنۇپ ياتتى، گويا تۆت تەرىپى توسۇلغان سېسىق كۆلدىكى سۇنۇق كېمىدەك ئاقتى...  تۈرمىدە ياتقان گۇيلار قانداق چىدايدىغاندۇ-ھە! ياق، ھېچ بولمىسا ئۇلار يالغۇز ئەمەس، بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىشىدۇ، مۇشتلىشىدۇ، ئاندىن ساقچىلار كېلىپ ئاجرىتىدۇ... كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن جەسەتنى باياتىن ساقچىلار رەسىمگە تارتىپ يۈرەتتى.  بۇ مەنزىرە شۇنچىلىك ئېنىق ئىدىكى، ئۇ ئورنىدىن چۆچۈپ قوپۇپ كارىۋاتقا يەنە بىر قاراپ، كىندىكىنى سىلاپ قويدى. نۇرغۇن نەرسىلەرنى تۇتقان، سىلىغان، قاماللىغان، سۇندۇرغان، تىققان، تارتقان، يەملىگەن، ئاجراتقان، كاۋاپچىلىق قىلغاندىن بېرى گۆش ماي تۇتۇپ ياغلىشىپ كەتكەن قولى ھازىرمۇ ئوت ياقسا لاپپىدە كۆيىدىغان پىلىككە ئوخشايتتى. ئۇ قولىغا قاراپ، ھېلىقى جەسەتنىڭ چاترىقىغا چاپلاشقان ھالەتتە كۆيگەن قولىنى ئېسىگە ئېلىپ شۈركىنىپ كەتتى، كۆيگەندە ئادەمنىڭ جان يېرى دەھشەت ئاغرىيدىغان ئوخشايدۇ، ئەڭ يامان يەرمۇ شۇ ئەمەسمۇ... دەپ ئويلاپ قالدى.

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 12:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ قولى كىندىكىنىڭ نەرىنى تۇتسا شۇ يەر ئوت ئالغاندەك كۆيۈشۈپ ئاغرىيتتى. بۇرنىغا يەنە كۆيۈك پۇرىقى تەگدى، بۇ كاۋاپنىڭ پۇرىقىغا ھەرگىز ئوخشىمايتتى. ھۇجرىنىڭ ئىچى بارغانچە تىنجىپ كەتتى، ئۆينىڭ ئىچىدە بىر نەرسە كۆيۈۋاتامدۇ ياكى سىرتتىن ئىس كىرىۋاتامدۇ، بىلەلمەي قالدى، نەپسى بارا-بارا سىقىلدى، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى...
ئۇ بىر چاغدا كۆمۈر گازىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالغان ئەر-خوتۇننى دەپنە قىلىشقا پۇل چىقارغان، ئادەم بەك ئاز بولغاچقا خۇيزۇ قەبرىستانلىقىغىچە بىللە بېرىشىپ بەرگەنىدى. مېيىت نامىزىغا بەشلا ئۇيغۇر قاتناشتى. ئۇ سەپنىڭ ئەڭ چېتىدە تۇرۇپ ئالدىدىكى ئىككى جەسەتكە قارىدى، ئۇلار يېقىن-يېقىن قويۇلغان، بوي بەستىمۇ تەڭ ئىدى. توي كېچىسىمۇ بەلكى باشتا تارتىنىپ مۇشۇنداق يېقىن-يېقىن يېتىشقان بولغىيدى، شىرىن تۇيغۇلارنى بىللە باشتىن كەچۈرگەن بولغىيدى. ھەممە ئىشلىرى، قىلىش-ئەتمىشلىرى، كۈلكە-پاراڭلىرى، يىغا-زارىلىرى،  مەخپىيەتلىكلىرىنى بىللە ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئەمدى ئۆي ئىجارىسى تۆلىمەيدۇ، سوغۇقتا شۈمشىيىپ كاۋاپ ساتمايدۇ، ساقچىلاردىن، بازار باشقۇرغىچىلاردىن ئۈركۈپ قاچمايدۇ،  غەمدىن بېشى قاتمايدۇ، زىياندىن ئىچى ئېچىشمايدۇ، كەلمىگەن ئىشلارغا غەم قىلىپ قاپىقىنى تۈرمەيدۇ، بىر-بىرى بىلەن سوقۇشمايدۇ،  ئەنسىزلىكتىن يۈرەكلىرى دۈپۈلدىمەيدۇ، شۇ قەدەر خاتىرجەم...   بۇ دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن ئەمدى مۇناسىۋەتسىز، شۇغىنىسى ئۆلگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟  ئۇ بۇ مەسىلىنى ئۇلار دەپنە قىلىنىپ بولغىچە ئويلىدى،  نەدىلا ياتسا خۇدانىڭ يېرىدە ياتىدۇ، ئوخشاشلا سوئال-سوراققا تارتىلىدۇ،  بارىدىغان يېرى جەننەت ياكى دوزاخ بولىدۇ. كىمنىڭ ئىمانى بولسا بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىدۇ، ئىمانسىزلار ئىشەنمەيدۇ،  ئۆلگەندىن كېيىن قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولۇپ تۈگەيمىز دەپ ئويلايدۇ...  
ئۇلار دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن دۇئا-تەگبىر ئوقۇلدى، ئاندىن تۇرسۇنكام دېگەن ئادەم  قىسقىچە گەپ قىلدى:   بۈگۈن ھەر قايسىڭلارغا رەھمەت، نەچچەيلەن شۇنچە دېسەكمۇ كەلمىدى،  ئەلۋەتتە بىر مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئۇنىڭ جىنازىسىغا قاتنىشىشى كېرەك ئىدى، ئارىلىققۇ يىراق ئەمەستى، كۆڭۈل يىراقلاپ كەتتى، ئىمان يىراقلاپ كەتتى بۇرادەرلەر، مۇسۇلمان دېگەن مۇشۇنداق چاغدا  بىر يەرگە كەلمىسە  ئۇنىڭ نەرى  مۇسۇلمان؟ ئۇلارنىڭ ئوينايدىغانغا ۋاقتى بار، بۇ يەرگە كېلىشكە ۋاقتى يوق، ئالدىنىڭ ماشىنىسى بار، ماي پۇلىغا چىدىمىغۇدەك ئادەملەر ئەمەس ، ئەمما دىلى قېتىپ كەتتى. ئۇلارمۇ بىر كۈنى ئۆلىدۇ، شۇ چاغدا كۆرىدۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئادەملىكىنى،  ئادەم دېگەن پۇل تاپسىلا ھېساب ئەمەس، پۇل دېگەن گاھىدا شەيتان، پۇل تېپىپ كېرىلىپ كەتكەنلەر شەيتاننىڭ پوقىنى يېگەنلەر، پۇل تېپىش كېرەك، جايىدا ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا شەيتان گەدەنگە مىنىدۇ. ھەر قايسىڭلارمۇ پۇل تېپىۋاتىسىلەر، پۇل تاپىمىز دەپ كۇلىغا چىقتىڭلار، نەچچىسى پۇلنى دەپ ئۆلدى، كۆرۈۋاتىمىز، ئۆلگىنىنى ئەچىقىپ بۇ يەرگە كۆمۈۋاتىمىز، كۆمۈپ بولۇپلا ئىش تۈگىدى دەپ ئۆزىمىز بىلگەننى قىلۋاتىمىز، ئۇنداق قىلمايلى بۇرادەرلەر، بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى بار، بۇ پۇللارنىڭ سورىقى بار، ئاللاھتىن قورقىلى، ئۆزىمىزگە ئىنساپ تىلەيلى... ئۇ بۇ گەپتىن  تەسىرلىنىپ يامان ئىش قىلماسلىق، پۇلنى جايىدا خەجلەش نىيىتىگە كەلدى،  ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ جۈمەگە بېرىپ، ھەقەمسايىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردى.
ئىس بارغانچە قويۇقلىشىپ ھۇجرىنى تۇمانلاشتۇرۇۋەتتى،  ئۇنىڭ بېشى چىڭقىلىپ، دىماغلىرى ئېچىشىپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئىشىكنىڭ يوچۇقىغا بۇرنىنى تىقىپ تالادىكى ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنمەكچى بولدى. بىراق نەق شۇ يەردىن ئىس كىرىۋاتاتتى. فاڭدۇڭ قېرى بىلەن تەتەينى ساقچى تۇتۇپ كەتكەندەك قىلىۋاتاتتى، تەتەي يەنە پەيدا بولدى.  دېمەك ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىس قويۇپ بەرگەنمدۇ؟  ئۇ يۆتىلىپ، ئىشىكنى قاتتىق تەپتى، ۋاقىرىدى، ئىككى ۋاقىراپلا ئاۋازى بوغۇلۇپ تېخىمۇ قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى. دېرىزىنى چېقىش ئۈچۈن تاش ئىزدەپ تاپالماي سۇنۇق كارىۋاتنىڭ بىر پۇتىنى تارتىپ چىقىرىۋاتقاندا  ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى... ئۇ يىقىلغان بىلەن مېڭىسى ھەرىكەتتىن توختىمايتتى،  ئاڭ ۋە خىيالى تاشقى دۇنيا بىلەن سىمسىز تېلېفون سىگنالىدەك ئۇچۇرلىشىپ تۇراتتى:
− مېنى قۇتقۇزۇڭلار...
− نېمە بولدۇڭ؟− دېدى بىر ئاغىنىسى. ئۇنى بەك ئاغىنە دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئېقى كېلىشەتتى.
- ئىتنىڭ ئۇۋىسىغا سولىنىپ قالدىم جېنىم ئاغىنە، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋال.
- تۈرمىگە كىرىپ قالدىڭما؟
-ياق، تۈرمىدىن بەتتەر.  بۇ يەردىن چىقالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋال.
- يوق گەپنى قىلمىغىنا؟!
− شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بىر  تەتەيگە چېقىلىپ قويدۇم، فاڭدۇڭ قېرى سولاپ قويدى، 20 مىڭ يۈەن تۆلەيسەن دېدى، تۆلەپ بولغىچە مەشەدىن چىقماي ياتىسەن دېدى. مەندە پۇل يوق دېسەم ئاغىنىلىرىڭگە تېلېفون قىل دېدى.  بۇ ئىشنى ساڭىلا دەۋاتىمەن.
- كۆتۈڭنى قىسساڭ بولمامدۇ سەنمۇ؟
- شۇ قىسالمىغان گەپ، پۇل بېرىپ تۇرالارسەنمۇ؟ چوقۇم تۆلىۋېتىمەن.  
-مەندە پۇل يوق، قىما ئويناپ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۇۋەتتىم.
-باشقىلارغا دەپ باقساڭ، بىر ياردەم قىلسا بولمامدۇ؟
- ھېچكىمدىن ئۈمىد كۈتمە، ھازىر بىر كىمدىن 20 مىڭ يۈەن ئەمەس، 20 كويمۇ چىقمايدۇ.
-پەقەت ئامال بولماسمۇ؟ ھېچقايسىڭلار ياردەم قىلالمامسىلەر؟
- ياردەم قىلغۇدەك ھالىمىز بولمىسا قانداق ياردەم قىلىمىز؟
- بۇ ئۆيدىن ئۆلۈكۈم چىققاندا يەرلىك ئېلىشقىمۇ ئىئانە قىلالمامسىلەر؟
- ئۇنداق مۇنداق قىلىپ 1000 يۈەن بولسىمۇ يىغارمىز، قالغان 2000 يۈەننى قانداق قىلىمىزكىنتاڭ؟
- ئۆتكەندە قەبرىستانلىققا چىققاندا سەن بارغۇ؟
- بار، نېمە بولدى؟
- شۇ چاغدا تۇرسۇنكام نېمە دېگەن؟
- نېمە دېگەن؟ قاچانقى گەپ ئۇ، ئېسىمدە يوق.
- ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئىنساپ بىلەن ئىش قىلىڭلار دېمىگەنمۇ؟
- شۇنداققۇ دېگەن، ئەمما بۇ كۈنلەردە كىم كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ دەيسەن؟ تۇرسۇنكام ھازىر  رېستۇران ئېچىپ بېيىپ كەتتى. بولمىسا تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراپ باققىن.
- نومۇرى نەچچە؟
- بىر، ئۈچ، ئالتە توققۇز، ئىككى يەتتە، ئىككى نۆل.
ئۇ شۇ ئادەمگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلدى. ئەمدى ئاكا... بىر..   دەپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولغىچە قۇلىقى تۈۋىدە گويا بومبا پارتىلىدى:
− ھەي خۇمسى گۇي، مۇسۇلمان تۇرۇپ شۇ تەتەي بىلەن زىنا قىلدىڭما؟ ئېشەكمۇ سەن ئادەممۇ؟ ئېشەك جېنىدا ئۆز خىلىنى تاپىدۇ، سەن شۇ ئېشەكچىلىكمۇ بولالماپسەنغۇ؟  مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك،   خېلى بىر جۈمەگە بېرىپ يۈرەتتىڭ؟ پوق يېدىڭما گۇي؟ ئوقۇغان نامازلىرىڭ قېنى؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن مۇشۇ گەپنى بىزگە دەيسەن؟ زىنانىڭ جازاسى نېمە؟ بىلەمسەن؟ ئاپىرىپ چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش!
  ئۇ ئۇجۇقۇپ تىنالماي قالدى، قەبرە بېشىدا ئېيتىلغان گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاشۇنداق قىلغاندىكىن ئۆزىگىمۇ ئاز!
بىر دەمدىن كېيىن ھېلىقى ئاغىنىسىدىن تېلېفون كەلدى:
− قانداق بولدى؟ ياردەم قىلىدىغان بولدىمۇ؟
− ياق، كېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدىغان بولدى.
− مەن دېمىدىممۇ، ئۇ ئادەم بۇنداق ئىشقا ھەرگىز ياردەم قىلمايدۇ.
− بوپتۇ، ھەممىڭلارغا رەھمەت.
− ئۆيۈڭگە تېلېفون قىلساڭ بولمامدۇ؟
− ئۆيدە تېلېفون يوق، تېلېفون بولسىمۇ ئۇرمايمەن، نومۇستىن ئۆلسۈن دەمسەن مېنى؟
− ئەمىسە باشقا چارىلەرنى ئويلا، ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
− يا 20 مىڭ يۈەننى تۆلەيمەن، يا بولمىسا تۈرمىگە كىرىمەن. لېكىن تۈرمىگە كىرىپ بولغىچە ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. مۇشۇ تاپتا ئۆلۈكتەك ياتىمەن.
− كاللاڭنى ئىشلەت، ئاۋۇ تەتەيگە يالۋۇرۇپ باق، سېنى خوتۇنلۇققا ئالاي، ئۆمۈر بويى سېنى باقاي دەپ باق. ئۇناپ قالار. بىر كېچە رازى قىلىۋەتسەڭ قوينۇڭدىن چىقمايدىغان خوتۇن بولىدۇ، ئاللىبۇرۇن رازى قىلىپ بولدۇڭمۇ تېخى... ھى ھى..
ئۇمۇ  زورىغا كۈلۈپ قويدى. بۇ قانداق چارە؟ ھەر ھالدا بولىدىغان چارە، ئۇ تەتەيگە چېقىلىپ قويماستا شۇنداق ئوبدان ئۆتكەن. ياپياش تەتەي بۇ يەردە يالغۇزسىراپ، ئەرسىرەپ ئولتۇرىدۇ. فاڭدۇڭ قېرى ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇ  قېرى توسقۇنلۇق قىلمىسا تەتەيدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇنىڭغا ھەممە پۇلىنى خەجلەپ، قائىدىسىنى قىلىپ خوتۇن قىلىۋالسا بولىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئىمانغا كىرگۈزسە ساۋاب تاپىدۇ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ساقىت بولىدۇ...  ئۇ بۇ خىيالنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاغىنىسىنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.
  كۆز يۇمۇلدى، ئۇچۇر ئۈزۈلدى، پاراڭلار توختىدى. ئۇ ئۆلۈكتەك ياتقان، ئۆلدۈم دەپ ئويلىغان بىلەن يۈرىكى سوقۇپ، مېڭىسى ئىشلەپ تۇراتتى؛ روھى يەنىلا جىسمىغا پاتماي تالاغا قېچىپ تۇراتتى،  خالىغان يېرىدە توختاپ ئەتراپىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى، بىر قارىسا بۇلار چۈشىگە ئوخشايتتى، ئەمما تۇيغۇلىرى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئەمەلىي ئىدىكى، بەئەينى رىئاللىققا ئوخشايتتى.  ئۇ بىر دەمدە يەنە تالاغا چىقىپ قالدى، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالدى. ئۆلمىدىم  دەپ يايراپ كەتتى. فاڭدۇڭ قېرى تالادا ماجاڭ ئويناۋاتامدىكى دەپ قاراپ باقتى، ھەتتا بېرىپ سوراپ باقتى. قېرىلار ”ئىككى كۈن بولدى، كۆرۈنمىدى“ دېيىشتى. ساقچىلار راست ئېلىپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇنداقتا بايا پەيدا بولغان تەتەيچۇ؟ ئۇ قانداق كېلىپ قالدى؟ فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ تەتەيگە توي تەكلىپى قويسا قانداق بولار؟  شۇندىلا 20 مىڭ يۈەندىن قۇتۇلۇپلا قالماي، خوتۇندىن بىرسىگە ئېرىشەلەيدۇ، گۇناھتىن ساقىت بولىدۇ.  ئۇ تەتەينى ئىزدەپ باقتى، تاپالمىدى. ھۇجرىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى، بايا تەتەي مۇشۇ ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ قويۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىشىكتىكى قۇلپىغا قاراپ غەزەبلەندى، يەردىن بىر تاش ئېلىپ ئۇنى چاقتى، شۇنچە ئۇرسىمۇ ئۇ قۇلپا چېقىلاي دېمەيتتى،  ساقچىلار بىر پاي ئوق بىلەنلا چۇۋۇۋەتكەن  قۇلپا ئەمدى نېمىشقا ئېچىلمايدۇ؟  ئۇ ئىشىكنى ئاچچىقىدا بىر تېپىپ قويۇپ ئىككى يېنىغا قارىدى،  كۆزى دېرىزىگە چۈشتى،   دېرىزىگە مىخلانغان سېرىق يالتىراقنى كۆرۈپ ئۆچ ئېلىش ھاياجىنىنى باسالماي ئۇنى كۈچەپ تارتىپ يىرتىپ سۆكۈشكە باشلىدى.   دېرىزىنىڭ ئەينىكى كۆرۈندى، ئەينەكتىن ھۇجرىنىڭ ئىچى كۆرۈندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىنى ماراۋېتىپ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. دۇتتىرى تامدا ئېسىقلىق، كارىۋات، يوتقان كۆرپە، دۇش، پىچاق، ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا تۇراتتى...  باياتىن ھۇجرىغا كىرگەندە بىر قېتىم ھەيران قالغان،  قورقۇنچلۇق ئوت ئاپىتىدىن ئامان قالغىنىغا شۈكرى قىلماي، ”ئەسلىگە كەلگەندىكىن تايىنلىق ھەممە نەرسە  ئەسلىگە كەلگەن بولسىچۇ“ دەپ ئويلاپ كەتكەنىدى. مانا ئەمدى ئەسلىگە كەپتۇ!... ئۇ دۇتارنى كۆرۈپ ئۇزاق يىل كۆرمىگەن مەشۇقىنى كۆرگەندەك ھاياجانلىنىپ، قوللىرى تىترەپ كەتتى.   قەدىناس دۇتارى بولسىلا بۇ كۆمۈرخانىغا  قانچىلىك  سولاپ قويسىمۇ مەيلى. كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ دۇتار چېلىشنىڭ پەيزىگە نېمە يەتسۇن؟ تەتەينىڭ پەيزىنى چوڭ بىلىپ كېتىۋىدى، ئاخىر نېمە بولدى؟ زىنا بولدى، بېشىغا تۈگىمەس بالا بولدى. ئەمدى كۆتىنى قىسىپ دۇتارىنى چالىدۇ، مۇڭ ناخشىلاردىن ھۇزۇرلىنىپ نەشە چەككەن بەڭگىدەك پاڭ بولۇپ كېتىدۇ... ئۇ شۇ خوشلۇقىدا ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختاپ قالدى، ئۇرۇپ مىجىلغانچە چىڭىپ كەتكەن قارا قۇلپا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، بىر بولسا بۇ كاتەكتىن چىقالماي تىپىرلاپ كەتكەن، بىر بولسا كىرەلمەي ئاۋارە. خۇشاللىققا يەتمەك نېمانچە تەس، توسقۇنلۇق نېمانچە كۆپ!  بىر چاغدا ئايگۇلمۇ ئۇنىڭ خۇشاللىقى، ھاياجىنىنى توسۇپ قويغان،  دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلىرىنى دەسسەپ مىجىۋەتكەن.
ئۇ دەرمانسىز ھالدا كوچىغا چىققاندا باھارگۇل ئۇچراپ:
− قانداق بولدى؟- دەپ سورىدى.
− قانداق بولاتتى، ئىشىڭىزنى قىلىڭ دېدى.
−ئۇنداق ئادەم ئۆتكەندە ماڭىلا دېسە بولمامدۇ؟
−ئۆتكەندە سىزگە نېمە دېگەن؟
−ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە بىر نەرسە دەي دېگەن.
− ئوبدان دېدى، كۆرۈشۈپلا گەپنى ئۈزدى.
−قانداق ئاداشكىن بۇ، بولمىسا ناخشىڭىزغا يامان ئامراق ئىدى.
− شۇ، مېنى ناخشىچى قەلەندەر كۆرگەن گەپ.
− ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، ئەرگە تەگسە بىلىدۇ ئەرنىڭ قانداقلىقىنى.
−سىز قانداقراق ئۆتۈۋاتىسىز ئېرىڭىز بىلەن؟
− ھەي...  گەپ قىلماڭ جۇمۇ...
− تويۇڭلار بەك قىززىغان بولمىسا...
− توي قىززىغان بىلەن ئۇرۇش-جېدەلمۇ تويدىن كېيىن باشلىنىدىكەن.
− نېمە بولۇپ ئەمدى؟
−ھەي بولدىلا، دېسەم غەيۋەت بولىدۇ. ئايگۇلمۇ بىر ئەرگە تېگىپ كۆرۈپ باقسۇن. ئالىدىغان سېيت ماڭقىدىن بىرەرسى چىقىپ قالار، شۇ چاغدا قەدرىڭىزنى بىلىدۇ.
− ئۇ چاغدا ماڭا نېمە پايدىسى؟ ئېرىدىن تاياق يېسە يېمەمدۇ؟  
− سىزمۇ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالغىچە باشقا قىز تاپسىڭىز بولمامدۇ؟ تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس ئۇ؟
− ھەي كۆڭۈل دەڭا...ئۆزەممۇ ئۇقمايمەن.
− دۇتار چالسىڭىز بىرەر قېتىم كۈلۈپ قاش ئېتىپ بەرگەندۇ تايىنلىق... بىزمۇ ئاتالايتتۇق ئۇنداق قاشنى...
باھارگۇلنىڭ نازلىق كۈلكىسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى:
−ئەمىسە نېمىشقا ئۇنداق قىلمىغان.
− بىز ئۇنداق قېلىن ئەمەس-تە!
− ئەرگە تېگىپ قېلىنلىشىپ كېتىپسىز-دە..
− ئەمدى توي قىلغاندىكىن نېمە بولساق بولدۇق. ئويلىسام ئۆزەمگە ئاچچىقىم كېلىدۇ،  نېمە دېسە تارتىنىپ،  كۆڭلۈمدىكى ئىشنى قىلالماي، قاملاشمىغان توينى قىلىپ قاراپ ئولتۇردۇم. بۇ گەپنى ئېرىم ھەرگىز ئاڭلاپ قالمىسۇن جۇمۇ!...
− ۋاي ياقەي، مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟
− مەھەللىدە بىر نەچچىمىز  قاتار چاي ئوينايلى دېيىشكەن، تەكلىپ قىلساق قاتنىشىپ بېرەرسىز.
− ئەر-خوتۇنلارنىڭ سورۇنىدا ماڭا نېمە بار؟
− ئايگۇلنى چاقىرىپ بەرسەك ئولتۇرامسىز؟
− ئختىيارىڭلار...  
- ئەمما ئايگۇلنى چاقىرمايمىز.
- چاقىرمىساڭلار مەيلى،  ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا دۇتار چالسام پەيزىم قاچىدۇ.
باھارگۇل كۈلۈپ قويۇپ خوشلىشىپ كەتتى... ئايگۇلگە باققاندا باھارگۇل باھاردەك  ئىللىق ئىدى، بىراق بۇ ھۇزۇردىن ئېرى بەھىرلىنەتتى.  شۇ قېتىمقى رەت قىلىنىشتىن كېيىن ئايگۇل خېلى ئۇزاققىچە ئۇنىڭ ئىچىنى مۈشۈكتەك تاتىلاپ، ھاكاۋۇرلۇق، جاھىللىق بىلەن مىياڭلاپ ھېچ ئارام بەرمىدى. ئۇ مۆتىۋەر ئائىلىنىڭ قىزى بولغىنىدىن، چىرايلىق ھەم پاك بولغىنىدىن پەخىرلىنەتتى، چوڭچىلىق قىلاتتى. ئاخىرىدا ئۇنىڭ قۇلپىسىنى باشقا بىرى بۇزۇپ، لەززەت ھۇجرىسىغا كىرىپ، بەختىگە يەتتى.
ئۇ  يوغان قوڭغۇزدەك قارا قۇلپىغا قاراپ تېخىمۇ زەردىسى قاينىدى، تېخىمۇ يوغان تاش ئىزدەپ ھويلىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلدى، ئۇ بۇرۇلۇپ قاراپ بولغىچە  تەتەي بىلەن بىر ئەر كىشى ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ ھەيران بولۇپ ئىشىك تۈۋىگە ئاستا كېلىپ ئىشىكنى ئىتتىرىپ بېقىۋىدى، ئىشىك ئېچىلمىدى، بەلكى ئۆيدىن ئۇنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدىغان شىپىرلاشلار، پىچىرلاشلار  ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئۇ دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ھەممىنى ئاشكار كۆردى، تەتەي بىلەن ھېلىقى ئەر ئۇنىڭ كارىۋىتىغا چىقىۋېلىپ، بىر-بىرىنىڭ كىيىملىرىنى سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كاللىسى قېتىپ، كۆزى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالدى. بۇ كۆرۈنۈشلەر كاۋاپچىلار پات-پات كۆرۈپ قويىدىغان سېرىق دەيدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاجايىپ ئوخشايتتى. ئۇلار قەرت ئويناپ زېرىكسە خوتۇنلىرىنى باشقا بىر ئۆيگە چىقىرىۋېتىپ دەي كۆرەتتى. بىر دەينى كۆرۈپ بولسا يەنە بىرسى قوينىدىن ” بۇ تېخىمۇ نوچىسى“ دەپ چىقىرىپ، ئۇنىمۇ كۆرەتتى. ” يەنىلا چەتنىڭ نوچى جۇمۇ“ دەپ ئاغزىنى چاكىلدىتىشىپ كېتەتتى.  ئۇلار ھاراقنىڭ، نەشىنىڭ، ئاقنىڭ، دەينىڭ نوچىسىنى بەك بىلىشەتتى.  كىم شۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنالىسا ئۆزلىرىنى قالتىس ھېس قىلىشاتتى.  لېكىن نەق مەيداندىكى مۇنداق سېرىق كۆرۈنۈشنى دېرىزىدىن كىم كۆرۈپ باققان؟... ئۇ بۇنىڭدىن ئۆزىچە پەخىرلىنىپ خېلى ئۇزۇن كۆرىمەن بۇ تاماشىنى دەپ تۇرغاندا ئويۇن ئۈچ مىنۇتتىلا تۈگىدى، ئەر تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى،  ئىككىسى پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى:
−ئۇ قېرى راست كەلمەمدۇ؟
− كەلمەيدۇ، ماجاڭغا بىر كىرىشىپ قالسا ئۇزاق ئوينايدۇ.
−ھازىر قانداق ئەھۋالىڭ؟  
−يامان ئەمەس، ئايدا 1000 كويغا چۇشلۇق بىر نېمە بولۇۋاتىدۇ. سىزچۇ، ئىش ھەققىڭىزنى ئالالىدىڭىزمۇ؟
−تېخىچە بەرمەيۋاتىدۇ گۇيلار، لاۋبەن دېگەن شاۋچىلار ئادەم ئەمەس نېمىكەن.
− چاغاندىن بۇرۇن بەرسە بولاتتى، ئۆيگە بېرىپ كەلسەك.
− چاغاندىن بۇرۇن بەرمىسە بىزمۇ ئىش تاشلىماقچى.
− توۋا دەيمەن، جاپا چېكىپ قۇرۇلۇش سالىسىلەر، لېكىن ئۆزەڭلار بىر ئېغىز ئۆيگىمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر.
− شۇ، ئېگىز بىنانى بىز سالغان بىلەن، بىنا پۈتكەندە  تالادا قالىمىز. شۇنچە زور ئىشلارنى قىلساقمۇ  بىزنى چۈپرەندە كۆرىدۇ، ئىش ھەققىمىزنى ساق بەرمەيدۇ. ئۆي ئۆسۈپ كەتتى،  ئون نەچچە يىل ئىشلەپ تاپقان پۇلغا  ئۆينىڭ ھاجەتخانىسىنىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن پۈتۈپ قالاي دېگەن ئۆيلەرگە كىرىپ خالىغانچە سىيىپ كۆڭلۈمنى ئاچىمەن.  
− ئۆي ئېلىش نېرى تۇرسۇن ئىجارىمۇ ئالالمايۋاتساق. بولمىسا بىر ئۆيدە بىللە ياشايتتۇق.
-شۇ ئەمەسمۇ، بولمىسا ئۆزەمنىڭ خوتۇنىنى ئوغرىلىقچە خوتۇن قىلىپ يۈرەمدىم؟ نېمە كۈن بۇ ؟!
- بوپتۇ دادىسى، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.  
- بالىدىن خەۋەر بارمۇ؟ قانداقراق ئوقۇۋېتىپتۇ.
-ئوقۇشى ناچاركەن، بىز يېنىدا بولمىغاندىكىن تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىكەن.
-ئىشلىمىسە جان باققىلى بولمىسا، جان باقاي دەپ شەھەرگە كەلسە بۇ يەردىمۇ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتساق؟ ھەي...
- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئازراق پۇل تېپىۋالساق يۇرتقا كېتىپ دۇكان ئاچارمىز.
- ھەممە ئىش ئاقمايدىغان بولۇپ كەتتى، ياشاشتىن زېرىكىۋاتىمەن. نەچچە قېتىم بىنا ئۈستىدىن سەكرىگۈم كېلىپ كەتتى ...
- ئۇنداق دېمەڭ، سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن؟ بالا قانداق قىلىدۇ؟...- دېدى تەتەي يىغلامسىراپ.
- شۇ سېنى، بالامنى دەپ ياشاۋاتىمەن خوتۇن، ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ سەن بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ياشايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق جاپاغا چىدايمەن.
تەتەي يىغلاپ ئېقىپ كەتتى:
- سىز يوق... ماڭىمۇ تەس بۇنداق  ياشىماق... چىدايلى، بالىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ چىدايلى...
ئەر تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ، تەتەينى قۇچاقلاپ بىر دەم ياتتى، ئاندىن ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ، چاپىنىنى ئارتىپ ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى،  ئېرىنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭ تەتەي بىر ھازا يىغلىدى، ئاندىن ئەتراپىغا غەزەپ  بىلەن تىكىلىپ، تامدىكى دۇتارنى ئېلىپ، يەرگە ئۇرۇپ پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. بۇ ئىش شۇنچىلىك تېز يۈز بەردىكى، ئۇ ھوي دەپ ۋاقىراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. تەتەي ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى ئۇرۇپ چېقىپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي تالاغا چىقىپ كەتتى. بەلكىم فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يېنىغا ئەرز ئېيتقىلى، ئۆزىنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كاۋاپچىدىن قانداق پۇل ئۈندۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكىلى ماڭدى. ئىشىك ئەمدى ھاڭىرقاي ئوچۇق ئىدى، باياتىن چېقىپ ئاچالمىغان قۇلۇپ ھېچ نەدە كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىگە داڭقېتىپ قاراپ قالدى.

كۆيۈمچان ئەزا

دېھقانسىز دۇنيا

UID
6448
يازما
273
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
9235
تىزىملاتقان
2010-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-17
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 12:36:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەرتۈرۈككا !
كەمىنە دېھقاندىن سىزگە ئوتلۇق سالام. مەن بۇرۇندىن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى بىرنى قويماي ئوقۇپ ۋە ئاڭلاپ(زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز) كىلۋاتقان ئوقورمىنىڭىز. بۇ ئەسىرىڭىزنىمۇ سەللىمازا ئوقۇۋەتتىم.رەخمەت .تەشەككۈر.
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەلكۈيىدىن نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز~!

UID
4224
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
540
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 14:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويۇپ ، كىيىن كۆرۈش ئۈچۈن ئىنكاس يازدىم.

دائىملىق ئەزا

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

UID
2255
يازما
655
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
22240
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-3
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 16:23:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنى  نادىرلىغىدەك تىما ئىكەن .

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
971
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42694
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
321 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 16:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئالغان تەسىراتىمنى يازالمىدىم...

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
549
تېما
68
نادىر
0
جۇغلانما
18135
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 18:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە ئەنۋەرھاجىم كەم ئىدى كەلگىنىدىن بەكمۇ خۇشال  بولدۇم ،قەدەم مەرھابا!

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
418
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
16059
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 19:32:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر تۈرك ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كەينىگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كۆرۈشكە بولمايدۇ دەپ يېزىپ قويارسىلەر.....


زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز، لاي سۇ ئىچكەن جانلار، كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى،،،،،بەس مۇنازىرە قوزغىغان ئەسەرلەر ئىدى،ئەمدى كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسىغا كەپتۇ دە نۆۋەت.....

قەلەملىرىگە كۆز تەگمىسۇن ھاجىمكا.

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش