ئىگىسى: erturk36

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6054
يازما
298
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7412
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 19:40:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوبدانلا ھىكايىكەن بۇ   داۋامىنى نەدىن كورەرمىز!!!ماددى جەھەتتىكى ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى نامراتلىق ھەم مۇھتاجلىق ئادەمنى نىمە ئوي ۋە كويلارغا سالمايدۇھە!

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 20:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر زادە  . سىزنىڭ بىر ئادەم گەپ قىلسىلا  ئۆزىڭىزگە ئىلىۋالدىغان ئىشڭىز بولمايدۇ . سىزگە تىگىدىغان نىمە گەپ بار ئىكەن مەن يازغان ئىنكاستا  ؟ زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ گىپىگە كەلسەك سىز ئوقۇغان پەندە مەندەك ئادەملەر شۇنداق ھىساپلىنامدۇ ؟ ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنى قانداق كىملىككە تەۋە دەپ قارايسىز ؟ بۇ ھەقتە ئايرىم پىكىرىڭىزنى ئاڭلاي . مەن زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىزنى ئوقۇپ باقمىدىم ھەم ئاڭلاپ باقمىدىم . پەقەت ئىسمىنىڭ ئۆزدىنلا بازارلىق كىتاپ بۇلىدىغانلىغىنى پەرەز قىلغىلى بۇلىدۇ . ياخشى ياكى ناچارلىغغا ئوقۇپ بولغاندىن كىين بىر نىمە دەيلى . مىنىڭ ئۈزۈم چۇشەنمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئىنچىكە تەھلىل قىلىش بىلەن خوشۇم يوق . شۇڭا بۇ ھەقتە يەنە گەپ قىلغۇم يوق . ئۇنداقتا سىز دەۋاتقان چۇشەنچىلەر بىلەن قىلىپ ئىيتقاندا بىزگە يەنە بىر رامكا پەيدا بوپتۇ . ئۇنىمۇ تەپسىلى بىلمىسەك تىخىمۇ ئازغۇنغا ئايلىنىپ قالغىدەكمىز . ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى نىمىنى يىزىشى كىرەك ؟ قانداق يىزىشى كىرەك ؟ دىگەندەك بىر تۇركۇم يازمىلار يوللانمىسا پىكىرگە ھۆرمەت قىلغان كالللىدا چۇشەنچە ئايدىڭ بولمايدۇ . ئۇنتۇلۇپ كىتىىش مەسىلسىنى دەپسىز ھەممىلا ئادەم ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى چوڭ بىلىدۇ . لىكىن ئىنسان ئۇنتۇلمايمەن ياكى ئۇنتۇلىمەن دىيەلمىسە كىرەك . ھاجىم ئاۋال ئەمگەك قىلىپ باقسۇن . ئىجادىيەت بىلەن خوشلاشقان چاغدا باھا بەرسەكمۇ ئۈلگۇرىمىز . مىنىڭ نەزىرىمىدە باھا بەرمەك ئاسان لىكىن ئىش قىلماق تەس . مەن قىلغان كۈلكىلىك گەپلەر ھەققىدە يەنە كۈلۈشكەچ مۇڭدىشارمىز .

UID
2763
يازما
146
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4857
تىزىملاتقان
2010-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 21:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 .......

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
297
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8308
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 21:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە، زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە تالىپ بالا دېيىشىڭىزدىنلا  سەللىمازا نادانلىقىڭىز چىقىپ تۇرىدىكەن...  دىننىمۇ،  ئەدەبىياتنىمۇ چۈشىنىشىڭىز راستىنلا كەمچىلكەن... ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭىز، مېنى بولدى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلەشمە، دېگۈزىۋېتىدىكەن

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
297
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8308
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 21:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ، بۇ كۈنلەردە سىزگە قاتتىق تەگكۈم راستىنلا يوقتى.

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 11:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا، كەۋسەر!
مەن دەل مانا مۇشۇنى دېمەكچىدىم!
    مەن ئەرتۈرككە ئاللىبۇرۇن ئۆزۈمنىڭ سەمىميتىمنى بىلدۈردۈم، ھۆرمىتىمنىڭ بارلىقىنى دېدىم، "لايسۇ ئىچكەن جانلار" دېگەن ئەسرىنىمۇ مۇئەيەنلەشتۈردۈم. ئەمما، مېنىڭ ئاپتورغا بولغان ھۆرمىتىم "كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى" دېگەندەك ئەسەرلىرىدىكى قاملاشمىغان يەرلەرگە سۈكۈت قىلىدىغانلىقمنى بىلدۈرمەيدۇ. گۈلەننىڭ ، كەۋسەرنىڭ، لۈكچەكنىڭ ئەرتۈركنى تەنقىد قىلىشى توغرا بولغان.
         كەۋسەرنىڭ ئىنكاسىدا ئشىارە قىلىنىۋاتقان مۇھىم نۇقتىغا كەلسەك، ئازابى ساختا بىر  تالىپ، كۈنبويى سورۇندىن نېرى كېلەلمەي ئۆزىدىن ياتلاشقان بىر يۇمىلاقتاۋۇز ، ھايانكەش يازارمەن ۋە يەنە  خەق مېنى قالىتس يازىدىكەن دېسۇن  دەپ شۆھرەت تاماسىدا  يازىدىغان بىر يازغۇچى بۇنچىلىك ئاددىي بىر پاكىتنى بىلمەي قالمايدۇ. لېكىن، ئۇلار ئاينىغان، ئۆزىدىن ياتلاشقان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ مىللىي غايسى، مۇسۇلمانلىق كىملىكى بىلەن قىلىۋاتقان قىلىق-ھەرىكەتلىرىنىڭ، يېزىۋاتقانلىرىنىڭ زىت كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ-دە، ئاڭسىزلا  قارشى تەرەپنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قويۇپ قالىدۇ ھەم ئىدولوگىيلىك ئۆزگەرتىش پىلانىغا تازا ياخشى ماسىلشىدۇ.  مۇقىم بىر مەۋقەسى بولمىغاچقا، ئۇلار  ئۆزلىرى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى  كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى بىلمەي قالىدۇ. ئۇلارئەسكى ئادەملەر  ئەمەس. ئەمما، مانا مۇشۇنداق زىدديەتلىك كىملىك ئىچدە ياشاش ، مانا مۇشۇنداق يۇمۇلاقتاۋۇزلۇق ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ غايسىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەم بۇ ئاقىۋەتنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ .
        مەن دەۋاتقان "بىزنىڭ كاللىمىز ھەر قاچان زىندانغا ئايلنىش مۇمكىچىلىكى بار، بىز ھەر قاچان خاتا تونۇش قورشاۋىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمزىنى سەزمەيمىز، تونۇشىمزىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنۋاتقانلىقىمىزنى تۇيمايمىز " دېيشىىمدە مۇشۇنداق بىر نۇقتىمۇ ئشارە قىلىنغان.
         يەنە بىرسى،  ئۇيغۇر يازغان ئەسەرنى توختىماي غەربنىڭ ئەسەلىرى بىلەن سېلشتۇرىدىغان بۇنداق مەنتىقىسىزلىقنى قويايلى ئەمدى. بىز خرسىتائان ئەمەس، كاتولىك ئەمەس. ئەنۋەر مۇھەممەت ئېمىل زولا ئەمەس، موپاسسان ئەمەس، سىدنىي شېلدون تېخى ئەمەس. ئۇ بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسى، مۇسۇلمان قەۋمنىڭ يازغۇچىسى. دىني كىملكىمىز ۋە ئېتىقادىمىز ۋاقتى كەلسەئېستېتىك زوقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
                كارل ماركىسنىڭ "ئەدەبيىات ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قورالى، مەۋجۇت ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ" دېگەن قارىشى ۋە ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ "مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەدەبياتنىڭ بىزنى ئەللەيلىتىشتىن، خام خىيالغا باشلاشتىن  باشقا رولى يوقكەن" دەپ قېلىشىدا مۇئەييەن سەۋەب بار. بۇ قاراش مۇشۇ يەرگە تازا چۈشىدۇ.
    مەن بۇ قېتىم بەك سەۋر بىلەن كىردىم. شۇڭا، يىرىك گەپلەردىن ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنى تارتاي. قېرىنداشلىرىمنىڭ قارشى نۇقتىدىن چىقىپ كەۋسەر دېگەن مەسىلىلەرنى ئويلىنپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ھازىرقىدەك ۋاقىتتا بىزگە بىر مەزگىل ئەدەبي ئەسەر بولمىسا بولۇۋرىدۇ(خېلى جىق چىقتى)، ئەمما تۇشمۇتۇشتىن خىرسقا دۇچ كېلۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىمىزگە، قىمەت قارشىمىزغا  ئۆزىمىز ئاڭسىز  ئاسيىلىق قىلماسلىق ئۈچۈن مۇقىم مەۋقەيىمىز ۋە مىزانىمىز بولمىسا بولمايدۇ.
    ئۆزىدىن ياتلىشىش دېگەن مانا مۇشۇنداق دەھشەتلىك ھادسىە!  كاللا ئشىلەتمىسەك مىڭ جىق كىتاب ئوقۇغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان بىلەنمۇ مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى كۈرەش ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلارنى ۋە گەپلەرنى قىلشتىن ساقلىنالمايمىز.
     ۋاقتى كەلسە،"مانتا كۆرمىگەن  قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ" دېگەن ھېكمەتنى ئەسلىتىپ ئانچكىم بىر ئەسەرلەرگە ئاھ-ۋاھ دەپ   ياقا يىرتىۋاتقانلار بىلەن "نادىر ئەسەر قانداق بولىدۇ؟" دەپ مۇنازىرە قىلساق بولۇۋېرىدۇ.
   شائىر ساداقەتجان ھاجى خويمۇ ئوبدان دەپتىكەن:
         دەردىم بار دېمە! كۆزۈڭ ياش بولغان بىلەن باغرىڭ قان ئەمەستۇر!

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
297
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8308
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 12:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەرنىڭ سەمىمىيىتىدىن سۆيۈندۈم، بۇ مەسىلە سۇتۇق، بىز ۋە باشقا تورداشلار بۇرۇندىن دەپ كېلىۋاتقان مەسىلە، لېكىن مېنىڭ ئۇيغۇر زادىگە دېگەن گېپىم، تەنقىدنىمۇ جايىدا بېرەيلى ، دېگەنلىكتىن ئىبارەت، ئۇيغۇر زادە ئەنۋەركامنىڭ ئىجاد بېغىغا چاتاش ئۈچۈن قايچا ئەمەس، تۈۋىدىن كېسىۋېتىش ئۈچۈن پالتا ئەكىرگەن، مەن پالتا كېرەك ئەمەس، قايچا لازىم دېگۈچى خالاس. ئەنۋەركاممۇ ئادەم، خاتالىق سادىر قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكىمىز، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىمىز كېرەك....
ئەنۋەركامنىڭ ئىدىيىۋىي بۇرۇلۇشىنىڭ ، خۇددى ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىدىيىۋى بۇرۇلۇشىدەكلا ياشلار ئارىسىدا تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، يازمىلىرىنىىڭمۇ مەلۇم تەسىر قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.... شۇڭا ئۇنىڭ يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنماي، يېتەكلەشكە ئۇرۇنىشىمىز كېرەك. ئانداق تەسۋېرلەر مەسىلىسىگە كەلسە، ئەگەر ئەنۋەركام شۇنداق تەسۋىرنىڭ ھەقنى دېيىش ئۈچۈن يازغان بولسا، بولىدۇ... "ئاللاھ ھەقنى دېيىشتىن ھايا قىلمايدۇ" دېگەن ئايەت بار، ئىسلامىي كىتابلاردا فىقھى مەسىلىلىرىدە ھەر " قېلىن " گەپلەر بار... لېكىن ئىلىم ئۈچۈن ئۇنى دېسە ئەلۋەتتە بولىدۇ؛ ئەمما، ئەنۋەركام سېرىق يېزىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئازدۇرۇش، ئوقۇرمەن سانىنى كۆپەيتىشنى مەخسەت قىلسا ( مەنچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس)  بۇ گۇناھىمۇ ئۆزىگە، خۇددىي بىراۋ بىراۋنى ھىدايەت قىلالمىغاندەكلا، ئازغۇنلۇققىمۇ باشلىيالمايدۇ، قولىدىن كەلمەيدۇ... ھەم بىر نەچچە قۇر تەسۋېرىگە ئېزىپ كەتكەن مۇسۇلماننىڭمۇ كېرىكى يوق ! قانداقلا  بولمىسۇن، بىز سەمىمىيەتتىن ھالقىغان ھالدا تەنقىدنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇيغۇر زادىدەك، ئىككى مىسرانى كۆرۈپلا، شېئىرىي تەرجىمىگە ماس كەلمەيدىكەنسىز، دەپ ھۆكۈم چىقارساق، بىر جۈملىگە دىنى كىملىكىڭىزدە مەسىلە بار دېسە، بۇ خۇددى جەمئىيەتتىكى يېڭى دىن ئۆگەنچىلەرنىڭ ئاسانلا مۇناپىق، كاپىر دېگىنىدەكلا بىر ئىش بوپ قالىدۇ خالاس...
ئەنۋەركام شۇنداق تەسۋېرىلەرنى ئازلاتسا،  ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا ئۆزگىچىرەك يول تۇتسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان مۇسۇلمان يازغۇچى.
ئاتۇشتا بىر كىتاپبۇرۇشنىڭ كىتاب دۇكىنىدا ئەنۋەركامنىڭ گېپى بولدى، نۇرغۇن تەنقىدلەر بولدى، بۇلارنى قوللىمىدىم، ئەمما كىتابپۇرۇش مۇنداق دېدى: بۇ ئادەم، پوۋېست يازسا بولىدىكەن، تاق لىنىيىلىك ئەسەر يازسا بولىدىكەن، رومان يازسا ھازىرچە ماس كەلمەيدىغاندەك.... يېقىنقى يازغان رومانلىرى پوۋېست شەكلىدە تاق لىنىيە بويىچە داۋاملاشقان... بۇ گەپنى پۈتۈنلەي قوللاپ كەتمىسەممۇ، ئويلاندۇرۇپ قويدى....

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
297
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8308
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 12:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر گەپنى قىستۇرغۇم كەلدى: ئۇيغۇر زادە ئەنۋەركامنى دۇنياۋىي يازغۇچىلارغا سېلىشتۇرۇپتۇ، بۇ خېل سېلىشتۇرۇش ياخشى ئەمەس، ئەگەر شۇنداق سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئەنۋەركاملا ئەمەس، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئەدەبىيات ساھەسىدە ھېچنېمە ئەمەس! لېكىن، ئۇلار دۇنياۋىي ئۆلچەمدىن يىراق بولسىمۇ، بىز ئۈچۈن يەنىلا قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ خۇددىي باشقىلارغا پروفىسسورلىرى قانچىلىك مۇھىم بولسا، بىز ئۈچۈن ئېلىپبە ئوقۇتقۇچىلىرى شۇنچىلىك قىممەتلىك بولغاندەك....

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
297
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8308
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 13:08:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام.... كەۋسەر، دېگەنلىرىڭىزنى چۈشىنىمەن،  شۇ يەرگە دىققەت قىلىڭكى، مەن ئىنكاستا شۇنداق دېگەن: ئەگەر ئەنۋەركام ھەقنى دېيىش ئۈچۈن يازغان بولسا.... بۇ يەردىكى مەسىلىنى ئەنە شۇ " ئەگەر" ئايدىڭلاشتۇرالايدۇ....

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
297
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8308
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 13:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يازغانلىرىنى ھەق دېمىدىم، ئەگەر ھەقنى دېيىش ئۈچۈن يازغان بولسا توغرا، ئۇنداق بولمىسا خاتا، دېگەن گەپ بۇ .

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش