ئىگىسى: تۇغلاجان

سىتودىنتلار رىسالىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 22:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىر نەچچە كۈن مۇنبەردە بولالمايمەن. شۇڭا، سىتودىنتلار توغرىسىدا قاراشلىرى بولسا يوللىغاچ تۇرساڭلا!
بۇ تېمىنى كۆرگەن سىتودىنتلار ھەر قانداق تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بولسا، تارتىنماي ئوتتۇرغا قويساڭلار  بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ناھايتتى ياخشى پۇرسەت. ئۆزەڭلار يولۇقىۋاتقان مەسلىنى مۇنبەرگە تۆكسەڭلا، قولىم كۆكسىمدە. مەن ئىككى ئۈچ كۈن مۇنبەرگە چىقالمايمەن.
   مەن بولمىساممۇ، باشقا مۇنبەردەشلارنىڭ لايىق مەسلىھەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەگەر سىز ئۇچرىغان مەسلە، كۆپلىگەن سىتودىنتلارغا ئورتاق مەسلە بولسا، ئۇنداقتا سىز تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلغان بولىسىز. چۈنكى، بۇ مۇنبەر ئارقىلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بىر قىسىم پىكىرلەرگە سىتودىنت دوستلار ئېرىشىدۇ!


UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 23:41:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فارابى بوۋىمىزنىڭ پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى دىگەن كىتابىدا،  پەزىلەتسىز شەھەر ئاھالىسى توغرىسىدا توختالغان :  ئىككى ئادەم بىر-بىرى بېلەن پەقەت زۆرۈرىيەت ۋە ئېھتىياج تۈپەيلى بىرلىشىدۇ. بىرلەشكىنىدە بىرسى مۇتلەق غالىب بىرسى مۇتلەق بويسىنىشى شەرت... بۇ خىل زۆرۈرىيەت ۋە ئېھتىياج تۈگۈگەن ھامان ئۇلار بىر-بىرلىرىدىن ئايرىلىشلىرى شەرت. ئەمما پەزىلەتلىك بولۇش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى خىسلىتىدۇر. يۇقارقى پەزىلەتسىز شەھەر ئاھالىسى ھەققىدىكى باياننى پەقەت پەزىلەتسىزلەرگىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە نېمىشقا بۇ ھەقتە سۆز ئېچىپ قالدۇق دېگەندە، ياشلىق دەۋرىدىكى ئاجىزلىق، يەنى بىرسىگە ئوڭاي ئىشىنىپ كېتىش ياكى بىخەستلىك تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئىش سىتودىنتلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاخىردا، ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ، دائىم كايىپلا يۈرۈيدىغانلا جىق. شۇ ۋەجىدىن يۇقارقى ئىككى قۇر خەتنى ئېسىمدە قېلىشى بويىچە يېزىپ قويدۇم. كونكىرتنى كۆرۈشنى خالىغانلا «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» دېگەن كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ!

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 00:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تور  ۋە تىلفۇن سىتودىنتلارغا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟
بۇ نوقتا جىددى بىر مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك مەسلە. ئاۋال شۇنى دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر، قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەندەك، بىر قىسىم سىتودىنتلىرىمىز ماڭسا- تۇرسا تىلفۇن بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرىيدۇ.  ھەتتا ناھايتتى مودا قوغلىشىشىچان. توختىماي يېڭىلاپ، پۇلنى ئورۇنسىز خەجلىۋىتىدۇ. كىتاب سېتىۋالدىغانغا سىنىت پۇل خەجلىمەيدۇ. مانا بۇ ھەقىقى گۇمۋاھلىققا ماڭغانلىق. كىتاب ئوقۇمىغان سىتودىنتتا ئەقەللى بىر ئۇرغۇپ تۇردىغان پىكىرمۇ بولمايدۇ. ئاڭقاۋلىق بىلەن ياشاۋىرىدۇ! ھەممە نەرسە ئىنسانغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ياسىلىدۇ... بۇ ھەقتە ئۆزلىرى ئويلىنىپ باقسا بولا!
    تورغا كەلسەك، ئۇ بىزگە پايانسىز ئىلىم دېڭىزى تەمىن  ئەتتى. توغرا ئىدىيە ۋە ئېنىق نىشان بىلەن بۇ دېڭىزغا قولۋاق سالمىساق، ئوڭايلا بۇ دېڭىزغا غەرق بولىمىز. ۋەھالەنكى، بىر قىسىم سىتودىنتلىرىمىز غەرق بولماقتا. بىلىپ- بىلمەي بۇ يولنى تاللىۋالدى. بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە ياتاقلارغا تورنىڭ ئوموملىشىشى بىلەن، تورغا كۈنلەپ- كۈنلەپ چىقىۋالىدۇ. بەزىلىرى بەك ئېگىزگە چىقىۋالغاچقا، بەزىلىرى «قايمۇقۇپ» قالغاچقا، بۇ خىل ھالەت شەكىللەنگەن. دەرھەقىقەت، تورنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى بەكلا يۇقىرى بولغاچقا، خۇما قىلىپ قويىش مومكىنچىلىقى يۇقىرى.  شۇنىسى ئېنىقكى، بىر چىقسا چۈشكىسى كەلمەيدىغىنى سەل دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەمدە سەل ئۆزىگە ھاي بېرىدىغان پىسخىكىلىق ئاڭ بولىشى كېرەك. توردىن مۇھىم ئۇچۇر، مۇھىم يازما، مۇھىم كىتاب، مۇھىم كىنو، مۇھىم خەۋەلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، باشقا ۋاقىتتا ھەقىقىي ۋەزىپىنى ئارتقۇزۇش كېرەك بولىدۇ. سىتودىنت بولۇش سۈپىتىدە، دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن ۋاقتى- ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ۋە ئۇ خەۋەر ھەققىدە مۇئەييەن مۇلاھىزە يۈرگىزگىدەك دەسمى ھازىرلانغان بولىش كېرەك. ھە، دېگەندە تور ئويۇنى ئويناش ياخشى ئىش ئەمەس.
يەنە بىر مۇھىم مەسلە، يېقىندا ئېلكىتابلارنىڭ ئوموملىشىشى  بەك تىز بولدى. شۇنىڭ بىلەن، سىتودىنتلاردا كومپىيۇتىردا كىتاب كۆرۈشمۇ ئەۋجىگە چىقىپ قالدى. لېكىن، زادى قولىدا ۋاراقلاپ تۇرۇپ كۆرگەنگە يەتمەيدۇ، دەپ قارايمەن. مەندىمۇ بۇنداق كىتابلا بار. لېكىن ھەرگىز كىتاب ئوقۇغاندەك تەسىراتتا بولالمايمەن.  مېنىڭ پىكرىم، يەنىلا قەغەزلىك كىتابنى تاشلىمىساق. ئايپەددە كۆرسىمۇ يەنىلا....نەق كىتاب ئۆزىنى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن.

   
     

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-27 00:32):
بوش ۋاقىتتا دۇتتار ئۆگىنىش!

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 00:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئارام ۋاقتىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
مۇۋاپىق ئارام ئېلىش كېيىنلىكنى ئويلىغانلىق. بەك ئۆگىنىش قىلدىم دەپ ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلمىساق ئۆزىمىزنى ئالدۇرۇپ قويىمىز. شۇڭا، بوش ۋاقىتلاردا ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىنى چېلىشنى ئۆگىنىش قاتارلىق بىر قاتار ئەھمىيەتلىك ئىشلار بار. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قابىليىتىنى ئۆستۈرۈپ قويسا، كېيىن پايدىسىنى كۆرىدىغان گەپ.

    قىلاي دېسە قىلىدىغان ئىش جىق. نوتۇق قابىلىيىتىنى جەزمەن ئۆستۈرۈش كېرەك. قابۇسنامىدە، ئىلىمنىڭ ئەڭ كاتتىسى نېمە؟ دېسە، نوتۇق دەيدۇ. تۆت ئادەم ئالدىدا يەكى كوللىكتىپ بىر سورندا ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ ئىككى ئېغىز سۆزلىيەلمىسىڭىز، سىزگە بىردەمدىلا ھۆكۈم قىلىپ بولىدۇ.
   نوتۇق ھەققىدىكى كىتابلار ئاز بولسىمۇ، ئىزدىسەڭلار كۆپ ئۇچرايدۇ. خەنزۇتىلنى ئۆگىنىش ئەمىليەتتە، ئىمتىھان بېرىش ئەمەس. خەنزۇچە كىتابلاردىن پايدىلىنىش. دېمەك، نوتۇق ھەققىدىكى كىتابلار ناھايتتى كۆپ.  ئەھمىيەتلىكلىرىن تاللاپ مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويساڭلار، سىز ئۈچۈن ناھايتتى ياخشى باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ. بىر ئىشنى ئەمەلىي قول تىقىپ ئىشلەشكە كىرىشەلەيسىز.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
318
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
186 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلام تۇغلاجان!
       ئەجىر قىلىۋاتىسىز! ئاستا-ئاستا ...بولۇپ قالار! سىزمۇ ئىنكاس سۇرئىتىنى سەل ئاستىلاتسىڭىز، تىز بولغاندا يېرىم كۇندە بىر ئىنكاس يوللىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇرمۇ؟  بۇنداق بولغاندا تىمىنى كۆرگەنلەرمۇ ئالدىرىماي ھەزىم قىلىدۇ، سىزمۇ چارچاپ قالمايسىز!  بىرۋاقىتتا بىر قانچە ئىنكاس يېزىشقا ۋاقىت ياربەرگەن، ئىلھام كەلگەن چاغلاردا يېزىلغان ئىنكاسلارنى زاپاس ساقلاپ قەرەلىك يوللىسىڭىز.
     يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بىر تەكلىپ، قانداق قىلىش ئەلبەتتە ئەجىر قىلغۇچىنىڭ ئىختىيارىدا!
     مەن پەقەت تىما ئىزچىللىقىنى ساقلاپ ، ئۇزاق مەزگىل ئالدىنقى بەتتە تۇرسا، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلار كۆرۈپ پىكىر قاتناشتۇرسا دىگەن ئۈمۈتتە!

باھا سۆز

تۇغلاجان  رەھمەت! ياخشى ئەسكەرتىپسىز! مەن شۇنداق قىلىمەن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 15:34:07

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 17:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما سىتۇدىنتلار ئۈچۈن يېزىلغان بولغاندىكىن كۆپ كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بەك ياخشى بولاتتى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانا بولغۇچى، جەمىيەتنى كۆپ نوقتىدىن كۈزەتكۈچى زىيالىيلار، ھەتتا  ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ جەمىيەتتە تىڭىرقاپ يۈرگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ، تەكلىپ پىكىرلىرىنى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا، ياشلار(سىتۇدىنتلار) ئازراق بولسىمۇ نەپ ئالغان بولاتتى. تەلىم-تەربىيەگە كۆڭۈل بۆلىمەي، يارىماس دەپ قاقشىغاننىڭ نە پايدىسى بولسۇن!!
  تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قوياي( سەبىيلەرچە بولسىمۇ!)
   بىزدىكى مۇھىم ئاجىزلىقنىڭ بىرى دىيارىمىزدا ھازىر تەرەققىياتى ئانچە كۆرىنەرلىك بولمىغان ساھەلەرگە قىزىقماسلىق، ئىغىر سانائەت ۋە پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە بولغان سوغۇق مۇئامىلە. ئارىمىزدىن بىرەر كىشى مەلۇم ساھەدە مۇۋەپپىقىيەت قازانسا ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىركى قىزىقىشلىرىنى چۆرۈپ قويۇپ، شۇ ساھەگە ئىنتىلىمىز؛ ئاتا-ئانا قىرىنداشلىرىمىز بولسا جەمىيەتتە قايسى كەسىپنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسپىتى يۇقىرى بولسا شۇ كەسىپلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئاقىۋەتتە يتىشىپ چىققان ياشلىرىمىزنىڭ يىرىمى دوختۇر(مۇبالىغە ئارلاشتۇرۇپ قويدۇم)، قالغىنى ئوقۇتقۇچى ياكى ئاللىقانداق خىزمەتچىلەردىن بوپ قالىدۇ. يىڭى تېخنىكا ئىگىلىرى، سانائەت تېخنىك خادىملىرى كەم بوپ قىلىپ، سەھرا يىزىلىرىمىزنىڭ يوللىرىدىن باشلاپ، مىللىي قۇرۇلۇشلىرىمىزغىچە «كۇلىيدىن كەلگەن تېخنىك» لاھىيلەيدۇ، ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كىلىۋاتقان مىللىي كارخانىلىرىمىز «ئىختىساسلىقلار قايدا سىلەر!» دەپ زارلايدۇ...
   بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ تاللايدىغان ۋاقتىمدا بەكمۇ قىينالدىم. قولۇمدىكى جەدىۋەلدە نەچچە يۇز تۈرلۈك كەسىپنىڭ تىزىملىكى تۇرىدۇ( ئىچكىرىي تولۇقنى پۈتتۈرگەن ئىدىم)، كۆپىنچىسى ئاتا-ئانام ئەمەس مەنمۇ ئاڭلاپ باقمىغان كەسىپلەر ئىكەن. توردىن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىنى ئاقتۇرۇپ ۋە باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ خىلى كەسىپلەرنى چۈشىنىپ قالدىم. ئويلاپ باقسام بىر جەمىيەتتە ئىھتىياج چۈشىدىغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بار ئىكەن( لىكىن كۆپلىرىنى بىز ئىلگىرى چۈشەنمىگەچكە ياخشى ئەمەس ياكى ئىستىقبالى يوق دەپ ئويلايدىكەنمىز). ئۆيدىكەرلگەرگە بەزى كەسىپلەر توغرىسدا ئىغىز ئاچسام، «تۆت يىل ئۆمرىڭىزنى بىكار قىلاي دەمسىز،  يۇرتىمىزدا ئەسقاتمايدىغان نەدىكى بىر ئاقماس كەسىپنى تاللاپ، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلارسىز...» دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى. ئاقىۋەتتە« بىسمىللاھ» دەپ ئۆزۈم جەمىيىتىمىزدە بوشلۇق بار دەپ ئويلىغان بىر تەبىي پەن كەسىپنى تاللىدىم. مانا ھازىرغىچە يامان ئەمەس ئۈگىنىۋاتىمەن ھەم بارغانسىرى قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم كەسىپ تاللاشتا بىرنەچچە تۈرىگە مەركەزلىشىۋالغان ئىدى، شۇنداق ياخشى مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلىرىگە قاراپ قويىدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. شۇ چاغدا كەلگۈسىدە «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» دېگەندەك ئۈگەنگىنى بۇياندا قىلىپ خىزمىتى ئۇياندا بوپ قالىدىغان ئەھۋالنىڭ تىخمۇ ئىغىرلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدىم.
   ئاقىۋەتتە ئالىي مەكتەپ تىزىملىكى ئىلان قىلىنغاندا 70 پىرسەنىتتىن كۆپرەك  ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى ئويلاپمۇ باقمىغان كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىندى(ئەينى ۋاقىتتا قارغۇلارچە بىرنەچچە كەسىپكە ئىسىلىۋالغانلار). شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسىپلەر ياخشى بولسۇن ياكى ناچار، ئالىي مەكتەپتىكى كۈنلىرىنى قاقشاش، زارلىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. شۇنداق ئويلايمەنكى بۇ خىل ھادىسە كىيىن جەمىيەتتە خىزمەتكە بولغان قىزىقماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، چۈشكۈنلۈك قاتارلىق بىر تالاي نورمالسىزلىقلار بىلەن تىخمۇ يارقىن ھالەتتە مەيدانغا كىلىدۇ. مېنىڭچە قىزىقىش ھەرگىزمۇ شەخسىي تۇيغۇلىرى ئاساسىدا بارلىققا كىلىدىغان نەرسە ئەمەس، شەخىس ئۆزى ئۆسۈپ يىتىلگەن مۇھىتنىڭ تەسىردە ياكى ئىرسىيەت ئامىللىرى تۈپەيلى مەلۇم ئىشقا تەبئىي ماھىر كىلىدۇ، كۆپىنچە قىزىقشمۇ موشۇ «تالانىت» ئاساسىدا يىتىلىدۇ. ئەمما بۇ قىزىقىشنى مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، بىرنوقتىن يەنە باشقىسىغا يۆتكەلسە مەڭگۈ يوقىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. شۇ شەخىس ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئىغىر كىرزىس ئاستىدا قالغاندا قىزىقىشنىڭ دەرىجىسى ئۆرلەپ مەسئۇلىيەتكە ئايلىنىدۇ، مەسئۇلىيەت ئاساسىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەندە ئۆزى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى كىچىكىمىزدىن باشلاپ قىزىقىشىمىزنى پەرۋىش قىلىپ، شۇنى بويلاپ ئىزدىنىشىمىزكىرەك، ئەمما  تىرىشچانلىقلىرىمىز نەتىجىسىز قەلغاندىمۇ ھەرگىز چاپاننى تەتۈر كىيىپ زارلاپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ. زىھنىمىزنى بەرسەك، ياقتۇرمايمەن دەپ ئويلىغان ئىشلارغا قىزىقىپ قىلىشمىز مومكىن....  
   مىنىڭچە ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئىنتايىن كەسكىن رىقابەت ۋە نورغۇن ياخشى پۇرسەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. دۇنيادىكى داڭلىق شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىدىن نەزەر سالغاندىمۇ كىم شۇ ساھەدىكى قەدەمنى بىرىنچى بولۇپ ئالغان بولسا شۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىۋاتىدۇ، كەينىدىن پەيدا بولغانلار ھامان كەينىدىكى ئورنىنى ساقلاپ مىڭىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈن ھازىر دىيارىمىزدا باشقىلار قەدەم باسمىغان كوچىلار خىلىلا كۆپ. بۇ پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىز سىتۇدىنلار ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىزنىڭ يىتەكلىشىدە ئوخشىمىغان ساھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشىمىز كىرەك. يۇرتىمىزدا كەسپىمىزگە لايىق خىزمەت بولمىسا ھىچ گەپ يوق، شۇ كەسىپنى ئوبدان ئىگەللىسىەك مانا بىز بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز، يوق نەرسىلەرنى مەڭگۈ بارلىققا كەلمەيدۇ دەپ كىم ئىيتىدۇ؟! پەقەت بولمىسا تىخمۇ تىرىشىپ ئىلىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى ئورۇنلىرىدا ياكى چەتئەل تەتقىقاد ئورۇنلىرىدا ئىقتىدارىمىزنى جارىي قىلدۇرساقمۇ بولىۋېرىدۇ. تارىختا خەلقىمىز ھازىرقىدىن ئەۋزەلرەك بىلىم ئىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ باقمىغان بولغىيىتتى، بىز نەقەدەر بەخىتلىك-ھە!
   


باھا سۆز

تۇغلاجان  ھارماڭ تەشنايى. ئىنكاسىڭىزدىن بەھر ئېلىۋاتقانلار بار!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 15:32:39

UID
36776
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 19:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ياخشى يىزىپسىز،رەھمەت.

UID
36776
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن تىما يوللىماپسىزغۇ،يىڭى پىكىرلىرىڭىزنى كۆرگۈم بارىدى.

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 19:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارىمغايسىز؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-28 19:52):
«؟» ئىسىمدە يوق بىسىلىپ كەتتى كەچۈرۈڭلار.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-29 00:02):
ھارمىغايسىز

باھا سۆز

تۇغلاجان  رەھمەت!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 15:31:29

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adilkanun يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 10:37
ئەسسەلام تۇغلاجان!
       ئەجىر قىلىۋاتىسىز! ئاستا-ئاستا . ...

«adilkanun» ئەپەندى، بولسا سىزمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن قانداق قىلىشى، ئۆگىنىش جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز، مەن سىزنىڭ «باھا»قىسمىغا يېزىپ كېلىۋاتقان «باھا»لىرىڭىزنى ئىزچىل ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا توغرا يول كۆرسىتەلەيسىز. رەھمەت!

باھا سۆز

adilkanun  ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت! مەن تىرىشاي!  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:00:37
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش