ئىگىسى: erturk36

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2333
يازما
380
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11993
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 19:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتۈرك ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، داۋامى بارغۇ دەيمەن بۇ ئەسەرنىڭ؟

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 21:57:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 9قەۋەتتىكىmelek يوللىغان 2010-12-11 19:32 غا قارتىلغان  :
ئەر تۈرك ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كەينىگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كۆرۈشكە بولمايدۇ دەپ يېزىپ قويارسىلەر.....


زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز، لاي سۇ ئىچكەن جانلار، كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى،،،،،بەس مۇنازىرە قوزغىغان ئەسەرلەر ئىدى،ئەمدى كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسىغا كەپتۇ دە نۆۋەت.....

.......
ئۇنداق يېزىپ قويسا كۆرمەيدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرمۇ دەرھال كۆرىدۇ دەيمەن. ئادەم دېگەن شۇ، قىل دېگەننى قىلمايدىغان، قىلما دەپ ئەسكەرتكەننى ئىككىنى زىيادە قىلىدىغان.....

UID
5189
يازما
563
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18030
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 23:08:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ ئەلكۈيىگە باسقان مۇبارەك  قەدىمىگە قۇتلۇق بولسۇن !
ياخشى ئەسەردىن يەنە بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر ،،،

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

مىڭ بېشى

http://bidar.blogbus.com

UID
2309
يازما
519
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
17627
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 23:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بۇلۇپمۇ "زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز"نى بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى يانفۇنۇمغا قاچىلىۋېلىپ قانچە قېتىم ئاڭلاپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن، بۇ ئەسەرنى ئاڭلاپ دىنىمىزنى توغرا چۈشىنىپ توغرا يولىنى تېپىۋالغان تۇنۇشلۇرۇممۇ ئاز ئەمەس، ئەر تۈرۈك ئەپەندىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىللىقىمنى ۋە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن، ئەسەر توغرىسىدىكى قارىشىمنى تۈۋەندە ئايرىم ئوتتۇرىغا قويىمەن.

http://bidar.blogbus.com

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 01:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام، ئەلتۈرك.
          مېنىڭ سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشسەم دېيىشىدىغان نۇرغۇن گېپىم بار ئىدى. سىزنىڭ تالانتىڭىزغا، تەقۋادارلىقىڭىزغا، تىرشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن. ئەمما،  شۇنچە تالانتلىق بىر يازغۇچى تۇرۇپ نېمىشقا ئەسەرلىرىنىڭ باش تېمىسىنى بىر يۆتكەپ باقمايدىغاندۇ(تېما، يېزىش ئۇسۇلى ۋە قازىدىغان ئىمكانىيەت شۇنچە جىق تۇرسا)، نېمشىقا شۇنچە ئەقىللىق ۋە مۆمىن مۇسۇلمان تۇرۇپ  ئەسەرلىرى ئېلىپ كېلىدىغان كۈتمىگەن ئاقىۋەتنى ئويلاشمايدىغاندۇ، دەپ ھەيران بولىمەن. لېكىن، سىزنى ھۆرمەتلىگنىم ئۈچۈن كۆڭلىگە كېلىپ قالارمۇ، دەپ تەنقىدىمنى بېرەلمەيمەن.مېنىڭچە، تورداشلارنىڭ باھاسى ئاپتور ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما ئەسەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۇتۇقلۇق چىققانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولالمايدۇ. جايىنى تاپمىغان مەدىھىيە   ۋە كەسپ ئەھلى بولمىغانلارنىڭ ئارتۇقچە ماختاشلىرى بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى. سىز ھازىر ئاشۇ ئۇيقۇ دورىسىنى بەخۇدۇك يەۋاتىسىز.
    بۇنداق ئىشلارنى تۇرمۇشتا يوق، يازغۇچى يازسا بولمايدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما، يېزىش ئۇسۇلىڭىزدا مەسىلە بار دەپ قارايمەن. ئۆزىڭىزمۇ بىر چاغلاردا يازمىڭىزدا ئېتراپ  قىلغاندەك، سىز مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا فرۇئىد نەزەريىلىرىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىغان ھەم ئۇنىڭ زىيىنىنمۇ تارتقان. ئەمدى زىياننى مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بولۇپ كېتىپ تارتىدىغاندەك قىلىسىز. سىز دىققەت قىلىڭ! بۇنداق بىر نېمىلەرنى يېزىۋەرسىڭىز سىزدىن ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشىندىغانلارنىڭ دىققتىنى تارتقۇدەك بىر  نېمە چىقمايدۇ. سىز ئۇنتۇلۇپ كېتىسىز.
       ئويلايدىغىنىم ئۇيغۇر ئەدەبياتىدا تېخىمۇ سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى كۆرۈش؛ كۆرەلمەسىلىك، ئۇجۇقتۇرۇش، سېسستىش خاھىشى مېنىڭ تەبىتمىگە يات. شۇڭا، بۇنى بىر تەكلىپ دەپ بىلىڭىكى، ھەرگىز نىيىتمنى يامان تەرەپكە جورىماڭ. مەن سىزگە ئىزىڭىزغا سەكرىمەسلىكنىڭ  ئاددىي ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلاي: بولسا بۇنداق بىر نېمىلەرنى يېزىشىنى توختىتىپ، كىتاب جاۋىنىڭىزگە تىزىپ قويۇپ تېخى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئېسىل رومانلارنى ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چىقىڭ؛خاتىرە قالدۇرۇڭ؛ يېزىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىڭ (سىزدە ئۆگىنىش كەمچىل بولۇۋاتىدۇ). ئەدەبياتنىڭ پايانى كەم؛ بۇنداق تېما تالاي تېمىلار ئىچىدىكى پەقەت بىرى. ئۈچ ئاي دەم ئالغاچ بىر ئويلانسىڭىز  ۋە باشقىچە بىر يول ھەققىدە ئىزدەنسىڭىز، سىزدىن "لايسۇ ئىچكەن جانلار" دېگەندەك نادىر ئەسەر چىققان بولاتتى.
     بۇ ئەسرىڭىز ئىزدىنىش مۇنبىرىدە قاتتتىق تەنقىد قىلىنغان. بالىلار گەپنى ئاساسەن دەپ بوپتىكەن، مەن سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئۈچۈن  سۈكۈت قىلغان. تۈنۈگۈن بۇ يەرگە چاپلاپسىز، كۆرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. بولسا، سىز گۈلەننىڭ تەنقىدى بىلەن مۇشۇ تېمىدىكى مەلەك سىڭلىمىزنىڭ ئىنكاسىىغا يېزىلغان بىرىنچى جۈملىدىكى ئىشارەتنى بىر ئويلىشىپ باقسىڭىز.
        سىزگە مېھىرىم بولغىنى ئۈچۈن، مۇشۇ ئىنكاسلارنى سىلىقلاپ يېزىپ بولغۇچە بەك بىئارام بولدۇم. ئەسەرلەرنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلشىدىغان ۋاقتڭىز كېلىپ قالدى.
     بەزى سەمىمىي ئەسكەرتىشلىرىمنى ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكىنىڭ تېمىسدا يازىمەن.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە قىممەتلىك پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقايلى دىسەك ئالدىراشمەن دەپ داۋاملىق گەپنى ئۈزۈپ قويىسىز دە .

مىڭ بېشى

http://bidar.blogbus.com

UID
2309
يازما
519
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
17627
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 21:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقتىم، ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپلا ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىۋالغىلى بولىدىكەن. ئەسەردە گەرچە بەزى جايلاردا زىنا تەسۋىرلىرى بولسىمۇ لېكىن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيە يەنىلا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بولمىغۇر ئىش قىلسا ئاخىرى پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىبرەت ئىكەن. مىنىڭچە بۇ بىر قارشىسىدىن چىقىپ قىلىنغان جانلىق تەربىيە ئىكەنغۇ. مىنىڭچە ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگىمۇ بۇخىل تەربىيەنى بۇرۇنراق بەرگەن ياخشى، چۈنكى مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس، قۇرمىغا يەتمىگەنلەر بۇزۇلاي دېسە ئولارغا سېرىق كىتاب، فىلىم، رەسىملەر كەم ئەمەس، مۇشۇنداق تەربىيە ئۇلارغا بۇرۇنراق بىرىلسە ئۇلارمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كىيىن پۇشايمانغا قالىدىغان ئەھۋاللارغا ئازراق ئۇچرامدىكىن دەيمەن، نەسرىدىن ئەپەندىممۇ بالىسىنى بازارغا بۇيرۇپ، پۇلنى يوقىتىۋەتمە دەپ ئۇرغان، ئايالى: بالا پۇلنى يۇقىتىۋەتمىگەن تۇرسا ئۇنى نىمىشقا ئۇرىسىز دەپ نارازىلىق  بىلدۈرگەندە ئەپەندىم: پۇلنى يۇقىتىپ بولغاندا ئۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى دېگەن، شۇنىڭغا ئوخشاش ھەربىرىمىز باشقىلارنىڭ ئاچچىق ساۋىقىدىن ئىبرەت ئالالىساق بېشىمىزغا كىلىدىغان كۈلپەتلەر ئازراق بۇلارمىكىن دەيمەن. ئاخىرىدا ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە بەرىكەت تىلەيمەن!

http://bidar.blogbus.com

UID
1944
يازما
112
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3803
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 01:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشۋىقاتتا پايدىسىز ئورۇندىكى ئازغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا يولى ئاۋال كۆرسىتىلمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەپت - بەشىرىسى ئەمەلىيەتتىكىدىنمۇ بەكرەك  جەلبكار تەسۋىرلىنىۋېتىپ ئاندىن دورا بېرىلسە، تەسۋىردىن مەست بوپكەتكەن ئوقۇرمەندە مەستخۇشلۇقىدىدا  دورىنى ئىنكار قىلىۋېتىش خاھىشى كۆرۈنمەسمۇ؟

بۇ جايغا يۈز birخەت سىغمىدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 01:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلى بار ئادەم بولغاندىن كىين قانداق ئايرىشىنى ھەممە ئادەم ئۆزى بىلىدۇ . بىزدە ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى زىيادە ئەقىللىق چاغلاپ باشقىلارنى بىچارە . بىلىمسىز . ئەخمەق چاغلايدىغان ھىسيات بار . شۇڭلاشقا كۆپىنچە ھالدا بىزنىڭ جەميەت ۋە كىشىلەر ھەققىدە چىقارغان خۇلاسىلىرىمىز ، ھۈكۈملىرىمىز ۋاختى كەلگەندە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ .   ئەدەبىياتنى پەقەت پەندى نەسىھەت قىلدىغان نەرسە دىگەن رامكىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلىساق بۇ ھىكايىدە سىلەر ئويلىۋالغاندەك " زەھەر" نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ھىس قىلسىلەر . چۇشەنمىگەن بولساڭلار قايتا قايتا ئوقۇڭلار . باش پىرسۇناجنىڭ ئوي پىكىرلىرى . ئۇىنڭ ياشىغان شارائىتى . ئۆزى سەسكىنىپ تۇرۇپ يەنە ھايات كەچۇرۇشكە مەجبۇر بولغان ھىسياتىنى ئويلاڭلار . ئۇنىڭ ئورندا ئۆزۇڭلارنى قويۇپ ئويلاپ بىقىڭلار . بۇ چاغدا ھىسيات باشقىچە بۇلىشى مۈمكىن .

كۆيۈمچان ئەزا

راست گەپ بىلەن ي

UID
5085
يازما
191
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6012
تىزىملاتقان
2010-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 11:58:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياقتۇرىدىغان ئەسەر ئىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش