كۆرۈش: 217129|ئىنكاس: 484

ئوقۇتقۇچىلار توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ باقايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق ئېگىلەر سۇنم

UID
6474
يازما
46
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1552
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 13:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار، ۋەتەننىڭ كېلەچەك ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەش يولىدا مىننەتسىز، تەماسىز جاپا چېكىۋاتقان قەدىردان ئۇستازلار، ھەممىڭلارغا  سالام يوللايمەن.
پارتىيە مەركىزى كومېتىتى،گوۋۇيۈەن ئىزچىل تۈردە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ ئاز سانلىق مىللەت زىيالىلىرىنى، پەن-تېخنىكا تايانچ خادىملىرىنى تەربىيلەشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى، نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىرىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى.
2010-يىلى 5-ئايدا مەركەز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى چاقىردى.
دىيارىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەمەلىي ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ھەممە خەلق ئۈچۈن دەيدىغان خىزمەت كەيپىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
خوش، ئۇنداق بولسا شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك.
مېنىڭچە بولغاندا ئاساسىي قاتلاملاردىكى مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئەڭ ئاۋۋال ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ تەلىپى بويىچە تەپەككۇردا، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.
مەن تۆۋەندە ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپ ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. چۈنكى خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەر ئىشلەپ ئاندىن يۇقىرىغا چىقىرىدىغان بولغاچقا موشۇ ھەقتە توختىلىشنى توغرا تاپتىم.
مەكتەپ رەھبەرلىرى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
بىرىنچى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى
مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى. مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجراچىسى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ياكى تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى باش جاۋاپكار. مەكتەپنىڭ مالىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرغۇچى، تەرتىپكە سالغۇچى. مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە بىۋاستە قۇماندانلىق قىلىپ، مالىيە، ئارقا سەپنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى باش قۇماندان. قانۇن بويىچە ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىسى.
ئىككىنچى، مەكتەپ پارتىيە ياچىكا شۇجىسىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى
مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىددىيۋى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى، سىياسىي مۇقىملىق، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.
مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى پارتىيە ياچىكىسى يىغىنىدا قارار قىلىدۇ ۋە ياچىكا يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. لېكىن بۇ دېگەنلىك ياچىكا يىغىنىدا نېمە دېسە شۇجىنىڭلا دېگىنى ھېساپ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس بەلكى ئالاقىدار سىياسەت، ھۆججەتلەرنىڭ روھى ۋە خىزمەت تەقسىماتى  بويىچە خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ ياخشى ئىشلەش دېگەنلىك بولىدۇ.
ئۈچىنچى، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنڭ مەسئۇلىيىتى
مەكتەپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە ۋە سىياسىي، ئىددىۋى تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.
تۆتىنچى، مەكتەپنىڭ ئىلمىي بۆلۈم، ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈم قاتارلىق ئىشخانىلار ۋە ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى
يۇقارقى بۆلۈم ئىشخانىلار ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى تەستىقلاپ ئەنگە ئالغان. ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىمۇ مائارىپ ئىدارىسى ھۆججەت چىقىرىپ تەيىنلىگەن كادىرلار بولۇپ، ئۇلار مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك. لېكىن ئۇلارمۇ ئوقۇتقۇچى بولغاچقا باشقىلاردىن ئالاھىدە بولىۋالسا بولمايدۇ.
يۇقىرىدا مەكتەپنىڭ تەشكىلىي قاتلاملىرىنىڭ رولى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدۇق. ئەمدى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى1-خىزمەتكە ئىچىپ گاراڭ بولۇپ كەتكەن كاللىسى بىلەن كېلىدۇ. ئېغىزىدىن ھاراق پۇراپ تۇرغان ھالەتتە يىغىن ئاچىدۇ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋارقىرايدۇ. ئاغزىدىن ھاراق پۇرىقى تېخى كەتمىگەن.
2-بىر مەۋسۇم ئۆتۈپ كەتكىچە سىنپقا كىرىپ دەرس ئاڭلاپ باقمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، دەرسنىڭ ئۆزلىشىشى قانداق دېگەنلەرنى ئىگەللىمەي كەچكىچە ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش.
3-ئاچچىقى بەك يامان، چېچىلاڭغۇ، قېنى قىززىق. ئوقۇتقۇچىلار گىپى بولسا يۈرەكلىك دېيەلمەيدۇ ياكى گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ بولغۇچە تىل-دەشنام ئىشىتىدۇ.
4-قارىغۇلارچە، ئاساسسىزلا باشقىلارغا يان بېسىش ئەھۋاللىرى ئېغىر. ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى يىغىندا بىر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرسا ئۇنىڭ بەزىبىر ئامراق كىشىلىرى دەرھاللا بۇ ئىشنى بۇزۇۋېتىدۇ. ياكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گەپلىرى بۇ ئامراق كىشىلىرىگە ئۆتمەيدۇ. مانا بۇ بەزىلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى تۆگىمەس سورۇنلارغا باشلاپ قۇيرۇقىنى تۇتىۋالغانلىقى بولماي نېمە!!!
5-ئادەتتىكى مەسىلىلەردىمۇ پەقەتلا ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ ياكى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىر ھەق گەپ قىلىپ مەكتەپ ئىچىدىكى كىچىككىنە  زىددىئەتلەرنى ھەل قىلماي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ ياكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. نەتىجىدە بەزى مەسىلىلەر بىخ ھالەتتىلا يوقىماي تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.
6-مەكتەپنىڭ مالىيە خادىملىرىغا ھەددىدىن زىيادە يان باسىدۇ. مالىيە خادىملىرى خالىغانچە مۇئاشىڭىزدىن تۇتىۋېرىدۇ. مۇئاش تارقىتىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان مۇئاش جەدىۋىلىڭىزدىكى پۇلنىڭ سانى بىلەن كارتىڭىزغا چىققان پۇلنىڭ سانى ئوخشىمايدۇ. تېخى نۇمۇس قىلماي سىزدىن توك، سۇ پۇلى تۇتىۋالىدۇ (ئۆيىڭىز مەكتەپتە بولمىسىمۇ)، بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسىڭىز دەرھاللا ئۆكتىخور، ئەرزخۇر دېگەندەك لەقەملەرنى سىزگە ئاشۇ بالاخور، تەمەخورلار بىردەمدىلا سوۋغا قىلىدۇ-دە، يەنە دەشنام ئاڭلايسىز.
7-رۇخسەت بېرىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، سىز تەتىل، ھېيىت-بايرام، شەنبە-يەكشەنبە ھەتتا كېچىلىرى ئىشلىسىڭىز ھېچنىمە يوق، ھەتتا مۇئاشىڭىزدىن تۇتىدۇ، مەكتەپنىڭ ئىشلىرىدىن قېچىپ يۈرگەنلەر سەككىز سائەتلىك تۈزۈم بىلەن ئىشلەيدۇ ھېچكىم ئۇلارنىڭ مۇئاشىنى تۇتمايدۇ. ئارتۇق ئىشلىگەنگە ھەق بېرەلمىگەندىكىن رۇخسەت سورىسا  مۇئاش تۇتمىسا ياكى ئارتۇق ئىشلىگەن ۋاقىتقا توغرىلاپ رۇخسەت بېرىپ مۇئاشقا چېقىلمىسا بىر كىم ئۇلارنى بىر نېمە دېمەستى. گەپنىڭ توچكىسى ئىشلىگەنلەر بىلەن ئىشلىمىگەنلەر ئېنىق ئايرىلمىدى. ئۈنۋاننىڭ يوغىنىنى ئالغانلار ئەمەلىيەتتە خىزمەتنىڭ يەڭگىلىنى قىلدى.
8-بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى ساپا مائارىپى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى، قوش تىللىق ئوقۇتۇش قاتارلىقلارنى تولۇق چۈشەنمەي كۈچەپ ۋارقىراپ ئوقۇتقۇچىلارغا زور بېسىملارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە ئاران يازالايدىغان مۇدىرلار خەنزۇچە بىلمىسەڭ خىزمەتتىن تازلىنىسەن دەپ ئۆزىچە ئوقۇتقۇچىلارغا ھەيۋە قىلىپ كەلدى.
ئۇنداقتا بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ خەنزۇچە بىلمەيدىغۇ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىنى خىزمەتتىن بوشىتىپ، خەنزۇچە دەرس ئۆتەلەيدىغانلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ ئۆزى تەرجىمان ئىشلىتىپ پادىشاھنىڭ سازەندىلىرىدەك بولىۋالماقچىمىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپ مۇدىرى دېگەن ھوقۇقى ئالەم بىنا بولغاندىن باشلاپلا ئۇلارغا تەقسىم قىلىنمىغان بولغىيتى.
دۆلەتنىڭ ھېچقانداق قانۇن-نېزام، سىياسەت ۋە ھۆججەتلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە خىزمەتتىن توختات، خالىغانچە مۇئاشىنى تۇت، خالىغانچە ئۇر، ياكى باشقىلارنى كۇشكۇرتۇپ ئۇرغۇزۇۋەت، ئادەم توپلاشقان جايدا ياكى چوڭ يىغىندا ئىسمىنى ئاتاپ تىللا، ھاقارەتلە، ئۆچ ئال  دېگەن مەزمۇنلار يوقتىغۇ؟! دۆلىتىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى قۇغداش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» نى تۈزۈپ يولغا قويغان ئىدى.
بىر قىسىم ياچىكا شۇجىلىرى
مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ياچىكا شۇجىسى ئۆز-ئارا كېلىشەلمەيدىغان، پۇت تېپىشىدىغان، ھەتتا ھوقۇق تالىشىپ زىددىئەتلىشىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر.
1-مەكتەپنىڭ شۇجىسى ئۆز خىزمىتى بىلەن بولماي، ھە دېسىلا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دائىرىسىگە ئارلىشىۋالىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى سىزگە بىر ئىشنى تاپشۇرسا، شۇجىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىر ئىشنى سىزگە تاپشۇرۇپ مۇدىرنىڭ ئىشىنى پۇتلايدۇ.
2-مەكتەپ مۇدىرى چوڭ يىغىندا بىر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرسا، شۇجىمۇ چوڭ يىغىندا باشقا بىر ئىشنى يەنى مۇدىرنىڭ بايا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشىغا زېت كېلىدىغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان يەنە بىر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ياكى زېت گەپ قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە باشقىلار بۇ ئىككى باشلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەسكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ-دە مەكتەپنىڭ ئىچىدە گوروھۋازلىق، خۇشامەتچىلىك ئەۋج ئالىدۇ، بارا-بارا زىددىئەت پەيدا بولۇپ ئوقۇتۇش تاشلىنىپ قالىدۇ. زىيان ئوقۇغۇچىلارغا، جەمئىيەتكە، دۆلەتكە بولىدۇ.
3-مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا رۇخسەت سوراپ كىرسىڭىز مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن رۇخسەت بەرمىگەندە مەكتەپنىڭ شۇجىسى دەرھاللا سىزگە نەچچە كۈنلۈك، ھەتتا ھەپتىلىك رۇخسەت بېرىۋىتىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن تەرتىپ بۇزۇلىدۇ، سىنپقا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيدۇ، دەرس كېيىن قالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسە يۇقىرىدىكىلەر مەكتەپ مۇدىرىنى تۇتىدۇ-دە، شۇجى تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرۇۋېرىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئوسال بولىدۇ.
4-شۇجى مەن نازارەت قىلىمەن دەپ ھە دېسىلا ئۇششاق ئىشلارغىمۇ ئارلىشىۋالىدۇ. گوروھۋازلىق قىلىپ مەكتەپ مۇدىرىنى پۇتلايمەن دەپلا تۇرىدۇ. ئوقۇتۇشنىڭ، 2-دەرسخانا پائالىيەتلىرىنىڭ ئىشلىرى سەل ئالغا بېسىپ بولغۇچە شۇجىنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالىدۇ-دە ئۇمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا تازا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بىر قانچە تۈزۈمنى تۈزۈپ چىقىپ ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈشكە ۋاقىت چىقىرالماسلىقتەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. يەنە ئىككى ئارىلىقتا تەڭلىكتە قېلىۋاتقىنى يەنە شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىلار.
5-شۇجى بار ئامالى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتمەكچى، ھەتتا مالىيە ھېساباتلىرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، مەخسۇس كۆز-قۇلاقلارنى قويىدۇ. ئازراقلا يىپ ئۇچىغا ئېرىشسە ھەممە ئادەمگە دەپ كېچىككىنە ئىشلارنى كۆپتۈرۈپ يۈرۈيدۇ.
6-ئەسلىدە مەكتەپ مۇدىرى ئىمزالاشقا تېگىشلىك ھۆججەت ياكى ئىلتىماسلارغا شۇجى ئۆزىچە قول قويىۋېرىدۇ. شۇ قۇيرۇقى تۇتۇلۇپ قالغان ياكى ئاغزى ئېتىلىپ قالغان مۇدىر گەپ قىلالماي دەردىنى ئېچىگە يۈتۈپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.
7-مەكتەپتىكى تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىشلەر بىلەن كارى يوق. كەچكىچە تۈزۈم تۈزۈپلا تۇرغان. ئۇ تۈزۈمگە ئۆزى باش بولۇپ رىئايە قىلمىغان.
8-مەكتەپتىكى ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى خالىغانچە ئۆستۈرىمەن، قالدۇرىمەن، ۋەزىپىگە تەيىنلەيمەن دەپ ئاخىرىدا كىم قايانغا يىتىلىسە شۇ يانغا مېڭىپ خەقنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالغان.
مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى
بىر قىسىم مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى
بۇلار ئۇنداق-مۇنداق يوللار بىلەن ئوتتۇرا قاتلامغا كىرىۋالغان. خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىمەيدىغانلىرى ئاز.
ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى ئاساسلىقى:
غەيۋەت قىلىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ باشلىقلىرىغا چېقىشتۇرۇش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىما قىلىش؛ خالىغانچە ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزىنىڭ دەرسىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا يۈكلەپ قۇيۇش؛ ئۈنۋاننىڭ يوغىنىنى ئېلىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك پىلان-خاتىرلىرىنى تەھرىر، مۇھەررىرلەردەك تەكشۈرۈپ ئۆزىچە كۆرەڭلەپ باھا بېرىش؛ دەرس سائىتى ئاز بولۇش؛ سورۇنلاردا ئولتۇرۇشۇپ بېرىش ۋاقتى كۆپ بولۇش؛ زىدىيئەتلەرنى بېسىقتۇرماي ئەكسىچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ھاقارەت قىلىش؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش؛ ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىش؛ ئۆزىدىن باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق؛ ئىشخانىدا بىكار ئولتۇرۇش ياكى خىزمەت ئورنىدا تۇرماسلىق؛ كېچىكسە، رۇخسەت سورىسا مۇئاشى تۇتۇلماسلىق؛ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىش؛ كاتىپ ياللاش قاتارلىقلار بەزى مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا.
ھۆرمەتلىك تورداشلار، پەن-تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، مائارىپ ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان، رىقابەت كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە، ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەر، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار كاللىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە سەگەك تۇتۇپ، پارتىيىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئەستائىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچىلكدە ئىدىيدە، تەپەككۇردا، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلارغا خالىغانچە خالىغانچە جېرىمانە قويۇش، خالىغانچە مۇئاش تۇتۇش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىيىش قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بولاڭچىلىق. ئىشخانىدا ئايرىم سۆزلىشىپ تەربىيە بېرىدىغان ئىشلاردىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ، چوڭ يىغىندا ئىسمىنى ئاتاپ زەھەردەك گەپلەرنى قىلىش، ئادەم توپلاشقان يەردە تىللاش، ھاقارەتلەش، قول تەككۈزۈش؛ پايدىلىق تەكلىپلەرنى بەرگەنلەردىن ئۆچ ئېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرىغا، شەخسىيىتىگە، كىشىلىك-قەدىر قىممىتىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان ئىشلارنىڭ ئۆزى قانۇنسىزلىق ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا زېت.
رەئىس خۇجىنتاۋ، زۇڭلى ۋىن جىياباۋلارمۇ باشتىن-ئاخىر خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەپ كەلدى. شۇڭا خەلقىمىز ئۇ داھىيلارغا «ياخشى شۇجى»، «مېھرىبان زۇڭلى»دېگەندەك ئاددىي ئەمما شەرەپلىك، يېقىشلىق ناملارنى بەردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن ۋە رەئىس نۇر بەكرىلەرمۇ كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي خەلقنىڭ غېمىنى يەپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن، دېھقانلار بىلەن دوستلارچە سۆھبەتلىشىپ، خەلقنىڭ دەردىگە يېتىۋاتىدۇ، ياخشى، ئەەەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلاۋاتىدۇ.
ئۇلار كوممۇنېست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاددىي-ساددىلىق، مېھرىبانلىق بىلەن ئەل ئارىسىغا چۆكۈپ خەلقنىڭ ھالىغا يېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىلمىي تەرەققىيات. مانا بۇ ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىك. خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەنلىك.
خوش، ئەمدى ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسم مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلاملاردىكى «ئالىي دەرىجىلىك ھوقۇقدارلار»:
سىلەر بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆزەڭلارنىڭ كونا سەنىمىڭلارغا دەسسسەۋىرەمسىلەر ياكى كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن كوممۇنېستىك غايە-ئېتقادقا ئىگە بىر تۈركۈم ئىختىساس ئېگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «قوش تىللىق»ئوقۇتۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە-دۆلەت ئۈچۈن ئۆزەڭلارنىڭ خالىسانە تۆھپەڭلارنى قوشامسىلەر؟ بۇنى ئۆزەڭلار ئەمدى قاتتىق ئويلانمىساڭلار بولمايدۇ. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈن مەملىكەت شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىپ نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان يەردە، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ پۇقراسى، دۆلەت كادىرى، شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەۋلاد تەربىيسىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيىگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمىسەك، ياخشى جاۋاپ قايتۇرمىساق بولماس، ئەلۋەتتە!  

ئەسكەرتىش:بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىرى نوقۇل ھالدا بىرەر جاي، بىرەر مەكتەپ ياكى مەلۇم شەخىسلەرگە قارىتىلمىغان. بۇ ھازىر بىرقىسم جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولغاچقا، تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلغاندا سالماق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەكتەپلەردە ياخشى تەرەپ ۋە نەتىجىلەر ھامان ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.]

ھەق ئىگىلەر سۇنماس ، شۇڭا ساڭا باش ئەگمەيمەن.

UID
7028
يازما
110
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 19:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ،ئادەم تەربىيلەيدىغان ئادەم چۇقۇم ئۆزىنىڭ قىممەت قارشىنى توغۇرلاش كىرەك ..ئىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئويلايلى.ئۈمۈدۋارلىق ،دورۇس يول ،ۋىجدان-مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،بىز ئاشۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نىمە قىلىپ بىرەلەيمىز دىگەننى ئويلايلى

باھا سۆز

.nawbar  شۇ ندا ، بولۇپمۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدە بۇندا ئىشلا ھەقىقەتەن كۆپ ..  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 21:23:23

UID
7446
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2010-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 19:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرھەق  !!
مائارىپمىزدا  ھەقىقەتەن  ئاتالمىش <<مائارىپچى  >> نان قىپىلار  كۆپ .  لىكىن بۇلارمۇ  يىلدىن يىلغا  ئازىيۋاتىدۇ  .   بۇبىر  ياخشى  ئىش .   شۇڭا   مائارىپىممىزنى  بولۇپمۇ مىللى  مائارىپىمىزنى  تەرەققى  قىلدۇرۇشقا   ئۇزۇن  ۋاقىت  كىتىدۇ .  
مەسلىنىڭ  سەۋەبلىرىنى  يەنە ئوقۇغۇچىلاردىن  ،ئائىلە  باشلىقلىرىدىنمۇ   ئىزدەشكە  توغرا  كىلىدۇ  .  ئەلۋەتتە جەمىيەتنىڭ ، سىياسىنىڭ    رولىمۇ   بۇنىڭ   سىرتىدا  ئەمەس .
ئۇنىڭ   ئۈستىگە  ھازىرقى   ئالى مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا  كەڭ   دائىردە  نەزەر  تاشلاپ   باقايلى !
ئەڭ  ئاددىيسى ئۆزىمىزگە  نەزەر  تاشلايدىغان  بولساق  ،  ئالدىنقى    كۇندىكى << سۇ-ئوت>>   ئەپەندىنىڭ   ماقالىسىگە  نەزىرىمىزنى  ئاغدۇرغانلار   قانچىلىك ؟
مىنىڭچە   مۇنازىرە  مۇنبىرىنىڭ    ئىسمىدىنلا   چىقىپ   تۇرۇپتۇ ،   دىمەك  مۇنازىرە  قىلىمىز ،  شۇنداققۇ؟!   ئارىمىزدا  نۇرغۇن  ئۆتكۈر  پىكىرلىك  كىشىلەر   بولۇشى  مۇمكىن ،..
ئەنە   ئەشۇنداق مۇنازىرىلەر   جەمىيىتىمىزنى   ئىلگىرى  سۈرىدۇ ،   ئىجتىمايىتىمىزنى   تەرەققى   قىلدۇردۇ . ..  
يەنە   بەزى  گەپلەرنى  ئايرىم  بىر  تېما  يىزىپ   توختالمىسام  بولمىغۇدەك !
لىكىن   شۇنى  دەپ  قويۇشنى  لايىق   تاپتىم  :
بىزمۇ  ئۇنداق   <<  قىچا تېرىماي  ماي  يەيدىغان ،  پادا  باقماي   ياغ يەيدىغان >>لاردىن  بولمايلى !

باھا سۆز

Kizilkozz  قايسى ئوقۇتقۇچى كىلياڭغا قەرزدار بوپ قالدىڭلار،قارىغاندا كۆرگەن بىلگىنى ئازكەندە،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 02:04:20

كۆيۈمچان ئەزا

ئىمىنجان ھىدايە

UID
6838
يازما
131
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3851
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-8
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 20:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز  ! بىراق .......................... ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار   قانداق تەربىيلىنىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز ! ھەممىسى مۇھەببەتلىشىدۇ  !  ئوقۇتقۇچىلار  ئوقۇتقۇچىلاردەك  كىيىنمەيدۇ  ! چاكىنا
    ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدۇ !  ھەتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ  ئۇنتۇپ قالاي دەۋاتىدۇ !  ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئنسان ............... قانچىلىك مەدىيلىسەك ئەرزىيدۇ  بىراق  ھازىر ئوقۇتقۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارنى يارتىپ بەرسە ئىش ھەققىنىمۇ قاتلاممۇ قاتلام ئۆستۈرۈپ بەرسە خىجىل بولماي  ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنى ھەقىقى تەربىيلىيەلمەيۋاتىدۇ ! ئىسىت سىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغىنىڭلار !   ئوبدان ئويلىنىپ بىقىڭلار ؟؟؟؟؟ .......................... نېمە تەربىيلەۋاتىسەر ؟ بىر تۈركۈم دەشقال كىرەكسىز كۆپۈك .  .......... شۇنى بىلەمسىلەر !   قىنى سىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق مەسئۇلىيەت ؟ قىنى سىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازى ................... ؟ ئەخمەتجان قاسىمنىڭ بىر كۇبلىت شېئىرنىمۇ بىلمەيسىلەر !
    قىسقىسى  ئوبدان ئويلىنىپ بىقىڭلار   جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مائارىپتا ! مائارىپنىڭ تەرەققىياتى  سىلەرگە ئوخشاش ئوقۇت قۇچىلاردا ئەمەسمۇ ؟  قىنى ئۇ تەرەققىيات  ............... قىنى قايسى ئوقۇتقۇچى مەن مۇنداق تەربىيلىدىم دىسۇن !    بۇنداق دىسەم بىرقىسىم ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنىڭ زىتىغا تگىپ قويماي ئۇلار بولسا  ئابدۇقادىر جالالىدىن ، راھىلە داۋۇت ، ئەسئەت سۇلايمان ، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى ، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرقىسىم ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچىللىرىمىزمۇ بار   مۇھەممەت كامال خۇشخۇيدەك ئوقۇتقۇچىللىرىمىزمۇ ھەم بار بۇلارنى خەلىق تونۇيدۇ .
  بۇنداق دىسەم سىز يازغۇچىلارنى دەپ ئويلىماڭ  ئۇلاردا بىر خىل مەسئۇلىيەت بار  ئۇ مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز ؟  ھەي نادان ئوقۇتقۇچى   بىز سىزدىن نىمى كۇتىمىز
   خوتەن گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزا
چ چ 1395898567

باھا سۆز

boran11  سىزمۇ ئوقۇتقۇچىما.....خىزمىتىڭىزدىن زىرىكتىڭىزمۇ؟؟؟؟؟؟.......  يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 21:58:30
anargul55  كىلياڭ ماارىپتىكى قايسى تۆھبىسى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى بۇنچە ھاقارەتلەيدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 14:53:46
Kizilkozz  قايسى ئوقۇتقۇچى كىلياڭغا قەرزدار بوپ قالدىڭلار،قارىغاندا كۆرگەن بىلگىنى ئازكەندە،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 02:05:12
.nawbar  مەنچە.... توغرا دەيسىز!!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 21:30:05
suygumanzili  ئەخمەت جان قاسىمى شېئىر يازغانمۇ؟ سىز يوللاپ قويۇڭە، ئوقۇپ باقايلى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 22:02:37

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
25559
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-22
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 20:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى......
شەخسەن مەن ئۆزۈم ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ھۆرمەتلەيمەن! ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسان دەپ ھەم قارايمەن! تولۇق ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مەسئولۇم بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن سوقۇشۇپ قالغان بالىغا مۇنداق دېگەن: ھېلىغۇ سېنىڭ توغرىكەن، ئەگەر ئوقۇتقۇچى يۈزۈڭگە تۈكۈرۈپ قويسىمۇ، قولۇڭ بىلەن ئېرتىۋېتىپ، بېشىڭنى سېلىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك! چۈنكى ئۇ ساڭا ئىلىم ئۆگەتكۈچى دېگەن!

مەن ئوقۇتقۇچىلىرىم بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان، ھەم ئەڭ چىقىشالمايدىغان! ئادەم  مۇكەممەل بولمايدۇ، ئەلۋەتتە، مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بولمىغان جايلىرىنى كۆرسىتىمەن دەپ داۋاملىق گەپ تەگىشىپ قالاتتىم، لېكىن ھەرگىز ھۆرمەتتىن چەتنىمەيتتىم، مەسلەن، ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سىنىپقا كىرگەندە سېغىز چاينىسا، سەت گەپلەر بىلەن بىزنى تىللىسا، ھاقارەتلىسە، ئورۇنسىز دەرس ئۆتمەي، تەكرار قىلىڭلار دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا دېگەندەك.... بۇ ھەرگىزمۇ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ! مەن مۇئەللىم كىتاپ ئوقۇسا بولمامدىغاندۇ؟ بىزگە دەرس ۋاقتىدا دەرستىن سىرتقى بىلىملەرنى ئىزدىنىپ ئۆگەتسە بولمامدىغاندۇ دەپ قارايتتىم، لېكىن كېيىن ئۇلارنىڭ دەرستىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تەسىرات يېزىش، پىلان خۇلاسە، سىياسىي ئۆگىنىش..... دېگەندەك ساماندەك ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ دەرس تەييارلىقى، ۋە تاپشۇرۇق تەكشۈرەشكە ۋاقىت چىقىرالىغانلىقىغا ھەيران قالغان!
شۇڭا يوقۇرىقى ئوقۇتقۇچىلار نېمە ئۈچۈن ماتىرىيال كۆرمەيدۇ دېگەننى ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويساق مەن قەتئىي قارشى! سىز ئوقۇتقۇچى بولۇپ بىر ئاي ئىشلەپ بېقىپ ئاندىن سۆزلەڭ! مەنغۇ ئوقۇتقۇچى ئەمەس، لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمغا ياردەملىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ دەردىنى ياخشى بىلگەن، ھەم بىلىمەن! بۇنى مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن كۆرۈش كېرەكمۇ؟ مائارىپ ئىدارىسىدىن كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى..........
بىر مۇئەللىمىم، مېنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن دېيىشىپ قالغانلىقىمنى، ئۇنىڭ دەرس سائەتىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمنى ئاڭلاپ (كېيىن كەچۈرۈم سورىدىم، ۋە پۇشايمان قىلدىم) مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئۇستازىڭ بىلەن ئاتاڭ بىر كۈندە ۋاپات بولۇپ قالسا، سەن ئۇستازىڭنىڭ مىيىتىنى ئۇزىتىۋېتىپ ئاندىن ئاتاڭنىكىگە بېرىشىڭ كېرەك! چۈنكى سېنى ئادەم قىلغان ئاتاڭ بولسا، ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىڭنى تونۇتقىنى مۇئەللىم، ئۇستاز  دېگەن!

شۇنداق، ئوقۇتقۇچىلار توپىدا بىر قىسىم ئەھۋاللار مەۋجۇت! لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، ئەۋلادلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس!

UID
6643
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1711
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-17
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 21:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىشىمىز.كىلياڭ ئەپەندىمنىڭ سۇزى ناھايتى ئۇرۇنلۇق قۇللايمەن.تۇغرا يەسلىدىمۇ شۇنداقتى.ھازىر ئۇغلۇم مەكتەپتە مەكتەپكە ئالغىلى بارسام خانىم- قىزلانى كۇرۇپ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى قەتتى كۇرمىدىم.بىربىرسىنى قۇغلىشۋاتقاندەك سەندىن مەن قالارمەنمۇ دەپ.بۇرۇنقى ئۇقۇتقۇچىلارغا قىيا بىقىپ يەنىلا ئۇلارنى ھۇرمەت قىلمەن.رەخمەت تىما ئىگىسگە.تەشەككۇر

UID
2091
يازما
1583
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50537
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-6
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 21:28:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەممىمىز ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزنى تۈگىتىپ مانا نورمال خىزمەتلىرىمىزگە چۈشۈپ كەتتۇق ، شۇ قاتاردا yanarئەپەندىنىڭ بۇ مۇنازىرە تېمىسىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز . خوش؛  yanar  ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ! سىزنى مۇنبەر يۈزىدە كۆرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ ،ئۆتكەندە سىز بۇ تېمىنىڭ  كىچىكرەك دائىرسىنى يوللىغانتىڭىز  مەن ئوقۇپ ، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەچ خېلى ئاچچىق ئىنكاس يازغانتىم بەلكىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتكەندۇ ،چۈنكى ئۇ تېمىڭىز كېيىنكى كۈنىلا مۇنبەردىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ .  زادى كىم ئۆچۈرگەندۇ ؟ دەپ بەكلا ئەپسوسلانغان ئىدىم شۇ تېمىڭىزدىمۇ يۇقىرقىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجوتلىقىنى بايان قىلىپتىكەنسىز ،  مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى ھەم كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى قويغانتىم . ئەمدى بۇ تېمىڭىز نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ بەكلا خوش بولدۇم . مۇنبەردە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىشىنى  ئۇلۇق باشقۇرغۇچىلاردىن تىلەيمەن !
       رىۋايەت؛ بىر دېھقان بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ ، دېھقان دەپتۇ ؛ مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا شۇ بالىلارغا بىر كۈن دەرس ئۆتەي ،سەن بېرىپ مېنىڭ يېرىمنى سۇغارغىن دەپتۇ . ئوقۇتقۇچى ؛ياق بولمايدۇ ،يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى ! سەن بېرىپ يېرىڭنى سۇغارغىن ، مەن بېرىپ دەرسىمنى ئۆتەي دەپتۇ ، دېھقان زادىلا ئۇنىماي تۇرىۋالغاچ  ئوقۇتقۇچى بېرىپ دېھقاننىڭ يېرىنى سوغۇرۇپتۇ . دېھقان زور ئىشەنچ بىلەن سىنىپقا كىرىپتۇ دە ئوقۇغۇچىلارغا ؛ مەن بۈگۈن سىلەرگە دەرس ئۆتىمەن دەپلا يەر تېرىشتىن باشلاپ ھوسول ئالغۇچە ، يەر سۇغارغىچە بولغان ھەممە ئىشنى سۆزلەپتۇ . 40مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ھەممىنى سۆزلەپ تۈگۈتۈپتۇ . ئاخىرىدا نىمە سۆزلەشنى بىلەلمەي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلمۇ -خىل سۇئاللىرىغا  جاۋاپ بېرەلمەي قالغان دېھقان ۋاي بولدى ، بېرىپ يېرىمنى سۇغىراي ئوقۇتقۇچى يەنىلا دەرسنى ئۆتسۇن دەپتۇ .
     بەلكىم سىز بۇ قىسقىغىنە جەرياندىن مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز .
    مەن بۇ ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان مائارىپ توغرىسىدا  مۇنبەردە بىرنەچچە تېمىلارنى ئوقۇدۇم ھەم ئىنكاسلارنى يازدىم ، ئۆزەممۇ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ھەم سىنىپ مۇدىرى بولغاچ ئەشۇ تېمىلاردىكى ۋەقەلەرگە چىداپ تۇرالماي ، < 21-ئەسىردىكى سىنىپ مۇدىرلىرى > دىگەن ماقالەمنى يازدىم . تەپەككۇرى كۈچلۈك بولغان مۇنبەرداشلىرىم ئوقۇپ ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ ، بەك خوش بولدۇم .
     دۇنيادا 100% ئالتۇن بولمىغىنىدەك مۇكەممەل ، ھەممىدە كامالەتكە يەتكەن ئادەممۇ بولمايدىكەن . پەقەت بىزنى ياراتقۇچىمىزلا ھەممىگە قادىر ! مەن بۇنداق دىيىش  ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان خاتالىقلارغا ئىزچىل يول قويۇش كېرەك دىمەكچى ئەمەسمەن ، 21- ئەسىرنى بىز رىقابەتكە تولغان دەۋىر ،ئىلىم -پەن دىۋىرى دەپ  بار كۈچىمىز بىلەن  توۋلاپ كېلىۋاتىمىز ، ئۇنداقتا بۇ نوقتىنى زادى قەيەردىن باشلاش كېرەك ؟ مانا بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ،    < ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشقا بولىدۇ ، مائارىپتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى ھەرگىزمۇ قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ > بۇ ھەقىقەتقۇ ، ئەجىبا ئەشۇنداق لاياقەتسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەسما ؟ ئىشخانىسىغا كىرىپ بېقىڭ  بۇ  خەتلەر چوڭ جازىغا ئېلىنغاندۇ بەلكىم ، ئۆتكەندىكى تېمىڭىزدا دەپ ئۆتكەندەكلا يىل ئاخىرىدىكى مۇدىرلارنى باھالاش يېقىنلاشقانسېرى ئۇلار يۇمشاپ لەمپۇڭدەك بوپ كېتىدۇ دىگەن قۇرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئاچچىق كۈلۈپ كەتكەنتىم ، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىمۇ مۇدىر شۇجىلىرىمىز بار ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئارىلىق يوق دىيەرلىك ، خىزمەت ۋاقتى بىلەن خىزمەتتىن چۈشكەن ۋاقىتنىڭ پەرقى بولىشى كېرەكقۇ ، بىزنىڭ مەكتەپنى ئېلىپ ئېيتساممۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىرىنى قەرەللىك ئاڭلاپ تۇرىدۇ ،شۇنداق كىچىك پېئىل ،قىزىقچى يۇمۇرىستىك ، بىزمۇ مۇدىرلارنى كۆرگەندە ھۆرمەت يۈزىسىدىن سالاملىشىپ ئۆتىمىز ھەرگىزمۇ يۇقۇرى تۆۋەنلىك پەرق ھېس قىلمايمىز ، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دەسرى ھەم سىنىپلىرىمۇ بار تېخى بىزگە ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ ،خالىغانچە مۇئاشىدىن تۇتىدىغان ئىشلار ھەرگىزمۇ يوق ،خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىدىغان ئوقۇتقۇچىغۇ ئەسلا يوق مەن بۇ تارىخىمدا ئۇنداق ئوقۇتقۇچىنىمۇ مەكتەپتە كۆرۈپ باقماپتىمەن ، مەكتەپ ئالدىدا چوڭ ۋېۋىسكا ئېسىقلىق ئىستۇتەكسىز مەكتەپ دەپ ، مەكتەپ ئىچىدە مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى سىرتتىن كىرگەن ئادەم بولسۇن ھېچكىم تاماكا چەكمەيدۇ . ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پورمىسىنى كىيىمىز ،گەرچە خەنزۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ مىللى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىزنى كۆرگەن ھامان < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم > دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ . مانا بۇ ھەقىقىي ئەھۋال .لېكىن بىرمۇ ساقتا ئوقۇتقۇچىغا يول قويمايدۇ تۈزۈملەر ئېنىق ، مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بارلىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ھەممىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ بېكىتىدۇ .
     ھازىرقى دەۋىر شاللاش ھەم شاللىنىش دەۋرى رىقابەت بىلىن ئىش ئورنىغا چىقىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە لاياقەتسىز مۇدىرلارنى ھەم شۇجىلارنى چوقۇم يوقىتىش كېرەك ! بۇلارنىڭ كەينىدىكى ھېلىقىدەك چاپان كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان راخمانلارغا ھەرگىزمۇ ئورۇن بەرمەسلىك ،بىلىم ساپاسى يۇقىرى ،يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئورنىغا سەپلەش كېرەك . بۇ ئىشلارنى كىم قىلىدۇ ؟يەنىلا شۇ كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئاممىسى قىلىشى، دادىللىق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرىشى ، مەن دىسەم قوللايدىغان ئادەم يوق بوپ قالامۇ ؟ ئىش ئورنۇمدىن ئېلىپ تاشلىۋېتەرمۇ دەپ ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك ! نوچى بولسا سىزدەك ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن قالدۇرسۇنچۇ قېنى ! ئەجىبا سىزنى قوللايدىغان ھەقىقەتنى ياقلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماسمۇ ؟ ئىشەنمەيەن ، ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ ، ئۇ ھامان دەرۋىرنىڭ تاللىشىغا ئېتىراپ قىلىشىغا   ئېرىشىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن جەريان كېتىدۇ ئەلۋەتتە ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ . بۇ بەدەلنى يەنىلا بىزدەك سىزدەك ۋىجدانى غورورى بىلەن ياشايدىغان ، كاللىسى ئۇيغاق ، ئۆزىنى بېغىشلاچ كۈچىگە ئىگە كىشىلىرىمىز قىلالايدۇ .
    ئەمدى ئۈستىدىكى  kilyang ئەپەندىگە دەيدىغىنىم  ؛ قېرىندىشىم سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز بارمۇ يوق بىلمەيمەن ، لېكىن سىزمۇ چوقۇم شۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەندىڭىزغۇ دەيمەن ! سىزمۇ ئاتا -ئانا بولۇپ بېقىڭ بالىڭىزنى تەربىيەلەپ بېقىڭ ! بىلىپ قويۇڭ بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى دەل ئاتا- ئانا ..... مەكتەپتە ئوقۇدى دىگەندىمۇ  سەككىز سائەتتىن ئون سائەتكىچە ئوقۇيدۇ قالغان ۋاقىتتا بالىڭىز يەنىلا سىز بىلەن بىللە تۇرىدۇ ، سىز بالىغا نىسبەتەن بىر ئەينەك ، بالا ئۆزىنى شۇ ئەينەكتىن كۈندە قانچە رەت كۆرۈپ تۇرىدۇ ، ئاتا- ئانىلار شەنبە - يەكشەنبە كۈندىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ باش ئاغرىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇلغا چىداپ ھەر خىل كورسلارغا بېرىپ ئۆزلىرى ئۇف........ دەپ ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ . ئەجىبا سىز شۇ خەجلىگەن پۇلغا ياخشى كىتاپ ئېلىپ بالىڭىزغا ئوقۇپ بەرسىڭىز ياكى تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەملەشسىڭىز بولمامدۇ ؟؟؟؟ بۇ بالا ئەشۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا تەربىيەلەشىگە مۇھتاجمۇ ؟ ئەشۇنداق لاياقەتسىز ئاتا -ئانىلارنىڭ تەربىيەلىشىدە چوڭ بولغان ئوغۇل قىزلىرىمىز ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلمايۋاتىدۇ ؟ ھە دىسە ئاتا - ئانىسى ئاجراشقان ، 15 ياشقا كىرمەي توغۇپ قويىۋاتقان ، سۈرۈشتۈرسە ساپلا ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى بوپ چىقىۋاتقان !!! مانا بۇلارغا كىم ئەيىپلىك ؟ يەنە ئوقۇتقۇچىمۇ ؟  بىلىپ قويۇڭ مانا بۇ ئىشلارغا سىزنىڭمۇ مېنىڭمۇ مەسئوليىتىم بار ئەلۋەتتە !!!
        ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختىتاي .......داۋامىغا مەن تەييار !!!!!!!!!!!

باھا سۆز

miskin424  سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۇرۇپ شۇنداق مەمنۇن بولدۇم.راس دەيسىز ،كۈڭۈلدىكى سۆز.  يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 13:59:27
ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
7324
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
600
تىزىملاتقان
2010-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 21:45:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى-ئېنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى.ھازىر نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ <<ئىنژىنىرى>>لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن ئاز ساندىكى  ئوقۇتقۇچىلار ئېنسان روھىنىڭ <<بۇزغۇنچىسى>>بولۇپ قىلۋاتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن مىللي مائارىپىمىزنىڭ باشلانغۇچ مائارىپ ئوقۇتۇشى مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقىي مەنىدىكى باشلانغۇچ مائارىپ ،يەنى ئەۋلادلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا باشلايدىغان مائارىپ ئەمەس.ئەسلىدە باشلانغۇچ مائارىپ دېگەن ئەۋلادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاچىدىغان، ئەۋلادلارنى توپىلىق يولداياكى تاش يولدا مېڭىشىغا يول كۆرسىتىدىغان مەشئەل بولۇشى كېرەك ئىدى،لىكىن بۇ ئورۇنلار ھوقوق -ئەمەل تالىشىش،مۇناسىۋەت باغلاش،ئۆزئارا بەسلىشىش.................لارنىڭ سورۇنىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقان ئىشلار ھېلىمۇ نۇرغۇن.بولدى ،كۆپ سۆزلىمەي.
باشقىلارنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىمىز ھەققىدە قانداق كۆز-قاراشلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا!

باھا سۆز

alaman  سىز ئەركەكتەك گەپكىلىپسىز،  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 15:09:31
بۆرە  روھى ئۇيغۇرۇمغا يار بولسا

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
25559
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-22
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 21:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مائارىپ توغرىسىدا گەپ ئېچىلسىلا ھەممىمىز ئوقۇتقۇچى ئۇنداق مۇنداق دەپ كېتىمىز. لېكىن مائارىپ سېستىمىمىز قانداق دېگەننى ئويلاپ باقمايمىز! ھەممىنى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويۇش توغرىمۇ؟

باھا سۆز

ruslan831  ئوقۇتقۇچىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 12:22:05
geniablat  ئورۇنلۇق سۇئال....بەزەن ئوقۇتقۇچىلار زادى نىمىشقا شۇنداق بولۇپ كەتتى؟؟؟؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 15:10:37
sanuqun0995  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 20:05:03

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق ئېگىلەر سۇنم

UID
6474
يازما
46
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1552
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 11:33:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 6 قەۋەتتىكى   (zakira) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

ياخشىمۇ سىز زاكىرە، سىزنىڭ يوللىغان تېمىلىرىڭىزنى ۋە ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمەن. تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرغايسىز. بۇ ھەقتىكى بەزى پىكىرلەرنى چ چ ئارقىلىق دېيىشەيلى. 1029565028
ھەق ئىگىلەر سۇنماس ، شۇڭا ساڭا باش ئەگمەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش