ئىگىسى: lovely710

نامسىز بۇلاق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
51596
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 20:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم اللاھ قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن!!!!!!

UID
38019
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-6
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 11:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ، بۇ مەن مۇنبەرگە كىرىپ بەرگىيەنىڭ ‹ئېھ ، خىرۇستال قىز ›پوۋېستىدىن كېيىنكى ياقتۇرۇپ كۆرگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى . ئەسەر تىلى ، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاددى ، يېقىشلىق ، ئۆزگىچە چىقىپتۇ . تىرىشىڭ ، تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرىشىڭىزغا ئىشىنىمەن .
    ئەسىرىڭىزدىكى پاك ، سەمىمى مۇھەببەت مەن قاتارلىق بارلىق كۆرۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۇردى دەپ ئويلايمەن . ئۇيغۇر ئەسەرلىرىدە سۆيگۇ - مۇسەببەتنى يەنىلا پەردىشەپنىڭ ئىچىدەتەسۋىرلىسە ئۇ شۇنچىلىك سىرلىق ، گۇزەل ، ھەم  جەلپ قىلارلىق چىقىدۇ . قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن ، كۆرۇرمەنلىرىڭىزنى ئۇمىدسىزلەندۇرمەي تېزراق داۋاملاشتۇرۇڭ سىڭلىم ..

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 13:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          نامسىز بۇلاق(40)
    مەن بەتلىرى سېرىقداپ كەتكەن بۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ ھەربىر ۋاراقلىرىدىن دادام بىلەن خاسىيەت ھەدىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئازابلىق ،شاتلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان دەملىرىگە ھەمدەم بۇلدۇم.گاھىدا يېزىلغان تاتلىق تىلەكلەر مېنى شوخ كۈلدۈرسە ،گاھىدا يېزىلغان ئازاب ھۆكۈم سۈرگەن بەتلەر مېنى ئېغىر غەملەرگە باشلىدى،مانا شۇنداق قىلىپ مەن ئاخىرى دادامنىڭ شۇنداقلا مېنىڭ مەخپىيىتىم بولغان بىر بەتكە يېنىپ كەلدىم،بۇ يەردە مېنىڭ ،دادامنىڭ شۇنداقلا ئاپامنىڭ مەخپىيەتلىكى بار ئىدى،مەن گاڭگىراپ قالدىم،مەن ئۆزۈمنى كاچاتلىدىم،مەن ئاپامنىڭ بارلىق سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يەتتىم،مەن دادامنىڭ ئادىمىيلىك مۇقامىنى بۇنچە ۋايېغا يەتكۈزگەنلىكىدىن ھەيرەتتە قالدىم.بۇ سىرنى دادامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئېچىپ تاشلىدى:
          «خاسىيەت،مەن ھەممىدىن ۋاز كەچتىم،مېنى تىللا!مېنى كاچاتلاپ ئۇرغىن!مەن سېنىڭ سادىق مۇھەببىتىڭنىڭ ئاسىيسى!مەن سېنى داغدا قويدۇم ،مەن سېنى ئالدىدىم!لىكىن مەن ئامالسىز،ئالدىمدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان ىۇ قىزچاقنىڭ ھاياتى مېنىڭ قولۇمدا،مەن ئەركەكتەك بولۇشۇم لازىم،بىز ۋىدالاشقان بۇ مىنۇتلاردا  ساڭا شۇنداق دېگىم بار!مەنمۇ سېنى سۆيگەن،چىن قەلبىمدىن سۆيگەن،لىكىن مەن   بۇ ئۇزۇن ھايات يولىدا سېنى يالغۇز قويىدىغان بولدۇم،ساڭا بەخت تىلەپ:ئەخمەت.
        بەلكىم دادام  ئانام ئۈچۈن خاسىيەت ھەدىدىن ۋاز كەچكەن بولۇشى مۇمكىن،ئەمما دادام  ئاپامنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ قانداق ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندۇ؟؟ئالاھىدە سەۋەپ دىيىلسە زادى قانداق سەۋەب؟مەن خاسىيەت ھەدىگە ئىلتىجا بىلەن قارىدىم،ئەمما   خاسىيەت ھەدە ھېچنەرسە دىگىلى ئۇنمىدى،مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى پەقەت ئاپامدىنلا  تاپالايتتىم،تېلفون قىلىشىم  ؟؟ياق،تېلفون قىلسام ئاپام ھەرگىز ماڭا دىمەيدۇ،پەقەت يۇز-تۇرانە سوراش كىرەك،ساقلايمەن،تەلمۈرىمەن،مېنى قىينىغان بۇ سوئاللارغا شۇنداق تەستە جاۋاب ئىزلەيمەن!بوپتۇ خەير!
     بۈگۈن يەكشەنبە ،جان دادامنىڭ بىزنى تاشلاپ كەتكىنىگىمۇ 40 كۈن بولدى،مەن بۇ قىرىق كۈندە شۇنچىلىك پۇچىلاندىم،يىغلىدىم،قاقشىدىم،ئۆزۈمدىن بىزار بولدۇم.ھەربىر نۆۋەت ”دادا“دىگەن بۇ مېھرى ئۇلۇغ سۆز مېنى زار قاقشاتقىنىدا  دادامنىڭ خاتىرەمدىكى بارلىق قىياپەتلىرىنى ئويلاپ ئۈلگۈرىمەن،شۇنداق،ئۇ ئەنە شۇنداق جاپاغا چىدايدىغان،پەرزەنتلەر ئىشقىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئىدى،ئۇ مېنى شۇنداقلا ئۆزىنى سۆيگەن ئۇنى سۆيگەن بارچىنى تاشلاپ جىمجىتلا كېتىپ قالدى،”دادا،ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە  بولسۇن،سىزگە ئۇلۇغ ئاللاھدىن جەننەت تىلەيمەن!“مانا شۇنداق قان-ياش يىغلاپ يەنە بىر نۆۋەت جەينامازدىن تۇردۇم!

UID
34270
يازما
71
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 00:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parixta799 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-19 19:41
ئىمتىھانلارمۇ  تۈگەپ  قالغاندۇ  سىڭلىم؟ئۇزۇن ساقلاپ كە ...

ئەسسالام ئەلەيكۇم،ياخشىمۇسىز!ئۇزۇندىن بۇيان قولۇمغا قەلەم ئالالماي قالدىم،يېقىندا سىز ياقتۇرغان شۇنداقلا ماڭا ئىلھاملارنى بەرگەن ئەشۇ نامسىز بۇلاقنىڭ ئاخىرىنى ئازراق يېزىپ قويغانىدىم ،ۋاقتىڭىز چىقسا ئوقارسىز!رەھمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش