| [توپ ئويۇنى
بۇ ئويۇننى قىزلار ئوينايدۇ. تۆت بەش قىز توپنى نۆۋەتلىشىپ ئويناپ قوشاق ئېيتىدۇ. شەرت: توپنى قاچۇرماسلىق ھەمدە قوشاق ئېيتىشتا دۇدۇقلاپ قالماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشاقنى توپنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىش كېرەك. توپ قولدىن چۈشۈپ كەتسە ياكى قوشاق ئېيتىشىشتا دۇدۇقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئوينايدۇ. قوشىغى تۆۋەندىكىچە: - چىگىچى، بۇغدايچى، - خەمىگى دۇغدايچى. - كېچىلەپ زۇۋانى قوي، - زۇۋىنىڭ قايسى قىز. - ئەڭ كىچىگى ۋوپا قىزى - ۋوپانى ۋوپا دىمەڭلار، ۋوپا يالغانچى بولار. - ۋوپادىن كۆر بوۋاڭنى تاپ، - بوۋا بەك ياخشى بولۇر. - بوۋىنىڭ بىر تال تۈكى، - ئىشەككە ئاغامچا بولۇر. - ...................... - ئۇچۇپ چىقتىم ھاۋاغا، - سەكرەپ چۈشتۈم دەرياغا. - دەريا سۈيى قۇيالدى، - پاتمىچۇقلار بويالدى. - بىرىنىڭ ئېتى كۇچۇلا، - بىرىنىڭ ئېتى پۇچۇلا. - ئاپپاق ساقال بوۋىلار، - قىلدى نەچچە توۋىلار... - ........................ - ھاۋا- ھاۋا، ھاۋاچاق، - چاۋا تەردىم بىر قۇچاق. - چاۋانى ئېلىپ قاچتى، - پاقا بىلەن قۇمۇچاق. - ئۆتۈگۈم دىستا ئۆتۈك، - مېڭىشىم تاراق- تۇرۇق. - روزىنىڭ ئون بەشىدە. - چۈشتى غازاڭ شاراق-شۇرۇق. - ...................... - يولدىشكامنىڭ بىر قىزى، - باسما كۆينەك كىيىپتۇ. - باسما كۆينەك كىيگەندە، - ھىلىمبەككە تېگىپتۇ. - ھىلىمبەككە تەككەندە، - ئالتە بالا تۇغۇپتۇ، - ئالتە بالا بەرى پوق، - ئېيتاي دىسە لاتا يوق. - لاتا دىگەن ئۆگزىدە، - چىقاي دىسە شوتا يوق. - شوتا دىگەن دەرەختە، - كېسەي دىسە پالتا يوق. - پالتا دىگەن بازاردا، - ئالي دىسە پۇلى يوق. - پۇل دىگەن ساندۇتا، - ئاچاي دىسە ئاچقۇچ يوق. - ئاچقۇچكاملار ئۆلۈپتۇ، - ئاق مازارغا كۆمۈپتۇ. - ئاق مازارغا بىر دەمدە، - ئاق تىكەنلەر ئۈنۈپتۇ... - يىغلايدىغان ئادەم يوق - ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ... - ..................... - قوشاق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ.
|
|