كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 7

ئالىي مەكتەپ قىزلىرى بىلىشكە تېگىشلىك 20 نوقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالىي مەكتەپ قىزلىرى بىلىشكە تېگىشلىك 20 نوقتا


1. قىزلار ناھايىتى سىلىق-سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى، ھەرگىزمۇ ھازازۇل –قوپال بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەدەپ ئۇقمايدىغان قىزلار ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ؛ ئېسىل، نازاكەتلىك قىزلار ھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.  
2. ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ قىسقا، قىزلار بۇ ۋاقىتتا گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىنى تەربىيىلەشكىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى سىز 25 ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىنلا، قېرىشىش كوچىسىغا قاراپ يول ئالىسىز، بۇ ۋاقىتتا سىزگە ئەسقاتىدىغىنى قورۇق چۈشكەن رۇخسارىڭىز بولماستىن، بەلكى كىشىلىك پەزىلىتىڭىزدۇر.  
3. بىر ئايالنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق، ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىش-ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى توغرا تاللىشىدۇر.  
4. بىر ئەرنىڭ يامان ياكى ياخشىلىقىنى بىلىشتە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر توپ دوستلىرىغا دىققەت قىلسىڭىزلا كۇپايە.  
5. ئاياللارنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنىڭ كېلىشى ۋە قايتىشى ئوخشاشلا تېز. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئاچا-سىڭىللىق ھېسسىياتتىن ئىشەنچلىك، شۇڭلاشقا، سىز ئۇنى قەدىرلىسىڭىز بولىدۇ.  
6. گىرىم بۇيۇملىرىغا سەرپ قىلىدىغان پۇلغا ياخشى كىتابتىن ئىككىنى سېتىۋالغىنىڭىز ياخشى، گىرىم لايىقىدا بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇ سىزنىڭ گىرىم بىلەن بىلىم بىلەن ئۆزىڭىزنى نامايان قىلىدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەس. ئالاھىدە گىرىم قىلغانلار قارىماققا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۆز ئىقتىدارى ۋە ساپاسى بىلەن باشقىلارغا قالدۇرغان تەسىر ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.  
7. ساختا ئوغۇللار دائىم سىزنى ياخشى كۆرىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن ئوغۇل بالا  سىزگە «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ ئالدىراپ دېمەيدۇ، پەقەت دېيىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا دەيدۇ. باشقا ۋاقىتتا سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پەقەت ئۆز كۆڭلىدە بىلىدۇ ھەمدە سىزگە سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ.  
8. ئەگەر بىر ئوغۇل بالا سىزنى بىر كۆرۈپلا باشقىچە ھەۋەسلەردە بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىزدۇر. سىز بىر ناچار ئوغۇل بالىغا يولۇقۇپ قالغانلىقىڭىزغا ئاغرىنىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز سەۋەبچى بولغان.  
9. سىزنىڭ تېخى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى تەقدىم قىلىسىز؟!...
10. ئوغۇللار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سىز ھامان چېكىنىش يولى قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىز ئازابلانغان ۋاقىتتا ھەممىسى كېچىككەن بولىدۇ.   
11. ئوغۇللارنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى بىر خەتنىمۇ تونۇمايدىغان ئوغۇللار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارغا يولۇققاندا بىر پارچە شېئىرغا ئايلىنىدۇ. ئەمما شائىرلار ھەرگىزمۇ رېئال تۇرمۇشتا ياشىمايدۇ.  
12. ئەگەر سىز ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن ھېچيەرگە بېرىپ ئايلانمىغان بولسىڭىز، كىتابخانىلارغا بارسىڭىز بولىدۇ. سىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇڭ، مۇشۇ پەيتنىڭ قانچىلىك رومانتىك ئىكەنلىكىنى ئۇ ھېس قىلماي قالمايدۇ.  
13. بىرى سىزنى ياخشى كۆرسە، سىز ئۇنى ناھايىتى كىچىك ئىشلاردىنمۇ ھېس قىلالايسىز؛ ئوخشاشلا ئەگەر بىرى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، سىز ئۇنى يەنە ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن بايقىيالايسىز.   
14.  ئەگەر سىز بىر يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بىر ئەرنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي ئىشلىرى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، شۇنداق قىلسىڭىز سىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ قالىسىز.   
15. ياخشى يىگىت ھەمراھ ئىزدەيدۇ، يەنى خوتۇن بولغۇدەك ياخشى قىز ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ ئىزدەيدىغىنى ھەرگىزمۇ كوچىدىكى سەتەڭلەرگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ زادى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.  
16. مۇھەببەتلىشىش قانداقتۇر ئالىي مەكتەپتىكى جەزمەن « مەجبۇرىي ئوقۇلىدىغان دەرس» ئەمەس. شۇڭلاشقا سىز ئۇنى «تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس» قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى شۇنداق قىلىڭ.  
17. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سىز كېيىنكى بەش يىللىق ھاياتىڭىزنى پىلانلاشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. سىز ئالدى بىلەن بۇ پىلانغا ئوغۇللارنى كىرگۈزمەڭ، يەنىلا ئۆزىڭىزدىن ئىبارەت بىرلا باش قەھرىمان بۇ پىلاننى ياخشى ئورۇندىسۇن، ھەرگىز ھۇرۇنلۇق قىلماڭ.  
18. ھەر ۋاقىت بۆرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئېھتىيات قىلىڭ، بارلىق ماھارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىڭىزنى قوغداڭ.  
19. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالىي مەكتەپتە ئوغۇللار ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئەرلەر ساناقلىقلا. ئەر بىلەن ئوغۇلنىڭ پەرقى چوڭ. ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار كۈچلۈك-ئاجىزلىق، پىشىش ياكى خاملىق جەھەتتە پەرقلەنمەستىن بەلكى، ھېسسىيات ۋە كەلگۈسى جەھەتتىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. سىز ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە ئاخىرى ئەر بولالايدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.  
20. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت ئۆزىڭىزلا....

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-12-16 19:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار ناھايىتى سىلىق-سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى، ھەرگىزمۇ ھازازۇل –قوپال بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.   ياخشى   گەپ   

باھا سۆز

توغرا دەيسىز. ئەمما بەزى قىزلىرىمىزغا قاراپ باقساق، ياۋرىپا ئەللىرىغا بېرىپ قالغاندەك بۇلىمىز. مىنىڭچە ھەمى تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-20 19:43
ۋاقتى: 2012-12-17 00:06:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ قىزلىرى بىلىشكە تېگىشلىك 20 نوقتا نى تۇلۇق ئىسىدە ساقلاش ھەر بىر ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان بۇرچى دەيمەن. ياخشى تىمىكەن يارايسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-20 19:43:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلخۇش يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 19:17
قىزلار ناھايىتى سىلىق-سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى، ھەر ...

توغرا دەيسىز. ئەمما بەزى قىزلىرىمىزغا قاراپ باقساق، ياۋرىپا ئەللىرىغا بېرىپ قالغاندەك بۇلىمىز. مىنىڭچە ھەمىمىز ئۆزىمىزدىن، ئۆز ئائىلىمىزدىن باشلىساق چۇقۇم ئۆزىمىزنى ھەقىقى تاپالايمىز........
ۋاقتى: 2012-12-22 01:45:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ قىزلىرى ئۈچۈن زۇرۇر بولغان يەرلىك دەرس تۈزۈپ بەرگەن قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت.
بۇ دەرسلىكنى چۇقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس قاتارىغا كىرگۈزگىلى بولسا بەك ياخشى بولغان بولاتتى. چۇنكى، قانچىلىك قىزلار بۇ تىمىنى كۆرەر.......
ۋاقتى: 2013-1-3 15:28:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى مەزمۇنلاركەن، ھەممە قىزلار ئوقىسا بولغۇدەك
ۋاقتى: 2013-1-5 23:39:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى ،ئۇلاردىن چاتاق چىقسا مىللەتتىن چاتاق چىقىدۇ!!!!!!!!!!!!
ۋاقتى: 2013-9-27 20:42:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن،بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىز پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى يول باشچى بولالايدىكەن،رەھمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش