ئىگىسى: تۇغلاجان

سىتودىنتلار رىسالىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 13:06:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://bbs.misranim.com/thread-76855-1-1.html\

تۈركىيەدە ئوقۇش توغۇرلۇق خەۋەركەن. كۆرمىگەن بولساڭلار، ۋاقىپ بولۇپ قېلىڭلار!

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 13:07:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندە ھىچ بولمىسا، بىر سائەت كىتاب كۆرۈشكە ۋاقىت ئاجراتسا، 24 سائەتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن چېغى بولۇپ قالىدۇ. ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا يولۇقۇش مومكىن:
    سۇئال، ياشانغانلار نېمىشقا ئاز ئۇخلايدۇ؟
   جاۋاب: ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئاز ئۇخلايدۇ.
مانا بۇ، فىرانسىيەلىك پەيلاسۇپ ئالبىرت كامۇسنىڭ  كۆز- قارىشى بولۇپ، سەل غەيرى ئېيتىلغىنىدەك قىلغان بىلەن، ئاساسى يوق دەپ قارالمايمىز. كېيىن ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۆلۈم بۇرنىغا پۇرىغان ۋاقىتتا، ۋاقىتنى ئاز ئۇخلاپمۇ ئۇزارتقىلى بولمايدۇ.

UID
36307
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا تارتىپسىز، بۇنى ئوقۇپ خېلە ئۆپ نەرسىلەرنى ئۆگۇنىۋالدىم،رەخمەت سىزگە......

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:34:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا تارتىپسىز، بۇنى ئوقۇپ خېلە ئۆپ نەرسىلەرنى ئۆگۇنىۋالدىم،رەخمەت سىزگە......
____________________________________________________________

    بۇ جاپا ئەرزىيدۇ. يېقىندىن بۇيانقى كۈزىتىشىمگە قارىغاندا، ئىلىم ساھەسىنىڭ تەرەقىياتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ تىز ھەم ئىنتايىن ئەتراپلىق بولۇپ كېتىپتۇ.  ئاغزىمىزدىن چىققان گەپنىڭ ھەممىسىلا بىردىن پەننىڭ نامى بولۇپ كەتكەندەك. خەنزۇچە «学»نى بىر  گەپنىڭ كەينىگە قاتسىلا، بىر پەن بولۇپ شەكىللىنىپ، تەرەقىياتىنى باشلىۋىتىدىكەن. بۇنىداق ئەھۋالدا، زور بىر قىسىم ئۇيغۇر  سىتودىنىتلار قىلىدىغان ئىشنىڭ ناھايتتى كۆپلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىلىم ئىشى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئىش دەل سىتودىنىتلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەكلىك.  

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:55:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈندە نۇرغۇنلىغان كىتابلار نەشىر قىلىنپ تۇردىغان بولغاچقا، ھازىر خەنزۇلار بىر قىسىم كىتابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى، ياكى ھەر قايسى بابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىلا خەنزۇچىغا ئۆرىپ، ئېنگىلىزچىلا بىۋاستە چىقىردىكەن. ئەلۋەتتە. ھەرقانداق بىر تىلدىكى نەرسىنى باشقا تىلغا چۆرىسە، ئۇ تىلدىكى  بەدىئىيلىك،، ئومومەن بالاغەت، پاساھەتنىڭ ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ.............
يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  خەنزۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىشى، جەمىيەتتە بىۋاستە ئېنىگىلىزچىدىن پايدىلىنىپ تەتقىقات قىلالايدىغان كىشلەرنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئىچكىرىدىكى خېلى كۆپ ئۆلكىلەردە چەت ئەل تىللىرى ئۇنېۋىرسىتېتى بولغاچقا، ھەر يىلى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىقىدىكەن. يەنە كېلىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى شۇنداق راۋاجلانغان. بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ 34 خىل تىلدا  تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىكەن. مۇنتىزىم تولۇق كۇرس ياكى، ئىشتىن سىرتقى كۇرس شەكلىدىكى سىنىپلار تەسىسى قىلىنىپ تۇرىدىكەن. شۇغىنىسى قىززىقكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا بىرە چەت ئەل تىلى ئىنىستىتۇتىمۇ يوق. خۇداغا شۈكرى، سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ تەلىيىگە، مەكتەپ - مەكتەپلەردە كۇرۇسلار ئېچىلىپ تۇرىدۇ. دەل ئاشۇ پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزگەننىڭ ئەتىسى...
شۇڭا، بىز خەق بىر ھەسسە كۈچىسە، ئىككى ھەسسە كۈچىمىسەك، جىق زىيان تارتىدىكەنمىز. بەزى كىتادبلارنىڭ تەرجىمسىىنىڭ تەرجىمىسىسنى كۆرۈپ، شورپىسىنىڭ شورپىسىنىڭ شورپىسىنى ئىچكەندەك يۈرۈيدىكەنمىز. شۇڭا، سىتودىنىتلارنىڭ ئېنگىلىزچىغا سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېنىگىلىزچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ مەزمۇنىمۇ بىزنىڭ بىر قىسىم ھىكايە، پوۋسىتلىرىمىزدىن كۆپ ياخشى.  ھالبۇكى، بار ئىمكانىيەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز كەلگۈسىمىزنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشايلىكى....

باھا سۆز

adilkanun  توغرا دەيسىز. لىكىن كۈچىشىمىز يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ! مەنمۇ تىرىشاي !  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:27:52
adilkanun  «خەق بىر ھەسسە كۈچىسە، بىز ئىككى ھەسسە كۈچىمىسەك، جىق زىيان تارتىدىكەنمىز.»  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:26:13

UID
35389
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 21:30:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  ئىگىسىگە   رەخمەت،ناھايىتى  ياخشى يېزىپسىز....ئۈتۈپ  كەتكەن  ۋاقتىمنى  ئويلىسام  نۇمۇس  ھىس  كىلۋاتىمەن......

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 21:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈتۈپ  كەتكەن  ۋاقتىمنى  ئويلىسام  نۇمۇس  ھىس  كىلۋاتىمەن......
————————————————————————————————————————
ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلغان ۋاقتىڭىز، دەل ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  كۆپلىگەن سىتودىنىتلار شۇنداق ئەھۋالغا يولىقىدۇ. بەزىلىرى 4 يىل ۋاقىتنى ئۆتكىزىۋىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى يىلى ھوشىغا كېلىدۇ. ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرەي دېسە، تىل ئۆگەنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن، بولدىلا دەيدۇ.  ئەمىلىيەتتە، شۇ بىر يىل تىرىشسسا، تامامەن يېتىدۇ.  ئاخىرقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىمىز دەپ ئولتۇرۇش جىق بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، ئەڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشقا بېرىپ قويسىلا بولدى................

باھا سۆز

adilkanun  «ئەمىلىيەتتە، شۇ بىر يىل تىرىشسسا، تامامەن يېتىدۇ.» راسىت! تامامەن يېتىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:30:03

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 21:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلاجان يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 21:47
ئۈتۈپ  كەتكەن  ۋاقتىمنى  ئويلىسام  نۇمۇس  ھىس  كىلۋاتىمە ...

پىكىرلىرىڭىز ياخشى كېتىپ بارىدۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. نۇرغۇن مەسىلىلەرنى باشقىلارمۇ ئويلىغاندۇ، ئەمما مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق تېىخمۇ كۆپ نەپكە ئىرىشىمىز! سىتۇدىنلار ھەر قىتىم موشۇ مەزمۇنلارنى كۆرگەندە ئازراق بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالار!!!  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنقىدلەشكە تىگىشلىك يەرلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تەنقىدلەش، مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە تىگىشلىكلىرىنى ياخشى تەقدىرلەس كىرەك دەپ ئويلايمەن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلاردا توغرا بىر دۇنيا قاراشنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم قىلغىلى بولىدۇ.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 22:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەشنايى، رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت!
مەنمۇ بۇ ھەقتە كۆپرەك پىكىر قىلىشنى ئويلايمەن. ئاخىرقى ئۈمىدىم شۇكى، ھازىر تورنىڭ تەرەقىياتى تىز بولۇۋاتقان شارائىتتا،  سىتودىنىتلارنىڭ توردىن پايدىلىنىشى جەمىيەتتىكى ھەر قانداق بىرسىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى. مەيلى، ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئىستىكىدە بولسۇن ياكى ئويۇن ئويناش مەقسىتىدە بولسۇن، تور ئارىلاۋاتقان سىتودىنىت دوستلارنىڭ مۇنبەرنى شاپ ئاچسا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەمدە دەمال ئويغا سالالىغىدەك يازمىلار بولسىكەن دەيمەن.  
  ئەمدى، گېپىمگە قايتسام، مەن ئىزچىل سىتودىنىتلار مەسلىسى ھەققىدە ئويلاقلىق. ئۆزەم شۇ گۈزەل مەزگىللەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن،  كېيىنكى تۇرمۇشۇم ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس سالالىغان بولغاچقا، ئەكسىچە بىر قىسىم مەن بىلىدىغان سىتودىنىتلارنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتنى زايا قىلۋىتىپ، ئىستىقبالىغا چاقچاق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولغاچقا بۇ ھەقتە ئويلاندىم.  ۋەھالەنكى، بۇ ھەقتە تازا ئويلىنىۋاتقان ۋاقتىمدا، ئىككى ئېغىز گەپ قىلسام يوللۇق دەپ ئويلىدىم. ئىككىنچىدىن، مەن ئىلگىرى كاسىلداپ سۆزلىگىنىمنىڭ نەتىجىسىنى ئاز- تولا كۆرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپلىگەن ساۋاقداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پاراڭغا ئامراقلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ- ئىستەكلىرى بار. شۇ ئارزۇلارغا قايسى يول بىلەن بارسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەرگە قىزىقىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە، بۇ ھەقتىكى پىكرىمنى سۇنىمەن. رەھمەت!   
  

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:15:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆگىنىش شارائىتى.
شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قارىغاندا، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار.
1، ئۆگىنىش شارائىتى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، سىنىپلىرى تاقالمايدۇ. ھەتتا، بەزى سىنىپلىرىدا كېچىسى ئۆگىنىش قىلسىمۇ بولىدۇ. ئچكىرىدە ئوقۇۋاتقان باللىغا بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ، ئەمما شىنجاڭدا، ئۇنداق ئەمەس، سىنىپلارنى دەرس بولمىغان ۋاقىتتا تاقىۋالىدۇ. ياتاقلارنىڭمۇ كېچىچە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئايرىم سىنىپلىرى بولىدۇ. كېچە- كۈندۈز چىراقلىرى ئۆچۈرۈلمەيدۇ.  ياتاقلىرى ئامال بار تۆت كىشلىك، پەقەت بولمىسا، ئالتە كىشلىك ئىكەن. ئۈستىدە ياتسا، ئاستى كىتاب جازىسى، ئىشكاپ قاتارلىق.... بىزنىڭ سەككىز كىشلىك ياتاقلارنى كۆرسەكچۇ...
2، كۇتۇپخانىلىرى ئىنتايىن كاتتا بولۇش بىلەن بىرگە، كۇتۇپخانىنىڭ يەر ئاستى قىسمىدا، ياكى يۇقىرى قەۋەتلىرىدە، 2 كۋادىرات مېتىر كەلگۈدەك كچىك خانىلىرى بار. بۇ خانىلەر سىتودىنىتلارغا ئايلىق ئىجارىگە بېرىلىدۇ. ئۇ يەردىن كېچە- كۈندۈز چىقماي ئۆگىنىش قىلسا بولىدۇ. بەزى خەنزۇلار يەيدىغان-ئىچىدىغاننى ئەشۇ تەتقىقات خانىلىرىگە ئەكىرىۋىلىپ، ئۈچ-تۆت كۈنگىچە چىقماي ئۆگىنىش قىلىدۇ. بۇ تەتقىقات خانەسى (研究厢) جايلاشقان يەرگە كىرگەندىن كېيىن، قەتتىي ئاۋاز چىقىرىشقا بولمايدۇ. يەنە، شىنجاڭدا قاتتىق چوڭ بىلىپ قۇلۇپ سېلىندىغان كۆپ ۋاستىلىق (多媒体教室) سىنىپلار، سىتودىنىتلارغا ئېچىۋىتىلگەن. بولۇپمۇ، كەچلەردە ئۇ سنىپلاردا چەت تىلىدا كىنو كۆرۈپ، تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ.
3، ئۇلارغا، كەسە- كەلمەس يىغىننى تولا ئاچمايدىكەن.  ئىمكان بار ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بېرىدىكەن.  
4، دەرستىن سىرتقى پائالىيەت سورۇنى ئىنتايىن تەل. مەسلەن، شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەڭ ئاددىسى تېنىس توپ مەيدانى، سۇ ئۈزۈش مەيدانى قاتارلىق بىر قىسىم تەنھەركەت ئەسلىھەلىرى ۋە مەيدانلىرى كەم.
     دېمەك، يۇقارقىدەك ئەڭ ئاددى تەرەپلەردىن ئېيتقاندىمۇ،  بىر خىل كۈچلۈك ئۆگىنىش پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ.  
    دېمەكچى بولغىنىم، بىز ئۆزىمىزنى يېنىمىزدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىتودىنىتلار بىلەن سېلىشتۇرىشىمىز كېرەك.  مەن ئارام ئېلىۋاتقاندا، ئامىركىدىكى. ياپوندىكى بىر سىتودىنىت نىمە قىلۋاتىدۇ دېگەننى ئويلاپ قويىشىمىز كېرەك.  شۇنداق قىلغاندا، بىز ئىلگىرلىيەلەيمىز.

باھا سۆز

adilkanun  سىنىپلىرى تاقالمايدۇ. تەتىلدە ياتاقلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ..  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:34:12
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش