كۆرۈش: 522|ئىنكاس: 6

ئۆتنە ئالەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆتنە ئالەم

مۇھەممەد تۇداجى



بىر ئائىلىدە تۆت جان — موماي(ئەرنىڭ ئانىسى)، ئەر-خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ قىزى ياشايدىكەن. ئاي، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، موماينىڭ قەددى تېخىمۇ مۈكچىيىپ، يۈرۈش -تۇرۇشى قىيىنلىشىپ، قول  -پۇتلىرى تىترەيدىغان، تاماقنى ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان، تولا يۆتىلىپ، تولا تۈكۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئوغۇل، كېلىننىڭ بۇنىڭغا ئىچى پۇشقىلى تۇرۇپتۇ.
    بىر كۈنى ناشتىدا موماي ئالدىدىكى ئىستاكاننى تۇتۇشىغا قولى تىترەپ، ئىستاكان ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭدىكى سۈت داستىخانغا تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. ئوغۇل ۋە كېلىن بۇنىڭدىن بەكمۇ خاپا بولۇپ، ‹‹مەسىلە››نى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ، موماينىڭ غىزالانغاندا تۆكۈپ -چاچقىنىنى تازىلاشقا ئاسان، تۈكۈرۈش، ھاجىتىگە قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن ئۆينىڭ تازىلىق بۆلۈمچىسىنىڭ يېنىغا كىچىك شىرە، ئورۇندۇق قويۇپ، موماينى شۇ يەردە غىزالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرى باشقا ھۇجرىدا غىزالىنىدىغان بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن قىزى بىر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپ  دەپتىرىگە ھەرخىل رەڭدە رەسىم سىزىشقا تۇتۇنۇپتۇ. ئىشتىن يانغان ئەر قىزىنىڭ ئىشىغا قىزىقىپ سوراپتۇ:
  — قىزىم، نېمە سىزىۋاتىسەن؟
     — ئورۇندۇق، شىرەنىڭ رەسىمىنى سىزىۋاتىمەن، دادا، چوڭ بولغاندا يېڭى ئۆي سېتىۋېلىپ، تازىلىق ئۆيىنىڭ يېنىغا مۇشۇ شىرە، ئورۇندۇقنى قويۇپ، سەن بىلەن ئانامنى شۇ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ ئاش -تاماق بېرىمەن، ––دەپتۇ قىز تەبىئىيلا ئەركىلەپ تۇرۇپ. قىزنىڭ گېپى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ. ئۇ بىردە قىزىغا، بىردە رەسىمگە قارىغىنىچە بىرھازا ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ، خوتۇنىنى چاقىرىپ ‹‹كۆردۈڭمۇ؟›› دېگىنىچە يىغلىۋېتىپتۇ.
     قىزىنىڭ سەبى ‹‹تەنبىھى››دىن ئېسىنى تاپقان ئەر-خوتۇن شۇ كۈنىلا موماينىڭ تۇرمۇشىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقانداق ئىشىنى ئېغىر ئالماي، ئەزىزلەپ كۈتىدىغان بولۇپتۇ
  چوڭلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى پەرزەنتلەر ئۈچۈن مۇقەددەس ئۆرنەك. بۇ ‹‹ئۆتنە ئالەم››دەيدۇ كونىلار. شۇڭا، ياش ئاتا-ئانىلار ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىنى قەدىرلەش، ئەزىزلەش، ئۇلارنىڭ تەلەپ، ئارزۇلىرىنى ۋاقتىدا، بەجانىدىل قاندۇرۇش، ھەردەم، ۋايسىماي ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش؛ ئۆزئارا كۆيۈنۈشتىن تارتىپ يۈرۈش-تۇرۇشقىچە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىسا، پەرزەنتلىرىنى مىللەتنىڭ ئېسىل ئەخلاقىغا تويۇندۇرۇپ تەربىيىلىيەلىشى ۋە ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى پەرزەنتلىرىدىن كۆرەلىشىدە گەپ يوق.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-12-15 23:41:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن يارايسىز
ۋاقتى: 2012-12-16 11:39:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن .رەھمەت سىزگە

باھا سۆز

سىلەرگە يارىغان بولسا مەن داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن. بولسا ھەمىمىز ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلايلى! تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-16 15:53
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-16 15:53:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
◤pari◥ يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 11:39
ياخشى تېمىكەن .رەھمەت سىزگە

سىلەرگە يارىغان بولسا مەن داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن. بولسا ھەمىمىز ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلايلى!
ۋاقتى: 2012-12-16 16:30:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 15:53
سىلەرگە يارىغان بولسا مەن داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن. بو ...

ئاتا-ئانا رازى خۇدا رازى دەپتىكەن ، ئاتا -ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان بولمىسا كېرەك . رەھمەت .
ۋاقتى: 2012-12-16 17:02:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا - ئانىمىزنى بىر ئۆمۈر كۈتسەكمۇ ئۇلارنىڭ بىزگە سڭدۇرگەن ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرالمايمىز . بۇ تېمىڭىز بارلىق پەرزەنتلەرگە  بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بوپتۇ .  رەھمەت سىزگە .

باھا سۆز

توغرا دەيسىز. بىز ھەمىمىز ھەمىشە «بىز ئاتا-ئانىمىزغا نىمىش قىلىپ بەردۇق؟» دىگەننى ئويلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك. تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-20 19:45
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-20 19:45:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 17:02
ئاتا - ئانىمىزنى بىر ئۆمۈر كۈتسەكمۇ ئۇلارنىڭ بىزگە سڭد ...

توغرا دەيسىز. بىز ھەمىمىز ھەمىشە «بىز ئاتا-ئانىمىزغا نىمىش قىلىپ بەردۇق؟» دىگەننى ئويلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش