ئىگىسى: تۇغلاجان

سىتودىنتلار رىسالىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 21:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۇقىرىدا تىل ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش ۋە ۋاقىت ھەققىدە بىر قىسىم پىكىرلەرنى بەردۇق. بۇ پاراڭلار سىتودىنىتلار ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش بولسۇن ياكى نۆۋەتتىكى زامانغا ماسلاشقان بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىل ئۆگىنىش ئاساسى بىلىم.  بۇنى ئۆگىنىشنىڭ جاپاسى ئېغىر. بولۇپمۇ، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىلا ئىمتىھان بەرمىسە،  ھەممە ئىمتىھاننى باشقا تىلدا بېرىدىغان گەپ. كەسپى ئىمتىھان بولسۇن، ياكى بىر تۇتاش بېرىدىغان ئىمتىھان بولسۇن، چوقۇم باشقا ئىككى تىلدا بېرىمىز. كەسپ خەنزۇچە، چەت تىلىغا ئېنگىلىزچە، رۇسچە ياكى ياپۇنچىنىڭ ئۈچىدىن بىرسى بولسا بولىدۇ. چەت تىلى ئىمتىھانىنىغۇ تىل نوقتىسىدىن بېرىدىغان ئىش. سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمما، كەسپى پەننى خەنزۇچە بېرىش ئۇ بىر چوڭ مەسىلە. ئاۋال تىل ئۆتكىلى، ئاندىن كەسپى بىلىم كېرەك بولىدۇ. بىلسىمۇ خەنزۇچە ئىپادىلەپ يېزىشمۇ خېلى تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىتودىنىتلار بالدۇرراق تەييارلىق قىلسا، ئىمكان بار شارائىتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۆزىنى بىر دەڭسىۋىلىشى كېرەك. ھەم كەسىپنى باشقىلارغا ئەگىشىپ ئەمەس، شارائىت يار بەرگەن دەرىجىدە قىزىقىشى بويىچە تاللىسا، ئاخىرى ئۇ كەسىبتە ئۈزۈب چىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن. گەرچە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھاننى 41 ياشقىچە بەرسە بولسىمۇ، كاللائوچۇق ۋاقتىدا ئوقۇۋالغانغا يەتمەيدۇ.  پەن ئېگىلەش بىزگە نىسبەتەن تەخىرسىز مەسىلە. شۇڭا كەسىبنى ياخشى تاللاش كېرەك.  داۋامى بار!

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 21:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۇقىرىدا تىل ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش ۋە ۋاقىت ھەققىدە بىر قىسىم پىكىرلەرنى بەردۇق. بۇ پاراڭلار سىتودىنىتلار ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش بولسۇن ياكى نۆۋەتتىكى زامانغا ماسلاشقان بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىل ئۆگىنىش ئاساسى بىلىم.  بۇنى ئۆگىنىشنىڭ جاپاسى ئېغىر. بولۇپمۇ، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىلا ئىمتىھان بەرمىسە،  ھەممە ئىمتىھاننى باشقا تىلدا بېرىدىغان گەپ. كەسپى ئىمتىھان بولسۇن، ياكى بىر تۇتاش بېرىدىغان ئىمتىھان بولسۇن، چوقۇم باشقا ئىككى تىلدا بېرىمىز. كەسپ خەنزۇچە، چەت تىلىغا ئېنگىلىزچە، رۇسچە ياكى ياپۇنچىنىڭ ئۈچىدىن بىرسى بولسا بولىدۇ. چەت تىلى ئىمتىھانىنىغۇ تىل نوقتىسىدىن بېرىدىغان ئىش. سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمما، كەسپى پەننى خەنزۇچە بېرىش ئۇ بىر چوڭ مەسىلە. ئاۋال تىل ئۆتكىلى، ئاندىن كەسپى بىلىم كېرەك بولىدۇ. بىلسىمۇ خەنزۇچە ئىپادىلەپ يېزىشمۇ خېلى تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىتودىنىتلار بالدۇرراق تەييارلىق قىلسا، ئىمكان بار شارائىتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۆزىنى بىر دەڭسىۋىلىشى كېرەك. ھەم كەسىپنى باشقىلارغا ئەگىشىپ ئەمەس، شارائىت يار بەرگەن دەرىجىدە قىزىقىشى بويىچە تاللىسا، ئاخىرى ئۇ كەسىبتە ئۈزۈب چىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن. گەرچە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھاننى 41 ياشقىچە بەرسە بولسىمۇ، كاللائوچۇق ۋاقتىدا ئوقۇۋالغانغا يەتمەيدۇ.  پەن ئېگىلەش بىزگە نىسبەتەن تەخىرسىز مەسىلە. شۇڭا كەسىبنى ياخشى تاللاش كېرەك.  داۋامى بار!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-25 21:45):
ئىككى يوللىنىپ  كېتىپتۇ، باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي، بىرنى ئۆچۈرۋەتسەڭلار

UID
36534
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:40:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ،بۈگۈن ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلرى ئەتكى خىرىسنى بىلەلىسە چوقۇم چوقۇم ئويىنىدۇ.چۈنكى بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ ئارلىقى ئۇنىچە ئۇزۇن ئەمەس.

باھا سۆز

تۇغلاجان  بىر كۈننى چوڭ بىلمەيدىغان سىتودىنىتلىرىمىزغا .... نېمە دىىسەم بولار!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:17:05

UID
36534
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلاجان ئەپەندىم مىنىڭچە سىز بۇ ماقالە ۋە ئىنكاسلارنى بىر رەتلەپ قايتا مۇنبەر ئەھلىگە سۇنسىڭىز چوقۇم تىخمۇ ياخشى بولاتتى .

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۇغلاجان ئەپەندىم مىنىڭچە سىز بۇ ماقالە ۋە ئىنكاسلارنى بىر رەتلەپ قايتا مۇنبەر ئەھلىگە سۇنسىڭىز چوقۇم تىخمۇ ياخشى بولاتتى .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-
  قايتا يوللىمىغان تەقدىردىمۇ ئىنكاسلارنى ئىخچام ۋە مېغىزلىق قىلىپ رەتلىگىم بار. ئەسلىدە، مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز- قاراشلىرى بولسا، مۇنازىرە ھالىتىدە بۇ تېمىنى بېيىتىش خىيالىم بار ئىدى.
  ھازىرچە نېمە ئويلىسام شۇنى ئېيتقاچ تۇردۇم. بۇ توغرىدا يەنە پىكىرلىرىم بار. ھەممە پىكىرىم تۈگىگەندىن كېيىن چوقۇم رەتلەپ، ئوقۇشچان بىر ھالەتكە كەلتۈرىمەن.
  مەمەتئېلى،  سىزنىڭمۇ سىتودىنىتلار توغرىىسىدا ئويلىغانلىرىڭىز باردەك قىلىدۇ. تاتىنماي دېگەچ تۇرۇڭ. ھەمكارلىشىپ،  بۇ تېمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇرساق.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 13:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالدىنقى بەتتىكى ئىنكاسلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ چىقتىم. پىكىرلەر بەك چېچىلاڭغۇ بولۇپ قاپتىكەن. ئاخىرسىنى داۋاملىق يىغىنچاقلايمىز.
                                                      1
   يېقىنقى كۈنلەردە بىر قىسىم سىتودىنىتلارنىڭ قاخشاپ يازغان  يازمىلىرىنى توردا ئۇچراتتىم.
   ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قاخشىشى مەلۇم مەنىدىن ئۆزى ھەققىدە  چوڭقۇر ئويلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، بۇ ھال داۋاملىشىدىكەن، ئۆز كەلگۈسىنى نامۇۋاپىق يولغا باشلاپ سېلىشىمۇ مومكىن. شۇڭا، بىر مۇنەۋەر سىتودىنىت بولۇشنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە قىسقىچە بولسىمۇ توختىلىشنى لايىق تاپتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماقالە تېمىسىنى سىتودىنتلار رىسالىسى (ئۆلچىمى) دەپ قويدۇم.
    رىسالە،  بىزدە ئىلگىرى مەلۇم ھۈنەر- كەسىپنىڭ ئۆلچىمى، قائىدىلىرى ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس قوللانمىنى كۆرسەتكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شۇ خىل كەسىپنىڭ نەزىرىيىسى دېگەنلا گەب. ئەمدى، بۇ يازمىنىڭ تېمىسىنى بۇنداق ئاتىشىم سىتودىنىتلارغا قاندقتۇر ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىش ئەمەس، پەقەت، سىتودىنتلار قايسى يولدا ماڭسا، «ئۆزىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ؟» دېگەن مەقسەتتە، ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتۈم. بۇ يازما ھەققىدە بىر قىسىم سىتودىنتلارنىڭ پىكىرىنىمۇ ئالغان. شۇڭا، سىتودىنتلارغا موئەييەن پايدىسى بار دەپ قارايمەن. كەمىنىمۇ، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا دەل مۇشۇ خىلدىكى پىكىرنىڭ تەسىرى بىلەن، ھەر ھالدا ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىمنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن. ئالىي ئوقۇللارغا يىلدا يېڭى ئوقۇغۇچىلار كېلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ خىلدىكى تېما «ساۋاقداشلار» ناخشىسىدەك تولا ئېيتىلىدۇ. تەشنائى دېگەن توردىشىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بۇ خىلدىكى ئىنكاسلار كۆرۈرمەندە پىكىر ئويغىتىدۇ دېگەن گەپ.
    شۇنىسى روشەنكى،سىتودىنتلارغا نىسبەتەن، قىممەتلىك ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ھەقىقەتەن بىر قىسىم كەتكۈزىۋىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان بىر قىسىم نوقتىلار بار دەپ قارايمەن. مەن دەل مۇشۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى  مەقسەت قىلدىم. ۋەھالەنكى، بۇ پۈتۈنلەي مىنىڭ شەخسى قارىشىم. مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى لاياقەتلىك ئوقۇدۇم دېيەلىسەممۇ، كەتكۈزىۋەتكەن جايلىرىم بار. ۋەھالەنكى، ئۆزەممۇ قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى باشقىلارغا تېڭىش ھەققىم يوق. يوللۇق پىكىر دەپ قارالسا، مۇۋاپىق پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
باھانە دېمەك ئوغا دېمەكتۇر
«ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» دەپ، ھەممە ئىش كۈتكىنىمىزدەك بولمايدۇ. بۇ جەمىيەتنىڭ ھەر قانداق بىر تەرىپىگە نىسبەتەن باب كېلىدىغان تەمسىل. لېكىن، ئالىي ئوقۇللاردا ئوقۇۋاتقان بالىلار بۇ نوقتىغا دىققەت قىلمىسا بىر پۈتۈن كەلگۈسى نابۇت بولىدىغان گەپكەن. مەيلى قانداق شارائىتتا ئوقۇمايلى، 98 پىرسەنت ئۆزىمىزنىڭ تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پەقەت ئىككى پىرسەنتلا تاشقى ئامىل. مۇشۇ ماقەلىمۇ ھەرگىز مەلۇم بىر سىتودىنىتنىڭ كەلگۈسىنى بىر قانداق قىلۋىتەلمەيدۇ. ئەگەر بىر پىرسەنت ئۈنىمى كۆرۈلۈپ، ياش قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ پىكرىنى ئازراق غىدىقلىيالىسا، بۇ يازمىنىڭ كاتتا شۆھرىتى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆزلىكىدىن تىرىشىش ياكى ئۆگىنىش ناھايتتى چوڭ بايلىق، ھەم كەلگۈسىنڭلارنىڭ ئاساسى.
شۇنىسى روشەنكى، باھانە:ـــ سىتودىنتلىرىمىزنىڭ چوڭ ئاجىزلىقى. باھانە دېمەك ئوغا دېمەك. بىر باھانە ئۆزىنىڭىزنى ناركۇز قىلغانلىققا باراۋەر. بىر نەچچە باھانە ئوغا ئىشكەنلىككە باراۋەر.
11- قەۋەتتىكى مۇنبەرداش سىتودىنىتلار ھەققىدىكى كۆز- قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، ئۇ  ئالىي مەكتەپدە تەجىربىخانا بەرمەسلىكتىن ئىبارەت بىر باھانىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، سىتودىنىتلارغا ناركۇز دورىسى ئۇرماقچى بولدى.  ئەمما شۇنى دېيىش كېرەككى، تەجىربىخانا بەرمەسلىك ئادەتتىكى مەسىلە. مەن تېخىمۇ كۆپ ۋە يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە بولغان باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن. مەسلەن، ئاددىسى، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس دەپ چېنىقمىساق توغرا بولامدۇ؟ ئات مەنزىلگە يېتەلمەيدۇ. (جالالىدىن رۇمىنىڭ روھ ۋە تەن ھەققىدىكى قارىشىغا ئىشارە قىلىندۇ. ماقالىدە بۇ ھەقتە گەپ بار.) ئومومەن، بۇنداق باھانىلەرنى دەپ كەلسەك خېلى چىقىشى مومكىنكى، يىغىپ ئېيتقاندا بۇلارمۇ باھانىدىن ئىبارەت.  شۇنىسى رۇشەنكى، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن،  قىلماسلىققا باھانە ئىزدىدىڭىزمۇ بولدى، ھەممە ئىش ئىزىدا توختايدۇ. تەجىربىخانا كۆرۈپ باقمىغان بىر قىسىم ئادەملىرىمىز تىرشىپ- تىرمىشىپ، ئاخىر چەت ئەللەرگە ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق بىر قىسىم ئۇنېۋىرسىتېتلاغا ئىلىم ئىزدەپ كېلىپ، شارائىتىنى ئۆزلىرى يارىتىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى دېگەن كىتابتىكى ئالىملىرىمىزمۇ مۇشۇنداق باھانە ئىزدىگەن بولسا ئىدى، ئۇلار بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى (بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى دېگەن كىتابقا قارالسۇن!)
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كۆپلىگەن ساۋاقداشلار سەككىز كىشلىك ياتاقتا ياتىدۇ. ئۆگىنىش قىلىش مۇھىتىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ سەككىز كىشلىك ياتاق بىر كىچىك جەمىيەتنى ھاسىل قىلىدۇ. سەككىزنىڭ ئىچىدە سودىگەرمۇ چىقىدۇ (ئۇششاق- تۈششەك مال ساتىدىغان)، بەڭگىمۇ چىقىدۇ، بىلگە ساناردا توختىماي ئويۇن ئوينايدىغانلارمۇ ھەم بار.بەزى سىتودىنىتلار ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، ياتىقىدا مۇھىتنى ئۆزى يارىتىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆگىنىدۇ، ئۆگىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىغان يەنە بىر بۆلەك سىتودىنىتلار بار، ئۇلار شۇنداق باھانە ئىزدەپ ئۆگىنىشنى تاشلىۋىتىدۇ. بۇنداق باھانىنى ئىچكىرىدىكى مەكتەولەر بىلەن سېلىشتۇرساق تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. مەسلەن:
شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قارىغاندا، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار.
1، ئۆگىنىش شارائىتى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، سىنىپلىرى تاقالمايدۇ. ھەتتا، بەزى سىنىپلىرىدا كېچىسى ئۆگىنىش قىلسىمۇ بولىدۇ. ئچكىرىدە ئوقۇۋاتقان باللىغا بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ، ئەمما شىنجاڭدا، ئۇنداق ئەمەس، سىنىپلارنى دەرس بولمىغان ۋاقىتتا تاقىۋالىدۇ. ياتاقلارنىڭمۇ كېچىچە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئايرىم سىنىپلىرى بولىدۇ. كېچە- كۈندۈز چىراقلىرى ئۆچۈرۈلمەيدۇ.  ياتاقلىرى ئامال بار تۆت كىشلىك، پەقەت بولمىسا، ئالتە كىشلىك ئىكەن. ئۈستىدە ياتسا، ئاستى كىتاب جازىسى، ئىشكاپ قاتارلىق.... بىزنىڭ سەككىز كىشلىك ياتاقلارنى كۆرسەكچۇ...
2، كۇتۇپخانىلىرى ئىنتايىن كاتتا بولۇش بىلەن بىرگە، كۇتۇپخانىنىڭ يەر ئاستى قىسمىدا، ياكى يۇقىرى قەۋەتلىرىدە، 2 كۋادىرات مېتىر كەلگۈدەك كچىك خانىلىرى بار. بۇ خانىلەر سىتودىنىتلارغا ئايلىق ئىجارىگە بېرىلىدۇ. ئۇ يەردىن كېچە- كۈندۈز چىقماي ئۆگىنىش قىلسا بولىدۇ. بەزى خەنزۇلار يەيدىغان-ئىچىدىغاننى ئەشۇ تەتقىقات خانىلىرىگە ئەكىرىۋىلىپ، ئۈچ-تۆت كۈنگىچە چىقماي ئۆگىنىش قىلىدۇ. بۇ تەتقىقات خانەسى (研究厢) جايلاشقان يەرگە كىرگەندىن كېيىن، قەتتىي ئاۋاز چىقىرىشقا بولمايدۇ. يەنە، شىنجاڭدا قاتتىق چوڭ بىلىپ قۇلۇپ سېلىندىغان كۆپ ۋاستىلىق (多媒体教室) سىنىپلار، سىتودىنىتلارغا ئېچىۋىتىلگەن. بولۇپمۇ، كەچلەردە ئۇ سنىپلاردا چەت تىلىدا كىنو كۆرۈپ، تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ.
3، ئۇلارغا، كەسە- كەلمەس يىغىننى تولا ئاچمايدىكەن.  ئىمكان بار ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بېرىدىكەن.  
4، دەرستىن سىرتقى پائالىيەت سورۇنى ئىنتايىن تەل. مەسلەن، شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەڭ ئاددىسى تېنىس توپ مەيدانى، سۇ ئۈزۈش مەيدانى قاتارلىق بىر قىسىم تەنھەركەت ئەسلىھەلىرى ۋە مەيدانلىرى كەم. دېمەك، بۇنداق باھانىلەرنى ساناپ كۆرسەك تالاي. چەت ئەل مائارىپى بىلەن سېلىشتۇرساقچۇ؟ شۇڭا باھانىنى ئاز كۆرسەتكەن ياخشى. بولمىسا، غەيۋەتنىڭ كوچىسىغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىسىز، دە بەزى ياتاقلار غەيۋەت- شىكايەتنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن مەن پۈتمەس- تۈگىمەس قۇرۇق پاراڭ (غەيۋەت ) ھەققىدە فىليەتۇنسىمان بىر يازما تەييارلىغان، بىر قىسىم مۇنبەرداشلارغا چاقچاقتەك تۇيۇلغىنى بىلەن، مۇئەييەن ئاساسى بار. شۇنداقلا، بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن مېنىڭ پىكرىم:
مەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئېينىشتىيىننىڭ مۇۋاپىقىيەت فورمىلىسى بەك تەسىر قىلغان ئىدى. يەنى،
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش+ توغرا ئۇسۇل +ئىسسىق تەر = مۇۋاپىقىيەت.
بۇ تەڭلىمىدە بىزگە زەھەردەك تېگىدىغىنى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش دېگەن مىقداردۇركى، يۇقىردىكى غەيۋەت تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھىدايەت گۈلزارى دېگەن كىتابتا:
«غەيۋەت دىگەن قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەر بىلەن تىلغا ئېلىشىڭدۇر.» دەپ كۆرسەتسە، قابۇسنامە دېگەن كىتابتا:
«ئىلىم تەلەپ قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىڭدا يامان ئىشلاردىن يىراق بولۇپ ئۆزۈڭنى پاك ساقلا.» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سىتودىنىتلارنىڭ ۋاقىتنى قۇرۇق پاراڭ سېلىش بىلەن ئۆتكۈزمەي، «يۆل ئەمگەك» قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، سىتودىنىتلار مىللەتنىڭ ئۈمىدى. شۇڭا، ياشلارنىڭ ساپالىقلىرى توپلانغان ئالىي مەكتەپ تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن.
تولۇقسىز بىر مەلۇماتقا قارىغاندا، تولۇق ئوتتۇردىن ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پەقەت 23 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. دېمەك، ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ چىقتىڭىز، 23 پىرسەتنىڭ ئارىسىغا كىردىڭىز دېگەن گەپ. بىر قىسىم مۇنبەرداشنىڭ سىتودىنتلار جەمىيەتتە يامان ئاتاققا قېلىۋاتىدۇ دېيىشى، يۇقىرلاپ ئوقۇغان ئەشۇ ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنىڭ ئىنتايىن سۇس بولىشى ھەم بىر ئىشتىن ئوڭاي ۋاز كېچىدىغان  نامزەللە خارەكتىرگە ئېگە بولۇپ قالغانلىقىدىن بولۇپ قالغان.  ھەقىقەتەنمۇ، ئەڭ ئاۋال رىقابەت ئېڭى سۇس بولغانلىق سەۋەبى بىلەن، سىتودىنىتلار ئۆزىنى تاشلىۋىتىدۇ. بېلى بوش بولغاچقا، بىر ئىشتىن ئوڭاي ۋاز كېچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر توپ نامزەللە كىشلەر جەمىيەتكە تۆكىلىدۇ. ئەخلەتتەك تۆكىلىدۇ....
   ئەخلەتدەك جەمىيەتتە تاشلىنىپ قالغاندا، ئۇلار پۇشايماننى تويغىچە يەيدۇ. لېكىن، چوڭلار ئاجايىپ دەۋىتىپتىكەن، پۇشايماننىڭ قاچىسى يوق دەپ...
بۇ خىل تەرىزدە پىكرىمىزنى ئوتتۇرغا قويىۋەرسەك، باشقىچە پىكىردە بولۇپ قېلىشىڭلار مومكىن. ھالبۇكى، مۇشۇنداق پىكىرلەر سىلەرنى سەگىتىپ تۇرغىنى ياخشى. كۈنىڭلار مەنلىك ئۆتسۇن.
تۆۋەندە بىر قىسىم كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.  كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندىكى كىتابلارنى ئوقۇسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بىر قۇر تونۇپ چىقىشقا پايدىلىق دەپ قارايمەن. مەيلى، تەبئىي پەنچىلەر، ياكى ئىجتىمائىي پەنچىلەر بولسۇن، تۆۋەندىكى تىزىملىكتىكى كىتابلارنى كۆرۈپ چىقسا، ئۆز تارىخى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق بىلىمگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئاددىيسى سۆزلۈك بىلىملىرىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئانا تىلدىكى قابىلىيىتى ئۆسكەن ۋاقىتتا، چەت تىللارنى ئۆگىنىشمۇ ئاسان توختايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بىر تەۋسىيە پىكىر بولسىمۇ، مېنىڭچە ئۆزىنى ئۇيغۇر سىتودىنىت دەپ قارىسا، يۇقارقى كىتابلارنى ھىچ بولمىسا بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشى لازىم دەپ قارايمەن.
بوز ئەر
باتۇر تەڭرىقۇت
تەڭرى قامچىسى ئاتېللا
ئاتېللا ھەققىدە رىۋايەت
ئورخۇن شەجەرىسى
ئىدىقۇت يۇلتۇزى
مەھمۇد كاشىغەرىي
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
سۇتۇق بۇغراخان
بۇغراخان تەزكىرىسى
چىڭگىزخان
باتۇرخان
ئاخىرقى دېڭىزغا سەپەر
بوز قىر ئىمپىرىيىلىرى...  (تۆمۆرىيلەر ھەققىدە)
تارىخىي رەشىدى
تارىخىي رەشىدى زەيلى
چىڭگىزنامە
باھادىرنامە
سۇلتان سەئىدىخان
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان
(بەخىتسىز سەئىدىيە)
مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى
ئاپپاق غوجا
تورغاق غوجىلار
مېھىربانىم قايدىسەن
ئېغىر تىنىقلار
ئاماننىساخان
تارىخىي ھەمىدى
چاڭمۇزا يۈسۈپخان
بەدۆلەت (ئۈچ قىسىم)
مۆلچەر تاغ بورانلىرى
موللا زەيدىن
ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە
مەمتېلى ئەپەندى
بالدۇر ئويغانغان ئادەم
قاينام ئۆركىشى
لوتپۇللا مۇتەللىپ
چالا تەگكەن ئوق
ئىز
ئويغانغان زىمىن
گۆر ئاغزىدىن يانغانلار
ئىلى دولقۇنلىرى
چالا تەگكەن ئوق
ئۇنتۇلغان كىشىلەر
ئانا يۇرت
سىزكۈندە ھىچ بولمىسا، بىر سائەت كىتاب كۆرۈشكە ۋاقىت ئاجرىتىڭ، 24 سائەتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن چېغى بولۇپ قالىدۇ. ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا يولۇقۇش مومكىن:
    سۇئال، ياشانغانلار نېمىشقا ئاز ئۇخلايدۇ؟
   جاۋاب: ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئاز ئۇخلايدۇ.
مانا بۇ، فىرانسىيەلىك پەيلاسۇپ ئالبىرت كامۇسنىڭ  كۆز- قارىشى بولۇپ، سەل غەيرى ئېيتىلغىنىدەك قىلغان بىلەن، ئاساسى يوق دەپ قارالمايمىز. كېيىن ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۆلۈم بۇرنىغا پۇرىغان ۋاقىتتا، ۋاقىتنى ئاز ئۇخلاپمۇ ئۇزارتقىلى بولمايدۇ. ماقالىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئۆلۈپ كېتىدىغىنىڭنى ئاللىقاچان بىلگەن تەقدىردىمۇ، بىلىم ئېلىشنى ئۇنۇتما دەپ.
بۇلار سىتودىنتلارغا نىسبەتەن بىرىنچى قەدەمدە يىغىلغان پىكىرلەر. كەينىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىخچاملايمىز. ئالدىنقى بەتتىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇمايلا، مۇشۇ مەزمۇننى كۆرسىڭىز ۋاقتىڭىز تىجىلىپ قالار!

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

UID
10139
يازما
108
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2418
تىزىملاتقان
2011-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 15:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  ئەسەر كەن بۇ . تىما ئىگىسىگە كوپ رەخمەت .

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       2
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مېنىڭ بۇ تېمىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىكى  ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىم:ــــ «سىتودىنتلار زادى بىر ئامال قىلىپ، ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چېقىشنى كۆڭلىگە جىددى پۈكۈشى كېرەك. يەنى، دوكتۇرلۇق ۋە دوكتۇرئاشتىلىققىچە ئوقۇشنى ئالىي نىشان قىلىش زۆرۈر.» دېگەننى مەۋقە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئىمكان بار چەت ئەللەرگە چىقىپ، ئەڭ زامانىۋى ئىلىم بىلەن قوراللىنىشى جائىزدۇر.» دېگەننى قەيت قىلىپ ئۆتۈش.  ئەگەر بۇ خىل ئالىي نىشاننى تۇرغۇزمايدىكەنسىز، سىزنىڭ قولىڭىزدىن چوڭ ئىش كەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرلاپ ئوقۇشنىڭ  ئانچ ئاسانغا توختىمايدىغىنى راست.
  ئۇنداقتا نېمە قىلسا ئاسان؟  دېگەن سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ؟ بەزىلەر چاقچاق قىلىپ ياكى گەپنىڭ تېمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، پۇل خەجلىمەك ئاسان دېيىشى مومكىن. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇ سۇئالغا ھىچكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇنى ھەركىم ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇشنى ئوتتەك سۆيىدىغان بىر سىتودىنتقا نىسبەتەن ئۆگىنىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ.  ئۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىنىڭ كۆڭلى پەقەت ئۆگىنىشتىنلا سۇ ئىچىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە گەپ ساتىمىز دېگەن مەسىلنىڭ نېگىزى : نۆۋەتتە، چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن تەتقىقاتلارغا قارايدىغان بولساق، ئاغىزىمىزنى ئېچىپلا قالىدىكەنمىز. ئۇلار تەتقىقاتلاردا نېمىدىگەن ئچكىرلەپ  كەتكەن. يېقىندىن بۇيانقى كۈزىتىشىمگە قارىغاندا، ئىلىم ساھەسىنىڭ تەرەقىياتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ تىز ھەم ئىنتايىن ئەتراپلىق بولۇپ كېتىپتۇ.  ئاغزىمىزدىن چىققان گەپنىڭ ھەممىسىلا بىردىن پەننىڭ نامى بولۇپ كەتكەندەك. خەنزۇچە «学»نى بىر  گەپنىڭ كەينىگە قاتسىلا، بىر پەن بولۇپ شەكىللىنىپ، تەرەقىياتىنى باشلىۋىتىدىكەن. بۇنىداق ئەھۋالدا، زور بىر قىسىم ئۇيغۇر  سىتودىنىتلار قىلىدىغان ئىشنىڭ ناھايتتى كۆپلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىلىم ئىشى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئىش دەل سىتودىنىتلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەكلىك.
ھالبۇكى، كەينىمىزدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان بالىلارغا بۇ نوقتىنى ئەسكەرتىپ قويساق يامان كەتمەيدۇ، بىر ئىشلارنى ئوتتەك قىلغۇسى بار، ئەمما قايسى نوقتىدىن قول سېلىشتا ئىككىلىنىپ تۇرغان بالىلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە، ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويۇش مەسئولىيەت بار دەپ قارايمەن.
    كىتاب مەسلىسىدە تەكرارلايمەنكى، ئەگەر سىتودىنىتلار ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى بىر قەدەم ئالغا سىلجىتاي دەپ قارىسا، چەت ئەلنىڭ بىر قىسىم داڭلىق رومانلىرىنى ئوقۇپ قويسا يامىنى يوق. ھالبۇكى، جاھان ئەدەبىياتىدىكى باش بوغۇن سانالغان رومانلارنى ئوقۇغاندا، ئۆزىنىڭ مىللەت، دىن، سىياسى، ئىقتىساد، تېخنىكا قاتارلىق مۇھىم ئىلىمەر ھەققىدىكى قارىشى يېڭىلىنىدۇ دەپ قارايمەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خېلى كۆپ قىسىم چەت ئەل نادىر رومانلىرى  ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ كىتابلار سىتودىنىتلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئانا تىلدىكى تەپەككۇرىنى پۇختىلاش، ۋە بۇ ئارقىلىق، كىشلىك ھايات توغرىسىدىكى كۆز- قارىشىنى يېڭىلاش،  مۇرەككەپ كىشلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئېگە بولۇش..... قاتارلىق ئاكتىۋال قىممەتكە ئېگە ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ۋە يۇقىردا دېيىلۋاتقان پىكىر ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئېگە بولالايدۇ! بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ قويۇش ھاجەتكى، ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، چەت تىللىرىنى جان تىكىپ ئۆگىنىۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. بىراق، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ ساندىكىلرى ئېنىق نىشان تۇرغۇزمىغاچقا، ئارا يولدا بۇ ئىشنى تاشلاپ قويىدۇ.  رىقابەت ئېڭى سۇسلايدۇ، جىق نەرسىنى بىلمەيدىغان ئادەملەر توپى ئارىسىغا كىرۋىلىپ، ئۆزىگە تەسەللى بېرىدۇ. بۇ شەك- شۈبىھسىزكى ئاجىزلىق. بۇمۇ ئوخشاشلا،  10 كوي پۇل بىلەن ئىككى كۈن جان باققىلى بولىدىغان يەرگە بېرىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ 2000 كوي پۇلىنى جىق ساناپ يۈرگەن كىشلەرگە ئوخشايدۇ.
  نۆۋەتتە، يەر شارى كەنتى دېگەن ئۇقۇم بارغانسىرى بىزنى قىستاپ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيا بىلەن بىزنىڭ ئارلىقىمىز كۈنسىرى بىر گەۋدىلىشىۋاتىدۇ. بۇنداق دەۋىردە، سەللا بوش تۇرساق چانىمىز، بۇ تولا دىيىلىۋاتقان گەپ ئىدى. ھازىر بىز بۇ خىل ھالغا يولۇقتۇق.  كۆز- ئالدىمىزدا پايانسىز بىر ئىلىم دېڭىزى نامايان بولدى. ئۇيغۇرچە، خەنزوچە كىتاب بىلەنلا جان باققىلى  بولدىغان زامان قالمىغىلى تۇرۇپتۇ. شۇڭا، سىتودىنىتلار ھازىردىن باشلاپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ لازىملىق بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى ھاجەت. كىتاب كۆرۈشكە تەجىربىخانا كەتمىگەندىنكىن، بېسىپ كىتاب كۆرىشى لازىم. ئاندىن، چەت ئەل تىلىنى بولۇپمۇ، ئېنىگىلىز تىلىنى بېسىپ ئۆگەنسە، پايانسىز ئىلىم ساھەسىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، بىزدىننمۇ خارۋارد ئەركىسى- قۇدرەتتەك يول ئاچقۇچى سىتودىنىتلار چىقتى. تەجرىبىخانا دېگەن دەل شۇ مەكتەپلەردەك داڭلىق ئۇنىۋىرسىتېتلاردا. ئاسپىرانتلىق، دوكتۇرلۇقنى شۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ. بىز ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە خارۋارد دېگەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بارلىقىنىلا بىلەتتۇق. ھازىر بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇ مەكتەپنىڭ پېچىتىنى بۇزىۋەتتى. (بۇ ئۇيغۇرلارغىلا ئېيتىلغان گەپ) دېمەك، ئېڭىمىزدا، تىرىشساقلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن، دېگەن ئىدىيە پەيدا بولغىلى تۇردى. ئەمدى سىتودىنتلارنىڭ ئالدى خارۋاردنى، كەينى رايونىمىزدىكى مەكتەپلەر بولۇپ، ئاسپىرانتلىق، دوكتۇرلۇققا يول ئالغىلى تۇرسا، بۇ بىزگە پۈتمەس- تۈگىمەس قۇت ئېلىپ كېلىدۇ.
  شۇغىنىسى بۇ جەريانلارنى بېسىش ئۈچۈن، ئاچچىق جاپالارنى چېكىشى كېرەك، ئانچە- مۇنچە يۇقارقىدەك ئاچچىق پاراڭلارنى ئاڭلاپ قويسا ھەم يامىنى يوق.
\ مەن ئىزچىل سىتودىنىتلار مەسلىسى ھەققىدە ئويلاقلىق. ئۆزەم شۇ گۈزەل مەزگىللەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن،  كېيىنكى تۇرمۇشۇم ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس سالالىغان بولغاچقا، ئەكسىچە، بىر قىسىم مەن بىلىدىغان سىتودىنىتلارنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتنى زايا قىلۋىتىپ، ئىستىقبالىغا چاقچاق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولغاچقا بۇ ھەقتە ئويلاندىم.  ۋەھالەنكى، بۇ ھەقتە تازا ئويلىنىۋاتقان ۋاقتىمدا، ئىككى ئېغىز گەپ قىلسام يوللۇق دەپ ئويلىدىم. ئىككىنچىدىن، مەن ئىلگىرى كاسىلداپ سۆزلىگىنىمنىڭ نەتىجىسىنى ئاز- تولا كۆرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپلىگەن ساۋاقداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پاراڭغا ئامراقلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ- ئىستەكلىرى بار. شۇ ئارزۇلارغا قايسى يول بىلەن بارسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەرگە قىزىقىدۇ. يەنە، شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، ھازىر تورنىڭ تەرەقىياتى تىز بولۇۋاتقان شارائىتتا،  سىتودىنىتلارنىڭ توردىن پايدىلىنىشى جەمىيەتتىكى ھەر قانداق بىرسىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى. مەيلى، ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئىستىكىدە بولسۇن ياكى ئويۇن ئويناش مەقسىتىدە بولسۇن، تور ئارىلاۋاتقان سىتودىنىت دوستلارنىڭ مۇنبەرنى شاپ ئاچسا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەمدە دەمال ئويغا سالالىغىدەك يازمىلار بولسىكەن دەيمەن.  جىق سۆزلەپ قويۇشۇمدىن قەتتىينەزەر، ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلغان ۋاقتىڭىز، دەل ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  كۆپلىگەن سىتودىنىتلار شۇنداق ئەھۋالغا يولىقىدۇ. بەزىلىرى 4 يىل ۋاقىتنى ئۆتكىزىۋىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى يىلى ھوشىغا كېلىدۇ. ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرەي دېسە، تىل ئۆگەنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن، بولدىلا دەيدۇ.  ئەمىلىيەتتە، شۇ بىر يىل تىرىشسسا، تامامەن يېتىدۇ.  ئاخىرقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىمىز دەپ ئولتۇرۇش جىق بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، ئەڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشقا بېرىپ قويسىلا بولدى.  ئۇزۇندىن ئۇزۇن بۇ توغرىسدا توختىلىپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ئاز- تولا يۇرت كېزىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن روشەن بىر سېلىشتۇرما نامايەن بولدى. بىزدىمۇ بەسلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئەھۋال بار. لېكىن، بىز ئۆزىمىزنى يېنىمىزدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىتودىنىتلار بىلەن سېلىشتۇرىشىمىز كېرەك.  مەن ئارام ئېلىۋاتقاندا، ئامىركىدىكى، ياپوندىكى بىر سىتودىنىت نىمە قىلۋاتىدۇ دېگەننى ئويلاپ قويىشىمىز كېرەك.  شۇنداق قىلغاندا، بىز ئىلگىرلىيەلەيمىز. كۈنىمىز ئلىگىركى يىللارغا ئوخشىمايدۇ. دەۋىر ئالماشتى دەيدۇ ئاددى بىر سوپۇن ئېلانىدا.  دەۋىرنىڭ ئالماشقىنى دەل ئىلىم ئېگەللەشتىن ئىبارەت مونۇپۇللۇقنىڭ پارچىلانغانلىقىدا. ئىلگىرى كىتاب ئوقۇش ئوقۇ- ئوقۇتۇش مەركىزى بولغان مەكتەپلەرنىڭلا ۋەزىپىسى ئىدى. ھازىر ئاددى بىر سودىگەردىن تارتىپ، بەزى دېھقانلارغىچە كىتاب ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا، مىللەتنىڭ زىيالىلار قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان سىتودىنىتلار ھەسسىلەپ كىتاب كۆرمىسە، ئوڭايلا غاتلەككە چىقىپ قالىدىغان گەپ. غاتلەككە چىقتىڭىزمۇ بولدى، كىم بولىشىدىن قەتتىينەزەر سىزنى خاھلىغان تەرەپكە سۆرەپ كېتىدۇ. سىز بۇ ھەقتە كونكىرتراق بىر نەرسىگە ئېگە بولاي دېسىڭىز، فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» دېگەن كىتابىنى كۆرۈڭ. بۇ كىتاب ئۇلۇغ بوۋىمىز فارابىنىڭ غايىۋى دۆلەت قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان مۇھىم ئەسىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇ كىتابتىكى پەزىلەتسىز شەھەر ئاھالىسى دېگەن قىسمىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز، ئۆزىڭىز ۋە سىز بىلەن مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى كىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىسىز. ئۈزۈكسىز شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، سىز بىر سىتودىنت بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. بولۇپمۇ، تەتىل مەزگىلى چەت تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئالتۇن ۋاقتى. تىل ئۆگىنىش ئىزچىللىقنى ساقلىشى كېرەك. بىر ئاي دەھشەت ئۆگىنىپ، بىر ئاي ئارام ئالغانغا قارىغاندا، نورمال ھالدا ئۈزمەي ئۆگەنسىڭىز، ئۈزۈپ چىقالايسىز. بىزنىڭ باللا مەۋسۈم ئوتتۇرسىدا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىدۇ. شۇڭا، تەتىل كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاش ۋە ئالدىغا ئۆگىنىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى. ۋاقىتقا سەل قارىماڭ، قېرىندىشىم،
   ۋاقىت ــ سىز تېخى سائەت ئىستىرىلكىسى ئەمەس، بەلكى، مىنۇت، سىكونت ئىستىرىلكىسىنىڭ كۆزىڭىزگە مىخدەك قادىلىپ تۇرغىنىنى ھىس قىلمىغان بولىشىڭىز مومكىن.  ھىس قىلىپ قالىسىز. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى، ئەتىگەن سائەت 7دىن 12 كىگىچە، چۈشتىن كېيىن 1دىن 5 كىچە، 6 يېرىمدىن 9 يېرىمغىچە بولغان 12 سائەتتە سىز نۇرغۇن ئىشنى قىلىپ بولاتتىڭىز. دېمەكچى، ۋاقىتنى كونكىرتنى پىلانغا سېلىڭ. بىر توقام قۇرۇق نەسىھەت قىلىشىمىزدىن قەتتىينەزەر، بۈگۈنىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكىزىڭ.
تۈنۈگۈن بۈگۈندىن بىر كۈن يىراقلىقتا، شۇنداقلا، ئەتىمۇ بۈگۈندىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتا. بۈگۈن بەك مۇھىم.
ئىقتىسسادشۇناسلىقتا مۇنداق بىر ئاتالغۇ ھازىر مودىكەن. «ئىلگىرى چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيتتى، ھازىر سۈرىتى تىز بېلىق، سۈرىتى كىچىك بېلىقنى يەيدۇ». بۇ يەردىكى سۈرەت ۋاقىت بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئايرىش مومكىن ئەمەس.  يىغىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭىزغا مىنۇت ئىستىرىلكىسى كىرىپ كەتمىسۇن.
ئۆگىنىش سىلىنى ئەمەس، سىلە ئۆگىنىشنى ئالدىغا سېلىۋىڭلار!

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈندە نۇرغۇنلىغان كىتابلار نەشىر قىلىنپ تۇردىغان بولغاچقا، ھازىر خەنزۇلار بىر قىسىم كىتابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى، ياكى ھەر قايسى بابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىلا خەنزۇچىغا ئۆرىپ، ئېنگىلىزچىلا بىۋاستە چىقىردىكەن. ئەلۋەتتە. ھەرقانداق بىر تىلدىكى نەرسىنى باشقا تىلغا چۆرىسە، ئۇ تىلدىكى  بەدىئىيلىك،، ئومومەن بالاغەت، پاساھەتنىڭ ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ.  يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  خەنزۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىشى، جەمىيەتتە بىۋاستە ئېنىگىلىزچىدىن پايدىلىنىپ تەتقىقات قىلالايدىغان كىشلەرنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئىچكىرىدىكى خېلى كۆپ ئۆلكىلەردە چەت ئەل تىللىرى ئۇنېۋىرسىتېتى بولغاچقا، ھەر يىلى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىقىدىكەن. يەنە كېلىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى شۇنداق راۋاجلانغان. بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ 34 خىل تىلدا  تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىكەن. مۇنتىزىم تولۇق كۇرس ياكى، ئىشتىن سىرتقى كۇرس شەكلىدىكى سىنىپلار تەسىسى قىلىنىپ تۇرىدىكەن. شۇغىنىسى قىززىقكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا بىرە چەت ئەل تىلى ئىنىستىتۇتىمۇ يوق. خۇداغا شۈكرى، سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ تەلىيىگە، مەكتەپ - مەكتەپلەردە كۇرۇسلار ئېچىلىپ تۇرىدۇ. دەل ئاشۇ پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزگەننىڭ ئەتىسى...
شۇڭا، بىز خەق بىر ھەسسە كۈچىسە، ئىككى ھەسسە كۈچىمىسەك، جىق زىيان تارتىدىكەنمىز. بەزى كىتادبلارنىڭ تەرجىمسىىنىڭ تەرجىمىسىسنى كۆرۈپ، شورپىسىنىڭ شورپىسىنىڭ شورپىسىنى ئىچكەندەك يۈرۈيدىكەنمىز. شۇڭا، سىتودىنىتلارنىڭ ئېنگىلىزچىغا سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش بولسۇن ياكى نۆۋەتتىكى زامانغا ماسلاشقان بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىل ئۆگىنىش ئاساسى بىلىم.  بۇنى ئۆگىنىشنىڭ جاپاسى ئېغىر. بولۇپمۇ، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىلا ئىمتىھان بەرمىسە،  ھەممە ئىمتىھاننى باشقا تىلدا بېرىدىغان گەپ. كەسپى ئىمتىھان بولسۇن، ياكى بىر تۇتاش بېرىدىغان ئىمتىھان بولسۇن، چوقۇم باشقا ئىككى تىلدا بېرىمىز. كەسپ خەنزۇچە، چەت تىلىغا ئېنگىلىزچە، رۇسچە ياكى ياپۇنچىنىڭ ئۈچىدىن بىرسى بولسا بولىدۇ. چەت تىلى ئىمتىھانىنىغۇ تىل نوقتىسىدىن بېرىدىغان ئىش. سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمما، كەسپى پەننى خەنزۇچە بېرىش ئۇ بىر چوڭ مەسىلە. ئاۋال تىل ئۆتكىلى، ئاندىن كەسپى بىلىم كېرەك بولىدۇ. بىلسىمۇ خەنزۇچە ئىپادىلەپ يېزىشمۇ خېلى تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىتودىنىتلار بالدۇرراق تەييارلىق قىلسا، ئىمكان بار شارائىتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۆزىنى بىر دەڭسىۋىلىشى كېرەك. ھەم كەسىپنى باشقىلارغا ئەگىشىپ ئەمەس، شارائىت يار بەرگەن دەرىجىدە قىزىقىشى بويىچە تاللىسا، ئاخىرى ئۇ كەسىبتە ئۈزۈب چىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن. گەرچە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھاننى 41 ياشقىچە بەرسە بولسىمۇ، كاللائوچۇق ۋاقتىدا ئوقۇۋالغانغا يەتمەيدۇ.  پەن ئېگىلەش بىزگە نىسبەتەن تەخىرسىز مەسىلە. شۇڭا كەسىبنى ياخشى تاللاش كېرەك.
ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن پىسخىكىلىق تەييارلىقنى پۇختا قىلىش كېرەك!
باشقىلارنى دوراپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدۇ، دەپ بىرسىنىڭ بۇ ھەقتە سۆكۈپ يازغان يازمىسىنى كۆرگەندەك ئېسىمدە.
قاملاشمىغان پىكىر بۇ، ئادەتتە، بىر مىللەتنىڭ خېلى كۆپ ئەزالىرىدا مودا قوغلىشىش، مۇنداقچە، ئەگىشىش پىسخىكىسى بولىدۇ. ياخشى ئىشقا مودا قوغلاشسا نېمە بوپتۇ. تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چۈشۈپمۇ، يەنە شۇ ئۆزىدىن رازى ئەمەس ياشلار كۆپ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئىككىلەنمەسلىك كېرەك. ئۇخلاپ قوپۇپلا دەپ قويغان گەپكە ئىشىنىپ، بولدى قىلساق بولمايدۇ.
     ئەڭ يامىنى بىزدە مۇنداق ئېغىر ئاجىزلىق بار. دائىم ئەمەت بىلەن سەمەتنى سېلىشتۇرىمىز يۇ، ئەمەت ياخشى ئىش قىلىپ قالسا، ھەممىمىز سەمەتنى ئەمەتتەك بول دەپ زورلايمىز. ناۋادا ئەمەتنىڭ سەل چاتىقى چىقىپ قالسا، ئەمەتنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، سەمەتنى مەڭگۈ ئۇنداق بولماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. ئەزبىرايى خۇدا، سەمەت شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ سەمەتتەك ياشىيالمايدۇ. بېشى قاتىدۇ، بىچارىنىڭ...
   ئادەم دېگەن ئوخشاش بىر يولدا مېڭىپ، بىر خىل نەتىجىگە ئېرىشىمىز دىيەلمەيمىز. ھەممە ئادەم، كوللىكتىپ ئاڭغا بويسۇنغان ھالدا، ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تىپىشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ بىزدىكى نەمۇنە تىكلەپ، شۇنىڭدىن ئۆگىنىش، پىپەن قىلىپ يوق قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن قالغان  قارغىش تەككۈر ئىدىيەنىڭ كاساپىتى.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 20:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېمىغا نەزىرىنى ئاغدۇرۋاتقانلار بولسا، بۇ ھەقتە كەم قالغان نوقتىلاردا ئەسكەرتىش بەرسە دېگەن ئۈمىددىمەن. ئالدىمىزدا ئ«ۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى »كېلىۋاتىدۇ.  يەنى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىلىكى نوقتىسىدا سىتودىنىتلاردا قانداق بىر ساپا بولىشى كېرەك.
   زامانىۋى بىلمنى قايسى نوقتىدا تۇرۇپ ھەزىم قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى  قانداق ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق نوقتىلارمۇ ئۇيغۇر سىتودىنتلار ئويلاپ قويۇش تېگىشلىك بولغان مەسىلە.
    بۇنىڭدىن سىرت، ئومومى ساپانى قانداق ئۆستۈرۈش قاتارلىق نوقتىلاردىن تېخىمۇ مۇكەممەل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش كېرەك. شۇڭا، بۇ تېمىنى كۈزىتىۋاتقانلار مۇشۇ نوقتىلاردا پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسا ياخشى بولغان بولاتتى.
  ئەڭ مۇھىمى، يازمامدا قانداق نوخسانلار بار، بۇ توغرىدا بىرەرسىڭلار ئىككى ئېغىز گەپ قىلساڭلار، ئاندىن مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرى تېخىمۇ روشەنلىشەتتى.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 21:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىسىز ساختا ئىشلارنىڭ سەل-پەل تىۋىشىنى سىزىپ قالساڭ قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلايسەن.(قۇلىقىڭ بۆرە كۈچىكىدىنمۇ سەزگۈر بولىدۇ.) ئەگەر ھەق سۆزنىڭ ئاچچىق ساداسى جاراڭلىسا قۇلاقسىز گاس بولىۋالىسەن.


بۇ گەپ راستمۇ  نېمە؟ بىرە سىتودىنت بۇ ھەقتە كۆز- قارىشىنى ئوتتۇرغا قويمايدىغۇ؟ يا ھەقىقەتەن جىددى ئۆگىنىش قىلىۋاتامدىغاندۇ؟!!!!!!!!!

باھا سۆز

adilkanun  مۇشۇ ئىنكاسمۇ ئارتۇق بولۇپ قاپتۇمۇ قانداق!؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:03:05
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش