ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمەن . ئاخىرىمۇ ياخشى چىقىۋاتىدۇ . كىچىككىنە تەكلىۋىم : بىر ئادەمنىڭ ئۆمىرى باشتىن ئاخىر خوشاللىق بىلەن ئۆتىمىگەندەك ، باشتىن - ئاخىر قايغۇ ئازاپ ئىچىدىلا قالمايدۇ . باشقا تورداشلىرىمىز ئىنكاسىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ، ھېكايە ئىچىدىكى قايغۇلۇق ھېكايىدىن مەنمۇ شۇنداق بىئارام بولدۇم . ھېكايىدىكى ئۈمىدنىڭ بېشىغا كەلگەن غەم-قايغۇلار بەكلا كۆپ بولۇپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى . مۇمكىن بولسا مۇۋاپىق ھالدا يەڭگىللەتكەن بولسىڭىز . بىر مىسال ئالسام ، بىر نەچچە ئادەم بىر يەردە تۇرۇپ پاراڭلاشقاندا ماشىنا ھادىسىسى ھەققىدە پاراڭ بولسا ، ھەر كىم ئۆزنىڭ كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ ، ئاڭلىغۇچىلاردا ماشىنا بەك خەتەرلىك ئىكەن دىگەن تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ . لىكىن پۈتۈن ئۆمىرمىزدە ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇقۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىمىز بەك تۆۋەن . مەنمۇ ھازىرغىچە ئۆز كۆزۇم بىلەن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن ماشىنا ھادىسىسى كۆرۈپ باقمىدىم . بىر پىرسۇناژغا بەك كۆپ قايغۇ - ئازاپلار يۈكلەپ قويۇلسا ، جاھاندا خوشاللىق يوق ئىكەن دىگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالمايلى .

ئاخىرىنى قاچان يوللايسىز ؟ ئىشقىلىپ مەن سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىمەن .
