ئىگىسى: erturk36

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
14298
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1364
تىزىملاتقان
2011-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 18:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۈگۈنلا بۇ مۇنبەرگە كىرگەن،ھىكايىنى ھەم ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بىر سوئال قويغۇم كېلىۋاتىدۇ؛ مۇشۇ جەمىيىتىمىزدە بولۇپمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلار بولۇۋاتامدۇ؟!!!................................

ئاپتورغا تەكلىپىم ئاپتور بايانى سەل كۆپمۇ قانداق؟

ياڭ جاڭ جۈندىن خەت كەلدى، ياراغلارنى بەرسۇن دەپ. تۆمۈر خەلىپەم  خەت بەردى، پالان نىمەمنى ئالسۇن دەپ .        ئىز رومانىدىن

تىرىشچان ئەزا

ھاياتىلىق مەن ئۈ

UID
12533
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
342
تىزىملاتقان
2011-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 20:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست،  بايان سەل كۆپرەك ئىكەن.،  تىلغا بايكەن جۇمۇ؟!

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 12:57:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
__ سېنىڭ دەستىڭدىن خاتىرجەم ياشىغىلى بولمايدىكەن-دە بۇ يەردە،__ دېدى روزاخۇن ئاچچىقىدىن يانماي، بۇ ئاچچىقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇيقۇسىمۇ قېچىپ، ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرىدىغان دەرىجىدە سەگەكلىشىپ كەتتى.
__ بۇ ئۆزەڭگە باغلىق، ئىشقىلىپ، بىرەر ئىشىڭ كۆزۈمگە سىغماي قالسا، يۈزۈڭگە دەۋېرىمەن. باياتىن شۇ خوتۇنلار ئارىسىدا دۇتتار چالغىنىڭنى كۆردۈم. غىتمەك نېمىكەنلا دېدىمغۇ ئىچىمدە. ئەركەك بولساڭ ما گېپىمگە تېرىكمەيسەن. مەنمۇ سېنىڭ تازلارنى تىللاپ ئېيتقان ماز ناخشاڭنى ئاڭلاپ تېرىكمىدىم. دېمىسەڭمۇ مەن تاز، لېكىن مەندەكلەرنى سۆكۈپ، ئۇ خوتۇنلارغا مازلاشتۇرۇپ بەرگەن سەنمۇ بىر ماز ئىكەنسەن...
  __ جاھاندا سەندىن باشقا تازلار جىققۇ،_ دېدى روزاخۇن ئاچچىقلاش ياكى كۈلۈشنى بىلەلمەي،__ سېنىڭ تازلىقىڭنى كىم كۆردى؟
__ مەيلى كىملا بولسۇن، بىرسىنى كەمسىتىپ قوشاق قېتىشىڭ خاتا. بۇ خوتۇنلارغا خوشامەت قىلىشنى ساڭا كىم قويدى؟ بۇ خوتۇنلارنىڭ قانداق نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئەرلىرى چەت ئەلگە كېتىپ بىرەر ئاي بولمايلا ئۆزىنى بۇلغاپ رەسۋا بولدى. ئاشپەز، كاۋاپچىلار بىلەن چاتىقى بارمىش، قۇرۇق گەپ، ئۇنداق ھاكاۋۇر خوتۇنلار ئۆزى كۈندە ئىشقا بۇيرۇيدىغان قاسماقلارغا مەيدىسىنى يېقىپ بېرەمدا؟ بۇزۇلغىسى كەلگەن نېمىلەر ئۆزلكىدىنلا بۇزۇلىدۇ، خۇددى چىۋىن قونغان گۆشتەك. ئەرلىرى بۇنداق گۆشنى ئەمدى يېمەيدۇ، شۇڭا ھەممىسىنى تالاق قىپتۇ، مانا مۇنداق ئەرلەرنى ھەقىقىي ئەركەك دەيمىز. ئاڭلاپ تۇرسام، سەن شۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭ، ۋاپاسىز دەپ تىللىدىڭ. خوتۇنلار قىن-قىنىغا سىغماي ماختاپ بەرسە ئۆزەڭنى بىلمەي چالىۋەردىڭ. سەندەك ئادەمنى دۇتتارچى، ناخشىچى دېمەيمىز، گۇپپاڭچى، غىتمەك غەزەلچى دەيمىز.
__ ئەمدى بولدى قىلساڭ بولارمىكىن؟!
__ توختا، ما گېپىمنى دەۋالاي. سەن ھەزىلەك دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن؟ بۇرۇن ئۇيغۇرلار سەلتەنەت سۈرگەندە ئوردا قىززىقچىلىرىنى "ھەزىلكەش" دەپ ئاتايتتىكەن. بۇ گەپ كېيىن ئۆزگىرىپ ھەزىلەك بولۇپ قالغان. ئەگەر سەن مۇشۇنداق چالىۋېرىدىغان بولساڭ، شاھ ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ ھەزىلىكى بولۇپ قالىسەن.  بۇ گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى ساڭا پايدىلىق. مەنمۇ ئىلگىرى چالاتتىم، سەندەك چالالمىساممۇ خېلى يامان ئەمەس چالاتتىم، ئاۋازىممۇ سەندىن قېلىشمايتتى. ناماز باشلىۋالغاندىن كېيىن چۇرت تاشلىدىم. نەغمە-ناۋا بىلەن خوشلاشتىم. يەنە پات-پات خۇمار تۇتۇپ قويىدۇ، ئەمما مۇشۇ شەيتان دېگەن نېمىگە ئىشىك ئېچىپ بەرمەي دېدىم. مېنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان دۆت، ساۋاتسىز كۆرۈپ قالما، ئۈرۈمچىدە ئاشلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەنمەن، يېزىدا ئاشلىق ساڭلىرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ناۋايلىقنى باشلىدىم. ئۈرۈمچىدە ئىشلىدىم، ئاخىرىدا پۇلنى مەشەدە جىق تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ بېيجىڭغا كېلىپ، بۇ خېنىمنىڭ رېستۇرانىغا كېلىپ توختىدىم. ئايرىم دۇكان، ئايرىم تونۇرۇم بار،  بۇ يەرگىمۇ بەك بېقىنىپ قالمايمەن، بۇ  رېستۇراننىڭ خەقلىرى ئۇنچە جىق ناننى يەپ بولالامدۇ دەيسەن، باشقا رېستۇرانلارغىمۇ نان تارقىتىمەن. سودام ياخشى، ئۆيگىمۇ ئانچە-مۇنچە پۇل سېلىپ تۇرىمەن...
   ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياتقان روزاخۇننىڭ قورساق كۆپۈكى بىر ئاز  بوشىدى:
__ كۈنۈڭ ياخشى بولغاندىكىن، خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي نامىزىڭنى ئوقۇپ ئۆتىۋەرسەڭ بولمامدۇ؟
__ يامان ئىشلارنى كۆرگەندە توسۇش، بولمىسا نەسىھەت قىلىش، ئۇنىمۇ قىلالمىسا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ دېگەن مۇسۇلماننىڭ ئەقەللىي بۇرچى. سېنىڭچە بولسا، مەن سېنىڭ ئىچەرمەنلىكىڭنى، ھاياسىز خوتۇنلار بىلەن بىرلىشىپ تازلار ئۈستىدىن غەيۋەت قىلغىنىڭنى توغرا چۈشەنسەم، ماختىسام بولىدىكەن-دە! بولسا شۇ قىلىقلىرىڭغا قاراپ ھىجىيىپ قويسام، مېنى تازا كەلتۈردۈڭ-ھە دەپ دولاڭغا ئۇرۇپ قويسام،  ھە ئاغىنە، مەنمۇ سەندەك چالاتتىم، ئىككىمىز تازا تېپىشىپتۇق دەپ ساڭا ئۈلپەت بولسام بولامتى؟  مەن ئۇنداق ھاماقەت ئەمەس. مۇسۇلمان دېگەن ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ياشىشى كېرەك.
__ سەن مېنى مۇسۇلمان ئەمەس دېمەكچىمۇ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇيمەن، جۈمەگە بارىمەن.
__ شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولدۇڭ؟
__ بۇرۇن بىر مەزگىل بەش ۋاق ئوقۇغان، كېيىن تاشلىۋەتتىم.
__ ۋاي تېخى، سەن نامازنى ئەمەس، ناماز سېنى تاشلىۋەتكەن گەپ!
كاللىسى قېيىپ كەتكەن روزاخۇن بۇنىڭغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.
__ نامازنى تاشلىۋېتىپتىمىش تېخى، مۇشۇ گېپىڭدىنلا تەكەببۇرلۇقۇڭ، ئاللاھقا ھەقىقىي تەسلىم بولمىغانلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ.  ناماز سېنى تاشلىۋەتتى دېگەنلىك،  ئاللاھ سېنى تاشلىۋەتتى دېگەنلىك. ئاللاھنى تېخى تونىمىغانلىقىڭ  ئۈچۈن ئاللاھ  سېنى تەرك ئەتتى،  ئاللاھنى ئۇنتۇغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھمۇ  ساڭا قارىمىدى دېگەنلىك. بىراق ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. سەن ئۇنتۇپ قالساڭمۇ ئۇ زات ئۇنتۇمايدۇ. سېنىڭ يەنە ھەر كۈنى پەرز ئىبادەتلەرنى قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىدۇ.  شۇڭا سەن جۈمەگە بېرىۋاتىمەنغۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىدىغۇ دەپ ئويلىماي ، بەش ۋاق نامازنى باشلىۋال.   
__ ھازىرچە جۈمەگە بارغاچ تۇراي، كېيىن بىر گەپ بولار...
__ قاچانغىچە ھەپتىلىك مۇسۇلمان بولۇپ يۈرۈيسەن؟
__ بۇ نېمە گەپ، كۈندە بەش ۋاق ئوقۇمىسام كاپىر بولۇپ كېتەمدىم؟
__ كاپىرغۇ بولۇپ كەتمەسسەن، لېكىن ھەپتىدە بىر قېتىم چېركاۋغا بارىدىغان خەنزۇلارغا ئوخشاپ قالىسەن.
__ خۇدايىم ھەممە ئادەمنى سەندەك تەقۋا ياراتماپتىكەن قارا، مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا دەپتىكەن. كۇلىچىلىقتا ھەممە ئىشنى سەن دېگەندەك قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. سەن ئويلىغاننى مەنمۇ ئويلايمەن. لېكىن ساڭا ئوخشاش، ئۆزگىرىمەن دەپ دەرھال ئۆزگىرىپ تەقۋا بولالمايمەن.
__ مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا دەپ بىر كۈنى پوككىدە ئۆلۈپ قالساڭچۇ؟ ئايدا نەچچە كۇلىچى كەلگۈندى بىچارىلەرنى خۇيزۇلارنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ ئەكىتىپ بارىمىز، بىلەمسەن؟
__ ئۆلۈم دەپ قاپسەن، ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلگەن كەچمىشلىرىمنى ساڭا دېسەم، ئىشەنمەيسەن...__ ئۇ بۇلارنى دەۋېتىپ ئاغزىنى يىغىۋالدى، گۇناھتىن قارىيىپ كۆيۈپ كەتكەن بەدىنىنى، تەتەينىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان ھالىتىنى ئەسلەپ شۈركىنىپ كەتتى.
__ نېمە بولغانتىڭ؟
__ ھە... قارا بېسىپ قالغان.
__ چۈشۈڭدە ئۆزەڭنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپتىكەنسەن دېگىنە، كېيىن قانداق بولدۇڭ؟ دوزاخنى كۆرۈپسەنمۇ، جەننەتنىمۇ؟
  پۈتۈن ئۆينى بىر ئالغان ئوتنى، ئۆزىنىڭ كۆيۈپ چۈچۈلە بولغان جەسىتىنى كۆرگەن تۇرسا، ئەلۋەتتە دوزاخنى كۆرگەن بولىدۇ-دە، ئەمما بۇلارنى بۇ ناۋايغا ئېيتقۇسى كەلمىدى.
__ ئېنىق ئەمەس، كۆرگەن چۈش پەقەت ئېسىمدە قالمايدۇ.
__ سېنىڭ بۇ ئەپتىڭدە دوزاخنى كۆرۈش ئېھتىمالىڭ چوڭراق، __ دېدى ناۋاي چاقچاق قىلغاندەك،__ ئەگەر شۇنداق قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى كۆرگەن بولساڭ، بۇنى بىر يامان بېشارەت دەپ ئويلاپ، گۇناھىڭغا تەۋبە قىلىپ، نامازنى باشلىۋال.
  روزاخۇن ئېغىر  ئۇھ تارتىپ، تامغا قاراپ ياتتى.  ناۋاي يامان گەپ قىلمىدى، ئەقلى بار ئادەم بۇنى بىلىدۇ. ھازىرمۇ كۆزىنى يۇمسىلا شۇ تەتەي، شۇ ۋەيرانە ھۇجرا...   ئويغاق بولسۇن ياكى چۈش كۆرۈۋاتقان بولسۇن، پاسىقلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى ئېڭىدا روشەن زاھىر بولدى. زىنادىن كېيىن جۈمەگە بېرىش بىلەنمۇ پاكلىنالمىدى، خاتىرجەم بولالمىدى،  ھەتتا قارا بېسىپ ئۆلگىلى تاس قالدى. قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ پاناھلانغان بىلەن شۇ پاسىقلىق ۋە شۇ يامان چۈشنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن كۈندە ناماز ئوقۇش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەنلا قۇتۇلۇشى مۇمكىن. بۇنى قىلالامدۇ؟ ناۋايدەك تەقۋا بولالامدۇ؟  دۇتتىرىنى كۈندە ۋاڭشىتىپ چالالامدۇ؟...
     ئۇ تولا ئىككىلەندى، بىر ياقتا ئويۇن-تاماشا، بىر ياقتا ناماز؛ بىر ياقتا راھەت ۋە مەيلىخۇشلۇق. بىر ياقتا مۇشەققەت ۋە ئىنتىزام...
  كاللا دېگەنمۇ ئاجايىپ نەرسە-ھە؟ بۇ ناۋاي پاراڭ سالمىغان بولسا روزاخۇن شۇ ئالتە خوتۇننى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ، سېغىنىپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ ئۇخلاپ قالغان بولاتتى. ئىشرەت سورۇنىغا چىلىنىپ چىققان مەست كاللىسىنى، خۇشاللىق ۋە خام خىيالنى لىق قاچىلىۋالغان قاپاق كاللىسىنى بۇ ناۋاي  ئۆز ئىدىيىسى، رايى بويىچە خېمىردەك ئەيلەپ بىر نەرسە قىلىۋەتتى، ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ زۇۋۇلىنى ئۆزى راستلايدۇ، شۇنداق قىلمىغىچە بولدى قىلمايدۇ...
ناۋاي ئۇنى ئۆزىدەك قىلالمىسىمۇ، ئۆلچەملىك بىر مۇسۇلمان قىلماقچى.  ئۇنىڭغا قارشى چىقسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى چۈشىدە بولسىمۇ دوزاخنى بىر قېتىم كۆردى...   
   ناۋاي ئاخىر خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا چۈشتى. "ئويغاق چاغدىمۇ، ئۇخلىغاندىمۇ ئارام بەرمەيدىغان ئاداشكەن بۇ،- دەپ ئويلىدى ئۇ  ئۇ ئۇ ياق-بۇياققا تولغىنىپ،- بەش ناماز دېگەننى مەھەللەمگە قايتىپ قېرىغاندا ئوقۇساممۇ بولاتتىغۇ؟ بۇ يەردە ئىشنىڭ تولالىقىدا كۈندە بەش ۋاق ئوقۇپ بولالايمەنمۇ؟ زاكىرە خانىم تولا چاقىرىپ ئاۋارە قىلسا نامازنى تاشلاپ ماڭغىلى بولامدۇ؟   ناماز بىلەن نەغمە-ناۋا، تەقۋالىق بىلەن ئويۇن-تاماشا بىر يەرگە كېلەلمىسە، ئىچىم پۇشۇپ ساراڭ بولۇپ قالمايمەنغۇ؟..."
   ئەتىسى ئەتىگەندە ناۋاي ئۇنى بامداتقا ئويغاتتى، ئۇ قوپماي يېتىۋالدى.
  __ ئاخشام مەن نېمە دېگەن؟
  __ نېمە دېگەن؟ ھېچ گەپ  ئېسىمدە يوق.
__ ئۆزەڭنى مەست دەۋالماقچىما؟ خۇپسەنلىك قىلماي قوپۇپ تاھارەت ئال. سۇ تەييارلاپ قويدۇم.
__ مەن تېخى بەش نامازنىڭ قائىدىلىرىنى ئۇقمايمەن. ئالدىرىماي ئۆگىنىمەن...
__ جۈمەگە بېرىپ نېمە ئوقۇدۇڭ؟ مۇشۇ نامازنىمۇ جۈمە ئوقۇغاندەك ئوقۇيسەن. ئىككى رەكەت سۈننەت، ئىككى رەكئەت پەرز. ھازىرچە بىلىدىغان سۈرىلىرىڭنى تەكرارلاپ ئوقۇۋەرسەڭ بولىدۇ.
__ بۈگۈنچە ئوقۇماي تۇراي.
__ نېمىشقا؟
__ مىجەزىم يوق، ئۇيقۇمنى ئاچالمايۋاتىمەن.
__ ناماز ئوقۇمايدىغان بولساڭ ئاۋۇ تەركى سالاتلارنىڭ ياتىقىغا چىقىپ كەت. كۈن قىزىل بولغىچە ياتىدىغان سەندەك گۇيلارنى كۆرەر كۆزۈم يوق!
  ئۇنىڭ يەنە ئاچچىقى كەلدى، كۆزىنى ئوبدان ئېچىپ ناۋايغا قارىدى، كېچىدىن ئۇنىڭ غەزەبلەنگەن چىرايىنى غۇۋا كۆرگەن، ساقىلى باردەك قىلمايتتى.  
__ ماڭا بۇنداق بۇيرۇق قىلما!__ دېدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ،__ كىمۇ سەن؟  ئەتىگەندە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېمەستىن نېمە زوتالىق قىلىسەن؟
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگەن گەپنى نامازدىن كېيىن دېيىشىمىز. قوپ ئورنىڭدىن!
__ ئوقۇمايمەن قانداق قىلىسەن؟ ناماز دېگەننى زورلاپ ئوقۇتامتىڭ؟
__ ئوقۇمىساڭ ئا ياتاققا چىقىپ كەت، مەن ساڭا قاراپ ناماز ئوقۇمايمەن.
__ بۇ ياتاق، بۇ كارىۋات مېنىڭ، گېپىڭ بولسا زاكىرە خانىمغا دە...
__ خاناچاڭغا دېمىسەكمۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇنچە گەپ قىلسام تەسىر قىلماپتۇ-دە ساڭا، خۇدادىن قورقمىغان ئادەمگە گەپمۇ ئۆتمەيدىكەن. بوپتۇ، پەيغەمبىرىمىزمۇ دەپتىكەن، ھايا قىلمىساڭ، خالىغىنىڭنى قىل. ئۇلۇغلىرىمىزمۇ دەپتىكەن، پەرۋەردىگارىنى تونۇمىغان ئىنساندىن ئۆز ئىگىسىنى تونۇيدىغان ئىت ياخشى...
  روزاخۇن غەزەبتىن تىترەپ كەتتى:
__ جاھاندا مەنلا تەقۋا، مەنلا مۇسۇلمان دەپ قالما. خۇدايىم بۇيرۇغان كۈنى، قانداق ئادەملىكىمنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن!
__ كۆرسەتسەڭ ماڭا كۆرسەتمەيمەن، ئاللاھقا كۆرسىتىسەن، ئاللاھ ئىنساۋىڭنى بەرسۇن.
__ سەن ئۆزەڭنى تەقۋا دېگەن بىلەن بەك چوڭچى نېمىكەنسەن.
__  ۋاي تېخى،  ئاللاھقا كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنمىغان، ناماز ئوقۇمىغان سەندەك ئادەمدىنمۇ ئۆتە تەكەببۇر، چوڭچى بولامدۇ؟ بەلكىم بىز ئۆز غۇرۇرىمىز بىلەن ياشىغاچقا شۇنداق كۆرۈنۈپ قالىدىغاندىمىز، يەنە دىنغا دالالەت قىلغۇچىلارمۇ شۇنداق كۆرۈنۈپ قالىدۇ، نادانلار ئۇلارنى چۈشەنمەي ھاكاۋۇر دەيدۇ.
__  سەن ئۆزەڭدىن باشقا ھەممە ئادەمنى شۇنداق دۆت چاغلامسەن؟ مەن تەقۋا بولىمەن دېسەممۇ سەندەك چوڭچىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ تەقۋا بولمايمەن. خۇدايىم كۆڭلۈمگە ئىنساپ بەرگەن كۈنى ئۆزەم باشلىۋالىمەن.
__ سەندەك دەيدىغانلار كۈر مىڭ،  شۇنداق دەپ ئۆزىنى بەزلەپ، ئارقىدىن نەپسىگە بېرىلىپ كېتىپ ھالاك بولىدۇ. بولدى، بولدى، ساڭا يەنە گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوقكەن. ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىلى تۇردى. سەن مېنىڭ جايىمغا چىقىپ غەپلەت ئۇيقۇڭنى ئۇخلا. بۇندىن كېيىنمۇ مەشەدە يات.
   روزاخۇن ئورۇن ئالمىشىپ ئۇنىڭ جايىغا چىقىپ ياتتى، ئۇيقۇسى قاچتى:  نېمىگە زورلاۋېرىدۇ بۇ ئاداش شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزۇپ،  ئاتاممىدى، ئاكاممىدى، ياكى مەھەللىمىزنىڭ كاتتا موللىسىمىدى بۇ؟ جاھاندا بىر كىمنى ئۆز ئەركىگە قويماسلىقتىنمۇ ئارتۇق زۇلۇم بارمۇ؟  ناماز دېگەننى ئوقۇغۇم كەلگەندە ئوقۇيمەنغۇ؟... دەپ ئويلىدى.  نېمىلا بولسۇن،  بۇ ناۋاينىڭ ئاخشام ئەيلىگەن خېمىرىنى ياندۇرۇۋەتكەنلىكىگە خۇرسەن بولدى. مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، ئاخىر ئۆز ئەركىنلىكىنى قولىغا ئالىدۇ. ناۋايمۇ ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. ئىچىدە "ئىت، ئېشەك" دەپ تىللىسىمۇ، پەس كۆرسىمۇ مەيلى. ئاغزىدىن چىقىرىپ قالمىسىلا چوڭ چاتاق يوق. ئۇ ئۇنداق دېگەن بىلەن، روزاخۇننىڭ  ئەسلىدە قانداق ئادەملىكىنى ياراتقۇچى خۇدا بىلىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇغان بىر كۈنى تەقۋالىقىنى باشلىۋالىدۇ. ئاۋۋال پۇل تاپىدۇ، خوتۇن ئالىدۇ، ئۆيى بولىدۇ. ئاندىن خاتىرجەم نامىزىنى ئوقۇيدۇ...

UID
14302
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
450
تىزىملاتقان
2011-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 14:12:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە رومانغا ئۇزۇرايدىغان بولدى.
تۇرمۇشتىكى سۆزلەرنى بەدئىيلىككە كۆتۈرۈپ، قىرقىشقا تېگىشلىك گەپ سۆزلەرنى ئامال بار قىرقىپ، بەدئىيلىك بىلەن گۈزەللىك ئكزىدە مۇجەسسەم بولۇشى كېرەك ئىدى ئەدەبىي ئەسەر دېگەندە.
مەنغۇ بۇنداق ئەسەرلەرنى پەقەت ئوقۇمايمەن. ئۈستىگە ئكرلەپ قاپتىكەن، ئېچىپ قارىسام، ئەر تۈرك يوللىغان ھېكايىنىڭ بىر بۆلىكىگە كۆزۈم چۈشتى. ئون قۇر ئوقۇپلا ۋاك دېدىم، گەپمۇ بۇ ئەدەبىي ئەسەرمۇ دەپ.

UID
10688
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1080
تىزىملاتقان
2011-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 14:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئىزدىنىشقا داۋاملىق كىرەتتىم مۇشۇ ھىكايىنىڭ داۋامىنى قاچان يازار دەپ، داۋامى ياخشى چىقىۋاتىدۇ.

UID
6692
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2665
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 18:20:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ ئۇقاي

بەخىت بىلەن ئازاپ قوشكىزەك

يېڭى يۇلتۇز

man jiyinqilikka hargiz bax ag

UID
14333
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-8-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 19:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي اللا ، مەن               

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 12:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزاخۇن بىر دەم يېتىپلا چۈش كۆردى، چۈشىدە يەنە ناۋاي بىلەن تەگەشتى، ئەمما بۇ قېتىم ناۋاينىڭ ساقىلى يوق، گەپلىرىمۇ باشقىچە ئىدى، كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى.
__ قوپ، ئورنۇمنى بىكالا...
__ بايا ئالماشتۇققۇ؟
__ ئالماشتۇقما؟ لېكىن بۇ جاي مېنىڭ.  
__ مەشەدە ياتقىنىم ياتقان، گېپىڭ بولسا لاۋبەنگە دە!
__ دۇتتاردىن ئىككى پەدە ئۇرۇپلا ئۇ خېنىمنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋاپسەن دېگىنە...
__ نوچى بولساڭ سەنمۇ كەلتۈر، قالغان خوتۇنلارمۇ ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ.
__ بىز ئۇنداق ئاشقان-تاشقان قېرىلارغا كۆز سالمايمىز، قىز كەلتۈرىمىز، قىز! مۇشۇ رېستۇراندىمۇ چىرايلىق قىزلاردىن نەچچىسى بار.
__ سىڭلىڭدەك قىزلارغا ساقال سۆرەپ يۈرۈپسەن دېگىنە.
__ كۇلىچىلىقتا نېمىلا قىلساق يارىشىدۇ.
__ بىرەرسىنى كەلتۈرۈپ باقتىڭمۇ؟
__ كەلتۈرسەممۇ ساڭا دەپ يۈرەمتىم؟
__ يامان لاۋزىكەنسەن،  ياققان نانلىرىڭ قانچىلىك تەمسىزدۇ؟
__ ماڭاۋە، خەنزۇلار مېنىڭ نانلىرىمنى بەك يەيدۇ.
__ سەن مېنى ھەزلەك دەيسەن، ئۆزەڭمۇ تايىنلىق نېمىكەنسەنغۇ؟
__ ئىشقىلىپ، مەن قېرى خوتۇنلارغا كۆز تاشلىمايمەن.
__ مەن سەندەك گۇينىڭ گېپىگە كىرىپ ناماز ئوقۇمدىم تېخى؟
__ ئوقۇمىساڭ  نېمە كارىم...
__ ساقىلىڭنى نېمىشقا ئېلىۋەتتىڭ؟
__ تونۇرغا ئېڭىشكەندە ئازراق كۆيۈپ كەتتى، شۇڭا چۈشۈرۈۋەتتىم.
__ توڭ سويمىغا ئوخشاپسەن،__ دېدى روزاخۇن كۈلۈپ.
__  ئۆزەڭ سويما، بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟
__ كاۋاپچىلىق قىلغىلى.
__ كاۋاپچىلىق دېگەنمۇ ھۈنەرمۇ؟ مانا ناۋايلىق دېگەننى ھەقىقىي ھۈنەر دەيمىز.   
__ چىشىمغا تەگمە، ھېلى قامىرىڭنى ئېزىمەن!
__ كىم كىمنىڭكىنى ئېزىدىكى تېخى...
چۈشىدە نېمىلەرنى دېيىشتىكى، ئىشقىلىپ بۇ ناۋاي بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدىكەنمەن دەپ ئويلىدى. ھەتتا ئۇنىڭ قولىغا دۇتتارنى تۇتقۇزدى، راست چالالامدىكىن قېنى، بىر كۆرەي دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇردى. ناۋاي بۇ "شەيتاننىڭ چۆمۈچى"نى ئېلىپ، بىر دەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق مۇڭلۇق بىر پەدىگە چالدىكى، روزاخۇن ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كەتتى. بىر چاغدا ناۋاي ئوڭايسىزلىنىپ:
__ تۇت، تۇت، بۇ بىر نېمەڭنى، ئۆزەڭ چال،__ دېدى.
__ ۋاي ياخشى چالدىڭ، يەنە بىر پەدە...
__ ئادەمنى ساز قىلما،  ئەمدى چالمايمەن.
__ چالساڭ تەرىتىڭ سۇنۇپ كېتەمدىكەن، ۋەيت!!!
__ سەن شەيتان مېنى مەسخىرە قىلدىڭ.
__ نەدە مەسخىرە قىلدىم. دۇتتار چالسا راست تەرەت سۇنمايدىغۇ؟
__ تەرەت سۇنمىغان بىلەن كۆڭۈلگە شەك چۈشىدۇ، شەك! بۇنى چۈشەنمەيدۇ سەندەك ئېشەك.
ناۋاينىڭ چىرايى يەنە سۈرلۈك تۈس ئالدى، روزاخۇن قورقتى، قورققانچە غەزەبلەندى:
__ سەن گۇي، مېنى ھېلى كاپىر، ھېلى ئېشەك دەيسەن. ئۆزەڭ نېمە؟
__ مەن تەقۋا مۇسۇلمان.
__ كۆرەڭلىمە، خۇدايىم پېشانەڭگە شۇنداق يېزىپ قويۇپتىمۇ؟
__ كۇپۇر گەپ قىلما، بۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇمايدىغان بولساڭ ياقاڭدىن تۇتۇپ چۆرىۋېتىمەن.
__ مەن ئوقۇمايمەن دېمىدىم، ئوقۇيمەن. بۈگۈن ئوقۇمىسام ئەتە ئوقۇيمەن. ئاڭغىچە كۆزۈمگە كىرىۋالما.
__ مەيلى،__ دېدى ناۋاي يەنە مۇلايىملىشىپ، ئاندىن روزاخۇننى ھەيران قالدۇرۇپ قولىغا دۇتتار ئالدى.
__ چالامسەن؟
__ سەن چال،_ دېدى ناۋاي كۈلۈمسىرەپ،_ نەق مەيداندا چالغىنىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي.
روزاخۇن بۇ دىلكەشلىك ۋە كۆڭۈل ئارامىدىن يايراپ قولىغا دۇتتارنى ئالدى.
__ نامازنى باشلايسەن، شۇنداقمۇ؟
__ باشلايمەن، ئەمما دۇتتارنىمۇ تاشلىمايمەن.
__ ھەي گۇي، شەيتىنىڭ يامان كۈچلۈككەن...
روزاخۇن كۈلۈپ قويۇپ دۇتتارنى سازلاپ  تۇرۇشىغا ھېلىقى تەتەي ياتاققا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، دۇتتىرىنى تارتىۋېلىپ يەرگە ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ كانىيىنى بوغۇشقا باشلىدى. قورقۇنچتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن روزاخۇن ئۇنىڭ بىلەن ئېغىر تىركەشتى، قارىسا ياتاقتا ئۆزى يالغۇز، ناۋاي ھېچنەدە كۆرۈنمەيتتى...
   ئۇ ئىككى ياققا تولغىنىپ، خىقىراپ، جۆيلۈپ ئويغىنىپ كەتتى.  تاڭ ئېتىپ كۈنمۇ چىقىپ بولغانىدى. ئۇ بىر ھازا ئېسىگە كېلەلمەي، ئەتراپىغا يېنىشلاپ قاراپ كەتتى. چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەن بەدىنى ماغدۇرسىز، ھېلىمۇ چۈش كۆرۈۋاتقاندەك قېتىپ قالغان كۆزلىرى نۇرسىز، ئۈمىدسىز ئىدى. كۆڭۈللۈك چۈش كۆرۈۋاتقاندا نېمىشقا تۇيۇقسىز قارا باسىدۇ؟ ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ناماز ئوقۇمىسا تەتەيخاننىڭ جىنى چاپلىشىپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەسمۇ؟  بۇ قورقۇنچلۇق چۈش نېمانچە ئېنىق؟ ئەمەلىيەتتە بولغان ئىش نېمىشقا چۈشىدە تەكرارلىنىدۇ، ھېچ گۇناھى يوق دۇتتار نېمىشقا يەنە چېقىلىدۇ؟...   
    ئۇ  ھېچنېمىنى چۈشىنىپ بولالمىدى، روھىدىكى غەليان ۋە غەيرى ئالامەتلەرگە كاللىسى يەتمىدى،  جاھاندا كاللىسى يەتمەيدىغان ئىشلار يالغۇز بۇلا ئەمەسقۇ؟ شۇڭا چۈشىدىكى ئۇ نەرسىلەرگە كاللا قاتۇرۇپمۇ ئولتۇرمىدى. ياشايدۇ، چۈش كۆرىدۇ، ئۇنتۇيدۇ. يەنە چۈش كۆرىدۇ. ئويغاق تۇرۇپمۇ چۈش كۆرىدۇ تېخى. ئەمما ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمىگەننىڭ ھەممىسى كۆپۈكتەك يوقايدۇ...  
سەھەرنىڭ بەرىكىتىنى قولدىن بەرمەيدىغان ناۋاي ئۇنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ يالغۇزلۇقتىن سىقىلىپ تالاغا چىقتى، قالغان ئاشپەز ۋە كۈتكۈچى قىزلار ۋاقچە ئۇخلايتتى. ئاخشامقى خوتۇنلار نەلەرگە كېتىشتىكىن؟ زاكىرە خانىممۇ ئەتىگەندە كېلىپ ئۇنى ئىشقا بۇيرۇمىدى. گۆشنى قەيەردىن ئېلىپ كېلىدۇ، كاۋابدان نەدە، قانداق كاۋاب چىقىرىدۇ، چوڭ زىخمۇ كىچىكمۇ؟... بىلەلمىدى. ياتىقىغا قايتىپ كىرىپ يەنە ياتتى. ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئاخشامقى سورۇننى، خوتۇنلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىش-ھەرىكىتى ۋە گەپ-سۆزلىرىنى ئەسلىدى. بەلكى شۇ قورقۇنچلۇق چۈشنى، قىساسخور تەتەيخاننى ئۇنتۇش ئۈچۈنلا ئەسلىدى. ئاندىن ئايرىمخانىدا قالغان ھېلىقى دۇتتارنى سېغىندى، ئاۋازى ياخشى چىقىدىغان دۇتتار-دە، بۇنداق دۇتتارنى چالسا كىشى ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇيدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، روزاخۇن تولا خىيال سۈرۈپ ھەم  چۈش كۆرۈپمۇ ھارمىدى؛  گۆش ئالغىلىمۇ بارمىدى، چۈشكە يېقىن كاۋاپداننى ئۆتكۈزۈۋالدى.  گۆشنى خۇيزۇ قاسساپلار ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىكەن. كۈندە تۆت-بەش قوينىڭ گۆشى تۈگەيدىكەن. دېمەك،  بۇ رېستۇراننىڭ سودىسى ياخشى ئىدى، ئۇ  كاۋاپ چىقىرىشنى باشلىۋەتتى. باشقا ئاشپەز ۋە كۈتكۈچىلەر بىلەنمۇ بىر-ئىككى كۈندە تونۇشۇپ كەتتى. ناۋاينىڭ ئىسمى ئەرشىدىن ئىكەن،  ئۇنىڭ گېپى بىلەن سەھەردە بىر ۋاق بولسىمۇ نامازنى باشلىۋالدى. بەلكىم، يامان چۈش كۆرمەي دەپ شۇنداق قىلدى، بەلكىم جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋەرسەم ئۇنىڭ قارغىشىغا كەتمەي دەپ شۇنداق قىلدى.
كۈتكۈچى قىزلار ئىچىدە  تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئىشلەۋاتقان ئىككى قىز بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە كېلىپ، كەچتە 8 -9 لاردا قايتاتتى.  بىرسى ياغلىق چىگەتتى، بىرسى چىگمەيتتى. بۇ قىزلار روزاخۇنغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى. بۇ يەردە بېقىندى بولۇپ، بۇيرۇقۋازلىق ئىچىدە ئىشلەش ئېغىر كەلگەن چاغدا، شۇ قىزلارغا قاراپ زوقلىنىپ، مەھەللىسىدە قالغان ئايگۇل، باھارگۈللەرنى ئەسلەپ ئولتۇراتتى. قىزلار "كاۋاپتىن مانچە" دەپ ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ، تەييار بولغان  كاۋاپلارنى ئالغىلى كەلگەندە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىۋالاتتى. تۇرقىدىن تەقۋالىقى چىقىپ تۇرغان سىتودېنت قىزنىڭ ئىسمى شاراپەت بولۇپ، روزاخۇندەك ئادەملەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايتتى ھەم  قەتئىي ئوشۇق گەپ قىلمايتتى. يالاڭباش قىزنىڭ ئىسمى نازاكەت بولۇپ، كۆزلىرىدىن دادىللىقى، قىلىقلىرىدىن شوخلۇقى چىقىپ تۇراتتى. ئىشلەمچىلەر بىلەن بۇ داشۆسىڭ قىزلار ئىككى دۇنيا، ئۇ قىزلارمۇ ئۆز ئىچىدىن ئىككى دۇنيا بولۇپ، بىر يەردە ياشاۋاتقان بىلەن بىر-بىرىگە سىغىشمايدىغان ئىنسانلار ئىدى. ئەمما زاكىرە خانىم ئۆزىنىڭ بۇ رېستۇرانىدا ھەممە ئادەمگە تېگىشلىك ئەركىنلىك بەرگەن بولۇپ، پەقەت پۇل ۋە ئىقتىدارنىلا تونۇيتتى.  روزاخۇن ئويلايتتىكى، بۇ قىزلار  ئىشلەمچىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ،  ئەمما چۈشەنمەيدۇ، چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ.  قىزلار ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەۋقەدىكى يىگىتلەرگە ئىنتىلىدۇكى، مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن بۇنداق قارا گەدەنلەرگە ئەسلا قىزىقمايدۇ. دۇتتار چالغانلىق بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتىمۇ؟ ... مانا مۇشۇنداق پىغانلىق ئويلارغا چۆككەن ۋاقتىدا ئۇ نېمىشقا لاۋبەن بولالمىغاندىمەن، ھېچ بولمىسا بۇ قىزلارنى پۇل بىلەن بولسىمۇ قىزىقتۇرغىلى بولاتتى دەپ ئويلايتتى.  كاۋاپچىلىقتىن بىكار بولسىلا ياتىقىغا كىرىپ دۇتتار  چالاتتى، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشاتتى، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئىشتىن قولى بوشىمايتتى. ئارىچىل ۋاقتىدا ياتىقىغا كىرسە ئەرشىدىن ناماز ئوقۇۋاتقان بولاتتى.
   كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئەرشىدىننىڭ شاراپەتكە قىزىقىپ قالغانلىقىنى سەزدى. دېمىسىمۇ، تەقۋالىق بىلەن تەقۋالىق بىر يەرگە كېلەلەيتتى. ئەمما ئەرشىدىن ئانچە خۇشال كۆرۈنمەيتتى.
__ ياغلىق ئارتقان بىلەن تېخى بەزى ئىشلارنى چۈشەنمەيدىكەن،__ دېدى ئۇ بىر كۈنى ئاخشىمى،__ بىر يۇرتلۇق ئىكەنمىز دەپ قالدىم. بولمىسا بۇ ئىشلارنى ئويلاشمايتتىم.
__ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان قىزدۇ ھەقىچان.
__ نېمە مۇھەببەت؟ تولا شەيتاننىڭ دېپىنى چالما. مۇھەببەتلەشتى، يۈردى دېگەن گەپ، نىكاھ قىلماي تۇرۇپ بىللە بولدى، بۇزۇلدى دېگەن گەپ. كاللاڭدا يەنە شۇ بۇزۇق ئىدىيە باردە سېنىڭ.
__ دېمەك، سەن ھېلىتىن نىكاھ ئوقۇتۇۋالىلى دەپ ئۇ قىزنى قورقۇتىۋېتىپسەن-دە! مېنىڭچە، داشۆسىڭ قىزلار مۇھەببەتلەشمەي تۇرۇپ توي قىلمايدۇ.
__ مۇھەببەت دەيدىغان بولسا ياغلىقىنى چۆرۈۋەتسۇن، ئىسلامغا داغ كەلتۈرمىسۇن.
__ خەقنىڭ قىزىدا ئېلىشىڭ باردەك گەپ قىلىدىكەنسەن ئەرشىدىن، ھەممە ئادەمنى ئۆزەمدەك بولسۇن دېسەڭ قاملىشامدۇ؟ ئۇمۇ بىر ئادەم، يەنە كېلىپ  قىز بالا-دە!
__ ھەي جاھىل ، مەن ھەممە ئادەمنى مەندەك بولسۇن دېمىدىم. ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ئادەم  قۇرئان، ھەدىستىكى  ئۆلچەم بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.  ئۇ قىزمۇ  ياغلىق چىگىپ تەقۋالىق يولىغا ماڭغانىكەن، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
__  ئۇ قىزنىڭ ياغلىق چىگكەن گۇناھىغا شۇنداق قىلامسەن؟ چىگمىگەن بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟  ئۇ نېمە قىلغانغا سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلاپ سەن دېگەندەك قىلىدىكەن؟
__ ئەبۇ لەھەبتىن ئۆتە جاھىل نېمىكەنسەن،__ دېدى ئەرشىدىن تېرىكىپ،_ تەقۋا ئاياللار تەقۋا ئەرلەرگە خاس، مۇناپىق ئاياللار مۇناپىق ئەرلەرگە خاس. سەن بۇنى بىلمىگەندىكىن، ئاغزىڭنى يۇم.

UID
10688
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1080
تىزىملاتقان
2011-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 16:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل!!!
بۇ ھىكايىڭىزنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر كىشى ئۆز ئىتقادى ۋە تاللىغان  تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلانماي تۇرالمايدىكەن.

UID
14298
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1364
تىزىملاتقان
2011-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 18:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنلۈك نورما ئاز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ جۇما!!!

ياڭ جاڭ جۈندىن خەت كەلدى، ياراغلارنى بەرسۇن دەپ. تۆمۈر خەلىپەم  خەت بەردى، پالان نىمەمنى ئالسۇن دەپ .        ئىز رومانىدىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش