- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 71
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- UID
- 34270
- يازما
- 71
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- توردا
- 41 سائەت
|
نامسىز بۇلاق(19)
ئۈمىدكە قارىسام ئۇ ئاغرىق ئازابىدا خېلى قىينالغاندەك قىلاتتى،لىكىن ئۇنى يەنە ئۈمىدلەندۈرۈشكە تىرىشتىم.
---خېلى ياخشىمۇ؟
---خۇداغا شۈكرى،سىزنى بەك ئەنسىرەپ كەتمىسۇن،دەپ سىزگە خەۋەر قىلمىدىم،كەچۈرۈڭ!
---ياقەي،ياخشى بولسىڭىزلا بولدى،قانداق بولۇپ يارىلاندىڭىز؟
---ئازراق ماتىرىيال لازىم بولۇپ پۇل كەملەپ قالغان، بالىلار بىلەن ئىشلىگىلى چىققان،شۇ يەردە مۇشۇنداق بولۇپ قالدى.
---ئۆيدىكىلەرگە خەۋەر قىلدىڭىزمۇ؟
---بۇ.......بۇ ......
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە خېلى تۇرۇپ قالدى،چىرايىدىكى ئىپادىلەر ئۆزگىرىشى مېنى تېخىمۇ گاڭگىراتتى،ئۆزۈمنىڭ قايسى گەپنى خاتا قىلىپ قۇيغانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم،بىر ھازادىن كىيىن ئۇ ئۇلۇغ-كىچىپ تىنىپ:
---بىر كۈنلەردە دەپ بىرەرمەن،دەپ ئويلىغان ئىدىم،قارىغاندا بۈگۈن پۇرسىتى ئوخشايدۇ.
ھېچقانداق گەپ قىلمىدىم،ئۇنىڭ گىپىگە قانداق قىزىقىۋاتقانلىقىمنى ئۇ سەزگەن بولسا كىرەك،ھايالشىمايلا ھىكايىسىنى باشلىدى:
----ئاجايىب بىر چاغلار ئىدى،پۈتۈن شاتلىق،بەخت پەقەتلا مېنىڭ ئىدى.ئاپام بىلەن دادامنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمىتى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك جۇلاسى ئىدى،دادام يېزىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى،ئاپام بولسا شۇ مەكتەپتە ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئىدى،قاچانلا قارىسا يېڭىدىن تۇرمۇش قۇرغانلاردەك بىزگەئۆزلىرىنى بەختنىڭ مەڭگۈلۈك شاھىدلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ تۇراتتى،ئۇلار بىللە ئىشقا بىرىپ،بىللە قايتىپ ئەنە شۇ تەرۇزدە ساق مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم.
گۈزەل ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى،مەن قاباھەتلىك چۈش كۆردۈم.ئەنە شۇنداق قاباھەتلىك چۈشنىڭ ئاشۇنداق گۈزەل كۈندە بولىدىغانلىقىنى زادىلا ئەقلىمگە سىغدۇرالمايمەن،ئويۇنلىرىمنى تامام قىلىپ،ئۆيگە كەلسەم ئۇرۇق-تۇققانلار،يېقىن-يورۇقلار يىغا-زارى ئىچىدىن مېنى قۇچاقلىشىپ پىشانەمگە سۆيگىنىدە مەن يېتىم قالغانلىقىمنى بىلدىم،بۇ مېنىڭ قۇبۇل قىلىش دائىرەمدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى.قانچە قىلىپ بىر كۈندە،ئوخشاش دەقىقىدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىزنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى قۇبۇل قىلالمىدىم،تېخى ئەتتىگەندىلا ئۇلار بۈگۈن مەكتەپتىكى ئىشداشلىرى بىلەن كوللىكتىپ ساياھەتكە چىقماقچى ئىكەنلىكىنى،مېنىڭ كەچتە ئۆزلىرى يېنىپ كەلگىچە ئۆيدە ئاپام تەييارلاپ قۇيغان تاماقنى يەپ تۇرۇشۇمنى ئەسكەرتىپ پىشانەمگە سۆيۈپمۇ قۇيغان ئىدى.تېخى بۈگۈن ئەتتىگەن مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بالا ئىدىم.مانا بۇ ھايات ئىدى،ئاجايىب بەختلىك بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ماڭا شۇنداق ئېغىر كەلدى،ئامال قانچە؟يىغلاپ-قاقشاپ ئۇلارنىڭ قىرقىنىمۇ بەردۇق.
ئاچام يېڭىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېزىمىزدىكى ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتاتتى،ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ مەن تېخىمۇ ئازابلىناتتىم.قاچانلاردا ئاپام بىلەن دادامنىڭ ئىزلىرى قالغان جايلاردا شۇلارنى ئەسلەپ،يىغلاپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئەتتىگىنى ئاچامنىڭ ئويغىتىشلىرى بىلەن مەكتەپكە باراتتىم،مەكتەپ ماڭا باشقا ئىش يوق،خىيال قىلىمەن،تەنەپپۇسلاردا يىغلايمەن،باشقىلار تاپشۇرۇق ئىشلىسە مەن ئاپام بىلەن دادامنى سىزىپ ئولتۇرىمەن،شۇنداق ياخشى ئوقۇغۇچىدىن بىردىنلا ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچىغا ئايلاندىم.پۈتۈن ھاياتىمنىڭ مەناسى ئاتا-ئانام بىلەن كەتكەن ئىدى.لىكىن مۇئەللىملەر ئاجايىب ئامراق ئىدى.رەنا ئىسىملىك بىر مۇئەللىمىم بار ئىدى.ئۇ ماڭا شۇنداق كۆيۈنەتتىكى،خۇددى بىر قوساق ئاچامدەكلا ئىدى،بەزىدە ئۇ ئۆيىمىزگە كىلىپ مىسكىنلىشىپ كەتكەن ئاچامغىمۇ پاراڭ سېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى.
كۈنلەر ئازابلىرىمنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشماقتا،شۇ رەنا مۇئەللىم ئالىي مەكتەپتە پىسخىكىنى ياخشى ئۆگىنىپمىدىكىن تاڭ،ئىشقىلىپ مېنىڭ تۈگىشىپ كىتىشىمنىڭ ئالدىنى ئالدى.گەرچە خارەكتىرىم بۇرۇنقىدىن كەمسۆز بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،يەنىلا دەرسلەردە يېتىشىۋالدىم،بۇرۇنقى ياخشى ئوقۇغۇچى چاغلىرىمغا قايتىپ كەلدىم.ئاچاممۇ خېلى تۈزۈلۈپ قالدى.شۇنداق قىلىپ بىر يىل ئۆتتى،مەنمۇ ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشتىم،ياخشى ئوقۇش ئارقىلىقلا ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەنلىرىنى قايتۇرالايدىغاندەك ھېس قىلدىم. ئاچامنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قالغاندا مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يۈك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم.ئۇ مەن ئۈچۈنلا توي قىلمايۋاتاتتى،شۇنداق قىلىپ مەنمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئەلا تاماملاپ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلدىم.
تەتىلنىڭ بىر كۈنى ئاغىنىلىرىم بىلەن توپ ئويناپ قايتتىم،ئۆيگە ئاز قالغاندا بىر ئاكاشنىڭ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم.مەن يىقىنلاپ بىرىۋىدىم،ئۇ ئالدىراپ كېتىپ قالدى.ئۆيگە كىرسەم ئاچام خىيالىدا يوق تاماققا تۇتۇش قىلىۋىتىپتۇ.ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ باقتىم.ئۇ كىم بولغىيدى؟ئاچامغا ئېغىز ئىچىشتىن ئۇيۇلۇپ بۇ ئىشنى ئۆتكەن قىلدۇق.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاچامغا ئەلچىلەر كىردى.لىكىن ئاكاشنىڭ ھېلىقى مەن كۆرگەن ئاكاش ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.شۇنداقتىمۇ ئاچامغا يەنىلا بەخت تىلىدىم.ئويلىمىغان يەردىن پۈتۈشۈپ بولغان توي بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ2ئايلىق كۇرۇسقا بىرىشى بىلەن كەينىگە چىكىندۈرۈلدى.ئاچاممۇ« بۇنداق پۇرسەت قايتا كەلمەيدۇ،بېرىپ ئوقۇپ كېلىڭ »دەپ ئۇنى يولغا ساپتۇ.
تەتىلمۇ توشۇپ مەن ناھىيە بازىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئاچامدىن ئايرىلدىم.ئاچام بىر كىچىك نەۋرە سىڭلىمنى ھەمراھلىققا ئەكىلىۋالغان بولۇپ شۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتاتتى.شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيگە قايتاتتىم.بىر كۈنى بارسام ئاچام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.نېمە بولغانلىقىنى سورىسام« تىزلا ياخشى بولۇپ كىتىمەن»دەپ جاۋاب قىلدى.سەۋەبىنىمۇ دەپ بەرمىدى.لىكىن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭمۇ يېرىم بولۇشى مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.شۇنداق قىلىپ ئاچام توي قىلىدىغان كۈنلەرمۇ يېتىپ كەلدى.توي قىلغان كۈنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ماتەم بولدى.پۈتۈن كىشىلەرنى يىغلاتتۇق.ئاچام بىلەن بىر-بىرىمىزگە ئېسىلىشىپ يىغلايتتۇق،ئۇنى ئىلىپ كېتىشتى،لىكىن مەن ئاچام كەتكەندىن كىيىن خىلى ئۇزاققىچە ئالبۇمنى ئېچىۋىلىپ يىغلاپ ئولتۇردۇم.
تاڭ سەھەردە كۈيئوغۇل ئاكام ئۆيگە ئالمان-تالمان يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى:
-----ئاچاڭ قېنى؟ئۆيگە كەلدىمۇ؟
-----ياق.
-----باشقا ئۆيدە بولمىسۇن يەنە،ئىزدەپ باقايلى!
ئۆينىلا ئەمەس،پۈتۈن مەھەللىنى ئىزدىدۇق،ئىزدىگەندىمۇ ئۇزۇن ئىزدىدۇق.لىكىن ئۇنىڭ ئۆزىلا ئەمەس،بىرەر تال ئىزناسىمۇ چىقمىدى.تېلىۋۇزۇرلاردا ئىلان بەردۇق.قىلمىغان ئىش قالمىدى.لىكىن ئاچام قايتىپ كەلمىدى.
بىر كۈنى كۈيئوغلىمىز مېنى كۆرگىلى مەكتەپكە كەپتۇ،ئۇنىڭدىن سورىدىم.
----ئاچام نىمىشكە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؟
----بۇ....شۇ ....سەندىن ئەنسىرەپ.....ئۆيگە بىرىپ كىلەي،دىگەن.
شۇنداق جىق سوئاللارنى سوراي دىگەن ئىدىم،لىكىن بولدى قىلدىم.قارىغاندا ئاچامنىڭ يۇقاپ كېتىشىدە ئۇمۇ بىلمەيدىغان سىر باردەك قىلاتتى.مەن تېخىمۇ كەمسۆزلەشتىم.ھېچ ئىش خۇشياقمايدۇ.چوپچوڭ تۇرۇپ يىغلاپلا يۈرگەن.شۇلارنىڭ مېنى يالغۇز تاشلاپ قۇيغانلىقىدىن ئاغرىندىم.ئاچامدىن كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرسەم ئەمدى ئاچاممۇ يوق.بىر مەۋسۈمنى شۇنداق كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتۇردۇم. |
|