| ئىككىنچى دەرس: شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ● ئۆگىنىشتن مەقسەت: شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەھمىيىتى، رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئىگىلەش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىدا ئوقۇۋاتقان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىگە قاتنىشىشقا ياخشى تەشكىللەش، بالىلارنى تەربىيەلەش ئۇقۇمى ۋە ئۇسۇلىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش. ● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: . شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئىگىلەش؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىدا ئوقۇۋاتقان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىگە قاتنىشىشقا ياخشى تەشكىللەش. ● ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلمىيلىككە ۋە زامانىۋىيلىققا يۈزلەندۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاتا- ئانا ۋە ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئائىلە تەربىيە خىزمىتى كومىتېتى (قىسقارتىلىپ «ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسى ئائىلە تەربىيە كومىتېتى» دېيىلىدۇ) مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ چىقتى ھەم ئاتا- ئانىلار يانفون دەرسخانىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ ئاتا- ئانىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ياراتتى. بىرىنچى، شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتىپىنى ئېچىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ «ئاتا- ئانىلار مەكتىپى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ([2011] 2- نومۇرلۇق) ھۆججىتىنىڭ روھى ۋە «ش ئۇ ئا ر مائارىپ سىستېمىسىدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئائىلە تەربىيە خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ([2013] 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى، گېزىت-ژۇرناللار، رادىيو- تىلېۋىزىيە ۋە تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاتا- ئانىلار مەكتىپى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە رولىنى جەمئىيەتكە كەڭ تەشۋىق قىلىش، زامانىۋى ئائىلە تەربىيەسى ئۇقۇمىنى تەشۋىق قىلىش، ئائىلە تەربىيە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسى، ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەت باشقارمىسى، قوش تىل ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تورلاشقان ئاتا- ئانىلار تەربىيەسى مۇنبىرى قۇرۇلدى، يانفون ئائىلە تەربىيە دەرسخانىسى ئېچىلدى، ئائىلە تەربىيە بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى». شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتىپى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكرار ئىزدىنىشى ۋە ئىسپاتلىشى بىلەن ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئائىلە تەربىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يولداش لى جۈن «ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ئائىلە تەربىيەسى تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا قىلغان خۇلاسە سۆزى»دە: «نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى كەملىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى ئېچىش قىيىن بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسى ئائىلە تەربىيە كومىتېتى شىنجاڭ تورلاشقان ‹ئاتا- ئانىلار تەربىيەسى مۇنبىرى›نى قۇردى ۋە ‹يانفون ئائىلە تەربىيە دەرسخانىسى›نى ئاچتى. ھەر مىللەت ئاتا- ئانىلىرىنى مەزمۇنى مول، سىستېمىلىق بولغان ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرى بىلەن تەمىن ئەتتى». ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جەمئىيەتنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ئىلمىي نەزەرىيە بىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياجى بەكلا ئېشىپ كەتكەن، شىنجاڭ ئائىلە تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەملىكىدىن يېڭى دەۋردىكى ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشى قىيىن بولۇشتەك ئەھۋالدا، تورلاشتۇرۇلغان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى ئېچىش مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ مۇقەررەر تاللىشى بولۇپ قالدى. شىنجاڭدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ئىزچىل ئەنئەنىۋى ئەندىزە بويىچە باشقۇرۇلۇپ كەلدى، يەنى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيەگە قاتناشسا، ئۇلارغا ئۆگىنىش ماتېرىيالى تارقىتىپ بېرىش شەكلى ئاساس قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 70-، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆپىيىشى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئاتا- ئانىلارنىڭ خىزمەت خاراكتېرى ۋە رايون ئاتلىشىنىڭ زور، يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا باشقۇرۇلغان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتىن ئاتا- ئانىلارنىڭ جانلىق بولغان خىزمەت خاراكتېرىگە ماسلىشىشى قىيىنغا چۈشتى، مەزمۇن جەھەتتىن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتە بىلىمگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدى، نۇقسانلار بارا- بارا ئاشكارىلاندى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن مائارىپ تارماقلىرى كۆزقاراشنى ئۆزگەرتمىسە، ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يېڭىلىمىسا، زامانىۋى ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايدىغانلىقى چېنىپ قالدى. ئىككىنچى، شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (1) بەلگىنى تونۇتۇش بۇ رەسىم شىنجاڭ مائارىپ سىستېمىسى ئائىلە تەربىيەسى كومىتېتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇ ئائىلە تەربىيەسىگە ئائىت چۇڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رەسىم ئاتا- ئانا ۋە بالىدىن ئىبارەت ئۈچ جانلىق ئائىلىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۆينىڭ تاشقى شەكلىدىن ھەم ئەنئەنىۋى ئۆيلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كىگىز ئۆيلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇ ھەر مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ شادلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان؛ ئۆگزىسىنىڭ يېپىلمىغانلىقى ئائىلە مائارىپىنىڭ تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان؛ ئۆگزىنىڭ ئوڭ تەرىپى «شىنجاڭ ئائىلە مائارىپى»نىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئاستىدىكى ھەرپ «ج» شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى «جاڭ»نىڭ باش ھەرپىگە سىمۋول قىلىنغان. مانا بولار ئائىلە مائارىپىنىڭ مۇھىملىقىنى پەرزەنتلەرنىڭ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ياكى بىر ئائىلىنىڭلا ئۈمىدىي بولۇپ قالماستىن، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەردىن بىرىككەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇمىدى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. (2) ئوقۇتۇش مەزمۇنى 1. ئاتا- ئانىلارنى تەربىيەلەش مۇنبىرى: بۇ يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ؛ بولار ئاخبارات مەركىزى، ئاتا- ئانىلار دەرسخانىسى، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى باغچىسى، ئەخلاق، قانۇن- تۈزۈم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئائىلە ئوقۇتۇشى ھەققىدە مىساللار، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تاللا بازىرى، كىتاب باغچىسى ۋە ساغلاملىق يېتەكچىسى دېگەندەك توققۇز بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار يەنە تېخىمۇ ئىنچىكىلىنىپ نەچچە ئون سەھىپىلەرگە ئايرىلىدۇ، نەچچە ئون مىڭ خەتلىك ئوقۇتۇش مەزمۇنى توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ئاتا- ئانىلارغا مائارىپ ئېقىم مەسىلىلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ساقلىقىنى ساقلاش بىلىملىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئېسىل، ئىناق بولغان ئائىلە مۇھىتى يارىتىلىدۇ. 2. ئاتا- ئانىلار يانفون دەرسخانىسى: ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى بويىچە، دۇشەنبىدىن جۈمەگىچە تارقىتىلىدىغان ئائىلە ئوقۇتۇش بىلىملىرى: ئاتا- ئانىلار دەرسخانىسى، ئائىلە ئوقۇتۇش باغچىسى، ئەخلاق- پەزىلەت، قانۇن- تۈزۈم، كىتاب باغچىسى ۋە ساغلاملىق يېتەكچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر قېتىملىقى خەنزۇچە خەت بويىچە 500~1000 خەتكىچە بولىدۇ ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئاتا- ئانىلارنىڭمۇ ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر، قازاق تىل- يېزىقىدا يانفون دەرسخانا مەزمۇنى تەڭ قەدەمدە يولغا قويۇلىدۇ. (3) تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ تۆت چوڭ ئەۋزەللىكى ئاتا- ئانىلار مەكتىپى تور مۇنبىرىنىڭ مەزمۇنى مول، قولايلىق ۋە تېز، ئۇ پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى ئۇستازى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ياخشى دوستى، مەكتەپلەرنىڭ ياردەمچىسى، ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بايلىقىدۇر. 1. پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى ئۇستازى. مۇنبەردىن پايدىلىنىپ پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ تۇرغۇزغىلى بولىدۇ، ئۇ 15 يىل ھەمراھ بولالايدۇ. 2. ئاتا- ئانىلارنىڭ ياخشى دوستى. (1) ئاتا- ئانىلار يانفون دەرسخانىسىنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدىغان باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ قاراتمىلىقى خېلىلا كۈچلۈك. (2) قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتا بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلايدۇ، رايونىمىزدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاتا- ئانىلىرىغا ئەڭ زور دائىرىدە نەپ يەتكۈزىدۇ. چەت، ياقا رايونلاردىكى ئاتا- ئانىلارمۇ ئوخشاشلا زامانىۋى ئۇچۇردىن تەربىيە ئالالايدۇ. چەت،ياقا رايونلارنىڭ مائارىپ باراۋەرلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. (3) ئاتا- ئانىلار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرمۇ بىر پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئائىلە مائارىپى مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، ئىلمىي ئائىلە ئوقۇتۇش مىتودى ۋە ئىلغار ئائىلە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىدىن بەھىر ئالالايدۇ. 3. مەكتەپنىڭ ياردەمچىسى (1) ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇشتىكى ئىلمىيلىكىنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە تېجەشلىك يولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئوقۇغۇچىنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى، يۆتكىلىپ كىرىشى ۋە ئوقۇشتىن قېچىشىغا نىسبەتەن سىنىپ مەسئۇللىرى مەكتەپ مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ ئىزاھات بەرسە بولىدۇ. مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ ھەر بىر يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ تۇراقلىشىش ئەھۋالىنى خالىغاندا تەكشۈرۈپ تۇرسا بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشتىكى ئەنئەنىۋىلىككە سېلىشتۇرغاندا ۋاقىتنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. (2) ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس ھەر ھەپتىدە بىر نۆۋەت تاپشۇرۇق بېرىدۇ، مەكتەپلەر ئاتا- ئانىلار يانفون دەرسخانىسىدىن پايدىلىنىپ ھەپتىلىك تاپشۇرۇقتىن قەرەللىك سىناق ئېلىپ تۇرسا بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار مەكتىپى تەربىيەسى تولىمۇ پۇختا بولۇپ، ئۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە، كۈچلۈك بولغان مەكتەپ ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنى شاد- خۇراملىق ئىلكىدە ساغلام چوڭ بولۇشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق. 4. ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بايلىقى. تورلاشقان ئائىلە مەكتىپى مۇنبىرى يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى «ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سەھنىسى» بىلەن تەمىنلەيدۇ، تۈرلۈك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى يىغىپ، ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىقىنى ئىلمىي قىلىشى ۋە تەربىيەلەش ئۇقۇمىنى يېڭىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ مەكتەپلەرنى باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مۇدىرنىڭ ئەتىۋارلىق كىتابى» تەربىيەلەش ساھەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى ئەڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان باشقۇرۇش مىتودى بىلان تەمىنلەيدۇ، مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت مىتودى يارىتىشىنى تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۈچىنچى، تورلاشقان ئاتا- ئانىلارمەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى كونترول قىلىش (1) تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى مائارىپ نازارىتى بىلەن ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىدىن ئىبارەت ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇشى بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بىرلىكتە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشى، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى نىشانىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم. (2) تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى باھالاش چارىسى ھەر قايسى مائارىپ ئىدارىلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر «ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسى ئۈلگىلىك ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى باھالاش ئۆلچىمى» بويىچە، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىنىڭ تورلاشقان ئائىلە تەربىيەسىنى باھالاش ئۆلچىمى»نى تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ۋە يانفون دەرسلىكىنى كۆرۈش نىسبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتا- ئانا مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى باھالاپ تۇرۇشى لازىم. رەھبەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش، تەشكىلىي ئاپپاراتلار مۇكەممەل بولۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ياخشى بولۇش، ئوقۇتۇش پائالىيىتى نورمال بولۇشتەك مەزمۇنلار مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچەملىشىشىنى باھالاش، مەكتەپلەر ئەخلاقىنى باھالاش، مائارىپى تەكشى تەرەققىي قىلغان، كۈچلۈك ناھىيەلەرنىڭ مۇپەتتىش قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم. ئىككىنچىدىن ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى كۇرسانتلىرىنى باھالاش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. كۇرسانت ئاتا- ئانىلارنى ھەر مەۋسۇمدە بىر قېتىم باھالاش، لاياقەتلىكلىرىگە كېنىشكە تارقىتىپ بېرىش، ئەلالىرىنى مەلۇم دائىرىدە مۇكاپاتلاش لازىم. تۆتىنچى، مەكتەپلەر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىنى قانداق ئۇيۇشتۇرۇش ھەققىدە تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ئاتا- ئانىلارنى مول بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئۇقۇمىنى يېڭىلايدۇ، مەكتەپ خىزمىتىنىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئاتا- ئانا كومىتېتلىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىنىپ مەسئۇللىرى ئارقىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. 1. ھەر ئوقۇش يىلىدا: شۇ باسقۇچتا كۇرسانت ئاتا- ئانىلارنى رويخەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ھەر ئۇقۇش يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى رويخەتكە ئېلىش خىزمىتى ۋە ئاتا- ئانىلار يانفون دەرسلىكىنى كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. بولۇپمۇ سىنىپ مەسئۇللىرى ئاتا- ئانىلارغا تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ھەم ئۇنىڭ رولىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاتا- ئانىلارنى ئاتا- ئانىلار يانفون دەرسلىكىنى كۆرۈشكە پائال تەشكىللىشى؛ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ئاتا- ئانىلارنى ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەربىيەلەپ چىقىشى؛ ئاتا- ئانىلارغا ئاتا- ئانىلارنى تەربىيەلەش مۇنبىرى ۋە يانفون دەرسلىكىدىكى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا يېتەكلەپ، ئائىلە تەربىيەسى ئۈچۈن ئەمەلىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 2. ھەر مەۋسۇمدە : مەكتەپلەر ئاتا- ئانىلارغا يانفون دەرسلىكىنى تولۇقلاپ ئۆتۈشى؛ مەكتەپلەر يانفون دەرسخانىسى ئارقىلىق ھەپتىلىك مۇلاھىزە سوئاللىرىغا ئاساسەن ئاتا- ئانىلارنى ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرى بىلەن بىر قېتىم تەربىيەلەش؛ ئەمەلىي ئوقۇشىغا قاراپ مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاپ چىقىش لازىم. 3. ھەر ئايدا: سىنىپ مەسئۇلى ۋە ئاتا- ئانىلار كومىتېتى ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن بىر قېتىم ئوخشىمىغان شەكىلدە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. 4. كۈندە : ئاتا- ئانىلارنىڭ كۈندە ئۈچ مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ يانفون دەرسى مەزمۇنىنى ئوقۇپ چىقىشىغا، بەش مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ تەپەككۇر يۈرگۈزىشىگە ئىلھام بېرىپ تۇرۇش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى خىزمىتىنىڭ نەق جايىدا ئەمەلىيلىشى ئۈچۈن، مەكتەپلەر يەنە ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاتا- ئانىلار سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىش ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ. ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان ئاتا- ئانىلارغا نىسبەتەن مەكتەپلەر مەخسۇس تەقدىرلەش- ئىلھام بېرىش چارىلىرىنى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغاتسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، مەخسۇس تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپ ئارخىپى تۇرغۇزۇش لازىم. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئائىلە تەربىيە كومىتېتى ئاچقان ئاتا- ئانىلار تور مەكتىپى ۋە يانفون دەرسخانىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاتا- ئانىلىرىغا ئەڭ كەڭ دائىرىدە نەپ يەتكۈزەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئائىلە تەربىيەسى ئاساسى چىڭ بولسىلا، ئىقتىساسلىقلار قوشۇنىنى پەيدا قىلغىلى، ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئائىلە تەربىيەسى ئارزۇسىنى ئورتاق ياراتقىلى بولىدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك مائارىپ ئىدارىلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئاتا- ئانىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشىغا ئائىت ھۆججەتلىرىنى ئوبدان ئۆگىنىشىنى، ئاتا- ئانىلار تور مەكتىپىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە بايلىقىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىشىنى، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاتا- ئانىلار مەكتىپى تەربىيەسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئۈنۈملىك قانات يايدۇرۇپ، رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئائىلە مائارىپى خىزمىتى سۈپىتىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى!
|
|