| يالقۇن روزى ھەققىدە
يالقۇن روزى ھەققىدە ئاپتورى:ئەبەي تارىم يالقۇن روزى ئىلىم ئەھلىگە، خەلقىمىزگە تونۇلغان ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى، ئوبزورچىلىقى ساھەسىدە چاقنىغان يۇلتۇزىمىزدۇر . ھىچكىم دېيىشكە ، يېزىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ،بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىنىپ مەدھىيلىنىپ قالىدىغان، ماقالا ، ئاپتورلار ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن ،زېھنىدىن ، لىلا باھالىشىدىن ئۆتۈپ كېتەلمەيتتى . بۇ ئۇنىڭ ئوبزورچىلىق قوشۇنىمىزدىكى ئالاھىدە ئورنىنى بەلگىلىگەن ۋە بىزنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرىپىدۇر. ئۇ ئوبزوزچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئوبزورچىلىق قىلىشتىكى مۇددىئا- نىشانىدىن ئېغىشماي مېڭىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىد-ئوبزورچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى ۋە قوشۇۋاتىدۇ . ئۇنىڭ مەرھۇم ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يىرىك تارىخى رومانى < ئويغانغان زېمىن> گە يازغان " ئويغانغان زىمىن " دىن ئويغانغان پىكىرلەر، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ <ھايات شۇنداق> رومانىغا يازغان " سۈنئىي رىئالىزىملىق رومان- <ھايات شۇنداق> قا باھا" ، پەرھات تۇرسۇننىڭ < ئۆلىۋېلىش سەنئىتى> رومانىغا يازغان "ئەدەبىياتىمىزدىكى ئازغۇن روھ" ، ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ < بۇرۇت ماجراسى> ھىكايىسىگە ۋە < خاسىيەتلىك قار> پوۋىستىغا يازغان" زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت"،< بۇرۇت ماجراسىنىڭ قىممىتى >، سەردار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ <قەشقەر كوچىلىرى> ھېكايىسىگە ، <ئاتا> رومانىغا يازغان < قەشقەرھەققىدىكى يېڭى ئەپسانە> ،" ئاتا رومانىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىن دوكلات"، "ئەدەبىياتىمىز مۇنازىرىگە مۇھتاج " قاتارلىق ئوبزورچىلىققا دەسلەپ كىرىشكەن چاغلىرىدىكى ماقالىلىرى ئۇيغۇر ئوبزورچىلىق ساھەسىدە ناھايىتى زور زىلزىلە قوزغاپ ، ئوبزورچىلىق ساھەسىنىڭ پەۋقۇلئاددا جانلىنىشىنى ، شۇنداقلا < يالقۇن روزى ئوبزورچىلىقى > ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى دېسەك، ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز . ھىلىھەم ئاشۇ يىللاردا يېزىلغان ئوبزورلار تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن يالقۇن روزى ئەدەبىي تەنقىدچىلىگىنىڭ گۈلتاجىسى بولۇشقا مۇناسىپ دەپ قارايمەن . بۇ ئوبزورلارنىڭ زىلزىلە قوزغىشى، ئوبزورچىلىقىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە بولمايدىغان دەرىجىدە جانلاندۇردى دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى ، ئىلگىرىكى ئوبزورچىلىقىمىز شەكىللەندۈرگەن نوپوزلۇق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ نۇقسان بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارمۇ ئورۇنلۇق تەنقىدنىڭ ئوبىكتى بولالايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەنلىكىدە ئىدى . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئوبزورچىلىقىمىزنى يېپيېڭى يۈنىلىشكە باشلاپ يېڭى دەۋر " ئوبزورچىلىقى" غا باشلاپ كىردى دېيىشكە بولاتتى . يالقۇن روزىنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىر - بىرىدىن ئېسىل يازمىلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇلۇغ ئۇستازىنىڭ بۈيۈك تۆھپىسىنى، يېتۈك ئالىم ئىكەنلىگىنى خەلقىگە بىلدۈرگەنلىكىدە . ئۇنىڭ بېۋاستە قول تىقىشى بىلەن نەشر قىلىنغان <ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى> ، < يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت>، < قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>، < فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى، (تولۇقلانغان نۇسخىسى)> قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ ، پەسىيىپ قالغان كىتابچىلىقىمىزغا ئەڭ يېڭى ھۆسىن قوشۇپ، ئالىمنى ياد ئېتىۋاتقان، سېغىنىۋاتقان، چۈشىنىشكە باشلىغان خەلقىمىزنى ئالەمچە خۇش قىلدى . يالقۇن روزىمۇ ئۇستازى قاتارى ئېزگۈ كۆڭۈللەرگە <ئۇستازىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ، ئۇستازىنى ھەقىقى ياد ئېتىدىغان شاگىرتنىڭ ئۈلگىسى >بولۇپ تونۇلدى . ئۇنىڭ يەنە ئالىم ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان < ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى > ناملىق ماقالىسى پۈتۈن رايونىمىزدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زىلزىلە قوزغاپ ئالىمنىڭ نۇرانە ھاياتىنى، كىشىلىك پەزىلىتىنى ،ئىجادكارلىقىنى بىلدۈرۈشتە ئاجايىپ زور رول ئوينىغانىدى . خىزمەتچىلەردىن باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان ، تراژى ئۇنچە كۆپ ئەمەس < ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى> مۇ ئۈشبۇ ماقالە بېسىلغانلىق سەۋەبىدىن سېتىلىپ تۈگەپ ئەتىۋارلىق گېزىتكە ئايلىنىپ، تونۇلۇپ قالغانىدى . مەن گېزىت نەشردىن چىقىپ بەش يىلدىن كېيىن يەنى 2000- يىلى 7 - ئايدا (ئۇ ماقالە 1995-4-1- بېسىلغانىدى.) ئۈرۈمچىگە بارغىنىمدا دۆڭكۆۋرۈك رەستىسىدە چار بازارچى بالىلارنىڭ < ئەڭ نوچى ماقالە مىشەدىغۇ، قېنى ئېلىۋېلىڭلار ! ئاز قالدى> دەپ ۋارقىراپ سېتىۋاتقان يەردىن قىستىلىپ يۈرۈپ سېتىۋالغانىدىم، ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن . يالقۇن روزى مانا مۇشۇنداق 5 يىلدىن كېيىنمۇ ماقالىسى بەس -بەستە سېتىلغان خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ ، چاڭقاپ تۇرغان قەلبلەرنى ئۇزۇنغىچە لەرزىگە سالغان ، مۇشۇ خىلدىكى شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر ئوبزورچىمىز، قېرىندىشىمىز بولسا كېرەك .( بۇ گېزىتتە ھوسۇللۇق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭمۇ بۇ ماقالا بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ،ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان <ئۇ كەلمەسكە كەتتى> دېگەن ماقالىسىمۇ بار .) يالقۇن روزى يالغۇز ئۇستازى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابىنىلا نەشر قىلىشقا ھەسسىسىنى قوشۇپلا قالماي ، ۋىجدانلىق، ئىلىمسۆيەر ، ئېسىل كىتابلارنى پىلانلاپ نەشر قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىمىزنى بېيىتىشقا كۈچ قوشۇۋاتقان ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن يازغان < مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر> ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش) ناملىق كىتابنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا، ياش ئالىمىمىز ئەسئەت سۇلايماننىڭ " تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ"، " ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيىتى"، " تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە" ، مەدەنىيەت تارىخ تەتقىقاتچىسى غالىپ بارات ئەركنىڭ " كروراننىڭ سىرى"، ئۆمەرجان سىدىقنىڭ " ئىدۇقۇت ئوغلانلىرى" قاتارلىق تارىخ مەدەنىيەتكە دائىر قىممەتلىك كىتاپلارنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈنمۇ زور ئەقىدە - كۈچ چىقاردى . ( مېنىڭ بىلىشىمچە) ئۇنىڭ ئوت يۈرەك شائىر ، مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھايات يولىنى بويلاپ ئىزدىنىپ < تەۋپىقشۇناس> بولۇپ بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان . < ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى>، < ئۇنتۇلغان ئەڭگۈشتەر - تەۋپىق روھى >، < مەمتىلى ئەپەندى> ،< مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۈرىتىنى ئىزدەش> قاتارلىق ئەسەرلىرى ، ئىزدىنىش جەريانلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ . ئۇنىڭ< ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخى >، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ت ۆھپىسى ، ئىش- ئىزلىرى ، <تاتارلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى تۆھپىسى >،مۇسابايىفلارنىڭ تۆھپىسى ھەققىدىكى ئىنىقسىزلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمگىكىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ، قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك ،ئەلۋەتتە. قىسقىسى يالقۇن روزى خەلقىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئاز ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسىدۇر ، ئۇ بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ، ئاسرىشىمىزغا، ئەرزىيدىغان تۆھپىكار مائارىپ تەتقىقاتچىسىدۇر. مەن ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەيمەن . ( بۇ قىسقا يازما بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىنى يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە. پەقەت قىسقا بىر كۆڭۈل ئىزھارىم،خالاس. قالغىنىنى ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ تولۇقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .) ئەبەي تارىم
|
|