مەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئېينىشتىيىننىڭ مۇۋاپىقىيەت فورمىلىسى بەك تەسىر قىلغان ئىدى. يەنە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش+ توغرا ئۇسۇل +ئىسسىق تەر = مۇۋاپىقىيەت. بۇ تەڭلىمىدە بىزگە زەھەردەك تېگىدىغىنى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش دېگەن مىقداردۇر. چۈنكى، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كۆپلىگەن ساۋاقداشلار ياتاقنى پەقەت ئارام ئالىدىغان يەر دەپ قارىمايدۇ. ياتاقتا كىتاب كۆردىم دەپ قويىشى بار تېخى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياتاقلار سەككىز كىشلىك. بىر كىچىك جەمىيەتنى ھاسىل قىلىدۇ. سەككىزنىڭ ئىچىدە سودىگەرمۇ چىقىدۇ (ئۇششاق- تۈششەك مال ساتىدىغان)، بەڭگىمۇ چىقىدۇ، بىلگە ساناردا توختىماي ئويۇن ئوينايدىغانلار ھەم بار. شۇنىڭ بىلەن، ئاز ساندىك بىر ئىككى كىتابچى ئۇلارغا يەم بولۇپ كېتىدۇ. ئىچكى ئامىل بىرىنچى بولسىمۇ، ئۇلارغا بىر قىسىم پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. ھىچ بولمىغاندا ئۇلاردىكى رىقابەت تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن پۈتمەس- تۈەىمەس قۇرۇق پاراڭ (غەيۋەت ) ھەققىدە فىليەتۇنسىمان بىر يازما تەييارلىغان، بۇنىمۇ قوشۇپ ئىنكاس شەكلىدە يوللىۋىتەي ...
ۋاقىت ئوغۇرسى- غەيۋەت
غەيۋەت دىگەن قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەر بىلەن تىلغا ئېلىشىڭدۇر.
__________ «ھىدايەت گۈلزارى» دىن
ئىلىم تەلەپ قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىڭدا يامان ئىشلاردىن يىراق بولۇپ ئۆزۈڭنى پاك ساقلا.
__________ «قابۇسنامە» دىن
غەيۋەت ھەققىدە ئىزدىنىش
ئالىي مەكتەپلەردىمۇ غەيۋەت كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. ئەمما بۇھەقتە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن كەمىنە يېڭىلىق يارتىش كويىدا غەيۋەت ھەققىدە دەسلەپكى كۆز-قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ «غەيۋەت» تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىپ كۆرۈشكە تىرىشتىم. كەڭ غەيۋەتچىلەرنىڭ يېڭى غەيۋەتلىرى ياكى تېخى ئېلان قىلمىغان غەيۋەت تەتقىقاتى ماتىريالى بولسا تورغا يوللىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. تور ئادىرسى: «
www.gheywet.com».مەقسەت «غەيۋەت تەتقىقات جەمىيىتى» قۇرۇش بولۇپ بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن.
ئۇنداقتا غەيۋەت دىگەن نىمە؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ قاتارلىق دەسلەپكى ئىزدىنىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتەي.
غەيۋەت دىگەن نىمە؟
غەيۋەت- ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۇئەييەن مەقسەت ۋە مۇددىئا بىلەن نەق مەيداندا يوق كىشىنىڭ ياخشى، يامان گېپىنى قىلىشتىن ئىبارەت.
غەيۋەت ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە.
بىرىنچى: غەيۋەتنى يۈزىدىن يۈزىگە قىلماسلىق، بولمىسا چاچلىشىپ- موشتلىشىپ كېتىدىغان گەپ.
ئىككىنچى: ۋاقىتنى ئوغۇرلاپ خەلقئارا بازاردا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش.
غەيۋەت- تۈرنىڭ خىلمۇخىللىقى بىلەن يۇرتىمىزدا ئاجايىپ رەڭدار تۈسكە ئىگە بولۇپ، كەمىنە غەيۋەت تەتقىقاتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تورلاشتۇرۇش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا پەقەت ئەتراپىمدەلا تەكشۈرۈشلەر قىلدىم. (يەنى سىتودىنتلار تۇرمۇشىدىكى غەيۋەت تۈرلىرى ھەققىدە.)
بىرىنچى: ئورۇنغا ئاساسەن.
ياتاقتا غەيۋەت قىلىش، سىنىپتا غەيۋەت قىلىش، ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىش، ئاشخانىدا غەيۋەت قىلىش، كۇتۇپخانا، قىرائەتخانىلاردا غەيۋەت قىلىش، مەكتەپ ھويلىسىدا سەييارە غەيۋەت قىلىش سىتودىنتلار سورۇنىدا غەيۋەت قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، كەم قالغان تەرەپلىرىنى غەيۋەتچىلەرنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن.
ئىككىنچى: مۇناسىۋەتكە ئاساسەن.
ياتاقداشلار غەيۋىتى، ساۋاقداشلار غەيۋىتى، دوستلار غەيۋىتى، يۇرتداشلار غەيۋىتى، قىز- ئوغۇل غەيۋىتى، موئەللىم- ئوقوغۇچى غەيۋىتى، ھەتتا تونۇش- بىلىش غەيۋىتى قاتارلىقلار باردۇر.
ئۈچۈنچى: كەيپىياتقا ئاساسەن.
ئىچى پۇشقاندا غەيۋەت قىلىش، خوشال بولغاندا غەيۋەت قىلش، يىغا تۇتقاندا غەيۋەت قىلىش، ھەيرانلىقتا غەيۋەت قىلىش. زېرىكسە غەيۋەت قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، خۇسۇيىتى كەيپىيات تۇراقلاشتۇرۇش.
تۆتىنچى: ۋاقىتقا ئاساسەن.
دەرس ۋاقتى غەيۋەت قىلىش، تەكرار ۋاقتى، ھەرخىل ئارامدا غەيۋەت قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ يېقىنقى ئەڭ يېڭى ۋاقىتقا قاراپ بۆلۈنگەن غەيۋەت ئۇيقۇدا يەنى چۈشىدەغەيۋەت قىلىش ھىسابلىندۇ.
شۇنداق، قان- قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن غەيۋەت كۈنلىرىمىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىدىكى بىر ياخشى قورال بولۇپ يېقىندىن بۇيان دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە. بۇ كەڭ غەيۋەتچىلەرگە غەيۋەتنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال. ۋەھالەنكى غەيۋەتچىلەرنىڭ بۇ تەرەپتىن خاتىرجەم بولىشىنى تىلەيمەن. شۇڭا ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم كىشلەرنىڭ («غەيۋەت گۇناھى كەبىر»، غەيۋەت- بىكارچىلارنىڭ، لايغەزەللەرنىڭ قىسقىسى نادانلارنىڭ ئىشى) دىگەندەك سەپسەتىللىرىگە ئىشەنمەي بايرىقى روشەن مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا «غەيۋەت پېنىنى» يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈپ ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىق قىلمەن.
ئاخىردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ مۇنۇ ھېكمىتىنى سىلەرگە قالدۇرىمەن:
مېنىڭ سۆزلىرىم پايدا قىلغاي نىچۇك؟
ئوگۇتۇم ساڭا نەپ قىلارمۇ تۇزۇك؟
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-23 17:19):
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش+ توغرا ئۇسۇل +ئىسسىق تەر = مۇۋاپىقىيەت.