ئىگىسى: تۇغلاجان

سىتودىنتلار رىسالىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 15:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئادىل قانۇن ئەپەندىنىڭ دېگىنى توغرا بوپتۇ! دېمىسىمۇ ئۆەم تېما يوللاپ، ئۆزەم تەسىرلنىپ كەتكەندەكلا بىر ئىش بوپتۇ. ئەسكەرتكىنىڭزگە رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن، پىكرىمنى تېخىمۇ مېغىزلىق ۋە ئېنىق قىلىشقا تىرىشىمەن!
    تەشنايى دوستىمىزنىڭ ئىزچىل پىكرىنى قاتناشتۇرۇپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت! قاراشلىرىڭىزنى تېخىمۇ دادىل ئوتتۇرغا قويشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 18:29:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلاجان يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 13:45
ئالدىنقى بەتتىكى ئىنكاسلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى يىغى ...

كۆپ قسىمى رومان كىتابكەنغۇ ؟
بۇ كىتابلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بولمايدۇ.
نادىر تەرجىمە ئەسەرلەرنىمۇ قىتىش كىرەك.
ئەڭ مۇھىم بىرىسى قاپتۇ،ئۇ بولسىمۇ:«قۇتاغۇبىلك»

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-29 18:31):
«قۇتاتغۇبىلك»نىڭ نەسىرىي نۇسخى كىتانخاندا بار.

باھا سۆز

تۇغلاجان  باھايىڭىز جايىدا  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 11:21:18

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 18:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تىما ئىگسىگە»تەكلىۋىم سىز«ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك»دىگەن تىمىنىڭ ئىگسى بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئىككى تىمنى تىخمۇ مۇككەملەشتۇرساڭلار.

باھا سۆز

تۇغلاجان  بۇ تېمىنىڭ ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 11:32:47

UID
27984
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 21:20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،تۇغلانجان! ناھايىتى ئەستائىدىل ۋە كۈيۈمچانلىق بلەن يازغان تىما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىندىن بۇيان ئۆزۈم  بىرقىسىم سوئاللار توغرىسىدا ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم:
مەن  ئىچكىرىي ئۆلكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتىتتا  مىدېتسىنا كەسپىدە ئوقۇيمەن...  مانا بۇيەرگە كەلگىلىمۇ ئىككى يېرىم يىلدىن ئاشتى، ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە يەنە ئىككى يېرىم يىلدەك ۋاقىت قالدى. ئويلاپ باقسام مۇشۇ ئىككى يېرىم يىل  ئىچىدە ئۆزۈم رازى بولغۇدەك بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتىمەن.
بەزىدە ئۆزۈمنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇشنى تاللىغانلىقىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن . ئەگەر شىنجاڭدا ئوقۇغان بولسام ، چوقۇم ... ... ... دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۆزۈمنى گوللاپمۇ قويىمەن بەزىدە .لېكىن نەدىلا بولمىسۇن ، ئاسان ئىش يوق  . شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان بالىلارمۇ دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ .
         ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. لېكىن  ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىم بارغانسىرى ئاز قالماقتا، تېڭىرقاش ئىچىدە ھېچبىر نەتىجىسىز ۋوە ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىمنى ئويلىسام تولىمۇ ئېچىنىمەن....ئالىي مەكتەپتە ئويناپ-كۈلۈپ كتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلارمۇ ئوخشاش مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، مەن گەرچە ئۇلاردەك ئويناپ ئۆتمىسەممۇ ئۇلاردىن ھېچبىر ئارتۇقچىلىقىمنى بايقىيالمىدىم، مېنىڭ ئاشۇنداق قۇرۇق نامدىكى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بولغۇم بار...ئالى مەكتەپ ھاياتىنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈش،ۋاقىتنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ جەمئىيەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ ئالىي مەكتەپتە دەرستىن سىرت يەنە قايسى جەھەتلەردە قانداق ئىقتىدارنى ھازىرلاش كېرەك؟ رىقابەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك؟توردىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟ ئاسپارانتلىقتا چۇقۇم ئۇقۇش كېرەكمۇياكى كىيىنچە ئۇقۇسىمۇ بولامدۇ؟

گەرچە يۇقارقى سوئاللارنىڭ بىر قىسمىغا يۇقىردا جاۋاپ بېرىلگەن بولسىمۇ، تەپسىلى  تېخىمۇ كونكېرتراق جاۋاپ بېرىلسە ، ماڭا ئوخشاش نىمە قىلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان سىتودىنتلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بار دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

تۇغلاجان  چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 11:33:24

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
318
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
186 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 22:28:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
namsiz-nur يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 21:20
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،تۇغلانجان! ناھايىتى ئەستائىدىل ۋە  ...

ئەسسەلام!
    يۇقارقى سۇئاللارغا مەن يۇزەكى پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي:
1. ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. لېكىن  ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىم بارغانسىرى ئاز قالماقتا، تېڭىرقاش ئىچىدە ھېچبىر نەتىجىسىز ۋوە ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىمنى ئويلىسام تولىمۇ ئېچىنىمەن...
       ئاۋال سىزنىڭ مۇشۇلارنى ئويلىغىنىڭىزغا رەھمەت! بۇ ھەقتە مەن مۇنداق قارايمەن!
       ئالى مەكتەپتە(تۇلۇق كۇرۇستا) ئۆز كەسپىدە ساۋات سەۋىيىسىدىكى مەزمۇنلاردىن لاياقەتلىك چۇشەنچىگە ئىگە بولسا(ئالى چۇشەنچىگە ئىگە بولۇش تېخىمۇ ياخشى! )،  بىرەر چەتئەل تىلىنى «4-دەرىجە» ئىمتاھانىدىن لاياقەتلىك  بولغىدەك ئۈگەنسە(«6-دەرىجە» ئىمتاھانىدىن لاياقەتلىك  بولۇش تېخىمۇ ياخشى! )  بولىدۇ.
       ئەڭ مۇھىمى، ئالى مەكتەپتە  ئۆز كەسپىدە ساۋات سەۋىيىسىدىكى مەزمۇنلاردىن لاياقەتلىك چۇشەنچىگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق مەلۇم بىر كەسىپنى ئىگەللەش ياكى مەلۇم بىر ئىشنى تەلەپكە لايىق قىلىشنىڭ ئۆزىگە ماس كەلگەن ئۇسۇلىنى يىتىلدۇرىۋالسا كۇپايە!  بەك « ‹نۇرغۇن› نەرسىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك.»  دەپ ئويلاپ بېسىم ئىچىدە تىڭىرقاش ياخشى ئەمەس!
2. ئالىي مەكتەپتە ئويناپ-كۈلۈپ كتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلارمۇ ئوخشاش مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، مەن گەرچە ئۇلاردەك ئويناپ ئۆتمىسەممۇ ئۇلاردىن ھېچبىر ئارتۇقچىلىقىمنى بايقىيالمىدىم، مېنىڭ ئاشۇنداق قۇرۇق نامدىكى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بولغۇم بار...
       ئالى مەكتەپتە ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈڭۇل ئېچىش(دەم ئېلىش) بىلەن ئۈگىنىشنى بىرلەشتۇرۇشمۇ ياخشى ئىش!  بىراق  دەم ئېلىش «ئۇخلاش» ئۈچۈن دەرىس تاشلاش، ئاتا-ئانىسىنى ئالداش بەدىلىگە «شەھەر ئاتلاش» بولۇپ قالماسلىقى لازىم!
      «ئۇگىنىش» ئۆز بەختى ئۈچۈن ئومۈرلۈك  دەسمىي سېلىشتۇر! ھازىر ياخشى ئۇگەنسىڭىز «ئەتىكى» سىناقتا مەۋسۇم ئاخىرىدىكى ئىمتىھاندا ئىززىتىڭىز ئاشىدۇ! كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىڭىز تۇلۇپ تاشىدۇ! شەرىتلىك پۇرسەتلەر سىزنى ئىزلەپ تاپىدۇ!
       سىز ياخشى ئۆگىنىڭ! بىراق «مېنىڭ ئاشۇنداق قۇرۇق نامدىكى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بولغۇم بار...» دەپ ئۇلاردىن سۈنئى پەرىقلىنىۋېلىش ئۇيىدا بولماڭ! سىز تەلەپكە لايىق ياخشى ئوگەنگەندە ئۇلار سىزنى ئاستا-ئاستا ئېتىراپ قىلىدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى پەرق! بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۆگنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ياخشى ئادەم بولۇش لازىم!
    (ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن پىكىرلىرىم سەل تومتاق بۇلۇپ قالدى، ئەپۇ قىلارسىز! ئىنكاسىڭىزنىڭ مۇشۇ بۆلىكىدىكى  كىيىنكى سۇئاللارھەققىدە ۋاقىت يار بەرگەندە داۋاملىق  ئورتاقلىشارمىز!)

باھا سۆز

تۇغلاجان  جاۋابىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم!  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 11:33:53

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 11:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆپ قسىمى رومان كىتابكەنغۇ ؟
________________________________
لەنگەرلىك دوستىمىزنىڭ يۇقارقى سۇئالى تولىمۇ جايىدا بولغان. ساننى بىردىن باشلاپ سانىغاندەك، نامى بېرىلگەن كىتابلارنىڭ ھەممىسى رومان. ۋەھالەنكى، بۇ رومانلارنى ئوقۇش سىتودىنتلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىسىنى تولۇقلىيالايدۇ.  ھەمدە، بۇ كىتابلار مەلۇم بىلىم زاپىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ. سەۋىيەلىك كىتابلارنى ئوقۇش ئۈچۈن زاپاس بولغان بىلىم ئەسقاتىدۇ. شۇڭا، ۋاقىت يار بەرسە، بىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا، پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇققا ئېگە بىر قىسىم كىتابلارنى تونۇشتۇرىمىز.
  بۇ تېمىنى كۆرگىچىلەرمۇ ئۆزىگە تەسىر قىلغان كىتابلار بولسا تونۇشتۇرسا بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ كۆرگىنى ھامىنى چەكلىك .

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:33:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نامسىز نۇرنىڭ سۇئالى ھەقىقەتەن چىن بولۇپتۇ، دەپ قارىدىم. كۆڭلىگە راۋرۇس ياشايچۇ دەپ قارىغان ھەر بىر سىتودىنت ئادەتتە ئالىي مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىغا چىققاندا، ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە باشلايدۇ، ياكى قاتتىق ئىچى تىتىلداپ، كەلگۈسى «يول» ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.
  ئادىل قانۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىغا تامامەن قوشۇلساممۇ، بىر نوقتىدا كەتكۈزىۋىتىشكە بولمايدۇ دەپ قارايمەن. يەنى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك. مېنىڭچە ئادىل قانۇن ئەپەندىنىڭ قارىشى، ئوتتۇرھالدىن يۇقىرىراق دەرىجىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا قويۇلغان تەلەب دەپ چۈشەندىم. ئەمىليەتتە، نۇرغۇن ئىشنى ياخشى پىلانغا ئالساق، ئورۇنداپ بولىدىكەنمىز. شۇڭا، يەڭگىللا ئوقۇپ قېلىش، قارىغاندا نامسىزنۇر قېرىندىشىمىزغا ماس كەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ.
  مەن ھەر قاچان، ھەر قاناق بىر ئۇيغۇر سىتودىنت قانداق باھانە بولىشىدىن قەتتىينەزەر، چوقۇم يۇقىرلاپ ئاسپىرانتىلقتا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن. ھازىرقى شارائىتتىن قارىغاندا، مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، كۆپرەك بىلىمگە ئېرىشىدىغان يول مۇشۇ بولۇپ قالدى. بەزى سىتودىنتلار ناھايتتى ھاياجانلانغان ھالدا، بىر نەچچە يىلدا چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىغاندەك، يۇقىرلاپ ئوقۇشنى تاشلاپ، ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ جەمىيەتكە قەدەم باسىدۇ. لېكىن ئۆيدىكى ھىساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دەپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا لاسسىدە بولۇپ قالىدۇ.  ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كەلسەك، سىتودىنتلار ئازراقلا تىرىشسا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش چېكىگە يېتەلەيدۇ. ئاندىن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە سائەتلىك ئىش قىلىپ قويسا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئوقۇغانكەن، داۋاملىق بىلىم ئالغىلى بولىدۇ. بىزدە كەم نەرسە بىلىم. بۇنىڭغا پەقەت مۇشۇنداق ئوقۇش ئارقىلىقلا يەتكىلى بولىدۇ!
   كونكىرتنى مەسىلە ھەققىدە ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە دۋاملىق توختىلىشقا تىرىشىمەن!
ھازىرچە يەنە مۇنبەرداشلارنىڭ باشقا پىكرى بولسا ئاڭلىغاچ تۇرساق!

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ ھاياتىنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈش،ۋاقىتنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ جەمئىيەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ ئالىي مەكتەپتە دەرستىن سىرت يەنە قايسى جەھەتلەردە قانداق ئىقتىدارنى ھازىرلاش كېرەك؟ رىقابەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك؟توردىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟ ئاسپارانتلىقتا چۇقۇم ئۇقۇش كېرەكمۇياكى كىيىنچە ئۇقۇسىمۇ بولامدۇ؟
   
  بۇرۇن تارىم دەريا ۋادىسىدا بىر موماي ئۆتكەنىكەن. ئۇ موماينىڭ بىرلا ئوغلى بولغانىكەن. ئۇ موماي بالىسىنى شۇنداق ياخشى تەربىيلەپتۇ، مەدرىس يېشىغا يەتكەندە يۇرتىدىكى  مەدرىسكە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ئۇ بالىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ بالىمۇ چوپچوڭلا يىگىت بولۇپ قاپتۇ. ھەمدە تېخىمۇ ياخشى مەدرىسلەرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش نىيىتىدە يىراقتىكى بىر شەھەرگە بېرىپتۇ. ئۇ يەردىنمۇ ئېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەرنى ئېلىپ، چەت ئەللەرگە ئاتلىنىپتۇ. بۇخارا، تۈركىيە، مىسىر، مەككە-مەدىنىلەرگىچە بېرىپ ئىلىم ئېگىلەپتۇ. ۋە ئاخىرى ئانا دىيارىغا قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ئۆيگە قايتقاندا، ئانىسى دەريا بويىدا ئولتۇرۇپتىكەن. سالام- سائەتلەرنى قىلىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئەمما ئانىسى بالىسىنىڭ ناھايتتى تەكەببۇر تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇ ئەسنادا، بىر قۇچقاچ دەرياغا بويىغا ئۇچۇپ كېلىپ، تۇمشىقىنى چوككىدە سۇغا بىر تىقىپلا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
   ئوغلۇم دەپتۇ، موماي، بالىسىغا، سېنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭ پەقەت ئاشۇ قۇچقاچنىڭ دەريادىن ئىچكەن شۇ بىر تېمىم سۇچىلىكلا دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان يىگىت قاتتىق خىجىل بوپتۇ.
  يۇقىرىدىكى ھىكايىدىن بىز شۇنى ھىس قىلىمىزكى، بىلىمنىڭ پايانى يوق. ئۇ ئۆگەنگە تۈگەپ قالىدىغان كوزىنىڭ سۈيى ئەمەس. ئەمما شۇنى ھىس قىلىش كېرەككى، بىز قايسى دەۋىردە ياشىساق، شۇ دەۋىرنىڭ كىشىلىرى بىلەن دەرقەمدە تۇرالايدىغان ئىقتىدار بولىشى كېرەك. بۇنداق بولىش ئۈچۈن ھازىرقى ھالىمىزدىن قارىغاندا كۆپ بەدەل تۆلىسەكمۇ ئوقۇش كېرەك. جەمىيەت سىزدىن مۇنداق نەرسىنى كۈتىدۇ دەپ قارايمەن، بىزدە بىكارچىلار كۆپ، .ۇنداق ئادەم لازىم ئەمەس. ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان پوچىلار كۆپ، بىزگە ئۇنداق ئەدەممۇ كېرەك ئەمەس.
   بىزگە بىلىمدە توشقان، پاراسەتلىك، ئىسمىنى تىلغا ئالساق يۈزىمىزگە كۈلكە يۈگىرەيدىغان نوچىلار كېرەك. بۇنى شۇ ئوقۇش بىلەن ئورۇندىغىلى بولىدۇ. داۋامى بار...

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ ھاياتىنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈش،ۋاقىتنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟
    بىر ئادەمنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىشى ياكى قانداق ئورۇنلاشتۇرىشى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق نىشانى بارلىقىنى ئويلاپ كۆرىشىڭىز كېرەك. بۇ نىشان ھەم رېئالنى ھەم ھەقىقەتەنمۇ يەتكىلى بولىدىغان نىشان بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەگەر سىزنىڭ راستىنلا بىرەر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش نىيىتىڭىز بولسا، ئەڭ ئاۋال سىز مۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
ۋاقىتنى سىز ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىڭىزنىڭ خالىغان پەنگە ئىمتىھان بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ھەپتىدىكى بەش كۈن ئارزۇيىڭىز بويىچە دەرس ئاڭلايسىز ھەم بۇ ۋاقىت سىزنىڭ ناھايتتى جىق ۋاقتىڭىزنى ئېگەللەيدۇ. بۇ گەپلەرنى دەپ يۈرىشىمدىكى سەۋەب، سىتودىنتلار ئەقلى جەھەتتىن يېتىلىش باسقۇچىدا بولىۋاتقاچقا، قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم سىتودىنتلار قىزىقىشىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋبلىك دائىم كەسپىدىن باتنايدۇ. ئۇ كەسىپكە خاتا كېلىپ قالغانلىقىدىن قاخشايدۇ. بۇنداق بالىلارنى كۆپ ئۇچراتقانمەن. ئەمىليەتتە، ئاللىنبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا قاخشىماي، شۇ كەسىپنى ئاۋال ياخشى ئېگەللەپ بېقىش كېرەكتى. ھالبۇكى، بۇ كەسىپ سىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى ئېگەللىگەن. دېمەكچى، ئاۋال مەكتەپ تەرىپىدىن ئېگەللەنگەن ۋاقىتتىكى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىمنى ياخشى تەھسىل قىلىش كېرەك.  ئۇنىڭدىن سىرت، مەكتەپ تەشكىللىگەن پائالىيەتلەردە ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئاشكارلاپ تۇرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، سىز بارىبىر بۇ پائالىيەتكە ھىچ بولمىسا تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتنىشىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ خىلدىكى ۋاقىتنى سىز بەلگىلىيەلمەيسىز. بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى خۇلاسىلىگەندە ئېرىشكەن ھاسىلاتىم.
    سوئالنىڭ مەقسىتى، دەل مۇشۇ ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا كېرەك.
سىزگە ئېشىپ قالىدىغان ۋاقىت، شەنبە- يەكشەنبە ۋە كەچلىك ئۆگىنىش ۋە باشقا ئارام ۋاقىتلىرى.
بۇ ۋاقىتلارنىڭ تىل ئۆگىنىشنىڭ ۋە ئۆز قىزىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشتىكى ناھايتتى مۇھىم ۋاقىتلاردۇر. ئەڭ ئاۋال بىز، ئانا تىلىمىزغا سادىق بولىش پىرىنسىپى بويىچە، چوقۇم بىر سائەت ئەتراپىدا ئۆز ئانا تىل يېزىقىمىزدىكى كىتابلارنى ئوقۇشىمىز كېرەك. تەپەككۇرىڭىزنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم. ئەلۋەتتە، سىز دائىم بىر سائەت زادى كىتاب ئوقۇيمەن دىيەلمەيسىز، لېكىن، بىرە كىتابقا قىزىقىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا بىر نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇيسىز. ئەرزىيدۇ.
   مەسلەن، ئالدىنقى بەتتىكى ئىنكاستىكى كىتابلارنى ئاددى كۆرگەن بولسىڭىز، يەنە بىر نەچچە كىتابنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.

         ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا
         ئۆزلۈك ۋە كىملىك
         ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە
        تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت
        تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
       تارىم قۇۋىقى چېكىلگەندە
       ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەسەرلىرى
       ئورخۇن ئابىدىلىرى
       ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى
       ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە
       11- ئەسىر ئۇيغۇر ئېدولوگىيەسى
       مەدەنىيەت كارۋانلىرى
       ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن
       قىيامەت
       دېڭىزدىكى كوچا
       چۈمبەلدىكى كۆز
      پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر
      ئىدىقۇت ئوغلانلىرى
      ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى
      پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى
      ئەپلاتۇن پاراڭلىرى
     زورئاستىر شۇنداق دەيدۇ
     ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
     يېڭى ھايات
    قۇتادغۇبىلىك
    بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
    ئەدەب ئاچقۇچى
    قاينام ئۆركىشى
    تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى
   پارما مۇناستىرى
   ئاننا كارېنىننا
   جىنايەت ۋە جازا
   قەشقەردىكى يەر شارى
  
   يۇقىرىدىكى كىتابلاردىن باشلاپ  ئوقۇسىڭىز ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.  ياخشى كىتاب دېگەن نۇرغۇن. ئەگەر باشقا تىلدا كىتاب ئوقۇش قابىلىيىتىڭىز بولسا، داۋاملاشتۇرىشڭىز كېرەك.
   يىغىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى مەلۇم ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكىزسىڭىز،  ناھايتتى چوڭ مۇۋاپىقىيىتىڭىزنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ.
   تىل ئۆگىنىش، بۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقتىڭىزنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئېگىلەپ كېتىشى مومكىن. چۈنكى تىل ئۆگىنىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. مەۋسۇم ئارلىقىدا نۇرمال ئۆگەنسىڭىز، يەنى سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىغان ئاساستا، قالغىنىنى تەتىلدە جىددى تولۇقلىسىڭىز، بەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ.  يەنە بىر قىسىم ۋاقتىڭىزنى ساياھەتتە ئۆتكەسسىڭىز ناھايتتى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. يۇرت-يۇرتلاردىن كەلگەن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ياكى باشقا  شەھەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىش بولامدۇ، ئومومەن، مەلۇم ۋاقتىڭىزنى توغىرلاپ ساياھەت قىلسىڭىز، بەك پايدىلىق.
    ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش، مەلۇم دەرىجىدە تەشكىللەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويۇش. دائىملا باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنماي، سىزمۇ مەلۇم پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ. شۇ ۋاقتىدا سىز ئۆزىڭىزگە مەلۇم قابىليەتنى ھازىرلىۋىلىش بىلەن بىرگە، باقىلار تەشكىللىگەن پائالىيەتكىمۇ جانلىق قاتنىشىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرەلەيسىز.
ئەگەر خالىسىڭىز، بىزدە پەن تەرەققىياتى خېلى ئارقىدا. ئۆزىڭىز ياخشى دەپ قارىغان، كەسپىڭىز ئائىت بولسۇن ياكى باشقا قىزىقىش ساھەسىدىكى بولسۇن، مەلۇم ماقالە ياكى كىتابچىلارنى تەرجىمە قىلىپ بېقىڭ!
  يۇقىرقى ئىشلارنى پىلانلىق قىسىڭىز، ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلانغىلى ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكىزگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

    بۇ سوئالغا بەلكى، ئاجىزلىق قىلارمەن. چۈنكى، مەنمۇ تېخى جەمىيەتكە رەسمى قەدەم باسمىدىم.  بۇنىڭغا مەن جاۋاب بەرسەم، كېچىپ باقمىغان سۇنىڭ چوڭقۇرلىقىنى پەرەز قىلىپ دېگەنگە ئوخشاشلا بولىدۇ. ناۋادا پەرزىمدىكىدەك بولسا ياخشى، بولمىسا چۆكۈپ كېتىدىغان گەپ.
    مەنچە، مىللەت ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىغىدەك ئادەم لازىم دەپ قارايمەن. بۇ بەك ئابىستىراكت ھەم چوڭ گەپ بولۇپ كەتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش