كۆرۈش: 703|ئىنكاس: 5

ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار


ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال: بۇنداق ئايال ئىنتايىن ئېھتىياتچان ،تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ،ئۇششاق –چۈششەك ئويلىغانلىرىڭىزنى سېزىۋالالايدۇ.
ئاق كۆڭۈل ئايال: بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ،سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ. ئۇ، سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، يەنەئاتا-ئانا ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزغا، قوشنا –قۇلۇملىرىڭىزغا ، خىزمەتداشلىرىڭىزغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ ئايالىڭىزنى ماختىغانلىقىدىن سىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
تەبىئىي گۈزەل ئايال: بۇنداق ئاياللار گۈلدەك ياسىنىپ ،كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ،كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ .قۇرۇق ئابرۇي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ. بىراق، ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە يېقىشلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ. چاكىنا ئەمەس، ئۇ سىزنى تەبىئىي مىجەز –خۇلقى ، ساددىلىقى بىلەن خۇشال قىلسا ، ئورۇنلۇق گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئەقىل –پاراسەتلىك: نازاكەتلىك ئايال . ئۇ، ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ،تۇرمۇشتا ئېگىز- پەسنى ، ئاچچىق –چۈچۈكنى ، بار –يوقنى ، ئائىلە شارائىتىنى ، ئىمكانىيەتلەرنى پەملەيدۇ. ئەقىل-ھۇشى بىلەن ئىش تۇتۇپ ،كەم-كۈتە تەرەپلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ، يەنە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئايال پىكرىڭىزنىڭ ئاچقۇچى ، ئىزچىل تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋار ئايال: بۇنداق ئايال كەڭ قورساق بولىدۇ .سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ، جاسارەتلىك، پارەسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ. ئوڭۇشسىزلىقىڭىز بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. قىيىنچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈپ ، ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە تۈرتكەبولىدۇ.
قەدىر–قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال: بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. بىراق ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئىقتىسادنى باشقۇرالايدىغان ئايال: بۇنداق ئايال سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
سۆزگە ئىتىبار بېرىدىغان ئايال: ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئلاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايدۇ. سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-12-14 22:42:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىيمىنى بۇرۇن يوللىغانغۇ . يەنىلا يوللاپسىزدە.

باھا سۆز

بۇرۇن يوللانغان بولسا تېما ئادىرسىنى قالدۇرۇڭ. ئىسپاتىڭىز بولسا كۆرسىتىڭ. ئۇنداق قارىسىغا گەپ قىلماڭ. زەپەر تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-16 15:57
ۋاقتى: 2012-12-14 22:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى تېمىكەن ياقتۇردۇم ،ھەر بىر ئايال بۇ تېمىدا سۆزلەنگەندەك تەسىر بېرەلىسە دىگەن ئۈمۈدتە مەن  .ئاياللار ئائىلىدە  تەسىر كۈچى چوڭ ئەڭ  ئىنسان ، شۇڭا ئاياللار ئائىلىدە پەرزەنتىگە ۋە ئەرلىرىگە ئۈلگە بولالىشى ھەم ئەينەك بولالىشى  كېرەك دەپ ئويلايمەن .
رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-16 15:57:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 22:42
مەن بۇ تىيمىنى بۇرۇن يوللىغانغۇ . يەنىلا يوللاپسىزدە.

بۇرۇن يوللانغان بولسا تېما ئادىرسىنى قالدۇرۇڭ. ئىسپاتىڭىز بولسا كۆرسىتىڭ. ئۇنداق قارىسىغا گەپ قىلماڭ. زەپەر ئەپەندىم. تېما ئىنكاس يازغاندا ئويلىنىپراق، دىگەن گىپىڭىزگە ئاساس تېپىپ قۇيۇپرا سۆز قالدۇرۇڭ. بولمىسا مات بۇلۇپ قالسىز...................................
ۋاقتى: 2013-9-28 18:59:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن،ئەرلەر كۆرۈپ،ئۆز ئاياللىرىنى تىخىممۇ قەدىرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
ۋاقتى: 2015-1-16 16:18:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەيلى بۇرۇن يوللانسۇن ياكى يوللانمىسۇن مەن ئۈچۈن يېڭى تېمىكەن.تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى كۆپ كۆرگەننىڭ زىيىنى يوق.بىز ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە  ئىھتىياجلىق.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش