ئىگىسى: lovely710

نامسىز بۇلاق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
192
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5312
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 19:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمتىھانلارمۇ  تۈگەپ  قالغاندۇ  سىڭلىم؟ئۇزۇن ساقلاپ كەتتۇق.

UID
41919
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 23:13:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇندە كىرىمەن، يوق ؟ساقلاپ كەتتوق

UID
27532
يازما
61
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
61
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-1
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 23:49:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئازىراق سەۋىر قىلساق بولغۇدەك

UID
34270
يازما
70
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-20
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 22:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             نامسىز بۇلاق(38)
    شۇنداق قىلىپ دادامدىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى تۈۋرۈكۈمدىن ئايرىلغىنىم ھەقىقەت بولدى.ئىنىمغا بۇ گەپلەرنى ئاپامنىڭ قانداق ئۇسۇلدا  يەتكۈزگىنىنى  بىلمىدىم،لىكىن مەن مەكتەپكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئابدۇللا ماڭا تېلفون قىلدى،ئۇنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر قەيسەر تۇتۇۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى،ئامال بار دادامنى،ئاپامنى ئۆينى تېلغا ئالماسلىققا تىرىشاتتى.مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىشكە تىرىشىپ ئامال بار ئۇنىڭ رايىغا باقتىم،لىكىن ئىلشاتنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ياردىمىنى ئايىمىغانلىقى ئېنىق ئىدى.ئابدۇللا ئۇنىڭ نەقەدەر قىزغىن،ئاقكۆڭۈل،سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى،ئېشقىلىپ مەكتەپتە شۇ ئىلشاتنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپتۇ.خۇش بولدۇم،خۇرسەن بولدۇم.
      ئادەم ھەممە نەرسىگە كۆنىدىكەن،بارغىمۇ يوققىمۇ.بىزمۇ كۆندۈق.مانا  مۇشۇنداق بېشىمدىن تېخى ئاق ياغلىقنى ئالمىغان كۈنلەر،خاسىيەت ھەدىنىڭ تېلفوندىكى تەكلىپى بىلەن مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.ئىشىكتىن كىرىپ شۇنداق  كۆڭلۈم بۇزۇلدىكى،ئاۋۇ يەردە دادام  ئولتۇرۇپ گىزىت كۆرەتتى،مانا  بۇ يەردە  بىز  بىرنەچچە قېتىم بىللە ئولتۇرۇپ تاۋۇز  يېيىشكەن،ئاۋۇ   بالكۇندا  دادام  باققان  ئالتۇن بېلىقلار  پىلتىڭلاپ  ئۈزۈپ ئويناپ يۈرۈپتۇ،توۋۋا،شۇنچە تېز كەتكىنىنى   دادامنىڭ !خاسىيەت ھەدىنىڭ چىرايىدىكى بۇ خىل  مىسكىنلىك مەن تونىغان  ،بىلگەن خاسىيەت ھەدىگە پەقەتلا  ماس  كەلمىدى،كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن مۇڭ مېنى يەنە   شۇ   دادامنىڭ  بۇ ھەدە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە  باشلىدى،چىش  يىرىپ  بىر نېمە دىمەك تەس ئىدى،بەلكىم ئۇمۇ مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى سىرلىق قاراشلىرىمغا بۈگۈن جاۋاب بېرىشنى ئويلىغان بولسا كىرەك،«مەن مېۋە-چېۋە ئېلىپ چىقاي »سۆزى بىلەن بىر ھازادىن كېيىن قولىغا  بىر مۇنچە  خاتىرىلەرنى ،خەتلەرنى ئېلىپ چىقىپتۇ،ئۇ  ئولتۇرۇپ سۆز باشلىدى:
----بەلكىم دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز  ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قىزىققانسىز!بۈگۈن مانا  بۇ خەتلەردىن  جاۋاب  ئىزدەڭ.مەن دادىڭىز  بىلەن خېلى يىللار  بۇرۇنلا تونۇشقان ئىدىم.قېنى،قىزىم!كۆرۈڭ،دادىڭىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئادەم  ئىكەنلىكىنى  يەنە  بىر  قېتىم بىلىڭ.
مەن  ھېچقانداق گەپ قىلمىدىم،پەقەت تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇ ئۇزاتقان خەتلەرنى  ئالدىم.خەتلەر  خېلى بۇرۇن يېزىلغان بولۇپ،لىپاپىغا «ئەخمەتتىن»،«خاسىيەت»كە تېگىدۇ دەيدىغان  سۆزلەر بىلەن مەن دادام ۋە خاسىيەت ھەدە ئوتتۇرىسىدىكى  سەرگۈزەشتىلەرنى ئانچە-مۇنچە قىياس قىلدىم.بىر خەتنى ئېچىپ تولىمۇ ئۇزۇن بولغان بۇ ھىكايىگە  شاھىت بولۇشقا  تۇتۇندۇم.
« سالام، ئەخمەت!يېقىندىن بۇيان  ياخشى تۇردىڭمۇ؟تاكى مۇشۇ كەمگىچە ماڭا بىرەر پارچىمۇ خەت يېزىپ قويمىدىڭ،ساڭا ئەگىشىپ ئاشۇ يىراق مەھەللىدىن مۇشۇ مەكتەپكىچە بىللە كەلگىنىممۇ كۆزۈڭگە كۆرۈنمىدى،ماڭا قاراپمۇ قويمايسەن،بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسىلا  ئائىلىمىز ماس كەلمەيدۇ دەپ تۇرۋالىسەن،مەن ساڭا نەچچە قېتىم چۈشەندۈردۈمغۇ؟بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئەمەس.ئۇلارنىڭ كىشىنىڭ بىلىمىگە قاراپ  باھا  بىرىدۇ،داداممۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم دەپ.لىكىن سەن يەنىلا شۇنداق،مېنى  بەك ھالسىراتتىڭ،مەن شۇنداق ھاردىم،ئەخمەت!
    بىر مەكتەپتە تۇرۇۋېتىپمۇ ،بىرەر نەچچە كۈندە بىر تاسادىپىي كۆرۈشۈپ تۇرۇپمۇ ساڭا يەنە بۇنداق خەت يازغانلىقىمدىن ھەيران بولىمىغىن،بىر قاراش بىلەنلا بارلىق نەرسىلەر  ھەل بولمايدۇ،ماڭا  قانداق پىكرىڭ بولسا يۈز-تۇرانە  دىگىن،مەندە كەمچىللىكىلەر بولسا مەن ئۆزگەرتىمەن،ئاشۇ يالغۇز ئاناڭنىڭ ئالدىدا  ياخشى بىر كېلىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن،مەن يەنە نېمە دەي؟؟راستىنلا بەك ھاردىم،ئەخمەت!»
  دادام راستىلا ياخشى ئادەم ئىدى.خاسىيەت ھەدىمۇ ئەقىللىق ئايالكەن،قارىغاندا دادامنىڭ مانا مۇشۇ پەزىلەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان بولسا كىرەك،مانا مۇشۇ ئاددىيغىنە بىر پارچە خەتتىن مەن «مۇھەببەتكە ھىسسىيات كۆزىدە ئەمەس،ئەقىل كۆزىدە قارا»دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.يەنە قانداق قىسمەتلەر ،ھېكايەتلەر مېنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟؟

UID
25168
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
44
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:28:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتۇق.بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى چىقامدۇ؟ چىقمامدۇ؟چىقسا قاچان چىقىدۇ؟بىر دەپ بېرىڭە،شۇچاغدا كىرىپ ئوقاي!

UID
46721
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
61 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 17:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنىڭ داۋامى بولمىسا  بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.

UID
46415
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-9-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-8
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 11:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت! اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

UID
25168
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
44
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىلىك ياخشى يېزىۋاتقان ئىدىڭىز،بىر نەچچە ئاي بۇلۇپ قالدى پەقەتلا يازمىدىڭىز.تېزراق يازسىڭىز بوپتىكەن...........................................

UID
34270
يازما
70
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-20
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 19:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               كەچۈرسىلەر،ئەزىزلەر!مەلۇم سەۋەبلەر  تۈپەيلىدىن يازالماي  قالدىم.ئەمما پات ئارىدا داۋامىنى كۆپچىلىككە تەقدىم ئېتىمەن!ياقتۇرغانلىقىڭلاردىن مەمنۇنمەن!

UID
34270
يازما
70
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-20
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 20:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                      نامسىز  بۇلاق(39)
     مانا  مۇشۇنداق  خەتلەر  بىلەن مەن دادامنىڭ بۇندىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇنقى مۇھەببەت ھېكايىلىرىگە  شاھىد  بولدۇم.شۇنداق،مېنىڭ ئالدىمدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ئولتۇرغان مۇنۇ خاسىيەت ئىسىملىك  ھەدىمىز  ئەينى يىللاردا دادامنىڭ مەشۇقى بولغان ئىكەن،شۇنداق،ئۇ چاغلاردىكى باشقىلاردىن تەپ  تارتىش مانا  بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتىنى ئاجايىب بىر خىل سۈپەتكە  نائىل  قىلغان ئىدىكى،ئۇلارنىڭ ئەينى يىللاردا يېزىپ قالدۇرغان سۆيگۈ مەكتۇبلىرىغا  يوشۇرۇنغان  بىر-بىرىگە  بولغان ساداقەت،ھۆرمەت مېنى ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئېيتىشقا مەجبۇر قىلدى،قارىغاندا ئۇزۇنغا  سۇزۇلغان تالاش-تارتىشلاردىن  كېيىن دادام خاسىيەت   ھەدىنى قۇبۇل  قىلغاندەك ئىدى،ئەلۋەتتە........!
       قارىغاندا  بۇ خاسىيەت ھەدىنىڭ خاتىرىسىدەك قىلاتتى،خاتىرىنىڭ   باش قىسمىدا خاسىيەت  ھەدىنىڭ ئۆزى يازغان يېنىك رىتىمدىكى شېئىرلىرى،نەسىرلىرى تۇراتتى،ۋاراقلاپ بىر بەتكە كەلگىنىمدە بىر يېڭى ھىكايە يەنە باشلاندى:
---«ئەخمەت،يەنە  يېڭى بىر مەۋسۈمنى باشلاپ پىراكتىكا ئۈچۈن مانا بۇ ھاۋاسى ساپ يېزىغىمۇ يېتىپ كەلدۇق،ئىككىمىز گەرچە بىر  يېزا  بولساقمۇ بۇيەردە  بىمالال  پاراڭلىشىش بىئەپ بولغانلىقى ئۈچۈن  ساڭا  بولغان يۈرەك سۆزلىرىمنى مانا  بۇ خاتىرىگە  يېزىۋاتىمەن،مېنىڭ چىن يۈرەك سۆزلىرىم يېزىلغان مانا بۇ خاتىرىنى ھامان بىر كۈنى ساڭا تاپشۇرىمەن.شۇ كۈنلەرگە ئۇلۇغ  ئاللاھ  ھەممەيلەنگە  ئاسايىشلىق  ئاتا  قىلسۇن،بىزنىڭ قىزلار  كېرىپ  قالدى،ياخشى چۈش  كۆرگىن!ئەخمەت!»
   «ئەخمەت،شۇنداق جاپالىق ئىشلەۋاتىسەن،ئەگەر  ئەتراپىمىزدا ئۇنچە كۆپ  كىشىلەر بولمىغان  بولسا  ساڭا  مۇزدەك بىر پىيالە  چاي تۇتقىم،»تەرلىرىڭنى سۈرتكىن دەپ لۆڭگىلەرنى تۇتقىم  بار.لىكىن    ......پىراكتىمۇ  تۈگەپ قالار!ئۇندىن  كېيىن   بىر  يىلنى ياخشى ئوقۇۋەتسەك ئالىي مەكتەپ  ھاياتىمىزمۇ ئاخىرلىشىپ  قالىدىكەن.مەندىن سورىغىنىڭ ئىسىمدە،ئەخمەت،مەن  ياخشى بىر  ئايال،ياخشى بىر كېلىن،ياخشى بىر ئانا  بولۇش ئۈچۈن  تىرىشىمەن!قانداق قېيىنچىلىقلار  بولسا  بىرلىكتە يېڭىمىز  شۇنداقمۇ؟ئاناڭ  مېنى  چۇقۇم  ياقتۇرۇپ  قالىدۇ،مەنمۇ تىرىشىمەن  ئەلۋەتتە!ھاۋا   بەكلا  ئىسسىپ  كەتتى،دىققەت  قىل،ئىسسىق ئۆتۈپ  قالمىسۇن!»
    خاتىرە  مانا  مۇشۇنداق تولىمۇ ئاددىي ئەمما  ساپ مېھىرلەرنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ئاق تىلەكلەر بىلەن يېزىلغان ئىدى،مەن  مۇھەببەتنى يەنە  بىر  نۆۋەت  تونۇدۇم.مۇھەببەت ھەرگىزمۇ قۇرۇق،شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن  ئەمەسكەن  ،مانا  مۇشۇنداق  ئاددى ،چىن  سۆزلەردە  مۇھەببەت  شۇنداق چىرايلىق چاقنايدۇكى،چاقناشلىرىدا كۆزلىرىڭنى چىڭ  يۇمۇۋالىسەن،مۇھەببەت  دەۋرلەر قوينىدا  تاۋلىنىپ  مانا  مۇشۇنداق سېھىرلىك بىر  زەخمەككە ئايلىنىدۇ،ئۇ نازۇك  قەلبىڭنى ئاۋايلاپ چېكىدۇ،سەن بىلىپ-بىلمەي بۇ زەخمەككە ئەگىشىپ قالىسەن،مانا  بۇ خاتىرىدە بىر  جۈپ  ئاشىق-مەشۇقنىڭ پۈتۈن ھاياتقا تەڭداش  چىن مۇھەببەت كەچمىشلىرى تولۇپ  يېتىپتۇ،ئوقۇۋاتىمەن ،كۆزلىرىمدە گاھىدا ئۇلارنىڭ بەختىگە شادلىنىش،يەنە  گاھىدا جان  دادامنىڭ ھىدلىرى بۇرنۇمغا  پۇراپ مېنى شۇنداق قىينىدى-كى،كۆزلىرىم  خىرەلەشتى،گاللىرىم  ئاچچىق  بولدى،ئۆزۈمنى تۇتۇېالاي  دەپ تۇرۇپمۇ مەن  يەنىلا يىغلىدىم، يىغلىماي مۇمكىنمۇ؟؟
    خاتىرە ئاخىرلىشىش بەتلىرىگە  كەپ  قالدى،قارىۋىدىم،سائىتىم  ئاللىقاچان بەشنى كۆرسىتىپ بوپتۇ.ئاپلا،مەكتەپ.....!ئالدىراپ-تېنەپ  ئۆيدىن چىقتىم،خاسىيەت ھەدىنىڭ  شۇنچە تۇتۇشلىرىغا قارىماي  مەكتەپكە  يۈرۈپ  كەتتىم!تونۇش بېكەتتە،يەنىلا  شۇ تونۇش ئابتۇبۇسنى ساقلاپ تۇرۇپتىمەن،قەلبىمدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئىزتىراپ،ھەسرەت،قورقۇش،ئىككىلىنىش  دىگەندەك ھىسسىياتلارنىڭ ھەممىسى بار!مەن  مانا مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ مەكتەپكىمۇ كېلىۋالدىم،بۇ ناتونۇش ،ئاۋات شەھەردىكى بىردىنبىر  جەننىتىم،بىردىنبىر  ئۆزۈمنىڭ ھايات بوشلۇقى ئەنە  ئاۋۇ كىچىككىنە  كارىۋىتىم!ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بولۇپ  يەنە كارىۋىتىمنىڭ پەردىسىنى تارتىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ھازىرلاندىم.سومكامدىن خاسىيەت ھەدىنىڭ ئۆمۈر مەنزىللىرى ،ھايات پەلسەپىلىرى يوشۇرۇنغان خاتىرە تۇرۇپتۇ،ئەمما  مەن ئۇنىڭ بەتلىرىنى ئېچىشتىن ئىككىلىنىپ قالدىم،خاتىرىنى سىلىغىنىمچە ئاستا يەنە تېگى يوق  خىياللارغا  غەرق بولدۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش