| چېقىمچى (تۇرغۇنجان مۇھەممەتئىمىن)
داداڭنىمۇ ئاناڭغا چېقىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى، يۈرىكىڭدە مىڭ توڭگۇزبېقىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى. ئاداۋەتنىڭ ئۇرىغىنى چېچىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى، ھەسەتخورلۇق ئوتلىرىنى يېقىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى، بارغان يەردە ۋىجداننى سېتىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى.
ئۈچرىغانغا گەپ تېپىپ ھاڭگىنىمۇ تۇغدۇردۇڭ، قانات قاققان دوستلارنىڭ قانىتىنى بوغدۇردۈڭ. نىزا تېرىپ ئارىغا كۆڭۈللەرنى توڭدۇردۈڭ، ئەل بېشىغا دەرت سېلىپ،ئۆزكۆڭلۈڭنى تىندۇردۈڭ، يۇندا ئىچىپ يۇندىدەك سېسىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى.
نەپ بەرگەنگە نازلىنىپ كۈچۈكلىنىپ ئىڭرايسەن، نەپ بەرمىگەن دوسلارنى يوق يېرىدە تىللايسەن، داداڭ كىمۇ؟زاتىڭ كىم،بۇنى ئەسلا بىلمەيسەن، غۇرۇرۇڭ يوق شۇڭلاشقا چىن ئادەمدەك كۈلمەيسەن، لالما ئىتقا ئۆزۈڭنى قېتىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى.
ئامەت كەتسە قولىدىن تونۇمۇدۇڭ داداڭنى، مەنپەت ئۈچۈن ھەتتاكى سېتىۋەتتىڭ ئاناڭنى، زۆرۈر بولسا مەن <<قىز>>دەپ ئۇنتۇپ كەتتىڭ بالاڭنى، ئۆزۈڭنى دەپ ئۇنۇتتۇڭ ھەتتاكى ئۆي-ئۇۋاڭنى، پەسكەشلىكنىڭ لېيىغا پېتىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى.
كۈنۈڭ ئۆتمەس ياخشىنى يامانلارغا چاقمىساڭ، پىتنە خورلۇق ھارۋىسىنى كۈندە بىرەر قاتمىساڭ، نىمە كۈن بۇ،گەپ تېپىپ كۈندە بىر گەپ ساتمىساڭ، ئەل ياپىدۇ ئاغزىڭنى ئۆزۈڭ بىركۈن ياپمىساڭ، نەگە بارساڭ مات بولۇپ چېنىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى.
پىتنە قىلساڭ گېپىڭنىڭ ئۆزلايىقى بار ئىكەن، قاراقورساق نادانلار شۇ گېپىڭگە يار ئىكەن، قارنىڭ يامان ۋەلىكىن ئىچىڭ شۇنچە تار ئىكەن، ئىبلىسقا باش بولغىدەك ھىيلە-مىكرىڭ بار ئىكەن، مىكرىڭ بىلەن باشقىنى چېقىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى.
سەن تۈپەيلى نەچچە ئۆي ئىناقلىقى بۇزۇلدى، مۇھاببەتنىڭ-مېھىرنىڭ رىشتىسىمۇ ئۈزۈلدى، كۆڭۈللەرگە مۇز قېتىپ،يوق تۈگۈنلەر تۈگۈلدى. ھەقىقەتنىڭ قوللىرى پىتنە بىلەن بوغۇلدى، كەڭ جاھاننى تار قىلىپ سىقىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى. سورۇن تاپساڭ ئەزۋەيلەپ شەرىئەتتىن سۆزلەيسەن، ھايا نىمە؟نومۇسچۇ؟بۇنى ئەسلا بىلمەيسەن، ئۆزۈڭ قوياش،ئۆزۈڭ ئاي بولۇشنىلا ئويلايسەن، بىگۇنانى قاقشاتساڭ ياخشى كۈندە ئۆلمەيسەن، جاراھەتتەك يىرىڭلاپ ئېقىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى.
لەنەت ساڭا مىڭ لەنەت كۆزئالدىمدىن يۈتكىنە، چىۋىنگە دوست-ئاداش بوپ نىخاسەتتە ئۆتكىنە، ئۇ ئالەمدە قاغىشلىق دوزاقنىلا كۈتكىنە، توۋاقىلىپ ھەقىقەت ھارۋىسىغا چۈشكىنە، ھەقىقەتتىن ۋەلىكىن قېچىپ ئۆتتۈڭ چېقىمچى. ئۆز يازمام |
|