- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 131
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3851
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- UID
- 6838
- يازما
- 131
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3851
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- توردا
- 17 سائەت
|
بۇ 6قەۋەتتىكىzakira يوللىغان 2010-11-23 21:28 غا قارتىلغان :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەممىمىز ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزنى تۈگىتىپ مانا نورمال خىزمەتلىرىمىزگە چۈشۈپ كەتتۇق ، شۇ قاتاردا yanarئەپەندىنىڭ بۇ مۇنازىرە تېمىسىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز . خوش؛ yanar ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ! سىزنى مۇنبەر يۈزىدە كۆرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ ،ئۆتكەندە سىز بۇ تېمىنىڭ كىچىكرەك دائىرسىنى يوللىغانتىڭىز مەن ئوقۇپ ، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەچ خېلى ئاچچىق ئىنكاس يازغانتىم بەلكىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتكەندۇ ،چۈنكى ئۇ تېمىڭىز كېيىنكى كۈنىلا مۇنبەردىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ . زادى كىم ئۆچۈرگەندۇ ؟ دەپ بەكلا ئەپسوسلانغان ئىدىم شۇ تېمىڭىزدىمۇ يۇقىرقىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجوتلىقىنى بايان قىلىپتىكەنسىز ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى ھەم كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى قويغانتىم . ئەمدى بۇ تېمىڭىز نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ بەكلا خوش بولدۇم . مۇنبەردە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىشىنى ئۇلۇق باشقۇرغۇچىلاردىن تىلەيمەن !
رىۋايەت؛ بىر دېھقان بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ ، دېھقان دەپتۇ ؛ مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا شۇ بالىلارغا بىر كۈن دەرس ئۆتەي ،سەن بېرىپ مېنىڭ يېرىمنى سۇغارغىن دەپتۇ . ئوقۇتقۇچى ؛ياق بولمايدۇ ،يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى ! سەن بېرىپ يېرىڭنى سۇغارغىن ، مەن بېرىپ دەرسىمنى ئۆتەي دەپتۇ ، دېھقان زادىلا ئۇنىماي تۇرىۋالغاچ ئوقۇتقۇچى بېرىپ دېھقاننىڭ يېرىنى سوغۇرۇپتۇ . دېھقان زور ئىشەنچ بىلەن سىنىپقا كىرىپتۇ دە ئوقۇغۇچىلارغا ؛ مەن بۈگۈن سىلەرگە دەرس ئۆتىمەن دەپلا يەر تېرىشتىن باشلاپ ھوسول ئالغۇچە ، يەر سۇغارغىچە بولغان ھەممە ئىشنى سۆزلەپتۇ . 40مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ھەممىنى سۆزلەپ تۈگۈتۈپتۇ . ئاخىرىدا نىمە سۆزلەشنى بىلەلمەي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلمۇ -خىل سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرەلمەي قالغان دېھقان ۋاي بولدى ، بېرىپ يېرىمنى سۇغىراي ئوقۇتقۇچى يەنىلا دەرسنى ئۆتسۇن دەپتۇ .
بەلكىم سىز بۇ قىسقىغىنە جەرياندىن مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز .
مەن بۇ ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان مائارىپ توغرىسىدا مۇنبەردە بىرنەچچە تېمىلارنى ئوقۇدۇم ھەم ئىنكاسلارنى يازدىم ، ئۆزەممۇ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ھەم سىنىپ مۇدىرى بولغاچ ئەشۇ تېمىلاردىكى ۋەقەلەرگە چىداپ تۇرالماي ، < 21-ئەسىردىكى سىنىپ مۇدىرلىرى > دىگەن ماقالەمنى يازدىم . تەپەككۇرى كۈچلۈك بولغان مۇنبەرداشلىرىم ئوقۇپ ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ ، بەك خوش بولدۇم .
دۇنيادا 100% ئالتۇن بولمىغىنىدەك مۇكەممەل ، ھەممىدە كامالەتكە يەتكەن ئادەممۇ بولمايدىكەن . پەقەت بىزنى ياراتقۇچىمىزلا ھەممىگە قادىر ! مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان خاتالىقلارغا ئىزچىل يول قويۇش كېرەك دىمەكچى ئەمەسمەن ، 21- ئەسىرنى بىز رىقابەتكە تولغان دەۋىر ،ئىلىم -پەن دىۋىرى دەپ بار كۈچىمىز بىلەن توۋلاپ كېلىۋاتىمىز ، ئۇنداقتا بۇ نوقتىنى زادى قەيەردىن باشلاش كېرەك ؟ مانا بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ، < ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشقا بولىدۇ ، مائارىپتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى ھەرگىزمۇ قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ > بۇ ھەقىقەتقۇ ، ئەجىبا ئەشۇنداق لاياقەتسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەسما ؟ ئىشخانىسىغا كىرىپ بېقىڭ بۇ خەتلەر چوڭ جازىغا ئېلىنغاندۇ بەلكىم ، ئۆتكەندىكى تېمىڭىزدا دەپ ئۆتكەندەكلا يىل ئاخىرىدىكى مۇدىرلارنى باھالاش يېقىنلاشقانسېرى ئۇلار يۇمشاپ لەمپۇڭدەك بوپ كېتىدۇ دىگەن قۇرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئاچچىق كۈلۈپ كەتكەنتىم ، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىمۇ مۇدىر شۇجىلىرىمىز بار ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئارىلىق يوق دىيەرلىك ، خىزمەت ۋاقتى بىلەن خىزمەتتىن چۈشكەن ۋاقىتنىڭ پەرقى بولىشى كېرەكقۇ ، بىزنىڭ مەكتەپنى ئېلىپ ئېيتساممۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىرىنى قەرەللىك ئاڭلاپ تۇرىدۇ ،شۇنداق كىچىك پېئىل ،قىزىقچى يۇمۇرىستىك ، بىزمۇ مۇدىرلارنى كۆرگەندە ھۆرمەت يۈزىسىدىن سالاملىشىپ ئۆتىمىز ھەرگىزمۇ يۇقۇرى تۆۋەنلىك پەرق ھېس قىلمايمىز ، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دەسرى ھەم سىنىپلىرىمۇ بار تېخى بىزگە ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ ،خالىغانچە مۇئاشىدىن تۇتىدىغان ئىشلار ھەرگىزمۇ يوق ،خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىدىغان ئوقۇتقۇچىغۇ ئەسلا يوق مەن بۇ تارىخىمدا ئۇنداق ئوقۇتقۇچىنىمۇ مەكتەپتە كۆرۈپ باقماپتىمەن ، مەكتەپ ئالدىدا چوڭ ۋېۋىسكا ئېسىقلىق ئىستۇتەكسىز مەكتەپ دەپ ، مەكتەپ ئىچىدە مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى سىرتتىن كىرگەن ئادەم بولسۇن ھېچكىم تاماكا چەكمەيدۇ . ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پورمىسىنى كىيىمىز ،گەرچە خەنزۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ مىللى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىزنى كۆرگەن ھامان < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم > دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ . مانا بۇ ھەقىقىي ئىھۋال .لېكىن بىرمۇ ساقتا ئوقۇتقۇچىغا يول قويمايدۇ تۈزۈملەر ئېنىق ، مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بارلىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ھەممىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ بېكىتىدۇ .
.......  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى بۈگۈنكى ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟ سىزمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ ؟؟؟؟؟ ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز گىپىمنى پىكىرىمنى ياخشى ئوقۇڭ !!!! ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئاتا - ئانىلىق رولى بارمۇ يوق ؟ كىچىك بالا مەكتەپتە نېمە ئىشلارنى دورايدۇ ؟؟؟؟ نېمە ئىشلارنى ئۈگۈنىدۇ ؟ ئويلاپ ئاندىن قايىل بولمىسىڭىز ..................................... چ چ 1395898567 قانداق ھە......ي ..................... |
|