كۆرۈش: 396|ئىنكاس: 3

قايسى خىلدىكى ئەھۋاللار داۋالاش ھادىسىسى ھېسابلانمايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قايسى خىلدىكى ئەھۋاللار داۋالاش ھادىسىسى ھېسابلانمايدۇ؟


گوۋۇيۈەننىڭ« داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار داۋالاش ھادىسىسى ھېسابلانمايدۇ:
(1) ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي تېببىي تەدبىر قوللىنىش تۈپەيلىدىن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا؛
(2) داۋالاش جەريانىدا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نورمالسىز بولۇش ياكى تېنى ئالاھىدە بولۇش تۈپەيلىدىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا؛
(3) ھازىرقى تېببىي پەن- تېخنىكا شارائىتىدا مۆلچەرلىگىلى ياكى ساقلانغىلى بولمايدىغان يامان ئاقىۋەت كۆرۈلگەن بولسا؛
(4) خاتالىق بولمىسىمۇ قان بېرىشتىن يۇقۇملىنىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا؛
(5) بىمارنىڭ سەۋەبىدىن دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش كېچىكىپ قېلىپ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا؛
(6) تاقابىل تۇرغۇلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا.


مەنبە: ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 16:00  


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-5-15 16:58:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بەلگىلىمىلەر ئىكەن.
ۋاقتى: 2012-5-15 18:41:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك زۆرۈر مەسلىكەن .رەھمەت سىزگە !
ۋاقتى: 2012-5-15 20:10:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش