ئىگىسى: lovely710

نامسىز بۇلاق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
34447
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 14:50:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 15:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

3

  

             دادام  ھەممىمىزگە  سوۋغات ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىكى شاتلىق نۇرلىرىدىن  مەن يەنە بىر قېتىم بۇرۇنقى چاغلارغا قايتقاندەك بولدۇم.ھەممەيلەنگە بىر قېتىمدىن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ ئاندىن   مەنمۇ  ئاستاغىنە كۈلۈمسىرەشكە باشلىدىم.دادام كۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم شۇنداق ئۇلۇغ كۆرۈندىكى،ئۇ ھەممەيلەننىڭ ھاياتىنىڭ مەناسى ئىدى.ئۇ بولغاچقا بىز قايتىدىن قاقاقلاپ كۈلدۈق،شاتلىق نۇرلىرى قاغجىرىغان قەلبىمىزگە مىھمان بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.ئەنە شۇ دادام بىلەن بىز قايتىدىن كۆڭۈللۈك دەملەرگە ھەمراھ ئىدۇق.كەچتە ئاپام ئوخشىتىپ ھاردۇق ئېشى ئەتكەن ئىدى.شۇنداق دېيىشكىمۇ بولاتتى،بۇ ھاردۇق ئېشىنى دادامغىلا ئەمەس ھەممەيلەنگە ئەتكەندەك قىلاتتى.ئاجايىپ ھۇزۇر بىلەن ئىچتۇق-دە،يەنە دادامغا  تەلمۈردۇق،ئۇنىڭ ئاغزىدىن يەنە جاھان يېڭىلىقلىرىنى ئاڭلاشنى خالايتتۇق،بۈگۈن كېچە ئۆيىمىز قايتىدىن جانلىنىپ،ئۆينىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا ھايات جۇلاسى چېچىلاتتى،شۇنداق قىزىغان سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا ئىنىم بىلەن سىڭلىم دادامنىڭ ئىككى يىنىدا ئۇخلاپ قىلىشقان ئىدى.دادام ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇلارغا تويماي قارايتتى.مەنمۇ ئۇلارنى قالدۇرۇپ سىرتقا چىققىنىمدا تولۇن ئاينىڭ مەنىلىك كۆز قېسىشلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئۇمۇ خۇددى دادامنىڭ قەدەملىرىگە مۇبارەك ئىيتقاندەك قىلاتتى.نامسىز بۇلاق يەنە كۆۋەجەشكە باشلىدى،بۇ كۆۋەجەش بىلەن قان-تۇمۇرلىرىم قايتىدىن جانلىنىپ،راستتىنلا بىر خىل مەدەت-ئىلھام سىڭىپ كەتكەندەك بولدى.

             بىرنەچچە كۈن دادام بىلەن بىللە يۈرۈپ ھەممەيلەن كۈلكە بىلەن قەلىب ھويلىمىزنى سۇغاردۇق.دادام قارىغاندا يەنە ماڭىدىغاندەك قىلاتتى،لىكىن قاچان ماڭىدىغانلىقى بىزگە دىمەيتتى.ئەمما دادامنىڭ يەنە ماڭىدىغانلىقىنى ئويلىسام قەلبىم يەنە مىسكىنلىشىپ قالاتتى.دادامنىڭ ماڭىدىغان كۈنلىرىنى پەرەزقىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر تاڭ سەھىرىدە دادام يەنە بىزنى تاشلاپ بارچە جاپالارغا ئاتلىنىپ يۈرۈپ كېتىپتۇ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام ئاپام خىيال بىلەن كالا سېغىشقا تۇتۇش قىلىپ تۇرۇپتۇ،كۆڭلۈم تۇيۇغان چېغى،دادامنى سورىۋىدىم،ئاپام  سەل تۇرۇپ قىلىپ «كەتتى»دېدى.شۇيەردىن ئۆيگە ئوقتەك كىرىپ چاپىنىمنى يىپىنچاقلاپ دادامنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم،دادامنىڭ ئاستىراق مېڭىشىنى تىلەيتتىم،ئاخىرىدا يىقىن يولنى تاللاپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئابتۇبۇس توختايدىغان ئاشۇ قارىياغاچنىڭ يېنىغا يۈگۈردۈم،پۇتۇمدىكى ساپما كەش مېنى يولدىن قويماقچى بولغاندەك ھەدەپ چۈشۈپ قالاتتى،ئۇنى سالدىم-دە،ئانا سەھرانىڭ يۇمشاق توپىلىق يوللىرىدا دادام كەينىدىن يۈگۈردۈم،ئاخىرى قارىياغاچ تۈۋىگە كەلدىم.دادام ماشىنىغا چىقىشقا تەمشىلىۋىتىپىكەن،مېنى كۆرۈپ توختاپ قالدى-دە،مەن تەرەپكە ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئاستا سۈرۈلدى.بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تۇرۇپ كۆزلىرىمدىن  ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلىدى.دادام  يىرىلغان قوللىرى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ :«پۈتۈن ئائىلە سەن بىلەن بالام،چىداملىق بول،غەيرەتلىك بول!مەن پۇل ئەۋەتىمەن،مەندىن ئەنسىرمەڭلار...»دەپلا  مېنى جايىمغا قالدۇرۇپ ئابتۇبۇسقا يۈرۈپ كەتتى.ئابتۇبۇس قويۇق ئىس چىقىرىپ گۈرۈلدىگىنىچە كېتىپ قالدى.بەلكىم دادام يەنە قايتىپ كېلەر،يەنە بىزگە شاتلىقلارنى ياغدۇرۇپ كىلەر،ئاددى بولسىمۇ ئالەم بىلەن تەڭ سوۋغىلىرىنى ئېلىپ كېلەر.دادام يەنە كېلەر--ھە؟!لېكىن دادام شۇ كەتكەنچە بىزنى كۆرگىلى قايتا كەلمىدى،پەقەت ئۇنىڭ بىزنى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقلىرىدىن ساقلايدىغان پۇللىرى ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇردى،لىكىن ئۆزى قايتا دىدارىنى بۇ ئانا سەھراغا كۆرسەتمىدى.

        مانا شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقلىرىغا خوش ئېيتتۇق،دادام جىق پۇل تاپقاندەك قىلاتتى،مەھەللىدىن شۇ چوڭ شەھەرگە ئۇ-بۇ ئىشلار بىلەن بارغانلارمۇ ئالايىتەن دادامنىڭ سالاملىرىنى ئېيتىپ تۇراتتى،مەنمۇ چوڭ بولۇپ ئەلا نەتىجىلىرىم بىلەن ئۇقۇتقۇچىلىرىم نەزىرىدىكى ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىغا ئايلانغان ئىدىم.شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىنى بېرىپ بولۇپ ئۇھ دېدىم.ئۇزۇن دەم ئېلىش باشلاندى.ياخشى مەكتەپكە ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ياخشى تىلەكلەرنى قىلاتتىم.مانا  مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىم.بۇ خۇشخەۋەر بىلەن ئاپاممۇ مېنى مەكتەپكە ئەۋەتىشنىڭ تەييارلىقىدا بولدى.بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن دادامدىن تېلفون كېلىپ مېنىڭ ھېچنىمە ئالمايلا كېلىشىمنى بۇيرۇدى.دادامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاپاممۇ تەييارلىقلىرىنى توختىتىپ مېنى ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان قۇلۇم-قۇشنىلارغا قۇشۇپ قۇيماقچى بولدى.شۇكۈنى  بىر تەرەپتىن دادامنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم دەپ خۇشال بولاتتىم،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيدىن ئايرىلىشنى ئويلىسام كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى،ئەتە ماڭىمەن دىگەن كۈنى كېچىچە ئاپام بىلەن مۇڭدىشىپ چىقتىم،ئاپام دادامنى ئانچە كۆپ تىلغا ئالمىدى،پەقەت مەكتەپتە دىققەت قېلىدىغان ئىشلار تۇغرۇلۇقلا مېنى ئەسكەرتتى.شۇنداق قىلىپ مەن ئانا سەھرادىن يىراق بولغان بارچە ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان سېھرىگەر شەھەر ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتىم.بەلكىم دادام شۇيەردە بولغاچقىدۇ،ئاپاممۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندەك قىلاتتى.ئابتۇبۇس ئېغىر سىلكىنىپ توپىلىق يولدا كېتىپ باراتتى،يول ئۆزگەرمىدى،لېكىن مەن ئۆزگەردىم،كەلگۈسۈمدىن بىشارەت ئىزلىگەندەك ئابتۇبۇس دىرىزىلىرىدىن سىرتقا ئىلتىجا بىلەن قارايتتىم،زادى قانداق يېڭىچە ھايات مېنى كۈتىۋاتقاندۇ؟؟؟
               

4

     

          قانچىلىغان شائىر،يازغۇچىلارنىڭ ئۆلمەس تېمىلىرىغا ئايلانغان ئۈرۈمچىگىمۇ يېتىپ كەلدۇق.نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرنىڭ نوچىسىمۇ ئۈرۈمچىسىدە،ئەسكىسىمۇ ئۈرۈمچىدە دەپ قويىدىكەن،بەلكىم  شۇنداقتۇ؟دادام قايسى  «مەزھەپ»كە قۇشۇلۇپ كەتتىكىن ؟؟قوشنىلىرىمىز يات شەھەرنىڭ ئېگىز بىنالىرىغا بۇيۇنداپ قاراپ مەھەللىدىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان يېزىلىق ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىنىڭمۇ ئارانلا ئىككى قەۋەت ئىكەنلىكىدىن ۋايساپ قۇياتتى.بىز ئەنە شۇنداق ئۆزىمىزنىڭ خارەكتىر دۇنياسىغا ماس بولغان تالاش-تارتىشلار،خىياللار بىلەن بىكەتكىمۇ كىرىپ كەلدۇق.ئابتۇبۇس بىكەتكە كىرىش بىلەن تەڭلا رىفلىكىس تەسىرىدىن بولسا كىرەك،دادامنى ئىزدىدىم.ئەنە مېنىڭ دادام،ھاياتىم دادام،باتۇرۇم دادام!ئابتۇبۇس ئىشىكىدىن ئىتىلىپ بېرىپ يەنە بىر رەت دادامغا چىڭ گىرە سالدىم.دادام باشلىرىمنى سىلاپ مېنى ئاستا قۇيۇنلىرىدىن ئاجرىتىپ قۇشنىلار بىلەن بىر-بىرلەپ سالام قىلىشتى،دادام  ھەقىقەتەن ئۆزگىرىپتۇ،قاراڭە،ئۇنىڭ چاچلىرى  بۇرۇنقىدىن قارىداپ،شىملىرى بۇرۇنقىدىن قىرلىنىپ ،كۆينەكلىرىنىڭ ياقىلىرى پەقەتلا قارىدىماس بولۇپ قاپتۇ.دادام  كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقىدىن ئۇنىڭ تېخى ئىككى يىل ئىككى يىل ئىلگىرى مۇشۇ شەھەرگە دىھقان ئىشلەمچى سالاھىيىتى بىلەن ئۈنگەنلىكىدىن ھەيران قالىسىز،دادام  ئۆزگىرىپتۇ،مەن تىلەۋاتىمەن،بۇ ئۆزگىرىشلەر پەقەت دادامنىڭ قىياپىتىدىلا بولسۇن،ھەرگىز قەلبىدە بۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولمىسۇن دەۋاتىمەن.

            دادام قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي  يېقىن ئەتراپتىكى ئالىي تاماقخانىلارنىڭ بىرىگە داستىخان سالدى.ئۇنىڭ مىھمان دوستلۇقى ئۆزگەرمەپتۇ،بارلىق مىھمانلارغا ئۆز قۇلى بىلەن چاي قۇيدى،يېيىشلىك،تەملىك تاماقلارنى بۇيرۇپ ھەممەيلەننى سەپەر ھاردۇقلىرىدىن خالاس قىلىشقا  تىرىشتى.دادامغا  قاراپ يىراق سەھرادىكى ئاپامنى ئەسلىدىم.مۇشۇ تاپتا ئاپام كالىلارنى سېغىپ،سۈتلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ھويلىدىكى كىچىك لىڭزىغا(ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ياسىلىدىغان ئوچاق،سۈتنى مۇشۇ ئوچاقتا  چوڭ  لىگەن بىلەن پىشۇرسا  ناھايىتى  ياخشى پىشىدۇ.)ئوت يىقىۋاتقاندۇ؟ئىنىم،بىلەن سىڭلىم ۋېلىسپىتلىرى بىلەن مەكتىپىگە قاراپ يولغا چىققاندۇ!ئانا سەھرانىڭ دىلغا ھۇزۇر شاماللىرى ئۇلارغا ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى تىلەۋاتقاندۇ؟مانا مەن ئاپام بىر ئۆمۈرمۇ كۆرۈپ باقمىغان چوڭ شەھەرلەردە دادام بىلەن چوڭ تاماقخانىلاردا ئولتۇرۇپتىمەن،شۇنداقمۇ كۈنلەر كىلىدۇ،ئۇلارنى بۇلاردىنمۇ ئېسىل.كاتتا مەئىشەتلەرگە نائىل قىلىمەن.شۇنداق تاتلىق خىياللاردىن دادام بىلەن قۇلۇم -قۇشنىلارنىڭ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشلىرى ئويغاتتى.دۇئادىن كېيىن دادام قۇلۇم-قۇشنىلارنى نىشان جايلىرىغا ئاپىرىپ قۇياي دېۋىدى،ئۇلار ئۇنىماي قۇيۇشتى.شۇنىڭ ھەممىمىز يەنە شۇ ھايات دۇقمۇشلىرىدا ئۆز يوللىرىمىزغا  قايرىلدۇق،مەريەم ھەدىگە قىيماي قالدىم.نېمىلا بولمىسۇن  ئاپام بىلەن تولا توي-تۆكۈنلەرگە بىللە باراتتى ئەمەسمۇ؟بىر-بىرىنىڭ چاچلىرىنى ئۆرۈشۈپ،گاز ياغلىقلىرىنى شامالدا يۈلپۈتۈپ ئەنە شۇ توپىلىق يوللاردا بىرگە يۈرۈشەتتى.بىرىپ ئۇنى چىڭ باغرىمغا باستىم،ئۇمۇ كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي مېنىڭ ياخشى ئوقۇشۇمنى تاپىلىدى،مەن بۇ سۆزلەرنى خۇددى ئاپامدىن ئاڭلاۋاتقاندەك  قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدىم.ئاندىن مەھمۇت تاغىنىڭ ئاستا ئەسكەرتىشى بىلەن بىز يەنىلا بىلىش تەس بولغان ھايات قىسمەتلىرىگە ئاتلاندۇق.

     مانا دادامنىڭ بۇ ماشىنىسى بىلەن مەن دادامنى يەنە بىر قېتىم زامانىۋى شەھەرنىڭ ئۆلچەملىك پۇقراسىغا ئوخشاتتىم.كېتىۋاتىمىز.ماشىنىلارنىڭ كۆپلىكىدىن بېشىڭ ئاغرىيدۇ،دادامغا شۇنچە ئەكىلەي دىدىم-يۇ،لىكىن چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈندۈر ياكى،  ئۇزۈن ئايرىلغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بولسا كىرەك،ئۇنىڭغا پەقەت بىر نەچچە قېتىملا يەر تىگىدىن قاراپ قويدۇم.دادام مېنى ئەڭ ئاۋات بازارلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كەلگەن ئىكەن،دادام خالىغىنىچە  تاللاش  كىرەكلىكىمنى ئىيتتى.لىكىن  مەن تاللىغانلارنىڭ بىرىمۇ دادامغا يارىمىدى.ئاخىرىدا دادام ئۆزى بىلىپ تاللاپ ماڭا دەسلەپتە سېتىۋالغان چامادانغا تولدۇرۇپ كىيىم-كىچەك ئىلىپ بەردى.ئۇيەردىن يىنىپ دادام بىلەن مەكتەپكە بىرىپ لازىملىق رەسمىيەتلەرنى تىزلا پۈتتۈرۈپ ياتاققىمۇ ئورۇنلىشىۋالدىم.خىلى بۇرۇن يېتىپ كەلگەن بولغاچقا  ياتاقتىكى ئەڭ ياخشى كارىۋات مېنىڭ بولدى،دادام ھەقىقەتەن ئىنچىكە ئادەم ،ھەممە نەرسىلىرىمنى جاي-جايىدا قىلىپ  مېنى بىردەمدىلا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.ئاندىن چىقىپ تازا ئوخشىغان ئۈگرە ئىچتۇق.دادام تاماق ئارىسىدا ئۆيدىكىلەرنى سورىۋىدى،مەن ئىختىيارسىز يەنە شۇ شوخلۇقىمغا قايتتىم.ئۇنىڭغا ئۆيىمىزدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى دەپ ئۈلگۈردۈم.  دادام يىنىككىنە كۈلۈپ قويدى.تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن دادام مېنى مەكتەپتە قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى،قارىغاندا مەلۇم ئىشنى مەندىن يۇشۇرۋاتقاندەك قىلاتتى،لىكىن نەزىرىمدە دادام بارلىق گۇمانلاردىن خالىي ئەڭ ئۇلۇغ دادا.

      ياتاقتا ئالتەيلەن ياتىمىز.بۇگۈن يېتىپ كەلگەنلەردىن تۆتىمىزمۇ چىقىشىپ قالدۇق.تېخى سەنلىشىپمۇ ئۈلگۈردۇق،خوشال-كۈنلەر باشلاندى،مەنمۇ تېزلا مەكتەپ مۇھىتىغا كۆنۈپ قالدىم.دادام پات-پات مېنى يوقلاپ كېلەتتى،ئۇ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىغا يۆلەنگىنىچە گېزىت كۆرگەچ مېنى ساقلايتتى،يىراقتىن ئۇنى كۆرۈپ يۇگۈرگىنىمچە قىن-قىنىمغا پاتماي ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى ئاتاتتىم.ئەلۋەتتە ئاپامغا تولا تىلفون قېلاتتىم،ئۇنى ھەممە ئىشلاردىن خەۋاردار قىلىشىم كىرەكتەك مەكتەپتىكى ئىشلارنى بىرىنى قويماي دەيتتىم،قىززىق،ئاپام دادامنى سوراپ قۇيمايتتى،سوراش دىيىلسىمۇ  بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپلا  بولدى  قىلاتتى،ھەيران بولاتتىم،ئاپام مەندىن بىرەر نەرسىنى يۇشۇرغاندەك  قىلاتتى،نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ سوراشتىن خىجىل بولاتتىم،ئەگەر شۇنداق سوئال سورالسا بۇ دادامنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمانلانغانلىق بولاتتى،دادامنىڭ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ئىدى.دادام  ھەرگىز   ئۇنداق ئادەم ئەمەس.بۇنداق ئىشلارنى سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن،خىيال قىلىشقىمۇ  بولمايتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 18:20  

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 16:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5



         مەكتەپ كېلىپ ئاپئاق قارنىمۇ كۈتىۋالدىم،شۇنداق،قارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن،ئۇ جىسمىمنى توڭلىتىدۇ،لىكىن كۆرۈنمەس مېھىرلىرى بىلەن قەلبىمنى ئىللىتىدۇ.ئۇنىڭغا شۇنداق ھەۋەس قىلىمەن.ئۇ پايانسىز ئاسماننىڭ توڭلىغان كۆز يېشى،ئەنە شۇ سېھىرلىك قار بىلەن پايانسىز ئاسمان ئۆز دەرتلىرىنى ئاپئاق چېچەك قىلىپ كەڭ زېمىنغا تۆكەلەيدۇ.قارنىڭ سېھرى بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇيمەن،پۈتۈن شاتلىق كېلىپ مېنى چىڭ قۇچاقلايدۇ،ياخشى تىلەكلەر بولۇپ پىشانەمگە سۆيىدۇ. مەن ئاياغ ئاستىدىن غىچ-غىچ قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ قارنىڭ كۆڭۈل ئىزھارلىرىغا ھەمراھ بولۇۋاتىمەن.ئۇ شۇنداق دەيدۇ:«بەختلىك بول،جانىم!نامسىز بۇلاقدەك نازۇك بۇلدۇقلايسەن،ئەمما تۈگىمەس ھايات سۈيۈڭ بىلەن ساڭا ئۇچرىغان ھەرقانداق ئىنساننى بەخت تۇيغۇسىدا  تاتلىق ئەللەيلەيسەن.نامسىز بۇلاقسەن،ئەمما ئۇلۇغلۇق  مۇقامىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىجراچىسەن.......!!»مەنمۇ ئۇنىڭ مەدھىيەلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ نازۇك شىۋېرلايمەن،شۇنداق،سىردىشىم،نامسىز بۇلاقمەن،ھايات سۈيۈم مېنى سۆيگەنلەر ئۈچۈن،شىپالىق ھايات سۈيىگە تەشنا قەلبلەر ئۈچۈن!ئەنە كىشى بىلمەس سىرلىرىمنى قارلار تېگىگە چوڭقۇر كۆمۈپ ئاستا كۆزۈم قىيماي ئۇلاردىن ئايرىلىمەن....

       ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەققىدە تاتلىق خىياللارنى قىلغان ئىدىم-ھە!مانا ھازىر ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن ئۆتكۈزمەكتىمەن،ھەركۈنى سەھەر قۇشلار بىلەن ئوينىشىپ خەنزۇتىلى تېكىستىنى يادلايمەن،تېخى ئانچە-مۇنچە بەدەن چېنىقتۇرىمەن.ھەر ھالدا كۈنلىرىمنى ئۇبدانلا رەتكە سېلىۋالدىم.لىكىن پات-پات ئاپام بىلەن دادام ئوتتۇرىسىدا بىر ئىش بار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلسام قايتىدىن كۆڭلۈمنى غەشلىك قاپلايدۇ.نەچچە رەت ئاپامدىن سوراي دىدىم-يۇ،لىكىن بۇنداق سۆزلەرنى ئېغىزدىن چىقىرالمىدىم.مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە مەن خەنزۇتىلى سەۋىيەم ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبلىك كۇرۇستا ئوقۇشنى دادامغا ئىلتىماس  قىلدىم،چۈنكى ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە ئۇلار ئەتراپلىق پائالىيەتلىرى بىلەن خەنزۇچە سەۋىيەسىنى تېزلا ئاشۇرىدىكەن.بۇنى داداممۇ ماقۇل كۆرگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپ ئەتراپىدىكى كۇرسلاردىن بىرىگە تىزىملاتتىم.ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك كۇرس بولدى.مەندەك مۆرىمەسمۇ ئۇيەردە شوخلىشىپ قالدى،مۇئەللىمىمىز ئىنتايىن قاملاشقان بىر سېتودىنت ئىدى،ئۇنىڭ يۇمۇرستىك دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.دىگەندەك خەنزۇتىلىدا تېز ئالغا ئىلگىرىلىدىم.ھەممە نەرسە ماڭا شۇنداق كۆڭۈللۈك تۇيۇلاتتى،ئىنىم بىلەن سىڭلىمنىمۇ مانا شۇنداق ئالىي مەكتەپ شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن قەلبىمگە تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكەتتىم.

         مانا شۇنداق ئالدىراشلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۇرستىكى مۇئەللىمىمىز  ئۆيدە ئىشى چىقىپ قالغانلىق سەۋەبلىك يۇرتقا قايتىدىغانلىقىنى،بىزگە ۋاقتىنچە بىر ساۋاقدىشى  دەرس بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن بىرقىسما بولغان بولساقمۇ لىكىن يېڭى مۇئەللىمنىڭ شۇ ئەستايىدىل قىياپىتى بىزنى قايتىدىن ئۈمىدلەندۈردى.كىيىن ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن ئاڭلىساق ئۇ مەكتىپىمىزدىكى تالانتلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىرىكەن.بۇ مۇئەللىم بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرمۇ كۆڭۈللۈك بولدى.بىركۈنى تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ئىش بولدى.كەچتە كۇرستىن قايتىپ يولدا كېتىۋاتاتتۇق،دوستلار تازا چاقچاق قىلغاچ،توساتتىن ئۇلارغا قار ئاتماقچى بولۇپ،قارنى تازا چىڭ پوملاقلاپ بىر ئاتتىم،لىكىن ئاز ئۆتمەيلا ئۆزۈممۇ ئوڭدىسىغا چۈشتۈم.
---ۋايجان!!كىم؟خەپ،سىلەرنى !!ھەجەپ ئەسكىكەنسىلەر!!
دوستىلىرىم تېخىچە پىخلداپ كۈلۈۋاتاتتى،ئۈستېۋىشىمدىكى قارلارنى قىقىشتۇرۇپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام پۈتۈن دۇنيا پىقىراپ كەتتىغۇ-زادى!!بىزنىڭ ۋاقىتلىق مۇئەللىمىمىز بىلەن قارىشىپ ئولتۇرىمەن ئەمەسمۇ!!مېڭەمدىن تۈتۈن چىقتى.دوستلىرىم مېنى تاشلاپ ئاللىقاچان يىراقلاپ كېتىپتۇ،خەپ،ئۇلارنىڭ بۇ شەيتانلىقىنى،ياتاققا بارغاندا قانداق قىلىمەنكى،كۆرۈپ قۇيسۇن!!مۇئەللىمىمىزمۇ ئۈستىبىشىنى قىقىشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇردى.
----يۈرۈڭ.مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە يولىمىز بىردەك قىلىدۇ!

         ئۇ ۋېلىسپىتىنى يۆلەشتۈرۈپ ئالدىمدا يۈرۈپ كەتتى،خۇددى مېنىڭ مىجەزىمنى بىلىدىغاندەك ۋېلىسپىتتە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپمۇ يۈرمىدى،قارىغاندا ئۇ سۈكۈتلىرى بىلەن ھەممە نەرسىگە جاۋاپ بىرىدىغاندەك قىلاتتى.مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا،يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ  كەچۈرۈم سوراپ قۇيماقچى بولدۇم.بۇ قىشتا ۋېلىسپىت مېنىپ نېمە ئىش قىلىدۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا :
         -قارىغا ئېلىش تىخنىكىڭىز بولىدىكەن-ھە!دەل بېشىمنى چەللىدىڭىز،يامانكەنسىز!ئازراق ئىشىم چىقىپ قىلىپ ،دەرسكە كىچىكىپ قالماي دەپ بۈگۈن ۋېلىسپىت مېنىۋالسام ،قاراڭ  سىزدىن «بومبا»يەپ يۈرگىنىمنى !
         -بۇ....بۇ....!كە...چۈ...رۈڭ!
خۇددى بۇ كەچۈرۈمنى يەردىن سوراۋاتقاندەك بېشىمنى يەردىن كۆتۈرمىدىم،ئۇ بۇ گەپلىرىنىمۇ شۇنداق ئەستايىدىل قىلغان ئىدى.دېمەك ئۇ راستتىنلا ئەستايىدىل ئىدى.مەكتەپ دەرۋازىسىدا تەكەللۇپسىزلا خۇشلاشتۇق،ياتاققا كىرىپ جىمجىتلا كارىۋىتىمدا ئولتۇردۇم،دوستلىرىم چاقچاقنى باشلىغىلى تۇردى،ئەمما مەن ئۇلارنىڭ مېنى تاشلاپ كەتكەنلىكىدىن خاپا بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا چىراي ئاچمىدىم.ئاخىرىدا مەدىنەنىڭ غىدىقلىشى بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىدىم،شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشمۇ ئۆتكەنگە  ھىساپ بولدى.شۇ كېچىسى ئۇنىڭ دەرس ئۆتكەندىكى شۇ قىياپەتلىرىنى بىرمۇ-بىر ئويلاپ چىقتىم.لىكىن كۆڭلۈمنى شۇنداق ئەسكەرتىپمۇ  ئۈلگۈردىم:«ئېسىڭدە بولسۇن،نامسىز بۇلاق،بۇ  ئۆزۈڭنى قىيناش بولمىسۇن!ئۆزۈڭنى ئالداش بولمىسۇن!»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 18:22  

UID
34448
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 19:13:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ياخشى  يىزىپسىز !  داۋامىنى كۆرۈشكە  تەققەزارمەن !!!

UID
33483
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2012-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-21
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاخىرىغا بەك بەك بەك قىزىقىۋاتىمەن ، خۇددى ياخشى روماندىن بىرنى تىپىۋالغاندەك ھىسسىياتقا كەلدىم  ، چوقۇم ئاخىرىنى چىقىرىڭ ھە ! ~~  بولمىسا ئارماندا قالىمەن !~~

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tabassumay يوللىغان ۋاقتى  2012-4-4 20:43
ئاخىرىغا بەك بەك بەك قىزىقىۋاتىمەن ، خۇددى ياخشى روم ...

ماقۇل،ئاللاھ  خالىسا  !!ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن  خۇرسەن بولدۇم!!

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:03:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6   

     

         تۇلۇقسىز3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئارچا ياپرىقى»غا مەستخۇش بولۇپ ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇقۇملارنىڭ بىرى بولغان مۇھەببەتنى ئازدۇر-كۆپتۈر چۈشەنگەن ئىدىم.مانا بۈگۈن ئۆزۈمدىمۇ ئەنە شۇ مۇھەببەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تازا سەپسىلىپ قارايتتىم،چاقناپ تۇرغان چوڭقۇر كۆزلەر،پارقىراپ تۇرغان كەڭ پىشانە،ئىشقىلىپ ئۇنىڭدىن مۇكەممەل بىر ئەرنىڭ ھەممە ئۈلگىلىرى تىپىلاتتى،مەن دادام،ئىنىمدىن باشقا يەنە باشقا بىر ئەرگە تۇنجى رەت شۇنچە سەپ سېلىشىم ئىدى. بۇرۇنقى مۇئەللىمنىڭ تېزراق كىلىشىنى تىلەيتتىم.بۇنداق بولغاندىلا مەن خەۋپلىك بۇ مۇھەببەتنىڭ ئالدىنى ئالالايتتىم،كۈنلەر مەندىن بىخەۋەر.ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىر دەۋرى بولغان 24سائەتنى توشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئاۋارە.

        ئاخىرى بۇرۇنقى مۇئەللىمىمىز قايتىپ كەلدى.ئۆزۈمنى خۇش بولىمەن دىگەن ئىدىم لىكىن.........«بۇرۇنقى چاغلىرىمغا قايتىشىم كىرەك.ياخشى ئوقۇش ئۈچۈنلا غەم قىلىشىم كىرەك،باشقىسى مەن ئۈچۈن چەكلىنىشى كىرەك.مۇھەببەتمۇ شەرتلىك بولىدۇ،مەندە ئۇنىڭغا يارىغىدەك بىرمۇ شەرت يوق.يا كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان چىرايمۇ يوق،مودىللادەك قاملاشقان تەققى-تۇرقمۇ يوق.پەقەت ئاشۇ نامسىز بۇلاق روھىلا بار،خالاس،بۇ  ئەرلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (نامسىز بۇلاق)روھى ئەمەس،كەلگۈسۈم ئۈچۈن تۈزۈلگەن روھ بۇ!غەيرەتلىك بول،مۇھەببەت ئۈچۈن خۇدىڭنى يوقاتما،مانا بۇ سەن!شۇنداق،مەن ئىقرار بولدۇم.مەن (چەكلەنگەن مېۋە)گە قول ئۇزاتتىم،لىكىن مەن ئۇنى ئۈزمەسلىكىم كىرەك......»مانا شۇنداق خىياللار بىلەن ئۆزۈمگە ھاي بىرەتتىم.ئۆزۈمنى كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئاماللىرىنى ئىزدەيتتىم.ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپ بۇرۇنقى چاغلىرىمغا قايتتىم،دەرس ۋاقتلىرىدا خىياللارنى قايرىدىم،بىكارچىلىقتىن خالىي بولۇشنى ئىزدەيتتم.ئۇنتۇش  مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى،شۇنداق ئۇنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگىلا كۆمۈۋىتەي،ئۇنىڭغا يىتەرلىك مۇھىت بولمىسىلا ئۇ ئۈنمەيدۇ شۇنداققۇ؟مانا شۇنداق بالىلىق خىياللىرىم بىلەن بىر مەۋسۈمنى تۈگىتىپ ئۆيگە ماڭدىم.

          بىكەتتە دادام مېنى ئۇزىتىپ تۇرغان شۇ كۆرۈنۈش.دادام بۇرۇنقىدىن سەل غەمدە قالغاندەك قىلاتتى.ئۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتى.لىكىن مەن يەنىلا بىلىۋالدىم.دادام چۇقۇم بىزدىن بىر ئىشنى يۇشۇرۋاتىدۇ،زادى نېمە ئىش؟بىر مەۋسۈممۇ مېنى بىرەر قېتىم ئۆزى تۇرۋاتقان جايغا باشلاپ بارمىدى.پەقەت مەكتەپكىلا كىلىدۇ.ئاپاممۇ دادام توغرۇلۇق بەك جىق نەرسىلەرنى بىلىشنى خالىمايدۇ،بۇ ....؟مەن ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن يولغا چىقتىم.پۈتۈن يولدا دادام بىلەن ئاپامنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىشنى بىلىش ئىستىكى مېنى شۇنچە بىئارام قىلدى،تۇرۇپ دادامدىن گۇمانلىناتتىم،لىكىن مۇمكىنمۇ؟دادامنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى،بىزنى دەپ قىلمىغان ئىشى قالمىدىغۇ؟ئەمدىكى شۇنداق پەسكەش ئىشلارنىمۇ قىلارمۇ؟ياق،بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.ئاپام تېخىمۇ ئەمەس.ئۇ پەرىشتىدەك ئايال.ئۇنداقتا زادى نىمە ئىش ؟

         مانا دادامنى ئۇزاتقان ئاشۇ قارىياغاچ،بىزنىڭ بىكىتىمىز.ئەنە ئاپام،سىڭلىم،ئىنىم  ھەممىسى ھازىر بوپتۇ.كۆرۈشۈشمۇ تامام بولۇپ جەننىتىم بولغان ئۆيگە ماڭدۇق.قارىغاندا ئاپام ئۆينى رېمۇنت قىلدۇرغاندەك قىلاتتى.ھەممە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى تولۇق بوپتۇ،مانا ئەمدى ئاپام  خېلى ئىشلاردىن قۇتۇلغاندەك قىلاتتى.لىكىن چاچلىرىغا خېلى ئوبدانلا ئاقلار سانجىلىپتۇ.لىكىن ئەللەيلىرىگە تەڭداش مەستخۇش تەبەسسۇملىرى  تېخىچە شۇ پېتى،مانا بۇ مېنىڭ ئانام.سىڭلىمنىڭ چاققانلىقىدىن ئۆرگىلەي.ئايىغى-ئايىغىغا تەگمەي ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشلىرى،ئەتكەن تاماقلىرىنىڭ ئوخشىغانلىقىچۇ تېخى!بەختىڭنى تىلەيمەن،جىنىم سىڭلىم!ئىنىممۇ  ئاجايىپ قاملاشقان يىگىت بوپتۇ.قاقاقلاپمۇ كۈلمەيدۇ،پەقەت ئاستاغىنە مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيىدۇ.قاراڭ،ۋاقىت ھەممە نەرسىنى تارتىۋالىدۇ،لىكىن ساقلىسىڭىز كاتتا كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ئاتا قىلىدۇ.مەن بولمىساممۇ ئۇلارنىڭ شۇنچە ياخشى ياشاۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم.ئەلۋەتتە،جان دادامنىڭ  بىزگە ئاتا قىلغان ياخشى كۈنلىرى بۇ!

           ئىنىم بىلەن سىڭلىم دادامنىڭ گىپىنى شۇنداق چېقىرىۋىدى،ئاپام سۈت سېغىشنى باھانە قىلىپ بىزدىن ئاستا ئايرىلدى.مەن يەنە بىر نەرسىنى سەزدىم.لىكىن ۋاقىت كىرەك،بىر كۈنى بىلىمىز بۇنى!ئۇلارغا دادامنىڭ ئىنتايىن ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى،ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن  كېلەلمىگەنلىكىنى ئىيتتىم.ئۇلار دادامنى شۇنچە سېغىنغان ئىدى.داداممۇ سېغىندى  سىلەرنى!ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ تاپشۇردۇم.ئۇلار شۇنداق خۇش بولدى،يەنە بىر قېتىم بالىلىق چاغلىرىمنى خىيال قىلدىم.نىمىدىگەن تاتلىق مېنىڭ قېرىنداشلىرىم!بەختىم سىلەر!بارلىقىم سىلەر!ئاستا ئاپامنىڭ كەينىدىن چىقسام ئۇ سوغۇقتا چىلەكنى تۇتقىنىچە خىيالغا كېتىپتۇ.دىمەك پەرەزلىرىم خاتا ئەمەس ئىدى.بىر ئىش بوپتۇ،خاتالىق كىمدە؟مەن ھېچكىمدىن خاتالىق ئىزدەشنى خالىمايمەن.چۈنكى مېنىڭ ئاتا-ئانام خاتالىقتىن خالىي،ئۇلار پەرىشتە بىلەن تەڭ.ئۇلاردىن خاتالىق ئىزدەش مېنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ،لىكىن زادى نېمە سەۋەبىدىن بۇنداق بولدى؟ئاھ خۇدا،سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 18:23  

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

7   

      
   
             تەتىل كۈنلىرىم مەنىلىك ئۆتمەكتە.سىڭلىم بىلەن ئىنىمنىڭ ئوقۇشلىرىمۇ ياخشىدەك قىلاتتى.گەرچە تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغان بولسىمۇ ئاپام يەنىلا سۈت سېتىشنى داۋاملاشتۇرىۋىتىپتۇ،پىششىق سۈت،خام سۈت،تېخى قايماقلارمۇ بار.ئاپامنىڭ تىرىشچانلىقى ئايانغۇ!دادام ئۈرۈمچىدە يول تاپقۇچە بىزنى ھېچكىمگە بويۇن قىستۇرماي باققان ئىدى.ئاپام  مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۈلگىسى،بارچە ھاياتىمنىڭ مەنبەسى.سىڭلىم بىلەن ئىنىمنىڭ چۇقۇم ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇردۇم،شۇنداق بولغاندىلا مەن ئاندىن ئۇلارغا ھەقىقى ئۈلگە بولالايمەن.كۈنلەر بىزنى تاۋلىماقتا.ئاپام بىزگە قاراپ  كەلگۈسىمىزدىن بىشارەت كۆرگەندەك سىرلىق كۈلۈپ قۇياتتى.مانا مۇشۇنداق تاتلىق ئەسلىمىلەرنى تەتىل بەتلىرىمگە يازدىم.

              تەتىل كۈنلىرىممۇ تېزلا ئاياقلاشتى،شۇنچە قىلىپمۇ ئاپامنىڭ ئاغزىنىڭ مەن قانائەت تاپقىدەك سەۋەب تاپالمىدىم.دادامغا بولغان گۇمانىمنى ئېيتاي دېدىم،لىكىن ئاپامدا كۆرۈلىدىغان ئىنكاس ماڭا ئايان ئىدى.تېخى ئاغزىمغا چاڭڭىدە بىرنى قۇيۇشتىنمۇ يانمايتتى.قانداق قىلىش كىرەك؟كۈتۈش كىرەكمۇ؟قانچىلىك كۈتىمەن؟تاكى ئۇلاردىن بىرى بىز بىلەن مەڭگۈگە ۋېدالاشقانغا قەدەرمۇ؟تىت-تىت بولدۇم.بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئىنىم بىلەن سىڭلىم تېخىمۇ بىلمەسلىكى كىرەك.ئۇلارنىڭ دىققىتى بۆلۈنسە مەكتەپنى كىم ئوقۇيدۇ؟مەن تەتىلدە ئۆيگە بىر سوئال باشلاپ كەلگەن،ئىچى چىڭ ئاپام يەنە مېنى شۇ سوئال بىلەن يولغا سالدى،مېڭىش ئالدىدا ئاپام قايتا-قايتا ياخشى ئوقۇشۇمنى تەكىتلىدى.يەنىلا شۇ تۇنۇش يوللاردا يۈرۈپ كەتتىم.ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن ئاپامنىڭ بارا-بارا يىراقلاۋاتقان ئاشۇ نازۇك جېسمى بىلەن مەنمۇ شۇ سوئالغا بولغان قىزىقىشىمنى شۇنچە كۈچەيتتىم.

          مەكتەپكە يەنە دادام ئەكىلىپ ئۇرۇنلاشتۇردى.ئۇ ئادىتى بويىچە ئۆيدىكىلەرنى ،مەھەللىدىكىلەرنى سورىدى.ئىنىم بىلەن سىڭلىمنىڭ ئوقۇشلىرىنى سوراپمۇ ئۈلگۈردى.ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئاپامنى تىلغا ئىلىپمۇ قويمىدى.مەن قەستەن دوق قىلىپ:
          -ئاپاممۇ ياخشى تۇرۇپتۇ!
          -ھە!.....ئىم....
دادامنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ سەۋەبى خۇددى ھەرئىككەيلەنگە ئاياندەك ئوخشاش بىر مەنىدە بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق.دادام تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى،ھېچ ئىش يوقلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك:
          -جۈر،قىزىم،تاماق يەيلى!!ئۈگرە ئىچىمىز-ھە!

          مەن ئوشۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدىم.ئۈگرىنى ئېچىپ بولۇپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم.ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە ئالدىراش كۈنلەر باشلاندى.ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى نەتىجىلەرنى ئىلان قېلىۋىدى،مەن ئۆزۈمنىڭ 3-بولغانلىقىنى بىلدىم.ئىچىمدە خۇش بولدۇم.تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ئۈچۈن تىرىشىش كىرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.ئالىي مەكتەپ  ئارزۇلىرىمنىڭ قاناتى،ياخشى ئوقۇيمەن.بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ  كىچىككىنە قارارى بىلەن مەكتەپتە ئۆتكۈزىلىدىغان نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولدۇم.مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە نوتۇق ماقالىسىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ ئۇنى پىششىقلاشقا تۇتۇندۇم.مەن بىر ئىشلارنى تەبئىي قىلىشنى ياخشى كۆرەتتىم.شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كىرەك بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىمۇ ئۆزۈمنىڭ مانا شۇ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىمنى  گەۋدىلەندۈرۈشنى ئويلىدىم.

            كىم بىلسۇن،ھېلىقى« ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچۇم»بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باھالىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپتۇ.ئۇنى كۆرۈپ سەل جىددىيلىشىپ قالدىم،لىكىن يېڭىشىم كىرەكتە.ئۇ باھالىغۇچى بولسا بولا!شۇنداق دەپ كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ قايتىدىن نۇتۇقۇمنى باشلىدىم.مۇسابىقىنىڭ تەرتىپى خېلى كۆڭۈل قۇيۇپ ئورۇنلاشتۇرغا ئىدى.نۇتۇقىمىزنى تاماملاپ بولۇپ بىر قاتار جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزەتتۇق،ئالايلۇق،ئۇنۋېرسال ساپانى سىناش  باسقۇچى،نەق مەيدان ئىنكاسنى سىناش باسقۇچى،سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىش باسقۇچى......دىگەندەك.ئۇنۋېرسال ساپانى سىناش ئۆتكىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ،نەق مەيدان ئىنكاسنى سىناش باسقۇچىدا ئۆزۈم تاللىغان سوئال بويىچە يەنى«باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قېلىش روھىنى ئىزاھلاپ بىرەمسىز؟»دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردىم:
----نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئارزۇسى ھەممەيلەندە بولىدۇ،لېكىن ئېرىشىش بىلەن قۇربانلىق بىرىشنىمۇ ئۆگىنىۋىلىش كېرەك.چۈنكى شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان ھايات بەكلا مەنىسىز.ئۆزىنىڭ قۇربانلىقلىرىنى داۋراڭ سېلىپ يۈرگەندىن كۆرە ئاستاغىنە،ئىزچىل قىلغان ياخشى.مانا بۇ نامسىز بۇلاق روھى،نامسىز بۇلاق ھامان كەڭ ئانا زېمىنغا باغاشلاپ ياتىدۇ.لىكىن نۇرغۇن سۇغا مۇھىمى ھاياتقا تەشنا كىشىلەر ئۈچۈن تېنىمسىز ھاياتلىق سۈيىنى تەقدىم ئېتىدۇ!

          دەل شۇچاغدا يېقىنلا يەردىن بىر جۈپ كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.ئۇ ماڭا تۇنۇش بولغان بىر جۈپ كۆز ئىدى.جىددىيلىشىشكە تەمشىلۋىدىم،مەدىنەنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى ساۋاقداشلىرىم،دوستلىرىمنىڭ چاۋىكى يەنە بىر قېتىم مېنىڭ تەشۋىشلىرىمنى باستى.لىكىن شۇ بىر جۈپ كۆزنىڭ قاراشلىرىنى ئويلىغىنىمدا كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە كۆمۈشكە ئۇرۇنغان شۇ ئۇرۇق يەنە بىخلىنىشقا ئۇرۇناتتى.«ياق-ئۆزۈمگە شۇنداق رەھىمسىز نىدا قىلاتتىم،ئۇ پەقەت باھالىغۇچى بولغىنى ئۈچۈنلا شۇنداق قارىدى.ئۆزۈڭگە سەۋەب ئىزدىمە!بۇ سېنىڭ روھىڭ ئەمەس.»شۇنداق،باشقا باھالىغۇچىلارمۇ قارىدىغۇ!بۇ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى،لىكىن يەنە بىر يەرلىرىمدىن شۇ كۆزلەردىن تارىغان نۇرلارنى باشقا كۆزلەردىن تاپالمىغىنىمنى ئىتىراپ قىلاتتىم.ئامال قانچە؟ھازىرقى يەڭگىلتەكلىكىم بىلەن ئۆزۈمگە بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب تاپماسلىقىم كېرەك!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 18:25  

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

8     

      
                              
          مۇھەببەت سېنىڭ رۇخسىتىڭنى كۈتمەيلا قەلب ئۆيۈڭگە كېرىپ كېلىدۇ.لىكىن سەن ئۆزۈڭنى كونترول قىلىشنى بېلىشىڭ كېرەك.مانا بۇ مېنىىڭ مۇھەببەت پەلسەپەم.ياخشى كۆرۈش پىسخىكىسى نورمال بىر ئادەمدە كۆرۈلىدىغان تەبئىي بىر ھادىسە،لىكىن مۇھەببەت ئۈچۈن ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇنتۇشمۇ نورمال ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئېشى ئەمەس.يىللارنىڭ تاۋلىنىشىدا سنالغان مۇھەببەت ھەقىقىي ساپ مۇھەببەت بولىدۇ،ئۇلۇغ مۇھەببەت سەن قەلبىڭگە كۆمەلىگەن مۇھەببەت.داۋراڭسىز مۇھەببەت چىن مۇھەببەتتۇر.مانا مۇشۇنداق پەلسەپەلەر بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەدىنە شەيتان قىلىقلىرى بىلەن يېنىمدا ئۈندى.
         -رەنائاي.نېمە بىرىسەن سۆيۈنچىگە؟
         -خەۋىرىڭگە قارايمەن-دە،ئاۋۋال دېگىنە قېنى!
         -مۇبارەك بولسۇن،بىرىنجى بوپسەن ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە.
         -ھە.....؟!
         ئۇلار ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىمىز دىگەن ئىدى.خۇش بولدۇم،كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە ئاپىرىنمۇ ئىيتتىم.مانا ئاپامغا تېلفون قىلىدىغانغا بىر سەۋەب تېپىلدى.دەرھال كىيىنىپ ياتاق بىناسىدىن پەسكە قاراپ يۈگۈردۈم.ياتاق بىناسىدىن ئەمدىلا چىقىپ تۇرۇشۇمغا ھېلىقى ۋاقىتلىق ئۇقۇتقۇچۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.ئوقتەك ئېتىلىپ چىققان مەن ئۇنىڭ سۈرلۈك قاراشلىرى بىلەن قەدەملىرىمنى ئىختىيارسىز توختاتتىم.ئارىمىز ئاستا-ئاستا يىقىنلاشماقتا.لىكىن ئۇنىڭدا ئۆزگىچە ئالامەت يوق ئىدى.
        -مۇبارەك بولسۇن،قايىل بولدۇق!
        -رەھمەت.
بۇ سۆزلەرنى ئارانلا دىيەلىدىم.بۇ قۇرۇنۇش،خىجىل بولۇشمۇ ئەمەس،پەقەت كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئۇنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەش دىسەك بىرقەدەر مۇۋاپىىق بولار؟مانا مۇشۇنداق ئىككىلىنىشلەر بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئاستا ئايرىلىشقا تەمشىلۋىدىم،كەينىمدىن ئاڭلانغان:
        -ئۈمىد،ئۇزۇن ساقلىتىپ قۇيدۇم-ھە!سەت بولدى.ماڭايلى! بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا تەئەججۈب بىلەن يەنە بىر نۆۋەت قاراپ سالدىم،ئۇنىڭ قىزلار بىلەن ھەرقانداق ئۇچرىشىشى چەكلەنگەندەك بۇ ماڭا ھېسابتا ئېغىر كەلدى.ئۇنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ لىكىن مېنىڭ خىيالىمدا ئۇ ھازىرچە يالغۇز ئىدى.ئەجەبا ئۇقىز ......شۇنداق بولۇشى كىرەك؟كىم يەنە قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا بۇنچە ئۇزۇن ساقلايدۇ؟بوپتۇ،ھېلىمۇ كىچىكمىدىم،ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋەسلىمنى ئاتىغىنىم يوققۇ؟تېلفون قىلىش ئويۇمدىن كىچىپ ئاستا چىملىقلارنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتىم.
     «ئۈمىد»يېقىشلىق ئىسىمكەن.لىكىن ئەمدى ھەرقانداق خىيالنى قىلىشقا بولمايدۇ،ئۇنى ئەستايىدىل،مەسئۇلىيەتچان دەپ ئويلىماي بەلكى ئاللىقاچان يالغۇزلۇققا خاتىمە بەرگەن دەپ ئويلىشىڭ كىرەك،مانا بۇنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ ئۇنى ئۆزۈڭدىن يىراق تۇتۇشۇڭغا ئەڭ ياخشى سەۋەب بولالايدۇ.ئەمما ئۇ«ۋاقىتلىق ئۇقۇتقۇچۇم»سالاھىيىتىدىن «ئۈمىد»گە ئايلانغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ يېقىن تۇيۇلىدىغان بولدى.شۇندىن باشلاپ بىز قېرىشقاندەك پات-پاتلا ئۇچرىشىپ قالىدىغان بولدۇق.ئاشخانىدا،كۈتۈپخانىدا،مەيداندا ۋالىبول ئويناشقا تۇتۇنغاندا،ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭدىن قاچقانسېرى تەقدىرنىڭ ئىككىمىزنى ئەڭ يېقىن بوشلۇقتا ئۇچراشتۇرۋاتقانلىقىدىن ئاچچىقىم كىلەتتى.بەزىدە كارىم يوق قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم،يەنە بەزىدە ياتاقنى باھانە قىلىپ قايتىپ كىتەتتىم.

          كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمدىن«قايتا تىرىلىش»دىگەن كىتاب ئۈن-تىنسىز غايىب بولدى.ئۆزۈم تولا بارىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىزلەپمۇ تاپالمىدىم.بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن قايتىپ ئۈمىد ئۇچراپ قالدى.ئۇ يىنىككىنە باش لىڭشىتىپ سالام قىلغاندىن كىيىن بىر كىتابنى ئۇزاتقىنىچە:
         -مۇزاكىرە زالىدا ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىز،ئىلىپ قۇيدۇم!(قارىغاندا ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىسمىمنى بىلىپ بولغان چېغى!)

          -رەھمەت!-بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە دادىللىق بىلەن تىكىلدىم،شۇنداق قىلغاندىلا بارلىق قۇرقۇنچنى،گۇمانلارنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولاتتى.شۇنداق دادىللىقنىڭ ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا رولى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.ئۇ مېنىڭ ھەركەتلىرىمگە ئىپادىسىز ئىدى. ئاشخانىنىڭ پەشتاقلىرىدىن چۈشۈۋىتىپ ئۇ كەينىگە بۇرۇلغىنىچە:
          -ھە،راست!شېئىرنىمۇ ياخشى يېزىپسىز!ئاستىغا باھا سۆزى يېزىپ قۇيدۇم !--دىمەسما!ئاز قالدىم ھۇشۇمدىن كەتكىلى،قېرىشقاندەك بۇ كىتابنىڭ ئۇنىڭ قولىغا چۈشكىنىنى!راست ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر كۇبلىت شېئىرمۇ بار ئىدى،خۇددى پۈتۈن جاھان بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالغاندەك ئەتراپىمغا قاراپ قۇيۇپ كىتابنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.ئىككى كۇبلىت شېئىر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى:
                                              ھايات ئۇلۇغ ،بولغاچقا سۆيگۈ،
                                              قەلبلەردە ياشنايدۇ مەڭگۈ.
                                              ئەمما ئازاب تەڭ ھەمراھ ئاڭا،
                                              قالىدۇ قەلبتە شۇنداق بىر ئىزگۈ.
ئۇنىڭ باھا سۆزلىرىدىن ئۆرگىلەي تېخى!
                                             مۇھەببەت ئۇزلىقى،ھايات بەرناسى،
                                             سۆيگۈدىن سۇ ئېچەر ئىنسان يۈرىكى.
                                            لىكىن ئازابى شېرىن ھەم ئۇنىڭ،
                                           چۈنكى ئۇ مۇھەببەت يۈرەك داۋاسى.

           ئۇنىڭ بۇ باھاسىدىن تاتلىق كۈلۈپ قۇيغىنىم ئېسىمدە.قارىغاندا كىتابلاردىنلا مۇھەببەتنى چۈشىنىپ يۈرگەندەك قىلاتتى.شېرىن ئازاب دەپ كېتىشلىرىچۇ تېخى!تېتىپ باقمىغان ئازاب شۇنداق «شېرىن»بولار بەلكىم.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىككى كۇبلىت شېئىردا ماڭا بىرخىل مۇناسىۋەت باردەكلا،يەنى ئېيتىش قىيىن بولغان پىكىر بىردەكلىكى،ھېسسىيات ئورتاقلىقى باردەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى،يەنە شۇنداق كۆرۈنمەس سىرتماققا چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئاستا تارتىۋالاتتىم-دە،باشقا نەرسىلەرگە دىققىتىمنى چاچاتتىم.بۇ نۆۋىتىدە بىر ئوقۇرمەننىڭ شېئىرىي باھاسى خالاس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 18:27  

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:26:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                  نامسىز  بۇلاق(9)
       كۈنلەرنىڭ قۇغلاشماقلىرى داۋام ئەتمەكتە.چىرايلىق دەرەخلەرگە ئەگىشىپ مەنمۇ ھايات مانالىرىغا جۆر بولىمەن،ئاۋايلاپ چىغارغان شۇ بىخلىرىدن دەرەخ ئالەمچە سۆيۈنگەندەك قىلىدۇ،شۇنداق شامال چىقسا ئۇ بىخلارنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەندەك  پۈتۈن قامىتى بىلەن يېنىك ئىرغاڭلاپ قۇيىدۇ.شۇ دەرەخلەر بىلەن ئاپامنى ئەسلەيمەن.ئاپاممۇ بىز ئۈچۈن تىنماي قان-تەر تۆكتى.ئەمەلىيەتتە بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتىلى،ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى قۇرۇتىمىز،گۈزەل ھۆسنى بىزنى دەپ قۇرۇقلارغا ھەمراھ بولىدۇ.پالۋانلاردەك قەددى-قامىتى بىزنى دەپ ئىگىلىدۇ،بىز شۇنداق كۆرۈنمەس قان شورىغۇچى ھاشارەت بولساق كىرەك.تىنىمسىز مىننەت ئۇلارنىڭ روھى. توۋۋا،دادام يېقىندىن بىرى بىرنەچچە قىتىم ياتاققا تېلفون قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا يوقاپلا كەتتى-ھە!سودام ئالدىراش دەيدۇ،بوپتۇ،ئىشلىرى بەرىكەت تاپسۇن!
      بىركۈنى دادام مېنى ئىزدەپ كەپتۇ.قارىسام چىرايى پەقەتلا ياخشى ئەمەس.كۆزلىرى سېرىقداپ،چىرايىمۇ سېرىق كۆرۈنەتتى.نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام «شۇ ئازراق ئىسسىقىم ئىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ»دەپلا ئاددى جاۋاب بەردى.دادامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.دۇختۇرخانىغا بېرىشنى ئۆتۈنسەم ئۇ قەتئىي رەت قىلدى.بىر تاماقخانىدا  غىزالانغاندىن كېيىن دادام بىلەن بىردەم بىللە ئايلاندۇق.دادامدىن ئەنسىردىم،ئەگەر سالامەتلىكىدىن مەسىلە كۆرۈلسە ئۇ ھالدا بىز قانداق قىلىمىز؟دادامغا ئويلىغانلىرىمنى دېدىم:
---دادا،مېنىڭچە بۇيەردىكى ئىشلىرىڭىزنى قۇيۇپ،ئۆيگە قايتىپ كېتىڭ،بىزمەزگىل ياخشى ئارام ئېلىپ كېلىڭ،قارىغاندا ئەھۋالىڭىز ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ.
دادام ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك زورىغا كۈلۈمسىرىدى.
----مەن ياخشى بالام،نەدە يوق خىياللارنى قىلىپ ئوقۇشۇڭغا تەسىر يەتكۈزمىگىن،مەن ھېچنەرسە بولمايمەن.ئەنسىرمىگىن،بالام.
مانا مۇشۇنداق ئاددىيغىنە دىئالوگ بىلەن سۆھبىتىمىز تامام بولدى.دادام ئورنىدىن تۇرۇشقا تەشەلگەچ يېنىدىن بىرتۇتام پۇلنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىگەچ:
---ئالدىراش بولۇپ قالدىم،قىزىم!سودا بىلەن ئىچكىرىگە بارىدىغاندەك قىلىمەن.بۇندىن كېيىن پات-پات كىلەلمىسەم قىينىلىپ قالمىغىن.ئۆزۈڭگە لازىمىنى ئېلىپ قىلىپ قالغىنىنى ئاپاڭغا ئەۋەتىپ بەرگىن.ئۆزۈڭنى ئايا!
شۇنداق دەپ ئاستا ئورنىدىن قوزغالدى.ئۇ تاكسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا تەمشىلۋىتىپ ماڭا قاراپ مەنىلىك قىلىپ :
-----رەنائاي،چىداشلىق بول بالام!ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىل!
مەن تېڭىرقىدىم.دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆپ قىرلىق قىلىپ ئىيتىلغان ئىدى.ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە قۇللىنىشقا بولاتتى.دادامنىڭ كەينىدىن ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىم.ئاندىن ئاستا قەدەملەر بىلەن مەكتەپكە قايرىلدىم.دەرۋازىغا كەلگەندە ئۈمىد باشچىلىقىدىكى بىر توپ بالىلارنىڭ باھار سەيلىسىگە ماڭغانلىقىنى كۆردۈم.ئۇلار تولىمۇ خوشال كۆرۈنەتتى.ئايروپىلانلارغا تەڭ قىلمايدىغان ۋېلىسپىتلىرى بىلەن جاھان ئۇلارنىڭكىدەك قىن-قىنىغا پاتماي قىلىشقان ئىدى.ئۈمىدكە سەپسالدىم.بۇرۇنقى ئېغىر-بىسىقلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.چاقچاق قىلغان بولسا كىرەك ھەممەيلەن كۈلۈشەتتى.ئۇ يېنىمدىن ئۆتكەچ يېنىك باش لىڭشىتقاچ سالام قىلىپمۇ ئۈلگۈردى.مەنمۇ يىنىككىنە جاۋاب قايتۇردۇم.يەنە  شۇ تونۇش ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتىم.
    ئاپاملارغىمۇ تېلفون قىلىپ تۇرۋاتىمەن.ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ياخشى.دادام بەرگەن پۇلنىمۇ ئەۋەتىپ بەردىم.مانا يەنە مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپتىمەن.ساۋاقداشلىرىم،دوستلىرىم ھەريەرلەرگە كېتىشتى،مېنىمۇ زولىۋىدى،مەن ئۆزرە ئېيتىپ بولدى قىلدىم.ئاۋۇ جايدا تولا ئۈمىد ئولتۇراتتى،قېتىرقىنىپ كىتاپ كۆرۈشلىرىچۇ!پات-پات قۇلىقىغا نائۇشنىكنى تېقىۋىلىپ مۇزىكا بىلەن تەڭ يەڭگىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ قۇياتتى.بولدىلا،قۇرۇق خىيالدىن نىمە چىقاتتى،يا مۇشۇ كەمگىچە ئوبدانراق پاراڭلىشىپ باقمىساق!بولدى،بەس دەپ ئورنىمدىن تۇردۇمدە،كىتاپ جازىلىرىنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ كەتتىم.بىر كىتاپ لازىم بولۇۋېدى،ئۈستىگە چىقىش توغرا كەلدى،شۇنىڭ بىلەن شوتىنى ئەپكىلىپ ئاۋايلاپ ئۇنىڭغا ياماشتىم.ھە-مانا!ئەمدى چۈشەي دەپ تۇرۇشۇمغا يېقىنلا يەردە بىرى «خەتەرلىك»دەپ توۋلىماسما!تەڭپۇڭلۇقۇمنى يوقاتتىم.
----ۋاي،بولۇڭلار!مەكتەپ دۇختۇرخانىسىغا ئاپىرايلى!
----مانا !!شۇ ئاۋازلارنىڭ قۇلقىمغا كىرگىنىنى بىلىمەن .قاچانغىچە ئۇخلىدىم،بىلمىدىم،بىر چاغلاردا مەدىنەنىڭ ئاۋازى بىلەن تولىمۇ تەستە كۆزۈمنى ئاچتىم
-----رەنا.رەنا!!كۆزۈڭنى ئاچ.ئەنسىرەتمىگىنە ئادەمنى!
-----رەنا!بۇ ئۈمىدنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئاستا كۆزۈمنى ئاچسام ساۋاقداشلىرىم دوستلىرىم ھەتتا يېتەكچى ئۇقۇتقۇچۇممۇ  بېشىمدا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.بۇنچىۋالا كۆپ ئادەملەرنىڭ مەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم.خۇشاللىق ياشلىرىمنى تۆكەي دېۋىدىم،بۇنى سەزگەن مەدىنە شەيتان:
----قاراڭلار،مانا ئۇلۇغ بىلىم ئېلىش روھىنى دەپ ئاز قالدى قۇربان بولغىلى.كەم تېپىلىدىغان روھتە بۇ!
----مەكتەپتە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئىچىلىدىغان بولدى ئەمدى!
----.........
مانا شۇنداق چاقچاقلار بىلەن كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ چىقتىم.ئۈمىدمۇ خاتىرجەم كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى.قارىغاندا بايام خەتەرلىك دەپ ۋارقىرىغان ئۇ كەندە!خەپ دائىم مۇشۇنداق نەس باسقان ئىشلارغىلا ئۈلگۈرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش