- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 71
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- UID
- 34270
- يازما
- 71
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- توردا
- 41 سائەت
|
نامسىز بۇلاق(20)
شۇنداق مەنسىز كۈنلەر يەنىلا مەن بىلەن،بىردىنبىر قېرىندىشىم بولغان ئاچامنىڭ مېنى شۇنداقلا تاشلاپ قويغانلىقىدىن ئاغرىناتتىم.ئۇنىڭدىن رەنجىدىم.دادام بىلەن ئاپامنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرمىدى دەپ يۈرسەم ماڭا ھىچقانداق يىپ ئۇچى قويمايلا مېنى يەنە بىر قېتىم يالغۇز قويغانلىقىدىن ئاغرىندىم.پۈتۈن ئۆينىڭ تۆت تېمىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان غىرىبلىق ۋۇجۇدۇمنى شۇنداق قىينايتتى،گەرچە كۆز يېشى قىلمىساممۇ مەن يۈرىكىمدىن يىغلايتتىم.سۈزۈك كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،بەلكى قان بىلەن ئۆزۈمنىڭ شۇنداق غىرىب ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلاتتىم.توۋۋا.جاھان قىسمەتلىرىنىڭ قارا بۇلۇتلىرىنىڭ مېنىڭ بىشىمدا ئەگىپلا يۈرگىنىنى كۆرۈڭ!
شۇنداق غىرىب كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاچامنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى تەكچىگە ئىلىنغان بىر دانە خاتىرىدىن مەن ھاڭ-تاڭ قالدىم.يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنىڭ بەختسىز ئىنسان ئىكەنلىكىگە ھەيرەت ئوقۇدۇم.مانا ئاچاممۇ مېنى تاشلاپ كىتىپ قالغان ئىكەن.......ئاچام ئۆزىنى تاشلىۋالغان شۇ ئانا دەرياغا يۈگۈردۈم......»
ئۈمىد شۇنداق دىگىنىچە يۈزىنى ئالقانلىرى بىلەن توسۇپ جىمجىت ئولتۇرۇپ قالدى.مەن ھىچقانداق سۆز قىلىشنى خالىمىدىم.چۈنكى گەپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى تەسەللىدەك تۇيۇلدى،بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئالقانلىرىنى ئاستا ئاچقىنىدا ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرىگە ئىھتىيات بىلەن ئاستا تىكىلدىم.ئۇ نىدا قىلاتتى،ئۇنىڭ يۈرىكى تەتۈر كەلگەن جاھان قىسمەتلىرىدىن تىپچەكلەيتتى،نىدا بىلەن ئۆزىگە يېڭى بىر قوياش تىلەيتتى،مەن قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنىڭ كەڭ يەلكىلىرىنى مەدەت بىلەن چىڭ تۇتتۇم.مانا مۇشۇ مەدەت بىلەن ئۇنىڭغا غايىبتىن كۈچ تىلەيتتىم.بىزنىڭ كۆزلىرىمىز،قەلبىمىز دىئالوگدا ئىدى.
ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇردۇم ،لىكىن قانداق سەۋەب بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈمنى تاللىغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.سوراي دىسەم ئۈمىددىن بۇنداق سوئالنى سوراش ئەدەبسىزلىك بولاتتى.ئۆز ھىكايىسىنى سۆزلەپ بولغىچىمۇ شۇنداق ئازابلانغان تۇرسا يەنە قانداق بولۇپ بۇ يولنى تاللاپتۇ دىسەم قاملاشمايتتى،شۇنداق ئىككىلىنىشتە تۇرسام ئۇ كۆك رەڭلىك بىر خاتىرىنىڭ ۋاراقلىرىنى ئاۋايلاپ ئاچقىنىچە ماڭا تۇتقۇزدى،ماڭا نىدا بىلەن يانغان بۇ كۆزلەردىن تارىغىنى قەلب ئازابلىرىنىڭ يامغۇر كەبى تۆكۈلۈشىدەك تۇيۇلدى،شۇنداق قىلىپ ئۈمىد ئېچىپ قويغان بەتلەردىن مەن بىلمەكچى بولغان مۇنداق سىرلارغا گۇۋاھچى بولدۇم.خەت تولىمۇ چىرايلىق يېزىلغان بولۇپ ،شۇنداق قارىغان كىشىنىڭ ھەۋەس بىلەن يەنە بىر قېتىم قارىغىسىنى كەلتۈرەتتى،قارىغاندا ئۇ قىزمۇ شۇنداق ھەۋەس بىلەن نۇرغۇن يۈرەكلەرنى كۆيدۈرگەندەك قىلاتتى،چىرايلىق نەرسىلەرنىڭ ئۆمرى شۇنداق قىسقا بولسا كىرەك .خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى:
«بۇ خەتنى كىمگە يېزىشىمنى بىلمىدىم.ئەگەر مانا مەن قويۇپ قۇيغان بۇ يەردىن كىمنىڭ قولىغا يەتسە مەخپىيەتلىكلەر شۇنىڭ قولىدا ئايان بولار،ياكى بۇ خاتىرىنىڭ بۇ بەتلىرى ھېچكىمنىڭ نەزىرىگە چۈشمەس.مەيلى قانداق بولسۇن،مەن يەنىلا ئازابلىرىمنىڭ ئاز بىر قىسمىنى سىلەرگە تۆكۈپ كىتەي!
شۇ كۈنى مەن ھەممە نەرسەمنى يوقاتتىم،رەھمەتلىك ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا قىلغان ياخشى تەربىيىلىرىنى يوقاتتىم،بەش يىل ئالىي مەكتەپ جەريانىدا بىرەر ئەركەك زاتىغىمۇ تىكىلىپ قاراپ باقمىغان ئىدىم.تېخى بىر ھەپتە ئالدىدا شۇ كەلگۈسى يولدىشىم بولغان قاسىمجانغىمۇ تىكىلەلمەي ئۇنى يولغا سالغان ئىدىم.ئۇنىڭ ماڭا بىرەر قېتىم قاراپ قويسىڭىز نېمە بولار دىگەن سۆزلىرىگە يەنە شۇنداقلا يەرگە قاراپ سۇس كۈلۈپ جاۋاب قىلغان ئىدىم.مەن ئۆزۈمنى شۇنداق پاك ھېس قىلاتتىم.بىردىنبىر بايلىقىم پاكلىقىم ئىدى،لىكىن بۈگۈن شۇنداق بىر قارا قول ئاستىدا نىدا بىلەن ئۆزۈمنىڭ بارلىقىمنى يوقاتتىم.مېنىڭ بالىلىقىمنىڭ تاتلىق ئەسلىمىلىرى قالغان ئاشۇ ھويلىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا مېنىڭ ئاچچىق نىدالىرىم قالدى،ئۇ ئىبلىس ئاپام ئاۋايلاپ ئۆرۈپ قويىدىغان چاچلىرىمدىن قاماللاپ،مېنى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سۆرىدى.مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن تىركەشتىم،مەن ئاجىزلىق قىلدىم،بىر قىز بالىنىڭ ئاجىزلىقى شۇ بولسا كىرەك،مەن شۇ دەقىقىدە ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلگەن ئىدىم.لىكىن مەن شۇ قورقۇنچىلىق چۈشتىن كېيىن يەنىلا ھايات بولدۇم.لىكىن ئۆزۈمنى شۇنداق پەس كۆردۈم.يالغۇزلۇقۇم بىلىندى،يىغلىدىم،شۇ پېتى بېرىپ ئۆزۈمنى دەرياغا تاشلىماقچىمۇ بولدۇم.لىكىن بىردىنبىر قاياشىم بولغان دۇنيادىكى بارلىقىم بولغان ئۈمىدىم يادىمغا يەتتى،ئۇنى دادام بىلەن ئاپامنىڭ تاشلاپ كەتكىنىمۇ يىتەر،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ياشاي،ئۇنىڭ ئۈستىگە قاسىمجانمۇ ئېسىل بالا،مېنى چۇقۇم قوبۇل كۆرىدۇ،دىگەن ئىلھام -ئۈمىدلەر بىلەن قايتىدىن ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم.
قاسىمجاننىڭ كەلگەنلىكىنى خىزمەتداشلىرىمدىن ئاڭلاپ شۇنداق يىغلىغىم كەلدى.ئۇنىڭ ئىدارىغا ئۇدۇل ئىزدەپ كىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولغاچ بۇرۇنلا ئىدارىدىن قايتتىم.نەچچە كۈن شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بىر كۈنى قاسىمجانغا تۇتۇلدۇم.ئۇ شۇنداق مېھىر بىلەن ماڭا قارىغىنىدا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم.ئۇ ھىچنەرسىنى بىلمەيتتى،بەلكىم بۇنى ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش دەپ چۈشەنگەندۇ،ياكى مېنىڭ كىچىك بالىلارچە قىلىقىمدىن كۈلگەندۇ،لىكىن ئۆزىنى مېنىڭ ئاچچىق رىئاللىقىم كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ،مەن ئۆزۈمنى يەنە بىر قاتتىق گۇناھكار ھېس قىلدىم.شۇنداق قىلىپ.توي كۈنىگە يىقىنلاپ كەلدۇق،بىركۈنى ئۇنىڭغا ھەممە ئىشنى ئىيتماقچى بولدۇم،لىكىن ئۇ قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ:«ھەرقانداق گەپنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن،ئەمدى گېپىم بار دەپ قايتا ئېغىز ئىچىشىڭىزغا رۇخسەت يوق،بىز توي قىلغىلىۋاتىمىز.ئەمدى بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەيمىز،كەمچىللىكلەر بولسا تولۇقلايمىز،قانداق گەپ بولسا ئاڭلىمايمەن،كەيپىياتىمىزغا تەسىر قىلىشىنى خالىمايمەن»ئۇنىڭ دانالارچە ئېيتقان بۇ سۆزلىرىدىن شۇنداق تەسىرلەندىم،قارىغاندا ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ.مانا مۇشۇنداق ئىشەنچ بىلەن توي كىچىسىگە قەدەم قويدۇق.ئىككى رەكئەت نامازدىن كېيىن ئۇ مېنى چىڭ باغرىغا باستى،شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال دەپ ئويلىدىم.ئۇ ئاستا لەۋلىرىمگە يېقىن كەلگەن ئىدى،مەن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم.مېنى قايتىدىن يىغا تۇتتى،ئۇنىڭغا ھەممىنى ئىيتتىم،ئۇ شۇنداق ئېغىر ئالدىكى،مېنى كۆرەرگە كۆزى قالمىدى،پۈتۈن ئېغىر ئاھانەتنى قىلدى،ئاخىرىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم،مەيلى قانداق بولسۇن،مېنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆتۈندۈم،يىغلىدىم،يالۋۇردۇم،لېكىن ئۇ پەقەتلا مېنى قوبۇل قىلمىدى،تېخى ئۆيدىن ھەيدىدى،شۇنداق يىغا-زارى بىلەن ئاستا ئۆيدىن ئايرىلدىم.شۇ چاغدا ئۆزۈمگە «ئۆل»دەپلا نىدا قىلاتتىم،بىردىنبىر چىقىش يولۇم يوق ئىدى.شۇنداق مېڭىپ ئۆيگە كەلدىم،ئاچقۇچنى ئۈمىد بىز ئىككىمىزلا بىلىدىغان يەرگە قويۇپ قويغان ئىكەن.شۇ يەردىن مەن چوڭ بولغان،دادام بىلەن ئاپامنىڭ بەختى قالغان ،مەن بىلەن ئۈمىدنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرى قالغان جەننەت ھويلامغا تويماي قارىدىم،ئۈمىدكە تويدۇرماي مانا بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن،ئىككى رەكئەت نامازنى قان-يىغلاپ ئوقۇدۇم،ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيىملىرىمنى كىيدىم،ئاستا ئۈمىدىمنىڭ پىشانىسىگە سۆيدۈم.تاتلىقىم،جىگىرىم!ياخشى ياشا!سېنى تاشلايدىغان بولدۇم.چۈنكى قىز بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن ھېچكىم مېنىڭ بۇ ئاجىزلىقىمنى قوبۇل قىلالمايدۇ،مېنى كەچۇر...........!!!مەن پاك ئىدىم،يەنە پاكلىققا ئىنتىلىمەن،بىز كىچىكىمىزدە دادام سۇ تۇشۇيدىغان شۇ دەريادا پاكلىناي،مەن شۇنداق چوڭ كۆرگەن ئەركەكمۇ مېنى قوبۇل كۆرمىسە،مەن يەنە كىمدىن ئۈمىد كۈتىمەن؟يەنە بىر قېتىم ئۈمىدكە شۇنداق دەيمەن:ياخشى ياشا!!» |
|