ئىگىسى: تۇغلاجان

سىتودىنتلار رىسالىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:44:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەگەر خالىسا، چەت ئەللەردىكى سىتودىنىتلارنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىكى ئەۋزەل ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتلىرىنى مۇنبەرگە يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان سىتودىنىتلارنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىكى ئەۋزەللىكلەر ھەققىدە سۆز قىستۇرىشىنى ھەم ئۈمىد قىلىمەن.
   خەنزۇلار تۆت يىل ئوقۇيدۇ. قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇيدۇ. ئاسپىرانتلىققا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى. ئەمدى، شۇ ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ.
   بىزگە كەلسەك، يۇقىرلاپ ئوقۇش ئىشى بېشىمىزنى خېلى قاتتۇرىدۇ، لېكىن ئوقۇش كېرەك. باشقىلارنى دوراپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدۇ، دەپ بىرسىنىڭ بۇ ھەقتە سۆكۈپ يازغان يازمىسىنى كۆرگەندەك ئېسىمدە.
قاملاشمىغان پىكىر بۇ، ئادەتتە، بىر مىللەتنىڭ خېلى كۆپ ئەزالىرىدا مودا قوغلىشىش، مۇنداقچە، ئەگىشىش پىسخىكىسى بولىدۇ. ياخشى ئىشقا مودا قوغلاشسا نېمە بوپتۇ. تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چۈشۈپمۇ، يەنە شۇ ئۆزىدىن رازى ئەمەس ياشلار كۆپ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئىككىلەنمەسلىك كېرەك. ئۇخلاپ قوپۇپلا دەپ قويغان گەپكە ئىشىنىپ، بولدى قىلساق بولمايدۇ.
ئەڭ يامىنى بىزدە مۇنداق ئېغىر ئاجىزلىق بار. دائىم ئەمەت بىلەن سەمەتنى سېلىشتۇرىمىز يۇ، ئەمەت ياخشى ئىش قىلىپ قالسا، ھەممىمىز سەمەتنى ئەمەتتەك بول دەپ زورلايمىز. ناۋادا ئەمەتنىڭ سەل چاتىقى چىقىپ قالسا، ئەمەتنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، سەمەتنى مەڭگۈ ئۇنداق بولماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. ئەزبىرايى خۇدا، سەمەت شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ سەمەتتەك ياشىيالمايدۇ. بېشى قاتىدۇ، بىچارىنىڭ...
ئادەم دېگەن ئوخشاش بىر يولدا مېڭىپ، بىر خىل نەتىجىگە ئېرىشىمىز دىيەلمەيمىز. ھەممە ئادەم، كوللىكتىپ ئاڭغا بويسۇنغان ھالدا، ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تىپىشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ بىزدىكى نەمۇنە تىكلەپ، شۇنىڭدىن ئۆگىنىش، پىپەن قىلىپ يوق قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن قالغان  قارغىش تەككۈر ئىدىيەنىڭ كاساپىتى.
ئىس پۇراپ تۇرغان ياتىقىڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار، يىگىتلەر!
   
   

باھا سۆز

adilkanun  ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر! قوللايمىز!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:22:23

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توغرا، ئىلگىركى مەزمۇندا كەم قاپتۇ.  تەتىللەردە ياتاقلا ھەقسىز ئېچىپ بېرىلىدۇ. ئىچىملكىك سۇمۇ ھەقسىز تەمىنلىندۇ. ئادەتتە، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ياتاقلىرىدا توكقايناتقۇ بار.  تېخى، تەتىللەردىمۇ ئۆيگە قايتماي جاپا چەكتىڭلار دەپ مەكتەپ مەسئوللىرىنىڭ يوقلاپ كېلىشى بار. شىنجاڭدا ئۇنداق ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر مەجبۇرى قايتۇرىدۇ. قېلىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، بىر تالاي رەسمىيەتلەرنىڭ دەردىدە مەكتەپتە قالغۇسىمۇ كەلمەيدۇ.  دەل ئەكسىچە، تەتىلدە ئۆگىنىش بىزنى باشقىلاردىن ھالقىتالايدۇ. نۇرغۇن بالىلار مەۋسۇم ئوتتۇرسىدا كۇرۇسلاردا چەت تىلى ئۆگىنىدۇ، يۇ،  تەتىلدە ئۆيگە قايتىپلا ئۆگەنگىنىنى يەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، تەتىل مەزگىلى چەت تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئالتۇن ۋاقتى. زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بۇ ئىشلارمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئەمما، ياخشىلىنىشتىن بۇرۇن، سىتودىنىتلارنىڭ بەل قويۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن!

باھا سۆز

adilkanun  بەزى مەكتەپلەردىمۇ بۇ مەسىلە ھازىر ھەل بولدى!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:12:40
adilkanun  ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش بىنالىرىدا ئاساسەن توكساماۋەر بار، شىنجاڭدىكى  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:12:02
adilkanun  تەتىللەردە شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردىمۇ رەھبەرلەر ئاز-تۇلا ھال سورايدۇ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:09:22
adilkanun  مەكتەپتىكى قايسى ئۇرۇندا، قانداق ۋاقىتتا، قانداق سۇ... (رەھمەت!)  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:07:25
adilkanun  «ئىچىملكىك سۇمۇ ھەقسىز تەمىنلىندۇ.»نى تەپسىلىرەك چۇشەندۇرىۋىتەمسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:05:23

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەكتەپنىڭ ياتاقلىرىدا سۇ ئىسىتقۇ بار.  ئادەتتە، مەۋسۈم ئارلىقىدا بىر تۇڭىنى ئالتە- يەتتە يۇەندىن سېتىۋالىدىغان گەپ. تەتىلدە مۇشۇ سۇنى ھەقسىز بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەممە مەكتەپلەردە بۇنداق بولىشى ناتايىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇششاق مەسىللەر. بەك ئەزۋەيلەپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. مۇھىمى، سىتودىنىتلارنىڭ قانداق تەرىقىدە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مەسىلىسى.  تەتىللەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى مەكتەپنىڭ قانداق قوللايدىغانلىقىنى يېزىپ قويۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ گەپلەر چىقىپ قالدى. ئەسلىدە، بۇمۇ كارايىتى چاغلىق ئىش.

باھا سۆز

adilkanun  «ئەسلىدە، بۇمۇ كارايىتى چاغلىق ئىش.» ياخشى پىكىرلەر بولىۋاتىدۇ. جاپا چەكتىڭىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:31:26
adilkanun  راسىت دەيسىز! مەن پەقەت سۆز مەنىسىنىڭ توغرىلىقىنى كۆزدە تۇتقان.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:28:54

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 20:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئىچكىردىكى ئۇنۋېرىستىلاردىكى ئەھۋاللارغا نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قوياي.
   ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانلىرى:
ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى تولىمۇ ياخشى، پەقەت ئىزدىنىشنى خالايدىغانلا ئادەم بولسا قانچىلىك ئۈگىنىمەن دېسە شۇنچىلىك شارائىت بار. مەكتىۋىمنى ئالسام بەش قەۋەتلىك كۇتۇپخانىدا ھەرقانداق كىتاب تىپىلىدۇ، ئەتتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ ئونغىچە قانداق چاغدا كىتاب ئارىيەت ئالساق بولىۋېرىدۇ، مەشخۇلاتلار پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان بولۇپ، ئارىيەت ئىلىش، قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆزىمىز ماشىندىلا بىرتەرەپ قىلىمىز، خىزمەتچىلەر پەقەت نازارەت قىلىپ ئولتۇرىدۇ. دېمەك تاماق يەيدىغان ئاشخانىدىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ، ئەمما بىلىم بۇلىقى بولغان كۇتۇپخانىلار شۇنچىلىك قولايلاشتۇرۇلغان.
  مەكتىۋېمىزنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ھەر بىر قەۋەتتە ئۈگىنىش قىلىدىغان ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەتتىگەن كىلىپ ئورۇن ئىگەللىۋالساق كەچكىچە بەخىرامان ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش قىلساق بولىدۇ. ئۇسسىساق قەھۋەدىن باشلاپ ئىچىملىك سۇغىچە ھەممىسى بار، زىرىكسەك ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدىغان كىچىك قەھۋەخانىسى بار،  توردىن ماتىرىيال ئىزدەش لازىم بولسا كومپىيۇتىر تەييار، پۈتۈن بىنا ھەقسىز سىمسىز تور سىگىنالى بىلەن قاپلانغان.... ئىلىمگە ھەقىقىي تەشنا ئىنسانلا بولدىكەن بارچە شارائىت تەييار!
   يۇقارقىلار شەخسەن مېنىڭ مەكتىۋېمدىكى ئەھۋال، ئەمما موشۇ شەھەردىكى باشقا ئۇنۋېرىستىتلارنىڭمۇ چوڭ پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆردۈم.

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 20:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئىچكىردىكى ئۇنۋېرىستىلاردىكى ئەھۋاللارغا نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قوياي.
   ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانلىرى:
ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى تولىمۇ ياخشى، پەقەت ئىزدىنىشنى خالايدىغانلا ئادەم بولسا قانچىلىك ئۈگىنىمەن دېسە شۇنچىلىك شارائىت بار. مەكتىۋىمنى ئالسام بەش قەۋەتلىك كۇتۇپخانىدا ھەرقانداق كىتاب تىپىلىدۇ، ئەتتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ ئونغىچە قانداق چاغدا كىتاب ئارىيەت ئالساق بولىۋېرىدۇ، مەشخۇلاتلار پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان بولۇپ، ئارىيەت ئىلىش، قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆزىمىز ماشىندىلا بىرتەرەپ قىلىمىز، خىزمەتچىلەر پەقەت نازارەت قىلىپ ئولتۇرىدۇ. دېمەك تاماق يەيدىغان ئاشخانىدىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ، ئەمما بىلىم بۇلىقى بولغان كۇتۇپخانىلار شۇنچىلىك قولايلاشتۇرۇلغان.
  مەكتىۋېمىزنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ھەر بىر قەۋەتتە ئۈگىنىش قىلىدىغان ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەتتىگەن كىلىپ ئورۇن ئىگەللىۋالساق كەچكىچە بەخىرامان ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش قىلساق بولىدۇ. ئۇسسىساق قەھۋەدىن باشلاپ ئىچىملىك سۇغىچە ھەممىسى بار، زىرىكسەك ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدىغان كىچىك قەھۋەخانىسى بار،  توردىن ماتىرىيال ئىزدەش لازىم بولسا كومپىيۇتىر تەييار، پۈتۈن بىنا ھەقسىز سىمسىز تور سىگىنالى بىلەن قاپلانغان.... ئىلىمگە ھەقىقىي تەشنا ئىنسانلا بولدىكەن بارچە شارائىت تەييار!
   يۇقارقىلار شەخسەن مېنىڭ مەكتىۋېمدىكى ئەھۋال، ئەمما موشۇ شەھەردىكى باشقا ئۇنۋېرىستىتلارنىڭمۇ چوڭ پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆردۈم.

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 20:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ دەرىسخانلىرى:
  ئادەتتىكى ئۇنۋېىرسال دەرىسلەرنى ھەممە فاكۇلتىتنىڭ بالىلىرى بىر بىنادا ئوقۇيمىز، دەرسخانىلار ئوتتۇرچە 200 كىشىلىك ئەتراپىدا بولىدۇ، ئادەتتە ھەربىر دەرىستە 120~150  ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بولىدۇ، دېمەك كەڭ كۇشادە ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلايمىز. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ياقتۇرىدغان دەرىسلەرنى ئىختىيارى ئاڭلايدۇ... چۈشەنمىگەن دەرىسلىرىنى قايتا-قايتىلاپ ئاڭلىسىمۇ بولىدۇ. كەسپىي دەرىسلەرنى فاكۇلتىت بىناسىدا ئوقۇيمىز، ئۇ دەرىسخانىلار بىرقەدەر كىچىكرەك بولىدۇ، ئەمما مۇھىتى ياخشى! كۆپىنچە ۋاقىتلاردا فاكۇلتىت بىناسىدا قۇرۇق دەرىسخانا كۆپ  بولىدۇ، كۇتۇپخانىدىن ئورۇن تەگمىگەنلەر ئەنە شۇ دەرىسخانىلاردا ئىسسىقتا شامالداپ، سوغۇقتا ئىسسىنىپ ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش قىلىدۇ. تەجىربە ئىشلەش ياكى چوڭ تىپلىق كومپىيۇتىرلاردا مەشخۇلات قىلىش كىرەك بولسا،  فاكۇلتىت تەجىربىخانىسىغا  كارتىمىزنى سۈركەپلا كىرىۋېرىمىز.
   قىزىق يەرلىرى، موشۇنداق كۆپ ئۈگىنىش قىلىش ئورۇنلىرى قاچان قارىسىڭىز توشۇپلا تۇرىدۇ. ئەتتىگەندىن كەچكىچە مۆكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش قىلىۋاتقانلارغا نەزەر سالسىڭىز ھەيران قالىسىز( بەلكىم ھەممە مەكتەپلەردە ئۇنداق ئەمەستۇ). مەيداندا ئويۇنلار قىزىپ كەتكەن، ئوينايدىغان كومپىيۇتېر ئالدىدا تۇرغان، ئىسىل كىنو تەشۋىقاتلىرى كۆزگە چىلىقىپ تۇرغان...ئەمما نورغۇن بالىلار ئۇ ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ كەتكەن. كۈچلۈك رىقابەت ئىڭى ئۇلارنىڭ قان-قىنىغا سىڭىپ كەتكەن. « كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى بىر خىزمەت تاپمىسام بولمايدۇ، بىردىن -بىر ئامال تىرىشىش...» ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئەنە شۇنداق خىياللار ھۆكۈم سۈرىدۇ.
   ئەجىبا بىزنى كەلگۈسىدە تەييار ئورۇن كۈتۈپ تۇرغانمىدۇ؟ نىمىشقا ئازراقمۇ جىددىيلىشىپ باقمايمىز؟ بىزدىكى رىقابەت ئىڭى.... شۇنداق بىر قانۇنىيەت بار: مەيلى قانداق باھانە تاپمىسۇن، ئاجىزلار ھامان يوقىلىدۇ؛ كۈچلۈكلەر قارىماققا خەيرىخاھلىق قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاجىزلارنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ ياشايدۇ. نەھايەتكى، ئاجىز ياكى كۈچلۈك بولۇشنى پۈتۈنلەي بەلگىلىيەلمىسىڭىزمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزگەرتەلەيسىز.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 23:27:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تەشنايى ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ياخشى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.  نېمىشقا ئازراقمۇ جىددىيلىشىپ باقمايسىز؟ بۇ گەپ بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ.  ئادەم دېگەن ئۆزى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. كىرزىسلىك ئاڭغا پاتقاندا، ئاندىن ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ، ھە دېگەندە ئۆزىگە تەمەننا ئەيلەپ، ياشلىق تۇلپارىنى چۈشەپ قويسا، ئالغا بېسىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى،  بىر مەزگىل ئۆزىڭىزدە پىكىر شاۋقۇنلىمىسا، ئازراق ۋاقىت ۋە دەسمايە ئاجرىتىپ يۇرت ئارىلاڭ. ماقالە مەزمۇنىدا ساياھەتنى بەك تەكىتلىگىنىمىز دەل شۇ  سەۋەبتىن.
جاھان كۆرگەن ئىتتىن قورق دېگەن گەپمۇ بىكار چىقمىغان.  بۇ خىل ساياھەت ئارقىلىق ئىنساننى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىمىز. بۇنىڭ نەزىريىۋى ئاساسىنى ئۇلۇغ بوۋىمىز فارابى ئۆزىنىڭ پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى دېگەن كىتابىدا ، بۇ مەسىللەرنى نەزىرىيىۋى ئاساستا ئوتتۇرغا قويغان.

UID
36534
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 23:54:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا سۆز

تۇغلاجان  بىرنى ھىجىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتكۈچە، ئازراق بىر نەرسە دېسىڭىزچۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:24:13

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 16:55:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پىكىرىمىز ئاساسەن ۋاقىت ۋە كىتاب ئوقۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا كېتىپ بارىدۇ.
كىتابقا نىسبەتەن پوزىتسىيە مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. كۈنىمىز ئلىگىركى يىللارغا ئوخشىمايدۇ. دەۋىر ئالماشتى دەيدۇ ئاددى بىر سوپۇن ئېلانىدا.  دەۋىرنىڭ ئالماشقىنى دەل ئىلىم ئېگەللەشتىن ئىبارەت مونۇپۇللۇقنىڭ پاچىلانغانلىقىدا. ئىلگىرى كىتاب ئوقۇش ئوقۇ- ئوقۇتۇش مەركىزى بولغان مەكتەپلەرنىڭلا ۋەزىپىسى ئىدى. ھازىر ئاددى بىر سودىگەردىن تارتىپ، بەزى دېھقانلارغىچە كىتاب ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا، مىللەتنىڭ زىيالىلار قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان سىتودىنىتلار ھەسسىلەپ كىتاب كۆرمىسە، ئوڭايلا غاتلەككە چىقىپ قالىدىغان گەپ. غاتلەككە چىقتىڭىزمۇ بولدى، كىم بولىشىدىن قەتتىينەزەر سىزنى خاھلىغان تەرەپكە سۆرەپ كېتىدۇ. سىز بۇ ھەقتە كونكىرتراق بىر نەرسىگە ئېگە بولاي دېسىڭىز، فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» دېگەن كىتابىنى كۆرۈڭ. بۇ كىتاب ئۇلۇغ بوۋىمىز فارابىنىڭ غايىۋى دۆلەت قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان مۇھىم ئەسىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇ كىتابتىكى پەزىلەتسىز شەھەر ئاھالىسى دېگەن قىسمىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز، ئۆزىڭىز ۋە سىز بىلەن مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى كىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىسىز.
   ۋاقىت ــ سىز تېخى سائەت ئىستىرىلكىسى ئەمەس، بەلكى، مىنۇت، سىكونت ئىستىرىلكىسىنىڭ كۆزىڭىزگە مىخدەك قادىلىپ تۇرغىنىنى ھىس قىلمىغان بولىشىڭىز مومكىن.  ھىس قىلىپ قالىسىز. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى، ئەتىگەن سائەت 7دىن 12 كىگىچە، چۈشتىن كېيىن 1دىن 5 كىچە، 6 يېرىمدىن 9 يېرىمغىچە بولغان 12 سائەتتە سىز نۇرغۇن ئىشنى قىلىپ بولاتتىڭىز. دېمەكچى، ۋاقىتنى كونكىرتنى پىلانغا سېلىڭ. بىر توقاام قۇرۇق نەسىھەت قىلىشىمىزدىن قەتتىينەزەر، بۈگۈنىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكىزىڭ.
تۈنۈگۈن بۈگۈندىن بىر كۈن يىراقلىقتا، شۇنداقلا، ئەتىمۇ بۈگۈندىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتا. بۈگۈن بەك مۇھىم.
ئىقتىسسادشۇناسلىقتا مۇنداق بىر ئاتالغۇ ھازىر مودىكەن. «ئىلگىرى چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيتتى، ھازىر سۈرىتى تىز بېلىق، سۈرىتى كىچىك بېلىقنى يەيدۇ». بۇ يەردىكى سۈرەت ۋاقىت بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئايرىش مومكىن ئەمەس.  يىغىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭىزغا مىنۇت ئىستىرىلكىسى كىرىپ كەتمىسۇن.
ئۆگىنىش سىلىنى ئەمەس، سىلە ئۆگىنىشنى ئالدىغا سېلىۋىڭلار!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-25 16:56):
سۈرىتى ئاستا بېلىق دەپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كىتاب مەسلىسىدە يەنە، ئەگەر سىتودىنىتلار ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى بىر قەدەم ئالغا سىلجىتاي دەپ قارىسا، چەت ئەلنىڭ بىر قىسىم داڭلىق رومانلىرىنى ئوقۇپ قويسا يامىنى يوق. ھالبۇكى، جاھان ئەدەبىياتىدىكى باش بوغۇن سانالغان رومانلارنى ئوقۇغاندا، ئۆزىنىڭ مىللەت، دىن، سىياسى، ئىقتىساد، تېخنىكا قاتارلىق مۇھىم ئىلىمەر ھەققىدىكى قارىشى يېڭىلىنىدۇ دەپ قارايمەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خېلى كۆپ قىسىم چەت ئەل نادىر رومانلىرى  ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ كىتابلار سىتودىنىتلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئانا تىلدىكى تەپەككۇرىنى پۇختىلاش، ۋە بۇ ئارقىلىق، كىشلىك ھايات توغرىسىدىكى كۆز- قارىشىنى يېڭىلاش،  مۇرەككەپ كىشلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئېگە بولۇش............... قاتارلىق ئاكتىۋال قىممەتكە ئېگە ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيدۇ.
   ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە، ئاغزىمغا كېلىشچە بىر نەرسە دەپ تۇراي.  ئاخىرسىدا رەتلەپ، يىغىنچاق بىر ھالەتكە ئەكىلەرمىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش