| ئادەمدەك ياشا (تۇرغۇنجان مۇھەممەتئىمىن)
مىھىر ۋە مۇھەببەت ئىنسان خىسلىتى، نەدىمۇ مىھرىبان ئاتالغان پاشا. ئادەمسەن ئەقىدە-ئىتىقاد بولسۇن، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
ئانا چۈن تولغاقتىن ئېغىر ئازاپ يوق، پەرزەنتچۈن ۋايسىماس تەككەندىمۇ ئوق، سەن بولغاچ ئانىنىڭ كۆڭۈللىرى توق، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
ئوغلۇم دەپ ئالەمچە خوش بولغان داداڭ، شۇڭىمۇ بىر ئۆمۈر ئۇ سىنىڭ ھاساڭ، شۇ ئاتاڭ ئىزىنى قىلماستىن كاتاڭ، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
قاراپ باق ئاناڭدىن لىۋەن كىمىڭ بار، كىمىڭ بار داداڭدىن باشقا دوست-يار، ئۇلارنى سۆيسەڭلا بوپ قالمايسەن خار، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
بىلسەڭ سەن ئۆيۈڭنىڭ ئۆچمەس چىرىقى، سەن بولغاچ داداڭنىڭ يېقىن يىراقى، مىھرىڭدىن سۇ ئېقىپ تۇرسۇن ئېرىقى، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
ئۆستۇردى مېھرىنى بىرىپ شۇ ئاناڭ، ئەركەكلىك مۇقامغا يەتكۈزدى داداڭ، سەن نەقىل ئىزىڭدىن ئەگىشەر بالاڭ، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
داداڭنىڭ قامىتى سەندە نامايان، ۋىجدان ۋە غورۇرۇڭ تىلىڭدىن ئايان، مۇھەببەت ئۆچمىسۇن دىلىڭدىن ھامان، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
ھىچكىممۇ پانىيدا بولالماس باقى، ئاتا-ئاناڭ ھاياتتا ئاددى بىر ساقى، سەن،مەنسىزچۆگىلەر پەلەكنىڭ چاقى، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
چوڭلارمۇ ئەمدىلىك ئالسۇن دېمىنى، پەرزەنت سەن پۈتتۈرگىن ئۇلار كېمىنى، بىر ئۆمۈر يىمىسۇن پەرزەنت غېمىنى، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
بىلىم ئال،ئەقىل تاپ بولىسەن كۈچلۈك، ھەتتاكى دۈشمەنگە قىلمىغىن ئۆچلۈك، ئاداۋەت قەلبىڭگە سالمىسۇن غەشلىك، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
ئوغۇلنىڭ مەرتلىكى ئاتىنىڭ بەختى، بالىلار ھىممىتى ئانىنىڭ تەختى، ئىزلىمەي باھانە تاپمىسۇن ۋاقتى، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا.
مال دۇنيا تېپىلار قولدىن كەتسىمۇ، ئۆلمەيسەن جانانىڭ سەندىن كەچسىمۇ، كەچمىگىن ۋەتەندىن ئەجەل يەتسىمۇ، نەدە بول ئوغلۇم سەن ئادەمدەك ياشا. ئۆز يازمام |
|