- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 46
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1552
- تىزىملاتقان
- 2010-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-3
- UID
- 6474
- يازما
- 46
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1552
- تىزىملاتقان
- 2010-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-3
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ 22قەۋەتتىكىyarix يوللىغان 2010-11-26 01:49 غا قارتىلغان :
مەن[زاكىرە] خانىمنىڭ پىكرىنى ھازىرچە قوللايمەن ،بىراق [يانار ]ئەپەندىمنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكرىگە مەن بىر نەچچە كۇندىن كىيىن جاۋاپ بېرىمەن، چۇنكى مۇئارىپ مەسىلسى دىيارىمىزدا مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى،بۇرۇن بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىش تەس ئەمەستى قوش تىل تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى مۇشۇ جەميەتتە بۇ مەسىلىگە يىنىكلىك بىلەن جاۋاپ بېرىشقا بولمايدۇ،منىڭ بىلىشىمچە ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرلىرى،سېكرىتار باشلىقلىرىغا يۇقۇردىن بولغان بېسىم قاتتىق ھەتتا بىر قىسىم تالانتلىق ئوتتۇرا ياش پىشقەدەم ئوقۇتچىلارغىمۇ بېسىم قاتتىق،ھەرقانداق ئەقىللىق مۇئارىپ خادىملىرى بەكرەك بىلىشى مۇمكىن،مىنىڭچە[يانار]ئەپەندىم سىز ئالدى بىلەن خەنزۇچە ئوقۇپ كېيىن ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ئوخشايسىز،شۇڭا ئوزىڭىزدىن بىر خىل بىزارلىق بار ئوخشايدۇ،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟قالغىنىنى ئوزىڭىىز ئاستا-ئاستا بىلىۋىلىڭ ،لىكىن سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكرىڭىزگە مەن چوقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىمەن.  شۇنداق ئەپەندىم. مەن تولۇق ئوتتۇرغىچە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، تولۇق 1-يىللىقتىن باشلاپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان. مەيلى شىنجاڭدا مەيلى ئىچكىردە بولسۇن خەنزۇچە مائارىپ ئەندىزىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇشنى دائىملىق تۇتۇش قاتارلىقلارنىمۇ خېلى كۆرگەن، شىمالدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ كۆرگەن. تەكشۈرمىگەن كىشىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. لېكىن كىسىپ ئېيتىمەنكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللى مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. مىللى مەكتەپ بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق زور، يەنى خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ، شەكىلۋازلىق ئاز، دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، بىراق بىزنىڭ مىللىي مەكتەپلەردە شەكىلۋازلىق، ئارخىپچىلىق ئاساسىي ئورۇندا، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، بىر ئادەمنىڭ دېگىنىلا ھېساپ بولىۋاتىدۇ، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان مەسىلە. بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزمۇ بىر ئىككى باشلىقنىڭ شەخسىي خاھىشى بىلەن باشقۇرۇلماي مائارىپ قانۇن-سىياسەتلىرى بويىچە ئادىل، ھەققانىي باشقۇرۇلسا بولاتتى.
سىز گە دەپ قوياي! مەندە ئۆزەمدىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى يوق! مەن ئۆزەمنى ھەم مائارىپنى سۆيىمەن! نۆۋەتتىكى مەكتەپلەردە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلىشىغا يوللىدىم. سىزنىڭچە بۇ خاتا بوپتىمۇ؟ ئەگەر سەۋىيەرىڭىز يەتسە خەنزۇچە مۇنبەرلەردىكى ئەسەرلەرنى، تورداشلارنىڭ مۇلاھىزە-ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ باقسىڭىز مەن يوللىغان بۇ تېمىنىڭ ئاشۇ خەنزۇچە مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ مەزمۇنى ئالدىدا ھېچقانچە سالماقنى ئىگەللىمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتىڭىز!
مەن مائارپنى، مەكتەپنى ۋە ئۆزەمنى سۆيىمەن. ئەمما مەكتەپلەردىكى نانقېپى، ھورۇن، شەخسىيەتچى، ھەسەتخور، داشقال كاللا، كەسىپكە ئېنتىلمەيدىغان بىر قىسىم چوڭ-كىچىك «باشلىق» ۋە بىرقىسىم ئوقۇتقۇچى سىياقىغا كىرىۋېلىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ بايلىقلىرىنى ئىسراپ قىلىۋاتقانلارغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ!
مېنىڭ تېمامنى ئىنكار قىلغاندەك پوزىتسىيىدە گەپ قىلىۋاتىسىز. لېكىن مەن ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۈت ھەم ئومۇمىيلىققا ئۆزگىرەيلا دەۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى، بۇنى ھەم تورداشلارمۇ ئېتراپ قىلىۋاتىدۇ. ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ. قارىغاندا سىز بىرەر مەكتەپنىڭ رەھبىرى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشلىقلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئوخشىمامسىز؟ |
|