كۆرۈش: 287|ئىنكاس: 0

ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا ك...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى !

ئەسسالام كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،تىرىشچان ئوقۇغۇچى-ساۋاقداشلار!
مەن ئالدى بىلەن بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ھەممىڭلارنىڭ تىرىشىپ  يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
تۆۋەندە مەن‹‹ ئوقوتقۇچى-ئۇستازلارنى ۋە چوڭلارنى، ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ ،ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى›› دېگەن تېمىدا سۆز سۆزلەپ ئۆتىمەن.
كونىلار ‹‹ ئىش ئۆملۈكتۈكتە ،كۈچ بىرلىكتە ›› ،‹‹ ئايرىلغاننى ئېيىق يەر ، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر ›› دەپ توغرائېيتقان . ئوقوتقۇچى -ئۇستازلارنى ، ئوقۇغۇچىلارنى،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش بولسا بىزنىڭ كىشىلىك ئەخلاق پىرىنسىپىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار، چوڭلار،   ئوقۇغۇچى-ساۋاقداشلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىگەندە،ئوقۇ– ئوقۇ-تۇش خىزمىتى ۋەكۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيىتىمىز ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى. ئۇ ئادەمنىڭ  روھىنى  تاۋلايدۇ، قاراڭغۇ دىللارنى ئىلىم –بىلىم بىلەن يورۇتىدۇ، ھەقىقىي  ئادەم  بولۇشنىڭ    توغرا يولىنى ئۆگىتىدۇ.چوڭلار بولسا-بىزنىڭ پاسىبانىمىز،   ھىمايىچىمىز،بىزنىڭ توغرا تول باشلىغۇچىمىز،چوڭلار بولغاچقىلا بىز       بەختلىك ،   غەمسىز ياشاۋاتىمىز. چوڭلار بىزگە   ئەدەب-ئەخلاق،ئىلىم-مەرىپەت ،شەرمى-ھايا،ۋىجدان –غورۇر نۇرىنى چاچقان.   بىز ئۇلارنى    ھەسسە-ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز لازىمكى،    ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇشقا ھەرگىز  بولمايدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى ئاتا-ئانىسىدىن،ئۇستازىدىن قارغىش ئالغانلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەسلا روناق تاپقان ئەمەس.
ئوقۇغۇچىلاربولسا- ۋەتەن-خەلقنىڭ ئۈمىدى،كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى. گۈزەل ئەخلاقىي- پەزىلەتلىك ،مول بىلىملىك،ئەتراپلىق،ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلگەن، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار قانچە كۆپ بولسا ،كەلگۈسىمىز تېخىمۇگۈزەل ،تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.
بىزدە ‹‹ قول-قولنى يۇسا،قول قوپۇپ يۈزنى يۇيار ›› دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. بىز  مەيلى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بولسۇن ۋە چوڭلار بولسۇن ئۇلارنى چىن قەلبىمىزدىن ھۆرمەتلىسەك،ئۇلارمۇ بىزنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەيدۇ. ھۆرمەت- ئىناقلىقنىڭ ئاساسى   .ئىناق- ئىتتىپاقلىق- غەلبە. ئىنسان ئۈچۈن ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش،قوللاش ۋە ھۆرمەتلەش-خۇشال،بەختلىك ياشاشنىڭ،ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئاساسىي. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئىتتىپاقلىق ،بىرلىك بولغاندا،سىنىپ كوللىكتىۋى تېخىمۇ ئىللىق بولىدۇ،چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتكە  تولغان بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن تارتىپ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ   تەربىيسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ،شارائىتنى قەدىرلەپ،تىرىشىپ بىلىم ئىگىلىشى، ئۇنۋېرسال ساپا ھازىرلاش، غايىلىك،ئەخلاقلىق ،ئىنتىزامچان ئەۋلادلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرشىشى كىرەك.
ھەممىمىز بىلىمىز،‹‹ يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس. ››،‹‹ يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس،ئىناق ئۆتكەن ۋەيران بولماس.›› ...ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار ،قەدىرلىك ساۋاقداشلار،  بىزئوقوتقۇچى-ئۇستازلارنى ۋە چوڭلارنى،ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلارنى ھۆرمەتلەپ ،ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىققا ئەھمىيەت بىرىپ ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى. مەكتەپ ۋە جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى، ،مۇقىملىقىنى قوغداش، ۋەتەن ،خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش مەسئۇليىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلايلى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش