- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 71
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- UID
- 34270
- يازما
- 71
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- توردا
- 41 سائەت
|
نامسىز بۇلاق(13)
ئاپامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئاپامنى دۇختۇرخانىدا ياتقۇزدۇق.ئۇنىڭ ھېچقانداق ئاغرىقى يوق دىيىلگەندىمۇ بۇ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ئازدۇر-كۆپتۇر پايدا قىلار،ئۇششاق-چۈششەك ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىپ قالار!ئاپامنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن دادامغا خەۋەر قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم.قىززىق يېرى شۇكى ئاپام بىرەر قېتىممۇ «داداڭلار »دەپ قۇيمىدى،خۇددى ئۇ دادامنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك قىلاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە دادامنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى ماڭا مەلۇم ئىدى.مەن ئاپامنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن دادامغا خەۋەر قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم.
مانا دۇختۇرخانىنىڭ سەيناسىدا ئاپامنى ئايلاندۇرىۋاتىمەن.ئاپام مېنى يىنىككىنە قۇلتۇقلىۋالغان ئىدى. گۈللۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەپچىلگىنە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق.مانا ئەمدى دادامغا خەۋەر قىلىش كىرەك.بۇ خىيالىمنى ھېچ بولمىغاندا ئاپامغا ئېيتىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئاپامغا ئېغىز ئاچتىم:
-----ئاپا،ئەھۋالىڭىزمۇ ياخشىلاندى.دادامغا خەۋەر قىلاي-ھە؟
ئاپام جىمىپ كەتتى.قوللىرى بىلىنە-بىلىنمەس تىترەيتتى،ھاۋا شۇنچە ئىللىق تۇرسا ئاپامنىڭ يەنە تىترەۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولدۇم.ئۇ يەنە تېگى يوق خىياللارنى باشلىغاندەك قىلاتتى.
----.ئاپا!نىمە بولدى؟يەنە نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز؟دادامغا« ھازىر ياخشى بولۇپ قالدى»دەيمەن،ئەگەر ئىشلىرى ئالدىراش بولسا كەلمىسە بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىمەن.خاتىرجەم بولۇڭ-ھە!ھازىرلا قايتىپ كىرىمەن.
---قايتىپ كەل.....قايتىپ كەل...
كەينىمگە ئاستا ئۆرۈلدۈم.ئاپامنىڭ ئاۋازى شۇنچە تىترەپ چىققان ئىدىكى،مەن تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ بۇنچىۋالا زەئىب ھالىتىنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن،توۋۋا،ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا يىقىلىپ قالغاندىمۇ يەنىلا بىر خىل جاسارەتنى يۇقاتمىغان ئىدى.نېمە سەۋەب ئاپامنى بۇنچە ئاجىز نىداغا چاقىردى؟ھەيران قالدىم.
----ئاپا،نىمىگە ئەمدى؟
----تېلفون قىلمايسەن،ئۇنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى مەندىنمۇ بەك بىلىدىغانسەن؟
----ئاپا،بۇ سەۋەب بولالمايدۇ،ئۇ دىگەن سىزنىڭ يۆلىنىدىغان تېغىڭىز،كىلەلمىسىمۇ بىلىپ قىلىشى كىرەكتۇ،بۇنداق ئويلىغىنىڭىز نېمىسى؟دادام ئۇنداق تەتۈر ئادەم بولمىسا يا؟
----قىلما دەيمەن ساڭا!.....مەن ......-ئاپام يىغلاپ كەتتى.توۋۋا،دادامغا بولغان كۆيۈنۈشمۇ بۇ؟ئۇنىڭ ئىشلىرى ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن مېنى خەۋەر قىلغىلى قۇيمايۋاتامدۇ؟ياق،ئاپام ئەمىسە نېمىگە بۇنچە ئەلەم بىلەن يىغلايدۇ؟يەنىلا يۇشۇرۇن بىر سىر ماڭا پىنھان مارايتتى.پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىم كىرەك،بۈگۈن زادى سەۋەبىنى بىلىمەن.
ئاستا ئاپامنىڭ يىنىغا كەلدىم.ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىۋىدىم،ئۇ كۆزلىرىدىن مەلۇم سىرنىڭ بىلىنىپ قىلىنىشىدىن قورققاندەك تېزلا كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى.مەن سەزگۈلىرىمگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم.ئۇنىڭ قۇللىرىنى چىڭ تۇتتىم.مانا مۇشۇ تۇتۇشلىرىمدا ئۇنىڭغا مەدەت بىرەتتىم،سىرلىرىنى ماڭا تۆكۈشىنى ئىلتىجا قىلاتتىم.
----ئاپا،نىمىشكە مېنى نېمىشكە دېگىلى قويمايسىز؟
----ھېچنىمىگە....پەقەت...
----دادام بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزدىمۇ؟
---ياق.داداڭ ھەرگىز ئۇنداق ئادەم ئەمەس.
---ئۇنداق بولسا.....؟؟
---سورىما دەيمەن،سېنىڭ بىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق
---سورىما،بىلمە،سەن تېخى كىچىك، يەنە شۇ گەپلەر،ئاپا،مەن ھىسابتا 20ياشقا كىردىم.20يىل يەنە ئاز ۋاقىتمۇ؟مەن بىلمەيدىغان زادى قانداق ئىش ئۇ؟دادامغا قارىسام داداممۇ غەلىتە.سىز دادامدىنمۇ غەلىتە.مەن بىلىشىم كىرەك.ھېچبولمىغاندا مەن سىزنىڭ چوڭ پەرزەنتىڭىز.
---شۇنچە بىلگۈڭ بارما؟ئاپام ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قادىلىپ تۇراتتى،قارىغاندا بۇ ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان خەۋەردەك قىلاتتى،ئاپام كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.ئۇ يەنە سۈكۈتىنى باشلىدى،لىكىن مەن سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشۈم كىرەك.قانچە زامان ئاپامنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ خەۋەرنى ئاڭلاشقا ئىنتىلدىم،دادام بىلەن ئاپام ئوتتۇرسىدىكى مانا شۇ سىرنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتتۈم.ئاپام سۈكۈتى بىلەن ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشىۋالغاندەك قىلاتتى.
----بىز ئاجرىشىپ كەتكەن.
ئاسماندا چاقماق چاقتى،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلدىدى،پۇتلىرىم تىترەپ كەتتى،قۇللىرىم بىردەمدىلا مۇزلاپ قۇلاشماي قالدى.قۇلاقلىرىم ئاڭلىمىدى،كۆزلىرىم كۆرمىدى،تىللىرىم سۆزدىن قالدى.قېتىپ قالدىم،يا يىغلىيالماي ياكى سۆزلىيەلمەي،ياكى ئاپامغا تىكىلەلمەي.قانچىلىك ئولتۇردۇم.بىر چاغلاردا ئابدۇللا يېنىمدا پەيدا بولۇپ :
----قارا،سېنى !ئاپامنى يالغۇز قۇيۇپ قۇيۇپ بۇيەردە ئولتۇرۇپ كەتكىنىڭنى!بۈگۈن ھاۋا ياخشى-ھە!
ئىنكاسىم يەنىلا نۆل.ئۇنىڭ بۇغدايئۆڭ چىرايىغا سەپسالدىم،باتۇرلۇق،جەسۇرلۇق نۇرلىرىنىڭ جۇلاسى چېچىلىپ تۇراتتى،قارىغاندا بۇلار تېخى بىلمەيدىكەندە،توۋۋا،ماۋۇ ئىشنى!ئاپامنىڭ ئىچىنىڭ چىڭلىقى مېنى ھەيران ئوقۇتتى.مانداقمۇ كۆتۈرۈشلۈك بولامدۇ؟تېخى دادام شۇنچە پۇل تېپىۋاتسا مېنىڭ پۈتۈن ئۇقۇش پۇلۇمنى غەملەپ بولغانلىقىغا ھەيران بولغان ئىدىم،سەۋەبى ئىككىسىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.چىشلىرىمنى چىڭ چىشلىدىم.
----ھەدە،جۈرە!رەيھان ئاجايىب ئوخشىغان چۆچۈرە ئەتتى.سېنى چاقىراي دىگەن ئىدىم.
ئابدۇللا تارتقۇشلاپ يۈرۈپ مېنى ياتاققا باشلاپ كىردى،كىرسەم ياتاقتىكى ھەممەيلەن رەيھاننىڭ چۆچۈرىسىگە ئېغىز تىگىۋاتقان ئىكەن.ئاپام بۇ سىرنى ماڭا دەپ ئىچى خېلى بوشاپ قالغاندەك قىلاتتى.مېنى كۆرۈپ ئىلتىجا،مېھىر،كەچۈرۈم،ئازاب،تەسەللىي......ئىشقىلىپ ھازىرقى روھىي ھالەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە داۋا بولىدىغان خىسلەتلىك قەلب نۇرلىرىنى تۆكەتتى،شۇنداق،ئاپام ماڭىلا دىدى،ئۇنىڭ سىرىنى ساقلىشىم كىرەك!پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن.....
----ئال ھەدە،سېنىڭ رېسقىڭ!
----چۆچۈرىگە ئەجەب ئۇستىكەن بۇ قىزىمىز!
----ھەممە تاماقلارغا جان كىرگۈزۈپ ئىتىدۇ بۇ!
سىڭلىم ئالدىمدا تاتلىق كۈلۈپ تۇراتتى،ئۇنىڭ بۇ كۈلۈشلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ نىدا قىلدىم،ئۆزۈڭ بىل،قانداقمۇ شۇنداق تاتلىق كۈلكىلىرىنى بۇزۇشقا چىدايسەن؟قانداق جاسارەت بىلەن بۇزىسەن؟قۇلاق تۈۋىمدە شۇنداق بىر ئاۋاز جاراڭلىدى:«نامسىز بۇلىقىم،مۇشتۇملىرىڭنى چىڭ تۈگ،كۆزلىرىڭدىكى ياشلارنى سۈرت،ئاناڭنىڭ شۇ جاسارەتلىرىدىن ئىلھام ئال!بىل،نامسىز بۇلاقنىڭ قېتىغا ئاۋايلاپ كۆم!......»ئەنە شۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارا بېشىمنى ئاستا لىڭشىتتىم.
|
|