| ‹‹ سەن يوق...››شىئېرىدىكى ئانا ئوبرازى توغرىسىدا
تۇرغۇنجان مۇھەممەد ئىمىن
ئەدەبىيات تىلنى ۋاستە قىلىپ ئوبرازيارىتىپ،ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.ئەدەبىيات ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائى تۇرمۇش رىئال تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرغاچقا،ئۇكىشىنى تېخىمۇھاياجانغا سالىدۇۋە تەربىلەش مەقسىدىگەيىتەلەيدۇ.ئەدەبىياتنىڭ قورال خاراكتىرى ۋەگۇمانتارلىقى دەل مۇشۇيەردەئىپادىلىنىدۇ.شۇنداق ئەسەرلەرباركى ئۇنى ئوقۇغان ھەربىر كىتاپخان ئاتا-ئانا ئەجرىنىڭ ،ئاتا-ئانا مىھرىنىڭ ئۇنچىلىك بۆيۈك ۋەچوڭقۇرلىقىنى ئاددى تەپەككۇرۋەھىسسىيات بىلەن تونۇپ يىتەلمەيدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىگىدەشائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ‹‹سەن يوق››ناملىق شىئېرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،بۇشىئېرنىڭ ئىددىۋىلىگىنىڭ يۇقۇرلىقى،تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى،گۇمانتارلىق خاراكتىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئوقۇغان ھەربىر كىتاپخاننىڭ قەلبىنى لەرزىگەسالىدۇ،چۈنكى ئاناھەربىركىشى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ئىنسان.شائىر شىئېردائۆزىنىڭ ئانىغا بولغان چەكسىزسېغىنىشى ھەم مۇھەببەت ھىسسىياتىنى ئىپادىلەپ،كىشىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى،ئەقىل-ئىدراك،كۈچ جاسارەتكە ئىگە بولالىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئانا مىھرى،ئانائەجرىدىن ئىكەنلىگىنى،شۇڭلاشقا ئانا ئۈچۈن ھەرقانچە ياخشى ئىشلارنى قىلسىمۇ ئەرزىيدىغانلىقى،كىيىن پۇشايمانغا قالماسلىقى ئۈچۈن باشتىلا ئانا قەدرىگە يىتىشنىڭ لازىملىقىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لىرىك مىسرالارئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.شىئېردىكى ھەربىر سۆز،ھەربىرمىسراغاشائىرنىڭ يۈرەك قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقى ھىسسىياتى سىڭگەن.شۇڭا شىئېرنىڭ ھەربىر سۆزى كىشى قەلبىدەئانىغا بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ،تەبئى ھالدا قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ،شائىر ھىسسىياتى بىلەن كىتاپخان ھىسسىياتى بىرلىشىپ كەتكەن.دىمەك؛مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ‹‹سەن يوق...››ناملىق بۇشىئېرى ھەرگىزمۇباشقىلار ئېيىتقاندەك‹‹ھازا ناخشىلىرى››ئەمەس بەلكى چىن ھىسسىياتنىڭ ئۇرغۇپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان مۇڭلۇق كۈي. بىرقىسىم كىشىلەر بۇشىئېردىكى ئىددىيىۋىلىكنى چەتكەقايرىپ قويۇپ،شىئېرداتەسۋىرلەنگەن ئانىنى‹‹زەم-زەم ئىچەلمىگەن،پاقلان گۆشى يىيەلمىگەن،ئۇچىسىنى تۇتقۇزالمىغان،نادان پەرزەنت تەربىلىگەنلىگىدىن ھەسرەتتەكەتكەن...››دەپ،شائىرنى باشتا قەدرىگە يەتمەي،ئانىسىدىن ئايرىلغانداھەسرەت چەككەن‹‹يالغاندىن يىغلاپ ساقتاساداقەت بىلدۈرگەن ۋاپاسىز ئوغۇل››غاچىقاردى.ھەتتائۇشىئېرنى ناخشاقىلىپ ئېيتىپ،ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ھەم ئىچكى ھىسسىياتى بىلەن تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرگەن ناخشا ئىجادىيەتچىلىرىنى‹‹ھازاناخشا قىزغىنلىقى ئەۋىج ئالدى،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ھازائېچىش سورۇنلىرىغائايلاندۇردى.››دەپ،شىئېردىكى ئانىنىڭ ئوبرازىنى سۇسلاشتۇردى.راست شۇنداقمۇ؟شىئېرنىڭ ھەربىرمىسراسىغا چوڭقۇرنەزەرسالىدىغان بولساق،ئادەمنىڭ ساغلام بەدەن ئۆسۈپ يىتىلىشىدىلائەمەس بەلكى مەنىۋى جەھەتتىنمۇكۆڭۈل قويۇپ تەربىلەپ ئاناتىل ئۆگىتىدىغان تۇنجى ئۇستازىنىڭ ئەنەشۇئانائىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۆيۈك ئوبرازى كۆزئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.مەسىلەن:شىئېنىڭ بىرىنچى كوپلىتىدائانىنىڭ ئۆزپەرزەنتىنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدىكى ئەجرى ئۈچۈن پەرزەنت ھەرقانچە نازۇ-نىھمەتلەربىلەن بېقىپ كۈتسىمۇئەرزىيدىغانلىقى،بىراق پەرزەنت چوڭ بولۇپ،بۇلارنى ئويلاپ يەتكىچەئانىدىن ئايرىلىپ،بېقىپ ئۆستۈرگەننىڭ ئەجرىنى ياندۇرۇشقا ئامالسىزقالىدىغانلىقىنى ئىزھارقىلىپ ھەسرەت چەكسە: ئۆزۈڭ بەرگەن ئەقىلدىن سەن ئۆزۈڭ بىر ئىمتىھان ئالساڭ، ئېقى قايسى قاراقايسى تونۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق. دىگەن مىسرالار ئارقىلىق،كىشىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدائانىنىڭ سىڭدۈرىدىغان ئەجرىنىڭ ئىنتايىن موللىقى،كىريۇيۇپ،نان يېقىپ،ئاق سۈت بىرىپلا ئەمەس بەلكى،بالىغانىمىنىڭ ياخشى،نىمىنىڭ يامانلىقىنى چۈشەندۈرۇپ،توغرايولغاباشلايدىغانلىقى،ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزئاناتىلىنى ئۆگەتكۈچى تۈنجى ئۇستازى ئىكەنلىگىنى يېزىش ئارقىلىق،ئادەمنىڭ ھەقىقى چىن ئادەم بولماقلىقىنى ئانائەجرىدىن ئايرىپ قاراشقابولمايدىغانلىقىدەك بىر چوڭقۇرپاكىتنى ئوتتۇرىغاقويغان. شائىر يەنە: سېنىڭ بارىڭداقەدرىڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن ئەمدى، ساڭاكۆيگەن بۇباغرىمنى يېرىپ بىرەي دىسەم سەن يوق. دەپ پىكىرنى تاماملاپ ئانىغا بولغان سېغىنىش،تەلپۈنۈش،پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن كۆيۈنۈشتەك چەكسىز مىھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ،دەسلەپكى كوپلىتلاردىكى پىكىرنى تېخىمۇچوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈكسەكلىككەكۆتۈرگەن.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى ئوي پىكىركىتاپخانلارنىڭ تەسىراتى بىلەن بىرلىشىپ،پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش رولىغا ئىگە بولغان. پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىگە يىتىپ كىيىن پۇشايمانغا قالماسلىقى ئۈچۈن،ھازىردىن باشلاپ ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەيدىغان،ئۇلاركۆرسەتكەن ھەربىريول،ھەربىرمەسلىھەتنى مۇقەددەس بىلىپ،ئۇنىڭغائەستايىدىل پوزىتسىيەدەبولىدىغان،ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدەياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالىشىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك يول باشلىغۇچى بولالايدىغانلىغىغاچىن ئىتىقادى بىلەن ئىشىنىدىغان ھىسسىياتنى پەيداقىلالىشىدائانىدىن ئىبارەت بۇ بۆيۈك ئوبراز‹‹سەن يوق...›› شىئېرىدائەڭ جانلىق ئۆزئىپادىسىنى تاپقان.شۇڭابۇشىئېرنى قانداقتۇر ‹‹ھازا ناخشىلىرى››دىمەستىن،بىرساداقەتمەن يۈرەكيىن ئۇرغۇپ چىققان ئۆزبۇرچىنى تونۇپ يەتكەن،ۋاپادارپەرزەنتنىڭ ئانىغابولغان چوڭقۇر تەلپۈنىشى دىيىش ئەڭ مۇۋاپىق بولسا كېرەك. ئۆز يازمام |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|