- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 46
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1552
- تىزىملاتقان
- 2010-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-3
- UID
- 6474
- يازما
- 46
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1552
- تىزىملاتقان
- 2010-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-3
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ 18قەۋەتتىكىtilakdax يوللىغان 2010-11-25 11:49 غا قارتىلغان :
"يانار"ئەپەندى ،مىنىڭچە سىزدە پىسخىك مەسىلىسى بار ئىكەن ،سىز بەلكىم ئۆزىڭىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئومومىي كارتىنىسىنى يۇزە كوزىتىپسىز ،يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ كوزۇتۇپ بېقىڭ .كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە جان تىكىپ مىللەت مائارىپى ئوچۇن ئىشلەۋاتىدۇ.باشقۇرغۇچىلار غا كەلسەك ،جاھان مۇنداق كىتىۋەرمەيدۇ دىگەن ھىكىمەتكە ئاساسەن ئۆزىڭىزگە ئۈمىت ئاتا قىلىپ بورۇنقىدەك ئىشلەۋىرىڭ،ھەرگىز باتنىماڭ ،مائارىپتىكى باتناش ياش -ئوسمۇرلىرىمىزگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.  كەچۈرۈڭ ئەپەندىم. سىز بەلكىم مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەيدىغانسىز ياكى ئىشلىمەيدىغانسىز، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. لېكىن مېنىڭ مۇنبەدە ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا بار ھەم جىددىي تۈزەتمىسەك بولمايدىغان مەسىلىلەر. مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ كارتىنىسىلا ئەمەس، ھازىر ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسىمى. ئەسكەرتىشىتە دەپ ئۆتكەن ئىدىم، مەكتەپلەردە ياخشى نەتىجە بىلەن ياخشى تەرەپ يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بەش قول تەڭ بولمىغانغا ئوخشاش بىر جاينىڭ مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بىلەن يەنە بىر جاينىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئوخشىمايدۇ. دەرس مۇنبىرىدە ۋە مەكتەپنىڭ باشقا بۆلۈم-ئىشخانىلىرىدا جان كۆيدۈرۈپ، ئەستائىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرى ۋە مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ كاللىسى ئىسلاھ قىلىنمىسا ئەھۋال يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ-دە، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغانلار چەتكە قېقىلىپ، ياخشىلارغا كۈن يوق بولۇپ قالىدۇ، خىزمەت خوشياقمايدىغان ياكى خىزمەتتىن سەسكىنىدىغان پاسسىپ روھى ھالەت شەكىللىنىپ قالسا مائارىپتا زور چېكىنىش بولىدۇ. بىز مائارىپ قانۇنىنىڭ ھەم ۋىجدان ئالدىدا جاۋاپكار بولۇپ قالساق بولمايدۇ. دۆلەت مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا غايەت زور مەبلەغلەرنى سېلىپ «مەكتەپ» ئېتى بارنىڭ ھەممىسىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت ۋە زور قوللاش، مەدەتلەر بولۇۋاتقان تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتتە، بۇ ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتىمىزمۇ ياكى مۇشۇنداق كېتىۋىرەمدۇ دېگەن مەقسەتتە مۇنازىرە قىلىپ بېقىشقا سۇنغان ئىدىم.
ھۆرمەتلىك «تىلەكداش» ئاتلىق ئەپەندىم:
ناۋادا سىزمۇ كېچە-كۈندۈز، ھېيىت-بايرام، تەتىل-دەم ئېلىشلار يوق ھالدا دەرسىڭىزنى قويۇپ، ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئارخىپ، قەغەز دۆۋىسىدە يۈرگەن بولسىڭىز......... ۋە ياكى كۆز ئالدىڭىزدىكى بىلىمگە ئىنتىلىپ تۇرغان، سىزنىڭ دەرسكە ۋاقتىدا كىرىپ دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ خاتىرجەم سۆزلىشىڭىزنى، دەرسلىك كىتاپلارنى تۈگىتىپ، خۇشال-خۇرام تەكرار قىلىشقا تەشنا بولغان، قەلبىگە زور ئازرۇ-ئارمانلارنى پۈككەن ئۆسمۈرلەرنى ئويلىغان بولسىڭىز ئاندىن ئاشۇنداق مۇھىتتا تۇرغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى ئازىراق چۈشەنگەن ۋە بۇ تېمىنى يازغان ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بار ئىكەن دېگەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئالىملارچە» پەرىزىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويمايتتىڭىز. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار چارچىدى، ھاردى، ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئىنسان. گەرچە بىر قىسىم تەييارتاپ، نانقېپى، مۇئاش ئېلىشنىڭ كۇيىغا كىرىۋالغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەۋجۈت بولسىمۇ ئەمما ئۇنداقلار يەنىلا ئاز ساندا.
شۇڭا شۇنداق خىتاپ قىلىش كېرەككى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۈيۈنىشكە، ئاسىراشقا، قەدىرلىنىشكە ۋە قوغدىلىشقا مۇھتاج. ياشىسۇن ئوقۇتقۇچىلار! |
|