| يەر شارى نەپرەتلەنمىسۇن، ئەۋلاد قەلبى ھەسرەتلەنمىسۇن
( كېرىيە ناھىيە قاراقىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى :- بۈۋىنىسا ئابدۇغېنى )
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، دۇنيادا بار يەر شارىدىن پەقەت ۋە پەقەت بىرسىلا، بۇ مۇقەددەس ئانا يەلكىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭار پەرزەنتلىرى نەگە يۈرسىلا، مول نازۇ - نېئىمەتلىرى بىرلە، شول بارۇ-قۇۋۋەتلىرى بىرلە ئوبدان باقار، قىزغىن سۆيگۈ بېرىپ، شىرىن تۇيغۇ بېرىپ، كۆڭۈللەرگە ياغدەك ياقار، چىن مۇھەببىتى بىرلە كۈلۈپ باقار ، چاڭقاقلارغا يامغۇر ياكى زەمزەم بولۇپ، ياكى گۈل بەرگىدىكى شەبنەم بولۇپ ياغار-ياغار؛ يوقسۇل دېمەي، باي دېمەي نېئىمەت تۆكەر باغرىدىن تاغار-تاغار... بىراق، ئاسرىدۇقمۇ بىز بۇ كۆيۈملۈك ئانىمىزنى ھەي قاياش ئوغلانلار، قۇياش چوغلانلار؟... نادان ئىنسانلار، تەدان قاۋانلار؟ ئۆملۈك تۇغى كۆتۈرۈپ، ئۆچلۈك ئوتى ئۆچۈرۈپ، ئاي-قوياشنى قەلبىمىزگە كۆچۈرۈپ!؟... راست... پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ-ئۆزگىلەرنىڭ بەخت-سائادىتى، تەخت-تاپاۋىتى ، قەنت-ھالاۋىتى ئۈچۈن بۇ شەخسىيەتسىز ئۇلۇغ ئانىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەت بىلەن، ئالىيجاناپ ئىنسانىي قەدىر-قىممەت، ئىمانىي پەزلى-ھىممەت بىلەن كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدىغان ، ئەسلى-زاتى ئۇلۇغ، ئەقلى-ھۇشى تولۇق، ئۆزى تۈزۈك، سۆزى سۈزۈك ، ھېچ بىر يەردە قىلمايدىغان پەتىۋا، ھۆپۈپ نېمە –بال نەدە ئىلغايدىغان ئەتىۋا، ئېسىل كىشىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەننىڭ ئەكسىچە، ئەقلى پۇچۇق ، كۆزى ئوچۇق كور، نەدە باركىن دەپ يۈرىدىغان تەييار گور(گۆر) ، << يىلىكىنى شوراپتۇ ، بىلىكىنى توراپتۇ ئۆزىنى _ ئۆزى كولىغان ئورىدىكى تور>> دېگەندەك ئۆزىنى بېقىپ كېلىۋاتقان بۇ مېھرىبان ئانىنى بۇلغاپ، قارنىنى تىلغاپ قان يىغلىتىدىغان چاكىنا كىشىلەرمۇ يەنە بار بۇ ئەزىز تۇپراق باغرىدا، يۈرەر تېخى خىرامان دۇمباق چېلىپ ناغرىدا...<< مۇھىت بۇلغانسا، يەر شارى ئانىمىز ئازابلىنىپ تولغانسا، جەددى-پۇشتىمىز چوغ باغرىدىن قوغلانسا، بىزتەدانلار يەنىلا كۆرەڭلەپ ھەم كېرىلىپ، بېزەڭلەپ ھەم ئېزىلىپ ، شول بىھۇش بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ، گول-گومۇش تۆشۈكىدە سۇنايلىنىپ تاتلىق ئۇخلىيالارمىزمۇ...>> دەپ ئويلىيالامدىغاندۇ ئۇلار؟... ھەي ، سۆيۈملۈك ئىنسانلار! ئويلاپ باقايلى. يەر شارى ئانىمىز بىزگە شۇنچە سېخىيلىق بىلەن بارلىقىنى ئاتاۋاتسا، قاتارغا قېتىۋاتسا، بىزئۇنىڭ پاك جىسمىنى تۇرمۇشىمىز داۋامىدا پەيدا قىلغان ئەخلەت-چاۋالار بىلەن << چىرايلىق بېزەپ >>، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش ھېس قىلساق...<< پاكىزلىقنى سۆيىدىغان پاكىزە خەلق >> دېگەن نامىمىزغا مۇناسىپ كېلەرمۇ؟... ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ << پاكىزلىق بار يەردە، بەرىكەت بولىدۇ، تەرەققىيات بولىدۇ >> دەپ بەرگەن تەلىم-تەربىيەلىرىگە جاۋاب قايتۇرغان، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، ئەقىل بىلەن ئويلاپ ئىش قىلغان بولارمىزمۇ؟... كونا ئۆتمۈش جەمىئەتتە بىرەر تال قاغا جىگدىسى بولسىمۇ پوستى بىلەن قوشۇپ يەپ قورساق تويغۇزغان سىز-بىزلەرنىڭ، دانا پارتىيىمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، چەكسىز غەمخورلىقىدا ئەشۇ جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەر بىلەن ئەبەدىي خوشلىشىپ، تېنىمىزگە جان، مەڭزىمىزگە قان يۈگۈرۈپ، ھېچ نېمىدىن غەم قىلمايدىغان ھالغا يەتكەن ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئەجىبا پاكىزە، تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاقىي-پەزىلەتلىرىمىزنىڭ ھېچ كېرىكى يوقمۇ؟...ۋە ياكى سورۇپ-چاچمىساق، بۇزۇپ-بۇلغىمىساق بولمىغۇدەك دەرىجىدە باي بولۇپ كەتتۇقمۇ؟... << سۇ-ھاياتلىقنىڭ جېنى. سۇ بولمىسا- ھاياتلىق ئالىمى مەۋجۇت ئەمەس>> . بۇ ھەممىمىز بىلىدىغان بىر ئەقەللىي ساۋات. بىراق، بۇ ئانا تۇپراقنىڭ تومۇرىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، بارچە مەۋجۇداتقا ھاياتلىق بەخش ئەتكەن ئابىكەۋسەر سۇلارنى خالىغانچە ئىسراپ قىلغىنىمىز يەتمىگەندەك، تېخى ئۇنىڭغا كېرەكسىز ماددىلاردىن<< پاگىي >> سېلىپ ئېچىتىپ، پاكىزە سۇ مەنبەسىنى ئازايتىۋەتسەك، ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان بۇلاق كۆزىگە رەھىمسىزلەرچە توپا تىقساق ...ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراپ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى، چۆللىشىشنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارساق دۇرۇس بولارمۇ؟... -كېلەر ھەپتە << كۆچەت تىكىش بايرىمى >> كېلىدىكەن، شۇڭا ھەر بىرىمىز ئىككى تۈپتىن كۆچەت ئەكىلىمىز، شۇ كۈنى كوللېكتىپ ھالدا كۆچەت تىكىش ئەمگىكى ئېلىپ بېرىلىدۇ،...–دېدى، مۇدىر. ئۇنىڭ سۆزى تۆگىشىگىلا يىغىن زالىدا ھەرخىل گەپ-سۆزلەر بولۇندى: –نەدىن تاپارمەن شۇ كۆچەتنى؟ تازىمۇ-زە... –مەن جىقراق ئەكىلىپ، ئىككىنى ساڭا بېرەي. ئۆيۈڭ بۇ يەردە بولمىغاندىكىن... –ئەمگەك قىلماي دەپ خىزمەتچى بولغان بىز... -مەن كۆچەت تىكسەم ، ئۇنى كىم ئىشلىتىدۇ؟...ئەخمەق ئەمەسمەن بىكارغا ئىش قىلىدىغان... مانا بۇ مەدەنىيەت سەۋىيىسى خېلى يوقىرى ھېسابلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى. ئەتراپىمىزدا بۇنداق مىساللار ھەقىقەتەن كۆپ... شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىز كېرەككى، بىزگە رىۋايەتلەردە دېيىلگەندەك جەننەت ھوزۇرىنى بېرىدىغان، رەڭ-جۇلاسى كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان، تازا مەي باغلاپ پىشقان، ھەم ئوزۇقلۇق، ھەم دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولغان، سىز-بىز تامشىپ تۇرۇپ يېگەن نەشپۈت، جىگدە، شاتۇت، ئۈژمە... مېۋىلىرىنىڭ كۆچەتلىرىنى سىزنىڭ، ياكى مېنىڭ تىكىپ، پەرۋىش قىلىپ، مېۋىگە كىرگۈزگەن بولۇشىمىز ناتايىن. ئەجىبا شۇلارنى ئەھيا قىلغان ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغان ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەمگەك سۆيەر كىشىلىرىمىز راستىنلا ئەخمەقمىدۇ؟... بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن زەن سېلىپ قارايدىغان بولساق ، دەل-دەرەخلەر بىخ يېرىپ، ياپيېشىل تۈس ئالغاندا، ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراشنى ئۆگەنسەك؛ رەڭگارەڭ چېچەك ئېچىپ، شىرىن مېۋە بەرگەندە، بۇ قسقىغىنە ھاياتىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، سۆيۈملۈك خەلقىمىزگە ئەجىر-مېھنىتىمىزدىن خۇشپۇراق گۈللەرنى سۇنۇش ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. كەچكۈزدىكى بەرگىدىن ئاجرىغان ساپسېرىق ياپراقلارنىڭ بىچارە ھالىتى ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇتسا، زېمىستاندىكى قاقشال ھالىتى ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە قايتا ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. بىز كۆچەت تىكىپ، بۈيۈك يەر شارى ئانىمىزنىڭ كەڭ باغرىنى يېشىل بوستانلىققا پۈركىشىمىز زۆرۈر. نېمە ئۈچۈن؟... كۆچەت بولسا-يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئالتۇن بېزىكى، خاتىرجەم ياشىشىمىزنىڭ يېمىرىلمەس تۈۋرۈكى، بىزنى مىننەتسىز بېقىۋاتقان ئۇلۇغ يەر شارى ئانىمىزنىڭ ھارارەتلىك يۈرىكى، شۇنداقلا مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋۇجۇدىدىن ئاپىرىدە قىلىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ساغلاملىقى، خاتىرجەملىكى، بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان بىباھا سوۋغا؛ << ساپ ھاۋا، تەنگە داۋا >>. بىراق، بىزگە ساپ ئوكسىگىن، گۈزەل مەنزىرە ھەدىيە قىلغان، كائىناتنىڭ زىننىتى بولغان بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەرنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېسىپ، بىزگە ئالەمچە ھۇزۇر، ھۆسنىمىزگە نۇر بېرىدىغان؛ قۇشلار زوق-شوقى بىلەن بەس-بەستە سايرىشىپ تۇرىدىغان گۈل – گىياھلىق باغلارغا، مال-چارۋىلار توپ-توپى بىلەن ئەركىن يايراپ يۈرىدىغان چەكسىز، ياپيېشىل ئوتلاق-يايلاقلارغا قۇم-بوراننىڭ قەدىمىنى ھاڭۋاقتىلىق بىلەن دادىل باشلاپ، چۆل-جەزىرىگە ئايلاندۇرساق ...كېچىكىپ بولسىمۇ جاۋابكار بولماي قالارمىزمۇ؟...قىياس قىلىپ باقايلى. ئەگەر تەبىئەت دۇنياسىدا بىرەر تۈپمۇ كۆچەت بولمىسا، ئۇنداقتا چەكسىز چۆل-جەزىرىگە، بىپايان قۇملۇق دېڭىزىغا ئايلانغان قورقۇنچلۇق تەبىئەت باغرىدا بىز يەنە بىر تاتلىق ئەللەيلىنىپ، شىرىن چۈش كۆرەلەرمىزمۇ؟...ھاياتلىق يەنە ئۈزۈلمەي داۋاملىشارمۇ؟...بۇ ھەممىمىز ئويلۇنۇپ بېقىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.تويماس نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ، بايلىق ئىزدەش باھانىسىدە بۇ مىننەتسىز ئانىنىڭ يۇمشاق باغرىنى ئۆتكۈر تۆمۈر-تەسەكلەر بىلەن تىلىم – تىلىم تىلغىساق، دەريا كۆللىرىمىزنىڭ سۈيى يىلسېرى ئازلاپ، قۇرغاقچىلىق بولسا...ئۇ قاتتىق ئۇھسىنسا، ئويلاپ باقايلى، بىزنى يەنە مەزمۇت كۆتۈرۈپ تۇرالارمۇ؟... بالاخور نەپسىمىزنى تويغۇزالماي، << قۇشقاچنىڭ مېڭىسى دورا>>، << ئۇلا نىڭ گۆشى مىزىلىك >> ... دەپ چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتىۋېلىپ، ئانا تەبىئەتنىڭ << ئۈزۈلمەس كۈيى >> نى ياڭراتقۇچى ئۇچار قاناتلارنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەپ، << قۇرت ئاپىتى >> ، << چاشقان ئاپىتى >> دېگەندەك ھەرخىل ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە توپتولۇق شارائىت ھازىرلاپ قويدۇق . بىزنىڭ كۆز-قارنىمىز پەقەتلا تويمىدى، قىلغىنىمىزغا يارىشا كۈتۈلمىگەن تەبىئەت ھادىسىلىرىمۇ بىزنى ئارامىمىزدا قويمىدى... ھەي،سۆيۈملۈك ئىنسانلار. بىز ئەقىل-پاراسىتىمىزنى ئىشلىتىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆچمەس، نۇرانە ئىزلىرىنى قىبلىنامە قىلىپ، ئىلىم-پەننىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن ھەرخىل، ئىلغار زامانىۋىي ئەسلىھەلەرگە تايىنىپ، بىزنىڭ مەڭگۈلۈك غەمگۇزارىمىز-بۈيۈك ئانىمىز يەرشارىنىڭ ئىللىق باغرىغا ئىلىم-مەرىپەت، ئىلغار مەدەنىيەت، غورۇر-سەمىمىيەت، بۇرچ-مەسئۇلىيەت، ئىناق جەمىئەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئالتۇن ئۇرۇقلىرىنى مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن تېرىپ، پەرۋىش قىلساق؛ نادانلىق، قاششاقلىق، خۇراپاتلىق، ئىناقسىزلىق، ساۋاتسىزلىق، ھۇرۇنلۇق... قاتارلىق شۇمبۇيىلارنى قەھرى-غەزىپىمىز بىلەن يۇلۇپ تاشلىساق، يەرشارى ئانىمىزنىڭ كەڭ باغرىنى خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركىسەك، ئىسمى-جىسمىغا لايىق، ئۆزى بىرگۈل، كۆڭلىمۇ، قىلغان ئىشىمۇ گۈل كىشىلەردىن بولساق، گۈلدەك ياشىساق ئەجىبا ئارتۇق كېتەرمۇ؟... ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، جان تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ، بىزنى يەنە شۇ ئۇلۇغ ئانىمىز ئۆزىنىڭ ئىللىق باغرىغا ئالىدۇ... بىز تەبىئەت دۇنياسىدا ھەرگىز يەككە-يىگانە ئەمەس. باشقا مەۋجۇداتلارمۇ يەر شارىدا سىز-بىز بىلەن بىللە. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، شۇنداقلا ھايات كەچۈرىشىمىزدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك. ئۇلارسىز ھايات كەچۈرەلىشىمىز قىيىندۇر بولساقمۇ بىز تىيىندىن يۈگرۈك... بۇ زېمىندا بار كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى. بەرھەق ، يەر شارى دەرەخنىڭ يىلتىزى بولسا، بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭ شاخ-يۇپۇرماقلىرىدۇرمىز. شۇ يىلتىزىمىز بولمىسا، بىز ياشناپ تۇرالامىزمۇ...؟ ھازىر ئۇمۇمىي دائىرىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى دەسلەپكى قەدەمدە تېزگىنلىنىپ، ئايرىم رايۇنلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. بىراق دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ، كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدۇ. جىددىي مۇھىت ۋەزىيىتى بىزنى ئىلمىي، سىجىل تەرەققىي قىلىش ياكى ئۆز-ئۆزىمىزنى ھالاك قىلىشتىن بىرىنى تاللىۋېلىشقا قىستىماقتا. بىز ئەقىل كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئوبدان قارايدىغان بولساق، نۆۋەتتە تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ئاز تۇغۇپ، سۈپەتلىك تەربىيلەش؛ سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ؛ تەبىئىي بايلىقلارنى، يايلاقلارنى، ئورمانلارنى قوغداش؛ تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش؛ ئىس-تۈتەكلەرنى، كېرەكسىز ماددىلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش؛ جان-جانىۋارلارنى قوغداش؛ كۆچەت تىكىپ ، ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن گۈزەل، پاكىزە تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، تېخىمۇ بەختلىك ياشىشىمىز؛ كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى بولغان ئىز-باسارلارغا تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پاكىزە ھالەتتە تاپشۇرۇش مەسئۇليىتىمىزنى پەخىرلىك ھالدا ئورۇندىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى. شەك-شۈبھىسىزكى،بىز ھەممىمىز دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىرقوللۇنۇپ، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنۇشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان مۇھىت بىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. بىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مۇھىت ئاسراشنى چوقۇم گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. مۇھىتنى ئاسراش ، ياخشىلاش دېگەنلىك – ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەنلىك، جۈملىدىن ئۆزىمىزنى قوغداش دېگەنلىكتۇر. بىز ھەرگىزمۇ ئاۋال بۇلغىۋېتىپ ، ئاندىن تۈزەشتەك كونا يولدا ماڭماسلىقىمىز كېرەك. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، دۇنيادا بار يەر شارىدىن پەقەت بىرسىلا ، بەختلىك ياشىيالايمىز ئۇنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىساقلا. مۇھىت ئاسراش – دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ دۆلەت سىياسىتى. شۇنداقلا ھەر بىرىمىزنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە بىۋاستە باغلىنىشلىق مۇھىم مەسىلىدۇر. بىز شەخسىيەتچىلىكنى يىراقلارغا چۆرۈپ تاشلاپ، ئانا تەبىئەت باغرىدىكى بارلىق مەۋجۇدات بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ، بۇ سۆيۈملۈك ئانىمىزغا ئوتلۇق مېھرىمىزنى بېرىپ، ئاڭلىقلىق ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇ غەمگۇزارىمىزنى بىرلىكتە قوغدايلى.بىز ئىنسانلارنىڭ يەنە ساغلام، بەختلىك ياشاش ئارزۇيىمىز قۇمۇشنىڭ پۆپۈكىدەك، سۇنىڭ كۆپۈكىدەك توزۇپ كەتمىسۇن ! ئىزىمىزنى گۈللەرگە پۈركەيدىغان ئارزۇلۇق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كۆڭلى بىزدىن سوۋۇپ كەتمىسۇن !... ئىشىنىمەنكى، سۈزۈك دىللاردىن، تۈزۈك تىللاردىن ئورتاق تەۋسىيە شۇكى: كۆيۈملۈك ئانىمىز- يەر شارى نەپرەتلەنمىسۇن، سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز-ئەۋلادلار قەلبى ھەسرەتلەنمىسۇن!...
|
|