كۆرۈش: 3107|ئىنكاس: 42

بايقاشتا روزى ھېيتلىق مەشرەپ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايقاشتا روزى ھېيتلىق مەشرەپ

029.gif

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى! يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز روزى ھېيتىمىزنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مۇنبىرىمىزدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى لايىق تاپتۇق. كەمىنى گۈل چاينى قۇلۇمغا ئالغان ھامان بۇ ئىشقا تىزدىن تۇتۇش قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ئىش قىلغان بولساممۇ يىتەرلىك بولالمىغان تەرەپلىرى بولىشى ئىنىق. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كەم جايلىرىنى تۇلۇقلاپ،  روزى ھېيىتلىق مەشرىپىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزىشىمىزگە كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز.
ئالدى بىلەن مەشرەپ قائىدىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىۋېتىپ ئاندىن باشلاپ كىتەي.
مەشرىپىمىزگە مۇنبىرىمىىزدىكى ھەممە ئەزا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە، مەشرەپ سەھنىسى ھەممىمىزگە ئوچۇق. پۈتكۈل مەشرەپ مۇشۇ تىمىدا تاماملىنىدۇ،  سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرغان روزى ھېيىتلىق ئايمىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شىئېر، لەتىپە، چاقچاق، يۇمۇر، كۈلدۈرگە، تېپىشماق، ناخشا- مۇزىكا ۋە رەسىم دىگەندەكلەرنى كەڭ كۇشادە  ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىىز بولىدۇ.، ساقلىۋالغىنىڭىزنى يازسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىز ئىجاد قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن مەشرىپىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان مۇشائىرىنى چوقۇم ئۆز ئىجادىيىتىڭىز ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇسىز، يەنى مەن بىر كوپلۇت مۇشائىرە توقۇيمەن بىر ئەزا ماسلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇىدۇ. ئۇنىڭكىنى يەنە بىرى داۋاملاشتۇرۇدۇ... مۇشۇ بۇيىچە داۋاملىشىدۇ.
ئەمىسە قالغان جايلارنى مەشرەپ داۋامىدا يىگىت بېشىدىن سورىغايسىلەر. مەشرىپىمىزنى باشلاپ كىتەيلى!


بايقاشتا روزى ھېيتلىق مەشرىپ


مۇنبىرىمىزنىڭ گۈلى بولغان ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز. كەڭ مەشرەپ ئەھلى ! كەمىنە يىگىت بېشىدىن ھەممىڭىزلار بايقاش نامىدىن ئوتلۇق سالام!
ھەممىڭىزلارنىڭ قۇتلۇق روزى ھېيتلىق ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
روزى ھېيىت-ئەلمىساقتىن باشلاپ ئاتا بوۋىلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىككى چوڭ ئايەملىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ بارلىق مۇسۇلمان ئاممىسى بۇ ئايەم كۈنلىرىدە بارلىق كۈڭۈلسىز، ئۆچ -ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، ئۇرۇغ-توغقان، خۇلۇم-خوشنىلار، دوست-بۇرادەرلەر بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلىشىپ خال-مۇڭدىشىپ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرشنى ئۇدۇم قىلىپ كەلگەن. مانا بىز بۈگۈن بۇ يەرگە ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن جەم بولغۇلىۋاتىمىز. ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز، چوڭ-كىچىك، ئورۇق - سىمىز ھەممىڭلارنىڭ تارتىنماي مەشرەپ سەھنىسىگە چۈشۈشۈڭلارنى چاقىرىق قىلىمىز.
مەشرىپىمىزنىڭ رىتىملىق بولۇشى ئۈچۈن  يېگىت بېشىلىق ۋەزىپىسىگە ئاتامان خوشەن   ئەپەندىم ۋە مەن ئامان ئۆتەيمىز. مىرشاپلىق ۋەزىپىسىگە كارول1 بىلەن ئەسرار ئەپەندىمنى بىكىتتۇق، قىلىدىغان ئىشنى بىلەلمىگەن، ئولتۇرغىلى ئورۇن تاپالمىغان ، ئۇسساپ-  ئېچىپ قالغانلار بولسا مىرشاپ بىلەن بىۋاستە دىدارلاشساڭلار بولىدۇ. تەرتىپكە بويسۇنماي ئېگىز-پەسلىك قىلغانلارنى، يۈزىگە قارا سۈركۈپ ئىشەككە تەتۈر مۈندۈرۈپ مۇنبەر كوچىسىنى سازايە قىلىش، بۈشىكىدە ياتقان ۋاقتىدىكى سىيۋەتكەن رەسىمىنى ئاشكارلاش، تۆت غۇلاچ ئارلىقتىن مۇنبەر تېمىسىنى سۆيدۈرۈش... قاتارلىق جازالار بىرىلىدۇ.

بايقاش مۇنبىرىنىڭ 2012-يىللىق روزى ھېيتلىق مەشرىپى رەسمى باشلاندى



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +18تىللا +18تۆھپە +18شۆھرەت +18يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 10 + 10 + 10 + 10ياخشى تېما.
火山 + 8 + 8 + 8 + 8بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-17 18:20:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزا ھىيت


ئايەم بۈگۈن روزا ھىيت بۈگۈن ،
ياڭرار دىلدا شادلىق قاينىمى .
شاد ناخشىمىز ياڭرىسۇن جۇشقۇن،
ھىيت بۇ ئەمەس غىرىپ ھال مۇڭى.

يىلدا كىلەر بىرلا بۇ ئايەم،
ئويناپ ئۇسسۇل سالايلى ساما .
ئۇنۇتماڭ ھەم چوڭلارنى يوقلاڭ،
خۇشال بولسۇن شۇ ئاتا -ئانا .

ئايەم بۈگۈن روزا ھىيت بۈگۈن،
خۇشال خۇرام ئوينايلى دوستلار.
ئۇلۇغ ئايەم ئۇلۇغ كۈنلەردە،
ئۆچ ئاداۋەت يوقالسۇن دوستلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 03:58  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
火山 + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-8-17 20:11:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىن بىر نەچچە پارچە رەسىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 22:25  

ۋاقتى: 2012-8-17 20:13:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا باشلىنىپ كىتىپتىغۇ، ئەپسۇس مەن قاتنىشالمايدىغان بوپ قالدىم، مەن ئۆيگە كەتكىلى تەييارلىق قىلىپ بولغان ئەتە سەھەردە ماڭىمەن،
بارلىق دوسلىتىمنىڭ ئايەم كۈنى خۇشال - خۇرام ئۆتكەي، بارلىق دوسلىرىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئىشىگە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2012-8-17 21:31:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەسراردىن مۇنبەر ئەھلىگە ئايەملىك سالام ! ئايىمىڭلار مۇبارەك بولسۈن !
روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپنىڭ ناغرىسىمۇ چىلىنىپ بولدى،مەشرەپ ئەھلىگە مەلوم بولغىنىدەك «ئالىم بۇلاي دىسەڭ مەكتەپكە بار ،ئادەم بۇلاي دىسەڭ مەشرەپكەبار »دىگەن تەلەپكە ئاساسەن بارلىق مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالدى بىلەن ئايىمىنى مۇبارەكلەيمىز ،ئايىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن ! ئۇتتۇز ئۇغۇل ،تۇققۇز قىز مەيدانغا تەڭ بولسۇن !  بايقاش خانىم -قىزلىرى بايقاش ئاشخانىسىدا ئۆزى بىر قوللۇق سالغان ساڭزىنى مەشرەپ ئەھلى تېتىپ كۆرسۈن قىنى مەرھەممەت !چۈنكى ساڭزا ھېيتنىڭ خاسىيىتى ،داستىخاننىڭ كۆركى ئەمەسمۇ!
s.jpg

ئەمدى مەشرەپ گۈل چىيىنى ئىلىپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بايقاشنىڭ موتىۋەر كاتتىلىرى،بايقاش سەردارلىرى ،بايقاش مەشرىپىنىڭ يىگىت  بېشى ئاتامان خوشەن ئەپەندى ۋە ئامان ئەپەندىمنىڭ مەشرەپ باشلاش ئىجازىتىنى ئالايلى!
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 21:41  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
火山 + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-17 22:00:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا ئايەم

ئامان

كەلدى ئايەم، كۈلدى ئالەم، بارچە دىللار يايرىدى،
           ياسىنىپ دەريا-ئېكىنزار، بارچە قۇشلار سايرىدى.
                                 گۈل چىرايلار،خۇش چىرايلار خۇش بېقىپ، ھەمدەم بۇلۇپ،
                                ئۆم-ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ناخشا كۈيى ياڭرىدى.
              سەنمۇ كەل سورۇنغا دوستۇم، قىزىتايلى بەزمىنى،
                         پەن-مائارىپ گۈلشىنى-بايقاشتا مەشرەپ قاينىدى!


2012-يىللىق رۇزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بايقاش مەشرىپى ھازىر باشلاندى!!!

029.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 15:55  

ۋاقتى: 2012-8-17 22:02:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ رۇزا ھېيتنى مەنلىك يېڭىچە پائالىيەت ئىچىدە خۇشال ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن!@
بۇ كۈندە ئارىمىزدىكى ئارازلىقلارنى تۈگىتىپ ،ئېتتىپاق ئەمەسلەرنى .ئەپلەشتۇرۇپ ياخشى ئىش پائالىيەتلەر بىلەن باشلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن !
پېقىرمۇ  كەڭ دوستلارنىڭ رۇزا ھېيىتلىق پائالىيىتىنى كۈڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بىر كىشلىك كۈچۈمنى چىقىرىمەن!

باھا سۆز

ئەمسە بۇ تىپىشماقنى تىپىڭ ئاكا ئادەمنىڭ ئۆمرى قانچىلىك ؟ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-8-17 22:36
ئەمسە بۇ تىپىشماقنى تىپىڭ ئاكا ئادەمنىڭ ئۆمرى قانچىلىك ؟  ۋاقتى: 2012-8-17 22:35
ۋاقتى: 2012-8-17 22:36:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
火山 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 22:02
ھەممىڭلارنىڭ رۇزا ھېيتنى مەنلىك يېڭىچە پائالىيەت ئىچى ...

  ئەمسە بۇ تىپىشماقنى تىپىڭ ئاكا ئادەمنىڭ ئۆمرى قانچىلىك ؟

باھا سۆز

ئەجىبا تىپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدىڭلارمۇ ؟ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-8-18 12:54
ۋاقتى: 2012-8-17 22:59:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، روزى ھېيتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!

مەن قېرىنداشلىرىمغا ئايەملىك ئاددىي بىر سوۋغا ئېلىپ كەلدىم، قوبۇل قىلىشىڭىزلارنى سورايمەن.

-ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

ئىككى شىڭگىل تاققا-تۇققا گەپ

بىرگە بىرنى قوشسام ئىككى چىقمىغىنى نېمىسى؟ ئىشقىلىپ ئەرلەر خالاسىغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەر دەپ قالمىساملا بولدى. ھە راست، دۈمبەم قىچىشقان تۇرسا مەيدەمنى قاشلاپ نېمە قىلاي؟ ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ ئۆلمەسلىككە پايدىسى بار. ئېشەك دېگەننىڭ مۈڭگۈزى يوقتۇ؟ يول ماڭغاندا ئوڭ قولنى بېسىپ مېڭىش ئاناڭدىن قالغان ئۇدۇمكەندە! بۇنىڭغۇ كارايىتى چاغلىق، يەنە يەكشەنبىدىن كېيىن دۈشەنبە كېلەرمۇ؟ ئايرۇپىلان دېگەن ئۇچىدىغان تۇرسا پۇتۇم بىلەن ماڭمامدىمەن ئەخمەق! ئەگرى پاچاققا دوناي توقماق دېگەن گەپ بارغۇ بىزدە، دوختۇر بىلەن ئۆلۈكنىڭ نېمە ئىشى دەيسەن! قاچان تۇغۇلغۇنۇمنى ئانامدىن سورسام بولمامدىكەن؟ تېلىۋېزوردا ئېلان ئاۋۇپ قالدى،«ئۇر توقمىقىم، ئۇر توقماق»!
«ئۈرۈكنىڭمۇ مېغىزى بار، شاپتۇلنىڭمۇ مېغىزى بار، ئەمەلدارلار يەپ تويماس، ئەجدىھانىڭ ئېغىزى بار!..» ئەجەپ قوشاقكىنە بۇ. كىچىك تەرىتىم قىستىسا، جىنايەت دىگىلى بولماس. بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. بۇيىل قىشتا سوغۇق بولغىدەك. ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسى ھەم ئۇزۇن، ھەم سېسىق دېگەن شۇمۇ نېمە؟ شۇنداق قىلىپ، موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە بولمامدۇ ئەمىسە! شۇنىسى ئېنىقكى، تۇغۇلماسلىققا ئامال يوق. ئەسكى تامنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىن قورقساڭ، سېنى ساراڭ دېگىلى بولمايدۇ-دە. «ئىشتانباغ» دېگەن نەلەردە قالغان گەپكەن ئۇ! خوتەننىڭ گېلىمى ھېلىمۇ ناھايىتى داڭلىق. گۆشنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتسە كەتسۇن، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنىڭ ئارىلىقى 1500كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇش دېگەننىڭ قانىتى بار نەرسە، يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسمىسەڭ ئۇچۇپ كەتمەمدۇ ئەمىسە! ئۆزۈمنى تازا بىر كېلىشتۈرۈپ تىللىيالىسام كاشكى، ھىجىيىپلا كېتەتتىم. مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇم 13579085128، قانداق؟ ئۇزاقتىن بۇيان پويىزنى ئېشەك ھارۋىسىغا سۆرەتكەننى كۆرمەكچى بولغانلارنى ئىزدەپ يۈرەتتىم، ئارىدا بىرسى ئاممىۋىي ئاپتۇۋۇزدا شېغىل توشۇپ مىليۇنېر بوپتۇدەك! مەن دېگەن بەرىبىر مەن، كالتا ئىشتان كەيمىسەم قانداق بولغىنى؟ بوپتۇلا، مەن تاماق يېمىسەم ئاشخانا خوجايىنى ئاچ قالغۇدەك، ماشىنا كىراسى ئەجەپ ئۆرلەپ كەتتا!
ئايغا چىقماقچى بولساڭ، شوتا سېتىۋالىمەن دەپ ئاۋارە بولما. چاپىنىڭنىڭ يېڭىغا بۇرنۇڭنى ئېيتىپ يۈرمە، زۇكامنىڭ دورىسى ھەممە يەردە بار. كۈلكە دېگەننى ئۆتنە ئالغىلى ياكى تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغىلى بولمايدىغۇ دەيمەن. ھېلىقى گەپكە كەلسەك، ئۇچۇپتۇ،  ئۇچۇپتۇ،  ئۇچۇپتۇ، بىر تاغقا چۈشۈپتۇ. دۇتار بىلەن دۇڭ چىقىرىپ، ناخشا بىلەن مۇڭ چىقىرىپ ئولتۇرغان بىر يىگىتكە كۆزى چۈشۈپتۇ. يىگىتنىڭ يا ئىسمى، يا جىسمى يوقكەن، تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بۇيەرگە ماكانلاشقانكەن. يىگىت بۇتاغقا پادىشاھكەن، لەكمىڭ پۇقراغا باشپاناھكەن... بۇنىڭ ئۆزى كونا كىگىزدىن ژۇڭ چىقىرىپ يۈرگەندىن كۆپ ياخشىغۇ دەيمەن. تاغقا مايمۇن پادىشاھ بولىۋەرسۇنمۇ ئەمىسە. يولۋاس، مەندە نېمە ئۆچۈڭ بار سېنىڭ؟ سېنى مۈشۈك ئائىلىسىگە كىرگۈزۈپ قويغان مەنمىدىم؟ ھاپتىغا شاپتى، توڭرۇلۇققا مەرەزدار، قاتتىق نانغا قايناقسۇ، يىرتىق قاپقا سۇيۇق پوق دېگەن گەپ بار-دە.  ئاۋۇ نەسىردىن ئەپەندىمغۇ دەيمەن.- ئەپەندىم، ئوبامانى تونۇمسىز؟ جانبازلىق دېگەن ئىت تالاشتۇرۇشنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى، شۇڭا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش خەتەرلىك. توخۇ بىلەن توشقاننىڭ 48 لىكىنى بىلگىنىڭ بىلەن يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئالالمايسەن. مەنغۇ  45 ياشقا كىرەي دەپ قالدىم، ئەمما بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە ھېچنېمە يوق تۇرغىدەك، ھېچنېمىنىڭ قېشىدا يوغان بىر تاش، تاشنىڭ كۆزىدە ئىككى تامچە ياش، قولىدا بولسا بىر چارا ئاش، ئاشتا ماش، ماشتا تاش، تاشتا باش... تۇرغىدەك. ئوھوي، خەخنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتۇش ماھىرى بولۇپ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىۋاتسا بىزنىڭ مۈشۈكلەر گۆش پولو بىلەن قوۋۇرغا كاۋاپ يەپ چاشقانلار بىلەن ئىچ پەش تارتىشىپ يۈرەمدۇ نېمە؟ بۇھەپتە D3 ئويۇنىدا«ئا» ئەپەندىگە كاتتا مۇكاپات چىققۇدەك. قاپاقنىڭ پېلىكىگە قاپاق چۈشمەي  قوغۇن چۈشەمتى ئەمىسە!
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 23:04  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
火山 + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-8-17 23:40:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشرەپ ناھايتى قىزىپ كىتىپتۇ .بارلىق تورداشلارنىڭ ئورتاق بەھرىمان بۇلىشىنى سۇرايمەن .كىلىڭلار دوسلار، بۇ ئۇلۇغ ھىيىت بەزمىسىگە ئاتاپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان گۈزەل چاغلاردىن بىرلكتە پەيزىسنى ئورتاق سۈرەيلى.بارلىق تورداشلارنڭ رۇزى ھېيىغا مۇبارەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش