ئىگىسى: lovely710

نامسىز بۇلاق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                             نامسىز  بۇلاق(10)
سول پۇتۇم تىزىمدىن چىقىپ كېتىپتۇ،مەكتىپىمىز تىببىي ئۇنۋېرسىتىت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى مەكتەپ دۇختۇرخانىسىدىلا داۋالاپتۇ.كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ  كىچىككىنە دېرىزىدىن سىرتقا نەزەر تاشلايمەن.ئەھۋالىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشتىن يالتايدىم.دادامنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.ئاپامغۇ كېلەر،لىكىن ئىنىم بىلەن سىڭلىمچۇ؟بولدىلا،يېنىمدا مۇئەللىمىم،ساۋاقداشلىرىم بارغۇ!
---پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىسىز!بىرنەچچە كۈن مەكتەپ ئامبۇلاتورىيىسىدە ياللۇغ قايتۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرايلى!خاتىرجەم بولۇڭ!
----ماقۇل،رەھمەت سىزگە دوختۇر!!
لىكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا دۇختۇر ئۇكۇل يىڭنىسىنى كۆتۈرۈپ يېنىمدا پەيدا بولدى.مەن كىچىكىمىدىنلا ئۇكۇلدىن قۇرقاتتىم،ئامال قانچە؟تەمكىن بۇلۇشقا تىرىشتىم،لىكىن شۇنداق ئۇكۇل يىڭنىسىنى سانجىۋىدى،«ئا»دىگىنىمچە تېخى باياملا كەلگەن ئۈمدنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدىم.ئۇكۇل سېلىپ بولۇپ تۇرىۋىدى،مەدىنە يېتىپ كەلدى،ئۇ ئۈمىدنىڭ قولىنى تۇۇتۇۋالغانلىقىمنى كۆرۈپ ھەيرەتتىن كۆزۈمگە تىكىلگەندىلا ئاندىن ئوتنى تۇتۇۋالغاندەك ئەندىكتىم.شۇندىن باشلاپ يەنە ئۈمىدكە قاپاق كۆتۈرۈپ قارىيالمىدىم.لىكىن بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسىگە دەرس بولغاچقا،ھالىمدىن ئۈمىد خەۋەر ئالاتتى.تاماق ئەكىرىش،قايناقسۇ ئەكىلىپ بېرىش،پات-پات يېنىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ قىلاتتى.بەزىدە مېنى ئوڭايسىزلىنىپ قالمىسۇن دەپ قىز ساۋاقداشلىرىدىن بىر-ئىككىنى ئالغاچ كىلەتتى،بۇنداق چاغلاردا مەن راستتىنلا ئەركىن بۇلۇپ قالاتتىم،مانا مۇشۇ پۇرسەتتە مەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم تولۇق چۈشەنگەن ئىدىم.
    يەر دەسسىگىدەك بولغاندا دۇختۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياتاققا قايتىپ كەلدىم.شۇ كۈنى مەدىنە :
----رەنا،ئۈمىد بىلەن قاچان باشلىۋالدىڭلار؟بەك ئېچىڭ پىششىقكەن-ھە!-دىمەسما!
----ئۇنداق ئىش يوق.ئۇ كۈنى ئۇكۇلدىن قۇرققاچقا شۇ .....
----ھە...!تېزراق قۇقمايدىغان بول،دۇستۇم!بولمىسا لاياقەتلىك دۇختۇر بولالمايسەن جۇمۇ!
ئۇنىڭ سۆزلىرى مەنىلىكتەك تۇيۇلدى.بەلكىم مەن ئارتۇق ئويلاپ قالغاندىمەن.بوپتۇلا،يېقىن دۇستۇم ئەمەسمۇ!
    ياتاقتا يەنە مەنىسىز كۈنلەر.كىتاپ كۆرۈش،ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى دوستلارنىڭ ياردىمىدە تۇلۇقلاش،تاپشۇرۇق ئىشلەش،پات-پات يېزىقچىلىق قىلىش،ناخشا ئاڭلاش،مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم.بىركۈنى ئۈمىدنىڭ سىنىپىدىكى ئىككى قىز مېنى يوقلاپ كىرىپتۇ،شۇنداق ئوڭايسىزلاندىم.ئۇلار ئۈمىدنىڭ گېپىنى پەقەتلا دېمىدى.پەقەتلا  يېقىندىن بۇيان قانداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىمنى،شۇنداقلا تېزراق ساقىيىپ كىتىشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى.
-----قارىماققا ئۈمىد بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك قىلىدۇ،لىكىن ئىچكىرلەپ ئويلايدىغان بولساڭ  دەل شۇنىڭ ئويۇنى بۇ!قارا،ئۆزى سورىيالماي ساۋاقداشلىرىغا ھاۋالە قىپتۇ.
-----بولدى ،قىلە!ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ.ئەگەر بىلگۈسى بولسا ئېنىقلا ياتاققا تېلفون قىلاتتى
-----شۇنچە چۈشىنىمەن دېگىن ئۇنى!ياخشى باشلىنىش بۇ!
يەنە قانداق پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قۇياتتىكىن بۇ شەيتان،ئاستا نائۇشنىكنى قۇلقىمغا تىقىپ كىتاب ۋاراقلاپ ئولتۇرۋالدىم.
  بۈگۈن تېڭىق ئالماشتۇرىدىغان كۈن بولغاچقا،مەدىنەنىڭ ياردىمىدە ياتاق بىناسىدىن ئاران تەستە چۈشىۋالدىم.قارىساق بىزنىڭ سىنىپتىكى دىيىشىپ قۇيغان بالىلارنىڭ بىرسىمۇ يوق،مەدىنە غەيۋانىسىغا بىر تىللىغىلى تۇردى:
----خەپ بۇلارنى،بىرسىمۇ يوق!شۇنچە مۇھىم ئىشنى تاشلاپ نەلەردە لەلەڭشىپ يۈرىيدىغاندۇ بۇلار !تۇرۇپ تۇر-ھە!ئۆزۈم بىر ۋېلىسپىت تىپىپ كىلەي!
شۇنداق دەپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ۋېلىسپىتنى تېپىپ كەپتۇ.ئاۋايلاپ كەينىدە ئولتۇرۇپ دۇختۇرخانىغا ماڭدۇق.ۋېلىسپىت كىچىكرەك بولغاچقا پۇتۇم يەرگە تېگىپ خاپا سېلىۋاتاتتى،شۇنداق جاپادا كېتىپ بارساق ئالدىمىزغا يەنە ئۈمىد ئۇچراپ قالدى.ئۇ ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپ سالام-ساھەتتىن كېيىن مېنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئىلتىماس قىلدى.مەن «بولدى»سۆزى بىلەن نەچچە قېتىم ياندۇرسام مەدىنە دېگەن شەيتان:
-----بۇ ۋېلىسپىت كىچىك بولغاچقا دۇستۇمنىڭ پۇتى يەرگە تېگىپ خاپا سالدى،ئاپىرىپ قۇيسىڭىز ياق دىمەيمىز دەپ ھەدەپ ئىلەشتۈرگىلى تۇردى.ئاچچىقىمدا يېرىلغىلى تاس قالدى.مەدىنە تېخى ماڭا كۆزلىرىنى قىسىپمۇ ئۈلگۈردى.ئۇنىڭ بۇ شەيتانلىقلىرىدىن ئاز قالدىم تىك موللاق چۈشكىلى!
  تېڭىقنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بولدۇق،ئەمدى ھاسا بىلەن دەرسكە چىقسام بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇم.ئەمەلىيەتتىمۇ ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز قىلىشتى جاق تويغان ئىدىم.يولدا ئۇنىڭ كەينىدە شۇنداق ئەركىن كېتىپ بارىمەن،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ بۇلۇش بولماسلىقى مۇھەببەت ئۈچۈن بەك مۇھىمكەن،مەن تۇنجى قېتىم ئەنە شۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سەزدىم.ياتاق بىناسىغا كەلدۇق.مەدىنە ۋېلىسپىتنى قايتۇرۇشنى باھانە قىلىپ بىزدىن يىراقلاپ كەتتى،ئۇ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كەمسۆزلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.
----خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
----ھەئە،سىز كۆرگەندەك!
بۇ سۆز بىلەن ئۇ ناھايىتى تېزلا ماڭا يەنە بىر قېتىم قاراپ ئۈلگۈردى.مەن بىرەر گەپنى خاتا ياكى توغرا قىلغانلىقىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.بەلكىم ئۇمۇ مېنى .....؟؟كۈلگىم كىلىپ قالدى مۇمكىنمۇ؟؟ياق،بولدىلا،يوق خىياللار بىلەن ئۆزۈڭنى ئالدىما.شۇنداق ئىككىلىنىشلەرنى مەدىنەنىڭ شوخ ئاۋازى بۇزدى.
-----ئاخىرى تۈگىدى بۇ ئىشلار!رەھمەت سىزگە،ئاۋارە قىلدۇق.
مەنمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم.ئۇ ۋېلىسپىتى بىلەن ئاستا قايرىغاندىن كېيىن بىزمۇ ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتۇق.
-----پۇتۇڭ ساق بولغان بولسا-ھە؟كەينىدىن ئۇچاتتىڭغۇ دەيمەن؟نېمە دېدى راست؟
-----سېنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭ قالتىس جۇمۇ!نېمە دەيتتى،ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟دېدى شۇ.
-----قارا ،ئۇ سېنى ......
-----بولدى،قىلە!كىم بولسا شۇنداق قىلاتتى.ھەممىمىز بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىغۇ؟خەپ سېنىڭ مۇشۇ كاللاڭنى،ئاجايىپ مۇرەككەپ ئويلايسەن-ھە!
---دەيمىنا؟قاراپ تۇر-ھە.دېگەنلىرىم بىر-بىرلەپ ئالدىڭغا كېلىدۇ.
----ماڭە ۋاي....!
بىز شۇنداق ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن پاراڭلىشىپ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاستا چەكتۇق.

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامسىز  بۇلاق(10)غىچە يوللاندى،كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم،داۋامىنى  يەنە داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلارغا  سۇنىمەن!!

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
177
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5312
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ئىسىل  يازمىڭىزغا!داۋامىنى  قاچان  يوللارسىز؟

UID
4302
يازما
398
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8694
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-30
توردا
117 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 14:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمىڭزنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمىدىم ،بىراق بۇ نامىسز بوۇلاقتىن چىققان ئابە كەۋسەرلىرىڭىز مىنى ئۆزىگە قاراتتى .
تىلىنىڭ يىقىملىق ،گۈزەل ئىپادىسى بىلەن تۇرمۇش ،مۇھەببەت ،نىكاھ ،سودا پۇل ،...قىرىنداش .جاپاكەش ئانا ..
سىغىلۋاتقان ،لىڭزىدا پۇشۇرۇلغان سۈت ...قاينىمىغا بىلىپ -بىلمەي كىرىپ قالدىم .
ياخشى يىزۋاتسىز غەيرەت قىلىڭ.

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 00:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،تۇرمۇشنىڭ مانا مۇشۇنداق چىن كۆرۈنۈشلىرىنى ياقتۇرىمەن!قارىماققا ھەممە نەرسىدىن خالىيدەك قىلىدۇ،لىكىن دەل ئاشۇ ھەممە نەرسە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ!بەلكىم ئازدۇر-كۆپتۈر خاتالىقلار بولۇشى كىرەك،كۆپچىلىكنىڭ  سەمىمىي تىلەكلىرىگە تەشنا مەن!

UID
32098
يازما
235
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
240
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-10
توردا
187 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:34:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن .رەنائاينىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى ئوتتۇرسىدىكى سىرنىڭ ئېچىمىغىنى ئەسىرىڭىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپتۇ.داۋامى.....

باھا سۆز

ArislanMemet  ياخشى باھا بېرىپسىز .  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 16:47:15
ArislanMemet  ئوقۇرمەنلەرگە ئويلىنىش پۈرسىتى بېرىپتۇ ، تەھلىل قىلغاچ ئوقۇيدىكەنمىز .  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 16:46:20

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
177
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5312
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:48:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم!ئەسىرىڭىز خۇددى بەرگىيەنىڭ  «ئېھ،خىرۇستال  قىز»ىدەكلا
مېنى  ئۆزىگە مەپتۇن  قىلىۋالدى. خىزمىتىمنىڭ  شۇنچە  ئالدىراشلىقىغا قارىماي،
ئەسىرىڭىزنىڭ  داۋامىنى  چىقتىمىكىن دەپ،مۇنبەرنى  نەچچە  يوقلاپ  بولدۇم،
ھېچبولمىسا ئاخىرىنى قاچانراق  يوللايدىغىنىڭىزدىن  بىشارەت  بەرسىڭىز  بولاتتى....

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 13:42:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parixta799 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-6 10:48
ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم!ئەسىرىڭىز خۇددى بەرگىيەنىڭ  «ئې ...

كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم.ئاخىرىنى داۋاملىق يېزىۋاتىمەن.پات ئارىدا كۆپچىلىككە تەقدىم ئېتىمەن،رەھمەت سىلەرگە!

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 21:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          نامسىز بۇلاق(11)
كۈنلەرنىڭ سوۋغىسى ئاجايىب .ھاسا بىلەن سىنىپقا چىقىشنىمۇ باشلىۋەتتىم.ئاپاملارغا تېلفۇن قىلمىغىلى ئۇزۇن بولغاچ  تېلفون قىلىپ ئۇلارنىمۇ خاتىرجەم قىلدىم،لىكىن ئاپام:
-----چۈشۈمگە تولا كىرىپ كەتتىڭ،راستتنلا ياخشىمۇ سەن؟دەپ مېنى خېلى سوراققا تارتتى.
----ئاپا،قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز،ھەممە نەرسەم تەل تۇرسا ماڭا نېمە ئىش بولماقچىدى؟ھېچ ئىش يوق،ئەگەر بىر ئىش بار دىيىلسىمۇ،ئالدى بىلەن سىزگە دەيمەن-دە.-دەپ يۈرۈپ ئاپامدىن ئاران قۇتۇلدۇم.دادامغا تېلفۇن قىلسام ئېتىك بولۇپ چىقتى،قارىغاندا راستتىنلا ئۈرۈمچىدە ئەمەس ئوخشايدۇ.بوپتۇ،نەدىلا بولسۇن،ئامان بولسۇن!
    شۇنداق ئاقساقلاپ يۈرگەن كۈنلەردە دادام مېنى يوقلاپ كەپتۇ،مەدىنە بۇ خەۋەرنى ھاسراپ-ھۆمۈدەپ ماڭا يەتكۈزدى.قانداق قېلىشنى بىلەلمەي قالدىم.ئەگەر مەدىنە ئارقىلىق بىر يەرگە كەتكەنلىكىمنى ئۇقتۇرسام چۇقۇم خاپا بولىدۇ.بولدىلا،قايرىۋالدىم دەپلا قۇتۇلارمەن!دادام  مېنى يىراقتىن كۆرۈپلا ئالدىمغا ئېتىلىپ دىگۈدەك كەلدى.
----نېمە بولدى؟
----قايرىۋالدىم،ۋالىبول ئوينايمەن دەپ.....
----جۈر،دوختۇرخانىغا بارىمىز!
----دادا،مەن ياخشى.....- دىيىشلىرىمگە قارىماي ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ خېلى چوڭ دۇختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
دۇختۇر بىلەن دادام يېقىندەك قىلاتتى،دادام :
----قانداق؟ئەركىن،باشقا ئىش يوقتۇ؟
----ئەنسىرمىگىن،ئاللىقاچان تۇتۇپ بوپتۇ.قارا،قىزىڭنىڭ يامانلىقىنى !ئۆزۈڭچۈ؟خاسىيەت ياخشىمۇ؟ئۇنىڭدىن ھالىڭنى ئاڭلاپ تۇردۇم،دورا بىلەن كونترول قىلىش تەس بولسىمۇ.......
دادام تاتارغىنىچە دۇختۇرنى تارتقۇشلىدى،مەن ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم،داداممۇ ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
ئايىغىمنى كىيىۋىتىپ دادامدىن سورىدىم:
----دادا،مىجەزىڭىز يوقما؟نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ؟ئېغىر ئەمەستۇ؟
دادام جاۋاب بىرىشكە تۇتۇنغاندا،دۇختۇر دادامغا بىر قارىۋىتىپ :
----ياق.قىزىم!دادىڭىز ئىنتايىن ياخشى.ئاشقازىنى ئازراق ياللۇغلىنىپ قاپتۇ،سىزمۇ ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ!شۇنداق دەپ كۈلۈمسىرەپ قۇيدى.
دادام بىلەن دۇختۇرخانىدىن ئايرىلدۇق.دادامغا قارىغانسېرى دادام راستنلا كۆزۈمگە ئاجىزلاپ قالغاندەك كۆرۈندى.
----دادا،راستنلا چوڭ چاتاق يوقمۇ؟مېنى ئالدىماڭ جۇمۇ؟مەنمۇ ھېسابتا بىر دۇختۇر،بۇنداق قىلسىڭىز مەن بىئارام بولىدىكەنمەن،ھە،راست...خاسىيەت دىگەن .....دەپ بولغىچە دادام دەسلەپتە دىگەن گەپلەرگە كۈلۈپ كەتتى،قارىغاندا ئۇ گېپىمنىڭ كەينىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى
----ھا...ھا.....ھا.....ھا...
دادام شۇنداق جاراڭلىق كۈلۈپ كەتتى.بۇنداق كۈلكىلەرنى ھەجەپ سىغىنغان ئىدىم-ھە!قاراڭ،دادامنىڭ شۇ كۈلكىسى بىلەن مەنمۇ خۇش بولدۇم.مەنمۇ چىڭ ئېسىلىۋالماي دادامنىڭ خۇشاللىقى بىلەن قايتىدىن كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلدىم.
----قارىغاندا ساقكەنسىز-دە،دادا،ئەگەر مىجەزىڭىز بولمىسا پۇل تاپىمەن دېمەي،ئاپاملارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىڭ،سىز بىرنەچچە يىل ھېچ ئىش قىلمىسىڭىزمۇ سىزنى باقالايمىز ئەمدى!
----شۇنداقمۇ؟بىرنەچچە يىلدىن كېيىنچۇ؟-دەپ يەنە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن كۈلۈپ قويدى.مەنمۇ دادامغا ئەگىشىپ كۈلۈپ كەتتىم.ئوخشىغان پولودىن كېيىن دادام دورىلارنى ۋاقتىدا يېيىشنى قايتا-قايتا تاپىلاپ قايتىپ كەتتى.دادام بىلەن بولۇنغان سۆھبەتلەرنى ئويلاپ نەچچە كۈنگىچە خۇشال يۈردۈم.
       پۇتۇممۇ تېزلا ساقىيىپ كەتتى،يول ماڭغاندا سەل ئاۋايلىغاننى  ھېسابقا ئالمىغاندا  ھېچقانداق ئاسارەتسىز ساقىيىپ كەتتى.ئەلۋەتتە بۇنچىۋالا تېز يەر دەسسەپ كېتىشىمدە دوستلىرىمنىڭ جۈملىدىن ئۈمىدنىڭمۇ تۆھپىسى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۆگەنگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ يەرلىك دورىلارنى تەييارلاپ بىرىشلىرى بىلەن،مەدەتلىرى بىلەن تېزلا ساقىيالىدىم.گەرچە نۇرغۇن ۋاقىت دەرسكە چىقالماي  ياتاقتا  ئولتۇرغان بولساممۇ،ئۇنىڭ ياردىمىدە دەرسلەرنى تېزلا تۇلۇقلىۋالدىم.ئۇ بۇ دەرسلەرنى ئىككى  يىل ئاۋۋال ئۆگەنگەن بولسىمۇ يەنىلا شۇپېتى سۆزلەپ بىرەلەيتتى.راستتىنلا قايىل بولماي سەۋەبىم يوق ئىدى.ئۇ ھازىر يېنىمدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ۋەھېمىلىرى ھازىرچە مەندە يوق ئىدى.ئۇنىڭ مەن دەسلەپتە پەملىگەندىنمۇ ئېسىل،تىرىشچان بالا ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنەتتىم،گەرچە ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىسەممۇ مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي بىر يىگىتنى سۆيگەنلىكىمدىن مەمنۇن بولاتتىم.بەزىدە ئۇنىڭ سىرلىق قاراشلىرىدىن ئازدۇر-كۆپتۈر نەرسىلەرنى سىزىپمۇ قالاتتىم،لىكىن قاراشنىڭ ئۆزى مۇھەببەتكە تەڭ ئەمەس ئىدى.چىش يىرىپ بىر نەرسە دىمىگۈچە مەن يەنىلا بىر نامسىز بۇلاقمەن،مەيلى،شۇنداق قەلبكە كۆيۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت ھىسابلىنار نۆۋىتىدە!
       بۇ تەتىلمۇ ئاياقلىشىش ئالدىدا،ئىمتاھان ئالدىدىكى شۇ جىددىيچىلىكلەرنى دىمەيلا قۇياي،بەزىدە تېخى بىر نەچچە سائەتلا ئۇخلاپ ئىمتاھانلارغا جىددى تەييارلىق قىلىمىز.ئۈمىد تەمىنلىگەن ماتىرياللار بىلەن ئىمتاھانغا خېلى سېستىمىلىق تەييارلىق قىلدىم.ئىمتاھانلار بىرتۈگىۋىدى،ئۇھ دەپ ئۆيگە قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدىم.تەييارلىقلىرىم پۈتۈپ مەكتەپ ئالدىدا دادامنى ساقلاپ تۇرسام ئۈمىد ۋېلىسپىت بىلەن يېنىمدا پەيدا بولۇپ قۇلۇمغا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان  كىتابلاردىن بىرى بولغان ھېمىڭۋاينىڭ« بوۋاي ۋە دېڭىز»ناملىق كىتابىنى تۇتقۇزدى
----ئۇقۇغۇم بار دىگەن ئىدىڭىز،تەتىلدە ئۇقۇپ بولۇپ قايتۇرارسىز!ئاق يول بولسۇن!
ئۇ ئارتۇق تەكەللۇپ قىلمايتتى،مەنمۇ ئۇنىڭ مانا شۇ خىل مىجەزىنى ياقتۇراتتىم.ئۇ پادىچىلار ئىشتىنىغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالغان چاقماق كۆينىكىنىڭ پەشلىرىنى لەپىلدەتكىنىچە كېتىپ قالدى.كىتابنى ئاۋايلاپ چاماداننىڭ چوڭ يان يانچۇقىغا سالدىم.شۇنداق خۇش بولدۇمكى،گەرچە ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئالەم بىلەن تەڭ سوۋغىنى قۇبۇل قىلغاندەك خۇش بولدۇم.داداممۇ ھايالشىمايلا يېتىپ كەلدى، يەنە ئادىتى بويىچە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە سوۋغاتلىق ئالغان ئىدى.ھەممە نەرسىلىرىمنى ماشىنىغا جايلاشتۇرۇپ بولۇپ دادام مۈرەمدىن چىڭ تۇتقىنىچە:
----بالام،مەيلى قانداق ئىش بولسۇن.سالماقلىق بول،گەرچە قىز بولساڭمۇ جەسۇر بول.ئېنىڭ بىلەن سىڭلىڭغا  ئۇبدان ئۈلگە بول !
---ماقۇل،دادا!سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ.ئۆيگە بارسىڭىز بولاتتى،ھەممەيلەن سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتى.بىللە قايتايلىچۇ بولمىسا!
---ئايرىم بارىمەن،بالام!مەندىن ئەنسىرمەي تەتىلنى ياخشى ئۆتكۈزگىن!
شۇنداق ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ دادام كونا جايىدا قىپقالدى.كۆزلىرىمنى ياش ئەگىدى،دادام يېنىككىنە قول پۇلاڭلىتىپ يەنە ماڭا ئاق يول تىلەۋاتىدۇ.دادامنى ئاشۇ مەھەللىدىن ئۇزاتقان كۆرۈنۈشنى ئەسلىدىم،دادا قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!گۈزەل تىلەكلىرىڭىزنى چۇقۇم ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزىمەن!

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 21:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   نامسىز بۇلاق(12)
تەتىلنىڭ خۇشلۇقلىرى مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك قىلاتتى.قېن-قېنىمغا پاتماي كۈلۈشلىرىم،پۈتۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن ھاياتنىڭ ياڭراق داستانىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن ئىنتىلىشلىرىم راستتىنلا مېنىڭ بىر بەختلىك قىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.مەن ھايات تەرىپىدىن ئەللەيلىنىمەن،دادامنىڭ جاپالىرى بىلەن ھاياتقا چىڭ گىرە سالىمەن،ھاياتنى چىڭ قۇچاقلايمەن،شۇنداق،ئاتا-ئانا ئەجرى بىلەن مەن شۇنداق خۇش كۈلىمەن،ھاياتنىڭ مەنىلىك ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن.ئەلۋەتتە،جاپالار بىزدىن خېلىلا يىراقلاپ كەتتى،ئەنە شۇ جاپا بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردىمۇ مەن ھەقىقەتەن يەنىلا بەختلىك ياشىغان ئىدىم،چۈنكى يەنىلا ئاپام بىلەن دادامنىڭ روھى مېنى ھايات داستانلىرىنىڭ ئەڭ شوخ بابلىرىغا ھەمراھ قىلاتتى.
تەتىلنىىڭ بىركۈنى ئەمدىلا بازاردىن قايتىپ كەلگەن ئاپام بىلەن سىڭلىمنىڭ مۇنۇ دىئالوگىدىن جىجىتلىقىمىز بۇزۇلدى.
-----ئاپا،نېمە بولدى؟چىرايىڭىز بەكلا تاتىراڭغۇغۇ؟
مەنمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئاپام بىر قولى بىلەن يۈرىكىنى تۇتقىنىچە ئىڭىشىپ قاپتۇ.چۆچۈپ ئاپامنىڭ يېنىغا ھازىر بولدۇق.
-----ئاپا،نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ؟
-----ھېچنىمە.....دورامنى ......
----رەيھان،تېزدىن ئابدۇللانى چاقىر،دۇختۇرخانىغا بارىمىز!
رەيھان ناھايىتى تېزلا ھەممە نەرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەييار بولدى.ئاپامنى مەھەللىمىزدىكى مەمەت ئاكىنىڭ ئۈچ چاقلىق موتۇسېكىلىتىدا دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدۇق. دۇختۇرلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن ئاپامنىڭ ئەھۋالى ياخشىلاندى.شۇ جاۋابنى ئاڭلىغىچە پۇت-قۇلۇمدا جان يوق،رەيھان ئۆزىنى شۇنچە تۇتۇشقا تىرىشاتتى،لىكىن پات-پاتلا ئۈمىدسىزلەنگەندەك يىغلاپ قۇياتتى.ئابدۇللا ئەركەكلىكىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.ئۇ پەقەت بىزنىڭ چىداملىق بولۇشىمىزنى تىنماي ئەسكەرتىپ تۇراتتى.ئوغۇل بالىلىق مانا مۇشۇنداق يەرلەردە سىنالسا كىرەك.مەن يىغلىمىدىم،لىكىن يىغلىغاندىن بەتتەر ئازابلاندىم.گېلىم قۇرۇپ ،بۇغۇزۇم ئاچچىق،ئاپام كىچىك چاغلىرىمىزدا يىغلاپ قالساق قاپاقلىرىنى تۈرۈپ:«يىغا يىغىنى چىللايدۇ،نېمىگە يىغلايسىلەر شۇنچە؟»دەپ خاپا بولاتتى.ئەمەلىيەتتە بۇ بىزنى چىداملىق بولۇشقا چاقىرغان ئۈنلۈك خىتابكەن.
  دۇختۇر چىقىپلا :
---ھازىرچە خەتەر يوق.لىكىن داۋاملىق كۆزىتەيلى ،قارىغاندا بىرەر ئىشنى كۆپ ئويلاپ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋالغاندەك  قىلىدۇ،تۇنجى قېتىملىق بايقىلىشىكەن،لىكىن دەل ۋاقتىدا ئەپ كەپسىلەر!
ھېچقانداق گەپ قايتۇرۇشنى خالىمىدىم،پەقەت ئاپامنىڭ قانداق ئىشن بۇنداق كۆپ ئويلىغانلىقىنى خىيال قىلىۋاتاتتىم،رەيھان بىلەن ئابدۇللا دۇختۇرغا رەھمەت ئېيتىپ ئاپامنىڭ يېنىغا كىرىشكە ئىجازەت سورىدى.كىرسەك ئاپام سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ.ئۇ شۇچاغدا كۆزۈمگە شۇنداق دەرتمەن كۆرۈندى-كى،پۈتۈن غەم-قايغۇ ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغاندەك قىلاتتى،كۆزلىرىدىن تارىغان ئەلەم ئۇنى نەچچە ياش قېرىتىپتۇ،چاچلىرى چۇۋۇلۇپ غەملىرىگە غەم قۇشۇپتۇ،ئانچە-مۇنچە قىزىل لەۋلىرى پۈتۈنلەي تاتىرىپ ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئاغرىققا ئوخشىتىپ قۇيۇپتۇ.مەن تىنماي ئۆزۈمنى تۇتۇشنى ئەسكەرتتىم،يىغلاش پەقەت ئاپامنىڭ ئازابىنى ئېغىرلىتاتتى خالاس.رەيھان ئاپامغا ئېتىلىپ يىغلاش بىلەن، ئاپام جانسىز بارماقلىرى بىلەن ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرىنى سىلايتتى.
----ئاپا......بىز بەك قۇقتۇق......مەن....سىزدىن ......ئايرىلىپ....قالامىزمۇ..دەپ.....ئاپا....
---- رەيھان،كىچىك بالا ئەمەسسەن،يىغلىما!ئاپام تېخىمۇ خاپا بولىدۇ.جىم بول!
----ئابدۇللا،توغرا دەيدۇ،بولدى،قىل!
مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتىم،مۇشۇ تۇتۇشلىرىمدا ئاپامغا مەلۇم بىر خىل كۈچ بىرەلەيدىغاندەك قىلاتتىم.كۆزلىرىمىز ئارقىلىق سۆزلىشىۋاتاتتۇق،ئاپاممۇ مېنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغاندەك سۇس كۈلۈمسىرەيتتى.ئۇنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم بىلەن مەن يەنە بىر نۆۋەت رەسمىي يۇسۇندا خاتىرجەم بولدۇم.ئابدۇللا كېلىپ ئاپامنىڭ ياغلىقلىرىنى ئوڭشاپ ئۇنىڭ پىشانىسىگە ۋەزن بىلەن سۆيۈپ قۇيدى.بەلكىم ئۇ بۇ سۆيۈشلىرىدە ئاپامغا شۇنچە بېسىم بولغان شۇ ئىشنى ئۆزىگە بۆلۈپ بىرىشنى تىلەۋاتقاندەك قىلاتتى.دىمەك،ئۇ پەرزەنتلىكىنى،مۇھىمى ئوغۇل بالىچىلىقى بىلەن ئاپامنىڭ دەرتلىرىنى تەڭ تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇنىڭ شۇ خىسلىتىدىن مەنمۇ،رەيھانمۇ سۆيۈندى.ئاپام ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ:
---مەن ساقايدىم،چۈنكى بالىلىرىمنىڭ ۋاپاسى ئەڭ ياخشى دورا بولدى--دېگىنىچە كۆز يېشى قىلدى.
----ئاپا،سىزنى يىغلىسۇن دەپ ئەمەس كۈلسۈن دەپ بېشىڭىزدا تۇرۋاتساق يىغلىغىنىڭىز نېمىسى!-ئابدۇللانىڭ بۇ سۆزىدىن مەن يەنە بىر قېتىم  ھەم ھەيران بولدۇم،ھەم بېشىم كۆكلەرگە يەتتى.
  دۇختۇر ئەگەر ياتقۇزۇش نىيىتىمىز بولسا داۋاملىق رەسمىيەت ئۆتىسەك بولىدىغانلىقىنى،بولمىسا چىقىپ كەتسەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ئالدىراپ بىر نەرسە دېمىدىم،چۈنكى ياتقۇزۇش ئۈچۈن پۇل لازىم بولاتتى،مېنى ئوقۇتۇپ يەنە تېخى بىر ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى.دادام ئەۋەتىپ بەردى دىگەندىمۇ ئۇ پۇللار ئۇكىلىرىمنىڭ ئوقۇشىغا كەتكەندۇ؟دادامغا تېلفون قىلايمۇ-يا؟دادامغا دىسەم خاپا بولماس،داداڭ شۇنچە ئالدىراش تۇرسا دەپ؟دۇختۇرخانىدا ياتمايمەن دەپ تۇرۋالسا قانداق قىلارمىز؟قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرسام يېنىمغا ئابدۇللا كېلىپ:
----ئەنسىرمە.پۇلدىن غەم قىلما!ئاپامغا يەتكۈدەك پۇل بار.
-----قانداقسىگە؟
----ئاپام سۈت سېتىپ،قايماق سېتىپ يەنە تېخى يەردىن چىققان مول-ھۇسۇللارنى سېتىپ تاپقان پۇللارنىڭ ھەممىنى مەن ئاپام بىلەن بانكىغا قۇيغىلى بارىمەن.ئاپام سەن مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە يېتىدىغان پۇل يېغىپ بولدى.ئاپامغا دىمەيلى،بولمىسا ئاپام دۇختۇرخانىدا يېتىشنى رەت قىلىدۇ،مەن كارتىنى قۇيغان يەرنى بىلىمەن،رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولۇپ ئاندىن دەيلى.
قانداقلارچە كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلغىنىنى بىلمىدىم،توۋۋا،مېنىڭ ئۇقۇشۇمغا كىتىدىغان پۇلنى تەييارلاپ بوپتۇ،دادامغا بەس سالماي،مېنىڭ تەييارلىقىمنى قىپ قۇيۇپتۇ،ئاھ خۇدا!مەن ھەقىقەتەن بەكمۇ ....
-----ھەدە،بولدى،قىل!بۇنداق قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس ھازىر!سەن قۇشۇلساڭ مەن بېرىپ پۇل ئەپكىلەي!
-----ماقۇل!
شۇنداق قىلىپ رەيھان،تاماق ئېتىپ كىلىدىغانغا،ئابدۇللا پۇلغا كەتتى.
مەن ياتاققا كىرگىنىمدە ئاپام ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ مۇشۇ ئۇخلىشىدا بىز ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىنىڭ ئاز بولسىمۇ ھاردۇقىنىڭ چىقىشىنى تىلىدىم.قارىسام ئۇ راستتىنلا چىرايلىق ئىدى.گەرچە قىرىقلاردىن ئاشقان بولسىمۇ جىلۋىسى بىلەن ساقلانغان شۇ تەبەسسۇم يەنىلا دىللارنىڭ دېرىزىسىنى چىكەتتى.ئەنە شۇ گۈل چىراي بىزنى دەپ سۇلغۇنلاشتى.خىياللىرىم دادامغا يۆتكەلدى.بىرەر قېتىممۇ ئاپامنىڭ ئاغزىدىن ئۇ ئىككىسىنىڭ قانداق تۇنۇشقانلىقىغا دائىر گەپ -سۆزلەرنى ئاڭلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.ياشلىق چاغلىرىدىن ئاپام بىزنى ئانچە خەۋەردار قىلمايتتى،بەلكىم بىزنىڭ غېمىمىز ئۇنىڭ بۇ ھىكايەتلەردىن بىزنى خەۋاردار قىلىشىغا پۇرسەت بەرمىگەندۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش