ئىگىسى: تۇغلاجان

سىتودىنتلار رىسالىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىقابەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك؟توردىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
   
   رىقابەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەگەر توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلغان ئەللىرىدىكى  تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرسىڭىز، ھەمدە سىزدىمۇ شۇ خىل تەرەققىياتقا ئىنتىلدىغان قوزغاتقۇچ كۈچ بولسا، سىز تەبئىيكى نېمىنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايسىز. خەنزۇتىلىنى ھازىرقى شارائىتتا مەجبۇرى ئۆگىنىسىز، ئەمدى گەپ ئېنگىلىزچىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.  
     توردىن مېنىڭچە كۈندە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت پايدىلانسا بولىدۇ. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە يېڭى خەۋەر، يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بولغىلى بولىدۇ. ھازىر ئۇچۇرسىز ھىچنېمە قىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا كومپىيۇتىرغا بەك چاپلىشىۋالماسلىق كېرەك. بىر سائەتتىن ئوشۇق تورغا چىقىۋىلىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى.
لېكىن، سىزنىڭ كەسپىڭىز كومپىيۇتىر بولسا باشقىچە ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. چۈنكى، ھازىرقى كومپىيۇتىر تېخنىكىسى بىلەن كىنو، ئويۇنلارنى ئىشلىيەلەيسىز. ئەگەر سىز تارىخىمىزدىكى چوڭ ۋەقەلەرنى، ئۇرۇشلارنى، مەرىپەت گۈللەنگەن ۋاقىتتىكى ئىلىم سورۇنلىرىنى كىنو قىلىپ ئىشلىۋەتسىڭىز، بەك كاتتا ئىش بولىدۇ. بۇ كەسىپتىكى بالىلار توردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئوبدان بىلىدۇ.
   كەسپى كومپىيۇتىر ئەمەس بالىلار، توردىن يۇقىرىدا دىگەندەك ، كۈندە ئېشىپ كەتسە بىر سائەت ئەتراپىدا پايدىلانسا بولىدۇ. چۈنكى، تورغا ھەر خىل كىشىلەر ھەر نىيەتتە ھەر خىل نەرسىلەرنى يوللايدۇ. كۆرۈپ تۈگىتىش مومكىن ئەمەس.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
318
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
186 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 17:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
namsiz-nur يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 21:20
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،تۇغلانجان! ناھايىتى ئەستائىدىل ۋە  ...

3. ئالى مەكتەپ ھاياتىنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈش،ۋاقىتنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟
        ئالى مەكتەپتە ۋاقىتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا مەن مۇنداق ئويلايمەن:
        كەسىپنىڭ بىرىنجى يىلى، مۇشۇ كەسىپكە قانداق كىلىپ قالغان بولىشىدىن قەتئى نەزەر «خوتەنچە روھ» بىلەن يەنى قەتئىيلىك (جاھىللىق) بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ كەسىپىگە بولغان تۇنۇش ۋە چۇشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق كەسىپنى «سۇيۇش» ئادىتىنى يىتىلدۇرۇپ كىيىنكى ۋاقىتلاردا شۇ كەسىپنى ھەقىقى
«سۇيۇش»نىڭ ئاساسىنى يارىتىشنى ئاساسى ئورۇنغاقۇيۇش لازىم! (بۇندىن باشقا، خەنزۇتىلى سەۋىيىسى ئانچە ياخشى بولمىغانلا مۇشۇ يىلى بۇ جەھەتتىكى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ بولىشى كېرەك! )
         كەسىپنىڭ ئىككىنجى يىلى،  تۇنجى يىلدىكى ئادەتلەرنى ساقلاش ئاساسىدا، ئاساسىي كۈچنى چەتئەل تىلىنى پۇختىلاشقا قارىتىپ، ئىككىنجى مەۋسۇمدە چەتئەل تىلى «4-دەرىجە»  ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇشنى قۇلغا كەلتۇرۇش لازىم. بۇ ۋەزىپىنى كىچىككەندىمۇ ئۈچىنجى يىلنىڭ 1-مەۋسۇمىدە تاماملاش زورۇر!
        كەسىپنىڭ ئۈچىنجى يىلى، ئوز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ تۇگىتىش لازىم. بۇنداق  ئىمتىھانلىرى يوق كەسىپلەردە ئۇقۇغانلار چەتئەل تىلى «6-دەرىجە» ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇشنى قۇلغا كەلتۇرۇش ، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك زورۇر كەسپى دەرىسلەرنى تەكرارلاشنى باشلاش لازىم. (كومپىيوتىرغا مۇناسىۋەتلىك زورۇر ئىقتىدار ئىمتىھانلىرىنىمۇ مۇشۇ ۋاقىتلاردا بېرىپ تۇگىتىش لازىم .)
       كەسىپنىڭ توتىنجى يىلى،  1-مەۋسۇمىدە پۇتۇن كۈچ بىلەن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش لازىم. 2-مەۋسۇمىدە ئۇقۇش پۇتتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئوتىگەچ، مەمۇرىي بولۇشنى ئۇمۇت قىلىدىغانلار مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىنىڭ ماتىرىياللىرىنى چىداپ، ئەستايىدىل كۆرىشى لازىم (ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بەرمەيدىغانلار مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىنىڭ ماتىرىياللىرىنى كۆرىشى بالدۇر باشلىشى لازىم. ). مەمۇرىي بولۇشنى خالىمايدىغانلاردىن كارخانىلادا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار  ئاكتىپلىق بىلەن ئوزىگە ماس كىلىدىغان بىر قانچە كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشى لازىم( گەرچە نۆۋەتتە بۇنىڭ ئۈنۈمى كوڭۇلدىكىدەك بولۇپ كەتمىسىمۇ كۈتۈپ ئولتاغاندىن كۆپ ياخشى!). ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىغانلار ئەمىلىيلەتچىل لاھىيە تۈزىشى، ۋە بۇ لاھىيەنى باشقىلارغا ھەقسىز ئىشلەپ بېرىش بەدىلىگە بولسىمۇ ئامال بار ئەمەلىيەت ئارقىلىق دەڭسەپ بېقىش لازىم!
      يۇقارقى كۆرسەتكۈچلەرنى ئوز قەرەلىدە تاماملاپ بولغانلار تۇغلانجان تەۋسىيە قىلغان ئەسەرلەردىن تاپالىغانلىرىنى ئوقۇپ، ئۆزىگە بولغان تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىشى لازىم!
       قېنى، ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرىشايلى!

   


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-5 17:32):
ئىنكاسىمنىڭ 7-قۇرىدىكى «بۇ جەھەتتىكى ئاساسىي»  «بۇ جەھەتتىكى مەسىلە ئاساسىي» غا تۈزۈتۈسە!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-5 17:35):
يۇقارقى مەزمۇن تەھرىرلىنىپ تۇزۇتۇلگەن مەزمۇن 6-قۇرغا يوتكۈلۈپ كىتىپتۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-5 17:39):
ئىنكاسىمنىڭ ئارقىدىن 4-قۇرىدىكى«ئامال بار ئەمەلىيەت» «ئامال بار بىرەر يىل ئەمەلىيەت» دەپ تۈزۈتۇلسە!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-5 17:41):
ئىملا ۋە سۆزلەردە خاتالىقلارغا يول قۇيۇپتىمەن. كەچۇرۇڭلار، تۈزىتىمەن!

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 14:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش مەسلىسىدە، مېنىڭ پىكرىم بىلەن ئادىل قانۇن ئەپەندىنىڭ پىكرى بىر قىسىم نوقتىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ دەپ ئويلايمەن. بەلكى، تولۇقلاش، روشەنلەشتۈرۈش، كونكرتلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىجابىي تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.  بولۇپمۇ، ئادىل قانۇن ئەپەندىنىڭ تېخىمۇ كونكىرت ۋە روشەن بولغان.
   ئەمما، كىتابقا بولغان پوزىتسىيە مەسلىسىدە، مەن بىر نوقتىدا چىڭ تۇرىمەنكى، كىتاب ئوقۇش ھەرگىز ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، كىتاب ئىنسانغا ئىزچىل مەنىۋى يۆلەك بولدىغان نەرسە. كىتابسىز قالسا مەنىۋىيىتى ئاچسىز قالىدۇ.  كىتاب لەغمەننى يىمىگەن بىلەن بولمايدۇ.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابسىز قالسا مەنىۋىيىتى ئاچسىز قالىدۇ.
ئاچ دەپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

UID
27984
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلاجان يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 16:49
ئالى مەكتەپ ھاياتىنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈش،ۋاقىتنى قان ...

سورىغان سوئاللىرىمغا ھەقىقەتەن ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىپسىز،  ھەربىر بىر ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى چۇقۇم ئيلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك سۇئاللار دەپ ئويلايمەن.  سىز دىگەن كىتاپلارنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ بوپتىكەنمە، يەنە كۆپ قىسىم كىتاپلار گەرچە ياتىقىمدا بولسىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىپ ھازىرغىچە ئۇقۇش نىسىپ بولماپتۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىنكى ۋاقتىمنى چىڭ تۇتۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-6 22:05):
ئويلۇنۇپ بېقىشقا

UID
27984
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:53:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adilkanun يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 17:23
3. ئالى مەكتەپ ھاياتىنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈش،ۋاقىتنى  ...

بەرگەن پىكىرلىرىڭىز ناھايىتى ئۇرۇنلۇق  بوپتۇ. ئۆزۈم گەرچە خوتەنلىك بولساممۇ لىكىن سىز دىگەندەك ‹‹جاھىللىق››نى تازا جايىدا ئىشلەتمىگەندەك قىلىمەن، ھازىر تۇلۇق كۇرۇسنىڭ ئۈچىنجى يللىقىغا چىققپ بولغان بولساممۇ ھازىردىن باشلاپ تىرىشسام يەنىلا  كىچكمەيمەن  دەپ  ئويلايمەن.

UID
27984
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 22:04:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلاجان يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 23:18
رىقابەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنى ...

گەرچە ئۆزۇمنىڭ كەسپى كومپىيوتېر بولمىسىمۇ لىكىن مۇشۇ كومپىيوتېر دىگەن ئوقەتنىڭ ئالدىغا كەلسەم ۋاقىتىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقماي قالىمەن، تورغا چىقسام ئاساسەن سىز دىگەندەك خەۋەر-ئۇچۇر، مۇنبەر دىگەندەكلەرنى ئارلايمەن.  لىكىن كىنو دىگەن نەرسە بىلەن قەتئى خۇشام يوق، تور ئۇيۇننىمۇ قەتئى ئوينىمايمەن، باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ توختىماي كىنو كۈرۈپ، ئۇيۇن ئويناش دىگندەك ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزگىننى كۈرۈپ ئۆزۈمنى توردىن خېلى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىمەن دەپ ئويلايمەن.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 03:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جاۋاپتىن قانائەت ئەيلىگنىڭىزگە خۇرسەن بولدۇم.  لېكىن، بۇ قاراشلار يەنە نۇرغۇن جەھەتتىن چولتا ھەم قۇسۇرلۇقتۇر.
    ئادىل قانۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كونكرت قاراشلىرى بىلەن ئىكاسلارنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىنكاسىمنىڭ قۇسۇرىغا ۋە ئورۇنسىز تەرەپلىرىگە ۋاقتىدا ھەم جايىدا تۈزۈتۈش پىكىرىنى بېرىپ، تېمىنىڭ ساغلام ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەسسە قوشىۋاتىدۇ. رەھمەت!
    تەشنائى دوستىمىز ئورۇنلۇق پىكىرىنى بېرىپ كېلىۋاتقان، بەلكىم ئالدىراش ئىشلىرى چىقىپ قالغان بولسا كېرەك. يېقىندىن ئىنكاسىنى ئۇچراتمىدىم. ئۇ مۇنبەردىشىمىزغىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
  

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 17:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئاخىرىدا، مەزكۇر تېما  ئاز- تولا بولسىمۇ سىتودىنتلارغا نەپ بېرەلىسە دېگەن ئۈمىددىمەن.

       بۇ تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرغان قېرىنداشلارغا رەھمەت.  

      داۋاملىق بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ۋاقىتمۇ يار بەرمىگۈدەك. شۇڭا، بۇ تېما مۇشۇ يەردە تامام بولسۇن!
      
      

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش