كۆرۈش: 449|ئىنكاس: 5

ئونغا بىرنى قوشالمىغان گۆدەك قىزنى ئۆلگۈدەك ئۇرغان ئوقۇتقۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شام ئۆزى كۆيۈپ تۈگىسىمۇ، باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ. بىز ئەزەلدىن ئوقۇتقۇچىلارنى كۆيۈۋاتقان شامغا ئوخشىتىمىز، چۈنكى ئۇلار ئىللىق مېھرى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىنى يورۇتىدۇ. بىراق تەييۈەن شەھىرى لەنتيەن بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا، بۇ نامغا ماسلاشمىغان ھالدا كىچىككىنە خاتالىق ئۈچۈن بەش ياشلىق قىزىنىڭ يۈزىگە ئون نەچچە تەستەك سالغاننى ئاز دەپ قىزنىڭ يۈزىنى ئوتىۋالغان. ئوقۇتقۇچىنىڭ بەش ياشلىق قىزنى ئۇرغان جەريانى بالىلار باغچىسىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىغا چۈشۈپ قالغان.
خەن ئەپەندى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكە بەش مىنۇت قالغاندا بالىلار باغچىسىغا قىزىنى ئالغىلى بارغان. بىراق ئويلىمىغاندا قىزىنىڭ ئىككى يۈزىنىڭ قىزىرىپ كۆزىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالغان. خەن ئەپەندى قىزىغا زادى نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئاخىرى بالىلار باغچىسىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرگەن. دەرۋەقە 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا ئوقۇتقۇچى خەن ئەپەندىنىڭ بەش ياشلىق قىزىنى دەسسەپ، تېپىپ ئۇرغان، ئاندىن قىزچاقنىڭ يۈزىگە ئارقا-ئارقىدىن ئون تەستەك سېلىپ قىزنىڭ يۈزىنى قاماللاپ تۇرۇپ سىلكىگەن. ئوقۇتقۇچى قىزنى ئۇرۇپ پۇخادىن چىقماي قىزنىڭ يۈزىنى ئوتىۋالغان.
خەن ئەپەندى كۆزىتىش ئاپپاراتىغا چۈشۈپ قالغان كۆرۈنۈشلەردىن يەنە قىزى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان تۆت بالىنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېگەنلىكىنى كۆرگەن. خەن ئەپەندىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ياۋۇز ئوقۇتقۇچى بالىلارغا قوشۇش بىلەن ئىلىش ئەمىلىنى ئۆگەتكەن. ئاندىن خەن ئەپەندىنىڭ قىزىدىن ‹‹ئونغا بىرنى قوشسا نەچچە بولىدۇ؟›› دەپ سورىغان، بىچارە قىز جاۋاب بېرەلمەي بىر نەچچە مىنۇتقىچە قاراپ تۇرغان. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئاچچىقلىنىپ قىزنى ئۇرغان.
بالىلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچى يېڭىدىن كەلگەن بولۇپ سىناپ ئىشلەش ۋاقتى توشمىغان ئىكەن. بالىلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئايال ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشاتقان.
ئىگىلىنىشىچە، خەن ئەپەندى قىزىنى ئۇرغان ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشۈپ 500 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەنبە: ئۇلىنىش تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-11-2 23:32:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى ناھايتى يۇقىرىكەن . رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2012-11-3 10:21:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 ياشلىق بالىغا قوشۇش-ئېلىشنى ئۈگىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى
ۋاقتى: 2012-11-3 19:33:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئۇقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۈزىنى ئۇرىشى كېرەك ،بۇنداق دىسەم بەك «قىزىل مالىم»ئىكەنسىز دىيىشىڭلار مۇمكىن ئۇقۇغۇچىنىڭ سەن ئۈگەتكەن نەرسىنى بىلمىگەنلىكى ،ھەرگىزمۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ دۆتلىكىدىن ئەمەس بەلكىسىنىڭ ئۈگۈتۈش ئۇسۇلىڭدا مەسىلە بار ،ياكى بولمىسا سەن ئۇنى قىزىقتۇرالمىدىڭ شۇڭا بىلمىدى.....ئەجىبا شۇ دۆت بالا تىلۋۇزۇردىكى «شادىمان قۇزىچاق،كۈلرەڭ بۆرە» فىلىمىنى ئىسىدە چىڭ تۇتۇۋالىدىغۇ.....؟جىق سۆزلەپ كەتتىم ھە.....ھى ھى
ۋاقتى: 2014-8-13 05:21:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىسخىك ئاجىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئۇنۋېرسال كىسەللىك سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش -تىللاش ، ئەسەبىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈر بىرىدۇ ، ئۇنداقلارغا چوقۇم تەنقىد ۋە تەربىيلەشنى تەڭ قوللىنىش ، ئېغىرراقلىرىنى مائارىپ سىپىدىن تازىلاش كىرەك .
ۋاقتى: 2015-1-19 21:26:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك ئەھۋال ئىكەن ، سۇغۇققان بۇلۇش  قىيىن مەسىللەرنىمۇ كۆپ ئاسانلاشتۇرىدۇ، بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچىلار تەن جازاسىدىن  بەك ئىھتىيات قىلىش كىرەك .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش