ئىگىسى: تۇغلاجان

سىتودىنتلار رىسالىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
32343
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نۇرغۇن ئىشلار بانا بىلەن تاشلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئېگىسى ئاشۇلار. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى، ئۇلارنى تىللاش ئەمەس.  ئاخىرسى بار

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 11:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېڭى خىزمەتكە چىققان يىللاردا بىر سىنىپتا 3-4 تىرىشمايدىغان ،دەرس تاشلايدىغان ئوقۇغۇچىلار بولىدىغان،قالغانلىرى ھەممىسى تىرىشىپ ئوقۇيتتى،ھازىر دەل ئەكسىچە!ئەمما رىقابەت ،شاللىنىش ئۇ چاغلارغا قارىغاندا ھازىر بەك كەسكىن.

باھا سۆز

adilkanun  يەنىلا تىرىشىدىغانلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئەمما رىقابەت ھەقىقەتەن ئۇچاغلارغا قارىغاندا ھازىر بەك كەسكى   يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:25:07

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 19:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بۇ سەۋەبلەرنى يالغۇز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۆرۈش سەل بىرتەرەپلىمە بولۇپ قالىدۇ .ئالدى بىلەن ئۇلار ئادەم .ئاندىن قالسا مەكتەپنىڭ قاتتىق ۋە يۇمىشاق دېتال بىلەن تەمىنلىشى قانداق .مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يامان ئەمەس ئوقۇدۇم .لېكىن بىزنىڭ پۈتۈنلەي تەجىرىبە بىلەن ماڭىدىغان كەسىپ ئېدى .لېكىن بىز كىچىك-ئۇششاق تەجىرىبىلەرنى ئىشلىگەن .كېيىن مەن بىر ئىشقا قىزىقىپ تەجىرىبىخانا لازىم بولغاندا ،ماڭا بەرمىگەن .كېيىن ئالغان ۋاقتىمدا ،بۇ تەجىرىبىگە كېتدىغان ئەسۋابلار تولۇق ئەمەس ئېكەن .
  ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى بىكارچى دېسەك ،ئۇلارنى بېكارچى قىلىپ قويدىغان سەۋەب بار .
بۇ كۈنلەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەلبى تەرەپتىن كىشلەرنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلۋاتىدۇ .لېكىن بۇ بىر ئومومىي ئەھۋال ،بەش بارماق تەڭ ئەمەس .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
   
يۇقارقى 11- قەۋەتتىكى تورداشنىڭ  سىتودىنىتلار ھەققىدىكى كۆز- قارىشىنىڭ بىر قىسمىدۇر بەلكىم، ئەمما شۇنى دېيىش كېرەككى، تەجىربىخانا بەرمەسلىك ئادەتتىكى مەسىلە. ھەتتا باھالاش كەلمىسە تەنتەربىيە مەيدانىنى تاقىۋالىدىغان ئەھۋال بار. ۋاقىتنى توغىرلاپ مەيدانغا چىقسا، دەل شۇ ۋاقتىدا مەيداندىكى چىمنى سۇغىرىدۇ. بۇنداق باھانىلەرنى دەپ كەلسە خېلى چىقىشى مومكىن. يىغىپ ئېيتقاندا بۇلارمۇ بانانىڭ تەركىبى. مەيلى قانداق ئىش بولسۇن،  قىلماسلىققا بانا ئىزدىدىڭىزمۇ بولدى، ھەممە ئىش ئىزىدا توختايدۇ. تەجىربىخانا كۆرۈپ باقمىغان بىر قىسىم ئادەملىرىمىز تىرشىپ- تىرمىشىپ، ئاخىر چەت ئەللەرگە ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق بىر قىسىم ئۇنېۋىرسىتېتلاغا ئىلىم ئىزدەپ كېلىپ، شارائىتىنى ئۆزلىرى يارىتىۋاتىدۇ.
كۆز- قاراشنى بۇ خىل تەرىزدە ئىپادىلەشنى، مەن ئۇنداق تىللاش ياكى سەلبى جەھەتتىن كۆرۈش دەپ قارىمايمەن. بەلكى، ئازراق بولسىمۇ سىتودىنىتلارنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلىسا، كەلگۈسى ھەققىدە نىشان تورغۇزۇشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلىسە ئەجەب ئەمەس دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، چەت تىللىرىنى جان تىكىپ ئۆگىنىۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. بىراق، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ ساندىكىلرى ئېنىق نىشان تۇرغۇزمىغاچقا، ئارا يولدا بۇ ئىشنى تاشلاپ قويىدۇ.  رىقابەت ئېڭى سۇسلايدۇ، جىق نەرسىنى بىلمەيدىغان ئادەملەر توپى ئارىسىغا كىرۋىلىپ، ئۆزىگە تەسەللى بېرىدۇ. بۇ شەك- شۈبىھسىزكى ئاجىزلىق. بۇمۇ ئوخشاشلا،  10 كوي پۇل بىلەن ئىككى كۈن جان باققىلى بولىدىغان يەرگە بېرىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ 2000 كوي پۇلىنى جىق ساناپ يۈرگەن كىشلەرگە ئوخشايدۇ.
  نۆۋەتتە، يەر شارى كەنتى دېگەن ئۇقۇم بارغانسىرى بىزنى قىستاپ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيا بىلەن بىزنىڭ ئارلىقىمىز كۈنسىرى بىر گەۋدىلىشىۋاتىدۇ. بۇنداق دەۋىردە، سەللا بوش تۇرساق چانىمىز، بۇ تولا دىيىلىۋاتقان گەپ ئىدى. ئەمدى، بىز بۇ خىل ھالغا يولۇقتۇق.  كۆز- ئالدىمىزدا پايانسىز بىر ئىلىم دېڭىزى نامايان بولدى. ئۇيغۇرچە، خەنزوچە كىتاب بىلەنلا جان باققىلى  بولدىغان زامان قالمىغىلى تۇرۇپتۇ. شۇڭا، سىتودىنىتلار ھازىردىن باشلاپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كىتاب كۆرۈشكە تەجىربىخانا كەتمىگەندىنكىن، بېسىپ كىتاب كۆرىشى لازىم. ئاندىن، چەت ئەل تىلىنى بولۇپمۇ، ئېنىگىلىز تىلىنى بېسىپ ئۆگەنسە، بىزدىننمۇ خارۋارد ئەركىسى- قۇدرەتتەك يول ئاچقۇچى سىتودىنىتلار چىقتى. تەجرىبىخانا دېگەن دەل شۇ مەكتەپلەردەك داڭلىق ئۇنىۋىرسىتېتلاردا. ئاسپىرانتلىق، دوكتۇرلۇقنى شۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ.
  بۇ جەريانلارنى بېسىش ئۈچۈن، ئاچچىقى جاپالارنى چېكىشى، ئانچە- مۇنچە يۇقارقىدەك ئاچچىق پاراڭلارنى ئاڭلاپ قويسا يامىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تورنىڭ قوينى كەڭ. سىتودىنتلار رىسالىسى 2 دەپ سىز يەنە بىرتەرەپتىن يازسىڭىز، يەنە بىرسى 3نى يازسا، ئۆز- ئارا تولۇقلىنىدۇ. ھەتتا ئاخىرىدا ھەقىقەتەن بىر مۇكەممەل رىسالە تۈزۈلۈپ قېلىشىمۇ مومكىن.

UID
2847
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 19:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىكەن،مەن ھىس قىلغان - قىلمىغان ھەممىسى باركەن .

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 20:07:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تولۇقسىز بىر مەلۇماتقا قارىغاندا، تولۇق ئوتتۇردىن ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پەقەت 23 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈزەتكۈچىلەر، يۇقىرلاپ ئوقۇغان ئەشۇ ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭى ئىنتايىن سۇس ھەم بىر ئىشتىن ئوڭاي ۋاز كېچىدىغان بولۇپ،  نامزەللە خارەكتىرگە كانىدەك چاپلاشقان دەيدۇ.
  ھەقىقەتەنمۇ، ئەڭ ئاۋال رىقابەت ئېڭى سۇس بولغانلىق سەۋەبى بىلەن، سىتودىنىتلار ئۆزىنى تاشلىۋىتىدۇ. بېلى بوش بولغاچقا، بىر ئىشتىن ئوڭاي ۋاز كېچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر توپ نامزەللە كىشلەر جەمىيەتكە تۆكىلىدۇ. ئەخلەتتەك تۆكىلىدۇ....
   ئەخلەتدەك جەمىيەتتە تاشلىنىپ قالغاندا، ئۇلار پۇشايمان يەپ ئولتۇرىدۇ...
چوڭلار ئاجايىپ دەۋىتىپتىكەن، پۇشايماننىڭ قاچىسى يوق دەپ...

باھا سۆز

adilkanun  «نامزەللە» بۇ ئاتالغۇنى ياخشى ئاپسىز! بەك جايىغا چۈشۈپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:20:31

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىمۇ ئۆزگەرسە بولاتتى. بېيجىڭ، شاڭخەي، شەرقى شىمال، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كىتاب بازىرى قايناپ كېتىدىكەن. ئەرزانلىقى ئۇ كىتابلارنىڭ.... ئۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتچانلىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئاددىسى، نورۇزدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر باللا توپلىشىپ، ئايامنى ناھايتتى ئېسىل ئۆتكىزىدىكەن، تورلارغا بۇ ھەقتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قويىۋەتسە، شىنجاڭدىكى ھالىقىلىق بولغان مەكتەپلەرنىڭ بىرە پارچە نومۇرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.  
  دېمەك، ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق ياشايدىغان گەپكەن..........

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىمۇ ئۆزگەرسە بولاتتى. بېيجىڭ، شاڭخەي، شەرقى شىمال، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كىتاب بازىرى قايناپ كېتىدىكەن. ئەرزانلىقى ئۇ كىتابلارنىڭ.... ئۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتچانلىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئاددىسى، نورۇزدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر باللا توپلىشىپ، ئايامنى ناھايتتى ئېسىل ئۆتكىزىدىكەن، تورلارغا بۇ ھەقتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قويىۋەتسە، شىنجاڭدىكى ھالىقىلىق بولغان مەكتەپلەرنىڭ بىرە پارچە نومۇرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.  
  دېمەك، ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق ياشايدىغان گەپكەن..........

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-22 21:13):
ئايەم دەپ تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن....

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-22 21:14):
   ئايامنى  ئايەم دەپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

adilkanun  «ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق ياشايدىغان گەپكەن». بۇ «يۇمۇر»ىڭىز قىزىقكەن!...  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:18:14

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تۆۋەندە بىر قىسىم كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بېرىلدى.  كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىتودىنىتلارغا تەۋىسىيە كىتابلار

بوز ئەر
باتۇر تەڭرىقۇت
تەڭرى قامچىسى ئاتېللا
ئاتېللا ھەققىدە رىۋايەت
ئورخۇن شەجەرىسى
ئىدىقۇت يۇلتۇزى
مەھمۇد كاشىغەرىي
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
سۇتۇق بۇغراخان
بۇغراخان تەزكىرىسى
چىڭگىزخان
باتۇرخان
ئاخىرقى دېڭىزغا سەپەر
بوز قىر ئىمپىرىيىلىرى...  (تۆمۆرىيلەر ھەققىدە)
تارىخىي رەشىدى
تارىخىي رەشىدى زەيلى
چىڭگىزنامە
باھادىرنامە
سۇلتان سەئىدىخان
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان
(بەخىتسىز سەئىدىيە)
مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى
ئاپپاق غوجا
تورغاق غوجىلار
مېھىربانىم قايدىسەن
ئېغىر تىنىقلار
ئاماننىساخان
تارىخىي ھەمىدى
چاڭمۇزا يۈسۈپخان
بەدۆلەت (ئۈچ قىسىم)
مۆلچەر تاغ بورانلىرى
موللا زەيدىن
ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە
مەمتېلى ئەپەندى
بالدۇر ئويغانغان ئادەم
قاينام ئۆركىشى
لوتپۇللا مۇتەللىپ
چالا تەگكەن ئوق
ئىز
ئويغانغان زىمىن
گۆر ئاغزىدىن يانغانلار
ئىلى دولقۇنلىرى
چالا تەگكەن ئوق
ئۇنتۇلغان كىشىلەر
ئانا يۇرت

   يۇقارقى كىتابلارنى ئوقۇسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بىر قۇر تونۇپ چىقىشقا پايدىلىق دەپ قارايمەن. مەيلى، تەبئىي پەنچىلەر، ياكى ئىجتىمائىي پەنچىلەر بولسۇن، يۇقارقى تىزىملىكتىكى كىتابلارنى كۆرۈپ چىقسا، ئۆز تارىخى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق بىلىمگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، سۆزلۈك بىلىملىرىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئانا تىلدىكى قابىلىيىتى ئۆسكەن ۋاقىتتا، چەت تىللارنى ئۆگىنىشمۇ ئاسان توختايدۇ. بۇ بىر تەۋسىيە پىكىر. مېنىڭچە ئۆزىنى ئۇيغۇر سىتودىنىت دەپ قارىسا، يۇقارقى كىتابلارنى ھىچ بولمىسا تۇتۇپ بېقىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

باھا سۆز

adilkanun  ھەقىقەتەن كۈرۈشكە تىگىشلىك كىتاپلار!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:16:29

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 13:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۈندە ھىچ بولمىسا، بىر سائەت كىتاب كۆرۈشكە ۋاقىت ئاجراتسا، 24 سائەتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن چېغى بولۇپ قالىدۇ. ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا يولۇقۇش مومكىن:
    سۇئال، ياشانغانلار نېمىشقا ئاز ئۇخلايدۇ؟
   جاۋاب: ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئاز ئۇخلايدۇ.

مانا بۇ، فىرانسىيەلىك پەيلاسۇپ ئالبىرت كامۇسنىڭ  كۆز- قارىشى بولۇپ، سەل غەيرى ئېيتىلغىنىدەك قىلغان بىلەن، ئاساسى يوق دەپ قارالمايمىز. كېيىن ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۆلۈم بۇرنىغا پۇرىغان ۋاقىتتا، ۋاقىتنى ئاز ئۇخلاپمۇ ئۇزارتقىلى بولمايدۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-23 17:21):
سۇئال، ياشانغانلار نېمىشقا ئاز ئۇخلايدۇ؟
   جاۋاب: ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئاز ئۇخلايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش