ئىگىسى: erturk36

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 13:19:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئاچچىق ۋە غەزەپتىن ھاڭۋېقىپ، تەتەينى قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىدى، ئەمما دۇتتار بىلەن بىر ئادەمنىڭ جېنىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولاتتىمۇ؟ بولىدىغان ئىش بولدى، ھەممىگە ئۆزى سەۋەبچى. ئۇ شەرمەندىلىك شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلدىكى، نىجىس بەدىنى كۆيدى، دېمى ئىس-تۈتەكتىن سىقىلدى، دۇتتارى چېقىلدى. راست بولسۇن، خىيال ياكى چۈش بولسۇن، شۇ  قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈردىغۇ؟ ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلگەندەك قىينالدىغۇ؟ ئىنسان ئۆز ھاياتىدا پېشكەللىككە تۇتۇلىدۇ، بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلىدۇ، قۇتۇلالمىسا ئۆلىدۇ...
  ئۇ  قەبىھ قىلمىشى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن قەستلەش ۋە دەھشەتلىك ئۆلۈمنى قايتا كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ شۈركىنىپ كەتتى ۋە ھازىرقى ھالىغا شۈكرى قىلدى.
  ئۇ بۇ نەس باسقان يەردىن چاققان كېتىۋېلىش ئۈچۈن فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ھويلىسىدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. ھۇجرىسىدا ئالغۇدەك نېمە بولسۇن؟ ھەتتا پىچاقلىرىمۇ گاللىشىپ كەتتى. ئۇنداق يوغان پىچاقنى كوچىدا كۆتۈرۈپ يۈرسە ساقچىلار بىردەمدە جايلايدۇ. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ھويلىسىدىن چىققاندىمۇ ئۇ تۈرمىدىن قاچقاندەك تەمتىرەپ ئىككى تەرىپىگە قاراپ قويدى، تېخىچە ئېسىگە كېلەلمەيۋاتاتتى. ساق كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز پوققا تېيىلىپ ئوڭدا چۈشكەن ئادەم  پۇتىدىكى نىجاسەتتىن قانداق سەسكىنگەن بولسا ئۇمۇ ھازىر شۇنداق سەسكىنىش ئىچىدە كېتىپ باراتتى، شۇ ئەسنادا  تېلېفونى سايراپ كەتتى، تونۇش ناخشا، شادىيانە كۈي ئۇنىڭغا ئۆتمۈشىنى، ياق تېخى تۈنۈگۈنكى خاتىرجەم كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ، نەچچە سائەتتىن بېرى بۆلۈنۈپ كەتكەن روھىنى قايتۇرۇپ بەردى.
_ ۋەي...
_ سىز روزاخۇنما، دۇتتارچى روزاخۇن...
_ ھە، مەن شۇ،- دېدى ئۇ بىر ئايالنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ.
_ ھە مەن سايتاخۇننىڭ خوتۇنى سارەم،  تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئېرىمنىڭ تېلېفون دەپتىرىدىن تېپىپ تېلېفون قىلىشىم. مۇنداق ئىشتى قاراڭ، كەچتە بىر چېيىمىز بار ئىدى، قاتنىشىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
_ بارسامغۇ بولاتتى، لېكىن دۇتتىرىم يوق،  تۈنۈگۈن چېقىلىپ كەتتى.
_ ۋاي نېمە بولاپ ئەمدى، نېمىشقا چېقىۋەتتىڭىز؟
_ تامدىن چۈشۈپ يېرىلىپ كېتىپتۇ.
_ ۋاي خۇدايىم، ئەمدى قانداق قىلارمىز، بىر نېمە قىلىپ ئەيۋەشكە كەلتۈرسىڭىز بولمامدۇ؟
_ ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، ئوڭشىغان بىلەنمۇ ئاۋازى چىقمايدۇ.
_ بوپتۇ ئەمىسە، بىز بىر ئامالىنى قىلىپ باقايلى،_ ئايال شۇنداق دەپلا  تېلېفونىنى بېسىۋەتتى، روزاخۇن دۇتتىرى بولمىسا ئۆزىنىڭمۇ ئەتىۋارى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىچى سىقىلدى. سارەم دېگەن بۇ چايدىكى خوتۇنلار بېيجىڭدىكى ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق خوتۇنلىرى بولۇپ، گاھىدا ئەرلىرى بىلەن، گاھىدا ئۆز ئالدىغا سورۇن تۈزۈپ چاي ئوينايتتى. ئۆزلىرىنىڭ رېستۇرانىدا ئولتۇرسا چۈپەيلىك بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ قانداق، بۆلەك رېستۇرانلارنىڭ ئايرىمخانىسىدا خالىغان تاماقلىرىنى بۇيرۇتۇپ، قىزىل ھاراقلارنى تىكلەپ، ئۈستىۋېشىدىكى زىبۇ-زىننەتلىرىنى بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىشىپ، يىغىلىپ قالغان غەيۋەت پاراڭلىرىنى  سېلىشىپ، قىقاس-چۇقان بىلەن، ئانچە-مۇنچە ئېسىگە كېلىپ قالسا روزاخۇننى چاقىرىپ  ناخشا-ساز بىلەن  ئولتۇراتتى .  بۇنداق سورۇندا ئاساسەن ئەرلەر بولاتتى ھەم ئۇنىڭ ناخشىسىنى كۆپرەك تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار خوتۇن خەقلەرنىڭ تۈگىمەس پاراڭلىرىدىن بىزار بولغاندا، بىردەم يېرىم دەم  ناخشا-ساز ئاڭلاپ، يۇرتىنى سېغىنىپ مۇڭلىنىشنى، ۋەتەن، مىللەت، ۋىجدان ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئويغا چۆكۈشنى خالاپ قالاتتى. مۇشۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ  يەپ-ئىچىشتىن، ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان مەخلۇقلار ئەمەسلىكىنى، قەلبىدە ئانچە-مۇنچە ئويغاق ھېسلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولاتتى.
   سارەم دېگەن خوتۇن ئۇنى پەرىشان قىلدى.  ئىلگىرىمۇ ئۇلار ئۇنى كاۋاپچى دەپ ئەمەس، دۇتتارچى دەپ ئەتىۋارىنى قىلاتتى. دۇتتار چېقىلدى، دېمەك ئۇنىڭ ئابرۇيىمۇ تۆكۈلدى. بىر قېتىم ھايۋان، ئېشەك بولۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى يوقالدى، قەدىر-قىممىتى، غۇرۇرى خۇددى ئاشۇ دۇتتاردەكلا سۇنۇپ پارە-پارە بولدى. مىڭ جاپادا تاپقان جايىدىن، كاۋاپچىلىقىدىن ئايرىلدى.   تاپقان پۇللىرىنى ئېلىپ كېتەي دېسە، تېخى ئويلىغىنىدەك كۆپ پۇل تاپالمىدى. مۇشۇ پېتى يۇرتىغا كەتسە بىر شەرمەندىچىلىك بىلەن بۇ شەھەردىن قوغلانغاندەك،  مەغلۇب بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئازابلىنىدۇ. كەتمەي دېسە، يەنە شۇنداق جاي تېپىپ كاۋاپچىلىق قىلغىچە بىر مۇنچە جاپا تارتىدۇ...
  ئۇ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلمەي كېتىۋاتقاندا تېلېفونى يەنە سايرىدى:
_ روزاخۇنمۇ، ھە، دۇتتار تېپىلدى، سائەت 5 كە ئۈلگۈرۈپ كېلىۋېرىڭ.
_ ماقۇل، ئورنى نەدە؟
_ شاھ ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى، 2-ئايرىمخانا...
_ ماقۇل، شۇ يەرگە باراي.
  ئۇ  ياغلىشىپ ئېكرانىنىمۇ ئوچۇق كۆرگىلى بولمايدىغان زاپەر تېلېفونىغا يېقىملىق قاراپ قويدى: كىم ئىجاد قىلدىكىن بۇ ئوقەتنى، جىددىي ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئەسقاتىدۇ-دە...  ئۇ تېلېفونىنى سىلاپ، ئويناپ كېتىۋېتىپ، ھېلىقى چاغدا ئايرىمخانىدا ئەرلىرى بىلەن قولاشماي ئولتۇرغان  سېمىز، ئويناق خوتۇنلارنىڭ قىلىقلىرىنى، سېقىمە ناخشا ئېيتىلغاندا كۆتۈرۈلگەن قىقاس-چوقانلارنى ئەسلىدى.
  ئۇ دېگەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ ئايرىمخانىغا كىرگەندە 5-6 خوتۇن جوزىدىكى تاماقلارغا ئېغىز تەگكەچ پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇ بىرەر ئەر بارمىكىن دەپ سىنچىلاپ بولغىچە 6 ئايالنىڭ  كۆز نۇرىدىن شامدەك ئېرىپ كەتتى. ئاڭغىچە ساھىبخان بولغۇچى سارەم ئۇنى مەخسۇس چالىدىغان ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى.
  _ قېنى، قېنى، جوزىغا بېقىڭ. ھەرگىز تارتىنماڭ.
  ئۇ ھەممە ئايالغا تەكشى كۈلۈمسىرەپ، كۆز ئىشارىتى ئارقىلىق سالام يوللىغاندىن كېيىن قولىغا چوكىنى ئالدى.  بىرەر ئەر كىرىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە ئىشىككە پات-پات قاراپ قويدى. سارەم سورۇننى باشلاش ئۈچۈن قەدەھ سۆزى قىلىۋاتقاندا بولسا بۇ ئۈمىدلىرى يوققا چىقتى.
_ بۈگۈن خانىملارنى ئاۋارە قىلىپ بۇ يەرگە چاقىرىشتىكى مەقسەت، ئەرلىرىمىز بولمىسىمۇ چېيىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، كۆڭلىمىزنى غەش قىلىدىغان پاراڭلارنى قىلماي خۇشال-خورام ئولتۇرۇش. شۇڭا بۈگۈن باشقا پاراڭلارنى سالماي پەچەت ئولتۇرىمىز.  سورۇنىمىز ئاددىي بولسىمۇ كۆڭۈللىرىڭلارغا ئالماي، شوخ-شوخ ئولتۇرۇپ بېرەرسىلەر.  ئارىمىزغا يېڭىدىن قېتىلغان بۇ مېھماننى تونۇشتۇرسام، ئىسمى زاكىرە، مۇشۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنى، ئېرىدىن مۇستەقىل بولغىلى بىر يىل بولدى.  بۇ ياقنى تونۇيسىلەر، روزاخۇن، بۈگۈن ئاتايىتەن چاقىرىشتىكى مەقسەتمۇ بۇ سورۇننى قىززىتىش. ھېلى ئۇنىڭ قىززىق ناخشىلىرىنى ئاڭلايمىز.
  زاكىرەدىن باشقا ئاياللار ئۇنى ئىلگىرى كۆرگەن بولغاچقا ئەجەبلىنىپ قاراپ كەتمىدى، بەلكى ھېلىقى ناخشىلىرىڭنى يەنە ئاڭلايدىكەنمىز-دە... دېگەندەك خۇرسەنلىك ئىچىدە قاراپ قويۇشتى.
  سورۇن باشلاندى. ئاياللار ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ، نازاكەت ۋە تارتىنىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، جوزىغا چىققان نەرسىلەرگە تېگىش قىلدى، يەپ-ئىچىپ بىر يەرگە بارغاندا ئەرلىرىنىڭ غەيۋىتىگە چۈشۈپ كېتىشتى. ھەتتا گەپلەر چىڭىغا چىقىپ شۇ دەرىجىگە باردىكى،  "ئەر دېگەن ئادەم ئەمەسكەن، ئۆزلىرى ئوينىسا كارى يوق، بىز ئويناپ قويساق چىدىمايدىكەن، گۇناھ ئۆزىدە تۇرسا بىز نېمىشقا يالۋۇرغىدەكمىز، ئۇنداق نېمىلەرگە يالۋۇرغىچە ئاجرىشىپ كەتكەن ياخشى. ئەر دېگەن شۇنداق پەس، تۇزكور، يۈزسىز... بولىدىغان بولسا ئىگەكىم... " دېگەن گەپلەر خوتۇنلارنىڭ ئاغزىدىن تەڭلا  چىقتى. ھەتتا زاكىرە خانىممۇ ئۇنى تەستىقلاۋاتقاندەك، ئەتراپىدىكى خوتۇنلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك تەمكىن ئولتۇراتتى.  روزاخۇن قىمىلداپ ئولتۇرالماي قالدى.  بۇ خوتۇنلار ئەرلىرىدىن ئالالمىغان دەردىنى يىغىپ يۆگەپ ئۇنىڭدىن ئېلىش ئۈچۈن چاقىرتقانمىدۇ؟ بۇ خوتۇنلارنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا، ئەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ بازار كۆرگەچ ساياھەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن،  بىز يوق چاغدا بەك ئويناپ كېتىپتۇ، ئاشپەز بالىلار بىلەن چاتىقى بار ئىكەن دەپ خوتۇنلىرىدىن گۇمانلىنىپ، بىر-ئىككىسىنى  قويۇۋېتىپتۇ. يەنە بىر-ئىككىسى ئاجرىشىش ئالدىدا ئىكەن.  
_ بۇ گۇمانخورلار  گېپىنى بىر قىلىپ، سىلەرنى تەڭلا قويۇۋېتىش نىيىتىگە كەپتۇ-دە،_ دېدى زاكىرە.
_ ھەتتا كىمكى خوتۇنىنى قويۇۋەتمىسە شۇنى لاتاغىلاپ دەپ مەسخىرە قىلارمىش،_ دېدى سارەم.
_ چىڭ تۇرۇڭلار، بولۇپمۇ بالا-چاقا،  مال-مۈلۈك مەسىلىسدە ھەرگىز يول قويماڭلار.
_  ئېرىمنى خېلى راۋرۇس نېمە دەپ بىلەتتىم، ماڭا ئىشىنەتتى، مېنىڭ ھەرگىز ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىمنى بىلەتتى. گەپكە چىدىمايلا قويۇۋېتىمەن دەۋاتىدۇ،_ دېدى ھەممىدىن ياش كۆرۈنىدىغان قارا كۆز  چوكان.
_ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،  ئەر خەق يۈز-ئابرۇي ئۈچۈن خوتۇنىنى سېتىۋېتىدۇ، ئىناۋەت ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىنمۇ مۇھىم بولسا، تالاق قىلىۋېتىڭ ئۇنداق ئەرنى!!
  خوتۇنلار بۇ گەپتىن كۈلۈشۈپ بىر دەم تەسكىن تېپىشقان بولسىمۇ، بىر دەمدىلا پەرىشان ھالىتىگە يېنىپ كەتتى.
_ مېنىڭ ئېرىممۇ يۇۋاش، ئوبدان ئادەم ئىدى، چەت ئەلگە چىقىپلا خورىكى ئۆسۈپ باشقىچە ئادەم بولۇپ كەپتۇ. نېمە بولسا بولمامدۇ، ئۇنى ئەسلىدىلا كۆزگە ئىلمايتتىم، بۇ قېتىم خېتىڭنى بېرىمەن دېگەندىلا ماقۇل دېدىم. يۇۋاش دېگەن بىرەر قېتىم سەكرەپ باققان بىلەن يولۋاس بولالمايدۇ-دە. ئۇنداق نېمىدىن قۇتۇلغىنىمغا خوش. مال-مۈلۈكنى زاكىرە خېنىم دېگەندەك، تولۇق ئالىمەن. بالىنى باقىمەن دېسە ئۆزىگە بېرىمەن، بالا دېگەنگىمۇ تويدۇم..._ دېدى يەنە بىر سېرىق چاچ ئايال.
_ نوچى ئايالكەنسىز، ئايال كىشى دېگەن مانا مۇشۇنداق مەغرۇر، ئەركىن ياشىشى كېرەك.  ئەر خەققە  خوش غوجام دەپ ئۆتىدىغان زامان كەتتى، بۇ دېگەن بېيجىڭ،   بۇ يەردە مۇستەقىل ياشايمىز، ئىش-ئوقەت قىلىپ پۇل تاپىمىز، تاپقان پۇلىمىزنى خالىغانچە خەجلەيمىز. ئەر دېگەننى خالىساق ئەر قىلىمىز، خالىمىساق يەر قىلىمىز. ئەرگە  تەگمەيمۇ گۈلدەك ياشاۋېرىمىز.
    روزاخۇن زاكىرە خېنىمنىڭ خانىشلاردەك سالاپىتىگە زوقلانغان بىلەن، خوتۇنلارنى دەي-دەيگە سېلىۋاتقان ئەسەبىي گەپلىرىدىن يىرگىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەركەكزەدەك مىجەزى ئالدىدا ئۆزىنىڭ خېنىم مىجەزلىكى چېنىپ قېلىۋاتقاندەك بىئارام بولدى.  بۇ  سورۇندىن چىقىپ كېتەي دەپ ئويلىسىمۇ ئۆزىنىڭ تېخى جۈمەنىڭ ئالدىدا قىلغان شەرمەندىچىلىكىنى ئويلاپ، مۇنچىلىك ئىززەتكە ئېرىشكىنىدىن تەسەللىي تېپىپ، بىر بۇلۇڭدىكى ساپاغا تىكلەپ قويۇلغان دۇتتارغا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرىۋەردى.
   دەرت-شىكايەت، غەلۋە-غوغىلار بىر ئاز بېسىققاندا سارەم سورۇننىڭ كەيپىياتىنى ئوڭشاشقا تۇتۇندى:
_  ئەمدى خانىملار، بىز مۇشۇ سورۇن ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ئاچايلى دېگەن بولساقمۇ،  دەردىمىز تېشىپ چىقىپ، دېمەيدىغان گەپلەرنى دېيىشىپ قالدۇق. بۇمۇ بولدى، ئىچ-قارنىمىز بوشاپ قالدى. ئۇ گەپلەرنى يەنە دېسەك يەنە شۇ، ئۇلار قانداق بىرلەشكەن بولسا، بىزمۇ شۇنداق بىرلىشىمىز، ھەممە ئىشنى ئۆز ئارزۇيىمىز بويىچە توغرىلايمىز، ئۇنداق قىلالمىساق ئۇ دەيۈزلەر بىلەن سوتلىشىمىز، ئۇنداق ئاسان بولدى قىلمايمىز، ياقىسىنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمىز. ئاجراشقانغا دات-پەندىيات دېگۈزىمىز، بىزنى رەسۋا قىلىمىز دېگەنگە تويغۇزۇپ، ئۆزلىرىنى رەسۋايى ئەزىم قىلىمىز. گەپنى بۇ يەردە دەپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئېرىمىزنىڭ ئىككى ئېغىز يالغان گېپىگە ئىشىنىپ پوتلىمىزنى ئېقىتىپ ئولتۇرساق بولمايدۇ، بالىمىزنى ئالدىمىزغا سېلىپ، ئۇ تۆھمەتخورلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئاجرىشىمىز. بۇ ئىشتا قانچە ئۆكتەملىك، ھازازۇللۇق قىلساق ئەرزىيدۇ...
  قارىماققا خېلى مۇلايىم كۆرۈنىدىغان سارەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزاخۇن سالپىيىپلا كەتتى. ئۇ تېخى ئۆيلەنمىگەن بولغاچقا خوتۇنلار ھەققىدە ئاجايىپ گۈزەل خىياللارنى قىلاتتى. مەھەللىسىدىكى ئايگۈل ۋە باھارگۈللەرنى پات-پات ئەسلەيتتى. ئۇ چوكانقىزلار ھەر قانچە يامان بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ خوتۇنلارنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمىگۈدەك.
_  ئېسىمىزدە بولسۇن، بۈگۈن ئۇ ئىشلارنى مەسلىھەتلەشكىلى كەلمىدۇق، بولمىسا روزاخۇننى بۇ يەرگە چاقىرمايتتۇق، بۇ  بالىنى بۇنداق خىجىل قىلمايلى، توي قىلمىغانسىز  تېخى؟
_ ياق،_ دېدى روزاخۇن.  ئەسلىدە بۇ خوتۇنلار ئۇنى  توي قىلمىغاندىكىن ئەرلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىكەن-دە.  
_ شۇڭا، ھازىرچە ئۇ گەپلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ بىر دەم ناخشا ئاڭلىساق.
_ بولىدۇ، ئاڭلايلى،_ دېدى ئاياللار روزاخۇننى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك.
_ مۇشۇ سورۇنغا، مۇشۇ كەيپىياتقا ماس كېلىدىغان بىر ناخشا ئېيتىڭە،_ دېدى زاكىرە.
روزاخۇن بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، سېقىمە ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاياللار ھەزىل قىلىناتتى. ئەرلەرنى سۆكىدىغان ناخشا-قوشاقلاردا ئاساسەن بىرەر تاز، ياكى دىۋانە تىلغا ئېلىناتتى. باياتىن بېرى خوتۇنلارنىڭ ئەرلەرنى تىللىغانلىقلىرى ئاز كېلىپ، ئەمدى ئۇنى ئەرلەرنى سۆكىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا قىستىشى قاملاشمىغانلىق-تە!
  ئۇ بىر دەم ئويلىنىپ، دۇتتارنى تەڭشەپ تىرىڭلىتىپ تۇرغاندا ئىچى پۇشقان بىر چوكان زۇۋانغا كەلدى:
  _ نېمە ئېيتسىڭىز ئېيتىڭە ئۇكام، بولمىسا بىكار يەنە ئېرىمنى تىللاپ كېتىمەن.
ھەممىسى كۈلۈشتى.
  _ ئۆتكەندە ئېيتقان ھېلىقى ناخشىلىرىڭىزنى ئېيتىڭە، زاكىرە خانىم تېخى ئاڭلىمىدى.
_ ئۆزىڭىز قوشاق توقۇپ ئوقىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ...
_ مۇنداقمۇ پەيزى بار دەڭلار،_ دېدى زاكىرە.  
  ئۇ ئەمدى يەڭگىللەپ، دۇتتىرىنى شوخ پەدىلەرگە ئويناتتى:
    قوناقلىقتىن ئوت ئالدىم،
   بوينى قارا ئۆچكىگە.
   مەن ساراڭ كۆيۈپ قالدىم
    كۆڭلى قارا ئەسكىگە...
   
  جىرىڭ -جىرىڭ خانلىرىم،
  ئەتلەس كۆينەك كىيىپتۇ.
   توپلەي كىيىپ بازارغا،
  قىسىپ دەسسەپ مېڭىپتۇ.

يولدا ماڭغان خانلىرىم،
چىغىر يولدا ماڭماڭلار،
يولدا ياتقان ئېشەككە،
قېشىڭلارنى ئاتماڭلار...

UID
14254
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 15:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئەر تۈرىك ئەپەندىنىڭ باشتا يازغان ئەسەرلىرىنى كۈرۈپ باقسام دەيمەن. قەيەردىن تاپارمەن دوستلار.

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
181
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15226
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 19:41:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلاپ قالدىم ئەرتۈرككا، ئەجەب راۋاجلاندۇرىسىز دېسە، ئادەم ئويلاپمۇ باقمىغان يەرگە ئاپىرىپ.....

UID
13809
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
900
تىزىملاتقان
2011-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 02:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ پەقەتلا چۇشىنەلمىدىم. ئۇ چۇش كۆرىۋاتامدۇ ياكى راستىنلا ئاياللارغا دۇتتار چىلىپ بىرىۋاتامدۇ؟  بۇنداق باش ئاخىرى يوق ئەسەرنى يىزىپ باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئىسىراپ قىلمىسىڭىز بوپتىكەن.

يېڭى يۇلتۇز

بارلىق گۇزەل ماخ

UID
13777
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 12:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بۇ بەك ياخشى يىزىلغان ھىكايە كەن .  ھازىر بۇنداق ھىكايىلەر تۇرمۇشىمىزدا ئاز ئەمەس . لىكىن ئاقىۋىتنىڭ  يامانلىقىنى بۇخىل گۇناھنىڭ يامانلىقىنى بىلىدىغانلار  ھەقىقەتەن ئاز . شۇڭا  مۇشۇنداق تەربىۋى ئەھمىيتى  چوڭقۇر قىسقىسى  بىر ئۇيغۇرنى ،بىر مۇسۇلماننى  تەر بىيەگە ئىگە قىلالايدىغان  ئەسەرلەر   كۆپلەپ يېزىلسا  دەيمەن .    لىكىن شۇخىل گۇناھى بارلار    مۇنبەرگە كىرەمدۇ كىر مەمدۇ بىلمىدىم .

UID
10688
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1080
تىزىملاتقان
2011-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 12:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 73قەۋەتتىكىtumaris107 يوللىغان 2011-08-24 02:33 غا قارتىلغان :
مەن بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ پەقەتلا چۇشىنەلمىدىم. ئۇ چۇش كۆرىۋاتامدۇ ياكى راستىنلا ئاياللارغا دۇتتار چىلىپ بىرىۋاتامدۇ؟  بۇنداق باش ئاخىرى يوق ئەسەرنى يىزىپ باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئىسىراپ قىلمىسىڭىز بوپتىكەن.

سىز بالىلار چۆچىكى ئوقۇسىڭىز بولغۇدەك ئەمسە.

UID
13809
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
900
تىزىملاتقان
2011-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 16:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بالىلار چۆچىكىنى 30يىل بۇرۇنلا ئوقۇپ بولغان قىرىندىشىم.   مەن «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دىگەن ئەسەرنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ئىدىم. ھەم ئەسەرنىڭ تەربىيىۋى قىممىتىنى ھىس قىلغان ئىدىم ،لىكىن بۇ ئەسەرنى رۇياپقا چىقىرىشنىڭ زادى قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنى پۇتۇنلەي چۇشكۇنلەشكەن ئۇيغۇر ئوبرازى ئىكەنغۇ؟ ھىلىقى گۇناھنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن خۇيزۇ مەسچىتىگە بىرىپ «پاكلىنىپ» كەلگەن كاۋاپچى بولسۇن ياكى ئەرلىرىدىن نارازى بولۇپ رىستۇراندا زارلىنىپ ئولتۇرغان ئاياللار بولسۇن ھەممىسىلا جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدا تىمىسقىلاپ يۇرگەن پارازىتلار ئىكەنغۇ؟ ئۇيغۇرلارنى زادى شۇنداق تەسۋىرلەش زۇرۇرمىدى؟ ؟؟ بەلكىم شۇنداق ياشاۋاتقانلارمۇ باردۇ، لىكىن بۇ بىز نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتە ! يارىنى تاتىلىغانسىرى يوغىنايدۇ.بۇ يەرگە چوقۇم شىپالىق مەلھەم دورىسىنى سۇركەش كىرەك. ئادەمنى ئالغا بىسىشقا ئۇندەيدىغان ،ئەخلاق پەزىلەت ،شەرمى-ھايانى تەكىتلەيدىغان، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگەساغلام ئەسەرلەرلا بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى رۇھى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. مىنىڭچە ئۇيغۇرزادە ئۇتتىرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ ئاساسى بار.

UID
7483
يازما
30
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
665
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 16:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىلار كەينى-كەينىدىن ئېيتىلدى، قىزىل ھاراقتىن قانلىرى ئۇرغۇپ كەتكەن خوتۇنلار كىچىككىنە سەينانى چاڭ كەلتۈرۈپ، ئۆردەكتەك يورغىلاپ، ئاپئاق بىلەكلىرىنى چىقىرىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. خىيالىدا گويا ئەرلىرىنىڭ بېشىغا دەسسىۋېتىدىغاندەك، مۇشۇنداق قىلسا پۇخادىن چىقىدىغاندەك چىڭ-چىڭ دەسسەپ ئويناشتى، ناخشا تۈگىمىسە ھېچ توختىمايدىغاندەك، توختاپ قېلىشنىمۇ خالىمايدىغاندەك، جىم ئولتۇرۇپ قالسىلا دەرت-ئەلەم ۋە ئاچچىقتىن تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك ئەسەبىيلىشىپ " ھە ئۇكام، ئۇلاپ-ئۇلاپ! " دەپ ۋاقىراپ قويۇشاتتى. روزاخۇنمۇ قايناۋاتقان قازانغا قوشۇلۇپ كەتتى،  كەيپىيات قىزغىن پەيتلەردە ئاۋازىغا جان كىرىپ، قوللىرى پەدە ئۈستىدە موكىدەك ئوينايتتى، ناخشىغا بىر كىرىشىپ قالسا ئاخىرىغا چىقارماي قويمايتتى.
    ئارزۇيۇمغا يېتەلمەي،
   قىشنى ئۇلىدىم يازغا.
  نېمە خوۋلۇق كۆردۈممەن،
  كۆڭۈل بېرىپ سەن تازغا!
خوتۇنلار تەڭلار "ۋۇيت" دەپ قىقاس-چوقان كۆتۈردى.
  قارا دەيدۇ ئاق تۇرسام،
ساراڭ دەيدۇ ساق تۇرسام.
شۇنداق دېگەن شاۋچىنىڭ،
چىشلىرىنى چاقتۇرسام.

دىۋانىگە ئاش بەرسەم،
دۇئا قىلدى بەختىمگە،
بىۋاپانى يارىم دەپ،
ئۇۋال قىلدىم ئۆزەمگە.

ئالما بەرسە يەپتىمەن،
ئۆرۈك بەرسە يەپتىمەن.
چىرايىغا بىر قاراپ،
ئادەممىكىن دەپتىمەن.

ئادەمسىمان ھايۋاننىڭ،
قىلمىشلىرى يامانكەن.
بۇغداي دېسەم ئەسلىدە،
سېسىپ كەتكەن سامانكەن...

خوتۇنلار يەنە چۇقىرىشىپ ئالقىش ياڭراتتى.  ئادەمسىمان ھايۋان دېگەن بۇ گەپ ئۇلارغا شۇنچىلىك يېقىپ كەتكەن ئىدىكى،  ئەرلىرىنى سۈپەتلەپ بېرىشتە بۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز تېپىلمايتتى.  شۇنداقلا روزاخۇننىڭ جۈمەدىن بۇرۇنقى رەسۋاچىلىقىغىمۇ بۇ گەپ دەل ماس كېلەتتى. ئۇ توختاپ قالدى، يەنە قوشاق توقۇشقا كاللىسى بارمىدى، خوتۇنلارمۇ ئويناپ ھېرىپ كېتىشكەن، "ئادەمسىمان ھايۋانلار" دېگەن گەپ بىلەن مۇرادىغا يېتىشكەن بولۇپ، روزىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى يەلپۈگىلى تۇردى.  روزاخۇن دۇتتارنى يۆلەپ قويۇپ، تەرىنى سۈرتۈپ، ئالتە خوتۇننىڭ بىلىپ بولماس كۆز ئىشارەتلىرىگە تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، چېيىنى سۈمۈرۈپ ئولتۇردى. بىر-ئىككى خوتۇن تاماكا چېكىشكە باشلىدى،  "ئادەمسىمان ھايۋان" دېگەن سۆز ئۇنىڭ كاللىسىدا تاماكا ئىسىدەك لەيلەپ تۇراتتى.  باشتا ئۆزىنى ئەجەبلەندۈرگەن، ئالقىشلاردىن پەخىرلەندۈرگەن، ئارقىدىن ئويغا سېلىپ بىئارام قىلغان بۇ گەپ قانداق ئېيتىلىپ قالدى؟ قوشاقتا بۇنداق غەيرى گەپلەر ئاسان  چىقمايتتىغۇ؟   بۇ بەلكى ئىلگىرى "ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن"،  "ئادەمسىمان مايمۇن" دېگەن گەپنى  مەكتەپتە جىق ئاڭلىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇن ۋۇكۇڭ مايمۇننىڭ ئادەمسىمان قىلىقلىرىنى تېلۋىزوردىن كۆپ كۆرۈپ كەتتى. خوتۇنلارمۇ بەلكىم خوتۇنغا تويماس ئەرلىرىنى جۇ باجىغا ئوخشىتىپ،  ئۇنداق نەپسى بالا مەخلۇقلار بىلەن بىر ئۆيدە ياشىماسلىقنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغاندۇ...
   جايىدا ئولتۇرۇپلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغان خوتۇنلار تولا قىيغىتىپ ھېرىپ كەتتىمۇ، يا ھاراق ئەمدى ئۇخلىتىۋاتامدۇ، بوشاپ، جىمىپ، سالپىيىپ كېتىشتى. بىر نەچچىسىنىڭ چىرايىغا يەنە قايغۇ-ئەلەم، پەرىشانلىق تېپىپ چىقتى. ئاھ،  خۇشاللىق نېمە دېگەن ئاز، بەخت نېمانچە قىسقا-ھە؟
  روزاخۇن بۇ يەردە ئەمدى ئولتۇرىۋېرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى تۇيۇپ ماڭغىلى تەمشەلدى. بىراق غىپپىدە تىكىۋەتسە قاملاشمايتتى. كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە بۇ خوتۇنلارنىڭ يەنە ئازراق تاماشاسىنى كۆرۈش ئىستىكى بار ئىدى. بۇ خوتۇنلار ئەمدى  ئەركىنلىككە چىقىپ، بويتاقلار ئائىلىسىگە قېتىلاتتى،  ئەرگە تەگمىگەن قىزلاردەك ياسىنىپ تارىناتتى، كۆڭلىگە ياققان ئەرلەرنى، يىگىتلەرنى ئوۋلاشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. ھەتتا بۇ يولدا ئەسەبىيلىشەتتى، شۇ تاپتىمۇ بىر نەچچىسى روزاخۇنغا قىزىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن... بۇنداق ئويلاش گەرچە ھاماقەتلىك بولسىمۇ، روزاخۇن بىر دەم بولسىمۇ مۇشۇنداق خام خىياللارنىڭ قوينىدا  بولۇشنى خالاپ قالدى. خىياللار گۈزەل ئىدى، ئالتە خوتۇننىڭ ئالتە خىل بەدىنى، ئالتە خىل نازى، ئالتە خىل كۆز ئىشارىتى، ئالتە خىل زوق-ھەۋىسى ۋە ئىشتىھايىغا شاھىد بولۇپ، گويا ئۇلارنىڭ قۇچىقىدا تۇرغاندەك مەستخۇش بولۇپ كەتتى،  بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقىمۇ، شىرىن خىيال ۋە ھاياجانلىرى ھېچ بېسىلمايتتى؛ ئۆزىنى گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەكمۇ ھېس قىلاتتى، ھۇجرىدىكى ھېلىقى رەسۋا ئىش ۋە قاباھەتلىك چۈشلەردىن كېيىن يورۇقلۇققا چىققان بۇ شىرىن چۈش ئۇنىڭغا  ھاياتنىڭ ئاجايىپ سىرلىق، رەڭگارەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ چۈش ئەمەس،  بىرەر چوكاننىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ سىلاپ باقسا بىلەلىگۈدەك چىن رىئاللىق ئىدى.   بۇ خوتۇنلار ئۇنىڭ جۈمەدىن بۇرۇنقى رەسۋاچىلىقىنى بىلسە قانداق بولۇپ كېتەر؟ قاقاقلاپ كۈلۈشەرمۇ ياكى سەنمۇ بىر ھايۋان ئىكەنسەن دەپ بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرارمۇ؟
   ئازراق ئىچىپ قويۇش، چېلىپ قويۇش، شەھلا كۆزلۈك خوتۇنلارنىڭ خۇلق-نازاكەتلىرىگە ئوغرىلىقچە قاراپ قويۇش، ھەتتا تېخىمۇ بەكرەك سەتچىلىك چىقارسىكەن دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ كاللىسى قېيىپ كەتتى. كېتەيمۇ كەتمەيمۇ دەپ ئويلىدى، كەتسە غۇرۇرى بىلەن كېتەتتى، ھېلىمۇ باياتىن ئەرلەرنى ئاز سۆكمىدى، ئۆزى ئەر تۇرۇپ ئەرلەرگە خىيانەت قىلدى. كەتمىسە خوتۇنلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرەتتى، ئەمما  غىلجىڭلىق بىلەن بۇنداق ئولتۇرىۋەرسە، خوتۇنلار ئۇنى  كېيىنكى سورۇنلىرىغا ھەرگىز چاقىرمايتتى. ئۇ ساھىبخان بولغۇچى سارەمنى بىر نەرسە دەمدىكى دەپ ئولتۇرۇپ باقتى، ئەمما ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ تالاغا بىر چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كىرمىدى. خوتۇنلارمۇ زەردىسى قايناپ تۇرغاندا ئەرلىرىگە تېلېفون قىلغۇسى كېلىپ سومكىلىرىنى ئاختۇردى،  بەزىلىرىنىڭ ئېرىنىڭ تېلېفونى ئېتىك چىقتى بولغاي، قايتا-قايتا ئۇرۇپ ئالالماي: " مانا قاراڭە، ما شاۋچى سائەت توققۇز بولمايلا تېلېفونىنى تاقىۋاپتۇ.  چوقۇم بىر ئىش بار!...." دەپ سۆزلەپ كېتىشتى. تېلېفونى ئۇلانغانلىرى بولسا چىرايىدا كۈلكە، غىپپىدە تالاغا ماڭدى.
   ساق ۋاقتىدا ئاغچا خېنىمدەك قېتىپ ئولتۇرغان زاكىرە خېنىممۇ ئىچىپ قىززىغاندا بۆلەكچە مۇلايىملىشىپ، گەپتە بىرلىككە كېلەلمەي تېلېفونلىرى بىلەن تەڭلا تارقاپ كېتىشكەن خوتۇنلارغا ھېچنېمە دېمەي، روزاخۇننىڭ يېنىغا كەلدى:
  _ قورۇنۇپ قالدىڭىز -ھە!
_ ياقەي، بۈگۈن شۇنچىلىك خوش بولدۇم.
_ بىزمۇ خوش بولدۇق، ياخشى چالدىڭىز.
_ سىلەرگە ياققان بولسىلا.
_  تازلارنى قوشاق قېتىشقا ئۇستىكەنسىز، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.
_ ئېيتىۋېرىپ كۆنۈپ قاپتۇق.
_ يۇرتىڭىز نەدىن؟
_ كۇچاردىن.
_ نېمە ئىش-ئوقەت قىلىسىز؟
_ كاۋاپچىلىق قىلاتتىم، تۈنۈگۈن جايىمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەتتىم. باشقا يەر ئىزدەپ باقاي دەۋاتىمەن.
_ ئۇنداق قىلىپ يۈرگىچە مەشەدىلا ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ؟  كاۋاپدان تەييار، ھەققىڭىزنى ئوبدان بېرىمەن، كاۋاپ چىقىرىشتىن باشقا ئىش قىلمايسىز.
روزاخۇن بۇ تەكەببۇر خېنىمنىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرىگە، ئىشەنچلىك سۆزلىرىگە مەست بولۇپ، دەرھال ماقۇل دەۋەتكۈسى بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى:
_ مەن ئايرىم ئوقەت قىلىپ ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن.
_ ئۇغۇ ياخشى ئىش، لېكىن سىز كاۋاپچىلىق قىلىپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولمايدۇ-دە.  دۇتتارنى ياخشى چالىدىكەنسىز، بۇنىڭ قەدرىنى قىلمىساق بولامدۇ؟ سىز بۇ يەردە كاۋاپچىلىق قىلىپلا ئۆتۈپ كەتمەيسىز، ئايرىمخانىدا مېھمانلارغا دۇتتار چېلىپ بېرىپ ئانچە-مۇنچە ئۆرۈم ئالىسىز. كېيىنچە مۇزىكلىق رېستۇران ئېچىپ قالسام نومۇر ئورۇنلايسىز، ئۇ چاغدا  ھەققىڭىزنى ئايرىم ھېسابلايمىز. دېمەك، بۇ يەردە تۇرىدىغان ياتاق، يەيدىغان تاماق، چالىدىغان دۇتتىرىڭىز بولىدۇ. رېستۇرانغا كەلگەن خىلمۇ خىل مېھمانلار بىلەن تونۇشىسىز.  ئايرىم كاۋاپ سېتىپ، ئۆزەم تاپتىم، ئۆزەم يېدىم دېگەنبىلەن، ئادەمدەك ياشىغىلى بولامدۇ؟  جىندەك مۆكۈنۈپ ياشىغىچە، ئادەمدەك ئارىلىشىپ، كۈلكە-پاراڭ بىلەن ئۆتكەن ياخشى ئەمەسمۇ؟! بۇ شەھەرگە يالغۇزلۇق ياراشمايدۇ، تېخى بويتاق ئىكەنسىز. ھالىڭىزدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟ ئاغرىپ قالسىڭىز كىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ؟ خەنزۇ قوشنىڭىزمۇ ياكى  بىزمۇ؟ قاملاشمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويۇپ تۈرمىگە كىرىپ كەتسىڭىز كىم بىلىدۇ؟ سىزنى كىم ئەچىقىدۇ؟  ئۆلۈكى 15، 20 كۈن تۇرۇپ قالغان بالىلارنى بىز پۇل چىقىرىپ، ئاپىرىپ كۆمۈپ قويمىدۇقمۇ؟...
   روزاخۇن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاپ ئولتۇردى، جەمئىيەت كۆرگەن خوتۇن دېگەن باشقىچە-دە. دېمىسىمۇ، يالغۇزلۇقتا ئادەم قانداق ساراڭلىقلارنى قىلمايدۇ؟ مۇسۇلمانلىق شەنىگە ئۆمۈرلۈك داغ تەگكۈزگەن شۇ رەسۋالىقمۇ يالغۇزلۇقتىن، ئەسەبىي قىتىغۇرلۇقتىن پەيدا بولدىغۇ؟ خۇددى قورقۇنچلۇق ئەسلىمىدەك تۈس ئالغان  قاباھەتلىك چۈشىمۇ يات جىنلارنىڭ ئۇۋىسىدەك ۋەيرانە ھۇجرىدا، ئېغىر  گۇناھىدىن قورقۇپ تىترەپ يالغۇز ياتقاندا يۈز بەردىغۇ؟ خەيرىيەت، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. شۇملۇق، پېشكەللىك، پالاكەتنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئۇ يەردىن قېچىپ كەلدى، بەلكى يالغۇزلۇقتىن، يالغۇز ئۆلۈمدىن قېچىپ كەلدى. زاكىرە خېنىمنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، يەنە يالغۇزلۇققا قايتىپ كەتسە، بۇرۇنقىدەك قاباھەتلەر تەكرارلانمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇ خېنىمنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش كېرەك.
_ دېگەنلىرىڭىز توغرا، يالغۇز ئوقەت قىلغاننىڭ جاپاسى جىق،_ دېدى ئۇ ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ،_ ئۆزەم بەگ، ئۆزەم خان دەپ ياشىغان بىلەن دەردىنى ئۆزىمىز بىلىمىز.  يالغۇز ئۆيدە نەچچە قېتىم زۇكام بولۇپ قىززىپ كېتىپ، ھوشۇمنى بىلمەي ياتقان ۋاقىتلىرىم بولغان. شۇ چاغدا ھەتتا بىر نەچچىسىگە تېلېفوندا ۋەسىيەت قىلىشنى ئويلاپ، تېلېفونۇمغا قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەن. كېيىنغۇ خۇدايىم شىپالىق بېرىپ ساقىيىپ كەتتىم، ساقايغاندا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان گەپكەن. ھازىر ما گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم.
__ مەن ھەرگىز زىيانلىق گەپ قىلمايمەن. بويتاقلىق، يالغۇزلۇقنىڭ دەردى يامان، بولۇپمۇ بۇنداق مۇساپىرچىلىقتا. قاراڭە،  مۇشۇ چىرايىڭىزدىنلا  دەرتمەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. كۆزىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ، چەكمەيدىغانسىز؟
_ ياقەي، بىز ئۇنداق ئىشتا يوق.
__ بىر نەرسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىسىز. قورقماي ياشاڭ، ناخشا ئېيتقاندا قانداق نوچى بولسىڭىز، ئادەتتىمۇ شۇنداق نوچى يۈرۈڭ.  بۇ يەرگە كەلسىڭىز، بۇنداق شارائىتنى سىزگە يارىتىپ بېرىمەن.
__ رەھمەت، بۇنداق يېرىڭىز بولسا ئىشلىسەم ئىشلەي.  
__  ئوغال بالا ئەركەك!  ئەمىسە ئەتىدىن باشلاپ ئىشلەپ كېتىڭ.
__ ئىش ھەققىنى قانداق دېيىشىمىز؟
__ ياتاق، تاماق مەندىن. ئىش ھەققىڭىزنى ھازىرچە 3000 يۈەن دەپ تۇرايلى. سودىمىز ئېقىپ كەتسە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆستۈرۈپ بېرىمەن.
   بۇ  ھازىرقى شارائىتتا يامان ئەمەس پۇل ئىدى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ  جىن تەگكۈر يالغۇزلۇقتىن، قاباھەتلىك ئەسلىمىگە تولغان قارغىش تەگكۈر ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئاشپەز، ناۋايلار، كۈتكۈچى قىزلار، خېرىدارلار بىلەن ھەر كۈنى قايناپ تۇرىدىغان بۇ يېڭى مۇھىتتا جۇشقۇن ھاياتىنى باشلايتتى، قورقماي ياشايتتى.
__ مەن بۈگۈن ئۆزەم تۇرۇۋاتقان ئۆينى قايتۇرۇۋېتىپ ياتاق ئىزدەپ يۈرگەن، تۇيۇقسىزلا بۇ چايغا كېلىپ قالدىم. بىرەر ياتىقىڭىز بولسا بۈگۈنلا مەشەدە قونۇپ، ئەتە ئىش باشلاپ كەتسەم.
__ ۋاي بولىدۇ، ياتاق دېگەن كەڭرى. ئەمىسە ھازىرلا چىقىپ سىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي.
  روزاخۇن زاكىرە خانىمغا ئەگىشىپ، ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەز، ناۋايلارنىڭ ياتىقىغا كىردى. ياتاقلار خېلى كەڭرى بولۇپ، ئاستى-ئۈستى ئىككى قەۋەتلىك كارىۋاتلار قويۇلغانىدى. زاكىرە خانىم ئۇنى ناۋايلىق قىلىدىغان بىرسىنىڭ ياتىقىدىكى بوش كارىۋاتقا  ئورۇنلاشتۇردى.  خانىم چىقىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايرىمخانىدىن  دېسكو مۇزىكىسى ياڭرىدى، خوتۇنلار قانداق قىلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ،  شاشلىشىپ كەتتىكىن،  "ۋۇيت-ۋۇيت"  قىلىپ يەنە ئويناشقا باشلىدى.  روزاخۇن تولغىنىپ ئۇخلىيالمىدى، ئەرلىرىگە غەزەبلەنگەن خوتۇنلارنىڭ ئەسەبىي باشلىرى، سېرىق چاچلىرى توختىماي سىلكىنەتتى،  ئەرلىرىدىن ئېشىپ قالغان يۇمشاق بەل ۋە ساغرىلىرى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتى...  ئۇلار بۇ ئەلپازىدا كېچىچە ئوينايدىغاندەك، ياستۇققا بېشىنى قويسىلا ئازابتىن ئۆلۈپ قېلىشتىن قورقىدىغاندەك ۋە مۇشۇنداق ئويناپ تاڭنى ئاتقۇزىدىغاندەك قىلاتتى.
  __ چېچىدىن تۇتۇپ دېرىزىدىن ئېتىۋەتكۈدەك بولدۇم بۇ پەس نېمىلەرنى!
روزاخۇن چۆچۈپ يېنىدىكى ناۋايغا قارىدى،  چىراق ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ  دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان غۇۋا نۇردا ئۇنىڭ غەزەپلىك چىرايىنى ئوچۇق كۆردى.
__ جەمئىي نەچچە خوتۇن بۇلار؟
__ ئالتە،_ دېدى روزاخۇن ئۇنىڭ گېپىگە تۇتۇلۇپ.
__ شۇ خوتۇنلارغا دۇتتار چېلىپ بەرگەنگە نەچچە پۇل بەردى؟
__ سېنىڭ نېمە ئىشىڭ؟!_ دېدى روزاخۇن غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقتىن تىترەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ.
__ مېنىڭ باشقا ئىشىم يوق، سوراپ قويدۇم.
__ خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما.
__ بۇ ياتاققا كىرمىگەن بولساڭ ئارىلاشمايتتىم، كىرگەن ئىكەنسەن چوقۇم ئارىلىشىمەن. زىتىمغا تەگسەڭ قاراپ ئولتۇرمايمەن، دەيدىغاننى دەيمەن، چىدىمىساڭ باشقا ياتاققا چىقىپ كەت.
روزاخۇن ئۇنىڭ بىر ياتاقنى يالغۇز ئىگىلەپ يېتىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى.

UID
10688
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1080
تىزىملاتقان
2011-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 16:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھاجىمنىڭ ھىكايىلىرىنى ئوقۇسام خۇددى مىنىڭ ئەتراپىمدا ھازىرلا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردەك ھىس قىلىپ كىتىمەن. ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ چىنلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
181
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15226
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 17:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتۈرككام سوتسىيالىستىك ۋەتەننىڭ يۈرىكىدە ياشاۋاتقان بىلەن سوتسىيالىزمچە يازمايدىغانلاردىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش