- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 71
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- UID
- 34270
- يازما
- 71
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- توردا
- 41 سائەت
|
نامسىز بۇلاق
بالىلىق چاغلىرىمنى ئويلىسام تولىمۇ شاتلىنىمەن.مەھەللىنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان ئاددىي ئۆيىمىزدىن دائىم كۈلكە ئاۋازى تارىلىپ ،يولدىن ئۆتكەن قانچە كىشىلەرنى ھەۋەس بىلەن بويۇنداپ قاراتمىغان دەيسىز؟!ئەنە شۇ ھەۋەس بىلەن بويۇنداپ قاراشنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ نەقەدەر بەختلىك ئائىلىدە ئۆسۆپ چوڭ بولغانلىقىمنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.ئۈچ بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تېنىمسىز تېرىشىۋاتقان دادام،شۇنچە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپمۇ بىزگە تەبەسسۇمىنى ئايىماي تەقدىم ئېتىۋاتقان ئاپام،كەينىمدىن يۈگۈرگىنىچە كونىرىغان سومكىسىنى ئېسىپ گالىستۈكىنى تۈزەشتۈرۈپ قۇيۇشۇمنى ئۆتۈنۈپ تۇرۋالىدىغان ئىنىم،ھەركۈنى مەكتەپكە مەن بىلەن بېرىش ئۈچۈن قاغىشلىىق قىلىپ يىغلايدىغان بىلىمگە تەشنا سىڭلىم.....مانا بۇلار مېنىڭ تۈگىمەس شادىمان ناخشىلىرىم مەنبەسى.مەن ئۇلار بىلەن شۇنچە بەختلىك،ئۇلار بىلەن پۈتۈن دۇنيا مېنىڭ،ئۇلار بىلەن پۈتۈن شاتلىق مەندە.
شۇنداق قىلىپ،ئىنى-سىڭىللىرىممۇ رەھىمسىز ۋاقىتنىڭ تىنىمسىزلىكى بىلەن كەينىمدىن تاپ بېسىپ چوڭ بولماقتا ئىدى.ھەممەيلەن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشقا تىرىشاتتۇق.سىڭلىم ئۇسسۇلنى شۇنداق چىرايلىق ئوينايتتىكى،ئۇ دادام بىلەن ئاپامدىكى ئەڭ ياخشى گىنلارنى تاللاپ قۇبۇل قىلغاندەك قىلاتتى.قاملاشقان قەددى-قامەت،جاراڭلىق ئاۋاز،نازۇكلۇق،ھۆر-پەرىلەر سېپىگە قۇشۇلغىدەك ھۆسن-جامالى بىلەن مەھەللىمىزدىكى بارماق بىلەن سانىلىدىغان گۈزەللەر سېپىگە قۇشۇلدى.ئىنىممۇ بوش كەلمىدى،مەكتەپتىكى تىرىشچانلىقى،ئېغىر-بېسىق مىجەزى بىلەن ئوخشاشلا ئەڭ ياخشى يىگىتلەرقاتارىدا ئىدى.مەن يەنىلا شۇ نامسىز بۇلاقتەك ھاياتىمنى داۋام ئەتمەكتە ئىدىم،ھىچكىشى مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمدىن خەۋەرسىز ئىدى.لېكىن شۇ ئىنى-سىڭىللىرىمدىن ئۆزۈمگە روھىي ئوزۇق ئىزدەيتتم،ئۇلارنىڭ غەلبىسى بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ،غەملىرىگە ئورتاق بولاتتىم.نامسىز بۇلاق بولساممۇ قۇرۇماس سۈيۈم بىلەن ئائىلىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇشنى ئىستەيتتىم،مانا مۇشۇنداق تازا ئەقىلگە تولغان چاغلىرىمدا،ئائىلىمىزنىڭ تازا قىرانلىق چاغلىرىدا دادام ئاجايىپ بىر قارارنى چىقاردى،يەنى ئۆيدىن ئايرىلىپ سودا قىلماقچى بولدى.
شۇنداق،ئېسىمنى بىلگىنىمدە دادام ئۆزگىچە ئىنسان ئىدى،ئادەتتە ماتىماتىكا دەرسلەردىكى بىلمىگەن مەزمۇنلارنى دادام ماڭا چۈشەندۈرۈپ قوياتتى.مۇئەللىمدىن بىلمىگەن يەرلەرنى ئۆيگە قايتىپ دادامدىن سورايتتم،دەل دادامنىڭ ئىلھامى بىلەن مەن قەلبىمگە شۇنچە چوڭ ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن ئىدىم.مۇئەللىم بۇيرۇغان ماقالىلىرىمدە دادام چۇقۇم تېلغا ئىلىناتتى،«دادام مۇنداق دېگەن؛دادام پالۋانلارغا ئوخشاش ھاياتىمدىكى قۇغدىغۇچۇم ؛دادام بىلەن پۈتۈن ئارزۇلىرىم پەرۋاز قىلىدۇ »دېگەندەك جۈملىلەر دائىم مېنىڭ ماقالىلىرىمدە ئۇچراپ تۇراتتى.ئەنە شۇ تاپشۇرۇق ماقالىلىرىمدىمۇ مەن يەنىلا ئائىلەمنىڭ بەختىنى كۆز-كۆز قىلاتتىم.دادام چىقارغان بۇ قارار مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان بولسا كېرەك،شۇ كۈنى دادام ئېلىپ كەلگەن شۇ تاۋۇزنى پېچىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ شۇ قارارىنى دېدى،مەن تولىمۇ تەئەججۇپ بىلەن دادامغا تېكىلىپ قالدىم.خۇددى دادامنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىپ سودا قىلىشى چەكلەنگەندەك،بەلكىم مېنىڭ قەلبىمدە دادامنىڭ بۇنداق سەپەرلىرى چەكلىنىشى كېرەكتۇ؟!خىلمۇ-خىل ئويلار،چىگىشلەشكەن يىپ كاللىكىگە ئوخشاش مېنى قىينىماقتا،تىت-تىت قىلماقتا،چىشلىرىم كىرىشىپ قۇشۇمىلىرىمنىڭ تۈرۈلگىنى ئۆزۈمگە ئايان،پەقەت خىىيالىمدا دادامنىڭ سەپىرى.ئۇ بىزنى داۋاملىق ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق سەرگەردانلىق ھاياتقا تەۋەككۈل قېلىۋاتقاندۇ،بىز ئۈچۈن بولماي يەنە كىم ئۈچۈن؟؟؟
شۇنداققۇ،بىر چاغلاردا دادام بېشىمنى سېلاپ ئارزۇلىرىم توغرۇلۇق سوئال سورايتتى،مەن ئادەتتىكىدىن شوخلۇشۇپ:«دادا،ئارزۇلۇرۇم بەك كۆپ.قايسىسىنى ئاڭلايسىز؟»دېسەم.دادام بۇرۇتلىرىنى سېلاپ قۇيۇپ:«قېنى ئەڭ ئۇلۇغلىرىنى ئاڭلاي »دەيتتى.مەن قىلچە تارتىنماي ھەممىنى دەيتتىم،شۇچاغدا دادامنىڭ چىرايىدا بىلىش تەس بولغان بىر خىل ئەنسىرەش شۇڭغۇپ ئۆتەتتى.ھازىر بىلگىنىمدە ئۇ دەل ئارزۇلۇرۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بولغان ئەنسىرەش ئىكەن.ئۇ «بالىلىرىم ئۇلۇغ ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ،ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۇل كېرەك.دادا بۇلۇپ تۇرۇقلۇق بالىلىرىمنىڭ ئارزۇلىرى ئۈچۈن يول ھازىرلىشىم كېرەك»دەپ ئويلاپ بىزدىن يىراقلاپ پۇل تاپماقچى بولۇپتۇ.تېخى ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇلىرىمنى دادام بىلەن ئورتاقلاشتىم دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن.ئەمەلىيەتتە دادامغا شۇ ئارزۇلىرىم بىلەن كۆرۈنمەس يۈكنى ئارتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟؟دادامدىن پەخىرلىنىشىم كىرەكقۇ،لېكىن يەنە بىر يەرلىرىمدىن دادام مۇشۇ كەتكەنچە بىزدىن ئايرىلىدىغاندەك قىلاتتى.يىراق شەھەرلەردە ناتونۇش مۇھىتتا دادامنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەممىنى قىلىۋاتقان شۇ تۇرقىنى ئويلىۋىدىم،گېلىم ئاچچىق بولغىلى تۇردى،شۇنداق بېشىمنى كۆتۈرۋىدىم.دادامنىڭ جەسۇرلۇق چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى مېنىڭ ئازاپ،ئەنسىرەش،قىيماسلىق شولا تاشلاپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن ئۇچراشتى،لېۋىمنى چىڭ چىشلىدىم.شۇ چىشلەش بىلەن خۇددى ئۆزۈمگە بىر خىل كۆرۈنمەس باتۇرلۇق تىلەۋاتقاندەك قىلاتتىم،ھەممەيلەن تاۋۇزنى يەپ بولۇپ تۇرۇشىغا مەن تاۋۇز شۆپۈكلىرىنى باھەنە قىلىپ ئېغىل تەرەپكە ماڭدىم.ئېغىلغا كېرىپ قانداق يىغلاپ تاشلىغىنىمنى بىلمەيمەن.شۇ تاپ پەقەت شۇنداق تىلەك تىلىدىم:«دادام ئامان-ئېسەن بۇلسۇن،ئائىلىمىز دادام بىلەن مەزمۇت،ئېي خۇدا،پەرزەنتلىرى ئۈچۈن جاپاغا ئاتلانغان شۇ دادامغا ئەڭ يېقىن يوللارنىڭ تەقدىم ئەتكىن.......»شۇنداق تىلەكلىرىم بىلەن ئازدۇر-كۆپتۈر مەدەتكە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىپ ئېغىلدىن ئاستا يېنىپ چىقتىم،يازلىق چايخانىمىزدىن تارىغان شوخ كۈلكە ئاۋازى مېنىمۇ شوخ كۈلدۈردى.ئاستا ئۇلارغا يېقىنلاشتىم،كۈلكە ئاجايىپ ئۇقۇم ھە!بايام تېخىلا ياشلانغان كۆزلىرىمنى سۈرتكەن ئېدىم.مانا ئەمدى يەنە بىر قېتىم شاتلىقا ھەمراھ مىنۇتلاردا تاتلىق كۈلمەكتىمەن،ھايات قەنتىنى چاقماقتىمەن.دادامنىڭ كۈلكىدىن چاقنىغان،باتۇرلۇق نۇرلىرى يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ شۇنداق نىدا قىلدىم:«دادا،چۇقۇم ياخشى ياشاڭ،ھەرگىز ئاغرىپ قالماڭ.چۇقۇم جىق پۇل تاپالايسىز،بىز سىزگە ئىشىنىمىز.ھاياتىم دادام.بەختىم دادام!!»
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يولىنىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-9 16:40
|
|